(ھ. 214 – 270 / م. 829 – 883)
ھېچكىم تۈرك مەملۇكىيلەر (قۇللار) نىڭ بىرى بولغان بۇ كىشىنىڭ ئابباسىيلار خەلىفەلىكىدىن مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. تارىخ تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ نامىنى مىسىر، شام ۋە ھىجازدا قۇرۇلغان «تولۇنىيلار دۆلىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دەپ خاتىرىلىدى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئەسلىدە بىر تۈرك لەشكەر بولۇپ، دادىسى بولسا بۇخارا شاھىنىڭ ئابباسىيلار خەلىفەسى مەئمۇنغا سوۋغا قىلغان قۇللىرىدىن بىرى ئىدى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد دەسلەپتە مىسىرغا ئابباسىيلار خەلىفەسىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ كەلگەن. ئەمما، ئۇ كېيىن ھاكىمىيەتنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سورىغان ۋە ھاكىمىيىتىنى شامغىچە كېڭەيتكەن.
«تولۇنىيلار دۆلىتى» ئابباسىيلارنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە تۈركلەرنىڭ كۈچىيىشى دەپ ئاتالغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دۆلەت بولسا، ئابباسىيلار مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت سورىغان تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. «تولۇنىيلار دۆلىتى» ھ. 254 – 292 / م. 868 – 905 – يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن.
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد تۈرك مەملۇكىيلەر (قۇللار) نىڭ بىرى بولۇپ، ھ. 214 / م. 829 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇ دىنىي تەربىيەدە چوڭ بولغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلىرىنى ئەيىبلەيتتى. ئۇ دەسلەپكى سىياسىي ۋە لەشكىرىي ھاياتىنى تارسۇس چېگراسىدا ئۆتكۈزگەن. دەسلىپىدىن تارتىپلا خەلىفەلىكتىكى تۈركلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئاتىسى ھ. 230 / م. 845 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىفە مۇتەۋەككىل ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى تاپشۇرغان. ئۇ يەنە خەلىفە مۇستەئىننىڭ ئىشەنچىسىگىمۇ ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئانىسى خەلىفە مۇئتەز ھ. 254 / م. 868 – يىلى مىسىرغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن ئەمىر بايكبەگكە ياتلىق بولغان. ئەمىر بايكبەگ ئۇنى مىسىرنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى ئۈچۈن مىسىرغا ئەۋەتكەن. ئەمما، ئۇنىڭغا فۇستاتلا(1) بۇيرۇپ بېرىلىپ، نامازغا ئىمامەتچىلىك قىلىشتىن باشقا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىدى.
ئابباسىيلار ۋالىيسى بولۇش
ۋەزىيەت تولۇن ئوغلى ئەھمەدكە مىسىردا ئۇلىنى چىڭىتىشقا ياردەم بەرگەن. بايكبەگ ھ. 256 / م. 870 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يارجوخ مىسىر ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ يارجوخ بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ھەم قۇدا – باجا ئىدى. يارجوخ ئۇنى ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن مىسىرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. پەقەتلا غەللە – پاراق ھوقۇقى ئۇنىڭ كۈشەندىسى ئەھمەد ئىبنى مۇدەببىر ئىسىملىك بىر يامان ئاتىقى بار ئادەمدە ئىدى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد خەلىفە مۇھتەدىيدىن ئىبنى مۇدەببىرنى ھوقۇقىدىن ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا ئۆزىنى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. خەلىفە ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغان. شۇنداقلا شام ۋەزىيتىدە داۋالغۇش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا شام چېگرالىرىنىڭ ئەمىرلىكىنىمۇ بەرگەن. يارجوخ ھ. 259 / م. 873 – يىلى ۋاپات بولغاندا، تولۇن ئوغلى ئەھمەد بىۋاسىتە خەلىفە تەرىپىدىن مىسىرنىڭ قانۇنلۇق ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتكۈل ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالغان. ئىسكەندەرىيە ۋە بەرقە شەھەرلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنغان، پۈتكۈل يۇرتلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان.
تولۇن ئوغلى ئەھمەد دەۋرىدىكى توپىلاڭلار
ئەلەۋىيلەر توپىلاڭلىرى
1 – بەغا ئەسغەر توپىلىڭى
بۇ توپىلاڭلارنىڭ تۇنجىسى بەغا ئەسغەر توپىلىڭى ئىدى. بەغا ئەسغەرنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ تاباتابا بولۇپ، ھ. 255 / م. 869 – يىلى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئىراقتىن ئايرىلىپ، ئىسكەندەرىيە بىلەن بەرقە ئارىسىدىكى كەنانىس دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ ئۈستۈنكى مىسىرغا باستۇرۇپ كەلگەن. تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئۇنىڭغا قارشى ئىبنى ھۈسەين قوماندانلىقىدا قوشۇن ئەۋەتكەن. ئۇلار توپىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلغان ۋە بەغا ئەسغەرنىڭ كاللىسىنى فۇستاتقا ئېلىپ كەلگەن.
2 – ئىبنى سوفىي ئەلەۋىي توپىلىڭى
ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى يەھيا بولۇپ، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەسلىدىن ئىدى. ئۇ ھ. 253 / م. 867 – يىلى ئۈستۈنكى مىسىردا توپىلاڭ كۆتۈردى ۋە 255 / م. 868 – يىلى زۇلھەججە ئېيىدا ئىسنا (2)نى ئىگىلىدى. ئۇ ئىسنانى بۇلاپ – تالاپ، نۇرغۇن ئاھالىنى قەتل قىلدى. ئۇنىڭ خەۋپى زورايغاندىن كېيىن، تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئۇنىڭغا قارشى ئەزداد قوماندانلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. لېكىن، ئىبنى سوفىي بۇ قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ، قوماندانىنىڭ پۇت قوللىرىنى ۋەھشىيلەرچە كېسىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تولۇن ئوغلى ئۇنىڭغا ئىبنى ھۈسەين قوماندانلىقىدا يەنە بىر قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن ئىبنى سوفىينى مەغلۇپ قىلدى. ئىبنى سوفىي غەربىي قۇملۇق تەرەپكە قېچىپ، شۇ يەردە تۆت يىل قېچىپ يۈردى. ئاندىن ھ. 258 / م. 871 – يىلى ئەشمۇنەين (3)گە قايتىپ كېلىپ، ئاسۋاندىكى يەنە بىر توپىلاڭچى ئابدۇرراھمان ئەمر بىلەن توقۇنۇشۇپ مەغلۇپ بولدى. كېيىن ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن چىقىشالماي، بىجا(4) تەرەپكە كەتتى. ئاندىن ئۇ يەردىن قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەيزاپ پورتىدىن ئۆتۈپ مەككەگە كەتتى.
3 – ئەمر توپىلىڭى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئەمرنىڭ ھەرىكىتىدىن بىئارام بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇن ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ قوشۇن مەغلۇپ بولدى. كېيىن ئەمر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان قوشۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئەمر بىلەن يارىشىشنى لايىق كۆردى. كېيىنچە، تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كېلىپ ئەمرنى مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان ئىككى غۇلام ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئەمرنىڭ كاللىسى تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى.
4. بەرقە شەھرى توپىلىڭى
ھىجىرىيە 262 – يىلى بەرقە(5) ئاھالىسى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ۋالىيسىنى قوغلىۋەتتى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئۇلارغا قارشى لۇئلۇﺋ قوماندانلىقىدا بىر قوشۇن ئەۋەتتى. لۇئلۇﺋ دەسلەپتە كەڭچىلىك سىياسىتى قوللانغان بولسىمۇ، ئاھالىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. شۇنىڭ بىلەن لۇئلۇﺋ قاتتىق سىياسەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، شەھەرنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئامانلىق تىلەشكە مەجبۇر بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى. لۇئلۇﺋ شەھەرگە كىرىپ توپىلاڭچىلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتتى. شەھەرگە ئۆز مۇلازىملىرىدىن بىرىنى ۋالىي قىلغاندىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ كەتتى.
5. تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابباسنىڭ توپىلىڭى
ھ. 264 – (م 878 – ) يىلى شەئبان ئېيىدا تولۇن ئوغلى ئەھمەد شامغا ماڭدى. ئورنىغا ئوغلى ئابباسنى قويۇپ، ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ۋاسىتىينى ۋەزىر ھەم مۇشاۋۇر قىلدى. ئەمما، يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئابباسنى دادىسىغا ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. ئابباس ۋاسىتىينى تۇتۇپ، بولغان ئىشلارنى دادىسىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىۋېتىپ، بەرقەگە كەتتى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد مىسىرغا قايتقان ۋاقتىدا ئوغلىنى تۇتۇپ زىندانغا سالدى. ئابباس ئۆز قېرىندىشى خۇمارەۋەيھ دەۋرىدە زىنداندا ئۆلدى.
تولۇن ئوغلى ئەھمەد ۋە خەلىفە مۇئتەمىد
گەرچە مۇئتەمىد ئەلاللاھ خەلىفەلىكتە ئولتۇرغان بولسىمۇ، قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق بولۇپ، ۋەلىئەھدى بولمىش قېرىندىشى مۇۋەففەق ھەممە ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانىدى. مۇۋەففەق ئۆز قېرىندىشى مۇئتەمىدنى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراق قىلغانىدى. ئۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يامانلىق قىلغانكى، ھەتتا بىر كۈنى خەلىفە مۇئتەمىدكە ئۈچ يۈز دىنار كېرەك بولۇپ قېلىپ تاپالمىغانىدى. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:
نامىم يەتتە ئىقلىمغا پۇر،
ۋە لېكىن ھېچنەرسەم يوقتۇر.
پۇلۇ – ماللار ماڭا توپلانۇر،
لېكىن ھېچ تەسەررۇپۇم يوقتۇر،
مەندەك بىرىگە بۇ نە كۈندۇر،
مۇنداغ ئاجايىب دۇنيادا يوقتۇر.
مۇۋەففەق تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئەۋەتكەن مال – دۇنيالارنى ئابباسىيلارغا ئون بەش يىل تەھدىت سالغان زەڭگى قوزغىلىڭىغا (ھ. 255 – 270 /م 869 – 882) تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت كۈچىيىپ كەتكەن.
تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ھاكىمىيىتى كۈچىيىپ، تەسىر دائىرىسى كېڭەيگەندىن كېيىن، خەلىفە مۇئتەمىدنى مىسىرغا كېلىپ، مىسىرنى خەلىفەلىكنىڭ تايانچ قىلىشقا چاقىردى. بۇ ۋەجدىن، ئۇ خەلىفەگە ھ. 268 / م. 882 – يىلى خەت يېزىپ، خەلىفەنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. لېكىن، خەلىفە پەقەت بىر يىلدىن كېيىن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇ تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئادەم ئەۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا، تولۇن ئوغلى ئەھمەد تارسۇستىكى شەببەت ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۈچۈن دەمەشقتە تۇرۇۋاتاتتى. بىراق، خەلىفە تولۇن ئوغلى ئەھمەدكە ئۇلىشالماي، مۇۋەففەق تەرىپىدىن خەلىفەلىكنىڭ پايتەختى سامەررائقا قايتۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ مۇۋەففەق خەلىفەنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قالدى.
مۇۋەففەق مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، تولۇن ئوغلى ئەھمەدنى مىسىر ۋالىيلىقىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئەمما، ئۇلى كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي ھوقۇق ئىگىسى بولغان تولۇن ئوغلى ئەھمەد بۇ پەرماننى ئىجرا قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن، دەمەشقتە قازىيلار، فەقىھلەر ۋە ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى يىغىپ، قانۇنلۇق خەلىفەنى تىزگىنىگە ئېلىۋالغانلىقى ۋە مۇستەبىتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇۋەففەقنى ۋەلىئەھدىلىكتىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم بۇ خۇسۇستا مىسىر ۋە شامدىكى ئەمىرلىرىگە مەكتۇب ماڭدۇردى. ئاخىرىدا، بۇلار ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشنى ئەلا بىلىپ سۈلھ تۈزۈشتى. تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى قانۇنىي ئورنى ئېتىراپ قىلىندى.
تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تۆھپىلىرى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد بىر ئىستېداتلىق دۆلەت ئەربابى ئىدى. دۆلەت ئىشلىرىغا ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش غايىسى ئۇنى خەلققە ياخشى تۇرمۇش يارىتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن چەكلەپ قويمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تۆھپىلىرى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
1. قەتاﺋﯩﺌ شەھرى
ھ. 256 / م. 870 – يىلى تولۇن ئوغلى ئەھمەد فۇستات بىلەن مۇقەتتەم ئېدىرلىقى ئارىسىدىكى كەبش قەلئەسى دەپ تونۇلغان يەشكۇر تېغىغا يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلدى. بۇ شەھەر سۇيۇرغال قىلىنغان زېمىن دېگەن مەنىدە «قەتاﺋﯩﺌ» دەپ ئاتالدى. چۈنكى، بۇ يەردە ھەممە تائىپە ئۆز ئالدىغا يەر ئىگىلىگەنىدى. مەسىلەن، سۇدان زېمىنى، رۇم زېمىنى ۋە فەراشىن زېمىنى دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەر بار ئىدى. ئۇ نۇرغۇن مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىپ، قەتائىئنى ناھايىتى ئاۋات قىلىۋەتتى، مەسجىدلەر، تۈگمەنلەر ۋە ھامماملار سېلىنىپ، قەتاﺋﯩﺌ چوڭ بىر شەھەرگە ئايلاندى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد قەتائىئتا ناھايىتى چوڭ بىر قەسىر سالغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى قوشۇنلىرىنى پاراتتىن ئۆتكۈزىدىغان مەيدان قىلدى. ئاندىن قەسىر ئەتراپىدا قوشۇنى ۋە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن لاگېرلارنى سالدى.
2. تولۇن ئوغلى ئەھمەد مەسجىدى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد قەتائىئتا ئوت ئاپىتى ياكى كەلكۈن تەھدىت سالالمايدىغان، مىسىر كۆيۈپ كەتسىمۇ ياكى غەرق بولۇپ كەتسىمۇ ساقلىنىپ قالغۇدەك بىر مەسجىد سېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىناكارلار ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەسجىدنىڭ ھەممە تەرىپىنى ھەمدە تۈۋرۈكلىرىنىمۇ پىششىق خىشتىن قوپۇردى. پەقەتلا قىبلە تۈۋرۈكى مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇش ئىككى يىلدىن كېيىن ھ. 265 / م. 878 – 879 – يىللىرى تاماملاندى. بۇ مەسجىد تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمى ئۈستى ئوچۇق سەينا قىلىنغان. تۆت ئەتراپىنى پېشايۋانلىق ئايۋانلار ئوراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەسجىد سىرتىدا ئۈچ ئايۋان بار.
3. شىپاخانا
ھ. 259 / م. 872 – يىلى تولۇن ئوغلى ئەھمەد كېسەللەرنى دىنى ۋە تەبىقىسىگە قارىماستىن، ھەقسىز داۋالاش ئۈچۈن «بىمارىستان» نامىدا بىر شىپاخانا سالدۇردى، يەنە بۇ شىپاخانىغا يانداشتۇرۇپ بىر دورىخانا بىنا قىلدۇردى. بىمار شىپاخانىغا كىرگەندە كونا كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ يېڭى كىيىم كىيگۈزۈلەتتى، يېنىدىكى پۇللىرى شىپاخانىنىڭ كاتىپىغا ساقلاشقا بېرىلەتتى. بىمار بولسا شىپاخانىدا كېسىلى ساقايغۇچە داۋالىناتتى. تولۇن ئوغلى ئەھمەد شىپاخانىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى، تېۋىپلارنىڭ داۋالىشىنى كۆزىتەتتى ۋە بىمارلارنى يوقلايتتى.
4. سۇ يولى ياساش
تولۇن ئوغلى ئەھمەد قەتائىئنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا بىر سۇ يولى(6) سالدۇردى. سۇ قەتائىئغا تۆۋەن تەرەپتىكى ئازگالدىن بۇلاقلار ئارقىلىق ئاقىدىغان بولۇپ، سۇ قۇدۇقتىن سۇ يولىغا چاقپەلەك ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى. بۇ سۇ يولى تولۇن جامەسىگە ئىشلىتىلگەن پىششىق خىشتىن سېلىنغان. شۇڭلاشقا، بۇ سۇ يولىنى جامەنى سالغان بىناكار سالغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ سۇ يولىنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ بەساتىن رايونىدا بار.
5. تونۇر مەسجىدى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد ھ. 265 / م. 879 – يىلى يەشكۇر تېغىغا «تونۇر مەسجىدى» دەپ تونۇلغان يەنە بىر مەسجىد بىنا قىلدى. تارىخشۇناسلار «تونۇر مەسجىدى»نىڭ فىرئەۋن تونۇرىنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ تونۇرغا ئوت يېقىلسا كىشىلەر فىرئەۋننىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى تەييارلايتتى. فىرئەۋن «ئەين شەمس» تەرەپتىن كەلسىمۇ شۇنداق قىلىشاتتى. ئېيتىلىشىچە، فىرئەۋن تونۇرى مۇشۇ جايدا مەۋجۇد بولغان بولۇپ، تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ بىر قوماندانى بۇ تونۇرنى ۋەيران قىلىۋەتكەن، تونۇرنىڭ ئاستىدا بايلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ كولىغان بولسىمۇ، ھېچنىمە تاپالمىغان. تولۇن ئوغلى ئەھمەد بۇ مەسجىد يېنىغا بىر مۇنار سالغان بولۇپ، كېچىسى كىشىلەرگە يول باشلاش ئۈچۈن، بۇ مۇنارغا ئوت يېقىلاتتى.
6. يېزا ئىگىلىك
تولۇن ئوغلى ئەھمەد يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، ئېتىزلىقلارنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلدى. يېڭى ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى چاپقۇزدى، ۋەيران بولغان توغانلارنى ئوڭشىدى، دېھقانلارنى ئېغىر باجلاردىن ۋە باجگىرلارنىڭ زومىگەرلىكىدىن قۇتۇلدۇردى. نەتىجىدە، بىر تەرەپتىن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى ئاشتى، يەنە بىر تەرەپتىن، زىرائەتلەرنىڭ باھاسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.
7. ھۈنەرۋەنچىلىك
تولۇن ئوغلى ئەھمەد دەۋرىدە ھۈنەرۋەنچىلىك ئىنتايىن راۋاج تاپقان. شۇ ۋاقىتتا مىسىرنىڭ توقۇمىچىلىقى ھۈنەرۋەنچىلىك ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. مەسىلەن، كاناپ رەختلەر ناھايىتى بازارلىق بولۇپ، ھەرخىل كاناپ رەختلەر تۆۋەنكى مىسىردىكى تىننىيس، دىميات، دەبىق، دەمىرە ۋە باشقا شەھەرلەردە، ئۈستۈنكى مىسىردىكى فەييۇم، بەھنىسا، ئىخەيم ۋە باشقا شەھەرلەردە توقۇلاتتى. ئۇندىن باشقا، مىسىرنىڭ يۇڭ توقۇلمىلىرى ناھايىتى داڭق قازانغان. مىسىر يەنە ئىسكەندەرىيەدە توقۇلغان ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئەلا سۈپەتلىك گۈللۈك رەختلەر بىلەن مەشھۇر بولغان.
8. رەۋزە ئۆلچىگۈچىنى رېمونت قىلىش
تولۇن ئوغلى ئەھمەد «رەۋزە»دىكى نىل دەرياسى ئۆلچىگۈچىنى رېمونت قىلدۇردى. بۇ ئۆلچىگۈچنى ھ. 96 / م. 715 – يىلى مىسىر ۋالىيسى ئۇسامە ئىبنى زەيد تەنۇخىي نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تەكشىلىكىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ياساتقۇزغانىدى. كېيىن بۇ ئۆلچىگۈچ ئابباسىيلار خەلىفەسى مەئمۇن دەۋرىدە ھ. 199 / م. 814 – يىلى يېڭىلانغان. ئاندىن خەلىفە مۇتەۋەككىل دەۋرىدە ھ. 247 / م. 861 – يىلى فەرغانەلىك مېمار ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ھاسىبنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قايتىدىن ياسالغان. تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئۇنى يېڭىباشتىن رېمونت قىلدۇرغان. بۇ ئۆلچىگۈچ رەۋزە ئارىلىدا ھازىرغىچە مەۋجۇد.
9. رەۋزە قورغىنى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد بىلەن مۇۋەففەقنىڭ ئاداۋىتى كۈچىيىپ، مۇۋەففەق تولۇن ئوغلى ئەھمەدنى مىسىردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇنغاندىن كېيىن، تولۇن ئوغلى ئەھمەد ئۆزىگە ئىستىھكام قىلىش ئۈچۈن رەۋزە ئارىلىدا بىر پۇختا قورغان بىنا قىلغان.
تولۇن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ۋاپاتى ۋە ئۇنىڭ تەرىپلىرى
تولۇن ئوغلى ئەھمەد بىلەن مۇۋەففەقنىڭ ئارىسىدا سۈلھ تۈزۈلگەندىن كېيىن، تولۇن ئوغلى ئەھمەد تارسۇستا كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى تىنجىتىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. ئۇ، ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا قىش كىرىپ كەتكەن بولۇپ، قار يېغىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ بۇنىڭغا قارىماستىن، تارسۇسنىڭ سېپىللىرىغا مەنچاناقلارنى تىكلىدى. ئەمما، ئۇنىڭغا كېسەل تېگىپ مۇھاسىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا قايتىشقا تەرەددۇت قىلدى ۋە ھ. 270 – يىلى زۇلقەئدەنىڭ ئونىنچى كۈنى / م. 883 – يىلى 10 – ماي ۋاپات بولدى.
ئىبنۇلئەسىر تولۇن ئوغلى ئەھمەدنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئاقىل ۋە قەتئىي كىشى ئىدى. ئەمرىمەرۇپ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلاتتى، دىيانەتلىك بولۇپ، ئالىملارنى ۋە دىندار كىشىلەرنى يېقىن كۆرەتتى. كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ۋە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئىدى».
مەنبە: http://islamstory.com/ar
تەرجىمىدە: ئىليارۇق
1. فۇستات: ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھ 20 /م 641 – يىلى مىسىرنى فەتىھ قىلغاندا بىنا قىلغان شەھەر. ھازىر قاھىرە كونا شەھەر ئىچىدە.
2. ئىسنا: جەنۇبىي مىسىردا نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، لوكسۇرنىڭ 55 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بىر شەھەر.
3. ئەشمۇنەين: مىسىرنىڭ ئەلمىنيا ۋىلايىتىگە تەۋە قەدىمىي شەھەر.
3. بىجا: مىسىرنىڭ شەرقىي ساھىلى قىزىل دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان كۆچمەن خەلق.
4. بەرقە: لىۋىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئىقلىمنىڭ نامى.
5. بەرقە: لىۋىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئىقلىمنىڭ نامى.
6. بۇ سۇ يولى كۆۋرۈكسىمان شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، يەر يۈزىدىن خېلىلا ئېگىز ۋە نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىدۇر.