فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەسبەھانىي

فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەسبەھانىي

زاھىرىي مەزھەب

[289] بۇ پارچىدە بىز زاھىرىي مەزھەب ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ مەزھەب «فىقھىي مەنبە پەقەت نەسلەردۇر، شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەھكامىدا راينىڭ ئورنى يوق» دەپ قارايدىغان مەزھەبتۇر. بۇ مەزھەبنى قوبۇل قىلغۇچىلار ھەرقانداق تۈردىكى راينى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىياسنىمۇ، ئىستىھساننىمۇ ۋە زەرائىئنىمۇ تۇتمىغان. بەلكى يالغۇز نەسلەرنىلا تۇتقان. نەس بولماي قالسا، ئىستىسھابنىڭ ھۆكمىنى تۇتقان. ئىستىسھابنىڭ ھۆكمى دېگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا / ئاللاھ زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى﴾(2/«بەقەرە»: 29) دېگەن سۆزى بىلەن ئىسپاتلانغان ئەسلىي مۇباھلىقتۇر. ئۇلار كۆپلىگەن ئەھكاملارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فۇقەھائغا قارشى يول تۇتقان. مەسىلەن، بارلىق فۇقەھائ‍: «مىراسقا ۋارىسلارنىڭ ھەققى چېتىلغانلىقتىن، ئۆلۈم كۆرپىسىدە ياتقان كېسەل ئادەمنىڭ (مۈلۈككە دائىر) تەسەررۇپلىرى چەكلىمە ئاستىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سوۋغا قىلىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن ۋارىسلارنىڭ بەزىسىگە يان بېسىپ قېلىش خەۋپى بار» دېگەن. شۇڭا، فۇقەھائ‍: «ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپىنچىسىنى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ۋارىسلارنى مىراستىن مەھرۇم قىلىۋەتمەكچى بولۇش خەۋپى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەسەررۇپلىرى ۋەسىيەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ (يەنى پۈتۈن مۈلۈكتە ئۈچتىن بىردىن ئارتۇق تەسەررۇپ قىلالمايدۇ)» دېگەن. لېكىن، زاھىرىيلار: «بىمارنىڭ تەسەررۇپلىرى ساق ئادەمنىڭ تەسەررۇپلىرىغا ئوپمۇئوخشاش. مۇبادا پۈتۈن پۇل – مالنى سوۋغا قىلىۋەتسە، ھېچكىمنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققى يوق» دېگەن. چۈنكى، ئۆلۈم كۆرپىسىدىكى بىمارنىڭ تەسەررۇپلىرىغا چەك قويۇلۇشنىڭ ئاساسى «سەددۇززەراﺋﯩﺌ» (ۋاسىتىلەرنى ئېتىش ئۇسۇلى) قا تايانغان رايدۇر. ھالبۇكى ئۇلار ھېچقانداق راينى قوبۇل قىلمايدۇ. راينى تەرك ئېتىپ نەسلەرگىلا ئېسىلىش ئۇلارنى ناھايىتى شاز ھۆكۈملەرنى دېيىشكە ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، ئۇلار ھەدىستە شۇنداق كەلگەنلىكى ئۈچۈن، سۇغا ئىنساننىڭ سۈيدۈكىنىڭ تېگىشى بىلەن سۇنىڭ نىجىس بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، لېكىن چوشقا سۈيدۈكى ھەققىدە نەس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، «چوشقا سۈيدۈكى سۇنى نىجىس قىلمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارغا: «(ھۆكۈم جەھەتتە) ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى گۆشىگە ئەگىشىدۇ، ھالبۇكى چوشقىنىڭ گۆشى نىجىستۇر» دېيىلسە، ئۇلار: «بۇ دېگىنىڭ راي، ئىسلام ئەھكاملىرىدا راي يوق» دەيدۇ.

بۇ مەزھەبنى ئىككى ئالىم بايان قىلغان بولۇپ، بىرى داۋۇد ئەسبەھانىيدۇر. بۇ كىشى مەزھەبنىڭ ئىنشاچىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ مۇشۇ مەزھەبنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى كىشىدۇر. ئىككىنچى ئالىم ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىيدۇر. ئۇنىڭ مەزھەبنى ئىنشا قىلىش تۆھپىسى بولمىسىمۇ، مەزھەبنى ئىزاھلاش، دەلىللەرنى بايان قىلىش ۋە كەڭ توختىلىش تۆھپىسى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زاھىرىيلىققا داۋۇدتىنمۇ چىڭراق ئېسىلغان. شۇڭا، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا سۆزلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىسى توغرىسىدا كەڭرەك سۆزلەيمىز. چۈنكى، ئۇ مەزھەبنىڭ ئىككىنچى ئىنشاچىسىدۇر. چۈنكى، ئۇ مەزھەبنى ئىزاھلىغان ۋە بايان قىلغان كىشىدۇر. چۈنكى، دېگىنىمىزدەك، ئۇ مەزھەبتە قاتتىق چىڭ تۇرغان، ھەتتا زاھىرىيلىقتا ئىمام داۋۇدنىمۇ بېسىپ چۈشكەن كىشىدۇر.

 

بىرىنچى: داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەسبەھانىي
(ھ. 200 – 270/م. 816 – 884)

[290] ئۇ ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇغۇلغان ۋە ھ. 270 – يىلى ۋاپات بولغان. ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتلىرىدا فىقھ ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ خاس شاگىرتلىرىنىڭ كۆپى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئىمام شافىئىيغا ئاجايىپ قاتتىق قىزىقاتتى. ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىر كىتابمۇ يازغان.

ئۇ شافىئىي فىقھىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ھەدىس ئوقۇغان ئىدى. ئۆز زامانىسىنىڭ كۆپلىگەن مۇھەددىسلىرىدىن ھەدىس ئاڭلىغان ۋە ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ ئۆز يۇرتى باغدادتا تۇرىدىغانلاردىن ھەدىس ئاڭلىغان ۋە باغدادنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغىمۇ سەپەر قىلغان. نىشاپۇردىكى مۇھەددىسلەردىن ھەدىس ئاڭلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە سەپەر قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ رىۋايەت قىلغانلىرىنى كىتابلىرىغا توپلاپ يازغان. ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەدىسكە تولغان ئىدى، ئۇ زاھىر فىقھىسىغا يۈزلەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئۇنىڭ فىقھىسى بولغان ئىدى.

لېكىن، ئۇ قانداق بولۇپ، ئۆزى ئۆگەنگەن شافىئىي فىقھىسىدىن زاھىر فىقھىسىغا يۆتكەلدى؟ بۇنىڭ جاۋابى: ئۇنىڭ دەۋرىدە سۈننەتنىڭ كۆپلەپ رىۋايەت قىلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ نەسنى تۇتۇش ۋە نەسكە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە شافىئىي فىقھىسىدىن تەسىرلىنىشى ئۇنى يالغۇز نەسلەرگىلا يۈزلىنىدىغان قىلىپ قويغان. چۈنكى، شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەرىئەتنى ئوبيېكتىپ تەفسىرلەيتتى ۋە شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرى «پەقەت نەس ۋە قىياس ئارقىلىق نەسكە بويسۇندۇرۇش» دەپ قارايتتى. ئۇ ئېيتىدۇ: «ئىجتىھاد يا بىر نەسكە تايىنىشتۇر، ياكى مەۋجۇد بىر نەسكە بويسۇندۇرۇشتۇر».

ئىمام داۋۇد بۇ خىل تەپەككۇر بىلەن قايمۇقۇپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىدە شەرىئەتنى پەقەتلا نەس قىلىپ قويغان ۋە «شەرىئەتتە راي يوق، ئىسلامدىكى ھەرقانداق ئىلىم پەقەت نەستىن كېلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە قىياسنى باتىلغا چىقىرىپ، قىياسنى تۇتمىغان. ئۇنىڭغا: «قىياسنى قانداقمۇ باتىلغا چىقىرىسەن؟ ھالبۇكى شافىئىي ئۇنى تۇتقان تۇرسا!» دېيىلگەندە، ئۇ: «شافىئىينىڭ ئىستىھساننى باتىلغا چىقىرىشتىكى دەلىللىرىنى تۇتتۇم ۋە ئۇ دەلىللەرنىڭ قىياسنىمۇ باتىلغا چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدىم» دېگەن.

ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن، ئۇ شەرىئەتنىڭ زاھىرىيلىقىنى جاكارلىغان ۋە نەسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىدىن ئەھكام ئالغان تۇنجى كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەتىب باغدادىي ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ھەقىقەتەن زاھىرىيلىق دەۋاسىنى جاكارلاپ، ئېغىزىدا ئەھكاملاردىكى قىياسنى ئىنكار قىلغان، ئەمەلىيەتتە قىياسقا مەجبۇر بولغان ۋە قىياسنى دەلىل دەپ ئاتىغان تۇنجى كىشىدۇر»(1).

باغدادىي تىلغا ئالغان دەلىل زاھىرىيلارنىڭ نەزەرىدە نەسلەرنىڭ ئوچۇق مەنىلىرىگە تايىنىدىغان فىقھىي دەلىللەش بابلىرىدىن بىر باب بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە قىياس بابلىرىدىن بىرى ئەمەس. قىياسنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرى بار. ئۇنىڭ مىساللىرىدىن: ئىككى مۇقەددىمەلىك بىر تېكىست سۆزلىنىدۇ، نەتىجە بايان قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: «ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ھاراقتۇر ۋە ھەرقانداق ھاراق ھارامدۇر» دېگەنگە ئوخشاش. نەتىجە: ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ھارامدۇر. لېكىن، تېكىستتە نەتىجە بايان قىلىنمىغان. بۇ قىياس سانىلامدۇ؟ ياق! بەلكى ئۇ لەفزنىڭ دالالىتىدىن سانىلىدۇ ياكى ئۇ مەنتىقچىلەر دەيدىغان يوشۇرۇن قىياس قاتارىدىن سانىلىدۇ. شەرت پېئىلىنىڭ ئومۇملۇقىمۇ مۇشۇ جۈملىدىندۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَنتَهُواْ يُغۡفَرۡ لَهُم مَّا قَدۡ سَلَفَ / كافىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ﴾(8/«ئەنفال»: 38) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش. شۈبھىسىزكى، نەس كافىرلار ھەققىدە كەلگەن. لېكىن، نەسنىڭ لەفزىدىن ئېلىنغان مەنىسى شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، بۇ گۇناھتىن يانغان ۋە تەۋبە قىلغان ھەرقانداق كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى ئاستىدا بولىدۇ. دېمەك، ئومۇملۇق نەسنىڭ زاھىرىدىن كەلدى، ھېچبىر قىياستىن كەلمىدى… ۋاھاكازالار.

[291] ئاللاھ تائالا داۋۇد ئىبنى ئەلىگە ھەدىس جەھەتتە مول ئىلىم ئاتا قىلغان. ھەتتا ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەدىس بىلەن توشقان ئىدى. چۈنكى، دېگىنىمىزدەك، ھەدىس ئۇنىڭ فىقھىسى ئىدى. بىراق، ئۇ زاھىرىي يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن ۋە: «قوللىرىمىزدىكى قۇرئان مەخلۇقتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشى ئاز بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئالىملار بۇنداق گەپنى دەيدىغان كىشىنى بىدئەتچى دەپ قارىلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىدئەتچىلەردىن ھەدىس ئېلىشقا بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭدىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان. خەتىب باغدادىي ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد، زەكەرىييا ئىبنى يەھيا ئەسساجىي، يۈسۈف ئىبنى يەئقۇب ئىبنى مەھران ئەدداۋۇدىي، ئابباس ئىبنى ئەھمەد ئەلمۇزەككىر قاتارلىقلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان»(2).

ئاشكارا بولۇشىچە، ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانلار ئۇنىڭ مەزھەبىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ فىقھىسىغا ئەگەشكەن. لېكىن، بارلىق فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ رىۋايەتىدىن قاچقان.

ئۇ «قۇرئان» ۋە فىقھىي دەلىللەش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى، شۇنداقلا «جۇنۇب(3) ۋە تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشى جائىز» دېگەنگە ئوخشاش بەزى فىقھىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چوڭ ھەدىس ئالىملىرى ئۇنىڭدىن ئۈركۈدى. ئۇ ئىمام ئەھمەدتىن ھەدىس ئالماقچى بولىۋېدى، ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۇنىمىدى. ئۇ زېرەك كىشى بولغاچقا، ئىمام ئەھمەد بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلەتمەكچى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىن تەلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، نىشاپۇردا ئېلان قىلغان قاراشلىرىنى باغدادتا ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى تارتتى. شۇنداقتىمۇ، ئىمام ئەھمەد ئۇنى ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىشتىن يىراق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھقا ئىلتىجا قىلدى. ئاندىن سالىھ دادىسىغا گەپ قىلىپ، ئۇستىلىق بىلەن دادىسىدىن ئىزىن سورىدى ۋە دادىسىغا:

— بىر ئادەم سېنىڭ قېشىڭغا كېلىشنى سورىدى، — دېدى، دادىسى:

— ئىسمى نېمىكەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— داۋۇد، — دېدى ۋە:

— ئەسبەھان ئەھلىدىن ئىكەن، — دېدى. سالىھ دادىسىنىڭ ئۇنىماي قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تونۇشتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى. لېكىن، ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزىگە مۇخالىپ يولدىكى بۇنداق بىر كىشىنىڭ كىرىشىدىن بەك پەخەس بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ داۋۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەد:

— بۇ ئۆزىنىڭ قۇرئان ھادىس دەپ قارايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھەممەد ئىبنى يەھياغا خەت يازغانىكەن، شۇڭا ماڭا يېقىن يولىمىسۇن، — دېگەنىدى، سالىھ:

— ئۇ كىشى ئۇنداق قارىشى بارلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتىدىغۇ، — دېدى. لېكىن، ئىمام بۇ يېنىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەنىدى. سەۋەبى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىشىنى يوشۇرۇش ئىدى. شۇڭا، ئۇ:

— مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئۇنىڭدىن راستچىلراق، ئۇنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلما، — دېدى(4).

[292] بۇ ئۇنىڭ قاراشلىرىغا بىر ئىشارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئىمام ئىبنى ھەزم توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە تەپسىلىي بايان قىلىمىز. چۈنكى، ئىمام ئىبنى ھەزم ئەھلى زاھىرنىڭ فىقھىسىنى سۈننەت فىقھىسى ۋە ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىسلام مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى قاتارىدىن سانىلىدىغان زور ھەجىملىك بىر دىۋانغا خاتىرىلىگەن. شۇنداقلا ئۇ زاھىرىي فىقھنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ئايرىم مۇستەقىل بىر كىتابقا خاتىرىلىگەن.

لېكىن، دەيمىزكى، ئىمام داۋۇدنىڭ زامانداشلىرى ئۇنىڭدىن ئۈركۈگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرگەن سۈپەتلەر بار ئىدى. ئۇ راستتىنلا ناھايىتى پاساھەتلىك ئىدى، ھازىرجاۋاب، ھۆججىتى كۈچلۈك، دەلىللىشى تېز ئىدى. ئۇ توغرىسىدا ئۇنىڭ زاماندىشى ئەبۇ زۇرئە دەيدۇكى: «ئەگەر ئۇ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۇپايىلەنگىنى بىلەن كۇپايىلەنگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىكى بايان ۋە دەلىللەر دەستىدىن چوقۇم بىدئەتچىلەر يەرگە پېتىپ كەتكەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن، لېكىن ئۇ (ئەھلى ئىلىملەر كۇپايىلەنگەن چەكتىن) ھالقىپ كېتىپ قالدى»(5).

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەق دەپ قارىغىنىدا جۈرئەتلىك ئىدى. ھەقنى سۆزلەشتىن ئەيمەنمەيتتى ۋە ھەق ئۈچۈن مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايتتى. ئەمما، ئۆز قارىشىنى سۆزلەش بىرەر ئىلىمنى قولغا كەلتۈرۈشتىن توسۇپ قويىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئىلىم ئۈمىدىدە سۈكۈتنى تاللايتتى. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئىمام ئەھمەد بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۇرۇنۇش قىسسەسىدە كۆرگىنىمىزدەك. ئۇنىڭ زاماندىشى مۇستەئلا دەيدۇكى: «مەن داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەسبەھانىينىڭ ئىسھاق (ئىبنى راھۇۋەيھ) گە رەددىيە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسىنىڭ ئىسھاقتىن ئەيمەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىم»(6).

ئۇ جۈرئەتلىك قاراشلىرى بىلەن بىرگە، ئابىد، زاھىد، پەرھىزكار ۋە تەقۋادار ئىدى. ئازغا ياكى ئازنىڭمۇ ئېزىغا قانائەت قىلىپ ياشايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەدىيەلەرنى رەت قىلاتتى، زىيادە پەرھىزكارلىقىدىن ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلمايتتى. دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ھالىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن مىڭ دىرھەم ئەۋەتىۋېدى، ئۇنى چاكار بىلەن قايتۇردى ۋە چاكارغا: «سېنى ئەۋەتكەن ئادەمگە دېگىنكى، مېنى قايسى كۆز بىلەن كۆردۈڭ؟! ماڭا بۇنى ئەۋەتكۈدەك، مېنىڭ موھتاجلىقىم توغرىسىدا قۇلىقىڭغا قانداق خەبەر يەتتى؟!»

ئۇ زاھىد ۋە ئابىد بولۇش بىلەن بىرگە، ناھايىتى كەمتەر ئىدى ۋە كىشىلەرگە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ئىبادىتى بىلەن ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمايتتى. شۈبھىسىزكى، بەزى زاھىدلار ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتىنى كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە پەرھىزكارلىقىنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە باشقىلارنىڭ ئىبادىتىنى كەمسىتىدىغان مەغرۇرلۇق چاپلىشىۋالغان. گاھىدا ئىبادەتنى بەك قىلىۋېتىش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش يوشۇرۇنغان بولىدۇ. داۋۇد بۇ خىل كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق ئۇنڭ بەزى زامانداشلىرى مۇنداق دەيدۇ: «داۋۇد ئىبنى ئەلىنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە كۆردۈم، كەمتەرلىكىدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر مۇسۇلماننى كۆرمىدىم».

ئۇنىڭ زاھىرىي مەزھەبنى تارقىتىشى

[293] ئىمام داۋۇد ئەھكام ئىستىنبات قىلىشتىكى مەزھەبىنى تارقىتىشقا باشلىدى. رىۋايەتنىڭ كۆپلۈكى، سۈننەتنىڭ كۆپلۈكى ۋە شۇ دەۋردە سۈننەتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى بېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ مەزھەبى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەنلا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاز، قارشى چىققۇچىلىرى كۆپ بولدى. ئۇ يالغۇز كىتاب ۋە سۈننەتكە يۈزلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ پىكرىگە چاقىرىپ، مۇنازىرە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇراتتى، ئىجمائغا تايىناتتى ۋە ئىجماﺋ ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىراتتى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردىكى ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ شەيخى ئەبۇ سەئىد ئەلبەردەئىي ئەلھەنەفىي (ۋا ھ. 317/م. 930) كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۇممۇلۋەلەد(7)نى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورىۋىدى، ئىمام داۋۇد:

— ئۇنى سېتىش جائىز بولىدۇ. چۈنكى، بىز ئۇنى بالىسىغا ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن سېتىشنىڭ جائىزلىقىغا ئىجماﺋ قىلدۇق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىجماﺋ بولماي، بۇ ئىجمائدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، — دېگەنىدى، ئەلبەردەئىي:

— ئۇممۇلۋەلەد ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تۇغۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنى سېتىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە ئىجماﺋ قىلدۇق، بۇ ئىجمائنى تۇتۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئىجماﺋ بولماي، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، — دېدى»(8).

بۇ مەزھەبنىڭ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، داۋۇد تەقلىدنى مۇتلەق مەنئى قىلغانىدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئاۋامنىڭمۇ تەقلىد قىلىشى جائىز ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاۋاممۇ ئىجتىھاد قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئىجتىھادقا قادىر بولمىسا، باشقىلاردىن سورىشى، لېكىن كىتابتىن ياكى سۈننەتتىن، ياكى ئىجمائدىن دەلىل كەلتۈرمىگۈچە باشقىلارنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئەگەر بىراۋ بۇلاردىن بىرەر دەلىل كەلتۈرەلمىسە، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىشى كېرەك ئىدى.

بۇ قاراشنىڭ توغرا – خاتالىقى قانداق بولسۇن، تەسىرى ياخشى بولمىدى. چۈنكى، (بۇنداق بولغاندا) كىتاب ۋە سۈننەتنى ياخشى چۈشەنمەيدىغان ئادەممۇ ئىجتىھادقا جۈرئەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. كىمكى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىغا چىڭ ئېسىلىۋالسا، خۇددى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلىدىغان، كافىرغا چىقىرىلمايدىغان خاۋارىجلاردەك بولۇپ قالىدۇ.

كۆپلىگەن كىشىلەر قارشى چىقىپ، ھەتتا بەزى فۇقەھائ‍ «ئۇلارنىڭ مۇخالىپلىقى ئىجمائنى بۇزالمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، مەزھەب تارقىدى. كۆپىنچە فۇقەھائ‍ «ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇخالىپلىقى قىياستىن باشقىدا بولۇپ قالسا، ئىجمائنى بۇزىدۇ» دېگەن قاراشتىدۇر.

مەزھەبنىڭ تارقىلىشى مۇنداق ئىككى سەۋەبتىن بولدى: بىرىنچىسى، ئىمام داۋۇدنىڭ كىتابلىرى. ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى سۈننەت ۋە رىۋايەت بولۇپ، ئۇ كىتابلار ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەزھەبىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلەتكەن دەلىللىرى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان فىقھىي فۇرۇئلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ كىتابلىرىدا مەزكۇر فۇرۇئلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى نەسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ بايان قىلغان، شۇنداقلا ئۇ نەسلەرنىڭ مۇسۇلمان ئۆزى ئۇچرايدىغان ھادىسىلەردە موھتاج بولىدىغان بارلىق ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. شۈبھىسىزكى، كىتابلار ئۆچۈشنى قوبۇل قىلمايدىغان داۋاملاشقۇچى ئىزلار بولۇپ، كىتابلار يازغۇچىلىرىنىڭ پىكرى ۋە مەزھەبىگە چاقىرىدۇ. كىتابلار پىكرىي ئەمگەكلەرنىڭ ئۆچمەس خاتىرىسىدۇر.

ئىككىنچى سەۋەب: ئۇنىڭ بۇ كىتابلاردىكى ئىلىمنى تارقاتقان شاگىرتلىرى ۋە بۇ كىتابلار پەيدا قىلغان ئىلمىي مۇھىت. ئۇنىڭ بۇ مەزھەبكە چاقىرغان ۋە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى تارقاتقان ئەڭ خاس شاگىرتى ئۇنىڭ ئوغلى ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى داۋۇدتۇر. ئۇ دادىسى قالدۇرغان سۈننەت ئىلمىدىن ئىبارەت مول مىراسنى ئاسرىغان، ئۇنى تارقاتقان ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا چاقىرغان. فىقھىي قاراشلار ۋە مەزھەبىي فۇرۇئاتلار كۆپىيىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سۈننەتنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كىشىلەرنى ئۇشبۇ مەزھەبكە جەلپ قىلغان.

مۇشۇ ئىككى ئىش سەۋەبىدىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىرلەردە زاھىرىي مەزھەب تارقالدى. ھەتتا «ئەھسۇنۇتتەقاسىيم (أَحْسَنُ التَّقَاسِيْمِ)»نىڭ مۇئەللىفى: «بۇ مەزھەب شەرقتە تۆتىنچى ئەسىردىكى تۆتىنچى مەزھەب بولغانىدى» دېگەن. قالغان ئۈچ مەزھەب بولسا، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبلىرىدۇر. زاھىرىي مەزھەب شەرقتە ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە ئەھلىسۈننەت ئىمامى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبىدىنمۇ بەكرەك تارقالغان ۋە ئەگەشكۈچىسى كۆپ بولغان بولسا كېرەك(9). لېكىن، بەشىنچى ئەسىردە قازى ئەبۇ يەئلا مەيدانغا كېلىپ، ھەنبەلىي مەزھەبنىڭ ئورنىنى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەنبەلىي مەزھەب زاھىرىي مەزھەبنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.

شەرق دىيارلىرىدا زاھىرىي مەزھەب نوپۇز قازانغان بۇ مەزگىلدە، مەزھەب ئىچىدە مىسلىسىز ئالىملار مەيدانغا كېلىپ، فىقھىي پىكىرنى كىتاب – سۈننەت ۋە ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىغا تايانغان فۇرۇئىي ئەھكاملار بىلەن بېيىتقان.

ئەندەلۇستا زاھىرىي مەزھەب

[294] شەرقتە بۇ مەزھەبنىڭ نۇرى ئۆچكەن ۋاقىتتا، ئەندەلۇستا قايتىدىن كۈچىيىپ جانلاندى. ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ۋە ياردەمچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۆتكۈر قەلەم ۋە ئاجايىپ كەسكىن تىل ئاتا قىلغان، تەپەككۇرى كۈچلۈك بىر ئالىمنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بىلەن جانلاندى. ئۇ ئالىم بولسىمۇ ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىيدۇر. زاھىرىي مەزھەبنى قازى ئەبۇ يەئلانىڭ قولى ئارقىلىق ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبى چەتكە قىستىغان بىر مەزگىلدە، ئىمام ئىبنى ھەزم زاھىرىي مەزھەبنى قاتتىق ھىمايە قىلىپ، ئەسەبىيلەرچە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى، بۇ ئىككى ئۇلۇغ فەقىھ بىر دەۋردە ياشىغان. ئەبۇ يەئلا ھ. 459 – يىلى ۋاپات بولغان. ئىمام ئىبنى ھەزم ھ. 456 – يىلى ۋاپات بولغان.

لېكىن بۇ مەزھەب قانداق بولۇپ، زېمىننىڭ مەشرىقىدىن مەغرىبىگە يۆتكىلىپ ئەندەلۇسقا كىرىپ قالدى؟

شۈبھىسىزكى، بۇ مەزھەبنىڭ مەغرىب ۋە ئەندەلۇستا تازا بازىرى چىقمىغان بولسىمۇ، بىخ سۈرگەن ئىدى. بەلكى بۇ مەزھەبنىڭ مېتودى ئىمام داۋۇد ئۆزى ياشىغان ۋاقىتتىلا ئۇ يەرلەرگە يۆتكىلىپ بولغان ئىدى. ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردە قۇرتۇبەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قالتىس ئالىملىرىدىن زور بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىلىم ئالغىلى ۋە شېرىن بۇلاقلىرىدىن ئىچكىلى مەشرىق دىيارلىرىغا سەپەر قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئەھمەد بىلەن ۋە ئۇنىڭ داۋۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ۋە باشقىلاردەك زامانداشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە دۆلەتتە ئورنى بار كىشىلەرمۇ بار ئىدى.

بۇلار مەشرىقتىن سۈننەت ۋە ھەدىس ئىلمىنى يۆتكەپ، ئۇنى ئەندەلۇستا تارقاتتى. شۇنىڭدەك ئۇلار مەشرىقنىڭ مەزھەبلىرىنى ئەندەلۇسقا يۆتكىدى. ئەندەلۇستا بىر توپ زاھىرىي مەزھەب چاقىرىقچىلىرى مەۋجۇد بولدى. بۇلاردىن بىرى ئەندەلۇس خەتىبى قازى مۇنزىر ئىبنى سەئد (ۋاپاتى ھ. 355) تۇر. زاھىرىي مەزھەبنىڭ ئەندەلۇستا ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلەردىنمۇ بەكرەك تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى، مەزھەبنىڭ ئۇنى تارقىتىدىغان ئالىملىرى بار بولغان. ئۇلارنىڭ ئەڭ يارقىنلىرىدىن بىرى، قولىدا ئىبنى ھەزم مەزھەبنى ئۆگەنگەن مەسئۇد ئىبنى سۇلايمان ئىبنى مۇفلىت ئەبۇلخىياردۇر. ئۇ كىشى ھ. 426 – يىلى ۋاپات بولغان.

بۇ مەسئۇد دېگەن كىشى ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىينىڭ ئارمىنى ئىدى. دائىم ئۇنى ئۇستازىم دەپ تىلغا ئالاتتى. پىكرى ئەركىن بولۇپ، بىرەر مەزھەبكە باغلانمايتتى. ھەرقانداق بىر مەزھەبكە تەقلىد قىلىشنى توغرا كۆرمەيتتى. مېتودى داۋۇدچە ئىدى. ئۇ دەلىللەشتە ئەھلى زاھىرنىڭ يولىنى تۇتقان. كەمتەر ئىدى، نەدە بولسۇن، قايسى ئالىمدىن بولسۇن، ئىلىم تەلەپ قىلاتتى ۋە «بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە ئىلىم تەلەپ قىلىش كېرەك» دەپ قارايتتى. ئۇ تار دائىرىدە بولسىمۇ، ئەندەلۇس باغرىدا مەزھەبنى تارقىتىشقا باشلىغان.

ئىمام داۋۇد ھەممىسى ھەدىس ۋە سۈننەت بولغان فىقھىي فۇرۇئاتلار ھەققىدە كىتابلارنى يازغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن تالانتلىق بىر فەقىھ كېلىپ، مەزھەبنى قوغداش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق مەزھەبنى خاتىرىگە ئالدى. ئۇ ئىمام داۋۇدقا مۇخالىپمۇ بولدى، مۇۋاپىقمۇ بولدى. لېكىن، ئىككىلى ھالەتتە ئۇنىڭ مېتودىنى قوللىدى. نەتىجىدە ئۇ داۋۇدنىڭ ئىزلىرى ئۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن مەزھەبنى ساقلاپ قالغان ئىككىنچى ئىمام بولۇپ قالدى. ئۇ بولسىمۇ ئىمام ئىبنى ھەزمدۇر.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 8/374.
2. خەتىب باغدادىي: يۇقىرىقى مەنبە، 8/370.
3. جۇنۇب (الْجُنُبُ): ئەرەبچىدە «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «(ئۇيقۇدا ياكى ئويغاق) ئېھتىلام بولغان ياكى جىما قىلغان كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە قۇرئاننى تۇتۇشتەك ئىبادەتلەردىن چەكلەنگەن بولۇپ، غۇسۇل تاھارەت ۋاجىب بۇ ھالغا «جەنابەت (الْجَنَابَةُ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 16/47 – 54؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 146 – بەت.

4. تاجۇددىن سۇبكىي: «تەباقاتۇش شافىئىييە»، 2/43.
5. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 8/373.
6. خەتىب باغدادىي: يۇقىرىقى مەنبە، 8/370.
7. ئۇممۇلۋەلەد (أُمُّ الْوَلَدِ): ئەرەبچىدە «بالىنىڭ ئانىسى»؛ فىقھ ئىستىلاھىدا: «خوجايىنىدىن بالا تۇغقان چۆرە»دۇر. ئۇممۇلۋەلەدنى سېتىش شەرىئەتتە ئىناۋەتسىز بولۇپ، خوجايىنى ۋاپات بولسا ئازاد بولۇپ كېتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 4/16؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى»، 68 – بەت.

8. ئىمام كەۋسەرىينىڭ «ئەننۇبەز (النبذ)»گە يازغان مۇقەددىمەسى، 4 – بەت.
9. ئىمام كەۋسەرىي: يۇقىرىقى مەنبە، 4 – بەت.

Please follow and like us: