(ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 43 / م. 573 – 664)
«كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئەمر ئىبنى ئاس مۇئمىن بولدى».
– مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
«رۇملۇقلارنىڭ ئەرتەبۇنىغا(1) ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنىنى سالدۇق».
– ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەي مۇسەيلىمە! سەن مېنىڭ سېنى كاززاب دەپ قارايدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىسەن».
– ئەمر ئىبنى ئاس
پەلەستىننىڭ رەفاھ شەھرىدىكى بىر مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان، بالاغەتكە يېتەي دەپ قالغان بالا چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى ئۇستازىمىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا: «بىز نېمىشقا مۇشۇنداق ئەرزىمەس سۈپەتتىكى كىشىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىمىز؟» دېدىم. دەرسلىك كىتابلىرىمىز «ئالدامچىلىق»لىرى ۋە «خىيانەت»لىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغاندا قەلبىم غەزەپ بىلەن ئۆرتىنەتتى. ئۇستازىمنىڭ ئۇ كىشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىمۇ مېنى قايىل قىلالمايتتى.
ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ئەگىشىپ بۇ كىشى توغرىسىدىكى گۇمانلىرىممۇ كۆپەيدى. لېكىن، بىر كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن كۆزۈمدىكى پەردە ئېچىلىپ، ئۇ كىشى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلىرىمدىن ياندىم. ھۆرمەتكە سازاۋەر، راستچىل ۋە ئۇلۇغلاردىن بىرى بولغان بۇ كىشى بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتتا ساھابەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ بۇ زات توغرىسىدىكى سەلبىي قاراشلىرىم بىكاردىنلا پەيدا بولۇپ قالمىغان بولۇپ، شۇ چاغدا مەن «تارىخ ھۇجۇمى»نىڭ قۇربانى بولغان ئىكەنمەن. بۇ ھۇجۇم تانكا، ئايروپىلانلار بىلەن ياكى مەدەنىيەتلەر ئۇرۇشىدەك پىكىر – ئىدىيەلەر بىلەن بولىدىغان ھۇجۇم ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ھۇجۇم ئىدى. چۈنكى، تارىخ ھۇجۇمى بۈگۈنگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، بۈگۈننىڭ ئاساسى بولغان ئۆتمۈشكىمۇ ھۇجۇم قىلاتتى. تارىخ ھۇجۇمى نەزەرىيەسى، يىغىپ ئېيتقاندا، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ تارىخ ساھەسىدىكى مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش نەزەرىيەسى دېمەكتۇر. بۇ ئىشغالىيەتچىلەر ئىسلام ئۈممىتى بېسىپ ئۆتكەن دەۋرلەرنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى ئىزدەش ياكى كۆز ئالدىمىزدىلا تارىخىمىزنى بۇلغايدىغان يالغان ھېكايىلەرنى توقۇشتىن بۇرۇن، كىشىنى بۇ ئۈممەتنىڭ تايانچلىرى توغرىسىدا شەك ۋە گۇمانغا سېلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار يەتكۈزگەن ياكى ئۇلار توغرىسىدا ئېيتىلغان رىۋايەتلەردىن شەكلىنىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلىشىدۇ.
ئاندىن بۇ نىيىتى يامانلار بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىزنى گۇناھكار جاللاتلارغا، ئالىملىرىمىزنى مەجنۇن ساراڭلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ يوق قىلىشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ياكى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى يالغان قەھرىمانلارنى مەدھىيەلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كاتتا ساھابەسى بولغان ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ئايلانسا، ئون مىڭلاپ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ناپالىئون(2) دەرسلىك كىتابلاردا مەڭگۈ خاتىرىلىنىدىغان كاتتا ئىستىلاچىغا ئايلىنىدۇ. ئايروپىلان كەشپ قىلغان ئالىم ئابباس ئىبنى فىرناس(3)نى ساراڭ دېيىشىپ، 100 مىڭلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئاتوم بومبسىنى كەشپ قىلغان ئېينىشتېين(4)نى ئۇلۇغلىشىدۇ. ئىشغالىيەتچىلەر ئەڭ ئىنساپ قىلىشقانلىرىدىمۇ ئەھمەد ئىبنى فەزلان(5)دەك ئاجايىب تەڭداشسىز قەھرىماننى بىزنىڭ زېھنىمىزدىن ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سنىدىبات، ئەلائىددىن، ئەلى باباغا ئوخشاش توقۇلما شەخسلەرنى پەيدا قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تارىخىمىزدا پەقەت گۇناھكار قوماندانلار، ساراڭ ئالىملار، سېھىرلىك چىراغ ۋە ئۇچار گېلەملەر بىلەنلا قەھرىمان بولغان توقۇلما قەھرىمانلاردىن باشقا ھېچنەرسە قالمايدۇ. ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولۇپ قەھرىمان بولماقچى بولسىڭىز، قاغجىرىغان چۆللۈكلەرگە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرگە بېرىشىڭىز لازىم. بەلكىم، سىز ئۇ يەردە ئالائىددىننىڭ سېھىرلىك چىرىغىنى تېپىشىڭىز، پەقەت شۇ ئارقىلىقلا بىرلا ۋاقىتتا مۇسۇلمان ھەم قەھرىمان بولالىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، تارىخ ھۇجۇمچىلىرى سىزدىكى نەمۇنەلەرنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋالغان؛ نەمۇنە قارىشىڭىز كۆز ئالدىڭىزدىن خۇددى سېسىغان مېۋە شامالدا ئوڭايلا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەندەك تۇيدۇرماستىنلا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
قەھرىمان ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئەنە شۇنداق تارىخى قاتتىق سەلبىيلەشتۈرۈلگەن شەخسلەردىندۇر. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇنداق تۆھمەتلەرنىڭ، يالغان – ياۋىداقلارنىڭ چاپلىنىش نىشانى بولۇپ قېلىش سەۋەبى قۇياشتەك ناھايىتى ئېنىق. چۈنكى، ئۇ زات يەھۇدىيلار ۋە ئەھلىسەلىپ(6) ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان قۇدۇس شەھرىنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان، مۇبارەك شام دىيارى قوشۇلۇپ تارىختىن بۇيان ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئىككى تۈۋرۈكى دەپ قارىلىپ كەلگەن پەلەستىن ۋە مىسىر زېمىنىنى فەتىھ قىلغان زات ئىدى.
مانا يۇقىرقى سەۋەبلەر بۇ قەھرىماننىڭ تارىخىنى خۇنۈكلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىق ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئەھلىسەلىپ شەرقشۇناسلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرى بەزى ياللانما ئەرەب زىيالىيلىرى، شۇنداقلا تارىختىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى ئىسلام ئۈممىتى يولۇققان ھەربىر خىيانەتلەردە دۈشمەنلەر ئۈچۈن ئاجايىب خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن شىئەلەردۇر.
ۋاقتى ئۆتۈپ كونىراپ كەتكەن ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمىزدا قايتا – قايتا تەكرارلىنىدىغان ساھابەلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە رىۋايەتى ئىلگىرى بۇ ئۇلۇغ ئىسلام بۈيۈكىنى ئەيىبلىشىمدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولسا كېرەك. بۇ رىۋايەتتە سۆزلىنىشىچە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈلھ توغرۇلۇق كېڭىشىپ قارار چىقىرىشلىرى ئۈچۈن، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋەكىل قىلىپ تاللايدۇ، ئاندىن ئۇ ئىككىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلاشقا كېلىشىپ، ئەبۇ مۇسا كىشىلەر ئالدىدا: «مەن ئەلىنى خۇددى بۇ ئۈزۈكنى ئېلىپ تاشلىغاندەك ئېلىپ تاشلىدىم» دېگەندە، ئەمر ئىبنى ئاس ئەبۇ مۇساغا خىيانەت قىلىپ: «مەن مۇئاۋىيەنى خۇددى بۇ ئۈزۈكنى بارمىقىمدا قالدۇرغىنىمدەك ئۆز جايىدا قالدۇردۇم» دەيدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەمر ئىبنى ئاسنى ئىت دەپ تىللىسا، ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنى ئېشەك دەپ تىللايدۇ.
بۇ يالغان رىۋايەت ئىسلام تارىخى بايان قىلىنغان ھەرقانداق تارىخ دەرسلىكىدە ئاساسەن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. بۇ دەرسلىكنى تۈزگەن كىشىنىڭ بىزگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابەلىرىنى مانا مۇشۇنداق خۇنۈك كۆرسىتىش نىيىتى بارلىقى چىقىپ تۇراتتى. دەرسلىك كىتابلىرىمىز بىزگە بايان قىلمىغان ھەقىقەت بولسا، گەرچە بۇ رىۋايەت «تارىخ تەبەرىي» دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم بىر كىتابتا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سەنەد ۋە مەتىن جەھەتتىن سەھىھ ئەمەسلىكىدۇر. سەنەد دېگىنىمىز، رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن كىشىدىن تارتىپ بىرىنچى راۋىيغىچە بولغان راۋىيلارنىڭ زەنجىرسىمان ھالىتىدۇر. مەتىن بولسا، قىسسەنىڭ ئۆزىدۇر. تەبەرىي كىتابىنىڭ بېشىدا، كىتابتا پەقەت سەھىھلەرنىلا يازماستىن، بەلكى ئاڭلىغان سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەس رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى، ئايرىش ۋەزىپىسىنى ئۆزىدىن كېيىنكى تارىخ ئۆلىمالىرىغا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن، تەبەرىي بارلىق رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدىنى ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرىلىگەن.
بۇ مۇرەسسەلىشىش رىۋايەتىدە ئەبۇ مىخنەف لۇت ئىبنى يەھيا ئىسىملىك بىر راۋىي بار بولۇپ، ئۇ كىشى يالغانچى ۋە شىئەلەرنىڭ رافىزىي پىرقىسىدىندۇر. باھالىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تەنقىدلىگەن. ئىبنى ئەساكىر ئۇنى: «رافىزىي ھەم ئىشەنچىسىز» دېگەن. ئىبنى ھەجەر: «پۇچەك خەۋەرچى، ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېگەن. ئىبنى مەئىن ئۇنى: «ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ، يالغانچى ۋە رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدىغان كىشى» دەپ سۈپەتلىگەن.
دېمەك، بۇ رىۋايەت سەنەد جەھەتتىن سەھىھ ئەمەس. مەتىن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەتىن ئۇ رىۋايەتنى توقۇغۇچىنىڭ نائۇستىلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويىدىغان شەكىلدە كەلتۈرۈلگەن. چۈنكى، مۇئاۋىيە ئەمر ئۇنى مەنسەپتىن ئېلىۋېتىدىغانغا ئەسلا خەلىفە ئەمەس ئىدى. مۇئاۋىيە – ئەلى توقۇنۇشىدا خەلىفەلىك تېمىسى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاساسەن كىرىپ باقمىغان ئىدى، بەلكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ مۇئاۋىيەنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى (ئۇ خەلىفە) ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۇناھكارلارنىڭ قولىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىساسىنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا بولغان ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھازىرقى ۋاقىت ئۇ خائىنلارنى دەرھال ئۆلتۈرۈشكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتىللاردىن قىساس ئېلىپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش لازىم، دەپ قارايتتى. ئازغىنە ئەقلى بار كىشى باشىقىلارنى ئىشەك، ئىت دەپ تىللاشنىڭ پەقەت ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيەسى كۆرمىگەن كىشىدىنلا سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەربىيەچى – مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئەڭ كاتتا ساھابەلەردىندۇر.
نۇرغۇن دەۋەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خۇتبە ۋە دەرسلىرىدە ھېچ ئويلانماستىنلا دەپ سالىدىغان يەنە بىر يالغان ھەدىس بار بولۇپ، ئۇمۇ ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توغرىسىدىدۇر. بۇ ئۇ زاتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ھەقىقىي ئوبيېكت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ رىۋايەت «سىلەر ئانىلىرى ھۆر تۇغقان كىشىلەرنى قاچاندىن بېرى قۇل قىلىۋالدىڭلار؟» دېگەن رىۋايەت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز فارۇق – ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئادىللىقىدىن پەخىرلىنىپ بۇنى سۆزلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، بۇ رىۋايەت سەھىھ ئەمەس، بەلكى سەنەد ۋە مەتىن جەھەتتىن يالغاندۇر. ئۆمەرنى ماختاشتىن بەكرەك ئەمر ئىبنى ئاسنى سەلبيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ساختىدۇر. بۇ رىۋايەتتە ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ بىر ئوغلى بىر مىسىرلىقنى ئۇرغانلىقى، ئۇ مىسىرلىق بۇنى ئۆمەرگە شىكايەت قىلىپ بارغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن ئوغلىنى تەڭ جازالاپ، ئەمر ئىبنى ئاسقا: «سىلەر ئانىلىرى ھۆر تۇغقان كىشىلەرنى قاچاندىن بېرى قۇل قىلىۋالدىڭلار؟» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ يالغان رىۋايەتنىڭ سەنەدى ئۈزۈك ۋە زەئىفتۇر. ئۈزۈكلۈك ئىبنى ئابدۇلھەكەمنىڭ «مىسىر فەتىھلىرى» ناملىق كىتابىدا مەجھۇل شەكىلدە «بىزگە سۆزلەپ بېرىلىشىچە» دېگەن سۆزىدە ئاشكارا بولىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر يالغان رىۋايەتنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ. مەتىن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەسىلە يەنىلا ئىلگىرىكىسىدىن تۆۋەن ئەمەس. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئۆمەر فارۇق قانداقسىگە ئوغلىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن دادىسىنى جازالىسۇن؟ ئېنىقكى، بۇ يالغان رىۋايەتتە، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. چۈنكى، ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى تۇنجى بولۇپ توپلىغان كىشىدۇر. ئەگەر تارىخ ھۇجۇمچىلىرى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەربىيەسى توغرىسىدا مۇشۇنداق يالغان رىۋايەتلەرنى تارقىتالىسا، ئۇ چاغدا مۇشۇ ساھابە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى شەك ۋە گۇمان نىشانىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىم؟ ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەمر ئىبنى ئاس ئىبنى ۋائىل بولۇپ، قۇرەيش قەبىلىسى سەھم جەمەتىدىن، ئالاھىدە رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە بۈيۈك ئىسلام قوماندانىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە پەم – پاراسىتى بىلەن نۇرغۇن جەڭلەردە غەلىبە قازانغان. ئۇ ھىجرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرگەن مۇجاھىد ۋە قەھرىمان ئىدى. ئۇ ئىمان ئېيتقان چاغدا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان ھەقىقىي ئىمانىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ: «كىشىلەر مۇسۇلمان بولسا، ئەمر ئىبنى ئاس مۇئمىن بولدى».
ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ دادىسى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاس ئىبنى ۋائىل بولۇپ، ئۇ دادىسى بىلەن بىللە ئسىلامنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلىناتتى. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ھاياتىنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغان. ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر ۋە پاراسەتلىك قوماندان بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نۇرغۇنلىغان قوشۇن ۋە جەڭلەرگە قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى، ھەتتا ئىمان ئېيتىپ نەچچە ئايدىن كېينلا ئۇنى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر قاتارلىقلارمۇ بار بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.
كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇ شام فەتىھلىرىدە قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ پەلەستىننىڭ فەتىھ قىلغۇچىسى ۋە قۇدۇس قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولۇپ، غەززە، سەبسەتىيە، نابلۇس، ئەمۋاس، بەيت جىبرىن، يافا ۋە رەفاھ شەھەرلىرىنى فەتىھ قىلىدۇ. كېيىن ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قورغانىغا ئايلانغان مىسىرنى فەتىھ قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا بىباھا بىر سوۋغىنى تەقدىم قىلىدۇ.
ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىدا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقى ۋە شۇ چاغدىكى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆرسەتكەن پەم – پاراسىتى تىلغا ئېلىنسا، «رۇملۇقلارنىڭ ئەرتەبۇنىغا ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنىنى سالدۇق» دەيتتى.
ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىسىر شەھەرلىرىدىكى فەتىھلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. ئاخىرى ئۇ ئىسكەندەرىيەنىڭ سېپىللىرىغا يېتىپ كېلىپ، سېپىللارنى 50 مىڭدىن ئارتۇق رۇملۇق بىلەن قوشۇپ قورشاۋغا ئالدى. قورشاۋ ئەسناسىدا ھېراكلىيۇس(7) ئۆلدى. ئۇنىڭ ۋارىسى بولغان ئۇكىسى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايدىغانلىقلىرىنى جەزملەشتۈرۈپ، مۇقاۋقىس(8)نى پالىۋەتكەن يېرىدىن چاقىرىتىپ ئەكىلىپ، ئەمر ئىبنى ئاس بىلەن سۈلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا ئەۋەتتى.
مانا بۇ قۇدۇسنىڭ بىرىنچى فاتىھى ۋە مىسىرنىڭ بۈيۈك فاتىھى بولغان گېگانت قوماندان ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدۇر. ئەقسادا بىر كىشى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلسا، ئۈستۈنكى مىسىرنىڭ تۇپراقلىرىدا ئاللاھ زىكىر قىلىنسا، نىل دەرياسى بويىدا بىر دېھقان ئېتىزىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، شۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەستىن ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: نۇرىددىن
1. ئەرتەبۇن (Tribune): م. 634 – يىل 7 – ياكى 8 – ئايلاردا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي رۇم ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن «ئەجنادىن جېڭى»گە قاتناشقان رۇم قوشۇنلىرى قوماندانى. ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى تېئودوروس (Theodorus). ئىسلام تارىخىدا «ئەرتەبۇن» ياكى «ۋاردار» دەپ تونۇلغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 596 – بەت.
2. ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ (Napoleon Bonaparte، م. 1769 – 1821) — فرانسۇز ئەسكەر. دۆلەت ئەربابى. جاھانگىر (1804 – 1814)، فرانسىيە ئىمپېراتورى (1815 – يىلى مارت – 1815 – يىلى ئىيۇن ئارىسى).
3. ئەبۇلقاسىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئىبنى ۋىرداس ئەلئەندەلۇسىي (عباس بن فرناس بن ورداس التاكرني الأندلسي، ھ. 194 – 273 / م. 810 – 887) — ئەندەلۇس ئۇمەۋىي دۆلىتىدە ياشىغان ئەندەلۇس ھەكىمى، كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى. كېلىپ چىقىشى شىمالىي ئافرىقا بەربەرلەردىن بولغان ئاسترونوم، كىمياگەر، فىزىكىچى، شائىر ۋە ئىسلام ئالىمى. ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن بىر جىھاز كەشپ قىلىپ، ئۈستىگە رەخت يېپىپ قانات ئورنىغا چوڭ قوش قانات تاقاپ، بۇ جىھازنى قوزغىتىپ قۇشلاردەك ئۇچقانلىقى ۋە ئاسماندا مەلۇم مۇددەت تۇرغانلىقى، كېيىن يەرگە ئاستا قونغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ، ئاكا – ئۇكا رايتلاردىن 1023 يىل بۇرۇن ئىدى.
4. ئالبېرىت ئېينىشتېين (Albert Einstein): (م. 1879 – 1955). گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، كېلىپ چىقىشى يەھۇدىي. 1921 – يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
5. ئەھمەد ئىبنى فەزلان ئەلباغدادي (أحمد بن العباس بن راشد بن حماد البغدادي): (ھ. 263 – 348 / م. 877 – 960). ئەرەب دىنىي ئالىم ۋە داڭلىق سەيياھ. تۈركىي خەلقلەر تارىخىغا ئائىت مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى «ئىبنى فەزلاننىڭ تۈرك، ھازار، رۇس ۋە بۇلغار دىيارلىرىغا قىلغان ساياھەتنامىسى (رسالة ابن فضلان في وصف الرحلة إلى بلاد الترك والخزر والروس والصقالبة)»نىڭ مۇئەللىپى.
6. ئەھلىسەلىب (الصَّلِيْبِيُّوْنَ / Crusaders): ياۋروپادىكى خرىستىئان مۇرىدلىرىنىڭ مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىم (قۇددۇس) نى ئىگىلەش ھەمدە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شەرققە 1094 – 1272 – يىللار ئارىسى بىرقانچە قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشقان ياۋروپا خرىستىيانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كىيىملىرىگە ۋە قوراللىرىغا سەلىب (كرېست) بەلگىسىنى قادىۋالغان. شۇڭا، ئەھلىسەلىب دەپ ئاتالغان.
7. فلاۋىيۇس ھېراكلىيۇس ئاۋگۇستۇس (Flavius Heraclius Augustus): (م. 575 – 641) 610 – 641 – يىللار ئارىسى شەرقىي رۇم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى.
8. مۇقاۋقىس (المُقَوْقِسْ Al-Muqawqis): مىسىر فەتىھ ۋاقتىدىكى ئىسكەندەرىيە باترىك، شەرقىي رۇمنىڭ مىسىر ئومۇمىي ۋالىيسى. تەخمىنەن ھ. 21 / م. 642 – يىل مىسىردا ئۆلگەن. مىسىرنى مۇسۇلمانلارغا ئاچقان شەخس.