ئىسلام تارىخىدىكى ئۆچمەس ئانىلار

ئىسلام تارىخىدىكى ئۆچمەس ئانىلار

خەدىجە يۈسۈف

 

ئايال كىشى ئانا بولسۇن ياكى بىر ھەمشىرە بولسۇن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ بىرىنچى يادروسىدۇر، ئەرلەرگە ياردەم بېرىش، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىدە رولى ناھايىتى چوڭدۇر. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى خەدىجە(1) رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسا كېرەك. ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن تېپىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى بۈيۈك بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، ئائىلىدە بىر مۇكەممەل ئايال، بالىلار ئۈچۈن مۇكەممەل بىر ئانا ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر قىزىغا گۈزەل خىسلەتلەرنى مىراس قالدۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نېمىدېگەن ياخشى يۆلەنچۈكى بولغان – ھە!

كۆپىنچە ئالىملار ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ زىچ ئۇيۇشۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنىڭ تۈپ ئامىلىنى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلام دىنىغا مەھكەم ئېسىلغان مۇسۇلمان ئايال دەپ قارايدۇ. ئۇ شۇنداق بىر ئايالكى، بالىسىنىڭ دۇنيا ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئاخىرەت ئوغلانلىرىدىن بولۇشىنى ۋە ئىسلام ئۈچۈن ياراملىق ئادەملەردىن بولۇشىنى ھەممىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. مۇسۇلمان ئايال بىر قولىدا بالىسىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا بالىسىنىڭ بىلىكىنى (كەلگۈسىگە) تەييارلايدۇ – دە، بالىنىڭ ھاياتى چاھارپايلارنىڭكىدەك بولمايدۇ. چوڭ دەۋەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرگەن كۆچەتلىرىدۇر. بىز ئايال كىشىنىڭ رولىنى ئۇنۇتقان ۋە ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قاراشقا باشلىغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئۆز ئەقىدىسىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارايدىغان، دىنىي قىياپەتتىن ئەسەر يوق بىر تۈركۈم ئەۋلادلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. ئۇلارنى بىر مەررە غەربنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ئۆزىگە تارتسا، يەنە بىر مەررە شەرقنىڭ نازۇكەرەشمىلىرى ئۆزىگە تارتماقتا.

تارىختا سېخىي بۇلاق كەبى نۇرغۇن ئۈلگىلىك ئانىلىرىمىز ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۇلار تىككەن كۆچەتلەرنىڭ مېۋىسىدۇر.

«ئەگەر ئاياللار يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئاياللار ئەرلەردىن ئۈستۈن بولغان بولاتتى» دېگەن كىشى نېمىدېگەن توغرا ئېيتقان – ھە! ئەي ئىسلام قىزى! مانا بۇ سېنىڭ رولۇڭدۇر، بۇ ياققا كەل!

 

شائىرە خەنساﺋ تۇمازىر(2)

مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنلىرى توپلىنىپ، قادىسىييە جېڭىگە(3) تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا، خەنساﺋ تۆت ئوغلىنى ئېلىپ پارسلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلانغان مۇجاھىدلارغا قېتىلغانىدى. خەنساﺋ ئوغۇللىرىنى مىڭلىغان چېدىرلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چېدىرغا توپلاپ، مۇنداق ۋەسىيەت قىلىدۇ: «بالىلىرىم، سىلەر ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن مۇسۇلمان بولدۇڭلار ۋە ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ھىجرەت قىلدىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىر ئايالنىڭ بالىلىرىدۇرسىلەر. مەن داداڭلارغا خىيانەت قىلمىدىم، تاغاڭلارنى رەسۋا قىلمىدىم، ئابرويۇڭلارنى تۆكمىدىم ۋە نەسەبىڭلارنى بۇلغىمىدىم. سىلەر ئاللاھنىڭ كافىرلارغا قارشى تۇرۇشتا مۇسۇلمانلارغا تەييارلىغان كاتتا ساۋابلىرىنى بىلىسىلەر. بىلىپ قويۇڭلاركى، باقىي ئالەم پانىي ئالەمدىن ياخشىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىدامچان بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»، 200). ئاللاھ خالىسا ئەتە سالامەت تاڭ ئاتقۇزساڭلار، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئاللاھتىن نۇسرەت تىلەپ دۈشمىنىڭلارغا ئېتىلىڭلار».

تاڭ يورۇپ قوشۇنلار تىزىلىپ، ئىككى تەرەپ جەڭگە چۈشكەندىن كېيىن، خەنساﺋ بالىلىرى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ خەۋەرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا بالىلىرىنىڭ شەھىد بولغانلىق خەۋىرى يەتكەندە، ئۇ: «مېنى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! مەن پەرۋەردىگارىمدىن مېنى ئۇلار بىلەن رەھمەت قارارگاھىدا جەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ.

 

ئىمام سۇفيان سەۋرىي(4)نىڭ ئانىسى

سۇفيان سەۋرىي ئەرەبلەرنىڭ فەقىھى، مۇھەددىسى ۋە ھەدىسشۇناسلىرىنىڭ ئەمىرىدۇر. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ۋە نەپىقىسىگە كېپىل بولغان سالىھە بىر ئانىسى بار ئىدى. سۇفيان سەۋرىي ئەنە شۇ ئانىسىنىڭ «مېۋە»سىدۇر. سۇفيان سەۋرىي ئېيتىدۇ: «ئىلىم ئۆگەنمەكچى بولغان ۋاقتىمدا: ‹ئى رەببىم! ماڭا تۇرمۇش لازىم بولىدۇ، مەن ئىلىمنىڭ يوقاپ كېتىۋانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆزۈمنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئاتىدىم› دېدىم ۋە ئاللاھتىن يېتەرلىك رىزىق سورىدىم».

نەتىجىدە، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە بولۇپ، ئانىسىنى ئۇنىڭغا ھامىي قىلىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا: «بالام! سەن ئىلىم ئوقۇۋەرگىن، مەن يىپ ئېگىرىپ سېنى باقىمەن» دەيدۇ. ئانىسى ھەرزامان ئوغلىنى ئىلىم ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. ئۇ بىر قېتىم ئوغلىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بالام! 10 ھەرپ يازساڭ، ئۆزۈڭدە تەقۋالىق، ئېغىر – بېسىقلىق ۋە سالماقلىقنىڭ ئاشقان – ئاشمىغانلىقىغا قارا. ئەگەر ئاشمىغان بولسا، بىلگىنكى، ئۇ يازغىنىڭ ساڭا زىيان سېلىپتۇ، پايدا بەرمەپتۇ». ئۇنىڭ ئانىسى مانا مۇشۇنداق بولغاچقا، سۇفيان ئەنە شۇنداق يېتىشىپ چىققان ئىدى.

 

ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس([5])^نىڭ ئانىسى

ئىبنى ئەبۇ ئۇۋەيس ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ ئانىسى توغرۇلۇق مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن تاغام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ئانام كىچىك ۋاقتىمدا كىيىمىمنى كىيگۈزۈپ، سەللەمنى ئوراپ قوياتتى ۋە مېنى رەبىيئە ئىبنى ئابدۇرراھماننىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ: ‹بالام! رەبىيئەنىڭ ئىلىم سورۇنىغا بارغىن، ئۇنىڭدىن ھەدىس ۋە فىقھ ئۆگىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆگەنگىن› دەيتتى».

 

ئىمام شافىئىي(6)نىڭ ئانىسى

ئىمام شافىئىينىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ئەجىر قىلىپ، ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىينى ئىمام قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. ئانىسى ئۇنى غەززەدىن مەككەگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىمام شافىئىي مەككەدە يەتتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا «قۇرئان كەرىم» ئۆگىنىشنى باشلىۋېتىدۇ. كېيىن ئانىسى ئۇنى ئەرەب تىلىنى پىششىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن يېزىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇنىڭغا چەۋەندازلىق ۋە ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىتىدۇ. ئىمام شافىئىي ئوق ئېتىشنى 100 دانە ئوق ئاتسا بىرسىمۇ نىشاندىن قېيىپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە پىششىق ئۆگىنىدۇ. ئانىسى ئىشلارنى شارائىتقا يۆلەپ قويماي، ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلىگەن ئىدى. ئىمام مالىك ئۇنىڭ پەتۋا بېرىشىگە ئىجازەت بەرگەندە، ئۇ 15 ياشتا ئىدى.

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇنىڭ ئانىسى ئەقىللىق ۋە فەقىھ ئايال ئىدى. تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىر ئايال ۋە بىر ئەر بىلەن قازىنىڭ ئالدىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن. قازى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇ: «ياق! ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتىنى تىلاۋەت قىلغان: ﴿ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتى ۋە دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 282). شۇنىڭ بىلەن قازى ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش تۇتقان.

ئىمام شافىئىينىڭ ئانىسى ئوغلىنى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ: «ئەي ئوغلۇم! راستچىل بولۇش ھەققىدە ماڭا ۋەدە بەرگىن» دېگەندە، ئىمام شافىئىي راستچىللىقنى ياشاش يولى ۋە مەسلەك قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. ئىمام شافىئىي ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر يېتىم بالا بولۇپ، ئانامنىڭ تەربىيەسىدە ئىدىم، ئانامنىڭ مۇئەللىمگە بەرگۈدەك ھېچنەرسىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇستازىمنىڭ ئېغىر – يېنىك ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەنلىكىم ۋە ئۇ يوق ۋاقىتلاردا كىچىك بالىلارغا قاراپ، ئۇنىڭ ئېغىرىنى يېنىكلىتىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ مەندىن رازى بولغانىدى. مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدا ‹قۇرئان›نى يادلىدىم، 10 ياش چېغىمدا ‹ئەلمۇۋەتتا›(7)نى يادلىدىم. ‹قۇرئان›نى يادلاپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدكە كىردىم. مەسجىدتە ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولاتتىم، ھەدىس ياكى ھەر خىل مەسىلىلەرنى يادلايتتىم. بىزنىڭ ئۆي ھىف جىلغىسىدا ئىدى. مېنىڭ دەپتەر سېتىۋالغۇدەكمۇ پۇلۇم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستىخانلارنى تېرىپ، ئۇستىخانغا خەت يازاتتىم ھەمدە باشقىلاردىن خەت يېزىقلىق خەت – چەكلەرنى سوراپ، شۇنىڭ كەينىگە خەت يازاتتىم. ئانامنىڭ قېشىغا كەلگىنىمدە: ‹ئانا! مەن ئىلىم ئۈچۈن ھەممىگە چىداش كېرەكلىكىنى ۋە مۇئەللىمنىڭ ئەدەب – ئەخلاقىنى ئۆگىنىپ كەلدىم› دەيتتىم».

 

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل(8)نىڭ ئانىسى

ئىمام ئەھمەدنىڭ ئانىسى سەفىييە بىنتى مەيمۇنە بىنتى ئابدۇلمەلىك بولۇپ، سەفىييەنىڭ ئېرى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل 30 يېشىدا ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا سەفىييە تېخى 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى. ئۇ شۇنداقتىمۇ، ياتلىق بولۇشقا رازى بولماي، بالىسىنىڭ ھاياتىنى مېھرى – مۇھەببەت ۋە ساداقەت بىلەن تولدۇرماقچى بولدى. نەتىجىدە، ئۇ مۇئمىنلەر دۇنياسىغا ۋە دىندارلار ئالەمىگە ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىمامى بولغان ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى تەقدىم قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!

 

ئىمام بۇخارىي(9)نىڭ ئانىسى

ئىمام بۇخارىي ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە يېتىم ھالدا چوڭ بولغان. ئانىسى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيەچىسى ئىدى. ئۇنىڭغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە دۇئا قىلىپ تۇراتتى. شۇنداقلا ئوغلىنى سالىھ بولۇشقا ۋە ئىلىم ئۆگىنىشگە ئۈندەيتتى. ئانىسى ئۇنى 16 يېشىدا ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككەگە سەپەر قىلىدۇ ھەمدە ئوغلىنىڭ مەككە ئەھلىنىڭ تىلى بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى مەككەگە قويۇپ قايتىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ئۇ ئۇستازىنى «(ھەدىس ساھەسىدە) بۇخارىيدىنمۇ ئۈستۈن كىشى يوق» دېگۈزگۈدەك دەرىجىدە ھەدىس ئەھلىنىڭ پېشۋاسى بولىدۇ.

 

شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييە(10)نىڭ ئانىسى

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەلىدىم، سېنى ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىۋەتتىم، ساڭا شەرىئەت بويىچە تەلىم بەردىم. بالام! ماڭا نىسبەتەن، ماڭا يېقىن تۇرۇشۇڭنى دىنىڭغا يېقىن تۇرۇشۇڭدىن ۋە ھەر خىل شەھەرلەردە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىشتىن سۆيۈملۈكمىكىن دەپ قالما. بالام! سەن دىنىڭغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قانچە خىزمەت قىلساڭ، مەن سەندىن شۇنچە رازى بولىمەن. بالام! ئەتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەن سېنىڭ مەندىن يىراق تۇرغانلىقىڭ ھەققىدە سوراپ ھېساب ئالمايمەن، چۈنكى مەن سېنىڭ قەيەردە، نېمە ئىشلار بىلەن بولغانلىقىڭنى بىلىمەن. لېكىن، ئەھمەد! ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭغا خىزمەت قىلىشقا سەل قارايدىغان بولساڭ، مەن سەندىن چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب ئالىمەن».

بۇ خەت ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ كىشىلەرگە دىن ئۆگىتىش ئۈچۈن مىسىردا تۇرۇپ قېلىشنى مۇھىم دەپ قاراپ، (ئانىسىنىڭ قېشىدا بولالماي) مىسىردا تۇرۇپ قالغانلىقىغا ئۆزرە ئېيتىپ ئانىسىغا خەت يازغىنىدا، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان جاۋاب خېتىدۇر. ئۇنىڭ ئانىسى نېمىدېگەن ئەركەك يۈرەك ئايال – ھە!

بىز قەلبلەرگە قارايدىغان بولساق، ئىنسان قەلبىنىڭ ئالىيجاناب بولۇشى ئىنسانغا ئېسىللىكنى، ئىنسان قەلبىنىڭ ناچار بولۇشى ئىنسانغا پەسكەشلىكنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئانىنىڭ سۆزىنى شۇ ۋاقىتنىڭ يەكۈنى دەپ ئويلاپ قالماڭ، بەلكى ئۇ ئالىيجاناب ۋە پاك قەلبتىن ئېتىلىپ چىققان سۆزلەردۇر، بىز پەقەت مۇشۇ ئاخىرقىسىنىلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئەگەر بىز بۇ ئانىنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، بىر ئايال ئۈچۈن، ئەركەكلەرچە سوقىدىغان يۈرەك بىلەن يارىتىلىپ، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى داتلىنىدىغان ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشتىنمۇ ئارتۇق كامالەت يوق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ھەقىقەت قەلبكە ئورۇنلاشقان چاغدا، قەلبكە جۈرئەت، بەرقارارلىق، چىدامچانلىق ۋە شىجائەت بەخش ئېتىدۇ. بۇ ئانا ھەقىقەت بۇلاقلىرىدىن شەربەت ئىچىپ، ئۇنىڭغا سۇنماس ئىرادە، گاللاشماس ئەقىل، تۇتۇلماس تىل، كۈچلۈك قەلب ۋە ئۆچمەس نۇر ئاتا قىلىنغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق ئىمانى تەۋرەنمەس، پىكرى داۋالغۇماس بولغان بولسا كېرەك.

 

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي([11])^نىڭ ھەمشىرىسى سىتتۇررەكب

ئۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، ھۆسنخەت يازىدىغان ئاجايىب ئەقىللىق بىر قىز ئىدى. ئىبنى ھەجەر ئۇنى ماختاپ: «ئۇ ئانامدىن كېيىنكى ئانامدۇر» دېگەن. ئىبنى ھەجەر ھەمشىرىسىنىڭ شەيخلىرىنى ۋە مەككە، دەمەشق، بەئلەبەككە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىن ئالغان ئىجازەتلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئۇ خەتتاتلىقنى ئۆگەنگەن ۋە ‹قۇرئان›دىن خېلى كۆپ يادلىغان ئىدى. ئۇ كۆپ مۇتالىئە قىلاتتى. بۇ جەھەتلەردە ئۇ تولىمۇ چېۋەر ئىدى، ئۇ ماڭا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ مېنىڭ غەمگۈزارىم ۋە ھەمراھىم ئىدى، ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى». ئىبنى ھەجەر ھەمشىرىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاتاپ قەسىدە يازغانىدى.

 

ئابدۇرراھمان ناسىر(12)نىڭ ئانىسى

مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئابدۇرراھمان ناسىر ئەندەلۇسقا ۋالىي بولغان ۋاقىتتا، ئەندەلۇس چوڭ – كىچىك ئىسيانلار بىلەن تەۋرەۋاتقان، قانلار ئېقىۋاتقان بىر ۋىلايەت ئىدى. ئۇ ۋالىي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەندەلۇسنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈپ خاتىرجەم بولدى. ئاندىن ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ بىر ئۇرۇشتا بىر قورغاننى فەتىھ قىلىپ مېڭىپ، فرانسيەنىڭ ئىچىگە قەدەر ئىچكىرىلەپ كىرگەن، ھەتتا شۋېتسارىيەگىچە بارغان، ئىتالىيە تەرەپلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەل بولدى ۋە ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن تىترەپ تۇراتتى. قورتۇبە ئەمىرلىكنىڭ مەركىزى بولغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىفەسى قورتۇبە مۇنبەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. قورتۇبەنىڭ قانۇنلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن يۈرگۈزۈلدى. نەتىجىدە، قورتۇبە خەلىفەلىكنىڭ پايتەختىگە ئايلىنىپ، ياۋروپانىڭ پادىشاھ ۋە خاقانلىرى قورتۇبەگە دەۋا سۇنىدىغان، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئالىم – پەيلاسوپلىرى قورتۇبە ئىنستىتۇتلىرىغا كېلىپ – كېتىپ تۇرىدىغان بولغان ئىدى. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممسىدە، ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى ئۇنى تەربىيەلىگەن ئانىسى ئىدى. ئابدۇرراھماننىڭ كىچىك ۋاقتىدا تاغىسى دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ يېتىم ھالدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ تەربىيەسىگە ئانىسى مەسئۇل بولغانىدى.

 

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان(13)نىڭ ئانىسى

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئانىسى ئۇنى كىچىك چېغىدا، ھەربىر بامدات ۋاقتىدا قولىدىن تۇتۇپ كونستانتىنوپول (ھازىرقى ئىستانبۇل) نىڭ سېپىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاپىراتتى ۋە ئۇنىڭغا: «مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېيتقاندەك مۇشۇ سېپىللارنى فەتىھ قىلىسەن، سېنىڭ ئىسمىڭ مۇھەممەدتۇر» دەيتتى. كىچىك مۇھەممەد: «ئانا! بۇ چوڭ شەھەرنى قانداق فەتىھ قىلىمەن؟» دېگەندە، ئانىسى دانالىق بىلەن: «قۇرئان بىلەن، ھوقۇق بىلەن، قورال بىلەن، كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى بىلەن» دەيتتى.

مەن بۇ ئانىنىڭ تۆت ئىشنى تىلغا ئېلىپ قايتۇرغان دانا ۋە قىسقىغىنە شۇ جاۋابى ئالدىدا كۆپ ئويلىنىپ قالىمەن. بىز بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزدا كۆپىنچە مەلۇم بىر تەرەپكە مەركەزلىشىۋېلىپ، قالغانلىرىغا سەل قارايمىز.

 

بەدىئۇززامان نۇرسىي(14)نىڭ ئانىسى

ئاناتولىيەدىكى يېڭى زامان ئىسلام ئىسلاھاتچىسى دەپ سۈپەتلىنىدىغان بەدىئۇززامان نۇرسىينىڭ بۇ سۆزلىرىگە قاراڭ! ئۇ ئانىسنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تاھارەتسىز ئېمىتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېلىھەم ئېسىمدە، مەن ئالغان ئەڭ پىششىق دەرس بولسا ئانامنىڭ ئۈگۈتلىرى ۋە مەنىۋىي دەرسلىرىدۇر. بۇلار قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، مەن 80 مىڭ ئادەمدىن دەرس ئالغان بولساممۇ، 80 گە يېقىنلىشىپ قالغان ئۆمۈر مۇساپەمدە ئانامنىڭ ئۈگۈتلىرى قان – قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئىشەنچ بىلەن شۇنداق قارايمەنكى، قالغان باشقا دەرسلەر مۇشۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان».

 

مەنبە: (أمهات خالدات في التاريخ الإسلامي) http://islamstory.com

تەرجىمىدە: ئىلمىنۇر ئابدۇللاھ (يۇلتۇز)

———-
1. ھەزرىتى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ خَدِيجَةُ بِنْتُ خُوَيْلِدِ بنِ أَسَدٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 68 – ھ. بۇرۇن 3 / م. 555 – 620) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇنجى رەپىقىسى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غەمگۈزارى ۋە يۆلەنچۈكى بولغان دانا، ئېسىل زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كۇلسۇم ۋە فاتىمە قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى.
2. ئۇممۇ ئەمر خەنساﺋ تۇمازىر (الخنساء تماضر بنت عمرو السلمية، ھ. بۇرۇن 46 – ھ. 24 / م. 575 – 645) — ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر شائىرەلىرىدىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچرىشىپ مۇسۇلمان بولغان. قېرىندىشى سەخرگە ئوقۇغان مەرسىيەلىرى بىلەن تونۇلغان.
3. قادىسىييە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْقَادِسِيَّةِ): ھ. 15 – يىلى بارات ئاي / م. 636 – يىلى سېنتەبىردە ئىراقنىڭ كۇفە شەھرىگە 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قادىسىييەدە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن رۇستەم قوماندانلىقىدىكى 120 مىڭ كىشىلىك فارس قوشۇنى ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن، مۇسۇلمانلارغا شىمالىي ئىراق ۋە ئىراننىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقان 4 كۈنلۈك مەيدان ئۇرۇشىدۇر. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان ۋە رۇستەم ئۆلتۈرۈلگەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 588 – بەت.
4. ئەبۇ ئابدۇللاھ سۇفيان ئىبنى سەئىد ئىبنى مەسرۇق ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (سُفْيَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ مَسْرُوْقٍ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 97 – 161 / م. 715 – 778) — خۇراساندا تۇغۇلۇپ، بەسرەدە ۋاپات بولغان. شەيخۇلئىسلام، مۇھەددىسلەر پېشۋاسى، مۇجتەھىد، مۇستەقىل مەزھەب ساھىبى بولۇپ، مەزھىبى ھىجرىيە 7 – ئەسىرلەردىن كېيىن يوقالغان. تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ھەقنى سۆزلىگەنلىكتىن خەلىپە مەھدىي (م. 775 – 785) دىن قېچىپ يوشۇرۇنغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئەلجامىئۇل كەبىر»، «ئەلجامىئۇسسەغىر» قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرىنى قالدۇرغان.
5. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (الإمَامُ مَالِكُ بْنُ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ الأَصبَحِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) — مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، تەبەئى تابىئىن. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇۋەتتا» ئاتلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابى باردۇر.
6. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەلئابباس ئەششافىئىي ئەلمۇتتەلىبىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بْنُ إِدْرِيسَ بنِ الْعَبَّاسِ بْنِ عُثْمَانَ بْنِ الشَّافِعِ الشَّافِعِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) — مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «شافىئىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم. «ئەلئۇم»، «ئەررىسالە»، «ئەھكامۇل قۇرئان»، «جىمائۇل ئىلىم» ۋە «ئىختىلافۇل ھەدىس» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
7. «ئەلمۇۋەتتا»: ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن بىرگە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھابە قاراشلىرى، تابىئىنلارنىڭ پەتۋالىرى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىي قاراشلىرى قاتارلىقلارنى توپلاپ قەلەمگە ئالغان ئەسىرى. «قولاي، چۈشىنىشلىك، پىكىر بىرلىكىگە ئىگە كىتاب» دېمەكتۇر.
8. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَنْبَلٍ الشَّيْبَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) — باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، فەقىھ. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنبەلىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەھمەد» (چوڭ ھەجىملىك ھەدىسلەر توپلىمى)، «ئەززۇھد»، «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد» ۋە «ئەلئىلەل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.
9. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇغىرە ئەلجۇئفىي ئەلبۇخارىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بْنُ إِسْمَاعِيلَ بْنِ إِبْرَاهِيمَ بْنِ الْمُغِيرَةِ بْنِ بَرْدِزْبَهْ الجُعْفِي البُخَارِيُّ، ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) — ئەڭ مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس ئىللەتلىرىنىڭ دوختۇرى»، «ئەمىرۇلمۇئمىنىن» دەپ نام ئالغان مۇھەددىسلەر سەردارى. «سەھىھۇلبۇخارىي» نامى بىلەن مەشھۇر، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجامىئۇسسەھىھ»نىڭ مۇئەللىفى. ئۇندىن باشقا «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، «ئەتتارىخۇل كەبىر»، «ئەتتارىخۇسسەغىر»، «ئەتتارىخۇل ئەۋسەت»، «خەلقۇ ئەفئالىل ئىباد» ۋە «ئەززۇئەفاﺋ» قاتارلىق قىممەتلىك كىتابلارنى قالدۇرغان. سەمەرقەندتە روزا ھېيت كېچىسى ھىجرىيە ھېسابىدا 62 يېشىدا ۋاپات تاپقان.
10. شەيخۇل ئىسلام ئەبۇل ئابباس تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىييە ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىم ئەلھەررانىي (ابْنُ تَيْمِيَّةَ تَقِيُّ الدِّينِ أَبُو الْعَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ عَبْدِ الحَلِيم الحَرَّانِيُّ، ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) — قاراش ۋە تەنقىدلىرى بىلەن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا فەقىھ، سەلەفىي ئالىم، ئۇلۇغ مۇجتەھىد ۋە مۇجاھىد. ئەقىدە، تەپسىر ۋە فىقھتا «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، «مەجمۇئۇل فەتاۋا» (37 توم)، «دەرئۇ تەئارۇزىل ئەقلى ۋەننەقل» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.
11. ھافىز شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَجَرٍ العَسقَلانِيُّ، ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ ۋە تارىخچى. «فەتھۇلبارىي»، «بۇلۇغۇل مەرام»، «تەھزىبۇتتەھزىب»، «ئەددۇرەرۇل كامىنە» ۋە «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» قاتارلىق كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.
12. ئەبۇ مۇتەررەف ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي ئەنناسىر لىدىينىللاھ (عبد الرحمن بن محمد بن عبد الله الأموي القرشي الناصر لدين الله، ھ. 277 – 350 / م. 891 – 961) — ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ 8 – خەلىفەسى III ئابدۇرراھمان.
13. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىبنى مۇرادخان (ھ. 835 – 886 / م. 1432 – 1481) — ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ 4 – پادىشاھى. 1453 – يىل 29 – ماي كۈنى كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىپ ئوسمانلىلار بايرىقىنى ئىستانبۇلغا قادىغان.
14. بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي (Bediüzzaman Said Nursî، ھ. 1295 – 1379 / م. 1878 – 1960) — تۈركىيەلىك ئىسلام ئالىمى. مۇتەپەككۇر. نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئاتىسى مىرزا ئەپەندىم. ئانىسى نۇرىيە خانىمدۇر. «رەسائىلى نۇر»، «كەلىمات»، «ئىشاراتۇل ئىئجاز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ