سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ھەيز ۋاقتى ھەج ۋە ئۆمرە ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھەج ئىبادىتىنىڭ رۇكن ۋە ۋاجىباتلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتا تاۋاپتىن باشقا ئىش ئۈچۈن ھەيز ۋە نىفاستىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. قالغان ئەھۋاللاردا زامان ۋە ماكانغا شۇنداقلا شارائىتقا قاراپ ھەربىر ئايال ئۆزى پەتۋا سوراپ ئىش قىلسا بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەج ۋە ئۆمرە ئالدى – كەينىدە ھەيز كۆرۈشكە ئالاقىدار ئەھكاملارنى مۇنداق ئىخچاملاش مۇمكىن:
1) ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن ئاتلانغان ئايال ھەيز كېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئىھرامغا كىرىش ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمىغاچقا، مىيقاتتىن ئىھرامغا كىرىپ «لەببەيكە» دەپ ﺗﻪﻟﺒﯩﻴﻪ توۋلاپ، ھەج ياكى ئۆمرەگە (ياكى ئىككىلىسىگە) نىيەت قىلىپ ئۆتىدۇ. ئىھرام بولسا دىلىدا نىيەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىھرامغا كىرىشتىن ئەۋۋەل ھەيزدىن پاك بولمىغان بولسىمۇ، ئىھرام ئۈچۈن بەدەن تازىلىقى قىلىپ غۇسۇل قىلىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، ئىھرامغا كىرىشتىن ئەۋۋەل غۇسۇل قىلىشتىن مەقسەت مەنىۋى پاكلىققا تەييارلىنىش ئۈچۈن جىسمانىي تازىلىقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىفاسدار ئەسماﺋ بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھانى يۇيۇنۇپ «لەببەيكە» دەپ ئىھرامغا كىرىشكە بۇيرۇغان(1)؛ ھەيزدار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمۇ: «چېچىڭىزنى چۇﯞﯗﭖ تاﺭﺍﭖ، ھەجگە تەلبىيە توﯞلاﯓ» دەپ بۇيرۇغان(2). شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئاياللار ئالاھىدە ئىھرام كىيىمى كىيمەيدۇ. ئادەتتە سىرتتا كىيىدىغان كىيىملىرى يېتەرلىك. پەقەتلا، ئىھرامغا كىرگەندە يۈزىنى يۆگىۋالمايدۇ، پەلەيمۇ كىيمەيدۇ، يات ئەرلەردىن يۈزىنى يۆگەشنى خاھلسا، رومالنىڭ بىر ئۇچى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالىدۇ.
2) ھەيزدار مەسجىدى ھەرەمگە ۋە ياكى باشقا مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرمايدۇ.
3) ھەيزدارنىڭ تاۋاپ قىلىشى ھارامدۇر. چۈنكى، تاۋاپ مەسجىدتە قىلىنىدۇ. ھەيزدارنىڭ بولسا مەسجىدتە تۇرۇشى چەكلەنگەن. شۇڭلاشقا، ئۆمرە ياكى ھەجگە ئىھرام باغلاپ مەككەگە كىرگەن ئايال ھەيز كۆرۈپ قالسا، ساقىيىپ غۇسۇل قىلمىغۇچە تاۋاپ قىلماي، سافا – مەرۋە ئارىلىقىدا سەئيى قىلماي تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «پاكلانغۇچە بەيتۇللاھنى تاﯞﺍﭖ قىلىشتىن باشقا، ھاجىلاﺭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاﺭنى قىلىۋېرىڭ» دېگەن(3).
ئەمما، ساق ھالەتتە تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كېلىپ قالسا، سافا – مەرۋە سەئيىسىنى قىلىۋېرىدۇ ۋە چېچىنى كېسىپ ئۆمرەسىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، سافا – مەرۋە سەئيىسى ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ.
مۇبادا بىلمەي ھەيزدار ھالەتتە ئۆمرە ياكى ھەج ئۈچۈن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلغان بولسا، ھەيزدار تۇرۇپ تاۋاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ تاۋاپ ھېساب بولمىغاچقا، كېيىن ساقايغاندا چوقۇم تاۋاپ قىلىشى لازىم. خاتالىقى ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىدۇ. بۇ تاۋاپنى قايتا قىلمىسا، بىر قوي قان كېلىدۇ. ساقايغاندا قايتا قىلسا، قان قىلىش ساقىت بولىدۇ. ئەمما، سەئيىسى ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، سەئيى قىلىش ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ.
بۇ يەردە قاتتىق دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ تاۋاپنى قايتا قىلمىغۇچە ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئېرىمۇ يېقىن كېلەلمەيدۇ. ئېرى يېقىن كېلىپ قالغان بولسا، ھەج ۋە ئۆمرەسى بۇزۇلىدۇ. نەتىجىدە قالغان پائالىيەتنى توغرا داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىغا چىقىرىۋېتىپ، كېيىن باشتا ئىھرامغا كىرىش ياكى باشقا مىيقاتتىن باشلاپ قازاسىنى قىلىش لازىم بولىدۇ ۋە بىر قوي قان كېلىدۇ. بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆمرەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماي بىرنەچچە ئۆمرە قىلغان بولسىمۇ بەرىبىر، چۈنكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆمرەسىنىڭ قازاسىنى قىلماي تۇرۇپ باشقا ئۆمرە قىلالمايدۇ. دېمەك، چوقۇم ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋېتىشى كېرەك.
4) ئەرەفاتتا تۇرۇپ بولغان ۋە ئىفازەت تاۋاپىنى(4) قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەيز كېلىپ قالغان بولسا، يۇرتىغا قايتىۋېرىشىگە بولىدۇ. ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ھەيزدارغا بىرەر نەرسە ۋاجىب بولمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەيزدارلارغا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلماي قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىمى سەفىييە ھەيز كۆرۈپ قالغاندا، مەن بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دېگەن ئىدىم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇ بىزنى سەپەردىن توسۇپ قويمىغايدى، — دېگەنىدى، ئۇ زاتقا:
— سەفىييە ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىنكى ئىفازەت تاۋاپىنى قىلغان، — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا توسۇپ قويمايدۇ، — دېدى»(5).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھاجىلار ئەڭ ئاخىرىدا كەئبە بىلەن (ۋىدالىشىپ) قايتىشقا بۇيرۇلغان، لېكىن ئۇ بۇيرۇق ھەيزداردىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن» دېگەن(6).
5) ئاياللارنىڭ ھەج ۋە ئۆمرەنى تاماملاشتا ھەيزنى كېچىكتۈرۈشكە چارە قىلماي تەبىئىي ھالەتتە تۇرۇشى، ياراتقۇچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى ئەڭ توغرىسىدۇر. ئېرى ياكى مەھرەمىمۇ ئايالنىڭ ئۆزرىسى ئاخىرلىشىپ يۇيۇنۇپ تاۋاپ قىلىپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
شۇنداقتىمۇ، ساقىيىپ بولغۇچە گۇرۇپپىسى كۈتۈپ تۇرالمايدىغان ياكى قايتىش بېلىتىنى ئۆزگەرتىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچراشتەك جىددىي زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا، ئىبادىتىنى توسالغۇسىز ۋە خاتىرجەم تاماملىۋېلىشى ئۈچۈن ئادەتنى كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىستېمال قىلىشى بىر قىسىم فۇقەھائنىڭ نەزەرىدە مەكرۇھلۇق بىلەن، يەنە بىر قىسمىنىڭ نەزەرىدە مەكرۇھلۇقسىز جائىزدۇر. رامازان ئېيىدىمۇ روزىنى تولۇق تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈم ئوخشاش(7). ئەلۋەتتە ئېرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، «زىيىنى يوق» دەپ قارىغان دورىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئەۋۋەل دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىشى ۋە قورساقتا ھامىلە يوقلۇقىنى تەكىتلىۋېتىشى زۆرۈر.
6) ھەيزدارمۇ ھاجىلارغا ئوخشاش تەلبىيە توۋلايدۇ، ئەرافاتتا تۇرىدۇ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، دۇئا قىلىدۇ، مۇزدەلىفەدە ۋە مىنادا قونىدۇ، شەيتانغا تاش ئاتىدۇ. بۇ ئىبادەتلەر ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرتى يوق. سافا – مەرۋە سەئيىسى ئۈچۈنمۇ پاكلىق شەرت بولمىغاچقا، ۋاقىت بەك قىستىلىپ «بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ساقىيىمەن» دەپ قالغان ئەھۋالدا سەئيىنى قىلىۋېتىپ ساقىيىشىنى كۈتسىمۇ بولىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن بويىنى سۇغا سېلىۋېتىپ تاۋاپ قىلىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى، ھەيزدارغا چەكلەنگىنى پەقەتلا تاۋاپ قىلىشتۇر.
7) ئىستىھازەدار يەنى ئادەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېسەللىكتىن ياكى (بالىياتقۇ ئاستىدىكى) مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان (خۇن) كېلىشكە دۇچار ئايال شەرئىي ئەھكامدا ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاشتۇر. شۇڭلاشقا، ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444، 5 – زۇلھەججە / م. 2023، 23 – ئىيۇن
1. مۇسلىم (1209).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (317)؛ مۇسلىم (1211).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (305)؛ مۇسلىم (1211).
4. ئىفازەت تاۋاپى يۇقىرىدا ئىزاھلاندى.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1757)؛ مۇسلىم (1211).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1755)؛ مۇسلىم (1328).
7. ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1 – ج، 538 – بەت؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 1 – ج، 144 – بەت؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 2 – ج، 96 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر / قضايا فقهية معاصرة»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1 – ج، 343 – 350 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

