ئىھراملىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىۋېلىشىنىڭ فىديەسى

ئىھراملىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىۋېلىشىنىڭ فىديەسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاياللار يۈزىنى يېپىپ ھەج ياكى ئۆمرە قىلسا فىديە كېلەمدۇ؟ كەلسە قانداق كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىھرام ھالىتىگە كىرگەن ئەر ۋە ئاياللارغا چاچ – تىرناق ئېلىش ۋە بەدەن تازىلىقى قىلىش، خۇشبۇي ياكى ئەتىر ئىشلىتىش، جىما ۋە جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆيۈشۈش، قۇچاقلاش كەبى شەھۋەتلىك سۆز – ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىش، نىكاھ – توي قىلىش، جېدەل – ماجىرا قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش، ھەرەمنىڭ دەل – دەرەخلىرىنى كېسىش ۋە ئۈزۈش قاتارلىق ئورتاق چەكلىمىلەر بار. يۇقىرىقى ھۆكۈملەردە ئايال كىشى ئەر كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئايەت – ھەدىس ئىككىلىسىگە ئومۇمىيدۇر.

ئىھراملىق ئاياللارغا خاس چەكلىمىلەردىن بىرى يۈزىنى يۆگىۋالماسلىق بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى ئىھرام باغلىغاندا قانداق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇيلا؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆينەك، سەللە، ئىشتان، دوپپىلىق جىلبابلارنى كىيمەڭلار! پەقەت قونچسىز كەش تاپالمىغان ئادەم قونچلۇق كەشنىڭ قونچىسىنى ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ كىيسۇن. زەپە ۋە زەرچىۋە بىلەن بويالغان كىيىمنى كىيمەڭلار! ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ياپمايدۇ، پەلەي كىيمەيدۇ، — دېدى»(1).

دېمەك، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ تاكى ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنى، پەلەي كىيىۋېلىشىنى شۇنداقلا خۇشبۇي پۇرىقى بار كىيىم – كېچەك كىيىۋېلىشىنى چەكلىگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە (يەنى يۈزىنى ئوچۇق قويۇشتىن ئىبارەت) ئەر كىشىنىڭ ئىھرامى بېشىدا» دېگەن(2). يەنى ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ئوچۇق قويۇشى، ئىھراملىق ئەر بېشىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە ئىھراملىق تۇرۇپ رومىلىنى يۈزىگە تاشلىۋالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «يۈزىڭىزنى ئېچىۋېتىڭ، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە بولىدۇ» دېگەن(3). ئالىملار ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان(4).

ئاياللارنىڭ يۈزى بىلەن قولىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە قاراش بىردەك ئەمەس. «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتسا، يۈزى بىلەن قولىنى يۆگىمىگەندىن كېيىن ئىھرامغا تاقاشمايدۇ.

«يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتىدىغان ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. چۈنكى، سەھىھ ھەدىسلەردە ئايال كىشىنىڭ ئىھرام باغلىغاندا، «نىقاب»، «بۇرقاﺋ»، «چۈمبەل»، «چۈمپەردە»، «پەلەي»، «ماسكا» دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىۋېلىشى چەكلەنگەن. «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتۇپ بۇرۇندىن يۈزىنى يۆگەيدىغان ئاياللار يات ئەرلەرگە يولۇققاندا، «رومىلىنىڭ ياكى شارپىسىنىڭ بىر بۇرجىكى»، «قولياغلىق» دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىگە تېگىپ تۇرمىغان ھالەتتە يۈزىنى بىردەملىك توسۇپ تۇرۇپ، ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ئېچىۋەتسە بولىدۇ. يەنى يۈزى بىلەن قولىنى مۇقىم يېپىش ئۈچۈن بىرنەرسە كىيىپ ياكى چىگىپ، ياكى يىڭنىدەك بىرنەرسە بىلەن تاقاپ يۈرمەي، بىرەر رەختتە يۈزىگە تېگىپ تۇرمىغان ھالەتتە ۋاقىتلىق توسۇپ تۇرسا مەيلى. قولمۇ يۈزگە ئوخشاش. قولىغا پەلەي كىيمەيدۇ. رەخت بىلەن ئوراپ تېڭىۋالمايدۇ. ئەمما، قولى كۆڭلىكىنىڭ ئىچىدە، يانچۇقىدا ياكى سومكىسىنىڭ دالدىسىدا تۇرسا بولىدۇ. لېكىن، ھازىرقى ھەج ۋە ئۆمرە قىستاڭچىلىقىدا تاۋاپ قىلىش، ئەرافاتتا تۇرۇش ۋە شەيتانغا تاش ئېتىش جەريانىدا يات ئەرلەر ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «ئىھراملىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىشى ھارام، پەلەي كىيىۋېلىشى جائىز» دېگەن بولسىمۇ، بۇ يۇقىرىقى ھەدىستىكى بىر قاتاردا كەلگەن ئوخشاش ئىككى ھۆكۈم بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ پەرقلەندۈرمىگەن قارىشى كۈچلۈك.

مەيلى كېيىنكى «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتقانلار بولسۇن ياكى «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتقانلار بولسۇن، ئىھراملىق ھالىتىدە يات ئەر بار ياكى يوق جايلاردا يۈزى بىلەن قولىنى مۇقىم يۆگىۋالغان بولسا، فىديە ۋاجىب بولىدۇ. فىديەگە خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىنگە تاماق سەدىقە قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە بولغاچقا، يۈزىنى يۆگىمەيدۇ. يۆگىۋالسا، فىديە ئادا قىلىشى كېرەك. ئەر كىشى يۈزىنى يۆگىۋالسا فىديە كەلمەيدۇ» دېگەن(5).

جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى بايان قىلىپ: ﴿فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ بِهِۦٓ أَذٗى مِّن رَّأۡسِهِۦ فَفِدۡيَةٞ مِّن صِيَامٍ أَوۡ صَدَقَةٍ أَوۡ نُسُكٖۚ (سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولسا، چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە قىلىش، ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن)﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن. ئىھراملىق ھالەتتە چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش زۆرۈرىيتى تېپىلغان كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت، ئۈچ كۈن روزا تۇت ياكى بىر فەرەق(6) ئاشلىقنى ئالتە مىسكىنگە سەدىقە قىل، ياكى ساڭا قولاي بولغىنىنى قۇربانلىق قىل» دەپ بۇيرۇغان(7).

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «يۈزىنى يېرىم كۈنگە يېقىن يۆگىۋالسا، بىر قوي قان قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز مۇددەت يۆگىۋالسا سەدىقە بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ(8). بۇمۇ كۈچلۈك ئاساسقا تايانمىغان قاراش بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ پەرقلەندۈرمىگەن قارىشى كۈچلۈك.

ۋەلھاسىل: ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى يۆگىۋالغان ئايال فىديە ئۈچۈن يۇقىرىقى 3 ئىشتىن بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. روزا تۇتماقچى بولسا، ئۈچ كۈن روزىنى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسا تۇتۇۋالسا بولىدۇ. قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا، كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ئۇنى مەككەدە سويۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا سويسا بولىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە بۇنى ھەدىيە دەپ ئاتىماي، قۇربانلىق دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ تۆلەم ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 7 – زۇلھەججە / م. 2023، 25 – ئىيۇن


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1838)؛ «مۇسلىم»، (1177).
2. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، (2761)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (9314)؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/514: «مەۋقۇف ھالەتتە سەھىھلىكىدە شەك يوق» دېگەن. ئىبنى كەسىرمۇ («ئىرشادۇل فەقىھ»، 1/323): «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/91. ئىبنى ھەزم: «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 15/104؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/327؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/323؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/488؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 2/156.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/359.
6. بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1815)؛ «مۇسلىم»، (1201).
8. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/488.

Please follow and like us: