ئەلقەۋىي، ئەلمەتىين جەللە جەلالۇھۇ

ئەلقەۋىي، ئەلمەتىين جەللە جەلالۇھۇ

ئەلقەۋىي، ئەلمەتىين جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ) كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلبەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلبەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(22/«ھەج»: 40).

بۇ ئايەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ساھابەلىرى ھەققىدە نازىل بولغان. ئۇلار ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ھېكمىتى سەۋەبىدىن كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلەنگەن ۋە ئۇلارغا قارىتا سەبر قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇلار كۆپ ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلدى ۋە كۈچلەنگەندىن كېيىن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىنىدى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلبەتتە قادىر. (ئۇلار) پەقەت: ‹پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ› دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلبەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلبەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ئەلبەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(22/«ھەج»: 39، 40). يەنى بىز ئاللاھ تائالاغا ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى جان – دىل بىلەن ئورۇنداش، چەكلىگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇ زاتنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ياردەم بەرسەك، ئەلبەتتە ئاللاھ تائالا بىزگە دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن — گەر بىزنىڭ سانىمىز ۋە قوراللىرىمىز ئاز، ئۇلارنىڭ سانى ۋە قوراللىرى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ — ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿بىزنىڭ (ئازاب قىلىش) ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(11/«ھۇد»: 66)، ﴿ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(58/«مۇجادەلە»: 21). دېمەك، رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا كامىل كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئىززەتنىڭ ئىگىسىدۇر.

ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە ئىززىتىنىڭ نامايەندىلىرى

1. پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ كوكۇلىلىرى ئۇ زاتنىڭ ئىلكىدە، كونتروللۇقىدىدۇر

پۈتۈن ئالەمدە ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ خاھلىغان نەرسە بولىدۇ، خاھلىمىغان نەرسە بولمايدۇ.

2. ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتقاندۇر

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلبەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ﴾(40/«غافىر»: 57)، ﴿ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى تەشۋىشلەندۈرمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى. بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق. مانا بۇلار ئاللاھنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى!؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر﴾(31/«لۇقمان»: 10، 11).

ھىمالايا تېغىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 12 مىڭ مېتىرغا يېقىندۇر، يەنە يەر ئاستىدا 24 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۇلى باردۇر. زېمىندىكى تاغلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرى يەر ئۈستىدە، ئۈچتىن ئىككىسى يەر ئاستىدىدۇر. دېمەك، بۇ گىگانت تاغلارنى ياراتقان ۋە ئۇ تاغلارنى زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زېمىنغا قوزۇق قىلغان، شامال – بورانلارغا ئۇلارنىڭ يۇرت – شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن توسۇق قىلغان ۋە كان بايلىقلىرى ئۈچۈن ئامبار قىلغان كىم؟ ئۇ بولسىمۇ ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدۇر.

3. ئاللاھ ئاسماننى زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرغۇچىدۇر

ئەگەر رەببىمىز ئاسماننى تاشلاپ قويسا، ھېچكىم ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشقا قادىر بولالمىغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 41).

4. ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ كائىناتىدا، ئاللاھ خاھلىمىسا، چوڭ – چوڭ ئالىملارمۇ يېشەلمەيدىغان ئاجايىب – غارايىب تىلسىماتلار باردۇر

كۆپىنچىمىز ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك / بىرمۇدا دېڭىز رايونىنى ئاڭلىغانمىز، ئۇ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى تىلسىماتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ، سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ھېچقانداق خەۋەر يوق غايىب بولۇپ كەتكەن ئايروپىلانلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پاراخوتلار نۇرغۇندۇر. مانا بۇنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك ۋە غالىب ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىلىرىدۇر.

ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خاھلىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(42/«شۇرا»: 19) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر﴾(51/«زارىيات»: 58) دېگەن.

يەنى ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامىتى ئۇ زاتنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىگە رىزق بېرىشكە كېپىل بولغانلىقىدۇر. بۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ.

ئەللامە سەئدىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ئاللاھنىڭ ھەممە جانلىققا رىزقىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ئۇ ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر»([1]).

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى مەنىسى

ئەلقەۋىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممىدىن غالىب، ھۆكمى رەت قىلىنمايدىغان، مەخلۇقاتىغا بۇيرۇقى ئىجرا بولىدىغان، قازايى – قەدەرى جارى بولىدىغان ۋە ئايەتلىرىگە كۇفۇرلۇق قىلغان، ھۆججەتلىرىگە تانغانلار ئۈچۈن ئازابى قاتتىق بولغان زاتتۇر.

ئەلقەۋىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ زات ھەرقانداق كۈچ ئۇنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ ئالدىدا ئەرزىمەس سانىلىدىغان ۋە ھەرقانداق بۈيۈك نەرسە ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكىنىڭ ئالدىدا تىلغىمۇ ئېلىنمايدىغان زاتتۇر.

ئەلقەۋىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ئۆز ھېكمىتى بىلەن خاھلىغان ئادەمگە كۈچ – قۇۋۋەت بېرىدىغان، خاھلىغان ئادەمدىن كۈچ – قۇۋۋەتنى تارتىۋالىدىغان زاتتۇر. ئالايلۇق، ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر، ساغلام بىر كىشىنى تۇيۇقسىز كېسەل ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ – دە، ئۇ بېلىنى رۇسلاشقىمۇ، بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ۋە ئازراق بىرنەرسىنى كۆتۈرۈشكىمۇ قادىر بولالماي قالىدۇ.

«الْقَوِيُّ (ئەلقەۋىي)» ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا ئىككى سىياقتا كېلىدۇ:

1. زالىملارنى ۋە گۇناھكارلارنى ھالاك قىلغانلىقتىن خەۋەر بېرىش سىياقىدا؛

2. مۇئمىنلەر ۋە بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئاسانلىق بېرىش سىياقىدا.

«الْقَوِيُّ (ئەلقەۋىي)»، «الْقَادِرُ (ئەلقادىر)» ۋە «الْمَتِيْنُ (ئەلمەتىين)» بۇ ئۈچ ئىسىمنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟

ھەقىقەتتە پەرق يوق. بىراق، ئەلقەۋىي — «ھەر نەرسىگە تولۇق قۇدرىتى يەتكۈچى» دېگەن مەنىدە. مەسىلەن: «هُوَ الْقَادِرُ عَلَى حَمْلِهِ (ئۇ بۇ نەرسىنى كۆتۈرۈشكە قادىردۇر)» دەيمىز. ئەگەر تېخىمۇ زىيادە سۈپەتلىمەكچى بولساق، «هُوَ الْقَوِيُّ عَلَى حَمْلِهِ (ئۇ بۇ نەرسىنى كۆتۈرۈشكە كۈچلۈكتۇر» دەيمىز([2]).

ئەمما، «ئەلمەتىين»گە كەلسەك، ئىمام غەززالىي دېگەندەك: «(بۇ لەفزنىڭ سۆز يىلتىزى بولغان) ‹الْمَتَانَةُ› ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ چوڭلۇقىغا دالالەت قىلىدۇ»([3]).

ئىمام خەتتابىي دەيدۇكى: «ئەلمەتىين جەللە جەلالۇھۇ كۈچ – قۇۋۋىتى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئىش – ئەفئاللىرىدا ھېچبىر مۇشەققەت ۋە ھېرىپ – چارچاش يېتىپ قالمايدىغان ناھايىتى كۈچلۈك زاتتۇر»([4]).

ئەلقەۋىي ئەلمەتىين جەللە جەلالۇھۇنىڭ ھەقلىرى (ئاللاھقا ئۇ زاتنىڭ بۇ ئىسىم – سۈپىتىگە قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟)

1. «ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلغان ھالدا، كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى يەككە – يېگانە ئاللاھتىنلا تىلىشىمىز كېرەك

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى)﴾(2/«بەقەرە»: 165). دېمەك، ھەقىقىي قۇۋۋەت ئاللاھقا خاستۇر، بۇ قۇۋۋەت ئاللاھتىنلا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ بولسا غافىللار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئەينەن كۆرگەن چاغدا بىلىپ يېتىدىغان ھەقىقەتتۇر. ئۇلار شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ھالبۇكى دۇنيادا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنى كۆرۈشتىن كور بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن قەلبلىرىنى ھېچنەرسە بېرەلمەيدىغان، بالا – قازانى توسۇپ قالالمايدىغان ۋە كۆتۈرۈۋېتەلمەيدىغان ۋە باشقىلاردىن تۈگۈل ئۆزلىرىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان بۇت – ھەيكەللەرگە ئېسىپ قويغانىدى.

دېمەك، كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئاللاھ ئەزىز قىلغان كىشى ئەزىز بولغۇچىدۇر، خار قىلغان كىشى خار بولغۇچىدۇر، كۈچ – قۇۋۋەت بەرگەن كىشى كۈچلۈكتۇر، ياردەم بەرگەن كىشى ھەقىقىي ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر، ئاللاھ ياردەم بەرمىگەن كىشى ھەقىقىي ياردەمچىسىزدۇر. ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا بىنائەن مۇنداق دېگەن: ﴿ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغفىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ – قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار﴾(11/«ھۇد»: 52).

فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزىگە بىر خىزمەتچى بېرىشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلاردىن ياخشىراق نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ سىلەر ئۇخلاشقا ياتقىنىڭلاردا 33 قېتىم تەسبىھ (سۇبھانەللاھ)، 33 قېتىم ھەمد (ئەلھەمدۇلىللاھ) ۋە 34 قېتىم تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) ئېيتىڭلار» دېگەن([5]).

شۇنىڭ ئۈچۈن، بەندىنىڭ «لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)»نى كۆپ دېيىشى نېمىدېگەن گۈزەل! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كەلىمەنى كۆپ ئېيتىشقا بۇيرۇپ: «لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ) نى كۆپ ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر»([6]) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزاننى ئاڭلىغاندا، (ئەزان كەلىمەلىرىنى) مۇئەززىن دېگەنگە ئوخشاش دەيتتى، ھەتتا «حَيَّ عَلَى الصَّلَاةِ، حَيَّ عَلَى الْفَلَاحِ (نامازغا كېلىڭلار، نىجاتلىققا كېلىڭلار) غا كەلگەندە، «لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)» دەيتتى([7]).

چۈنكى، نامازغا ئالدىراش ۋە نىجاتلىققا ھېرىسمەن بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئىشلار پەقەتلا ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋەت بېرىشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام، تەسلىم بولۇش، ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش مەنىسىدىكى كەلىمەدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى: «بەندىنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتتىن تائەتكە، كېسەللىكتىن تەن ساقلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ – قۇۋۋەتكە ۋە ناقىسلىقتىن زىيادىلىككە يۆتكىلىشى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ساڭا جەننەتنىڭ خەزىنىسىدىن بولغان، ئەرشنىڭ ئاستىدىن (چۈشۈرۈلگەن) بىر كەلىمەنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ — ياكى — دالالەت قىلايمۇ؟ ‹لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ› دېگىن، شۇندىلا ئاللاھ: ‹بەندەم ئىخلاس قىلدى ۋە ھەممە ئىشلىرىنى (ماڭا) تاپشۇردى› دەيدۇ»([8]) دېگەن.

كىمكى بۇ كەلىمەنى ئۇنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھقا ھەقىقىي تايىنىشتىن ئىبارەت مەنىسىنى ھېس قىلغان ۋە تەقەززاسىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئېيتسا، توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنىدۇ، كۇپايە قىلىنىدۇ ۋە شەيتاندىن ساقلىنىدۇ ۋە ھازىر ۋە كېيىنلىكتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ۋە ئەڭ ياخشىسى بولىدۇ. ئەسەردە مۇنداق كەلگەن: «كىمكى ئۇنى ئەڭ كۈچلۈك ئىنسان بولۇش خۇشال قىلسا، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن، كىمكى ئۇنى ئەڭ باي ئىنسان بولۇش خۇشال قىلسا، ئاللاھنىڭ قولىدىكى نەرسىگە ئۆزىنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن بەكرەك ئىشەنچە قىلسۇن»([9]).

2. ئىنسان ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ھەددىدىن ئاشماسلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك

ئاللاھ تائالا كۆپ ئىنسانلارغا كۈچ – قۇۋۋەت، پۇل – مال ۋە يۈز – ئابرۇي ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ، زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ نېمىدىن باشلانغانلىقىنى ۋە نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى، قەھرىنى، جازاسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ھۇد قەۋمى ئۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر: ﴿ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ – قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى﴾(41/«فۇسسىلەت»: 15). شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق بولدى: ﴿ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەﻓﺌ قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 16).

دېمەك، ئاقىل كىشى ئۆزىنىڭ قەدر – قىممىتىنى بىلىپ، چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك، ياشلىق پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇنى تائەت – ئىبادەتكە سەرپ قىلىدۇ. شۇنداقلا كۈچ – قۇۋۋىتىنى ياخشى ئىشلارغا، ھەقنى قوغداشقا، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ئادىل بولۇشقا بېغىشلايدۇ.

3. قەلبىمىزگە ئۈمىدسىزلىك يېقىن يولىماسلىقى كېرەك

چۈنكى، بىز ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان، ھەممىدىن غالىب ۋە ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش كافىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئېرۇر: ﴿شۈبھىسىزكى، پەقەت كافىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 87).

4. پەقەت ئاللاھتىنلا قورقۇشىمىز كېرەك

چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ھەرقانداق قۇۋۋەتتىن ئۈستۈندۇر. ئاللاھتىن كۈچلۈك ھېچبىر ئەھەدى يوقتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، ئاللاھتىن قورققاندەك باشقا كىمدىن قورقىمىز؟!

نېمە ئۈچۈن بىرەر ئەمىر ياكى مۇدىرنىڭ نوپۇزىدىن ئاللاھتىن قورققاندىن بەكرەك قورقۇپ كېتىمىز؟! ھالبۇكى رەببىمىز ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار﴾(5/«مائىدە»: 44)، ﴿ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 175) دېگەن تۇرسا.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدىن ھەقىقىي قورقۇشنى ئىمانىمىزنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە روياپقا چىقىرىشىمىز زۆرۈردۇر. ئىمام ئەھمەد (بەزى ۋالىيلاردىن) قورقۇۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان كىشىگە: «(غەپلەت ئۇيقۇسىدىن) ئويغانساڭ، ھېچكىمدىن قورقمايسەن» دېگەنىكەن([10]).

5. ياردەم – نۇسرەتنى پەقەت ئاللاھتىنلا تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك

چۈنكى، ھەقىقىي ياردەم ئاللاھ تەرەپتىن مۇئمىن بەندىلىرىگە كېلىدۇ، ئۇلار بولسا پەرۋەردىگارىنىڭ دىنىغا قەلبلىرى، گەپ – سۆزلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن ياردەم بەرگەن، شۇ ئارقىلىق ئول پەرۋەردىگارىنىڭ ياردىمىگە لايىق بولغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلبەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلبەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(22/«ھەج»: 40) دېگەن. دېمەك، ئاللاھنىڭ ياردىمى قورال جەھەتتە ھەممىدىن كۈچلۈك، سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولغان قوشۇنغا ئەمەس، بەلكى ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا راۋۇرۇس ماڭغان مۇئمىنلەرگە خاستۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(8/«ئەنفال»: 10) دېگەن.

ئاللاھ بەدر كۈنى پەرىشتىلەرنى چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت مۇئمىنلەرگە بېشارەت بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئارام تاپقۇزۇش ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىگە قەھر قىلغۇچى كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە ئەقىلنى لال قىلغۇچى قۇدرىتى بىلەن ياردەم بەرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە دەيدۇكى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ – ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(8/«ئەنفال»: 9، 10).

مانا بۇ ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىننىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەقىدەدۇر. ئۇ مۇئمىن تاقىتىنىڭ يېتىشىچە، ئۆزىگە تايانماستىن، بەلكى ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان رەببىنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ئەمەل قىلىدۇ.

بىرلەشمە قوشۇن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كېلىپ مۇئمىنلەرنىڭ شەۋكىتىنى سۇندۇرۇشقا پىلان تۈزۈشكەن ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن پۇختا سۇيىقەستلەرنى قىلغان چاغدا، ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق بىر شامالنى ئەۋەتتىكى، بۇ شامال ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى قومۇرۇپ تاشلىۋەتتى ۋە قازانلىرىنى ئۆرۈپ، ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈپ قويدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئاللاھ كافىرلار (يەنى مەدىنەگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 25) دېگەن.

6. ئامانەت (راستچىللىق) بىلەن كۈچ – قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ (دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار)﴾(8/«ئەنفال»: 60). بۇ ئايەتتىكى «قوة»نى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەفسىرلەپ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، ‹قۇۋۋەت› ئوق ئېتىشتۇر» دېگەن. دېمەك، ئاللاھ تائالا كۈچ – قۇۋۋەتنى ۋە ئىمانىدا، بەدەنلىرىدە، ئىلمىدە، ئېلىم – بېرىملىرىدا ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرىدا كۈچلۈك بولغان كۈچلۈكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە: «كۈچلۈك مۇئمىن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۇئمىننى ياخشى كۆرىدۇ ۋە (ئەسلى ئىماندا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھەممىسىدە ياخشىلىق بار. سەن ئۆزۈڭگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ھېرىس بولغىن. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىزلىقنى ئۆزۈڭگە يولاتمىغىن»([11]) دېگەن.

ئاللاھ تائالا تاجاۋۇز ۋە زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان كۈچ – قۇۋۋەتنى يامان كۆرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «ئاجىزلىرى ھەققىنى قىينالماستىن ئالالمايدىغان بىر قەۋم گۇناھ كىرلىرىدىن پاك بولالمىغاي!»([12]) دېگەن.

شۇڭا، كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن بىرگە ئامانەتنىڭ بولۇشى زۆرۈردۇر: بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ (شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزىنىڭ بىرىنىڭ تىلىغا بىنائەن): ﴿ئۇ ئىككىسىنىڭ (قىزلارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا! ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»﴾(28/«قەسەس»: 26) دېگەن سۆزىدۇر. (ئايەتتىكى: «ئۇنى سەن ئىشلەتكىن»دىن مۇسا ئەلەيھىسسالام مەقسەت قىلىنغاندۇر).

ھەقىقەتەن ئامانەت (راستچىللىق) بولمىغان كۈچ – قۇۋۋەت زېمىندا بۇزغۇنچىلارنى پەيدا قىلىش ۋە زۇلۇم – ئىستىبدات، دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ. ئاجىزلىق بىرگە بولغان ئامانەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئويلىسىمۇ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «گۈللىنىمىز، تەرەققىي قىلىمىز» دەيدىكەنمىز، چوقۇم كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئامانەت (راستچىللىق) تىن ئىبارەت ئىككى سۈپەتنىڭ بولۇشى زۆرۈردۇر([13]).

«كۈچ – قۇۋۋەت»نى بىلدۇق، ئەمما «ئامانەت» بولسا ئىنسانلاردىن قورقماي، ئاللاھتىن قورقۇشىمىزغا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەسلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىكتۇر([14]).

7. ئاللاھ تائالاغا «ئەلقەۋىي»، «ئەلمەتىين» دېگەن ئىسىملىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

يەنى ئى ئاللاھ! سېنىڭ «الْقَوِيُّ (ھەممىدىن كۈچلۈك)» دېگەن ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمىزكى، بىزنى تائەت – ئىبادەتلىرىڭگە مۇۋەپپەق قىلغىن، بىزگە سېنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزغا ياردەم بەرگىن، بىزنى كوكۇلىلىرىمىزدىن تۇتۇپ جەننەتنىڭ يولىغا باشلاپ قويغىن. بىزگە دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ياردەم بەرگىن، بىزگە روھىيىتىمىز ۋە قەلبلىرىمىزنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىتا ياردەم بەرگىن ۋە بىزنى راستچىللاردىن قىلغىن. ئامىن.

ئى ئاللاھ! يەنە سېنىڭ بۇ گۈزەل ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمىزكى، زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بەرگىن، ئى ئاللاھ! بىزگە ئۇلار ھەققىدە قۇدرىتىڭنىڭ ئاجايىپ نامايەندىلىرىنى كۆرسەتكىن. ئى ئاللاھ! يەنە بۇ گۈزەل ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمىزكى، مۇئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شىپالىق بەرگىن. ئاللاھۇممە ئامىن.

 

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ القوي المتين جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/125013//

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


([1]) شەيخ سەئدىي: «تەفسىرۇسسەئدىي»، 1/813.
([2]) زەججاج: «تفسير أسماء الله الحسنى (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ تەفسىرى).
([3]) غەززالىي: «المقصد الأسنى في شرح أسماء الله الحسنى (ئەلمەقسەدۇلئەسنا فىي شەرھى ئەسمائىللاھىل ھۇسنا)».
([4]) ئەبۇ سۇلايمان خەتتابىي: «شأن الدعاء (شەئنۇددۇئاﺋ)».
([5]) «بۇخارىي»، (5361)؛ «مۇسلىم»، (2727).
([6]) «تىرمىزىي»، (3601)؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، (8406). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([7]) «ئەھمەد»، (23917). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([8]) «ئەھمەد»، (7966). نەسائىي: «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، (9757)؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (54). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([9]) ئىبنى ئەدىي: «الكامل في الضعفاء (ئەلكامىل فىززۇئەفاﺋ)»، 7/106.
([10]) ئەسماﺋ جەلال: «هَنِيْئًا لِمَنْ عَرَفَ رَبَّهُ (پەرۋەردىگارىنى تونۇغان كىشى ئۈچۈن خۇش مۇبارەك)».
([11]) «مۇسلىم»، (2664).
([12]) «ئىبنى ماجە»، (2426). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([13]) ئەسماﺋ جەلال: «هَنِيْئًا لِمَنْ عَرَفَ رَبَّهُ (پەرۋەردىگارىنى تونۇغان كىشى ئۈچۈن خۇش مۇبارەك)».
([14]) ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 28/254.

Please follow and like us: