ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

501 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى يىللىق 30 گرامغا توشقان ئالتۇنلىرىم بار ئىدى، ئۈچ ئاي بولدى مىقدارى كۆپىيىپ 52 گرام بولدى ھەم 4 مىڭ دوللار پۇلۇم بار. بۇ پۇلغىمۇ بىرنەچچە ئاي بولدى. «زاكاتنى يىلغا توشقۇزۇپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوقۇغانىدىم. مەن بۇ يىل زاكات بېرىمەنمۇ ياكى كېلەر يىلى بەرسەم بولامدۇ؟ «ئايالى زاكاتنى ئېرىگە بەرسە بولىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 85 گرام مىقداردىكى ئىقتىساد مەيلى دوللار بولسۇن، مەيلى ئالتۇن بولسۇن، قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر 30 گرام ياكى 50 گرام ئالتۇن بولسىمۇ بىر يىل ئۆتسە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما، 4 مىڭ دوللار بىلەن قوشۇپ بىللە شۇ ھالەتتە بىر يىل ئۆتكەن بولسا زاكات كېلىدۇ. زاكاتنى ئەرگە (ئەر زاكاتقا لايىق بولغان تەقدىردە) بەرسە بولىدۇ.

502 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى سىلىگە ۋە ئائىلىلىرىگە بولسۇن. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ فىردەۋس جەننەتلىك ياخشى ئەمەللەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن. ئۇستاز! دوللارنى لىرا ھېسابلاپ زاكات ئايرىمدۇق؟ ئازراق دوللار، ئالتۇن بىلەيزۈك زىننەتلىرىمنى لىراغا ھېسابلاپ، قولۇمدا 563587 لىرا پۇل بارتى. قانچە پۇل زاكات بەرسەم بولىدۇ؟ مۇشۇنى ئايرىپ بەرگەن بولسىلىرى ئۇستاز! ئاۋارە قىلىپ قالدىم، ھېساب چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سىلىگە قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنى قىلسىلا بولىدۇ. ئالتۇننى، دوللارنى ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، لىرا بويىچە بەرسىلە بولىدۇ. مۇشۇ 500 نەچچە مىڭ لىراغا قىرىقتىن بىر (2.5%) زاكات ئايرىيلا. بۇ ساننى قىرىققا بۆلسىلە، قىرىقتىن بىرى زاكات ئايرىيدىغان مىقدار شۇ بولىدۇ.

503 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى بالام بار. ئەر – ئايال ئىككمىز مەسلىھەتلىشىپ ئىككى بالا بىلەن توختىساق، شەرىئەتتە گۇناھ بولامدۇ؟ شەرئىي جاۋاپ ئالاي دېگەنىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ۋاقىتلىق ئېلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. تۇغماس قىلىۋېتىش ھارام.

504 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا نەچچىلىك بولسا، قانچە پىرسەنت زاكات بېرىمىز؟ مەسىلەن قىممىتى 8000 دوللار ئەتراپىدىكى مۇجەۋھەرات ئالماسقا نەچچىلىك زاكات كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ، ئالتۇنلىرىغا 85 گرامغا يەتسە زاكات كېلىدۇ.

505 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايچە بولدى ئايالىم قورساق كۆتۈرگەنىدى. ئون نەچچە كۈننىڭ ياقى مەن بىلەن روزا تۇتۇۋاتقانىدى. نەچچە كۈن بولدى كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتۇۋېرەمدۇ ياكى بەك بولالمىسا قازا قىلىۋېتىپ، كېيىن قازاسىنى تولۇقلاپ تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ئۆزى بىئارام بولسا ياكى بالىغا روزىنىڭ تەسىرى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىسە، روزا تۇتماي، كېيىن بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

506 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىز تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتۇق. بىرسى 2 يېرىم ياش، يەنە بىرسى بىر ياش ئىككى بالام بار. سۆزۈمنى بەرگەندىن كېيىن گەپ – سۆز يوق يوقاپ كەتتى. مەن ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتىمەن. مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ھازىرقى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىددەت ھەققىم، بالىلارنىڭ نەپىقىسى قانچە پۇلدىن ھېسابلىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. تالاق قىلغاندىن كېيىن گەپ – سۆز قىلمايلا يوقاپ كەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىمۇ بىر ئەھلى ئىلىم ئارىلىشىپ، بىر سورۇندا جەم بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەممە ھەق – مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئەر ئايال كىشىگە ئىددىتى توشقۇچە پۈتۈن تۇرمۇش چىقىمىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ بالىلارغا ئۇلار چوڭ بولۇپ توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يولغا سالغۇدەك بولغۇچە، تۇرمۇش چىقىمى بولسۇن، مەكتەپ چىقىمى بولسۇن، داۋالىنىش چىقىمى بولسۇن ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنى ھازىرلا مۇنچە پۇل دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرمۇش شارائىتىغا قاراپ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى بىر ئەھلى ئىلىم بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشى كېرەك. ئەرمۇ «ياق، ئەھۋال بۇنداق ئەمەستى» دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ سورۇنغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئاڭلىشى كېرەك.

ئەر يوقاپ كەتكەن بولسا، سىلى ئەرنىڭ ئۇ كىشىنى تونۇيدىغان ئاغىنە – بۇرادەرلىرى ياكى يۇرت چوڭلىرى، ئەھلى ئىلىملەر ئارقىلىق شىكايەت قىلىپ، ئۇنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىلا بولىدۇ.

507 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. كاناي ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىدا تۇرۇپ قالغان بەلغەمنى بوشىتىدىغان بۇخار (ھور) نى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ نەپەسلىنىش جىھازىنى ئىشلەتكەندە، بەزى دورا سۇيۇقلۇقىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ نەپەس يولىغا كىرگۈزىدىغان ئىش بار. بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىسا، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا روزىنى سۇندۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇ دورا نەپەس يولىغا كىرىدۇ، يېمەك – ئىچمەك يولىغا كىرمەيدۇ. شۇڭا: «روزىنى سۇندۇرمايدۇ» دەيمىز.

508 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) مەن تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بەزىدە ئالدىمغا كەلگەن بىمارلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، مەن يېزىپ بەرگەن دورىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن سوراپ، زاكات دۇرۇس كېلىدىغان بولسا، ئۇ دورىنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىمەن. سورايدىدىغىنىم: دورىنى زاكاتقا ھېسابلىغاندا، دورا پۈتۈپ چىققان باھادا ھېسابلايمەنمۇ ياكى مەن ساتىدىغان باھادا ھېسابلىشىم كېرەكمۇ؟

2) بىر قېتىم بىر بىمار بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 700 دوللارلىق دورا يېزىپ بەردىم. دورىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا، يېنىدا پەقەت 300 دوللار پۇل بارلىقىنى ئېيتتى. سوراپ زاكات دۇرۇس كېلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەملىگەن 400 دوللارنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتتىم. بۇ ئىشتا دەسلەپتە مەن دورىنى سېتىپ بولۇپ، كېيىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن زاكاتقا ھېسابلىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

3) ئوغۇل 20 ياشتىن ئېشىپ، ئۆزى پۇل تاپالايدىغان بولغان چاغدا، دىنىي ئوقۇشقا ئاتلانغان بولسا، دادىسى ئۆزىنىڭ زاكىتىدىن ۋە باشقىلار ئەكىلىپ بەرگەن زاكاتتىن بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) مۇسۇلمان بىمار دورىسىنى سېتىۋالالمايدىغان بولسا، دورىسىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دورا ئادەتتىكى كىشى خاھلاپ ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان ئىختىيارىي دورا بولماي، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا زۆرۈر بولغان دورا بولۇشى، زاكات بەرگۈچىنىڭمۇ ساتالماي قالغان دورىنى زاكاتقا ھېسابلاپ قولدىن چىقىرىۋېتىش ياكى كۆپ ئوبوروت قىلىش ياكى كۆپ دورا يېزىپ بېرىشتەك بىرەر غەرىزى ئارىلاشمىغان بولۇشى شەرت. دورىنىڭ باھاسى پۈتۈپ چىققان باھاسىدىمۇ، پارچە سېتىش باھاسىدىمۇ ئەمەس، توپ سېتىش باھاسىدا ھېسابلانسا مۇناسىپ. 2) بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە زاكاتقا ھېساب بولىدۇ. 3) دادىسى ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ زاكىتىدىن بەرسە بولمايدۇ. بەزىبىر ئەھۋاللاردا باشقىلارنىڭكىنى بەرسە بولىدۇ. تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈڭ: https://sajiya.biz/?p=2787&uls=uu

509 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەنىڭ «گاز»، «ماي» دېگەندەك ئايروپىلان ياسايدىغان يەرگە مەبلەغ سالساق شەرىئەتتە بولامدۇ ياكى جازانىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ تۈرلۈك گاز ۋە ئايروپىلان شىركەتلىرىگە ياتىرىم ئېلانلىرى قويمىچىلىقتىن ئىبارەت. سوراپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئۇنداق ياتىرىم ئىشى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇ ئىنتايىن پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق. شۇڭا، جىمى قېرىنداشلارنىڭ قويۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

510 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ ئاغزى بەك يامان. ماڭا گەپ – سۆزلەردە بەك ئازار بېرىدۇ، ئاغزىدىن پەقەت ياخشى گەپ چىقمايدۇ. توي قىلغاندىن بېرى ئوخشاش ئوڭشالمىدى. مەن سەبىر قىلىپ بولالماي، پەتىۋا سورىماقچى سىلىدىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تالاق قىلىشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىپ بۇ يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرش، بۇ قىلىقنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىم. بۇمۇ كار قىلمىسا، ياتاقنى ئايرىپ بىر مۇددەت تۇرۇش. بۇمۇ كار قىلمىسا، ئىككى ئائىلەنىڭ چوڭلىرىنى ئارىغا سېلىش لازىم. ئوڭشالسا ئوڭشالدى، ئوڭشالمىسا ئايالنى تالاق قىلىۋەتسە بولىدۇ.

511 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! دىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا بەرگەن قايىل قىلارلىق پەتىۋالىرىدىن ھەممىمىز مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتىمىز، سىلىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر سورىماقچى بولغىنىم: «بىدئەت ئەمەل قىلغان كىشى كاپىر، مۇشرىك بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا بولماقچى. ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدە دىيانەت باش بولۇپ ۋە ھەر قايسى جامائەتلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياكى ئۆز ئىچىدىكى ئۆلىمالار بەرگەن پەتىۋا بىلەن مەۋلۇد كېچىسى (Mevlid Kandili)، بارات كېچىسى (Berat Kandili) قاتارلىق دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەپ كېلىۋېتىغلىق. مەسىلەن، ئىستانبۇلدا بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى جامەگە نورمال كۈنلەردە ئاتمىش، يەتمىش جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، مەۋلۇد كاندىلى، بارات كاندىلى قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە تۆت، بەش مىڭ جامائەت يىغىلىدۇ، نامازشام بىلەن خۇپتەن ناماز ئارىلىقىدا ئىمام تەسىرلىك ۋەز – نەسىھەت، خۇتبىلەر بىلەن جامائەتكە خىتاب قىلىشقا ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ. تۈرك ئۆلىمالار شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كۈنى كېچىسى توغرۇلۇق «كۇتۇبى سىتتە»دە تىلغا ئېلىنغان ئىبنى ماجە «ئىقامە» 191 – نومۇرلۇق ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىبادەتنىڭ مۇستەھەب ئەمەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئەرەبىستان تەرەپتىكىلەر بۇ ئەمەلنى بىدئەت دەپ چەكلەيدىغان بولغاچقا، تۈركىيەدە ئوقۇغانلار بىلەن مەدىنەدە ئوقۇغانلار ئارىسىدا مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مۇنازىرە، جېدەل ۋە تالاش – تارتىشنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ – دە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇنچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر – بىرىنى تەكفىر قىلىشىدۇ. ئەرەبىستاننىڭ پەتىۋاسىغا تۈركىيە تەرەپتىكىلەر قايىل ئەمەس، تۈركىيە تەرەپتىكىلەرنى بولسا ئەرەبىستاندا مەدىنەدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار ئازغۇنغا چىقىرىشىۋاتقان بىر ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرنىڭ جامەسىگە بارسا، تۈركلەر كۆزىگە «ئازغۇن مۇشرىك» كۆرۈنۈۋاتقان، باشقا جامە تېخى تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىبادەتتىن يىراقلىشىپ تەنھا ياشايدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. ۋەتەندە خەلقىمىز دىنسىزلاشتۇرۇش دولقۇنىدا غەرق بولاي دەپ قېلىۋاتقان خەتەرلىك پەيتتە، چەتئەلدىكىلەر «بىدئەت تازىلايتتۇق» دەپ خەلقنى ئىبادەتتىن توسۇۋاتقان ئەھۋالغا سىلە قانداق قارايلا؟ مەۋلۇد تەبرىكلىگەن، بارات تەبرىكلىگەنلەر ئازغۇن مۇشرىك بولۇپ، دىندىن چىقامدۇ؟ بىز بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتساق، لىللا ئىش قىلغان بولىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەۋلۇد تەبرىكلەشكە ئوخشىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىغا كىرگۈزۈشتە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ئىشلار بولسا «كافىرغا چىقىرىۋېتىدىغان بىدئەت» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشتا «بىدئەت» دېيىلگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، «توغرا» دەپ قارالغاننى قولدىن بەرمەي، بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا كۆپ دەتالاش قىلماي، كافىرغىمۇ چىقارماي، ئاللاھ تائالادىن توغرىغا تەۋفىق تىلەش لازىم. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك دەتالاش قىلىنىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنىق پەرز ۋە سۈننەت ئەمەللەردىن ئاشقان ئىشلار بولغاچقا، ئېنىق پەرز بىلەن ئېنىق سۈننەتنى چىڭ تۇتساق يېتەرلىك.

512 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىش مەقسىتىدە يەم – خەشەك بىلەن سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىۋاتقان ئىدىم، چىشى موزايلار ئۆزۈمگە قالىدۇ، ئەركەك موزايلارنى يوغىنىتىپ سېتىپ، پۇلىغا يەم – خەشەك ئالىمەن. زاكاتنى قانداق ھېسابلاشنى بىلەلمىدىم. سەرمايەم دوللار بولغاندىن كېيىن دوللار بويىچە ھېساپ قىلسام توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىپ سۈت ئىشلەپچىقىرىش. يەنە بىرى، كالىنى موزايلىتىپ ئاۋۇتۇپ (چىشىسىنى سۈت ئىشلەپ چىقىرىشقا ئېلىپ قېلىپ) ئەركەكلىرىنى سېتىش.

بۇ ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە موزايلىتىشقا باققان چىشى كالا ۋە تۇغۇلۇپ ئۇنىڭغا قوشۇۋېتىلگەن چىشى موزايلار تىجارەت تاۋارلىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يىل بويى ياكى يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يەم – خەشەك بىلەن بېقىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

ئىشلەپ چىقارغان سۈت بىلەن سېتىلغان موزايلارنىڭ پۇللىرى يەم – خەشەككە ۋە باشقا چىقىملارغا سەرپ قىلىنىپ، قولىڭىزدا بار نەق پۇل 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىكى (بۈگۈنكى باھادا) $6000 گە ياكى شۇنىڭ قىممىتىگە يەتسە، قولىڭىزدا بار نەق پۇلغىلا قىرىقتىن بىرى (%2.5) نى زاكات ئايرىيسىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

513 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئاكا! شىركەتلەر بانكىلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا (خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى شۇ بانكىدىن بېرىش ئۈچۈن) بانكا شىركەتكە مەلۇم مىقداردا پۇل (Promosyon) بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى شىركەتلەر خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىپ بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟ جائىز بولمىسا قانداق بىرتەرەپ قىلسا ياخشى؟ مۇشۇنىڭغا پەتىۋا بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بانكىلار مائاشقا ئىشلەيدىغانلارغا مائاشلىرىنى ئۆزىدىن ئېلىشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن بېرىدىغان پروموسيون جازانەدۇر. بۇنى مائاش بەرگۈچى ئورۇن تاللىسۇن ياكى مائاش ئالغۇچى تاللىسۇن ئوخشاش. چۈنكى، بانكا مائاش پۇلنى بىرنەچچە كۈن جازانە ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋالغانلىققا قارىتا بۇنى ئۆسۈم شەكلىدە بېرىدۇ. شۇڭا، مائاش ئالغۇچى بۇنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ياتىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا خەجلىمەي، بانكىغىمۇ تاشلاپ قويماي، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

514 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كۇۋەيتتۈرك بانكىسىدا ھېساب ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىن پۇل تۆلەپ ئاچقۇزۇش كېرەككەن 6000 تېلى. بۇ پۇلنى 6 ئايدىن كېيىن ئالالايدىكەنمىز، لېكىن يەنە بىر ھېساب ئېچىش باركەن، بانكىدىكىلەر ئۇنى: «ياتىرىم» دەيدۇ. بىز ھەر ئايدا 420 تېلى بانكىغا قويىدىكەنمىز، ئۇلار بىز ئۈچۈن 135 تېلى قويىدىكەن. بۇ پۇلنى بىز خاھلىساق دوللارغا، خاھلىساق ئالتۇنغا ياتىرىم قىلىپ قويىدىكەنمىز. ئالتۇن ئاشسا، پۇلىمىزنىڭ قىممىتىمۇ ئاشىدىكەن، دوللار ئۆسسىمۇ قىممىتى ئۆسىدىكەن. بالىلار ئۈچۈنمۇ ئايرىم باركەن. ئەگەر بالىلار ئۈچۈنمۇ قىلىمىز دېسەك، بۇ بانكىدىكىلەر بۇ ئۇسۇلنى: «بۇنىڭدا ياتىرىم بولىدۇ، بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئالساڭ، ئانداق جىق پۇلۇڭ بولىدۇ» دەپ بەك تەۋسىيە قىلىپ تۇرۋاتىدۇ. مەن: «بۇ ئۆسۈم (faiz) ئەمەسمۇ» دېسەم: « ياق بۇ ئۆسۈم ئەمەس بىز ئۆسۈم بەرمەيمىز» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىلىنىپ يېنىپ چىقتىم. شۇڭا، سىلىدىن سورايدىغىنىم: مۇشۇ ھېسابنى ئاچقۇزۇش توغرىمۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىلىرى بوپتىكەن ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ (كېيىنكى ياتىرىم دەۋالغىنى) ئېنىق جازانەدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

515 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) «زاكات ئايرىشتا تىجارەت تاۋارلىرىنى قايسى باھادا ھېسابلايمىز؟» دېگەن پەتۋادا «مەسىلەن، قولىدىكى تاۋار ماللار قىممىتىنى قولىدىكى نەق پۇلغا قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزلىرىنى قوشۇپ ھەممىنى جەملەپ زاكات ئايرىيدۇ» دېگەن بۇ جۈملىدە چۈشىنەلمەي قالغان يېرىم بار ئىدى: «تاۋار ماللار قىممىتىنى قوشۇپ» دېگەندە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخىنى قوشامدۇق ياكى پايدىسىنىمۇ قوشۇپ قوشامدۇق؟

2) بىز رەخت ساتقاندا، بەزى رەختلەرنى ئەكەلسەك، ئىككى، ئۈچ يىل، ھەتتا 4 يىل سېتىلماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ماللارنى ئۆز ۋاقتىدا 2 دوللاردىن ئەكەلگەن بولساق، ھازىر بىر دوللارغا ياكى ئۇنىڭغىمۇ ساتالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئەلۋەتتە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخى بويىچە ئەمەس، بازاردىكى ھازىرقى قىممىتى يەنى، توپ سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلايمىز. 2) سېتىلماي تۇرۇپ قالىدىغان ماللارنى سېتىلىپ قالسا ساتقىلى بولىدىغان توپ باھاسىدا ھېسابلاپ ھەر يىلى زاكىتىنى بېرىش كېرەك.. بەزى ئالىملار ئۇزۇن مۇددەت مەسىلەن 7-10 يىل سېتىلماي تۇرغان ماللارغا زاكات ھەر يىلى زاكات ئايرىماي، سېتىلغاندا پۇلىغا سېتىلغان يىلى ئايرىسا بولىدۇ دەپمۇ قارايدۇ.

516 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) مەن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتىمەن. قىزىم بۇ يىل 18 ياشقا كىردى. قىزىم تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان چاغدا بىز بۇ تەرەپكە يېنىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ تەرەپتە تۈركىيەنىڭ تولۇقسىز دىپلۇمىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا يەنە تولۇقسىزنى قايتا ئوقۇشىغا توغرا كەلدى. ھازىر مالايسىيەدىكى بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلۇمى بولمىسا بولمايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇش ئۈچۈن يەنە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ دىپلۇمنى ياسىتىپ ئۆتكۈزسەكمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇ دىپلۇمنى ياساتساق دۇرۇس بولامدۇ؟

2) ئەگەر قىزىم مالايسىيەدە ئوقۇغان تەقدىردە، مەن ئۆزۈم ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلسەم، مەھرەمسىز قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ بولغاندىكىن تولۇقسىزنىڭكىنى ياسىتىشقا مەجبۇر قالغاچقا، ياساتسا بولىدۇ. ئەمما، تولۇقنى ھېچيەردە ئوقۇپ پۈتتۈرمىگەندىكىن، تولۇقنىڭ دىبلومىنى ياساتسا ساختىلىق بولىدۇ.

517 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ چېچىنى بويىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىلا. ئۇستاز ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار چېچىنى ئەنئەنىۋىي ياكى يېڭى پەيدا بولغان، سالامەتلىككە زىيانسىز بوياقلاردا بويىسا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشتا قارا رەڭدە بويىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. ئەمما بوياش كافىر ئاياللارنىڭ ياسىنىش تەرزىنى دوراش ياكى تەگمەكچى بولغان يىگىتكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىشتەك ساختلىققا ياتىدىغان نىيەتتە بولماسلىقى كېرەك.

518 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بەدخەجلىك قىلىدىغان (قەرزى تۈگىسە يەنە قىلىشى مۇمكىن) ۋە شۇ سەۋەبلىك بانكىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزىگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولامدۇ؟ زاكات يىغىدىغان كىشىلەرگە مانداق يەرگە (زاكات ئىشلىتىش جائىز بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىكى) ئىشلىتىڭلار دەپ بېرىشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەدخەجلىكتىن ياكى قىمار ئويناش، جازانە سودا قىلىش، گۇناھ – مەئسىيەت قىلىش سەۋەبلىك قەرزگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋېتىشكە، تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولمايدۇ. زاكات يىغىپ تارقاتقۇچىلارغىمۇ بۇ ھەقتە ئەسكەرتىپ تەلىمات بېرىش كېرەك.

519 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار تېگىشمەكچى بولۇپ يېقىنىمغا دوللار بەرسەم تېلېسى چىقىشماي بىر قىسمىنى نەق بېرىپ قالغىننى ( دوللارنىڭ نەقىنى ئاشۇ چاغدا دېيشىپ مۇقىمداپ قويۇپ، شۇ بويىچە ئىككىلى تەرەپ رازى بولغان ئەھۋالدا) كەچكىچە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇلنى پارچىلىغاندا مەسىلەن $100 نى پارچە دوللارغا تېگىشكەندە ياكى دوللارنى تېلىغا ئالماشتۇرغاندا ياكى ئالتۇن ئېلىپ پۇلىنى بېرىشتە ھەر ئىككى تەرەپ پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى كېچىكسە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا توغرا بولمايدۇ. شۇڭا، مەزكۇر ئەھۋالدا نەق بولغىنى توغرا سودا بولۇپ، نېسى قالغان قىسمى جازانە بولىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

520 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن توردىن ئۆيگە توك سۈپۈرگە ئالغانىدىم. بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرۋەتسەم بولىدۇ. ھازىر بۇ سۈپۈرگىنى قايتۇرۋىتىشكە نىيەت قىلدىم، ئەمما بىر ئاي تېخى توشمىدى. مەن بۇ سۈپۈرگىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋىرىپ، بىر ئاي توشقىلى ئاز قالغاندا قايتۇرۋەتسەم، ئۇلارنىڭ ھەققىگە كىرگەن بولامدىم؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. ئۇلارنىڭ ھەققىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئىشلەتمەي قايتۇرۇۋېتىش كېرەك.

521 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن رامازاندىن بۇرۇن جىگەر تازلاش پىروگىراممىسىنى قىلغانىدىم، بۇنى ئاخىرلاشتۇرغاندا سۇ بىلەن زەيتۇن مېيىدا كىلىزىم قىلىدىكەنمەن. بۇنداق كىلىزىم قىلىش روزىنى بۇزىۋىتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆپچىلىك ئالىملار روزىنى سۇندۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار سۇندۇرمايدۇ دەيدۇ. شۇ بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىمۇ ئورۇنلۇق.

522 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆمرە ئۈچۈن غۇسۇل قىلىپ بولۇپ ئېسىمدە يوق يۈزۈمگە ماي سۈرۈپ ساپتىمەن. قايتا غۇسۇل قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى قايتا تاھارەت ئالساملا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. غۇسۇل قىلدىڭىز. مىيقاتقا بېرىپ ئۆمرەنى نىيەت قىلدىڭىز، پۇراقلىق ماينى مىيقاتتىن بۇرۇن سۈرتكەن بولسىڭىز يۈزنىلا يۇيۇۋېتىپ مىيقاتقا بارىسىز. مىيقاتتا ئۆمرەنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن سۈرتكەن بولسىڭىز فىديە كېلىدۇ. فىديە ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننى تويغۇزۇش، ياكى بىر قوي قان قىلىش كېرەك. بۇلاردىن قايسىبىرىنى تاللىسا ئىختىيارى.

523 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئايالى: «سۆزۈمنى بەر» دېسە، ئەر: «ھەئە، بەردىم» دېسە، بۇ نىكاھ ئاجرىغان ھېساپ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەزكۇر ئەھۋالدا ھەنەفىي مەزھەبتە تالاق چۈشمەيدۇ. شافىئىي مەزھەبتە بىر تالاق چۈشىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتسا نىكاھقا تەسىر يەتمىگەنكىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇش كېرەك بولمايدۇ.

524 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! 3 ئايلىق ھامىلە قوساقتا ئۆلۈپ قېلىپ چۈشۈپ كەتتى. يەرلىكىگە قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھامىلە تۆت ئايغا توشمىغاندىن كېيىن يۇيۇپ – تارالماي، نامىزى چۈشۈرۈلمەي، بىر پارچە رەختكە يۆگەپ بىرەر يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئىسىم قويۇلمايدۇ. ئەقىقەسى قىلىنمايدۇ.

525 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئالدىنقى بىر جاۋابىڭىزدا: «ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كېلىدۇ» دەپ ئوقۇغان ئىدىم. ئەرلەرنىڭ ھازىر ئىككىنچى قول ماشىنىلىرىمۇ ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇنىدىن قىممەت، بەزى ماشىنىلار 5 مىليون ئۈستىدە بولىدۇ. بىر خىزمىتى بولمىغان ياكى تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟ زىبۇزىننەت تۈرى بولغان ئالماسقا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى دەپسىز بىر جاۋابتا، «ئالماس ئالتۇندىن قىممەت ھېسابلىنىدۇ» دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋالدا ئالتۇنغا نېمىشقا زاكات كېلىدۇ؟ دەرۋەقە ماشىنا، ئالماس ۋە ئالتۇننى ساتقاندا ئوخشاش پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ماشىنىنى قوللىنىش دەپ ئويلىسىڭىز، ئالتۇننىمۇ ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىدۇ. ئېھتىياج بولۇپ ساتقاندا، ھەر ئىككىسىنى جىددىي ساتالايدۇ. «تەبىئىي بايلىق» دېسەك ئالتۇن، ئالماس ۋە ماشىنىغا ئىشلەتكەن تۆمۈر ماددىلار ھەممىسى تەبىئىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ. سوئالىم: نېمىشقا پەقەت ئالتۇنغا زاكات كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. «زىبۇزىننەت قاتارىدا ئىشلىتىدىغان ئالتۇنغا 85 گرامدىن ئاشسا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قاراش كۈچلۈك. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئالتۇن بىلەن ماشىنا ۋە ئالماسلارنىڭ ئوتتۇرىدا پەرق بار. ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل. ماشىنىنىڭ ئۆزى پۇل ئەمەس. بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىنىپ، بىرنەرسە توشۇشقا ئىشلىتىدىغان تۆگىلەرگە زاكات كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ماشىنىغا قىممىتى نەقەدەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زاكات كەلمەيدۇ. ئالماسنىڭ ئۆزىمۇ پۇل ئەمەس. ساتسا قىممەت سېتىلغان بىلەن خاھلىغان چاغدا ھەر يەردە ھەقىقىي قىممىتىدە ساتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا، بۇمۇ ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنى ھەر يەردە پۇل ئورنىدا خەجلىگىلى بولمايدۇ. ئالتۇن زىبۇزىننەتنىڭ ئالماستىن پەرقى شۇكى، ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا زاكات كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلگەن. ئالماس ھەققىدە كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالماسنى كۆپ كىشىلەر ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بىرىنچىدىن، پۇل بولمىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بۇنىڭدىكى پەرق بولسا كېرەك. ئەمما، زاكات بېرىشتىن قېچىپ، ئىلكىدىكى پۇلغا ئالماس ئېلىپ قويسا ياكى ئالماسنى ئېلىپ – سېتىش ياكى ئىقتىسادنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قولىدا ساقلىغان بولسا، ئالماسقىمۇ قىممىتىگە قاراپ تاۋار مال ھېسابىدا زاكات ئايرىيدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، زاكات پەقەت ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئاۋۇغۇچى مالغىلا بىر يىل ئۆتۈشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. ئاۋۇشمۇ يا ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋۇغۇچى قىلىپ بېكىتىۋېتىشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئالتۇننى ئەسلىدىنلا شەيئىلەر ئىچىدە پۇل قىلىپ ياراتقان، ئۇنى سەرپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا بەدەلگە ۋە باھا بېكىتىشكە ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. زاكاتمۇ ئۇنىڭ (ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ) ئۆز ئەينىگە ئالاقىدار. بۇ دېگەنلىك ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل ھەم باشقا نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە ئاساسلىنىدىغان ئاساس دېگەنلىكتۇر.

«تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇكى، ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، مەيلى ئۇ ئايالنىڭ كىرىمى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئالتۇنىغا زاكات كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىمۇ ئاياللار قولىغا سېلىۋالغان بىلەيزۈكلەرگە قارىتىلغانىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ كىرىمى بار – يوقلۇقى شەرت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكات كېلىدىغان مالنىڭ شەرتى ئاۋۇغۇچى مال بولۇش. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئاۋۇغۇچى مال بولسۇن ياكى ھۆكۈم جەھەتتىن ئاۋۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بېسىپ قويۇلغان، ئوبوروت قىلىنمىغان مال بولسۇن ئوخشاش. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

526 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! بىز بەزىدە بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلار بىلەن ئالاقىلىشىپ: «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش قانچە پۇل بولىدۇ؟» دېيىشىپ گۆشنىڭ باھاسىنى توختىتىمىز. قاسساپ قوينى بوغۇزلاپ، گۆشنى قانچە كىلو كەلدى دېسە، دېيىشكەن بويىچە پۇلنى بېرىمىز. بەزىدە قاسساپلار بىلەن گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دەيمىز. قاسساپ گۆشنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە: «كىلوسى مانچە پۇل» دەيدۇ. شۇنىڭغا دېگىنىنى بېرىدىغان ئىشمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل سودىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. بۇ خىل سودا خېلى بار. ھەتتا ئىستانبۇلدىكى بەزى گۆش ساتىدىغان قاسساپلار بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلاردىن يۇقىرىدىكى شەكىلدە سېتىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش مۇنچە پۇل» دېيىشىپ، قانچە كىلو گۆش چىقسا، شۇ باھا بويىچە ئومۇم سوممىسىنى بەرسە، بۇ سودا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىدا سودا قىلغان چاغدا بىر كىلودىلا دۇرۇس. سەۋەبى: تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق تۈپەيلى ھەممىسىنى بىلىش قىلىش قىيىن. شۇڭا، ئېنىق بولغان بىر كىلوغىلا قارىتىلىدۇ. «سودا بىر كىلودىلا دۇرۇس بولىدۇ» دېيىلسە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېلىش – ئالماسلىقنى تاللاش ئىختىيارلىقى بار بولغان بولىدۇ. ئەمما، ئۇنى سويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچە كىلو چىققانلىقىنى دەپ بېرىش بىلەن ياكى كىلولاش بىلەن پۈتۈن گۆشنىڭ كىلو سانى ئېنىق بولغاندا بولسا، ھەممە كىلودا سودا توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق يوقالغان.

ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «ھەممە ئەھۋالدا دۇرۇس، چۈنكى نامەلۇملۇقنى تۈگىتىش ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىدا. گۆشنى كىلولىغاندا نامەلۇملۇق تۈگەيدۇ. شۇڭا، تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارمايدۇ» دېگەن. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ سودىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن، سېتىۋالغۇچىنىڭ قوينى كۆرۈشىنى شەرت قىلىدۇ.

گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دېگەن ئەھۋالدا، 4 مەزھەب ئالىملىرى قارىشىدا: «بەيئى قىلغان چاغدا باھا ئېنىق بولۇشى شەرت» دەپ قارايدۇ. چوقۇم باھا بىر كىلوسى 15 دوللار ياكى 500 تېلى دېگەندەك پۇل تۈرى ۋە مىقدارى بويىچە بېكىتېلىشى كېرەك. ئۇنى ئېنىق بېكىتمەي، شۇ كۈندىكى ياكى پۇلنى تۆلىگەن كۈندىكى باھا بويىچە بېكىتىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا كىلو سانىنىڭ نامەلۇملۇقىدىن سىرت، پۇلىمۇ نامەلۇم. كېيىنچە ئويلىمىغان باھا ۋە ئومۇم سومما سەۋەبلىك دەتالاش چىقىشى مۇمكىن.

بۇنىڭ ئۈچۈن باھانى ئالدىن بېكىتىپ، سودا قىلىشقا ۋەدىلىشىپ تۇرۇپ ياكى دېيىشكەن گەپنى ۋەدە ھېسابلاپ تۇرۇپ، گۆش كىلولانغاندا پۇل ۋە گۆشنىڭ مىقدارى ئېنىق بولغاندا ئاندىن سودا قىلىش لازىم.

بۇلارغا قاراپ گۆشنى ئوغرى ئالسا ياكى بىرەر ئەھۋال بولسا، تۆلەم جەھەتتىن ھۆكۈم پەرقلىق بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، قۇربانلىق، ئەقىقە، فىديە ۋە نەزر قاتارلىق قوي سويۇشتا بىر قوينى تىرىك سېتىۋېلىش كېرەك. گۆش سېتىۋالسا ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، قوينى بوغۇزلىغاندا، ئۇ قوي ئۇ كىشىنىڭ ئەمەس. ئۇ كىشى قاسساپنىڭ قويى بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى سېتىۋالغان. كاللا – پاقالچاق، تېرە ۋە گۆشتىن باشقا قىسمىغا سېتىۋالغۇچى ئىگە بولمىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

527 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن توردا سودا قىلىدىغان تىجارەتچى بولىمەن. خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرسام دۇرۇس بولامدۇ؟ پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن، ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! «4 قۇتا كاپسۇل سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق 3200 لىرا قىممىتىدىكى 7 لىتىرلىق خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى چەك تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە چىقمىسا يەنە كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ خېرىدارلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ كەلگەن چاچ سوپۇنىدىن بىرنى ھەدىيە قىلىمەن، ئىشقىلىپ زىيان تارتمايسىز. يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان كاپسۇل 2 يىللىق ساقلاش ۋاقتى بار. بۇنداق پۇرسەت ھەردائىم كەلمەيدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەيسىلەر. 20 سان بىلەن چەكلىنىدۇ».

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. سىز بۇ چەك تاشلاش پائالىيىتىنى قىلغاندا مەھسۇلاتنىڭ ئادەتتىكى باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىپ ساتىدىغان بولسىڭىز _ مەسىلەن، بىر قۇتىنى ئادەتتە 450 لىرادىن 4 قۇتىنى 1800 گە ساتىدىغان بولسىڭىز، بۇ پائالىيەتنى قىلغاندا ھەر قۇتىسىنىڭ باھاسىنى 500 لىراغا ئۆرلىتىپ 4 قۇتىنى 2000 گە ساتسىڭىز _ بۇنداق سېتىشىڭىز توغرا ئەمەس. خېرىدارنىڭمۇ بۇ تۈردە تاۋار سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بۇ تاۋارنى مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئارتۇق تۆلىگەن _ 200 لىرا _ پۇل مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇتالامدۇ – ئۇتالمامدۇ؟ بۇ نامەلۇم. شۇڭلاشقا بۇ تەلەي سىناشقا ۋە قىمارغا ياتىدۇ.

مەھسۇلات سېتىۋېلىش مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ياكى باشقىلارغا پايدىسىغا سېتىش ئۈچۈن بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، مۇكاپاتلار ۋە ئۇتۇشلار ئۈچۈن بولماسلىقى لازىم. بولمىسا، سودىدىن تاۋار سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئۇنى سېتىپ پايدا ئېلىش كۆزلەنمەي، ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، تەلەي سىناش مۇسابىقىلىرى، مۇكاپاتلار كۆزلەنگەن بولىدۇ – دە، بۇمۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق بولمايدۇ. بۇ تۈرلۈك سودىنى بەزى ئالىملار مۇتلەق چەكلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سودا گەرچە كۆرۈنۈشتە نورمال سودا شەكلىنى ئالسىمۇ، نىيەت جەھەتتىن تاۋار سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشتىن تەلەي سىناش ۋە ئۇتۇش دائىرىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە بەزى ئالىملار يۇقىرىقى پائالىيەتتە: «باھا ئۆستۈرۈۋالماسلىق ۋە مۇكاپاتلا كۆزلەپ سېتىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى شەرت بىلەن مۇباھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ياخشى ئەمەس. خېرىدارلارمۇ بۇ ئەھۋالدا مۇكاپاتنىلا كۆزلەپ بۇ سودىغا كىرسە توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا تاۋار ئىگىسى يا تاۋارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئەرزان سېتىش، يا تاۋارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەي تاۋارغا بىرەر مۇكاپات قېتىپ سېتىشى ھارامدىن ۋە شۈبھىدىن يىراق قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

528 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈزۈك سالدۇرغان ئىدىم. پەرز ھەج ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان. شۇڭا، ئۈزۈكنى ئالدۇرۇۋەتمەي بارسام ھەجىم توغرا بولامدۇ؟ شۇنىڭغا پەتۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەن بۇ پەتۋالىرىنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھۆججەت قىلىپ بارىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۈزۈكنىڭ ھەج ياكى باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا – خاتا بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق. پەقەتلا ئۈزۈك سەۋەبلىك ھەيز قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىققاندا، ھەج مەزگىلىدە سەپەر قىستاپ قالغان چاغدا ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىشتا كېچىكىشكە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەيز قالايمىقانملاشمىسا تەسىرى بولمايدۇ.

529 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۇغۇش سائىتى يېقىنلاپ قالغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ تولغاق سۈيى كېلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا دوختۇرغا بېرىشتىن ئاۋۋال ناماز ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تولغاق ئالامىتى ياكى تۇغۇش يېقىنلاشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ۋە ۋاقتى كەلمىگەن چاغدىكى سۇ ياكى خۇن ئىستىھازە ھۆكمىدە بولۇپ، ھەر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تولغاق ئالامىتى ياكى تۇغۇش يېقىنلاشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋە ۋاقتى كەلگەن بولسا، بۇ سۇ ياكى خۇن نىفاسقا تەۋە بولغانلىقتىن، ناماز ئوقۇمايدۇ. رامازان روزىسىنىمۇ تۇتماي، كېيىن قازاسىنى تۇتىۋالىدۇ.

530 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايال كىشى پەرز ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ۋاقىتتا پۇتىمىزغا نورمال ئاياغ كىيسەك بولامدۇ؟ پۇتىمىزنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغ كىيىمىزمۇ ياكى ئىسلام دىنىمىزدا چەكلىمە يوقمۇ؟ شۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاياللار ئىھرام باغلىغاندا يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يەرلىرىنى يۆگەيدىغان، ئادەتتىكى، خۇشبۇي پۇرىقى يوق كىيىملىرىنى كىيىدۇ. كىيىمگە مەلۇم رەڭمۇ شەرت ئەمەس. ئاياغ ۋە پايپاق كىيىشمۇ چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا ئاياللار ئەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى ئىھرام باغلىغاندا قانداق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇيلا؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆينەك، سەللە، ئىشتان، دوپپىلىق جىلبابلارنى كىيمەڭلار! پەقەت قونچسىز كەش تاپالمىغان ئادەم قونچلۇق كەشنىڭ قونچىنى ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ كىيسۇن. زەپەر ۋە زەرچىۋە بىلەن بويالغان كىيىمنى كىيمەڭلار! ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ياپمايدۇ، پەلەي كىيمەيدۇ، — دېدى»(بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (1838)؛ مۇسلىم، (1177)).

دېمەك، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ تاكى ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنى ۋە پەلەي كىيىۋېلىشىنىلا چەكلىگەن. قونچسىز كەشنى ئاياللارغا ئەمەس، ئەرلەرگىلا چەكلىگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاياللار ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندا ئالاھىدە ئىھرام كىيىم – كېچەكلىرى ياكى پۇتىغا كىيىدىغان قونچسىز كەش شەرتى يوق. پايپاق بىلەن ئۈستى ئوچۇق كەش ياكى قونچسىز ئاياغ كىيسىمۇ ياكى ئادەتتە كىيگەن ئاياغ ۋە كىيىملىرىنى كىيسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

531 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ۋەتەندە قالغان ئانامنىڭ نامىدىن قۇربانلىق قىلسام بولامدۇ؟ لېكىن، ھاياتمۇ بىلمەيمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندە قالغان ئاتا – ئانا، ئۇرۇق، – تۇغقان ۋە باشقا ئۆلۈك ۋە تىرىك ھەرقانداق بىر يېقىنىڭىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى «سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چېغىدا ۋاپات بولغانلارمۇ، تېخى ۋاپات بولمىغانلارمۇ بار ئىدى. مېيىتكە ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقتىن ئۆزى يېسە، باي – كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ دېگەن قۇربانلىق. قۇربانلىق ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىشنىڭ ساۋابى بولسا مېيىتكە بولىدۇ.

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلمىسىڭىزمۇ، رامازاندا ۋە ئادەتتىكى كۈنلەردە ئۆلۈك ياكى تىرىك ئاتا – ئانا ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئاتاپ قان قىلىپ گۆشىنى سەدىقە قىلسىڭىزمۇ ياكى باشقا مال – مۈلۈكنى ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلسىڭىزمۇ بۇ ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىش بولىدۇ.

532 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەلىك «mehmed yildiz» دېگەن دەۋەتچىنىڭ دەۋەتلىرىنى تىڭشىساق ۋە تارقاتساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. «ئەلەۋىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى چاغلاردا ئىسلامىيەت بىلەن تونۇشۇپ ئەھلىسۈننەت بولغان» دەپ قارىلىدىكەن. ئېنىق ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. ئەسلى تۈركىيەلىك ئۆلىمالاردىن سورىغايسىز.

533 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا كېسەلگە «شۈكۈر» دېسە بولمايدۇ، دەيدىغان چۈشەنچە باركەن. ئۇلار قۇرئاندىكى «شۈكۈر قىلساڭلار نېئمىتىمنى زىيادە قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلىپ: «كېسەل بولۇپ قالغان كىشى ‹شۈكرى› دېسە، كېسەل تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ» دەيدىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، شۇڭا «سىلىدىن توغرا بىر چۈشەنچىگە ئېرىشەي» دەپ ئاۋارە قىلىشىم. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدىغان يېقىنلىرىدىن ئايرىلىش، مال – مۈلكىدىن ئايرىلىش، كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللاردا «شۈكۈر» دېيىش جائىز بولۇشتىن زىيادە مۇستەھەب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە قارىتا بەندىنىڭ سەۋر قىلىشى ۋاجىب بولۇپ، سەۋر مەقامىدىن بىر مەرتىۋە يۇقىرى مەقام رازىمەن بولۇش مەقامىدۇر. بۇ ھەقتائالانىڭ قەدەرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە رازى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. رازىمەن بولۇشتىنمۇ يۇقىرى مەقام شۈكۈر مەقامىدۇر. دېمەك، شۈكۈر قىلىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇللۇق قىلىشقا كىرىدۇ. چۈنكى، بەندە بۇ ئەھۋالدا مۇسىبەتنى بىر نېئمەت دەپ قاراپ، ھەقتائالاغا شۈكۈر قىلغان بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئۇددەتۇسسابىرىن»: 67 – بەت.

ئەكسىچە، كىبىرگە ۋە ھاكاۋۇرلۇققا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق، گۇناھ – مەئسىيەتكە سەۋەب بولىدىغان ساغلاملىق، پەرزەنتلەر كەبى بەزى نېئمەتلەرمۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بالا ۋە مۇسىبەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، نېئمەت بىلەن مۇسىبەتنى مۇتلەق نېئمەت ياكى مۇتلەق مۇسىبەت دېگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە زاھىرى مۇسىبەت بولغانلىق جەھەتتىن سەۋر قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ شەخس ئۈچۈن بىر خىل نېئمەت بولۇش جەھەتتىن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدۇ.

يەنە كېلىپ بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقى ياكى دىندىن يېنىپ كېتىشتەك دىنىي مۇسىبەت بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر نېئمەت بولۇپ، بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولغان تەقدىردە، بۇ جازانىڭ دۇنيادىلا بېرىلىپ ئاخىرەتكە قالدۇرۇلمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش ھەم توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولماي، گۇناھلارنى پاكلاشتىن ئىبارەت بولسا، سەۋر قىلسا ئەجىر بېرىلىدىغانلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىق جەھەتتىن بۇ شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدىغان بىر نېئمەت بولىدۇ. بۇلارنى ئاڭقىرىغان بەندە شۈكۈر قىلىدۇ. شۇنىسى باركى بەندە بۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋر ۋە شۈكۈر قىلالماسلىق ياكى رازى بولماسلىقتەك ئېھتىماللىق بولغاچقا، بۇلارنى ئاللاھتىن تىلىمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەش سۈننەتتۇر. ئەمما، بېشىغا كەلگەندە شۈكۈر قىلىش مۇستەھەبتۇر.

بۇ ھەقتە ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» ناملىق ئەسەرىدە مەلۇمات بار.

بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ئۇنىڭ زىيادە بولۇشىغا ئېلىپ بارمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مەزكۇر ئايەتتىكى شۈكۈر زاھىرىدىن نېئمەت كۆرۈنگەن نېئمەتكە قارىتىلغان. بىز ئىنسانلار مۇسىبەت ھېسابلايدىغان نېئمەتكە قارىتىلمىغان. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەگەر كۇفۇرلۇق قىلساڭلار، ئازابىم ئەلبەتتە قاتتىق بولىدۇ» دېگەن تەھدىتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئايەتتىكى شۈكۈر قىلىش «ھەممە نېئمەتلەرگە ئومۇم» دەپ قارىساقمۇ، شۈكۈر قىلىش بىلەن چوقۇم ئاشۇ نېئمەتنىڭ تۈرى زىيادە قىلىنىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى «بەندىگە دۇنيا ۋە ئاخىرىتىدە پايدىلىق بولغان نېئمەتلەر زىيادە قىلىنىدۇ» دېگەنلىكتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

 

Please follow and like us: