ئىككى دۇنيا ئېسىلزادىسى نەفىسە خانىم

ئىككى دۇنيا ئېسىلزادىسى نەفىسە خانىم

(ھ. 145 – 208 / م. 762 – 823)

مەنال ئەلمەغرىبىي

 

ئابىد ۋە زاهىد، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە دۇئاسى ئىجابەتلىك، قېتىرقىنىپ ئىبادەت قىلغانلىقتىن ئاللاھ نۇرغۇن كارامەتلەر بىلەن ھۆرمەتلىگەن بىر ئايال باركى، ئۇ قاھىرەدىكى مەشھۇر چوڭ قەبرىگاھنىڭ ساھىبەسى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادى ھەسەن ئىبنى زەيد ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەلىنىڭ قىزى نەفىسە خانىمدۇر.

ئىمام زەھەبىي ئۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئابىدە ۋە سالىھە ئاياللاردىن ئىدى. مىسىرلىق نادان كىشىلەرنىڭ ئۇ توغرۇلۇق شىرككە تولغان، تەسۋىرلىگۈسىز ناتوغرا ئېتىقادلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەيتتى. بۇلار شىئە ئىسمائىلىيە دەۋەتچىلىرىنىڭ سۇيىقەستىدۇر».

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئۇ ھ. 145 – يىلى 11 – رەبىيەلئەۋۋەل / م. 762 – يىلى، 9 – ئىيۇن چارشەنبە مەككە مۇكەررەمەدە تۇغۇلغان. بەش يېشىغىچە مەككەدە تۇرۇپ، كېيىن دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كۆچۈپ كەتكەن. «قۇرئان كەرىم»نى سەككىز يېشىدا يادلاپ پۈتتۈرگەن. ئۇ مەدىنەدە پەيغەمبەر مەسجىدىگە بېرىپ – كېلىپ، مەسجىد ئۆلىمالىرى ۋە شەيخلىرىدىن كۆپلەپ ئىلىم ئۆگەنگەنلىكتىن، توي قىلىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا «ئىلىم نەفىسەسى (ئىلىم گۈزىلى)» دەپ نام ئالغان. ئۇ 30 قېتىمدىن كۆپرەك ھەج قىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ھەجلىرىگە پىيادە بارغان.

نىكاھ تۇرمۇشى

نەفىسە خانىم ھ. 161 – يىلى رەجەب / م. 785 – يىلى ئاپرىلدا جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىسھاق مۇئتەمەن بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇ ئىككىيلەننىڭ تويلىشىشى بىلەن ھەسەن – ھۈسەين نۇرى بىرلىشىدۇ ۋە نەفىسە خانىم ئىككى دۇنيا ئېسىلزادىسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، نەفىسە خانىمنىڭ بوۋىسى ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىسھاقنىڭ بوۋىسى بولسا ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ يولدىشى ئىسھاققا قاسىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ. ئىسھاق ئۆزىنىڭ سالىھلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى.

زاهىدلىقى

ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى ئۇلۇغ بوۋىسى (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ ھەرەمىدە ئۆتكۈزەتتى. ئۇ داۋاملىق ئاخىرەتنى كۆز ئالدىدا تۇتاتتى، ھەتتا ئۇ دەپنە قىلىنغان قەبرىسىنى ئۆز قولى بىلەن كولىغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئۇ يەردە قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ 190 قېتىم «قۇرئان» ئوقۇغان ئىدى.

ئۇنىڭ قېرىندىشى يەھيانىڭ زەينەب ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، مەخسۇس ھاممىسى نەفىسەنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاممام نەفىسە خانىمغا 40 يىل خىزمەت قىلدىم. ئۇنىڭ كېچىسى ئۇخلىغانلىقىنى، ئىككى ھېيت ۋە تەشرىق(1) كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە روزىسىز قالغانلىقىنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭغا:

— ئۆزىڭىزگە ئىچ ئاغرىتمامسىز؟ — دېسەم، ئۇ:

— ئالدىمدا پەقەت نىجات تاپقۇچىلارلا بېسىپ ئۆتەلەيدىغان داۋانلار تۇرسا، قانداقمۇ ئۆزۈمگە ئىچ ئاغرىتاي؟! — دېگەن ئىدى. ھاممام ‹قۇرئان›نى يادا ئوقۇپ تەفسىر قىلاتتى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ‹قۇرئان› ئوقۇيتتى».

نەفىسە خانىم مىسىردا

نەفىسە خانىم قاھىرەگە ئىمام شافىئىي كېلىشتىن بەش يىل بۇرۇن يەنى ھ. 193 – يىلى رامازان ئېيىنىڭ 26 – كۈنى / م. 809 – يىلى، 14 – ئىيۇل شەنبە كەلگەن بولۇپ، ئۇنى مىسىر خەلقى تەكبىر ۋە تەھلىل بىلەن قارشى ئالغان ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋاقتى زىچ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئادەتلەنگەن ئىبادەتلىرىگە ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مەن يېنىڭلاردا تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان ئىدىم، بىراق مەن ئاجىز ئايالمەن، ئەتراپىمدا كىشىلەر كۆپىيىپ مېنى ئىبادەت ۋەزىپىلىرىمدىن(2) ۋە ئاخىرەت ئوزۇق – تۈلۈكۈمنى توپلاشتىن مەشغۇل قىلىپ قويدى، ھالبۇكى، مۇستافا بوۋامنىڭ باغچىسى(3)غا بولغان سېغىنىشىم كۈچىيىپ كەتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ئەنسىرەپ، كۆچۈپ كەتكىلى قويمىدى. نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر، بەلكى پۈتۈن شەھەر خەلقى چىقىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ قېلىشى، ئۆزلىرىدىن ئايرىلماسلىقى ئۈچۈن يولدىشىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى، ھەتتا شەھەر ۋالىيسى سەرىي ئىبنى ھەكەم ئىبنى يۈسۈفمۇ ئارىلىشىپ، ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى ھەدىيە قىلدى. ئاندىن ھەپتىدە ئىككى كۈننى كىشىلەر ئىلىم ۋە نەسىھەت تەلەپ قىلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىدىغان، ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم گۈزىلى نەفىسە خانىم مىسىر خەلقىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، رازىمەنلىك بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۇرۇپ قالدى.

ئەمىرلەر ئارىسىدىكى مەرتىۋىسى

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەمىرنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلەر بىر پۇقرانى جازالاش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا، نەفىسە خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇقرا نەفىسە خانىمدىن ئامانلىق تىلەپ ۋارقىرايدۇ. نەتىجىدە، نەفىسە خانىم «ئاللاھ سەندىن زالىملارنىڭ كۆزلىرىنى توسقاي!» دەپ، ئۇنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. لەشكەرلەر ئۇ كىشىنى ئەمىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەمىرگە: «ئۇ نەفىسە خانىمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئامانلىق تىلەپ دۇئا تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خانىم ئۇنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويدى» دەيدۇ. نەتىجىدە، ئەمىر: «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىشىگە مېنىڭ زۇلۇمىم يېتىپ قالغانمىدۇ؟! مەن ساڭا تەۋبە قىلىمەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن» دەپ، ئۇ كىشىنى قويۇۋېتىدۇ، ئاندىن مال – مۈلكىنى توپلاپ، بىر قىسمىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

نەفىسە خانىم ئىنقىلاب خانىمىدۇر

تارىخشۇناس ئەھمەد ئىبنى يۈسۈف قارامانىي ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا(4) نەفىسە خانىمنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ: كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋالىينىڭ زۇلۇمىدىن پاناھلىق سورىغاندا، ئۇ ۋالىيغا قارشى كىشىلەرنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ۋالىي قوشۇنىنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان. ۋالىي نەفىسە خانىمنى كۆرۈپ ئېتىدىن چۈشكەن، ئاندىن نەفىسە خانىم ئۆزى يازغان خەتنى ئۇنىڭغا بەرگەن. خەتتە: «سىلەر ھۆكۈمران بولۇپ ئەسىر ئالدىڭلار، قۇدرەتلىك بولۇپ باستۇردۇڭلار، غوجىدار بولۇپ بۇزۇقچىلىق قىلدىڭلار، ئاشلىقلارغا ئىگە بولۇپ بېسىۋالدىڭلار. سىلەرمۇ بىلىسىلەركى، سەھەر ئوقلىرى(5)، بولۇپمۇ سىلەر ئاغرىتقان قەلبلەر، ئاچ قويغان جىگەرلەر ۋە يالىڭاچ قويغان بەدەنلەردىن ئېتىلغان ئوقلار چوقۇم دەل جايىغا تەگمەي قالمايدۇ. مەزلۇمنىڭ ئۆلۈپ، زالىمنىڭ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، بىز ئاللاھقا شىكايەت قىلىمىز. پات يېقىندا زالىملار ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. قارامانىي ۋالىينىڭ ئۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئىمام شافىئىينىڭ ۋەسىيىتى

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، نەفىسە خانىم بىلەن قويۇق ئىلمىي مۇناسىۋەت باغلايدۇ. ئىمام شافىئىي ئۇنى فۇستات مەسجىدى(6)دىكى دەرس سورۇنلىرىغا مېڭىش ۋە ئۆيىگە قايتىش يولىدا يوقلاپ تۇراتتى، رامازان ئېيىدا ئۇنىڭ مەسجىدىدە ئۇنىڭغا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ بېرەتتى، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنىڭدىن دۇئا تەلەپ قىلاتتى. ئىمام شافىئىي نەفىسە خانىمدىن ئۆزىنىڭ جىنازا نامىزىغا ناماز چۈشۈرۈپ قويۇشىنى ۋەسىيەت قىلغان بولۇپ، ھ. 204 / م. 820 – يىلى ئۇ ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ جىنازىسى نەفىسە خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، نەفىسە خانىم ئۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇنىڭغا ناماز چۈشۈرۈپ قويغان(7).

ۋاپاتى

نەفىسە خانىم ھ. 208 – يىلى رەجەب ئېيى / م. 820 – يىلى نويابىردا ئاغرىپ قېلىپ، كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. رامازان بولغاندا كېسەل ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ ئۇنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا دوختۇر ئەكەلدۈرگەن. دوختۇر ئۇنى ئىپتار قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇ:

«ئەجەبا 30 يىلدىن بېرى ئاللاھتىن ئۇنىڭغا روزىدار ھالىتىمدە ئۇچرىشىشىمنى تىلەپ يۈرۈپ، ئەمدى بولغاندا ئىپتار قىلىۋېتىمەنمۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس!» دېگەن. ئاندىن ئۇ سۈرە 6/«ئەنئام»نى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئوقۇشقا باشلىغان. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿پەرۋەردىگارىنىڭ يېنىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر﴾(6/«ئەنئام»: 127) دېگەن سۆزىگە كەلگەندە ھوشىدىن كەتكەن. جىيەن قىزى زەينەب: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى باغرىمغا باستىم. شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان ھالدا روھى ئاسماندىكى ياراتقۇچىسىنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى» دەيدۇ.

مىسىر ئەھلى ئۇنىڭغا يىغلاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغان. يولدىشى ئىسھاق ئۇنى (ئۇلۇغ) بوۋىسى(8)نىڭ يېنىغا _ بەقى قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ كەتمەكچى بولغاندا، مىسىر خەلقى ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئېسىلىۋېلىپ، يولدىشىدىن نەفىسە خانىمنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ رەت قىلغان. بىراق، ئۇ چۈشىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەفىسەنى ۋاپات بولغان يېرىگە دەپنە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، يولدىشى نەفىسە خانىمنى مىسىردا ئۆزى بىر قوللۇق كولىغان قەبرىسىگە دەپنە قىلغان. ئۇ دەپنە قىلىنغان كۈن كىشىلەر ناھايىتى كۆپ يىغىلغان بىر كۈن بولغان ئىدى.

ئاللاھ تائالا پاك ۋە شەرەپلىك، ئىلىم گۈزىلى، ئىككى دۇنيا ئېسىلزادىسى بولغان نەفىسە خانىمدىن رازى بولسۇن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئۇنىڭ بىلەن نېمەتلىك جەننەتلەردە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر ۋە سالىھلار بىلەن بىرگە قىلغىن، ئەنە شۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار – ھە! بارلىق گۈزەل ماختاشلار پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

مەنبە: السيدة نفيسة … كريمة الدارين – منال المغربي – https://www.alukah.net.

تەرجىمىدە: ئۇممۇ ئىبراھىم

————
1. زۇلھەججەنىڭ 11 – ، 12 – ، 13 – (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 -) كۈنلىرى.
2. «قۇرئان»دىن ياكى زىكرىدىن كېچىسى ئوقۇلىدىغان مۇھىم بۆلەكلەر كۆزدە تۇتۇلغان.
3. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئۆيى (ھازىرقى قەبرىسى بار جاي) بىلەن مەسجىدىدىكى مۇنبىرى ئارىلىقىدىكى مۇبارەك جاينى دېمەكچى.
4. «أخبار الدول وآثار الأول في التاريخ» دېگەن كىتابىنى دېمەكچى.
5. سەھەردە قىلىنغان مەزلۇملارنىڭ دۇئاسى كۆزدە تۇتۇلغان.
6. مىسىردىكى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىنا قىلغان جامە.
7. شەرئىي جەھەتتىن، ئايال كىشىنىڭ مەسجىدتە ياكى ئۆيدە يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ جىنازىغا ناماز چۈشۈرىشىدە بىرەر چەكلىمە يوق.
8. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دېمەكچى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ