(ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نوئمان، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل)
«مەن توغرىمۇ قىلىدىغان، خاتالىشىپمۇ قالىدىغان بىر ئىنسانمەن. كۆزقاراشلىرىمغا قاراڭلار، ‹قۇرئان› ۋە ‹سۈننەت›كە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى تەرك ئېتىڭلار».
— ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس
بەزى كىشىلەر: «ئىسلام دىنى ئىجتىھادقا، ئەقىلگە ئورۇن بەرمىگەن قاتمال بىر دىن. ئۇ زامان – ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىدىغان مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلاشمايدۇ» دېيىشىدۇ. بۇ قاراشتىكى كىشىلەر ئېتىراپ قىلماي ئامالى يوق ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە خەۋىرى يوق. ئەگەر ئۇلار ئىسلام دىنىنى ۋە ئىسلام تارىخىنى خۇنۈكلەشتۈرۈمەكچى بولغان تارىخ تاجاۋۇزچىلىرىدىن يىراق ھالدا تەتقىق قىلغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن ھەربىر زامان ۋە ھەربىر ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان قىلىپ بېكىتكەن ئۇلۇغ بىر دىن ئىكەنلىكىنى، ئىسلام تارىخىنىڭ فىقھىي ساھەسىدىكى خىلمۇخىل ئىجتىھادلار بىلەن توشقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ساھابەلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان بولسا، ساھابەلەر ئوتتۇرىسىدىكى فىقھىي ئىجتىھادلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىلا بار ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەن بولاتتى.
ئىسلام دىنى باشقا دىنلارغا ئوخشاش كاھىنلىق دىنى ئەمەس. خىرىستىيانلارنىڭ كاتولىك مەزھىبىدىكىدەك مۇقەددەس روھ تەجەللى بولىدىغان «گۇناھسىز پاپا» ھەم ئىسلامدا مەۋجۇد ئەمەس. شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدىكىدەك بۇيرۇقلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولغان «فەقىھ ئىمام» دېگەن ئاتاقنى ئىسلام ئەسلا تونۇمايدۇ. شۇنداقلا جامىيە ۋە مەداخىلە(1) پىرقىسىگە ئوخشاش «گۇناھ – مەئسىيەتتىمۇ ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولىدىغان ئىش بېشى ۋە ھۆكۈمدار» ئۇقۇمىنىڭ ئىسلامدا ھېچ ئورنى يوقتۇر. كوممۇنىستلارغا ئوخشاش خەلق مەنپەئەتىنى ئۆزۈملا بىلىمەن دەپ كىشىلەرنى دىكتاتورلارچە باشقۇرىدىغان «يېتەكچى رەھبەر» ئىسلامدا يوق. شەخسلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خاتالاشمايدىغان مەسۇملار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۇقۇمىمۇ ئىسلامدا مەۋجۇد ئەمەس. ئەلبەتتە، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالا گۇناھلاردىن ساقلاپ قالغان ۋە ھەربىر چوڭ – كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان. چۈنكى، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. ئەمما، جانابىي پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان مەسۇم ئەمەستۇر، ھەتتا ساھابەلەرمۇ شان – شەۋكىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەنمۇ گۇناھتىن خالىي ئەمەستۇر. ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان ئىدى: «مۇشۇ قەبرىنىڭ ئىگىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ گېپى قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى رەت قىلىنىدۇ (ئەمما بۇ زاتنىڭ گېپى پەقەت رەت قىلىنماي قەتئىي قوبۇل قىلىنىدۇ)».
ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس تارىختا تۆت ئىمام دەپ ئاتاشقا بىرلىككە كېلىنگەن تۆت شەخسنىڭ بىرى. ئۇلار: ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نوئمان، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىقلاردۇر. بۇ تۆتەيلەن مۇسۇلمانلارنىڭ (فىقھ ساھەسىدىكى) تۆت ئىمامى بولۇپ، بىر – بىرىگە يېقىن بولغان زاماندا ياشىغان. ھەربىرى ئىسلام فىقھىدا ئىجتىھاد قىلغان ۋە فىقھ پىرىنسىپلىرىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بەزى تارماق مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. مانا مۇشۇ ئوخشاش بولمىغان تارماق مەسىلىلەر تۆت فىقھىي مەزھەبنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تۆت مەزھەب بولسا، ئۆزلىرىگە يەتكەن دەلىللەرگە ۋە شۇ دەلىللەرگە بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن بەزى تارماق مەسىلىلەرنى بايان قىلىشقا كۈچىگەن تۆت خىل يۆنىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام تارىخىدا بۇ تۆت ئىمامدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزىگە خاس فىقھىي يۆنىلىشلىرى بولغان ئۆلىمالار ئۆتكەن. لېكىن، تۆت ئىمامنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ فىقھىسىنى زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىگە تارقىتىشى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بۇ تۆت ئىمامنىڭ فىقھىسىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ مەشھۇر بولۇشىنى خاھلىغان ئىكەن. بەزى فىقھىي يۆنىلىشلىرى ئۇستازلىرىدىن ئالغان ئىلىمنى تارقىتىدىغان تىرىشچان شاگىرتلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك شۆھرەت قازىنالمىغان ئىدى. بۇ تۆت مەزھەبنىڭ كېلىپ چىقىشى نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باغلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئىسلام دۆلىتى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۆلىمالارنىڭ يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقۇشى تۈپەيلىدىن «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تە ئېنىق سۆزلەنمىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇم پىرىنسىپلار بويىچە ئىجتىھاد قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقىدۇر. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، فەقىھ (فىقھىشۇناس) نىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن بەزى ھەدىسلەردىن خەۋەر تاپمىغانلىقىدۇر. مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ يېڭى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى، شۇ شەھەرلەردىكى ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ئىش ئىدى. تۆت ئىمامنىڭ مەزھەبلىرىگە ئوخشاش خىلمۇخىل مەزھەبلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ، تەپەككۇر يوللىرىنىڭ، ھاسىل قىلغان ئىلىملىرىنىڭ بىر خىل بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بىر مەسىلىدىكى قاراشلىرىنىڭ ھەرخىل بولۇشىدۇر. بۇ تۆت ئىمام تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە مۇنۇلار:
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نوئمان رەھىمەھۇللاھ
تولۇق ئىسمى نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى نوئمان ئىبنى زۇتا ئىبنى ماھتۇر. كۈچلۈك قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ زات پارس نەسلىدىندۇر. ھ. 80 – (م. 699) يىلى كۇفەدە تۇغۇلۇپ، ھ. 150 – يىلى (م. 767) باغداتتا ۋاپات بولغان. ئەبۇ ھەنىفە فىقھ ئىلمىدا كامالەتكە يېتىپ ئىراقتا داڭ چىقارغان ئۇلۇغ ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن «قۇرئان» ۋە ھەدىستە دەلىل كەلمىگەن جايلاردا ئۆز قارىشى بويىچە ئىجتىھاد قىلىشنى ئۆگەنگەن ئىراق ئالىملىرىغا ئوخشاش ئىجتىھاد قىلىشقا مايىل ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇللاھ ئبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۇفەگە مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىراققا كەلگەندىن كېيىن ئىراقتا مەدىنەدە دۇچ كېلىپ باقمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەقىلگە تايانغان ھالدا ئىجتىھاد قىلماي بولمىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ مەزھىبىنى ئىراق، تۈركىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىسلام دىيارلىرىغا تاراتقان.
ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھ
ئۇ زات ھىجرەت يۇرتىنىڭ ئىمامىدۇر. تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئامىر ئەسبەھىي ھىميەرىي مەدەنىي. ھ. 93 – يىلى (م. 712) مەدىنەدە تۇغۇلغان ۋە 189 – يىلى (م. 795) ۋاپات تاپقان. مەدىنەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە مەدىنەدە ئىلىم ئالغان. ئۈزلۈكسىز ئىلىم ئېلىپ ۋە ھەدىس توپلاپ، ئاخىرىدا ھىجاز ئالىملىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىلمى خەلق ئارىسىدا مەسەلگە ئايلىنىپ، «مەدىنەدە مالىك بارلا بولىدىكەن، پەتۋا بېرىلمەيدۇ»(2) دېيىلگەن. ئابباسىيلار خەلىفەسى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ھەجگە كەلگەندە ئىمام مالىك بىلەن كۆرۈشۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى ۋە فىقھىي مەسىلىلەر توپلانغان بىر كىتاب تۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىمام مالىك فىقھ ۋە ھەدىس توغرىسىدا «ئەلمۇۋەتتا» دېگەن كىتابىنى تۈزگەن. مانا بۇ كىتاب فىقھ بابلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە تۈزۈلۈپ، بىزگە تولۇق يېتىپ كەلگەن تۇنجى ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئىمام مالىك شۇ ئارقىلىق ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ھەدىس كىتابى تۈزگەن ئالىم، ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل دىنىي، مەدەنىي ۋە ئىلمىي تەرەپلىرىدىكى ئىسلامىي كىتابلاردىن ئىبارەت ئۇزۇن ۋە گۈللەنگەن بىر تارىخنىڭ بايراقدارى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى خەلىفە ھارۇن رەشىدنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كىتابنى ئۆز دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا زۆرۈر بولغان، رىئايە قىلىش ۋاجىب بولغان كىتاب قىلىشنى قارار قىلغان. لېكىن، ئىمام مالىك ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق ئۈچۈن نەسىھەت قىلىپ: «بۇنداق قىلمىغايلا. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كەڭرىتىپ بەرگەن ئىشنى سىلى تارلاشتۇرمىغايلا!» دېگەن. ئىمام مالىك ئەمەلگە ئائىت مەسىلىلەردە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى دەلىل مەنبەلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ مەزھەب پىرىنسىپلىرىدىن بىرى قىلىش بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەنگەن. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دەپ دەلىل قىلاتتى، چۈنكى مەدىنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئىلگىرىكى ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان ئىدى. ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى مەدىنە، مىسىر، ئافرىقا، مەغرىب، ئەندەلۇس، سۇدان قاتارلىق ئەللەرگە تارقالغان.
ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابباس ئىبنى شافىئي ئەلقۇرەشىي. نەسەبى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ بوۋىسى ئابدۇمەنافتا ئۇچرىشىدۇ. پەلەستىننىڭ غەززە شەھرىدە ھىجرىيەنىڭ 150 (م. 767) – يىلى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋاپات بولغان يىلى تۇغۇلغان ۋە 204 (م. 820) – يىلى مىسىردا ۋاپات تاپقان. ئىمام شافىئىي «قۇرئان كەرىم»نى مەككەدە يادلىغان ھەمدە تىل ۋە شېئىرىيەت ئۆگەنگەن بولۇپ، پاساھەتلىك شائىر ئىدى. كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات پەنلىرىنى، «قۇرئان»، فىقھ ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئەقىللىقلىقى، يادلاش قۇۋۋىتىنىڭ ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن تونۇلغان. ئىمام شافىئىي يىگىرمە ياشقا توشقاندا ئىراققا بارغان ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىلىم ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەدىس ئەھلىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئىجتىھاد ئەھلىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزىدە جۇغلىغان. ئۇنىڭ مەزھىبى ئىلگىرىكى مەزھەبلەرنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئالدىنقى ئىككى مەزھەبنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرا يول بولغان ئىدى.
ئىمام شافىئىي باغدادقا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان. ئاندىن كېيىن مەككەگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز مەزھىبىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئاخىرىدا مىسىرغا كەلگەن ھەمدە ئۇ يەردە باشقا يەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆرپ – ئادەت ۋە تۈزۈملەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىراقتىكى ئىجتىھادلىرىغا ئوخشىمايدىغان بەزى يېڭى ئىجتىھادلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شافىئىي مەزھىبى مىسىر، شەرقىي ئافرىقا، شام ۋە مەغرىبنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىغا كەڭ تارقالغان.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ
تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل شەيبانىي ھۇزەلىيدۇر. نۇرغۇنلىغان تارىخچىلار ئۇنى ئۆز زامانىسىنىڭ ئاقارتقۇچىسى دەپ قارىغان. ئۈممەت ئالىملىرى ئۇنى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ دىننى قوغداشتا ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاتقان. مۇئتەزىلەلەر تارقاتقان «قۇرئان يارىتىلغۇچىدۇر» دېگەن فىتنەنىڭ ئالدىدا خۇددى مۇستەھكەم تاغدەك تەۋرەنمەي تىك تۇرغان. ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ساقلىغاندەك ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بىلەنمۇ ساقلاپ قالغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھ. 164 (م. 780) – يىلى باغداتتا تۇغۇلغان بولۇپ، 241 (م. 855) – يىلى باغدادتا ۋاپات تاپقان. ئىلىمنى دەسلەپتە باغداتتا ئاندىن شام، ھىجاز ۋە يەمەندە ئالغان. ئۇ ئىمام شافىئىي باغداتتا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ئىمام شافىئىينىڭ قېشىدا تۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان. ئىمام شافىئىي ئۇ توغرىسىدا: «باغدادتىن ئايرىلدىم. ھالبۇكى، ئارقامدا ئىبنى ھەنبەلدىنمۇ بەكرەك تەقۋادار، زاهىد ۋە ئىلىملىك بىرەرسى قالمىدى» دېگەن. ئىمام ئەھمەدتىن نۇرغۇن ئۆلىمالار ئىلىم ئالغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارمۇ بار. بۇ زات نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدا 750 مىڭدىن كۆپرەك ھەدىس ئىچىدىن تاللاپ يازغان «ئەلمۇسنەد» دېگەن كىتابى بار. ھەنبەلىي مەزھىبى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، شام، مىسىر ۋە ئىراق ئەللىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان.
ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىئىي توغرىسىدا: «شافىئىي دۇنيا ئۈچۈن گويا بىر قۇياش، ئىنسانلار ئۈچۈن گويا بىر ئابىھايات ئىدى» دېگەن(3). ئىمام شافىئىي ئىمام مالىك توغرىسىدا: «ھەدىس ساھەسىدە مالىك گويا كۆكتىكى چولپاندۇر» دېگەن(4). ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىئىي توغرىسىدا: «مەن قىرىق يىلدىن بۇيان ھەربىر نامىزىمدا شافىئىي ئۈچۈن دۇئا قىلدىم» دېگەن(5). ئىمام شافىئىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفە توغرىسىدا: «بارلىق كىشىلەر فىقھىدا ئەبۇ ھەنىفەگە موھتاجدۇر» دېگەن(6). ئىمام ئەھمەد ئىمام مالىك توغرىسىدا: «مالىك بىر ئىلىم پېشۋاسىدۇر. ئۇ ھەدىس ۋە فىقھ ئىمامىدۇر. مالىكتەك بىر كىشى ئىش – ئىزلىرىغا ئەقىل ۋە ئەدەپ بىلەن ئەگىشىشكە تېگىشلىك» دېگەن. ئىمام شافىئىي ئىمام ئەھمەد توغرىسىدا: «باغداتتىن چىقتىم، ھالبۇكى، ئارقامدا ئەھمەدتىنمۇ ئىلىملىك، فەقىھ ۋە تەقۋادار بىرەر كىشى قالمىدى» دېگەن(7). ئۇ يەنە: «مەن ئەھمەدتىنمۇ ئەقىللىق بىرەرسىنى كۆرمىدىم» دېگەن(8).
بۇ دىننىڭ گۈزەللىكىگە قاراڭلار! بۇ تۆت كاتتا ئىمامنىڭ كۆزقاراشلىرى بىر – بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت روھى مەۋجۇد ئىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىناق ياشىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسىنى ياراتقان. سىز بۇنى مىسال تەرىقىسىدە خىرىستىيانلارنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىگە قىلىشقانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئۇلار ئۆزئارا مەزھەب ئىختىلاپلىرى سەۋەبلىك بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن. رۇم كاتولىك خىرىستىيانلىرى قەدىمكى مىسىردا قىبتىي خىرىستىيانلارنى قايناپ تۇرغان ياغقا تاشلىغان. سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى ئورتودوكس خىرىستىيانلىرى كاتولىك خىرىستىيانلارنى قەتل قىلغان. كاتولىك خىرىستىيانلىرى ئىسپانىيەدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك يەر ئاستى زىندانلىرىدا پروتېستانت خىرىستىيانلىرىنى ئازابلىغان ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن. پروتېستانت خىرىستىيانلىرى بولسا ئېرلاندىيەدىكى كاتولىك خىرىستىيانلىرىنى ئەزگەن. ئورتودوكسلار كاتولىك ئەسكەرلىرىنىڭ كونىستانتىنوپولدىن مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا شەھەرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بەرگەن چاغدا، كاتولىكلار ئورتودوكس قىزلارنى بۇلىغان. مۇسۇلمانلار بولسا، بۇ تۆت مەزھەبنى ئەينى مەكتەپتە، ئەينى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇپ كەلمەكتە. پەقەت بۇلا ئەمەس، بەلكى خىلمۇخىل تائىپىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوينىدا تولۇق ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىغان. ھالبۇكى، ياۋروپانىڭ خىرىستىيان پادىشاھلىرى بولسا خەلقلىرىنى ئۆزى ئەگەشكەن مەزھەبكە ئەگىشىشكە قىستايتتى. كىمكى بۇنىڭغا قارشى چىقسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ياكى سۈرگۈن بولاتتى. مانا بۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي پروتېستانت، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي كاتولىك، يۇنان خەلقىنىڭ بولسا پۈتۈنلەي ئورتودوكس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ئۆز خەلقلىرىنى ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان مەزھەبكە ئەگىشىشكە مەجبۇرلىغان.
بىزگە ئىسلام نېمىتىنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئىسلام دىنى دۇنياغا ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن تىنچ بىللە ياشاش سەنئىتىنى ئۆگەتكەن ئۇلۇغ بىر دىندۇر.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: نۇرىددىن
1. يېقىنقى زاماندا سەئۇدىيدا پەيدا بولغان ئازغۇن پىرقىلەر.
2. يەنى ئۇ بار يەردە باشقىلارنىڭ پەتۋاغا سالاھىيىتى توشمايدۇ.
3. ئىبنى ئابدۇلبەر، «الانتقاء في فضائل الثلاثة الأئمة الفقهاء»، 73 – بەت.
4. قازى ئىياز ، «ترتيب المدارك وتقريب المسالك لمعرفة أعلام مذهب مالك»، 1/101.
5. ئىمام غەززالىي، «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/44.
6. ئەلخەتىب، «تارىخۇ باغداد»، 13/162، 346.
7. ئەلخەتىب، «تارىخۇ باغداد»، 6/99.
8. زەھەبىي، «تارىخۇلئىسلام»، 6/369.