ئەسسىتتىير جەللە جەلالۇھۇ

ئەسسىتتىير جەللە جەلالۇھۇ

يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ كەڭرى سايدا توسۇقسىز يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنبەرگە چىقتى. ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن: «شەكسىزكى، ئاللاھ ھايالىقتۇر، ئەيىبلەرنى ياپقۇچىدۇر، (سىلەرنىڭ) ھايالىق بولۇشۇڭلارنى ۋە ئەيىبلەرنى يېپىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، بىرىڭلار غۇسل قىلسا، (باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن) توسۇق قىلسۇن»([1]) دېدى.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ «ئابدۇسەتتار» ئىكەنلىكىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇلارنى بۇ ئىسىملار بىلەن ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ خاتادۇر. توغرىسى شۇكى، «ئەسسىتتىير» ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. «سىتر» سۈپىتى ئاللاھنىڭ ئۈستۈن سۈپەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى

ئەسىتتىير جەللە جەلالۇھۇ: ئەيىب – نۇقسانلارنى يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بەندىلەرنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ. سەترنى ياخشى كۆرۈش ئۇ زاتنىڭ شەئنى، ئىرادىسى ۋە سۈپىتىدۇر. ئۇ زات يەنە بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆپ ياپقۇچىدۇر. ئۇ زات دۇنيادا قەبىھلىكلەرنى، ئاخىرەتتە رەسۋالىقلارنى ياپىدىغان زاتتۇر.

«سىتر» نېئمىتى:

سىتر ــ نامى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەت بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېئمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېئمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ﴾(31/«لۇقمان»: 20).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئىكرىمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «(بۇ ئايەتتىكى) ئاشكارا نېئمەت — ئىسلام ۋە قۇرئاندۇر. يوشۇرۇن نېئمەت — ئاللاھنىڭ سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى سەتر قىلغانلىقى ۋە جازالاشقا ئالدىرىمىغانلىقىدۇر»([2]).

دېمەك، ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېئمەتلىرىنىڭ بىرى بىزنى گۈزەل سەترى بىلەن ئورىغانلىقىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا ۖ وَلِبَاسُ التَّقْوَىٰ ذَٰلِكَ خَيْرٌ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ (ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى – مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر)﴾(7/«ئەئراف»: 26).

ئايەتتىكى «يواري سوءاتكم» دېگەن سۆز «ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان» دېگەن مەنىدىدۇر. «ولباس التقوى ذلك خير»: يەنى خۇددى ئاللاھ بىزنىڭ سىرتقى بەدىنىمىزنى ئاشكارا لىباس بىلەن سەتر قىلغاندەك، قەلبلىرىمىزنى تەقۋالىق ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاۋات قىلىش ئارقىلىق سەتر قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا، ئاللاھنىڭ «ئەسسىتتىير» ئىسمى بىلەن خۇلقلانغان ۋە سەتر دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن بولىمىز.

لېكىن، ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىزكى، بەزى ئىنسانلار ئاشۇ سەترنى ۋە ھايا رىدائسىنى زورمۇزور ئېچىۋېتىپ، ئۆزلىرىدىن شەرمى – ھايانى يوقاتماقتا!

بۇ گۈزەل سەترنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا يامان ئىشلار — گەرچە راست بولسىمۇ — نىڭ تارقىلىشىنى ۋە بۇنى تارقاتقانلارنى يامان كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا دۇنيا – ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب كېلىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر﴾(24/«نۇر»: 20).

مۇسۇلمانلار ئارىسىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقساق، تېلېفون، ئېنتىرنېت سۇپىسى ۋە تېلېۋىزورلاردا تۈرلۈك قەبىھلىكلەر ۋە نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئادەمنى قورقۇتقۇدەك دەرىجىدە كەڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلاردا نە بىر دىنىي قاراش، نە بىر ئەخلاق بار. لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ.

ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق بىر ئادەملەر باركى — ئاللاھ ئۇلاردىن ساقلىسۇن — ئۇلار يامان سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنى تارقىتىش بىلەن قەلبى ھۇزۇرلىنىدىغان شەيتانلارغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار باشقىلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىغا تېگىش ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن سورۇنلارنى قۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، گۇمان ئىشەنچلىك خەۋەردۇر. سۆز – چۆچەك ئۇلارنىڭ مەنتىقىسىدە ھەقىقەتتۇر. خاتالىق ئۇلارنىڭ مىزانىدا دائىملىق خۇلقتۇر. ئۇلار شۇم خەۋەرلەرنى تەكرار تارقىتىشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ… پەسكەش ئىشلارنى تىڭتىڭلاشتىن سۇسلىشىپ قالمايدۇ.

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «كىشىلەرنىڭ ئىچىدە چوشقىنىڭ تەبىئىتىدەك تەبىئەتلىك كىشىلەر بار. چوشقا دېگەن پاكىز نەرسىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالسا، قاراپمۇ قويمايدۇ. شۇنىڭدەك كۆپ ئىنسانلار سەندىن سەھۋەنلىكلىرىڭگە سېلىشتۇرغاندا، نەچچە ھەسسە كۆپ ياخشىلىقلارنى كۆرىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ – يۇ، بۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش تۈگۈل، ئېسىدىمۇ ساقلىۋالمايدۇ. ئەگەر سەندىن كىچىككىنە خاتالىقنى ياكى گەپ – سۆزلىرىڭدىن ئەگرىلىكنى تېپىۋالسا، يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغان بولىدۇ – دە، دېمىگەن ئادىمى قالمايدۇ»([3]).

دېمەك، مۇئمىن ئەگەر مۇئمىنگە لايىق بولمايدىغان گەپ – سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنى ئۇلغايتىشى قەتئىي ھالال بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا خۇشال بولۇشىمۇ ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇشال بولسا، مۇئمىن بولالمايدۇ، ئەگەر باشقىلارغا تارقىتىپ يۈرسە، ئاقىۋىتىنى ئاللاھلا بىلىدىغان نۇرغۇن فىتنە – پاساتلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر﴾(24/«نۇر»: 20) دېگەن.

نومۇسسىزلىقلارنى تارقاتقۇچىنى شەرىئەت مۇشۇنداق سۆككەن ۋە ئۇنى دۇنيا – ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرغان يەردە، باشقىلارغا گۇمان بىلەن تۆھمەت قىلىپ ئۇنى تارقاتقان، گۇناھسىزلارغا تىلىنى ئۇزارتىپ، پازىللارنىڭ ئوبرازىنى سەتلەشتۈرگەن ئىنسانلارنىڭ ھالى قانداق بولۇپ كېتەر؟! ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر﴾(24/«نۇر»: 15).

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ: «مۇئمىن سەتر قىلىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ، فاجىر رەسۋا قىلىدۇ ۋە كەمسىتىدۇ»([4]) دېگەن.

سەتر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام تۆھمەتكە جازا بەلگىلىدى

بۇنداق بولۇشى يۈز – ئابرۇينى قاتتىق ھىمايە قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەفىفە ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر)، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر). كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى ئەفىفە ئاياللارغا قايتا تۆھمەت چاپلىمىغانلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا (ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىڭلار)، چۈنكى ئاللاھ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى بەندە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلىدۇ)، تولىمۇ مېھرىباندۇر﴾(24/«نۇر»: 4، 5).

ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇكى: ﴿يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ﴾(24/«نۇر»: 23 – 25).

سەتر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشتىن توسقاندەك، باشقىلاردىن گۇمان قىلىشتىنمۇ توستى

ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار﴾(49/«ھۇجۇرات»: 12).

گۇمان قىلىش ۋە تەجەسسۇس قىلىش دېگىنىمىز ــ «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى تىڭتىڭلاش»تىن ئىبارەتتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى بەزى ئىشلارغا غەزەبلەنگەنلىكتىن، ئۆتكۈر، ئۇرغۇلۇق خۇتبە سۆزلەپ ئۈممىتىگە مۇنداق تەلىم – تەربىيە قىلغانىدى: «ئى تىلى بىلەن ئىمان ئېيتىپ، ئىمان قەلبىگە كىرمىگەنلەر جامائىتى! مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار! ئۇلارنىڭ سەھۋەنلىكلىرىنى، يوشۇرۇن ئەھۋاللىرىنى تىڭتىڭلىماڭلار! كىمكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋاللىرىنى تىڭتىڭلايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ كىمنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئۇنى ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ»([5]).

مانا بۇ توغرا مەنھەج ۋە ئۈستۈن ئىپپەت بىلەن ساھابە كىراملار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) تەربىيەلەنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ياپاتتى، بۇ ئارقىلىق ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپقۇچىلاردىن بولغان ئىدى.

بۇ سەتر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋرەتلىرىنى ياپمايدىغانلارنى ئاللاھ تائالا قاتتىق ئەيىبلىدى

سەتر قىلىش نېمىدېگەن گۈزەل، ئۇنىڭ بەرىكىتى نېمىدېگەن چوڭ، ئۇنىڭ زىننىتى نېمىدېگەن ئېسىل – ھە!

سەتر ئېسىل جەۋھەر، باھاسىز بايلىق ۋە ئۈستۈن ئەخلاقتۇركى، ئۇنىڭ بىلەن ئۈممەتنىڭ پۈتۈن بىر گەۋدىسى، ماھىيىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئەبەدىلئەبەد داۋاملىشىدۇ.

شۇڭا دەيمىزكى، بىزنىڭ خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيدىغان ئەڭ كاتتا نېئمەتلەرنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ بىزنى سەتر قىلغانلىقىغا نائىل بولغانلىقىمىزدۇر.

ئۇنداقتا، ئاللاھ بىزنى سەتر قىلمىسا، نېمىلەر بولۇپ كېتەر؟

ئەگەر گۇناھلارنىڭ پۇرىقى بولغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟! بۇ ھالەتتە بىر – بىرىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقىمۇ پېتىنالارمىدۇق؟! ئەگەر قىلغان گۇناھلىرىمىز پېشانىلىرىمىزگە يېزىلىپ، ئۇنى كىشىلەر كۆرگەن بولسا قانداق بولار ئىدى؟! ئەگەر ئۆيلىرىمىزنىڭ تېمىغا بۇ ئۆي ئىچىدە ئۆتكۈزگەن گۇناھلار يېزىلىپ قالغان بولسا، نېمىلەر بولۇپ كېتەر ئىدى؟!

ئەگەر ئاللاھنىڭ سەترى ئېچىلىپ كەتسە، قانچىلىغان ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ، قانچىلىغان ئاياللار تالاق قىلىنىپ، قانچىلىغان ئۇرۇق – تۇغقانلار ياتلىشىپ، قانچىلىغان دوستلار بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ ۋە يەنە قانچىلىغان كۈچلۈك ئالاقە – رىشتىلەر ۋەيران بولۇپ كېتەر – ھە!

بۇ ئەھۋاللاردىن بەندە ھەتتا ئۆز نەفسىنىمۇ سەتر قىلىشقا بۇيرۇلغاندەك بىر مەنىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى، بىر تەرەپتىن، نەفسنىڭ بەندىگە نىسبەتەن شەئنى چوڭدۇر، يەنە بىر تەرەپتىن، قىيامەت كۈنى بەندىگە گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھ دەيدۇكى: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى – ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە توختىتىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ. سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىداملىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 19 – 24).

سەتر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇدى، ئەۋرەتلەرنى بەلگىلەپ بەردى ۋە زىننەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 30، 31).

بۇ ئىككى ئايەتى كەرىمەدە ئاللاھ تائالا ھەممە ئەر، ئاياللارنى باراۋەر ھالەتتە نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇدى. شۇنداقلا ئەۋرەتلەرنىڭ چەك – چېگرالىرىنى ۋە ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىسا بولىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ بەردى. مانا بۇنىڭ ھەممىسى «سەتر» ئۈچۈندۇر.

بۇ «سەتر» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا رۇخسەت سوراشنى يولغا قويدى ۋە مۇئمىنگە ئۆزلەشتۈرۈشى ۋاجىب بولىدىغان ئەدەب – قائىدىلەرنى بايان قىلىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئىجازەت سوراش كۆز ئۈچۈن يولغا قويۇلغان»([6]) دېگەن.

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز – نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق – ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىرەرسىنى تاپالمىساڭلار، سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە «قايتىڭلار» دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دۇكان – سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ﴾(24/«نۇر»: 27 – 29).

ئاللاھ تائالا يەنە دەيدۇكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن! (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. سىلەر بىر – بىرىڭلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 58).

 

سەتر قىلغۇچى ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ ھەقلىرى (ئاللاھنىڭ بىزنى سەتر قىلىشىنى قانداق قولغا كەلتۈرىمىز؟)

ئاللاھنىڭ سەترىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرى:

1. ئىخلاس قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشىمىز ۋە رىيادىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك

كىمكى گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە بارلىق تەسەررۇفاتلىرىدا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىخلاس قىلسا، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەتر قىلىدۇ. كىمكى رىيا قىلسا، ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ (شۇڭا، ئاللاھقا سىغىنىپ رىيادىن ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن پاناھ تىلەيمىز ۋە ئول ئاللاھتىن سۆز ۋە ئەمەللىرىمىزدە ئىخلاسقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئەمەلى بىلەن رىيا ۋە نام – ئابرۇينى مەقسەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. كىمكى ئەمەلى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەدھىيەسىنى مەقسەت قىلسا، ئاللاھ كىشىلەرگە ئۇنىڭمۇ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلايدۇ» دېگەن([7]).

2. نەفسىمىزنى سەتر قىلىشىمىز ۋە بىلىپ – بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئاشكارىلىماسلىقىمىز كېرەك

مۇئمىن دېگەن بىلىپ – بىلمەي بىرەر گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزۈپ قالسا، ئۆزىنى ھەتتا ئەڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىدىنمۇ سەتر قىلىدۇ ۋە تەۋبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەتر قىلىدۇ. لېكىن، فاجىر كىشىگە كەلسەك، كېچىدە بىرەر گۇناھ قىلسا، كۈندۈزدە ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى قىلغان بۇ گۇناھى بىلەن پەخىرلىنىشتۇر. ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. بەندە قانداقمۇ خىجىل بولماي بېشىغا كەلگەن بالا – مۇسىبەتلەر ۋە نومۇسسىز قىلمىشلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ؟!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «ئاللاھ توسقان بۇ قەبىھ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. كىمكى ئۇلاردىن بىرەرىنى قىلىپ قالسا، ئاللاھنىڭ سەترى بىلەن ئۆزىنى سەتر قىلسۇن (يەنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمىسۇن) ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسۇن. كىمكى بىزگە قىلغان گۇناھىنى ئاشكارىلىسا، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىمىز»([8]).

شۇڭا، بەندىنىڭ قىلغان گۇناھىنى ئاشكارىلىشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشى ياخشىلىق ۋە ئاقىلانىلىك ئەمەستۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا مەخپىي، يوشۇرۇن ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «ئۈممىتىمنىڭ گۇناھنى ئاپئاشكارا قىلغۇچىلارنىڭكىدىن باشقا ھەربىرىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ. ئاشكارىلاش دېگەن بىر ئادەم كېچىسى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنى يوشۇرغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ: ‹ھوي پالانى! ئاخشام مۇنداق – مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم› دەپ ئاللاھ يوشۇرغان بۇ ئىشنى ئاشكارىلىشىدۇر»([9]).

خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى سەتر قىلىش شەرىئەت تەلەپ قىلىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەل بولۇپ، ئۇنى قىلغۇچى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنى سەتر قىلىش بىلەن ھۆرمەتلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

سەفۋان ئىبنى مۇھرىز ئەلمازىنىي رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىللە كېتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز بىر ئادەم چىقىپ، ئۇنىڭدىن ‹مەخپىي پىچىرلىشىش› ھەققىدە سورىدى، ئۇ دېدىكى: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: ”شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا (قىيامەت كۈنى) مۇئمىننى (رەسۋا بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خالايىقتىن) سەتر قىلغان ھالدا ئۆزىگە يېقىن قىلىپ: ’پالانى، پالانى گۇناھلارنى بىلەمسەن؟‘ دەيدۇ. ئۇ: ’شۇنداق (بىلىمەن)، ئى رەببىم!‘ دەپ، گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا: ’مەن دۇنيادا ئۇ گۇناھلارنى ئاشكارىلىماي، سېنى سەتر قىلغان ئىدىم، بۈگۈن ئۇ گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن‘ دەيدۇ›». يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن دۇنيادا ئۇ گۇناھلارنى ئاشكارىلىماي، سېنى سەتر قىلغان ئىدىم، بۈگۈن ئۇ گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن (دەيدۇ). ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئەمەللىرى يېزىلغان كىتابى بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.

ئەمما، كافىر ۋە مۇناپىقلارغا كەلسەك، (پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ئىنسى – جىنلاردىن ئىبارەت) گۇۋاھچىلار: ﴿بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر﴾(11/«ھۇد»: 18) دەيدۇ([10]).

بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن مەدىنەنىڭ ئەڭ چەت يېرىدە بىر ئايالغا ئېزىپ كېتىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن زىنادىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلدىم. مەن ھازىرمەن، ماڭا ئۆزلىرى خاھلىغان ئىشنى ھۆكۈم قىلسىلا، — دېگەنىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:

— ئاللاھ سېنى سەتر قىلغاندىكىن، سەنمۇ ئۆزۈڭنى سەتر قىلساڭ بولمامدۇ، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. ئاندىن ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.

بىرئازدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ﴿ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯚﺗﯩﮕﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘيۇۋﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭ﴾(11/«ھۇد»: 114) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن قەۋمنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈنلا خاس ھۆكۈممۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— بەلكى ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق، — دېدى([11]).

دېمەك، مۇئمىن بىرەر گۇناھ – مەئسىيەت قىلىپ قالسا ياكى بىرەر ۋاجىبنى ئورۇنداشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزسە، ئاللاھ تائالانىڭ سەتر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۆزىنى قاتتىق سەتر قىلىدۇ. بەزى سەلەفلەر: «ئۇ نامازغا چىققاندا، جامائەتنىڭ نامازدىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، يۈزىنى يېپىپ قايتىپ كەتكەنىكەن» دېگەن([12]).

3. مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنى سەتر قىلىشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ بىزگە بىز باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىنىڭ نەق ئۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. كىمكى باشقىلارنى سەتر قىلسا، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەتر قىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇئمىندىن دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالامۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ»([13]).

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيادا بەندە بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن([14]).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئاچسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ، ھەتتا ئۇنى شۇ ئەيىبى بىلەن ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ» دېگەن([15]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇئمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى يېپىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «كىمكى مېيتنى يۇيۇپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپقان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ياپىدۇ. كىمكى مېيتنى كېپەنلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا نېپىز يىپەك رەختتىن كىيىم كىيگۈزىدۇ»([16]).

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: «ئەگەر ئوغرى، زىناخور ۋە ھاراق ئىچكۈچى ئۈچۈن (ئۇلارنى سەتر قىلىش ئۈچۈن) كىيىمىمدىن باشقا نەرسە بولمىسا، ئەلبەتتە كىيىمىم بىلەن ئۇلارنى سەتر قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىم» دەيتتى([17]).

بەزى سەلەفلەر: «مەن كۆپ كىشىلەرگە ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرى يوقكەنۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى كوچىلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى كوچىلايدىكەن. يەنە باشقا كۆپ كىشىلەرگە ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرى ساناقسىزكەنۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى كوچىلىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىكەن» دېگەن([18]).

سىيرەت ئەھلى مۇنداق بىر قىسسەنى تىلغا ئېلىشىدۇ: «جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلىي ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت دەۋرىدە (بىر قېتىم) ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان جامائەتلەر بار ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ بىرىدىن يەل چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەل قويۇۋەتكەن كىشىنىڭ (تاھارەت ئالغىلى چىقسا) خىجىل بولۇپ، ناماز ئوقۇۋېرىشىدىن ئەنسىرەپ: ‹يەل قويۇۋەتكەن كىشى تاھارەت ئالغان بولسىكەن› دېۋىدى، ھەزرىتى جەرىر: ‹ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ياكى جامائەتنىڭ ھەممىسى تاھارەت ئالامدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى جەرىرنىڭ ھېكمىتى ۋە پاراسىتىدىن خۇشال بولۇپ: ‹ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، سەن جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى سەييىد (ئېسىل ئادەم) ئىدىڭ، ئىسلامدىمۇ سەن نېمىدېگەن ياخشى سەييىد!› دېدى».

4. ئاچچىقنى يۇتۇشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز كېرەك

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى غەزىبىنى باسسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋرىتىنى ياپىدۇ، كىمكى ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قەلبىنى رازىلىققا تولدۇرىدۇ» دېگەن([19]).

5. ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى تارقىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، سالام بەرگەندىن كېيىن، بىزگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ: ›ئورنۇڭلاردىن قوپماي تۇرۇڭلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكىنى تاقاپ پەردىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، تاشقىرىغا چىقىپ: ”مەن ئايالىم بىلەن ئۇنداق قىلدىم، مۇنداق قىلدىم“ دەيدىغانلار بارمۇ؟‹ دەپ سورىدى. بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن جىم تۇردى. كېيىن ئاياللار بار تەرەپكە بېرىپ ئۇلارغا: ›سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا بارمۇ؟‹ دېدى. بىر قىز بىر تىزىغا تايىنىپ ئولتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە سۆزىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بوينىنى سوزدى ۋە: ›ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرمۇ چىقىپ دېيىشىدۇ، ئاياللارمۇ چىقىپ تازا دېيىشىدۇ‹ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: ›ئۇنداق قىلغان ئادەم نېمىگە ئوخشايدۇ بىلەمسىلەر؟! ئۇنداق قىلغان ئادەم خۇددى يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا بىر – بىرىنى قاندۇرغان ئەركەك شەيتان بىلەن چىشى شەيتانغا ئوخشايدۇ‹ دېدى»([20]).

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئورنى ئەڭ يامان كىشىلەرنىڭ بىرى ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلارنىڭ سىرلىرىنى باشقىلارغا يايىدىغان كىشىدۇر» دېگەن([21]).

ئۇنداقتا، ئاللاھ بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپقان كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپقان يەردە، ئائىلە – تاۋابىئاتى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە قولۇم – قوشنىلىرىنىڭ ئەيىبىنى ياپقان كىشىنىڭ دەرىجىسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇپ كېتەر – ھە!

6. ھىجابلىنىش

ھىجاب — ئەۋرەتنى يېپىش، ئىپپەتلىك بولۇش، يۈز – ئابرۇينى ساقلاش، ئىتائەت، ئىمان ۋە ھايادۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرنەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 53). يەنى بىرىڭلار ئاياللاردىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولسا، ئۇنى پەردە ئارقىسىدىن سورىسۇن. بۇ يەردىكى «پەردە» سەن بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىدىكى توسۇقتۇر ياكى ئۇ ئايالنىڭ ھىجابىدۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 59) دېگەن. يەنى ئاياللار مۇشۇنداق ئورالغان چاغدا، فاسىقلار ئۇلارغا قالايمىقان گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەت بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى، بەدىنىنى راۋۇرۇس ئورىغان، ھەتتا يۈزىنىمۇ ياپقان ئايالنىڭ ئەۋرىتىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى كۈتۈلمەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئېرىنىڭ ئۆيىدىن باشقا يەردە كىيىمىنى سالغان ئايال ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى يىرتقان بولىدۇ» دېگەن([22]).

دېمەك، «ھىجاب» پەردە بولۇپ، كائىناتنىڭ ھەممىسى بۇ پەردىنى كىيگەندۇر:

مەلۇم بىر مەكتەپتىكى مۇئەللىمە قىز ئوقۇغۇچىلارغا ھىجاب توغرىسىدا ئۈلگىلىك بىر دەرس ئۆتمەكچى بولۇپ، بىرقانچە تاتلىق تۇرۇم تارقىتىپتۇ. ئۇنىڭ بەزىسى سۈنئىي ئورالغان ئىكەن، بەزىسى ئورالمىغان ئىكەن. تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن قارىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوراپ قاچىلانغان تاتلىق تۇرۇملارنى ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمە ئورنىدىن تۇرۇپ:

— نېمە ئۈچۈن ئورالمىغان تاتلىقلارنى تاللىمايسىلەر، — دەپتىكەن، بىردەك:

— چۈنكى، ئورالمىغان تاتلىقلار مىكروبلىنىپ قالىدۇ ياكى بۇزۇلۇپ قالىدۇ، دېمەك ئۇ ئىشەنچلىك ئەمەس، بىزگە زىيان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، — دېيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمە:

— بۇ تاتلىقلار سىلەرگە ئوخشاشتۇر، ئۇنىڭ ئورالمىسى بولسا ھىجابقا ئوخشاشتۇر، — دەپتۇ ۋە دەرس ئاياغلىشىپتۇ.

كۆپلىگەن ئاياللار ھىجابقا ئىمان ئېيتمايدۇ ياكى ئىمان ئېيتسىمۇ، ئۆزىنى سەتر قىلمايدۇ!!

بىلىشىمىز كېرەككى، كائىناتنىڭ ھەممىسى سەتر قىلىنغاندۇر!!

ئالايلۇق، يەر شارى ھاۋا قاتلىمى، تاغ قاتلاملىرى… قاتارلىقلار بىلەن ئورالغاندۇر.

ئالما، بانان قاتارلىق ھۆل مېۋىلەر سىرتقى پوستى بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئەگەر پوستى سويىۋىتىلىپ تاشلاپ قويۇلسا، تەمى، رەڭگى ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

قىلىچمۇ غىلاپىنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ.

قەلەمنىڭ ئۇچىدىكى بېشى ئېلىۋېتىلسە، سىياھى قۇرۇپ قېلىپ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ئەخلەت بولۇپ كېتىدۇ.

ئوغۇل – قىزلىرىمىزمۇ كىتاب – دەپتەرلىرىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن مۇقاۋىلايدۇ.

شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ چىرايلىق بىر گۈل ۋە قىممەتلىك جەۋھەر بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ سەتر قىلىشىنى ئىرادە قىلسا، ھىجاب بىلەن ئۆزىنى سەتر قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

7. دۇئا قىلىش

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەتىگەن – كەچتە: ‹اللهم إِنِّيْ أَسْأَلُكَ الْعَافِيَةَ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَدِيْنِيْ وَدُنْيَايَ وَأَهْلِيْ وَمَالِيْ اللهم اسْتُرْ عَوْرَاتِيْ وَآمِنْ رَوْعَاتِيْ وَاحْفَظْنِيْ مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ وَمِنْ خَلْفِيْ وَعَنْ يَمِيْنِيْ وَعَنْ شِمَالِيْ وَأَعُوْذُ بِعَظَمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِيْ (ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە، دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئەھلىم (ئايالىم، بالىلىرىم، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم) دە ۋە مېلىمدا ئامانلىق (بېرىشىڭنى) سورايمەن. ئى ئاللاھ! ئەيىبلىرىمنى سەتر قىلغىن، مەندىن مېنى بىئارام قىلىدىغان قورقۇنچلارنى يىراق قىلغىن. مېنى ئالدىمدىن، ئارقامدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن ۋە سول تەرىپىمدىن مۇھاپىزەت قىلغىن. سېنىڭ كاتتىلىقىڭغا سىغىنىپ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن)› دەپ دۇئا قىلىشنى تەرك ئەتمەيتتى»([23]).

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الستير جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/124809//

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


([1]) «ئەبۇ داۋۇد»، (4014)؛ «نەسائىي»، (406). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([2]) «تەفسىرۇلبەغەۋىي»، 6/290.
([3]) «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/403.
([4]) ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي: «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم».
([5]) «ئەبۇ داۋۇد»، (4880). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
([6]) «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، (1071). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([7]) «بۇخارىي»، (6499)؛ «مۇسلىم»، (2986).
([8]) ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (7615). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([9]) «بۇخارىي»، (6069)؛ «مۇسلىم»، (2990).
([10]) «بۇخارىي»، (2441).
([11]) «بۇخارىي»، (526)؛ «مۇسلىم»، (2763).
([12]) مۇھەممەد ھەمۇد نەجدىي: «النهج الأسمى (ئەننۇھجۇلئەسما)».
([13]) «مۇسلىم»، (2699).
([14]) «مۇسلىم»، (2590).
([15]) «ئىبنى ماجە»، (2546). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([16]) تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (8003).
([17]) مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق، (18931).
([18]) ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي: «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم».
([19]) تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، (6026). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([20]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، (10977)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2174)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (13876). ئالبانىي: «ئادابۇززىفاف»تا: «سەھىھ» دېگەن.
([21]) «مۇسلىم»، (1437).
([22]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، (25408)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4010)؛ تىرمىزىي: (2803)؛ «ئىبنى ماجە»، (3750). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([23]) «ئەبۇ داۋۇد»، (5074). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: