سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى ئۇستاز! مېنىڭ كاللامدا «شەرىئەتكە ئۇيغۇنمىدۇ ياكى قانداقتۇ؟» دەپ ئايدىڭلاشمىغان بىر مەسىلە بار ئىدى، شۇنى سوراي دېگەنىدىم. ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە «ئۆمرە»نىڭ رەسمىيىتىنى ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن پەرز ھەجنى قىلىۋالغانلار بار. مەن بۇ ئەھۋالدىن خۇشال بولدۇم. بىزنىڭمۇ شۇنداق ئۈمىدىمىز بار ئىدى، لېكىن كاللامدا «پەرز ھەجنىڭ رەسمىيىتىنى قىلماي تۇرۇپ، قاچاق ھالەتتە پەرز ھەج قىلساق، شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ ياكى ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئايدىڭلاشمىدى. مۇشۇ ھەقتە پەتۋا – چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئىستەپ، ئۆزلىرىگە گەپ قىلدىم. مېنىڭ چۈشەنچەمدە «ئوغرىلىق قىلغاندەك ئىش بولۇرمۇ ياكى ئاللاھ رازى بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنى قانداقلا قىلسا بولامدىغاندۇ؟» دەيدىغان بىر ئېنىقسىزلىق بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.
يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتوركا! پەرز ھەجگە تۈرك پاسپورتى بىلەن قاچاق بارساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەلۇمكى، ئىسلام پەرز قىلغان ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ بىرى ھەجدۇر، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بېرىشقا قادىر بولالىغانلارنىڭ كەئبەگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 97). ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ھەج قىلمىغان كىشىنىڭ ئىسلامى تولۇق بولمايدۇ. ھەج قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ھەجنى كېچىكتۈرسىمۇ چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. ئايەتتىدىكى «قادىر بولۇش» شەرتىگە ئاساسەن، ھەج ئۆزىنىڭ ۋە بالىچاقىلىرىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىنغان كىشىگە يول تىنچ – ئامان بولسا ئاندىن پەرزدۇر.
ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ قويۇش كېرەككى، ھەج رۇخسىتى ئالالمىغان تۇرۇپ ھەرەمگە بارالىغان ياكى شۇ جايدا تۇرۇۋاتقانلار ھەجنى تەلەپكە لايىق شەرت ۋە ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلسىلا، پەرز ھەج نۇقسانسىز ئادا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق. رۇخسەت سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار گەدىنىدىن پەرز ھەجگە بارالايدىغان تۇرۇقلۇق ھەجگە بارمىغانلىق گۇناھى ساقىت بولىدۇ.
رەسمىيەت ۋە رۇخسەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەج ۋىزىسى ئالماي ئادەتتىكى ئۆمرە، ساياھەت، زىيارەت، ئىشلەش، تىجارەت ۋىزىلىرى بىلەن ياكى ۋىزا ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ھەجگىچە رۇخسەتسىز تۇرۇپ، ياكى بەزى دۆلەتلەردە 40 ياكى 50 ياشتىن ھالقىمىغانلارغا ھەجگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسا، ئامالىنى تېپىپ ھەجگە بېرىشتەك ئەھۋاللار دۆلەتلەرنىڭ بېكىتكەن قانۇن – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلمىغانلىق جەھەتتىن «توغرا بولمايدۇ» دېيىلىشى مۇمكىن، بۇ تۈزۈملەرگە رىئايە قىلماسلىق بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھارام ياكى مەكرۇھتۇر. چۈنكى، بۇ قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھاجىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك. شۇنداقلا بۇخىل قىلمىش ۋىزا تەلەپ قىلغاندىكى ئارتۇق تۇرۇۋالماسلىق ۋە رۇخسەتسىز ھەج قىلىۋالماسلىق ھەققىدە بەرگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىشتۇر دېيىشىدۇ. بۇ ھۆكۈملەر ھەرقايسى مۇستەقىل، ھەج قىلىش ھەققى يەپ كېتىلمەيدىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خېلىلا ئورۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، زۇلۇم ۋە قىيىن ئەھۋالدا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئومۇمەن بۇ تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك دېگىلى بولىدۇ.
لېكىن، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۇزۇن يىللار مابەينىدە پەرز ھەج قىلىشتىن مەھرۇم قالغان، بارالىغانلارمۇ نەچچە يۈز مىڭ پۇل خەجلەپ پاسپورت ئىشلىتىپ، پارا بېرىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان، كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستانلىقلار باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلاردەك پەرز ھەجگە بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى ھەممىگە ئاياندۇر. شۇڭا «ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى» 30 يىل بۇرۇن بەلگىلەپ بەرگەن ھەر بىر مىليون نوپۇسقا مىڭ كىشىلىك ھەج رۇخسىتى بېرىش ئۆلچىمى بويىچە بولغاندىمۇ، 30 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەر يىلى 30 مىڭ كىشىگە ھەج رۇخسىتى ۋە ۋىزىسى بېرىلىشى كېرەك ئىدى ۋە بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا تولۇق ھەققى ئىدى. ئەپسۇس، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ھەققىدىن بەھرىمەن بولالماي كەلمەكتە. شۇڭا، قايسىبىر يول بىلەن ھەرەمگە بېرىپ پەرز ھەجنى قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق بېرىپ، پەرز ھەجنى ئادا قىلسا، ئەلبەتتە بۇ ئۇنىڭ تولۇق ھەققىدۇر. بۇ ھەقنى بەرمەي توسقۇنلۇق قىلغان ھەرقانداق بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ۋە «ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى» 30 يىل بۇرۇن بەلگىلەپ بەرگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكىمىتىمۇ بويسۇنۇشى كېرەك بولغان بەلگىلىمىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بولغانلىقتىن ئىناۋەتسىزدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەج قىلىش رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھەققىنى بەرمەسلىك ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿… ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟…﴾(2/«بەقەرە»: 114) دېگەن ئايەتىگە چۈشۈپ قېلىشى ئېنىق. شۇڭا توغرىسى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ماقاملارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەرەمنىڭ يولىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى يەڭگىللىتىشى، سەرسانچىلىقتا قان يىغلاۋاتقان خەلقنىڭ كۆڭلىگە مەلھەم بولۇشى… كېرەك ئىدى. تەبىئىي ھەققىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ھەجگە بېرىشنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ چەكلىگەن خىتتايغا ماسلاشقاندەك، ھەرگىزمۇ «قاچاق» ياكى «رۇخسەتسىز» دېمەسلىكى ۋە خىتتاي پۇقراسى ھۆكمىدە مۇئامىلە قىلماسلىقى كۈتۈلەتتى.
شۇنداقلا، ئادەتتە سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىر قېتىم ھەج قىلغان كىشىگە بەش يىلدىن كېيىن قايتا ھەج قىلىش رۇخسىتى بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تېخى پەرز ھەجنى بىر قېتىممۇ ئادا قىلالمىغانلار رۇخسەت ئالالمايمۇ قالىدۇ. يەنە بەزى دۆلەتلەردە 40 ياكى 50 ياشتىن ھالقىغانلارغىلا ھەجگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. پۇلنى كۆپ بەرگەنلەرگە چەك تاشلاشنى ياكى نۆۋەت كېلىشنى كۈتۈپ تۇرماستىن «ئالاھىدە ھەج» پۇرسىتى داۋاملىق مەۋجۇد. بۇمۇ ئانچە توغرا بولمىغان ئۆلچەملەر بولسا كېرەك.
دېمەك، پەرز ھەجگە رۇخسەتسىز بولسىمۇ بارالىسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن، مال – مۈلۈك زىيانلىرىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدىغان بولسا، سانغا كىرمەي ئۆز ئالدىغا ھەج قىلسا جائىز. چۈنكى، بۇ رۇخسەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆلچەملەردە بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نىسبەتەن ئانچە توغرا بولمىغان ئەھۋال بار. ئەمما، قىستاڭچىلىققا سەۋەب بولماسلىق ۋە پەرز ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋېلىش جەھەتتىن تەكرار – تەكرار نەفلە ھەجگە رۇخسەتلىك ياكى رۇخسەتسىز بېرىش ئانچە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، يولنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق بولماسلىق تۈپەيلى تۇتۇلۇپ خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى بارلار ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىش ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلاش جەھەتتىن «ھارام» بولسا، ئەندىشىسى يوقلارنىڭ بېرىشى يولنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق بولماسلىق ۋە تۇتۇلۇپ خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى يۈزىسىدىن «مەكروھ» دېيىشكە بولىدۇ. خىتتاي پاسپورتى سەۋەبلىك جانغا، مالغا زىيان كېلىش ئېھتىماللىقى بولسا، ھەجنىڭ «يول ئەمىن بولۇش» شەرتى توشمىغانلىقتىن ھەجمۇ پەرز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەج بېرىشقا قادىر بولغانلارغا پەرز بولۇپ، يولنىڭ بىخەتەر بولۇشىمۇ قادىر بولۇشنىڭ شەرتىدۇر. شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى تونۇش – بىلىش، قولۇم – قوشنىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ياشلارنىڭ ئىقتىساد سەۋەبلىك ئۆيلىنەلمەسلىك مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ھازىرقى شارائىتتا «ھەج بىلەن ئۆمرەنى تەكرار قىلغاندىن ئوغۇل – قىزلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق جىددىي ئورۇنلارغا خەجلىسە ئەۋزەل» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى تەكرار ھەج ۋە ئۆمرەگە بارىدىغانلار ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار، قەرزدارلار قاتارلىق جىددىي تەرەپلەرگە خەجلەشنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان. شۇنداقتىمۇ نەفلە ھەجگە بېرىش يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزىبىر گۇناھتىن خالىي بولمىسىمۇ، نەفلە ھەجمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 4 – مۇھەررەم / م. 2023، 22 – ئىيۇل