ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي

(ھ. 238 – 333 / م. 852 – 944)

مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى ۋە توغرا يولى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەقىدە تېمىسىنى ئېنىقسىز، تۇتۇق ھالدا قويۇپ قويغان ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى دىنلارغا قارىغاندا بۇ جەھەتكە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەن. چۈنكى، ئەقىدە ئۇلۇغۋار جەمئىيەت، ئۈلگىلىك مەدەنىيەت ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسى. جانابىي پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىققان ساھابىلىرىنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ئەقىدىلىرى ھەرقانداق ئارىلاشمىدىن پاك ۋە سۈزۈك ئىدى. ئەھۋال شۇنداق داۋاملىشىپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە دىندا پىتنىلەر يۈز بېرىپ ھەرخىل قاراشلارغا، بىدئەتلەرگە ۋە ئازغۇنلۇقلارغا ئەگىشىش پەيدا بولدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئىسلام ئۈممىتى باشقا ئۈممەتلەرگە ئوخشاش گۇرۇھ – پىرقىلەرگە، تائىپىلەرگە بۆلۈندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى روشەن ھەق ئۈستىدە، توغرا يولدا دەپ دەۋا قىلىپ، ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرگە گاھىدا بىدئەتچى، پاسىق دەپ تون كىيدۈرسە، گاھىدا كاپىر دەپ تون كىيگۈزۈشەتتى. ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان يېرى، تېخى ئۇلارنىڭ ھەربىرى _توغرا كەلسۇن – كەلمىسۇن _ ئۆز قاراشلىرىغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈشەتتى. شۇ جەھەتتىن، توغرا ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر، ھەقنى قىدىرغۇچىلار ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ مۆتىۋەر ئىماملىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك ئىدىكى، ئۇلارنىڭ كىتابلىرى، سۆزلىرى ۋە تۇتقان يوللىرى ئارقىلىق مەزكۇر تائىپە – پىرقىلەر ئارىسىدىن ھەق تەرەپدارلىرىنى تاپقىلى، ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئايرىغىلى بولاتتى.

ئەنە شۇ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ مۆتىۋەر ۋە ئەڭ بۈيۈك ئىماملىرىدىن بىرى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيدۇر.

مەلۇمكى، مۇھىتنىڭ ئىنسانلارغا چوڭ تەسىرى بولىدۇ. ئىنسانىيەت قاتلاملىرى ئىچىدە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئالىملار بەكرەك ئۇچرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا كۆپ باغلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە قىزىقىپ ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىمام ماتۇرىيدىي ياشىغان دەۋر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ دەۋرى

ئىمام ماتۇرىيدىي ھ. 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 4 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركلەرنىڭ قەدىم ۋەتىنى بولمىش غەربىي تۈركىستاننىڭ سەمەرقەند شەھرىدە ياشىغان. ئۇ چاغلاردا سەمەرقەند ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان سامانىيلار خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. ئەھلى سۈننىلەردىن ھېسابلىنىدىغان سامانىيلار خانىدانلىقى ئىش – ئىزلىرى، ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش جەھەتتىن ئەڭ ياخشى خانىدانلىق بولۇپ، ھ. 261 – يىلىدىن 389 – يىلىغىچە خۇراسان ۋە ماۋارائۇننەھر ئەللىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ بېشى ئەسەد ئىبنى ساماندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت بالىسىنىڭ ھەممىسى خەلىپە مەئمۇننىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋە ئۇنىڭ شۇ رايوندىكى ھاكىملىرى بولغان ئىدى.

ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي مۇشۇ دۆلەتنىڭ سايىسىدا سىياسىي جەھەتتىن تىنچ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە مۇقىمسىزلىقتىن خالىي بىر مۇھىتتا ياشىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ياشىغان مۇھىت ھەرخىل يۆنىلىش ۋە خىلمۇخىل مەزھەپلەردىن تەشكىل تاپقان مۇتەپەككۇرلار ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇ يەردىن ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىمدەك كاتتا ئىلىم ئەھلىلىرى چىققان ئىدى.

ئۇ ياشىغان جەمئىيەتتە نۇرغۇن ساندا مۇئتەزىلىلەر(1) ھەم كەررامىيە(2)، قەرمەتىيە(3) ۋە جەھمىيە(4) پىرقىلىرى بار ئىدى. ماتۇرىيدىي يەنە ھۈسەين ئىبنى مەنسۇر ھەللاجى (ھ. 244 – 309 / م. 856 – 922) دەك سوپىلارنىڭ چوڭى بىلەنمۇ زامانداش بولغان. ماتۇرىيدىينىڭ شۇ دەۋردىكى مۇئتەزىلىلەر پىرقىسىنىڭ چوڭلىرىغا، كەررامىيلەر ۋە جەھمىيلەرگىمۇ بەرگەن رەددىيەلىرى بار. دېمەك، بۇ ئۇنىڭ مۇھىتىدا شۇ خىل قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە تارالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئىلمىي ھالەتكە كەلسەك، ئىلىملەر ئالدىنقى دەۋردىكىدىنمۇ بەكرەك پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. ئۇ دەۋرنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان پەلسەپىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى شەرھلىگەن، چېچىلىپ كەتكەن نەزەرىيەلەرنى يىغىپ رەتلىگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىلىم تارماقلىرىنىڭ ھەربىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە ۋارىس بولغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زور ئىلمىي گۈللىنىش بارلىققا كېلىپ، ئىسلام مەملىكىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىلمىي مەركەزلەر كۆپەيگەنىدى. شۇڭا، بۇ دەۋرنى ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلمى كالاممۇ فىقىھتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. تەسەۋۋۇف ئىلمى شۇ دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم ۋە كۆپ ئۇتۇق قازانغان ئىلىم بولۇپ، شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا دىنىي كۈچلىرىنى ئۆزىگە قوشقان ئىدى. شۇنداقلا يەنە قۇرئان ۋە ھەدىس تەتقىقاتىغا يۈزلىنىشمۇ كۈچلۈك ئىدى.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ مەزگىللەردە يەنى ھ. 232 – يىلى خەلىپە مۇتەۋەككىلنىڭ قولىدا مۇئتەزىلىلەر ئېقىمى سىياسىي كۈچىدىن قالغان ئىدى. خەلىپە ئەھلى سۈننەت تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارغا يۈرگۈزۈلگەن خورلۇق ۋە ئەزىيەتلەرنى بىكار قىلغان ئىدى.

مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر زاماندا كۆپلىگەن دىنلار، ھەرخىل ئېتىقادلار ۋە ئۆزىنى ئوچۇق ھەق ئۈستىدە دەپ دەۋا قىلىدىغان بىر – بىرىگە قارشى خىلمۇخىل پىرقىلەر بولغان. بۇ ھال ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئۇ مەزھەپلەرنىڭ بەزىلىرى ئاشقۇنلۇق، بەزىسى سەل قاراش خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى.

ئەنە شۇ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە ئەھلى سۈننەتنىڭ قاراشلىرىنى قوغدايدىغان، مۇئتەزىلەلەر ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئەقىل قورالىنى جايىدا ئىشلىتىدىغان ئۈچ چوڭ ئىمامنىڭ زامانداش بولۇپ قېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئىمام ئەشئەرىي ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادتا مۇئتەزىلە قاراشلىرىدىن يانغانلىقى ۋە ئەھلى سۈننەتنىڭ قاراشلىرىنى ياقلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئوتتۇرىغا چىققان. شەرقنىڭ يىراق تەرىپىدىكى ماۋارائۇننەھر ئەللىرىدە ئىمام ماتۇرىيدىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەھلى سۈننەتنىڭ ئېتىقادلىرىنى قوغدىغان. ماتۇرىيدىي ئەھلى سۈننەتنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەقلىي دەلىللەرنى تۈزۈپ، ئەقىل ئارقىلىق ئەھلى سۈننىگە قارشى پىرقىلەرنىڭ دەلىللىرىنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلىغان. مىسىردا بولسا، ئىمام ئەبۇ جەئفەر تاھاۋىي ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ باياناتىنى، ئەھلى سۈننەت قاراشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى ئېلان قىلغان.

ماتۇرىيدىي ۋە ئەشئەرىي ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىنى ئەقىل ئارقىلىق قوغداشنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمى كالامنىڭ ئاساسچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئىككىسى زامانداش بولسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بارلىقى ياكى بىر – بىرلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانمىغان. گەرچە ئۇلار ئارىسىدا نىشان ۋە نىشانغا يېتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا ئورتاقلىق بولسىمۇ، ماتۇرىيدىينىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ۋە مېتودى ئەشئەرىينىڭ ئۇسۇلىغا بەزى تەرەپلەردە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، مۇشۇ تەرەپلەر ئۇلارنىڭ يولىنى بىربىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدا ئۇنىڭ، دادىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ ئىسمىدىن باشقا نەرسىنى تاپالمايمىز. يەنى، مۇشۇنچىۋالا زور ئالىم ئىمام ھەققىدە ئىنتايىن بېخىللارچە مەلۇمات بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، ئۇ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە ياردەم بېرىشتە ئەشئەرىينىڭ ئالدىدا ئىدى. بىز تارىخچىلارنىڭ ۋە تەرجىمىھال كىتابلىرىنىڭ ئىمام ئەشئەرىينىڭ ھاياتى، خۇسۇسىيەتلىرى ھەتتا كۆرگەن چۈشىگىچە بايان قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەمما، تولىمۇ ئەپسۇس، كۆپلىگەن تارىخچىلار ماتۇرىيدىيغا كەلگەندە بىپەرۋالىق قىلغان، شۇنداقلا ئېقىم ۋە مەزھەپلەر تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. ھەتتا ھەنەفىي ئالىملارمۇ بۇ تەرەپكە سەل قارىغان.

قەدىمكى تارىخچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر مۇنداق بولۇشى مۇمكىن.

1. ماتۇرىيدىينىڭ خەلىپىلىك پايتەختى باغدادتىن يىراق بولۇشى. بۇ مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا يەنە ماتۇرىيدىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭ ماۋارائۇننەھر رايونىنىڭ سىرتىغا يۆتكەلمەسلىكى.

2.  ماتۇرىيدىي مەزھىبى دەسلەپكى چاغلىرىدا ئەشئەرىي مەزھىبىگە ئوخشاش سىياسىي كۈچنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ئوسمانىيلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن.

3.  فىقھى مەزھەپلەر ئەقىدىۋى قاراشلارنى تارقىتىشتا چوڭ رول ئوينىغان بولۇپ، ئەشئەرىي مەزھىبىگە مالىكىي ۋە شافىئىيلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپ ياردەم بەرگەن. ھالبۇكى، ماتۇرىيدىي قاراشلىرى ھەنەفىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تارقىغان.

4.  ئەشئەرىينىڭ ئەبۇ بەكىر ئەلباقىللانىي (ھ. 338 – 402 / م. 950 – 1013)، ئىمامۇل ھەرەمەين ئەلجۇۋەينىي (ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) ۋە ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) دەك ئەگەشكۈچىلىرى خىلاپەت مەركىزىدە تۇرغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرخىل جايلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئۇلارغا شاگىرت بولغان ئىدى. ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ ئاشۇ قاراشلارنى تارقاتقان ئىدى. ھالبۇكى، ماتۇرىيدىيلاردىن بولغان ھەنەفىي ئالىملىرىنىڭ ئۇنداق كۆپ ساندىكى شاگىرتلىرى بولمىغان.

5. ھەنەفىيلەر قاتلىمى ھەققىدە كىتاب يېزىش كېچىككەن. چۈنكى، بۇ ھەقتە يېزىلغان تۇنجى كىتاب ئابدۇلقادىر قۇرەشىي (ھ. 696 – 775 / م. 1297 – 1373) نىڭ «الجواهر المضية (ئەلجەۋاھىرۇل مۇدىييە)» دېگەن كىتابىدۇر.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نام – نەسەبى

ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەھمۇد ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ئەنسارىي ھەنەفىي بولۇپ، ماتۇرىد سەمەرقەندتىكى بىر قىشلاقنىڭ نامى. گاھىدا ئۇ سەمەرقەندكىمۇ نىسبەت بېرىلىپ «ماتۇرىيدىي سەمەرقەندىي» دېيىلىدۇ.

«ئەنسارىي» دېيىلىشى: سەييىد مۇرتەزا زەبىيدىي (ھ. 1145 – 1205 / م. 1732 – 1791) «تاجۇل ئەرۇس من جەۋاھىرىل قامۇس (تاج العروس من جواهر القاموس)» ناملىق كىتابىدا بايان قىلغاندەك، ئۇنىڭ نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن جاي بەرگەن ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىيغا تۇتىشىدۇ. ئىمام ئەبۇ سەئد سەمئانىي (ھ. 506 – 562 / م. 1113 – 1167) نىڭ «الأنساب (ئەلئەنساب)» ناملىق كىتابىدىمۇ مۇشۇنى تەكىتلەيدىغان مەزمۇنلار كەلگەن.

ھەنەفىي دېيىلىشى: ئۇنىڭ فىقھىدىكى مەزھىبى ھەنەفىي بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان.

نام – ئاتاقلىرى

ئىمام ماتۇرىيدىي كۆپلىگەن نام – ئاتاقلار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلاردىن: إمام الهدى (توغرا يول ئىمامى)، ناصر السنة (سۈننەتنىڭ ياردەمچىسى)، قامع البدعة (بىدئەتنى قومۇرۇپ تاشلىغۇچى)، محيي الشريعة (شەرىئەتنى تىرىلدۈرگۈچى)، ‏قدوة أهل السنة والاهتداء (سۈننەت ۋە ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئۈلگىسى)، رافع أعلام السنة والجماعة (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ بايراقدارى)، إمام المتكلمين (كالامشۇناسلارنىڭ ئىمامى)، مصحح عقائد المسلمين (مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىلىرىنى تۈزىگۈچى) قاتارلىقلار مەشھۇردۇر.

بۇ ناملار ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى يۇقىرى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تەقىييۇددىن ئىبنى ئابدۇلقادىر ئەتتەمىمىي (ھ. 1010 / م. 1601 – يىلى ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن: «ئۇ تەڭتۇشلىرىنى بېسىپ چۈشكەن بولۇپ، زامان ئۇنىڭ بىلەن گۈزەللەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر ياققا تارقىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىلەن مەسلەكداش بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە، ئورنىنىڭ كاتتىلىقىغا، پاك نەسەبلىكلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلمىگە ئەگەشكىلى، يورۇق نۇرى بىلەن توغرا يول تاپقىلى بولىدىغان مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ چوڭلىرىدىن ئىدى. شۇ جەھەتتىن ئۇ ئىماملارنىڭ نەزىرىدە ‹ئىمامۇلھۇدا›(توغرا يول ئىمامى) دەپ تونۇلغان بولۇپ، ئىلمى كالامنىڭ نەمۇنىسى ئىدى»(5).

تۇغۇلۇشى ۋە ۋاپاتى

تارىخىي مەنبەلەر ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. لېكىن، بىز ئۇنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ ۋاپات بولغان تارىخىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنەن بىلەلەيمىز. ئۇلارنىڭ بىرى، مۇھەممەد ئىبنى مۇقاتىل ئەررازىي. بۇ كىشى ھ. 248/ م. 862 – يىلى ۋاپات بولغان. يەنە بىرى، نەسر ئىبنى يەھيا بەلخىي بولۇپ، ھ. 268/ م. 880 – يىلى ۋاپات تاپقان.

مانا بۇ ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ھ. 248 / م. 862 – يىلىدىن بۇرۇن ئۇستازلىرىدىن ئىلىم ئالالىغۇدەك بىر مۇددەتتە تۇغۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەلۇمكى، ئىلىم ئۆگىنىشنى بالدۇر باشلىغاندىمۇ 10 ياشتا باشلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا، ئۇ تەخمىنەن ھ. 238 – يىلى ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇتەۋەككىلنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە تۇغۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ خەلىپىلىك ۋاقتى ھ. 232 – 247 / م. 847 – 861 – يىلىغىچە بولغان.

تارىخىي مەنبەلەر بىردەك ئۇنىڭ ھ. 333 – يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، تۈرك تارىخچى تاشكۆپرۈلۈزادە(6) يۇقىرىقى يىلنامىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 336 – يىلى ۋاپات بولغان دەپمۇ رىۋايەت بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئىمام ماتۇرىيدىي قاراخانىيلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى سۇلتان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرى بىلەن زامانداش بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ۋاپات بولغان يىللىرى يېقىن. بۇغراخاننىڭ ۋاپات بولغان يىلى ھ. 344 / م. 955 – يىلىدۇر.

ئىلمىي ھاياتى

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ تارىخىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىمام ماتۇرىيدىي كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ئىلمىي سورۇنلارغا بارغان بولۇپ، «ئەھلى سۈننەت فەقىھلىرىنىڭ تۇنجى كالامشۇناسى» دەپ سانىلىدىغان ئەڭ چوڭ فەقىھ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پىكىرلىرى، كۆز قاراشلىرى ۋە ئەقىدىسىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان، ئۇنىڭ مەزھىبىنى ئۆزلىرىنىڭ مەزھىبى قىلغان شۇ دەۋرنىڭ چوڭ ئىماملىرىدا ئوقۇپ فەقىھ بولغان.

زەبىيدىي كىتابىدا ئېيتقاندەك «ماتۇرىيدىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ مەزھىبىنى تەپسىلىي بايان قىلغۇچى، ئەھلى سۈننەتنىڭ مەزھىبىنى ئەشئەرىيدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغۇچى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇستازلىرى

ئىمام ماتۇرىيدىي ھەرخىل ئىلىملەردە نامى چىققان كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىتنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ شاگىرتلىرى بولغانلاردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئابباس ئەلئىيازىي (ھ. 3 – ئەسىردە) سەمەرقەندتە ياشىغان فەقىھدۇر. ئەبۇ سەئد ئابدۇرراھمان ئەلئىدرىيسىي (ھ. 325 – 405 / م. 937 – 1015) «سەمەرقەند تارىخى»دا بايان قىلىشىچە: بۇ كىشى نەسر ئىبنى ئەھمەد سامانىي زامانىدا تۈرك دىيارىدا كاپىرلار تەرىپىدىن شېھىد قىلىنغان بولۇپ، ئىلمىنىڭ يۇقىرىلىقى، پەرھىزكارلىقى، چىدامچانلىقى ۋە جەسۇرلۇقى جەھەتتىن يۇرتتا ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايتتى. بۇ كىشى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف (ھ. 113 – 182 / م. 731 – 798) بىلەن ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي (ھ. 132 – 189 / م. 749 – 805) نىڭ شاگىرتى ئەبۇ سۇلايمان جۇزجانىي (ھ. 301 / م. 914 – يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان) دىن فىقھ ئۆگەنگەن.

2. ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئىسھاق جۇزجانىي (ھ. 200 / م. 816 – يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان). بۇ كىشى ئەقىدە ئىلمى بىلەن فىقھ ئىلمىنى ئۆزىدە بىرلەشتۈرگەن ۋە تۈرلۈك ئىلىملەردە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ «الفرق والتمييز»، «التوبة» قاتارلىق كىتابلىرى بار. بۇ زات ئەبۇ سۇلايمان جۇزجانىيدىن، ئەبۇ سۇلايمان جۇزجانىي بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي بىلەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن فىقھ ئۆگەنگەن.

3. مۇھەممەد ئىبنى مۇقاتىل ئەلرازىي (248/ م. 862 – يىلى ۋاپات بولغان). بۇ زات رەينىڭ قازىسى بولغان. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ شاگىرتلىرىدىندۇر. زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) مۇنداق دېگەن: «ئۇ ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ (ھ. 129 – 196 / م. 746 – 812) دىن ۋە ۋەكىئنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان».

4. نۇسەير ئىبنى يەھيا بەلخىي. «نەسر بەلخىي»مۇ دېيىلىدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ شاگىرتى ئەبۇ سۇلايمان جۇزجانىينىڭ قولىدا فەقىھ بولغان. ئۇنىڭدىن ئەبۇ ئىتاب بەلخىي ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھ. 268 / م. 881 – يىلى ۋاپات بولغان.

شاگىرتلىرى

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نۇرغۇنلىغان شاگىرتلىرى بولغان. ئۇلاردىن:

1. ھەكىم ئىسھاق ئىبنى مۇھەممەد سەمەرقەندىي. بۇ كىشى ماتۇرىيدىينىڭ ئەڭ غوللۇق شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل سەمەرقەندنىڭ قازىسى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا كۆپ سازاۋەر بولغان بولۇپ، ھېكمەت ۋە نەسىھەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن «ھەكىم» دەپ ئاتالغان. ھ. 342 – / م. 953 – يىلى ئاشۇرا (26 – ماي) كۈنى سەمەرقەندتە ۋاپات بولغان ۋە چاكاردىزە (ساقچىلار قەلئەسى) قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. «السواد الأعظم»، «الإيمان» دېگەن كىتابلىرى بار.

2. ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇسا بەزدەۋىي. بۇ كىشى ئىمام ماتۇرىيدىيدا ئوقۇپ فەقىھ بولغان، ئۇنىڭدىن ھەدىس ئۆگەنگەن ۋە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇسۇلۇل فىقھ ھەققىدە يېزىلغان «كنز الوصول إلى علم الأصول» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى فەخرۇلئىسلام بەزدەۋىينىڭ بوۋىسىدۇر. ھ. 390 – / م. 1000 – يىلى رامىزاندا ۋاپات بولغان.

3. ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي. تولۇق ئىسمى نەسر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد بولۇپ، سەمەرقەندلىك ھەنەفىي فەقىھدۇر. ئۆز دەۋرىدە «إمام الهدى (توغرا يول ئىمامى)» دەپ ئاتالغان. فەقىھ ئەبۇ جەئفەر ھىندۇۋانىي (ھ. 300 – 362 / م. 913 – 973) دا فىقھ ئۆگەنگەن. سەمئانىي ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەبۇللەيس ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ فەقىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بەس – مۇنازىرە تالانتى بىلەن مەشھۇر بولغان». ياقۇت ھەمەۋىي (ھ. 626 – 574 / م. 1178 – 1229) مۇنداق دېگەن: «ئەبۇللەيس مۇنازىرىگە ئۇستا ھەنەفىي فەقىھلىرىدىن ئىدى». ئۇ پايدىسىز دەتالاشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتاتتى، مەسىلەن، «قۇرئان يارىتىلغۇچىدۇر» دېگەن مەسىلىدە مۇنداق دېگەن: «قۇرئان يارىتىلغۇچى ياكى يارىتىلغۇچى ئەمەس دەپ ئولتۇرما، بۇنداق مەسىلىدە دەتالاش قىلمىغان تۈزۈك. چۈنكى، ئۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىش قىيىن، شۇڭا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشىڭ ئەڭ ياخشى». ئەبۇللەيس چوڭ ئىماملاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «بحر العلوم (تۆت توم)» دەپ ئاتالغان تەپسىرى، فىقھىدا «النوازل»، «خزانة الفقه»، «تنبيه الغافلين»، «بستان العارفين»(7)، «عيون المسائل»، «تأسيس النظائر الفقهية»، «مختلف الرواية»، «مقدمة الصلاة»، «الفتاوى»، «دقائق الأخبار في ذكر الجنة والنار» قاتارلىق كىتابلىرى بار. ھ. 373 – يىلى جۇمادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 11 – (م. 983 – 11 – 20) كۈنى سەيشەنبە كەچتە ۋاپات بولغان. ئىمام زەھەبىي ئۇنىڭ ۋاپات بولغان يىلىنى ھ. 375 -/ م. 985 – يىل دەپ كۆرسەتكەن.

نەزەر سالىدىغان بولساق، ماتۇرىيدىينىڭ كۆپىنچە شاگىرتلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى فىقھ تەرەپكە كۆپرەك چوڭقۇرلىغان بولۇپ، كالامىي تەرەپ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار ئۇستازىنىڭ قاراشلىرىنى چوڭقۇر قازمىغان بولۇپ، ئۇستازىنىڭ يېزىپ قويغانلىرى بىلەن كۇپايىلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئەقىدە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى نوقۇل قىسقىغىنە ئىزاھلار ياكى يەككە مەسىلىلەر بولغان. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، شۇ چاغلاردا تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىدە نۇرغۇن خەلقلەر تۈركۈملەپ ئىسلامغا كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ماتۇرىيدىينىڭ شاگىرتلىرى ئىسلام دەۋىتى ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام ماتۇرىيدىي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتۇرىيدىي ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ چوڭ ئالىملىرىدا تەربىيەلىنىپ چىققان ۋە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىي قاراشلىرىغا ئەگەشكەن. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كالامىي قاراشلىرىمۇ بار ئىدى.

ئىمام كامالۇددىن ئەھمەد ئەلبەيازىي (ھ. 1044 – 1098 / م. 1634 – 1687) دېگەندەك، ئىمام ماتۇرىيدىي بىر مەزھەپنىڭ ئىجادچىسى ئەمەس، بەلكى ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ مەزھىبىنى كەڭ تۈستە بايان قىلغۇچىمۇ؟

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىلىم ئوقۇشنى باشلىغاندا ئىلمى كالام ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى چەككە يەتكەن ھەم ئۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغان. بىر زامان شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن بەسرەگىمۇ كىرگەن. چۈنكى، ئۇ يەردە كۆپ پىرقىلەر بار ئىدى، ئاندىن شۇ پىرقىلەر بىلەن بەس – مۇنازىرە قىلغان. ئىلمى كالام دىننىڭ ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئەبۇ ھەنىفە بۇ ئىلىمنى ھەممە ئىلىمدىن ئارتۇق كۆرگەن. كېيىن ئۇنى تاشلاپ فىقھ ئىلمىگە بېرىلىپ كەتكەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىلمى كالام توغرىسىدا بەزى رىسالىلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار: «الفقه الأكبر (ئەلفىقھۇل ئەكبەر)»، «الفقه الأبسط (ئەلفىھقۇل ئەبسەت)»، «العالم والمتعلم (ئەلئالىم ۋەلمۇتەئەللىم)»، «الرسالة الى عثمان البتي (ئوسمان ئەلبەتتىيگە رىسالە)»، «الوصية (ۋەسىيەتنامە)» قاتارلىقلاردۇر. بۇ كىتابلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە، ئۇنىڭدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىلمى كالام ھەققىدىكى سۆزلىرى بەك ئاز بولۇپ، سۈننىي ئىلمى كالام (يەنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاشنى ئاساس قىلغان ئىلىم) نى قۇرۇپ چىقىشقا يەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئۇنىڭ ئىلمى كالامنى تۇنجى بولۇپ قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كەررامىيە ۋە باتىنىييەگە ئوخشاش پىرقىلەر ئەبۇ ھەنىفەدىن كېيىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلارغا رەددىيەلەرنى ئىمام ماتۇرىيدىي بەرگەن. ئىلمى كالامدىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەۋرىدە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىلمى كالام تېخى تولۇقلانمىغان. بۇنىڭ ھەممىسى ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولىنى نوقۇل شەرھلىگۈچى ۋە بايان قىلغۇچى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ مۇستەقىل بىر مېتود ۋە ئۆزىگە خاس بىر مەزھەپ ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي تەرىپى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئائىت بولسا، كالامىي تەرەپ ئىمام ماتۇرىيدىيگە ئائىتتۇر. بۇ ھال ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام ماتۇرىيدىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچلۈكتۇر. ئىمام ماتۇرىيدىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قاراشلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك بىلگەن ۋە چوڭقۇرلىغان كىشى بولۇپ، ھەتتا ئىمام ئەبۇلمۇئىن نەسەفىي (ھ. 438 – 508 / م. 1038 – 1114) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەردە ئۇنى ھۆججەت قىلغان. ئەلۋەتتە، ئىمام ماتۇرىيدىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارشى پىكىردىكىلەرگە بەرگەن بەزى رەددىيەلىرىدىن پايدىلانغان.

خۇلاسە كالام، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەھلى سۈننىنىڭ ئېتىقادى بويىچە بىر كالامىي مەزھەپ قۇرۇشقا تۇنجى قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرۈش تۆھپىسى بار بولسا، ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، پاكىت ۋە ھۆججەتلەر بىلەن كۈچەيگەن مۇكەممەل بىر مەزھەپ قۇرۇپ چىققانلىقتەك تۆھپىسى بار.

بىلىم سەۋىيەسى

بىز ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۇ ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئىلىملىرى ۋە يازغان كىتابلىرى ئارقىلىق بىلەلىشىمىز مۇمكىن. ئىمام ماتۇرىيدىي ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇلاردىن فىقھ، ئۇسۇل ۋە ئەقىدە ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن كېيىن ئىلىمگە ئىچكىرىلەپ كىرىش، دەرس ئۆگىتىش ۋە كىتاب يېزىش خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن كىتابلىرى ئۇنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكى ۋە ئۆز زامانىسىدىكى ھەرخىل بىلىملەرنى نەقەدەر پىششىق بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ شەرىئەت بىلىملىرى بىلەن ھېكمەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«تەۋھىد» ناملىق كىتابى ئىمام ماتۇرىيدىي قازانغان كەڭ دائىرىلىك ئەقلىي بىلىمگە دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ بىلىمى ئۆز ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا دەلىللەرنى ئەكىلىش، رەقىبلەرنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئەقىل قورالى بىلەن بىتچىت قىلىشلاردا ئوچۇق گەۋدىلەنگەن. شۇنىڭدەك بۇ كىتاب ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ مەيلى ئىسلامغا مەنسۇپ پىرقىلەر بولسۇن ياكى ئىسلامدىن تاشقىرى پىرقىلەر بولسۇن، ئەھلى سۈننەت ئىتىقادىغا قارشى پۈتۈن پىرقىلەرنىڭ قاراشلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا رەددىيەلىرى بار بولۇپ، مانا بۇ ئۇنىڭ مەرىپىتىنىڭ كەڭرى، پىكرىنىڭ چوڭقۇر، مۇنازىرىدە ۋە رەقىبلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشتا ناھايىتى ئۇستا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ خىل تالانت ئەقلىي بىلىملەردە ۋە ئەقلىي بىلىملەرنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى بىلىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە يۇقىرى مەرتىۋىگە يەتكەنلەردىن بۆلەك كىشىلەردە ئاسان تېپىلمايدۇ.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ كەڭ بىلىم ساپاسى ئۇنىڭ «تأويلات أهل السنة» ناملىق كىتابىدىمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن. بۇ كىتاب ئۇنىڭ دىن بىلىملىرى، تىل بىلىملىرى ۋە ئەقىل بىلىملىرىدىكى ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىنىڭ زور ئىلمىي ئىستېداتى بولۇشى كېرەك ھەمدە شۇ ئىلىملەرنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى كېرەك. تارىخچىلار ئېيتقاندەك، ماتۇرىيدىينىڭ تەئۋىل ھەققىدىكى بۇ ئەسىرىگە بۇ پەندىكى ھېچبىر ئەسەر تەڭداش بولالمايدۇ.

گەپنىڭ مېغىزى شۇكى، ماتۇرىيدىي دىنىي ۋە ئەقلىي بىلىملەردە يۇقىرى شان – شەرەپ قازانغان بولۇپ، ئەبۇلمۇئىن نەسەفىي ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭدا جۇغلانغان تۈرلۈك دىنىي ۋە ئەقلىي ئىلىملەر ئادەتتە، ئىلىم تەھسىل قىلىپ داڭق قازانغانلارنىڭ كۆپىدە ھەرگىزمۇ جۇغلانمايدۇ».

ئەسەرلىرى

ئىمام ماتۇرىيدىي خىلمۇخىل ئىسلام بىلىملىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، ئىسلام كۈتۈپخانىلىرى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، بىزگە پەقەت ناھايىتى ئازلىرى يېتىپ كېلەلىگەن.

تەپسىر ھەققىدىكى كىتابلىرى:

ئۇنىڭ تەپسىر ھەققىدە ساقلىنىپ قالغان بىر كىتابى بار، ئۇ بولسىمۇ «تأويلات القرآن»دۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇ پەندە يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ، بەلكى يېقىنمۇ يولىيالمايدۇ. بۇ كىتاب كۆپ نەشرىياتلار تەرىپىدىن «تفسير القرآن العظيم المسمى تأويلات أهل السنة (ئەھلى سۈننەت تەۋىللىرى دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم تەفسىرى)» ۋە «تفسير القرآن العظيم تفسير الماتريدي (ماتۇرىيدىي تەفسىرى دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم تەفسىرى)» ناملىرىدا بىر نەچچە توملۇق قىلىپ بېسىلغان. يەنە قۇرئان ئىلىملىرىگە ئائىت «رسالة فيما لا يجوز الوقف عليه في القرآن (قۇرئاندا ۋەقفە قىلىشقا بولمايدىغان ئورۇنلار ھەققىدە رىسالە)» ناملىق بىر رىسالىسى بار.

ئىمام ماتۇرىيدىي «تەپسىر» ئۇقۇمى بىلەن «تەۋىل» ئۇقۇمىنى ئايرىيدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە تەفسىر: ئاللاھنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ساھابىلارغا خاس. تەۋىل بولسا، بىرەر مەزمۇننى ئاللاھنىڭ دېمەكچى بولغىنى مۇشۇ دەپ كېسىۋەتمەستىن ئايەتلەردىن چىقىشى مۇمكىن بولغان مەزمۇنلاردا پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىمام ماتۇرىيدىي تەفسىرىدە ئالدى بىلەن ئايەتنى، ئاندىن ئۇنىڭ تەفسىرىدە دېيىلگەن ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن ساھابىلاردىن باشقىلارنىڭ تەفسىرلىرىنى يەنى تەۋىللىرىنى بايان قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرىنى تەرجىھ قىلىدۇ ياكى تەرجىھ قىلماستىن بايان قىلىدۇ.

ئىلمى كالام ھەققىدىكى كىتابلىرى:

«كتاب التوحيد». بۇ كىتابنىڭ ئىبارىسى ئوڭاي بولۇپ، ئۇنىڭ ماتۇرىيدىيگە تەۋەلىكى ئېنىقتۇر. ماتۇرىيدىي ئۇنىڭدا ئىلاھىيەت ۋە پەيغەمبەرلىك توغرىسىدىكى كۆپلىگەن كالامىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەن ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ بەلخلىق پېشۋاسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلكەئبىي (ھ. 273 – 319 / م. 887 – 931) بىلەن كۆپ مۇنازىرە قىلغان.

بۇ ھەقتىكى باشقا كىتابلىرى بولسا «بيان وهم المعتزلة»، «رد الأصول الخمسة لأبي محمد الباهلي»، «رد الإمامة لبعض الروافض»، «رد أوائل الأدلة للكعبي»، «رد تهذيب الجدل للكعبي»، «الرد على أصول القرامطة»، «الرد على فروع القرامطة»، «رد وعيد الفساق»، «كتاب المقالات»، «الدرر في أصول الدين» قاتارلىقلار.

ئۇنىڭ فىقھ ۋە ئۇسۇلۇل فىقھ ھەققىدىكى كىتابلىرى:

«كتاب الجدل»، «مآخذ الشرائع»، «كتاب أصول الفقه» قاتارلىقلار.

ئىمام ماتۇرىيدىيگە نىسبەت بېرىلگەن كىتابلار:

1.  «كتاب شرح الفقه الأكبر» (نەشر قىلىنغان).

2. «عقيدة الماتريدية». ماتۇرىيدىينىڭ بىرەر كىتابنى بۇ ئىسىم بىلەن يازغان بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق. شافىئىي ئەقىدىسى، ئىمام ئەھمەد ئەقىدىسى توغرىسىدا بىرەر كىتاب بولغاندەك، ماتۇرىيدىيدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەقىدىسى توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىلىپ، ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

ماتۇرىيدىي مېتودىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق يولىنى تۇتۇپ ماڭغان مۆھتەرەم ئالىملاردىن ھىندىستانلىق شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي (ھ. 1333 – 1420 / م. 1914 – 1999) ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ مېتودىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «(ماتۇرىيدىي) ئەقلى ئۆتكۈر، پىكرى چوڭقۇر ۋە دانا كىشى ئىدى. ئەشئەرىي ھەردائىم مۇئتەزىلەلەر بىلەن قارشىلىشىش، ئۇزۇن مۇنازىرىلىشىش ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە پىكىرلىرىگە ئاشقۇنلۇقتىن خالىي بولمىغان نەرسىلەر كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەشئەرىيلەر ئىشنى تېخىمۇ يوغىنىتىپ، ئۇنىڭغا بىر قىسىم نەرسىلەرنى قوشۇپ قويغان ئىدى. ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسپاتلاش ھەم دەلىل تۇرغۇزۇش تەس بولغان، ئارتۇقچە زورۇقۇش ۋە ئارتۇقچە تەئۋىلگە ئېھتىياجلىق بولغان بۇ نەرسىلەرنى يۇيۇپ تاشلىغان. ئىلمى كالامغا تۈزىتىش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىدە، ئىلمى كالام تېخىمۇ بەك ئوتتۇراھال ۋە راۋۇرۇس ھالغا كەلگەن. قارايدىغان بولساق، ئىمام ماتىرىيدىينىڭ ئىمام ئەشئەرىي ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ ئىنتايىن چەكلىك ۋە ئۇششاق مەسىلىلەردە بولۇپ، قىرىق مەسىلىدىن ئاشمايدۇ. تەكشۈرۈپ كەلسە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىكى تالاش – تارتىش ھەقىقىي بولماستىن، بەزىبىر سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان»(8).

بىز تۆۋەندە ماتۇرىيدىي مېتودىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ساناپ ئۆتىمىز.

1. ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش

ئىمام ماتۇرىيدىي مېتودىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش بولۇپ، ماتۇرىيدىي نەقىلنىڭ تۈۋىدىلا تۇرىۋېلىشنى ياكى ئەقىل جەھەتتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى خاتالىق دەپ قارايتتى. ئادىل پوزىتسىيە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇش دەپ ھېسابلايتتى. بۇ ئوتتۇراھال پوزىتسىيىسىگە ئاللاھنىڭ «بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۈممەت قىلدۇق» (9) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلاتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ ئوتتۇراھاللىقنىڭ دىندىن ئىككى تايانچ بار: بىرى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق روھى بولۇپ، ئىسلام تەلىماتلىرى ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشقا ئۈندەيدۇ. يەنە بىرى، ئوتتۇراھاللىق روھى ئىسلامنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىدىكى پۈتكۈل ئىدىيەسىدە ھۆكۈم سۈرگەن تەبىردۇر.

بۇ ھەقتە ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە (ھ. 1316 – 1394 / م. 1898 – 1974) مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ماتۇرىيدىي قاراشلىرى بىلەن ئىمام ئەشئەرىي قاراشلىرىنى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئىككى ئىمامنىڭ تەپەككۇرى ۋە تەپەككۇر يەكۈنىدە بىر پەرق بارلىقىنى كۆرىمىز. شەكسىزكى، ھەر ئىككىلىسى قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىدىلەرنى ئەقىل ۋە لوگىكىلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ھەر ئىككىلىسى قۇرئاننىڭ ئەقىدىلىرىگە باغلانغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قارىغاندا ئەقىلگە كۆپرەك ھوقۇق بەرگەن، مەسىلەن، ئەشئەرىيلەر ‹ئاللاھنى تونۇش شەرىئەت بىلەن ۋاجىپ› دەپ قارىسا، ماتۇرىيدىي _ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولىغا ئەگىشىپ تۇرۇپ _ ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاجىپلىقىمۇ ئەقىل بىلەن بىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى تونۇش ئەقىل بىلەن ۋاجىپ) دەپ قارايدۇ».

«ئەشئەرىيلەر ‹شەرىئەت ساھىبىدىن بۇيرۇق كەلمەيمۇ، شەيئىلەرنىڭ ئەقىل بىلەلەيدىغان ئەسلىي گۈزەللىكى بار› دەپ قارىمايدۇ، ماتۇرىيدىيلار ‹شەيئىلەرنىڭ ئەقىلمۇ بىلەلەيدىغان ئەسلىي گۈزەللىكى بار› دەپ قارايدۇ. كۆپلىگەن ئىختىلاپنى مۇشۇ يوسۇندا ئۇچرىتىمىز. شۇ جەھەتتىن، شۇنداق يەكۈن چىقىرىمىزكى، ماتۇرىيدىيلارنىڭ مېتودىدا ھېچقانداق چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمەستىن، كەممۇ قىلماستىن ئەقىلگە چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن. ئەشئەرىيلەر نەقىلگە باغلىنىپ، نەقىلنى بەكرەك كۈچەيتكەن. بۇلارنى تەتقىق قىلغان كىشى ‹ئەشئەرىيلەر – مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەھلى فىقھ ۋە ئەھلى ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا. ماتۇرىيدىيلار – مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدا› دەپ يەكۈن چىقارغىلى تاس قالىدۇ. ھەممىسىنىڭ ئەھلى ئىمان قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق. بۇ تۆت ئىسلامىي پىرقە، ئەگەر تۆت بۆلەكلىك بىر مەيداندا تۇردى دېسەك، مۇئتەزىلەلەر مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە، ئەھلى ھەدىس يەنە بىر تەرىپىدە تۇرغان. مۇئتەزىلەلەرگە يېقىنراق بۆلەكتە ماتۇرىيدىيلار تۇرغان، مۇھەددىسلەرگە يېقىنراق تۆتىنچى بۆلەكتە ئەشئەرىيلەر تۇرغان. ماتۇرىيدىي شەرىئەتنىڭ تېكىستلىرى (قۇرئان ۋە ھەدىس) بىلەن بىرگە ئەقىلگە تايىنىدۇ، ئەقلىي تەپەككۇرنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر قارشى پىكىردە تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئەقىلنىڭ تېيىلىپ، ئېزىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، نەقىلگىلا تايىنىشنى، ھەقنى پەقەت نەقىلدىنلا ئىزدەشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. ئىمام ماتۇرىيدىي ‹تەۋھىد› كىتابىدا مۇنداق دېگەن: ‹مانا بۇ شەيتاننىڭ ئويلىرى ۋە ۋەسۋەسەسىدۇر. ئەقىلنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئەقىلدىن باشقا ھېچبىر دەلىلى يوق. بۇ ئۇلارنى ئەقىلنىڭ زۆرۈرلۈكىگە قىستايدۇ. ئۇلار قانداقمۇ ئەقىلنى ئىنكار قىلالىسۇن؟! ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئەقىلنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان، ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا بۇيرۇغان، ئۇلارنى ۋەز – نەسىھەت ئېلىشقا ۋە ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندىگەن تۇرسا! مانا بۇ، ئەقىل ۋە تەپەككۇرنىڭ ئىلىمنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دەلىل› ».

بىز ئۇنىڭ ئەقىدە ئىلمىنى ھاسىل قىلىشتىكى ئىختىلاپنىڭ توچكىسىنى بايان قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەقىدە ئىلمىنىڭ پەقەت نەقىلدىنلا ئىبارەت بىرلا مەنبەسى بارمۇ؟ ياكى نەقىلدىن باشقا ئەقىلدىن ئىبارەت يەنە بىر مەنبەسىمۇ بارمۇ؟ بىز ئۇنىڭ نەقىلمۇ مەنبە، ئەقىلمۇ مەنبە دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئىمام ماتۇرىيدىي ئەقىلنىڭمۇ ئىلىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە، ئەقىلنىڭ ئېزىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇشى ئۇنى مۇھەددىس ۋە فەقىھلەردەك ئەقىل ۋە تەپەككۇردىن چەكلەشكە ئېلىپ بارمىغان، بەلكى ئۇنى ئېھتىياتچان بولۇشقا، ئەقىل بىلەن بىرگە نەقىلگە تايىنىش ئارقىلىق خاتالىقتىن ساقلىنىشقا ئېلىپ بارغان. ئىمام ماتۇرىيدىي مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بۇنى (يەنى ئەقىل ئىشىدا نەقىلگە تايانغان ئاساستا ئېھتىياتچان بولۇشنى) ئىنكار قىلسا، ئەقىلدىن يېپىق نەرسىلەرنىڭمۇ ماھىيىتىنى بىلىشنى ئىستىسە، پەيغەمبەرنىڭ ھېچبىر كۆرسەتمىسى يوق ھالدا، ئۆزىنىڭ چەكلىك ۋە كەمتۈك ئەقلى بىلەن خۇدالىقنىڭ جىمى ھېكمەتلىرىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلسا، ئەقىلگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، ئەقىلگە كۆتۈرەلمەيدىغان نەرسىنى ئارتىپ قويغان بولىدۇ».

بۇ گەپنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ماتۇرىيدىي شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان ئىشلاردا ئەقىلنىڭ ھۆكمىنى تۇتىدۇ. ئەگەر شەرىئەتكە خىلاپ بولسا، ئەلۋەتتە، شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ(10).

ئېنسىكلوپېدىيىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ باھا بەرگەن ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن شۇ چىقىدۇكى، ئىمام ماتۇرىيدىي مۇھەددىس ۋە فەقىھلەردەك ئەقىلگە ھېچقانداق ھوقۇق بەرمەي نەقىلنى يېتىم قالدۇرغانمۇ ئەمەس، مۇئتەزىلەلەردەك ئەقىلگە چەكلىمىسىز ھوقۇق بېرىۋېتىپ ئازغانمۇ ئەمەس، ئەشئەرىيلەردەك ئەقىلگە تار دائىرىدە يېتەرسىز ھوقۇق بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئەقىلگە ئارتۇقمۇ ئەمەس، كەممۇ ئەمەس يېتەرلىك ھوقۇق بەرگەن، ئەقىلنىمۇ قاندۇرغان ۋە نەقىلنىمۇ قاندۇرغان.

مەلۇمكى، ئوتتۇراھاللىق پوزىتسىيىسى باشقىلار ئويلىۋالغاندەك نوقۇل كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ماسلاشتۇرۇشلا ئەمەس. ئوتتۇراھاللىق مەيدانى تەس ئىش بولۇپ، نەقىلنىڭ ھۆكۈملىرىنىمۇ ۋە ئەقىلنىڭ ھۆكۈملىرىنىمۇ تولۇق بىلىشنى، نەقىلنىڭ مۇقەددەسلىكىنىمۇ، ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسىنىمۇ ساقلاشنى، ھېچ تەرەپكە ئاغماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، ماتۇرىيدىي ئوتتۇراھاللىق مەيدانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا ئوتتۇراھال بولۇش يولىدا ماڭغان ئەشئەرىيدىنمۇ بەكرەك ئۇتۇققا ئېرىشكەن. بۇ توغرۇلۇق ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە مۇنداق دېگەن: «شۇڭلاشقا، دوستىمىز مەرھۇم (مۇھەممەد زاھىد) كەۋسەرىينىڭ ‹ئەشئەرىيلەر مۇئتەزىلەلەر بىلەن مۇھەددىسلەر ئوتتۇرىسىدا. ماتۇرىيدىيلار مۇئتەزىلەلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئوتتۇرىسىدا› دېگەن سۆزى راست بولغانىدى»(11).

2. پىكىر مۇستەقىللىقى

بۇ دېگىنىمىز، بىرەر مەزھەپكە ياكى مۇئەييەن بىر قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالماسلىقنى، بەلكى ھەقىقەتنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى، ھەقىقەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسىمۇ مەلۇم بىر پىكىرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىۋالماسلىقنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئەھلى ئىلىم ئاتالغان خېلى كۆپ كىشىلەردىن تاپماق بەسى مۈشكۈل بىر ئىشتۇر. ئەمما، ئىمام ماتۇرىيدىي پىكىر مۇستەقىللىقىگە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە زات بولۇپ، ئۇنىڭدا تەئەسسۇپلۇق ياكى ئاشقۇنلۇق كۆرۈلمىگەن.

3. شەيئىلەرگە ئومۇمىي نەزەر بىلەن قاراش

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ پىكىر – ئىدىيىسى شەيئىلەرگە ئومۇمىي نۇقتىدىن ئوبيېكتىپ قاراش، ئۇششاق مەسىلىلەرنى پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە باغلاش، شاخچە مەسىلىلەرنى يىلتىزىغا قايتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان.

4. پىكىر بىلەن ئەمەلنى بىر – بىرىگە باغلاش

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نەزىرىدە پىكىرلىرىمىزنىڭ دۆۋە – دۆۋە بولۇشى، پىكىرلىرىمىزنىڭ زېھىندىكى ھاسىلاتىنىڭ كۆپ بولۇشى، تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ كېتىشىمىز مۇھىم ئەمەس، بەلكى مۇھىمى پىكىرلىرىمىز بىلەن ئەمىلىمىزنى ماسلاشتۇرۇپ مېڭىپ، پىكىرلىرىمىزنىڭ ئەمىلىمىزگە يېتەكچى بولۇشى ۋە ئۇنى توغرا يولغا سېلىشىدۇر.

ئۇ كۆپىنچە پوزىتسىيەلىرىدە پايدىسىز پارچە – پۇرات مەسىلىلەرگە كىرىشنى رەت قىلىدۇ. بەزى كالامشۇناسلار، مەسىلەن، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئىمام ماتۇرىيدىي گەرچە بۇنىڭدىن بىر پۈتۈن ئازاد بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كالامشۇناسلارنىڭ ئىچىدە بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئەڭ ئاز كىرگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ.

5. مەنە ۋە مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىش

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ نەزىرىدىكى پىكىرنى ئەمەلگە ۋە ئەمەلىيەتكە باغلاشنىڭ نەتىجىسىدە، مەنا – مەزمۇنغا كۆڭۈل بۆلۈش كېلىپ چىققان. ئۇ شەكىلگە ئېسىلىۋالمايدۇ، بەلكى ئىچكىرىلەپ كىرىپ جەۋھەرنى قازىدۇ، شەكىل ياكى سۆز ئارقىسىدىكى مەنىنى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇھىمى مەنىنى يورۇتۇش، مەزمۇننى ئېچىپ چىقىش ۋە مۇددىئانى تېپىشتۇر.

6. تەنقىدچىلىك ئالاھىدىلىكى

تەنقىدچىلىك ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭ رەقىبلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلىش مېتودى مەزكۇر قاراشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ تەھلىل قىلىش، پىرىنسىپلارغا سېلىپ كۆرۈش، ئۇنىڭدىكى خاتالىق سەۋەبىنى ئىزدەش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلاتتى.

ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ كالام ئىلمىدىكى مېتودىدىكى ئالاھىدىلىكلەردىن كېلىپ چىققان كالامىي قاراشلار

شەكسىزكى، ئىمام ماتۇرىيدىي ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىنى ئەقىل يولى بىلەن قوغداشتا ئىمام ئەشئەرىي بىلەن بىرلىكتە ئەھلى سۈننەت ئىلمى كالامىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كالام ئىلمىدىكى مېتودىدىكى ئالاھىدىلىكلەردىن كالامىي مەسىلىلەردە ئەشئەرىيلەر، مۆتەزىلە ۋە باشقا مەزھەبلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان قاراش ۋە نەزەرىيەلىرى بولغان. ئىمام ماتۇرىيدىي بېكىتكەن كالام ئاساسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىش مۇمكىن:

1. ئاللاھنى پاكلاش ۋە ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىشنى رەت قىلىش. بۇ نۇقتىدا ماتۇرىيدىيلار ئەشئەرىيلەر بىلەن بىردەك. مەسىلەن، زاھىرىي كۆرۈنۈشىدىن ئاللاھ تائالا بىلەن مەخلۇقاتلار ئوخشاشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئايەتلەرنى تەۋىل قىلماستىن، ئەرەب تىلىدا ئادەتتتىكى بىر ئەرەب چۈشەنگەندەك چۈشىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.

2. ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ ياخشى ياكى يامان دېگىلى بولىدۇ. بەزىسىنى ئەقىل ياخشى ياكى يامان دەپ ئايرىيالايدۇ. بەزىسىنى شەرىئەت ئايرىپ بەرمىسە ئەقىل ئايرىيالمايدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، شەرىئەت كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە تەكلىيف يوق. بۇ نۇقتىدا مۆتەزىلىلەردىن پەرقلىق تۇرىدۇ.

3. بەندىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە كەسپ مەسىلىسىدە، ئىمام ئەشئەرىي بىلەن ئوخشاشلا ئىنساننىڭ قىلغان – ئەتكىنى ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشى ۋە ئىنساننىڭ قىلىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. لېكىن ماتۇرىيدىيلار بەندىنىڭ كەسپ قىلىشى ئەشئەرىيلەردەك كەسپنى بىرەر ئىشقا ئۇدۇل كېلىشى دەپ قارىماي، بىر ئىشنى قىلىشقا بولغان ھەقىقىي قۇدرەت دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتىدا ماتۇرىيدىيلار مۆتەزىلىلەردىن پەرقلىق تۇرىدۇ.

4. ماتۇرىيدىيلار نەزىرىدە چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغۇچى تەۋبە قىلماي دۇنيادىن كەتكەن تەقدىردىمۇ دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ. خالىسا ئۆز پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارغا رەھمەت ۋە ئېھسان قىلىپ ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ. خالىسا قىلمىشلىرىغا لايىق ئازابلايدۇ. دېمەك، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. بۇ نۇقتىدا ماتۇرىيدىيلار مۆتەزىلىلەردىن پەرقلىق تۇرىدۇ.

5. ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلىرى ھېكمەت ئاساسىدا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەكىمدۇر. يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشقا مەجبۇر ئەمەستۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا تېخىمۇ ياخشى بولغان ماۋۇ ئىشنى قىلىشى كېرەك ئىدى، دېيىلمەيدۇ. ئاللاھتائالانىڭ نېمە قىلىشىنى بىركىم سوراق قىلالمايدۇ. ئاسىيلارنى جازالاش، ئىتائەتمەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۆزى بىلگەن ھېكمەت ئۈچۈندۇر. ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئاسىيلارنى جازالاش، ئىتائەتمەنلەرنى مۇكاپاتلاشقا ۋەدە بەرگەن. ۋەدىسى ئىجرا قىلىنىدۇ دېگەن. بۇ نۇقتىدىمۇ ماتۇرىيدىيلار مۆتەزىلىلەردىن پەرقلىق تۇرىدۇ.

دېمەك، ماتۇرىيدىي مەزھىبى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە ئەشئەرىيلەر ۋە ئەھلى ھەدىسلەر بىلەن بىر مەۋقەدە تۇرۇش بىلەن بىرگە، قارشى پىرقىلەرگە ۋە ئازغۇن تائىپەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشتە بەزىبىر تارماق مەسىلىلەردە تۇتقان پوزىتسىيىسى مەسىلىنىڭ تەبىئىتىگە قاراش پەرقلىنىدۇ.

ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلار ئارىسىدا

ئەشئەرىيلەر بىلەن ماتۇرىيدىيلار بىرلىكتە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە مەزھىبىنى تەشكىل قىلىدىغانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى قىسمەن تارماق مەسىلىلەردىن باشقا كۆپ جەھەتلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىشىدۇ. ماتۇرىيدىي مەزھىبىدىكى ئەبۇليۇسر بەزدەۋىي (ھ. 421 – 493 / م. 1030 – 1100) ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنىڭ ئوتتۇراھاللىق سەۋەبلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ مەزھىبىمىز ئوتتۇراھال مەزھەپ، بىز بىلەن ئەشئەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ساناقلىقلا مەسىلىلەردىن باشقىلىرىدا ھېچبىر قاراش ئوخشىماسلىقى يوق»(12).

ئالىملار ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ يېزىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئىمام تاجۇددىن سۇبكىي (ھ. 727 – 771 / م. 1327 – 1370) «القصيدة النونية» ناملىق كىتابىدا بۇ مەسىلىلەرنى 13 مەسىلە دەپ سانىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئالتە مەسىلىنى قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەر، قالغانلىرىدىكى شەكىل جەھەتتىكى قاراش ئوخشىماسلىقى، قاراش ئوخشىماسلىقى ئاساسەن ئۈچ مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، دېگەن(13). ئابدۇرراھمان شەيخ زادە داماد ئەفەندى (ۋاپاتى ھ. 1078 / م. 1667) «نظم الفرائد وجمع الفوائد» ناملىق كىتابىدا ئۇنى 40 مەسىلە دەپ سانىغان(14). ھەسن ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن ئەبۇ ئۇزبە (ۋاپاتى ھ. 1225 / م. 1810) «الروضة البهية فيما بين الأشاعرة والماتريدية» ناملىق كىتابىدا 13 مەسىلە دەپ سانىغان(15). ئىبنى كامال باشا (ھ. 873 – 940 / م. 1468 – 1536) «مسائل الاختلاف بين الأشاعرة والماتريدية» ناملىق كىتابىدا 11 مەسىلە دەپ سانىغان. ئىمام مۇھەممەد ئابدۇھ (ھ. 873 – 1849 / م. 1468 – 1905) «العقائد العضدية»گە يازغان ئىزاھىدا ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى 10 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇ شەكىل جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق، دەپ يەكۈنلىگەن(16).

قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاراش ئوخشاش بولمىغان بۇ مەسىلىلەر ئەھلى قىبلىدىن ھېچكىمنى كاپىرغا ياكى پاسىققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، بەلكى بۇ يەردىكى ئىختىلاپ ھەقنى تېپىش مەقسىتىدىكى ئىنسانىي ئىزدىنىشتۇر، خالاس!

ماتۇرىيدىي مەزھىبى بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلار

ماتۇرىيدىي ئەقىدىسى بىر قانچە باسقۇچ ۋە دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئۆزىگە خاس ئالىملىرى بولغان.

1. قۇرۇلۇش باسقۇچى

بۇ باسقۇچقا مەزھەپ پېشۋاسى ۋە قۇرغۇچىسى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي ۋاپات تاپقۇچە ئۆزى بىر قوللۇق باشچىلىق قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ھاياتىدا كۆپ خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.

2. تەرەققىي قىلىش باسقۇچى

بۇ باسقۇچ ھ. 333 – يىلىدىن ھ. 500 – يىلىغىچە (م. 945 – 1107) بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمام ماتۇرىيدىينىڭ بىۋاسىتە شاگىرتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ دەۋرىدۇر. بۇ دەۋردە فىقھىي تەرەپ غالىب كەلگەن بولۇپ، ئۇ دەۋرنىڭ ئالىملىرى ئىمام ماتۇرىيدىينى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھىنى نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ فىقھىي مىراسلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلارنىڭ ئىلمى كالام مەسىلىلىرىدىكى سۆزى ئاز بولغان.

3. پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى

بۇ باسقۇچ ئەقىدە بابىدا كۆپ ئەسەر يېزىلغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنى قائىدىلەشتۈرۈش ۋە ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلىشقا كېڭىيىش، ئىنچىكە ۋە مەخسۇس شەكىلدە كىتاب يېزىش باسقۇچىدۇر. ئىمام ئەبۇلمۇئىن نەسەفىينىڭ «تبصرة الأدلة» ناملىق كىتابىغا ئوخشىغان ماتۇرىيدىيچە كالامىي قامۇس دەپ سانىلىدىغان چوڭ ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن.

بۇ باسقۇچنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادەملىرى:

1)  مەيمۇن ئىبنى مۇھەممەد مەكھۇل ئەبۇلمۇئىن نەسەفىي. (ھ. 438 – 508 / م. 1038 – 1114) ئەبۇلمۇئىن نەسەفىي مەزھەپ پېشۋاسى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيدىن قالسىلا، ماتۇرىيدىيلارنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئادىمى ھېسابلىنىدۇ. ماۋارائۇننەھردىكى نەسەف دېگەن شەھەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنى چوڭقۇر ۋە كەڭ شەرھلەپ يېزىش تۆھپىسى بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ماتۇرىيدىي ئىدىيەسىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى خالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نەشر قىلىنغان. ئۇلاردىن: «تبصرة الأدلة»، «التمهيد لقواعد التوحيد»، «بحر الكلام»، «تصيد القواعد في علم العقائد»، «مناهج الاقتداء بالأئمة المهتدين» قاتارلىقلار.

2)  نۇرىددىن ئەھمەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سابۇنىي ئەلبۇخارىي (ۋاپاتى ھ. 580 / م. 1184). «البداية من الكفاية في الهداية في أصول الدين» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

3)  نەجمىددىن ئۆمەر نەسەفىي (ھ. 461 – 537 / م. 1068 – 1142). زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمدە «ئىنسى – جىنلارنىڭ مۇپتىسى» دەپ ئاتالغان. ماتۇرىيدىي ئالىملىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولۇپ، 550 نەپەر غوللۇق ئۇستازىدىن دەرس ئالغان ۋە ئۇستازلىرى توغرىسىدا ئالاھىدە كىتاب يازغان. ئۇ ھاياتىدا يۈزگە يېقىن ئەسەر يازغان بولۇپ، تەپسىر، سەمەرقەند ئالىملىرى ۋە بۇخارا تارىخى ھەققىدە كىتاب يازغان. «ئەلئەقائىدۇننەسەفىييە» دېگەن كىتابى كۆپ شۆھرەت قازانغان ۋە يېقىنقى دەۋرگىچە ئەزھەردە ئوقۇشلۇق قىلىنغان.

4. ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنىڭ تارقىلىش باسقۇچى

بۇ باسقۇچ ھ. 8 – ۋە 9 – ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ماتۇرىيدىيلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىدىندۇر. بۇ دەۋرنىڭ كاتتىلىرىدىن:

1) ئەبۇلبەرەكات ھافىزۇددىن نەسەفىي (ھ. 620 – 710 / م. 1223 – 1310). «مدارك التنزيل وحقائق التأويل» ناملىق تەپسىرنىڭ مۇئەللىپى. ئۇنىڭ ئەقىدىدە «العمدة» ۋە ئۇنىڭ شەرھى «الاعتماد في الاعتقاد» دەپ كىتابلىرى بار.

2) كامالۇددىن ئىبنى ھۇمام (ھ. 790 – 861 / م. 1388 – 1457). تېگى تۈركىيە سىۋاستىن، ئىسكەندەرىيەدە تۇغۇلۇپ، قاھىرەدە ۋاپات بولغان. ئىززۇددىن ئابدۇسسالام ئىبنى ئەھمەد (ھ. 775 – 859 / م. 1374 – 1455)، بەدرۇددىن ئەلئەينىي (ھ. 762 – 855 / م. 1361 – 1451)، ۋە ۋەلىيۇددىن ھافىز ئىراقىي (ھ. 762 – 826 / م. 1360 – 1422) غا ئوخشاش ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ئالىملىرىدا ئوقۇغان. ئىسلامىي پەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يۇقىرى ئىمتىياز ھاسىل قىلغان. «فتح القدير» «المسايرة في العقائد المنجية في الآخرة» ناملىق كىتابلىرى مەشھۇردۇر.

5. پېشۋالىق باسقۇچى

بۇ باسقۇچ ھ. 10 – ئەسىردىن باشلىنىپ، ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋاملاشقان. بۇ دەۋردە ماتۇرىيدىي ئەقىدىسى ئوسمانىيلارنىڭ قوللىشى بىلەن نوقۇل تارقىلىشتىن پېشۋالىققا يۆتكەلگەن بولۇپ، ئوسمانىيلار دۆلىتى فىقھىدا ھەنەفىي مەزھىبىنى، ئەقىدىدە ماتۇرىيدىي مەزھىبىنى تۇتاتتى. بۇ باسقۇچتا ئوسمانىيلارنىڭ نوپۇزى ۋە تېررىتورىيىسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تەڭ ماتۇرىيدىي مەزھىبىمۇ بىللە كېڭىيىپ، تۈركىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ۋە ئىرانغا تارالغان. بۇ باسقۇچنىڭ كاتتىلىرىدىن:

1) بەيازىي زادە دەپ تونۇلغان «إشارات المرام من عبارات الإمام أبي حنيفة النعمان في أصول الدين» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى رىملىق ئىمام كامالۇددىن ئەھمەد ئەلبەيازىي (ھ. 1044 – 1098 / م. 1634 – 1687).

2) «شرح الفقه الأكبر» ۋە «المرقاة شرح المشكاة» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى ئىمام موللا ئەلى قارىي ئىبنى سۇلتان مۇھەممەد ھىرەۋىي ھەنەفىي (ھ. 930 – 1014/ م. 1524 – 1606). قىرائەت ئىلمىدە پېشۋا بولغانلىقى ئۈچۈن، «موللا ئەلى قارىي» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ كۆپ قىرلىق ئالىملاردىن بولۇپ، ئاتاقلىق مۇھەددىس، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسۇلىي(17) ۋە فەقىھ، مۇپەسسىر، كالامشۇناس، ئەدىب ۋە تارىخچىدۇر. ھەرخىل ساھەدە بولۇپ 185 دەك كىتاب يېزىپ قالدۇرغان.

3) ئىمام مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىي. (ھ. 1296 – 1371/ م. 1878 – 1952). «تأتيب الخطيب» ۋە «تبيين كذب المفتري» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى. ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئىسلام ئالىملىرى ھەيئىتىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

ھازىرقى دەۋردە ماتۇرىيدىي يۆنىلىشى ئەزھەر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدەك بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئەقىدە دەرسلىكىدە ئەشئەرىي يۆنىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە.

ماتۇرىيدىي مەزھىبى ۋە ئۇيغۇرلار

ئىمام ماتۇرىيدىي ياشىغان ئاخىرقى مەزگىللەردە ھەزرىتى سۇلتان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان (ۋاپاتى ھ. 344 / م. 955) قاراخانىيلارنىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي ھالدا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى بىردىنلا تېزلەشكەن ۋە بىرلا ۋاقىتتىلا نەچچە ئون مىڭلىغان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى مۇسۇلمان بولغان ھەمدە ئىسلام ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا باشلىغان. تارىخىي مەنبەلەردە دېيىلگەندەك، بۇ شانلىق ھادىسىلەرنىڭ روياپقا چىقىشىدا ماۋارائۇننەھر ئالىملىرى ۋە دەۋەتچىلىرىنىڭ رولى چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ماتۇرىيدىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئىسلام شۇ چاغلاردىن تارتىپلا ماۋارائۇننەھر ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقلىملىرىغا فىقھىدا ھەنەفىي مەزھەپ، ئەقىدىدە ماتۇرىيدىي يۆنىلىشى بويىچە كىرگەن. مەھمۇد (ھ. 398 – 499/ م. 1008 – 1105)، يۈسۈف خاس ھاجىپ (ھ. 410 – 478/ م. 1019 – 1085)(18)، لاردىن تاكى ئابدۇقادىر دامۇللام (ھ. 1281 – 1343/ م. 1865 – 1924)(19) ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم (ھ. 1334 – 1413/ م. 1916 – 1993)(20) لارغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسنى مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ساقلاپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. ساتۇق بۇغراخان بىزلەرگە ئىسلامنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن بولسا، ئىمام ماتۇرىيدىي بىزلەرگە ئىسلامدىكى توغرا ئەقىدىنىڭ ئەندىزىسىنى تەشكىل قىلىپ بەرگەن. ساتۇق بۇغراخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان تەسىرى قانچىلىك چوڭ بولسا، ئىمام ماتۇرىيدىينىڭمۇ بىز تۈركىستانلىقلارغا ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە قالدۇرغان تەسىرى شۇنچە چوڭدۇر. ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى زوردۇر.

جانابىي ئاللاھدىن ئۇلارغا چەكسىز رەھمەت ۋە مول مەغپىرەت تىلەيمىز. ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ بىباھا مىراسلىرىغا ئىگە بولىدىغان، ئۇلارنىڭ توغرا يولىنى بويلاپ ماڭىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى سورايمىز.

پايدىلانغان كىتابلار:

1.  إمام أهل السنة والجماعة أبو منصور الماتريدي وآراؤه الكلامية للدكتور علي عبد الفتاح المغربي – مكتبة وهبة.

2.  الوسيط في عقائد الإمام الماتريدي ونقده للمسائل الكلامية عند المخالف للدكتور محمد خليل النويهي – دار النور المبين.

3. التعريف بالمدرسة الماتريدية للدكتور عواد محمود عواد سالم – دار الإمام الرازي.

4. تاريخ المذاهب الإسلامية للإمام محمد أبي زهرة – دار الفكر العربي.

5. رجال الفكر والدعوة فى الإسلام للشيخ أبي الحسن الندوي – دار ابن كثير.

6. «قۇتادغۇبىلىك»، يۇسۇپ خاس ھاجىب.

—————————————————–
1. مۇئتەزىلە: قۇرغۇچىسى ۋاسىل ئىبنى ئەتانىڭ باشچىلىقىدا ھ. 2 / م. 8 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان كەلامىي پىرقە بولۇپ، ئەقىدىلەرنى بېكىتىشتە ئەقىلنى نەقىلنىڭ ئالدىغا قويغان ۋە توغرا – خاتانى ئەقىل ئايرىيالايدۇ، دەپ قارىغان. يەنە تەۋھىد، ئادالەت، ئىككى مەنزىلە ئوتتۇرىدىكى مەنزىلە، قۇرئان مەخلۇق دېگەندەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان.
2. كەررامىيە: قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى كەررامغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 3 / م. 9 – ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ، كىشى دىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ تىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۆمىن بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى زاھىرىي چۈشىنىش ۋە ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىشلىرى بىلەن تونۇلغان.
3. قەرمەتىيە: قەرمەت دەپ تونۇلغان ھەمدان ئىبنى ئەلئەشئەسكە نىسبەت بېرىلگەن تائىپە بولۇپ، ھ. 3 / م. 9 – ئەسىردە كۇفەدە پەيدا بولغان، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىي ئېتىقادتىكى زىندىقلادۇر. ئۇلارنىڭ يىلتىزى شىئەلەرنىڭ باتىنىي پىرقىلىرىدىن بولغان ئىسمائىلىييە پىرقىسىگە تۇتۇشىدۇ. بۇلار ئابباسىيلار دۆلىتىگە ئىسيان قىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا نۇرغۇن مالىمانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
4. جەھمىيە: قۇرغۇچىسى جەھم ئىبنى سەفۋان ئەتتىرمىزىيغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 2 / م. 8 – ئەسىردە تىرمىزدا پەيدا بولغان بولۇپ، كىشى تىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ دىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۆمىن بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشاتماسلىق ئۈچۈن قول ۋە يۈز دېگەندەك سۆزلەرنى تەۋىل قىلىش، ئەزەلىي سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېيىشتەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان.
5. ئەتتەمىمىي، «ئەتتەباقاتۇسسەنىييە»، 2 – توم، 411 – بەت.
6. تاشكۆپرۈلۈزادە ئەھمەد ئىبنى مۇستافا. (ھ. 901 – 968 / م. 1495 – 1561) ئوسمانلى تارىخىدىكى تۇنجى ئىلىم تارىخچىسى ۋە ئېنسىكلوپىدىيە ئالىمى.
7. بۇ كىتابى «بۇستانۇل ئارىفىن» نامىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
8. شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىنىڭ «رجال الفكر والدعوة فى الإسلام» ناملىق كىتابى، 197 – بەت.
9. «بەقەرە» سۈرىسى، 143 – ئايەت.
10. ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ «تاريخ المذاهب الإسلامية» ناملىق كىتابى، 185 – ، 186 – بەتلەر.
11. ئەبۇ زەھرە. زىكىر قىلىنغان كىتاب. 187 – بەت.
12. ئەبۇليۇسر بەزدەۋىي. «أصول الدين»، 250 – بەت.
13. تاجۇددىن سۇبكىي. «طبقات الشافعية الكبرى»، 3 – توم، 250 – بەت. ئۇنىڭ«القصيدة النونية» ناملىق قەسىدىسىمۇ مەزكۇر كىتابىنىڭ ئىچىدە كەلگەن.
14. بۇ كىتاب ھ. 944 – يىلى ۋاپات بولغان ئابدۇررەھىم شەيخى زادىگە خانا نىسبەت بېرىلگەن.
15. ئەبۇ ئۇزبە «الروضة البهية فيما بين الأشاعرة والماتريدية»، 39 – بەت.
16. ئىمام مۇھەممەد ئابدۇھ. «التعليقات على شرح الدواني على العقائد العضدية».
17. ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىغا چوڭقۇرلاپ چۆككەن كىشىگە دېيىلىدۇ.
18. مەسىلەن، ئەللامە يۇسۇپ خاس ھاجىب ھەزرەتلىرى «قۇتادغۇبىلىك» 47 – ، 48 – بېيتلارغا ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتەزىلىلەرگە قارشى بىر ئەقىدىسى، ئۇ بولسىمۇ قىيامەت بولغاندا جەننەتتە مۆمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالانى خۇددى تولۇن ئاينى ئوپئوچۇق كۆرگەندەك ئوپئوچۇق كۆرىدىغانلىقى سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

ئىلاھا، كۇزەتكىن بۇ كۆڭلۈمنى سەن،

قوپاردا رەسۇلۇللە قوپار مېنى تەڭ.

قىيامەتتە كورسەت تولۇندەك يۇزىن،

قولۇم تۇتقۇچى قىل ئىلاھا ئوزىن.

يەنە، تۆت ساھابىنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا 51 – ۋە ئۇندىن كېيىنكى بېيتلاردا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ جىمى ساھابىلارنىڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكى، ئاندىن ئۆمەر فارۇق، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغان. بۇ ماتۇرىدىيلار باشچىلىقىدىكى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدىسى. بۇ ئەلىنى ھەممە ساھابىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان شىئەلەرگە رەددىيەدۇر.

يەنە، 18- ، 19-بېيتلاردا ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنغا موھتاج ئەمەسلىكى ۋە ھېچبىر ئورۇندا ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ماتۇرىدىيلار باشچىلىقىدىكى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدىسى مۇنداق بايان قىلىنغان.

نە ئالدى، نە كېيىن، نە ئوڭ – سولدا ئۇ،

نە پەستە، ئېگىزدە، نە ئۇدۇلدا ئۇ.

ئورۇن ئول ياراتتى، ئورۇن يوق ئاڭا،

ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا.

19. شېھىد ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىدە ئىكەنلىكىگە يېزىپ قالدۇرغان «ئەقائىدى زەرۇرىييە» ۋە «جەۋاھىرۇل ئەيقان»(قوليازما) ناملىق ئەقىدە رىسالىلىرى ئېنىق ئىسپاتتۇر.
20. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم رەھىمەھۇللاھنىڭ تالىبلىرىغا ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنىڭ ۋەكىللىك كىتابلىرىدىن بولغان «ئەلئەقائىدۇننەسەفىييە»نى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتقانللىقى تالىبلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم يەنە ئىمام ھەسەن ئابدۇلقاھھار نەشرگە تەييارلاۋاتقان «فرائد البيان في نصيحة الإخوان» ناملىق قەسىدىسىدە: «واتباعا لأهل سنة في العقيدات وفي الحكم مذهب النعمان» دەپ ئۆزىنىڭ ئەقىدىدە ئەھلى سۈننەت، فىقھىدا ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىشنى تاپىلىغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.