(ھ. 270 – 324 / م. 883 – 936)
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئىسمائىل بولۇپ، مەشھۇر ساھابە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلادىدىندۇر. ئۇ ھ. 270 / م. 883 – يىلى بەسرەدە توغۇلغان. دادىسى ئىسمائىل ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئانىسى شۇ دەۋردىكى مۇئتەزىلە مەزھەبىنىڭ پېشۋاسى ۋە رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇ ئەلى ئەلجۇببائىي (ھ. 235 – 303 / م. 849 – 916) بىلەن توي قىلغان. ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئەبۇ ئەلى جۇببائىينىڭ ھىمايىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ساقلايدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەبۇلھەسەن سورۇنلاردا ئەبۇ ئەلى جۇببائىيغا ۋاكالىتەن بەس – مۇنازىرىلەرگە چۈشەتتى، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇئتەزىلە مەزھەبىنىڭ مەشھۇرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۇستازى ۋە تەربىيەچىسى بولغان ئەبۇ ئەلى جۇببائىينىڭ ئىزباسارى بولۇپ، مۇئتەزىلە مەزھەبىنىڭ يولباشچىسى ۋە يېتەكچىسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، لېكىن ئاللاھ بۇنداق بولۇشىنى خاھلىمىدى.
ئۇ قىرىق ياشقا كىرگىچە مۇئتەزىلە مەزھەبىنى قوغداپ كەلدى. قىرىق ياشقا كىرگەن چاغدا، بۇ مەزھەبتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرى تۈزۈۋالغان قائىدە – پىرىنسىپلارغا دىننى بويسۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ بولسا سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۆيىدە ئون بەش كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىپ قاتتىق ئويلاندى، ئاللاھقا ئىستىخارە سالدى، ئاخىرى كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، مۇئتەزىلە مەزھەبىدىن ۋاز كېچىپ، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدا مېڭىشنى قارار قىلدى. ئۆزىنىڭ مۇئتەزىلە مەزھەبىدىن ئادا – جۇدا بولۇپ، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىغا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى، بۇرۇنقى خاتا قاراشلىرىدا تۇرىۋېرىشنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن جىنايەت ۋە مۇناپىقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، بەسرەدىكى جامە مەسجىدىگە باردى، مەسجىدنىڭ مۇنبىرىگە چىقىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «مېنى بىلىدىغانلار بىلىدۇ، بىلمەيدىغانلار بىلسۇنكى، مەن ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي بولىمەن، بۇرۇن مۇئتەزىلە مەزھەبىدە بولۇپ، خاتا قاراشلاردا بولۇپتىمەن، ئەمدى بۇ قاراشلاردىن ۋاز كەچتىم، ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم، بۇندىن كېيىن مۇئتەزىلە مەزھەبىگە ۋە ئۇنىڭ خاتا قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىمەن» دەپ جاكارلىدى.
بۇ كۈندىن باشلاپ ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە كۈچلۈك پاكىتلىرى ئارقىلىق سەلەف سالىھلارنىڭ قاراشلىرىنى قوغداپ، مۇئتەزىلە مەزھەبىگە ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرىدىغان ۋە ئەڭ قاتتىق رەددىيە بېرىدىغان بىر كىشىگە ئايلاندى.
ئۇنىڭ سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى ھەمدە قىزغىنلىقى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە دەۋەت قىلاتتى ۋە ئۇنى قوغدايتتى، مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيە بېرەتتى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ سورۇنلىرىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە سەلەف سالىھلارنىڭ قاراشلىرىغا قايىل قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۆزى بېرىپ مۇنازىرىلىشەتتى. بۇ ھەقتە بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «نېمىشقا ئەھلى بىدئەتنىڭ يېنىغا ئۆزىڭىز بېرىپ، ئۇلارنى بىدئەتلىرىنى تاشلاشقا بۇيرۇيسىز؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋالىي، قازىلارمۇ بار. ئۇلار بۇ مەنسەپلىرى سەۋەبلىك مېنىڭ يېنىمغا كەلمەيدۇ. ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كەلمىسە، مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارمىسام ھەقىقەت قانداقمۇ ئاشكارا بولسۇن؟! ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ پاكىتلار بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدىغان ئادەملىرى بارلىقىنى ئۇلار قانداقمۇ بىلسۇن؟!» دېگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئىلمىي سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئىلگىرى ئىلمى كالام ھەققىدە مۇنازىرىلىشىش ۋە مۇئتەزىلە مەزھەبىنى قوغداش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن مۇنازىرىلىشىش ۋە دەلىل كەلتۈرۈش جەھەتلەردە كۈچلۈك ئىقتىدار ھازىرلىغان، شۇنداقلا تۇغما قابىلىيەت ۋە ئەقىل پاراسەتكە ئىگە بولۇپ، كەلتۈرگەن پاكىتلىرى كۈچلۈك، قايىل قىلارلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسى زامانىدىكى ئەھلى ئىلىملەردىن يۇقىرى ئىدى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرى ۋە پاكىتلىرىغا خۇددى پىشقان بىر ئۇستازنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنى قايىل قىلغىنىدەك ئۇلارغىمۇ ئاسان، قولاي ھالەتتە رەددىيە بېرەلەيتتى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى خەفىف شىرازىي (ھ. 276 – 371 / م. 890 – 982) مۇنداق دەيدۇ: «مەن شىرازدىن بەسرەگە كېلىپ، ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنى كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ مۇنازىرە سورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا بىر توپ مۇئتەزىلەلەر ئۇنىڭغا سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، جىم بولۇشقاندىن كېيىن ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن – بىردىن: ‹سەن مۇنداق – مۇنداق دېدىڭ، ئۇنىڭ جاۋابى مۇنداق – مۇنداق بولىدۇ› دېگىنىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ چىقتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتىم، ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە سەپسېلىشقا باشلىدىم. ئۇ:
— نېمىگە قاراۋاتىسەن؟ — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:
— سېنىڭ قانچە تىلىڭ، قانچە قۇلىقىڭ، قانچە كۆزۈڭ باردۇ؟ — دېسەم، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ، ماڭا:
— نەدىن كەلدىڭ؟ — دېدى،
— شىرازدىن، — دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا بولغان ئىدىم».
يەنە بىر رىۋايەتتە، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ كەلگەن:
مەن ئۇنىڭغا: «پەزىلەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە جەھەتتە ساڭا ئوخشاش كىشىمەن. ھەيرانمەن، قانداقسىگە سەندىن سورىلىپ، سەندىن باشقىلاردىن سورالمايدۇ؟» دېسەم، ئۇ: «بىز بۇلارغا باشتا گەپ قىلمايمىز، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدا دۇرۇس بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلسا بىز ئۇلارغا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلارغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئاللاھ بىزگە پەرز قىلغىنىغا ئاساسەن رەددىيە بېرىمىز» دېدى.
ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئىلمى كالامدا مۇجتەھىد ئىمام ئىدى، شۇنداقلا ئىلمى كالامغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىلمى كالام بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇنىڭ تالانتىغا، سۆزلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا، كۆز قارىشىنىڭ نازۇكلۇقىغا ۋە پىكرىنىڭ توغرىلىقىغا قايىل بولماي قالمايتتى.
ئۇنىڭ مەزھەبى ۋە خىزمەتلىرى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي مۇئتەزىلەلەر ۋە ئەھلى ھەدىسلەر ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقان بولۇپ، مۇئتەزىلەلەرگە ئوخشاش ئەقىلنىڭ چەكلىمىسىز نوپۇزى بار، ئەقىل ئاللاھنىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە، تەبىئەتنىڭ ئارقىسىدىكى غەيبىي ئىشلاردا، ھەتتا ھەرقانداق بىر تېمىدا ئەڭ ئاخىرقى كەسكىن ھۆكۈم ۋە قارارنى بېرەلەيدۇ، دەپمۇ قارىمايتتى، شۇنداقلا ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە ياردەم بېرىش ۋە قوغداش ئەقىلنى ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلەشنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇڭا، مۇئتەزىلەلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇنداق تېمىلار ھەققىدە توختالماسلىق ئەڭ لايىق ۋە ئەڭ ياخشىدۇر، دەپمۇ قارىمايتتى، بەلكى بۇنداق تېمىلار ئەقىدىنى تەۋرىتىپ، دىنغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق تېمىلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك، شۇنداقلا «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىگە قارىتا سۆزلەڭلار، سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىنى خالامسىلەر؟» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلىپ، مۇئتەزىلەلەر ۋە پەيلاسوپلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاتالغۇلىرى ۋە ئىلمىي سەۋىيىسى بويىچە مۇنازىرە قىلىش كېرەك، دەپ قارايتتى.
ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي مۇئتەزىلەلەرنىڭ دىننى چۈشىنىشتە ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلىكىنى، يېتەكچىلىرى ۋە بۇرۇنقىلىرىغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»نى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە ۋە كۆزقاراشلىرىغا مەنبە ۋە يېتەكچى قىلمىغانلىقىنى، ئەگەر «قۇرئان» ئۇلارنىڭ ئەقىدە، كۆزقاراشلىرىغا قارىمۇقارشى كېلىپ قالسا، «قۇرئان»نى تەئۋىل(1) قىلسا چاتاق يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەيىبلەيتتى.
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ تالانتى ئەقىدە مەسىلىلىرىدە مۇئتەزىلەلەر ۋە پەيلاسوپلار بىلەن ئەقلىي دەلىل – ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈپ، ئۇلار چۈشىنىدىغان تىل ۋە ئۇسلۇبلاردا مۇنازىرىلەشكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ۋە ئەقىدىسىنىڭ ئەقىل بىلەن كۈچلەندۈرۈلىدىغانلىقى، ساغلام ئەقىلنىڭ توغرا دىننى ئىسپاتلايدىغانلىقى ۋە ساغلام ئەقىل بىلەن توغرا دىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىقنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىغانلىقىدا نامايان بولاتتى.
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ قارىشىدا، ئەقىدە، ئىلاھىيەت ۋە غەيبىي مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» ئىدى. لېكىن، زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا دىن، مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكىلەر بىلەن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەردىن يۈز ئۆرۈش توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇنداق مەسىلىلەردىن يۈز ئۆرۈش ئىسلامغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىدۇ، دىن ئالىملىرى بۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئاجىز دېگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئازغۇن پىرقىلەردىكىلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىغا زەھەرلىرىنى چېچىپ، شەك – گۇمانلارنى پەيدا قىلىدۇ، مۇسۇلمانلاردىن بولغان زىيالىي ياشلارنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىدۇ. شۇڭا، ساغلام ئەقىدىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىگە مۇستەھكەم ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەربىر دەۋردىكىلەر ئۆز دەۋرىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىلمىي سەۋىيە بويىچە سۆزلىشى، ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قوللىنىشى، قارشى تۇرغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىشى زۆرۈر بولاتتى، بۇنداق قىلىش يەنە ئەڭ ياخشى جىھاد ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ھېسابلىناتتى.
ئەسەرلىرى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بەزىلەر: «بۇ ئەسەرلەرنىڭ سانى ئۈچ يۈزگە يېتەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇئتەزىلەلەرگە رەددىيە بېرىش ھەققىدە، بەزىلىرى باشقا مەزھەب ۋە پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىش ھەققىدە يېزىلغان» دېگەن.
ئۇنىڭ يەنە «الفصول (ئەلفۇسۇل)»، «اللمع (ئەللۇمەﺋ)»، «إيضاح البرهان (ئىيزاھۇلبۇرھان)»، «الإبانة عن أصول الديانة (ئەئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە)»، «الشرح والتفصيل فى الرد على أهل الإفك والتضليل (ئەششەرھۇ ۋەتتەفسىل فىررەددى ئەلا ئەھلىلئىفكى ۋەتززەزلىل)»، «كتاب القياس (كىتابۇل قىياس)»، «كتاب الاجتهاد (كىتابۇل ئىجتىھاد)»، «خبر الواحد (خەبەرۇلۋاھىد)»، «العمد (ئەلئۇمەد)» ۋە «مقالات الإسلاميين (ماقالاتۇل ئىسلامىييىن)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار ئىدى.
ئىبادەتلەردىكى تىرىشچانلىقى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئىلىم ۋە ئەقىل جەھەتتە ئىماملىق ۋە مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يەتكەندىن سىرت، ئىبادەتلەرنى قىلىشتا تىرىشچان ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە ئىدى. بۇ بۇرۇنقى ئۆلىمالارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىبادەتلەرنى قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىگە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە توسالغۇ بولالمايتتى. ئۇلار ئوقۇش بىلەن باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشنى، ئىبادەت بىلەن زاهىدلىقنى بىرلەشتۈرەتتى. ئەھمەد ئىبنى ئەلى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەسرەدە بىرنەچچە يىل ئەبۇلھەسەننىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر باغدادتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشىدىم. بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىنمۇ تەقۋادارراق، دۇنيا ئىشلىرىدىن ئۇنىڭدىنمۇ نېرىراق، ئاخىرەت ئىشلىرىغا ئۇنىڭدىنمۇ ئاكتىپراق بىرەر كىشىنى ئۇچراتمىدىم».
ۋاپاتى
ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ھ. 324 / م. 936 – يىلى ۋاپات بولۇپ، باغدادقا دەپنە قىلىندى، كىشىلەر ئۇنىڭ جىنازىسىغا قاراپ: «بۈگۈن سۈننەتكە ياردەم بەرگۈچى ۋاپات بولدى» دەپ توۋلاشقان ئىدى.
مەنبە: شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «رجال الفكر والدعوة فى الإسلام (ئىسلامىيەتتىكى پىكىر ۋە دەۋەت سەرخىللىرى)» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمىدە: خەلىل
1. تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق، ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» مەنىسىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە. يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدىن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەپسىر بولىدۇ، ئەگەر كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 327 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.