ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال – مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال – مۈلكىنى بۇزۇپ – چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال – مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلار (يەنى بالاغەتكە يەتكەن يېتىملەر) نىڭ مال – مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 6).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بۇ ئايەت يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگە بولغۇچى ئەگەر پېقىر بولسا، ئۇ مالدىن ئۇنى باشقۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ مىقدارىدا يېسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە نازىل بولغاندۇر» دېگەن([1]).
﴿وَكَفَى بِاللَّهِ حَسِيْبًا (ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر)﴾. يەنى ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ساقلاشقا ۋە ئۇلاردىن ئۇنىڭغا قارىتا ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر.
ئاللاھ تائالا ۋەلىيلەردىن ئۇلار يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ھالەتتە ۋە ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ھالەتتە «تولۇق تاپشۇرۇپ بەردىمۇ ياكى كېمىيىپ كەتتىمۇ؟ ئۇنى ھېسابلىغاندا ساختىلىق ئىشلەتتىمۇ؟» دېگەنلەردىن ھېساب ئېلىشقا، شاھىد بولۇشقا ۋە كۆزىتىشكە يېتەرلىكتۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالا ھېساب ئالغۇچىدۇر، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەبۇ زەر! شەكسىزكى، مەن سېنى ئاجىز دەپ قارايمەن، مەن سەن ئۈچۈن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىمەن. سەن ئىككى كىشىگىمۇ باشلىق بولمىغىن ۋە يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگە بولمىغىن»([2]) دېگەن.
ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 86).
ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىنى ئەگەر باشقىلار ئۇلارغا سالام قىلسا، ئاغزاكى ۋە خۇش تەبەسسۇم بىلەن تېخىمۇ ياخشى سالام قايتۇرۇشقا ياكى ئەينەن سالام قايتۇرۇشقا بۇيرۇدى. دېمەك، سالامنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ قايتۇرۇش مۇستەھەبتۇر. ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ ھېسابى بىلەن بولىدۇ. ھېچبولمىسا ئوخشاش سالام قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا ھېساب ئالغۇچى بولۇپ، سېنىڭ سىرتىڭنى ۋە ئىچىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ. سېنىڭ قاچان غەزەبلىنىپ سالام قىلىدىغانلىقىڭنى، قاچان بىرەر مەنپەئەتنى كۆزلەپ سالام قىلىدىغانلىقىڭنى ۋە قاچان سالام قىلىشتىن قاچىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، نىيىتىڭنى دۇرۇس قىلغىن ۋە پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپلا سالام قىلغىن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ كاتتا ياخشىلىقىڭغا قارىتا مۇكاپات بېرىدۇ ۋە بۇ جەمئىيەتكە ئومۇمىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئىش بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ). ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47) دېگەن.
(قىيامەت كۈنى) نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق، ھەيۋەتلىك مەيدان – ھە! ئۇ كۈندە ھەممە مەخلۇقات ھېساب ئالغۇچى زات ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توختىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان چوڭ – كىچىك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ). ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز. ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ – سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ، (كافىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر ‹سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ› دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز. كىشىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامەئى ئەئمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 47 – 49).
بۇ نېمىدېگەن بۈيۈك مەيدان – ھە! ئۇ مەيداندا ئىنسانلار ئاشۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى كۆرىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ھەممە ئۈممەتلەر تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ. «پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانمىدىڭلار؟» دېگەن مۇھىم سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مۇسىبەت قاراڭغۇلۇقلىرىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.
ئۇ كۈندە ئىنسانلار توپ – توپ بولغان ھالەتتە، (دۇنيادىكى چاغدا بىرەر) قەۋمنىڭ خوجايىنى بولغان كىشى قۇل بولغان ھالەتتە كېلىدۇ. ئاشۇ دەھشەتلىك كۈندە مەڭگۈ قالىدىغانلىقنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟!
ئۇ كۈندە پۇل – مال، دوست – بۇرادەر ۋە ئائىلە، بالىچاقا ھەممىسى پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شاپائەت قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغانلاردىن باشقا ھەممىسى يامانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئۇ كۈندە كىشىلەرنى ئوت، ئىس – تۈتەك، ۋەيرانلىق ۋە خارلىق قاپلايدۇ. ئەقىللەر ئەس – ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇ كۈندە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟!
ئۇ كۈندە گۇناھكارلار پەرۋەردىگارىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بىلەن قاتتىق خار بولغان ھالەتتە كېلىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇ كۈندە گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) نى زەنجىرلەر بىلەن بىر – بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قارامايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ شۇنداق (تېگىشلىك) جازا بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلبەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر﴾(14/«ئىبراھىم»: 49 – 51).
ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر﴾(6/«ئەنئام»: 62).
خالايىقلارنىڭ ھېسابى ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇنىڭ ئالدىدا جارى بولىدۇ
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى شۇنچە كۆپ ئىنسانلاردىن قانداق ھېساب ئېلىپ بولىدۇ؟» دەپ سورالغاندا: «شۇنچە كۆپ ئىنسانلارغا بىرلا ۋاقىتتا رىزق بەرگەندەك ھېساب ئېلىپ بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «شەكسىزكى، ئىنسانلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە (مەخپىي قىلمىشلىرىغا قارىتا) ۋەھيى نازىل بولۇپ تۇتۇلاتتى. ئەمما ۋەھيى ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ بولدى، ئەمدى سىلەرنى ئاشكارا بولغان قىلمىشىڭلارغا قارىتا تۇتىمىز. شۇڭا، كىمكى بىزگە ياخشىلىقنى كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇپ، ئۇنى يېقىن تۇتىمىز. ئۇنىڭ مەخپىي قىلمىشلىرىغا ئارىلاشمايمىزكى، ئۇنىڭدىن ئاللاھ ئۆزى ھېساب ئالىدۇ. كىمكى بىزگە يامانلىقنى كۆرسىتىدىكەن، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنى ياخشى دېسىمۇ، بىز ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولماي، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز» دېگەن([3]).
بۇ ھەدىستە بەندىنىڭ ئىچكى سىرلىرى ۋە كۆڭلىدە يوشۇرغان يامانلىقلىرىدىن ئاللاھ ئۆزى ھېساب ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ماختاپ كەتكەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ساڭا ئۇۋال، بۇرادىرىڭنى ھالاك قىلدىڭ، بۇرادىرىڭنى ھالاك قىلدىڭ› دەپ بىرقانچە قېتىم دېدى. ئاندىن: ‹سىلەردىن كىمكى قېرىندىشىنى زادى ماختىماي بولمايدىغان بولسا، ”مېنىڭچە پالانى مۇنداق، مۇنداق، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر، قىلغان ئەمەلىگە قارىتا جازا – مۇكاپات بەرگۈچىدۇر. مەن ئاللاھ تائالاغا ئالدىپەشلىك قىلىپ بىرسىنى پاكلاپ كەتمەيمەن“ دېسۇن. ئەگەر مەلۇم خىسلەتنىڭ شۇ كىشىدە بارلىقىنى بىلسە: ”ئۇنى مۇنداق، مۇنداق دەپ ئويلايمەن“ دېسۇن› دېگەن»([4]).
بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئىنچىكە، نازۇك تەرەپلىرىنى بىلىدىغان ئىلىمى بويىچە ئۇلارنى مۇكاپاتلايدىغان ۋە جازالايدىغان زاتتۇر([5]).
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: بەندىلىرىدىن ئەمەللىرىگە قارىتا ھېساب ئېلىپ، ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئىتائىتىگە قارىتا ساۋاب بېرىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئاسىيلىقىغا قارىتا جازالايدىغان زاتتۇر.
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى تەپسىلىي بىلىدىغان، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدىغان زاتتۇر. بۇ بۈيۈك كائىناتتا نۇرغۇن نەرسىلەر بار بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىللىرى ۋە ئىلمى قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سانىنى بىلىپ بولالمايدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سانىنى تولۇق، تەپسىلىي بىلىدۇ. ئاندىن پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئۇ رەببىمىز ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ.
ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿(بۇ ئاللاھنىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر﴾(72/«جىن»: 28). ﴿بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر﴾(19/«مەريەم»: 92، 93).
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى قىلچىلىكمۇ ئارتۇق – كەم قىلماي، تولۇق ئىگەللەپ تۇرغۇچى زاتتۇر: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامەئى ئەئمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(58/«مۇجادەلە»: 6). ﴿كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر﴾(54/«قەمەر»: 53).
چوڭ – كىچىك ھەممە ئەمەللەرنىڭ بۇنداق ئىنچىكە خاتىرىلەنگەنلىكى قىيامەت كۈنى (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ئەمەللىرىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىغا پەرۋا قىلمىغان، ھېسابسىز جىنايەتلەرنى ئىشلىگەن ۋە ئۆزلىرىنى ھېسابمۇ ئېلىنماي، ئازابمۇ قىلىنماي تاشلاپ قويۇلىمىز دەپ ئويلىغان گۇناھكارلارنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿كىشىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامەئى ئەئمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: قىيامەت كۈنى ھەممە ئىنسان ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئالدىدا قاتار تۇرىدىغان زاتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا پات ئارىدا ھەربىرىڭلار بىلەن تەرجىمانسىز بىۋاسىتە سۆزلىشىدۇ. ئۇ ئادەم ئوڭ تەرىپىگە قارىسىمۇ ، سول تەرىپىگە قارىسىمۇ ئەمەللىرىنىلا كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالدىغا قارىسا، كۆز ئالدىدا تۇرغان دوزاختىن باشقىنى كۆرمەيدۇ. يېرىم خورما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار. شۇنچىلىك نەرسىنىمۇ تاپالمىغان ئادەم بىرەر ئېغىز ياخشى سۆز قىلىش بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن» دېگەن([6]).
ئى قېرىندىشىم! كىتابلار يېيىلىدىغان، مىزانلار تىكلىنىدىغان، ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ سەندىن ھېساب ئالىدىغان كۈندە ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلاپ باققىن! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بەندىنىڭ قەدىمى جايىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپ، ئۇنى ئۆمرىنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلغانلىقى، ئۆگەنگەن بىلىمىنى نېمىلەرگە ئىشلەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى قەيەردىن تېپىپ نېمىلەرگە سەرپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قانداق ئىشلارغا ئۇپراتقانلىقىدىن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ»([7]).
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: ﴿نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم: «ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، دوزاخقا كىرىدۇ. چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد – خۇرام ئىدى. ئۇ «پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن» دەپ گۇمان قىلدى. ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى، سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر﴾(84/«ئىنشىقاق»: 10 – 19).
ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ زات بەندىسىدىن ئاخىرەتتىلا ھېساب ئېلىپ قالماستىن بۇ دۇنيادىمۇ ھېساب ئالىدۇ. (بۇنىڭ سەۋەبى) ئەگەر ئۇ بەندە بەسىرەت ئەھلى بولسا، دۇنيادا ئېلىنغان ھېسابى بىلەن ئاخىرەتتىكى ھېسابىنى ئەسلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز﴾(20/«تاھا»: 124) دېگەن.
ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك – شۈبھىسىز قاتتىقتۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 12). ﴿ئۇلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كافىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 55) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەگەر بەندە ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىگە بالىلىرىنى ياخشىلىق قىلىشقا بويسۇندۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتسا، بۇنىڭ ۋابالىنى بالىلىرىدىن كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن.
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك ئىش بار، ئاللاھ تائالا دۇنيادىلا ئۇنىڭغا جازاسىنى بېرىدۇ: (ئۇ بولسىمۇ) زۇلۇم ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتۇر»([8]).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ئاللاھ تائالا ھەرقانداق گۇناھتىن خاھلىغىنىنى قىيامەت كۈنىگە كېچىكتۈرىدۇ. پەقەتلا زۇلۇم قىلىش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش ۋە سىلە – رەھىمنى ئۈزۈش بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنى قىلغۇچىلارغا ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ دۇنيادىلا جازاسىنى بېرىدۇ» دېگەن([9]).
مانا مۇشۇنىڭدەك، ئەلھەسىب جەللە جەلالۇھۇ بەزىدە بەندىسىدىن ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ئاخىرەتتىن ئىلگىرى دۇنيادىلا ھېساب ئالىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا «ئەلھەسىب» دېگەن ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟
«ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار». يەنى كىمكى ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزىدىن ھېساب ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھېسابى يەڭگىل بولىدۇ. سوئال – سوراق قىلىنغاندا، ئاسان جاۋاب بېرەلەيدۇ. كىمكى ھازىردىن باشلاپ ئۆزىدىن ھېساب ئالمىسا، مەڭگۈ ھەسرەت – نادامەتكە قالىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىشلىرى كۆپ بولىدۇ.
ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «مۇئمىن ئۆزىگە ئۆزى ھامىيدۇر، ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىدىن ھېساب ئالىدۇ. ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغان كىشىلەردىن يەڭگىل ھېساب ئېلىنىدۇ؛ ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرمىغان كىشىلەردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ»([10]).
ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش شەرئىي تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشتۇر ۋە رەببانىي بۇيرۇقتۇر
ئاللاھ تائالا ئېيتمىدىمۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(59/«ھەشر»: 18).
ھافىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «يەنى سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئاخىر قايتىدىغان، رەببىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان كۈنۈڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا قانداق ياخشى ئەمەللەرنى ساقلاپ قويغانلىقىڭلارغا قاراڭلار»([11]).
«ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش»نىڭ مەنىسى نەفسىڭگە قاراپ قاتتىق ئويلىنىشىڭ، نەفسىڭنىڭ ئەيىبلىرىنى تونۇشۇڭ، ئاندىن ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىڭدۇر. چۈنكى، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك نىشانىمىزدۇركى، نەفسىنى مالامەت قىلىش ۋە ھېساب ئېلىپ تۇرۇش، بەزىلەر ئويلىغاندەك، ئاجىزلىق ئەمەستۇر، بەلكى دۇرۇسلۇقنىڭ ئالامىتى ۋە ھىدايەتنىڭ باشلانمىسىدۇر([12]).
ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش «بەندىگە قانچىلىكى زىيادە، قانچىلىكى كەم ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دەسمايىگە، پايدىغا ۋە زىيانغا قارىشى»دۇر. ئۇنداقتا دەسمايە پەرز ئەمەللەردۇر، پايدا بولسا سۈننەت ۋە نەفلە ئەمەللەردۇر، زىيان بولسا گۇناھ – مەئسىيەتلەردۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەتە سېنى قۇتۇلدۇرىدىغان نەرسىگە قارىغىن، ئاندىن ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغىن ۋە ئەتە سېنى ھالاك قىلىدىغان نەرسىدىن ھەزەر ئەيلە، ئاندىن ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۈزۈل – كېسىل يىراق تۇرغىن([13]).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، تارازىغا سېلىنىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلارنى تارازىغا سېلىڭلار ۋە ئەلئەرزۇلئەكبەر (قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇش) ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار: ﴿بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) چىقىرىلىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر﴾»(69/«ھاققە»: 18)([14]).
ھېكايە قىلىنىشىچە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بېغىغا چىقىپ، قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر دىگەر نامىزىنى ئوقۇپ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن: «إنا لله وإنا إليه راجعون (بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز)، مەن دىگەر نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇيالماي قاپتىمەن. سىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، قىلمىشىمغا كەففارەت بولۇشى ئۈچۈن، بېغىم مىسكىنلەرگە سەدىقە بولۇپ كەتسۇن» دېگەنىكەن([15]).
ئى ئاللاھ! مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى قىيامەت كۈنى جازالانماستىن ۋە ھېساب ئېلىنماستىن جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن. ئامىن.
مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الحسيب جل جلاله
https://www.alukah.net/sharia/0/131808//
تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات
([1]) «بۇخارىي»، (4575).
([2]) «مۇسلىم»، (1826).
([3]) «بۇخارىي»، (2641).
([4]) «بۇخارىي»، (2662).
([5]) «تەفسىرۇسسەئدىي».
([6]) «بۇخارىي»: 3595 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»: 1016 – ھەدىس.
([7]) «تىرمىزىي»: 2416 – ھەدىس.
([8]) ئەبۇ نۇئەيم: «ئەخبارۇ ئەسبەھان»، (40426). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([9]) «ئەبۇ داۋۇد»، (4902)؛ «تىرمىزىي»، (2511). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([10]) ئىبنۇلقەييىم: «ئىغاسەتۇللەھفان»، 1/79.
([11]) «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 8/77.
([12]) مۇھەممەد ھامىد ناسىر: «تربية الذات (ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەش)».
([13]) د. شەرىف فەۋزى سۇلتان: «التربية بالمجاهدة (ئەتتەربىيەتۇ بىلمۇجاھەدەتى».
([14]) ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (633).
([15]) ئىمام زەھەبىي: «كەبائىر».