(ھ. 661 – 728/م. 1263 – 1328)
[341] ھ. 668 – يىلى ھەرران بىلەن دەمەشق ئارىسىدىكى يولدا يۈرگۈچىلەر بۇ يولدا كېتىۋاتقان چوڭ بىر ئائىلىنى ئۇچراتتى. بۇ ئائىلە ھەرراندىن دەمەشققە ماڭغانىدى، كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى خاتىرجەم بىر يەرلەردە پاناھلىناتتى. بۇ ئائىلە ھەقىقەتەن قاپقاراڭغۇ كېچىدا موڭغۇللارنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ، بىخەتەر ۋە تىنچ يەرگە، ئىلىم ۋە ئالىملارنىڭ پاناھگاھى بەھەيۋەت دەمەشققە قاراپ يول ئالغان ئىدى. ئۇشبۇ ئائىلە يۈكلىرىنى ئارتقۇدەك ئۇلاغمۇ تاپالماي ئۆزلىرى كۆتۈرگەنىدى. ئۇلار پۈتۈن يۈكلىرىنى ھارۋىلارغا سېلىپ، ھارۋىلارنى ئۆز قوللىرى بىلەن سۆرىگەنىدى. بۇ ئائىلىنىڭ يۈك – تاقىلىرى ئالتۇن – كۈمۈشمۇ ئەمەس، ياكى زىبۇزىننەت ۋە بىساتمۇ ئەمەس ئىدى، بۇ دۇنيانىڭ مال – ماتالىرىدىن ھېچبىرى ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇ ئائىلىنىڭ كۆتۈرۈۋالغان يۈك – تاقىلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسى ۋە ئەۋلادلارنىڭ بايلىقى بولغان دىن ئىلمى ئىدى (يەنى دىن ئىلمى يېزىلغان كىتابلار ئىدى). ئۇلار ئېغىر يۈكلىرى بىلەن يۈرۈپ، ئاخىرى دەمەشققە كەلدى، بىخەتەر ماكانغا پاناھلاندى. مۇشۇ ئائىلە بىلەن ئەقلى ۋە روھى ئويغاق يەتتە ياشلىق بىر بالا بىرلىكتە ئىدى، بالىنىڭ ھېس – تۇيغۇسى ئويغانغان، مۇشۇنداق كۈلپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تاۋلانغان ئىدى. ئۇ نازۇنېئمەتلىك ۋە ئامان – ئېسەنلىك بىر تۇرمۇشتا ئۆسمىگەن، بەلكى قاتتىقچىلىقتا ئۆسكەن ئىدى. قاتتىقچىلىق ئۇنىڭ روھى ۋە جىسمىنى چېنىقتۇرغانىدى. ئەنە شۇ بالا ئەھمەد تەقىييۇددىن ئەبۇلئابباس ئىبنى شەيخ شىھابۇددىن ئەبۇلمەھاسىن ئابدۇلھەلىم ئىبنى شەيخ مەجدۇددىن ئەبۇلبەرەكات ئابدۇسسالام ئىبنى ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇلقاسىم خېزىر ئىبنى مۇھەممەد خېزىر ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھتۇر. بۇ ئائىلە «ئىبنى تەيمىييە ئائىلىسى» دەپ تونۇشلۇقتۇر.ئىبنى تەيمىييەنىڭ تۇغۇلۇشى
[342] شەيخ ئىبنى تەيمىييە ھ. 661، 10 – رەبىئۇلئەۋۋەل كۈنى تۇغۇلغان. بەزى ئالىملار ئۇنىڭ شۇ ئاينىڭ 12 – كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەلكىم بۇلار (شۇ گەپلىرى بىلەن) ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تىرىلدۈرىدىغانلىقى، رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىگە پاكىت – ھۆججەتلەر بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە تاكى زىنداندا ئۆلۈپ كەتكۈچە رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا كېرەك.ئىبنى تەيمىييەنىڭ دادىسى شەيخ شىھابۇددىن ئابدۇلھەلىم «ھەررانىي» (ھەررانلىق) دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. كىچىك ئىبنى تەيمىييەمۇ دادىسىدەك شۇ تەۋەلىك بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. قەبىلىگە تەۋەلەنمەي، بىر يۇرتقا تەۋەلىنىش ئۇنىڭ ئەرەب ئەمەسلىكىگە ئىما قىلىدۇ. چۈنكى، ئەرەبلەر نەسەبكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەرەب ئەمەسلەر ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. لېكىن، ئۇستاز بەھجەت بەيتار ئۇنىڭ نۇمەير قەبىلىسىگە مەنسۇب بىر ئەرەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بىزگە ئۇنىڭ نەسەبى مۇھىم ئەمەس. شەيخ ئىبنى تەيمىييەدەك بىر كىشى كىملەردىن بولسا، شۇلار ئۇنىڭدىن پەخىرلەنسە بولىدۇكى، ئۇ ئۇلاردىن پەخىرلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پارسلىقىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتەلمىگەن.
تارىخچىلار شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئانىسى ۋە ئانىسىنىڭ قەبىلىسى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇ ياش چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن. يەنى دادىسى 782 – يىلى ئۇ 21 ياشتا ئۆلۈپ كەتكەن. ئانىسى كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئانىسى خېلى يىللار ياشاپ، ئوغلىنىڭ كامالەتكە يەتكەندىكى شان – شەرەپلىرىنى ھەمدە ئوغلىنىڭ شەرىئەتنى تىرىلدۈرۈش ۋە شەرىئەت ھەققىدىكى گۇمانلارنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى مۇجاھىدىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن. ئانىسى ئۆزىنىڭ ئېھسانى، كۆيۈمى ۋە ھېسداشلىقى بىلەن ئۇنىڭ جىھادىغا ياردەملەشكەن. شەيخ ئىبنى تەيمىييە مىسىردىكى كۈرەشلىرى جەريانىدا زىندانغا چۈشۈپ قالغان چاغدا، ئانىسىغا مېھىر ۋە ۋاپاغا تولغان بىر مەكتۇب يوللىغان، ئانىسىنىڭ دەرد – ئەلەم ۋە پىراقتا ئازابلانماسلىقى ئۈچۈن، ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ دەردلىرىنى يوشۇرغان ئىدى.
ئۇشبۇ ئائىلە دەمەشققە يۆتكەلگەن چاغدا، ئائىلىنىڭ چوڭى (بولغان ئىبنى تەيمىييەنىڭ دادىسى) ئۆزىگە ئوخشاش بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. چۈنكى، دەمەشققە كېلە – كەلمەيلا ئۇنىڭ پەزىلىتى يېيىلىپ، نامى چىققانىدى. ئىلىم بىر نۇردۇركى، ئۆز ئىگىسىنىڭ ئەتراپىنى يورۇتىدۇ، كۆزلەر يىراقتىنمۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ دەمەشقنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان ئۇمەۋىي جامەسىدە دەرس ۋە ۋەز سۆزلەيدىغان مەخسۇس بىر كۇرسى بار ئىدى، شۇنداقلا ئۇ سۇككەرىيەدىكى دارۇلھەدىسنىڭ باش شەيخى بولغان. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى شۇ يەردە بولۇپ، بالىسى تەقىييۇددىن (ئىبنى تەيمىييە) شۇ يەردە ئۆسكەن.
ئاشۇ چوڭ ئالىمنىڭ دەرسىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئىشلاردىن بىرى، ئۇ دەرسلىرىنى بىرەر پۈتۈك ياكى كىتابتىن، ياكى بىرەر خاتىرە – دەپتەردىن پايدىلانماستىنلا سۆزلەيتتى، بەلكى نەچچە سائەتلەپ ئۆزىنىڭ سەگەك زېھنىدىن سۆزلەيتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەس – خاتىرىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە، يۈرىكىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئىبنى تەيمىييە تەقىييۇددىنمۇ مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. چۈنكى، ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەڭ ئالاھىدە سۈپەتلىرىدىن بىرى كۈچلۈك ئەس ۋە ھازىرجاۋابلىقتۇركى، ئۇ شۇ سۈپىتى بىلەن پاكىتقا پاكىت بىلەن رەددىيە بېرەتتى، مۇنازىرىلەشكۈچى ئۇنىڭ پاكىتى ئالدىدا قېتىپ قالاتتى.
ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈكى
[343] شەيخ ئىبنى تەيمىييە خىزمىتى ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، قەلەم ۋە بايان بولغان بىر ئىلمىي ئائىلىدە ئۆسكەن. ئۇنىڭ مۇھىتى ئۇنى ئىلىمگە يۈزلەندۈرۈپ، ئۇنى ئىلىم تەرەپكە تارتقان ھەمدە ئۇنىڭدا ئىلىمگە بولغان قىزىقىش ۋە مۇھەببەت پەيدا قىلغان.ئائىلە ئۇنى ئىلىمگە يۈزلەندۈرگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا «قۇرئان» يادلىغان. ئۇ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدا داۋاملىق «قۇرئان» ئوقۇيتتى ۋە «قۇرئان» تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلاتتى، ھەتتا ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن زىندانىدىمۇ «قۇرئان» بىلەن مۇڭداش بولغانىدى. راۋىيلار ئۇنىڭ زىنداندا «قۇرئان»نى 80 قېتىم خەتمە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ «قۇرئان»دىن كېيىن ھەدىسكە يۈزلىنىپ، شېرىن ھەدىس بۇلىقىدىن ئىچىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى باش ھەدىس شەيخى ئىدى. ئۇ ھەدىس بىلەن بىرگە ھەدىس فىقھىسىغا يۈزلەندى. چۈنكى، ھەدىس فىقھىسى دىننىڭ جەۋھىرىدۇر. ئىبنى تەيمىييە چىش – تىرنىقى چىققاندىن باشلاپ مۇنداق ئۈچ خىل سۈپەتكە ئىگە بولغان بولۇپ، شۇ سۈپەتلەر ئۇنى كامالەت تەرەپكە ۋە پىشقان ئىلىم تەرەپكە يۆنەلدۈرگەن. بۇ سۈپەتلەر:
1. تىنىم تاپماي تىرىشىش ۋە چىداش، پايدىلىق ئىلىمگە بېرىلىش. ئۇ باشقا كىچىك بالىلاردەك ئويۇن ئويناپ يۈرمەيتتى.
2. تۇيغۇسى سەگەك بولۇش، ئەقلى ۋە روھى ئوچۇق بولۇش. ئۇ ئەتراپىدىكى ھەربىرنەرسىگە زەن سېلىپ تېگىگە يېتەتتى. ھېس – تۇيغۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۇنىڭ تۇيغۇسىنى ئۆستۈرگەن ۋە ئەقلىنى ئۆتكۈرلەشتۈرگەن.
3. تېز خاتىرە ۋە توغرا پىكىر. قۇرداش بالىلار ئىچىدە ئۇنىڭ خاتىرىسى تېز ئىدى. ئۇ شۇ بالىلارنى بېسىپ چۈشۈپ چوڭلارغا يېتىشىۋالغان. دەمەشق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن. بۇ توغرۇلۇق رىۋايەت ۋە خەبەرلەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قارىماققا خىيالىي توقۇلمىدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. لېكىن، شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئادەم ئۇ خەبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ كۆپىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ خەبەرلەرنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنىسى ئېنىقكى، شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە ئاللاھ تائالا كۈچلۈك ئەس – خاتىرە بەرگەن. ئەس – خاتىرە زەكىيلىكنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىدۇر. بۇ تالانت ئىبنى تەيمىييەگە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئىرسىيەت قالغان.
[344] ئەھمەد تەقىييۇددىن ئائىلىسىنىڭ ئادىتىگە ئوخشاش ئىلىمگە يۈزلەندى. چۈنكى، ئۇنىڭ دادىسى دەمەشق مەدرەسەلىرىنىڭ بىرىدە شەيخلىك قىلاتتى. ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدەك تىجارەتچى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى تىجارەتچى ئىدى. شۇڭا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە بازارغا يۈزلەنگەن ۋە ھاياتى داۋامىدا بازاردىن ئۈزۈلمىگەن. دېمەك، ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئىلىمگە يۈزلىنىشى تەبىئىي ئىدى.ئۇنىڭ يەنە «قۇرئان»دىن كېيىن ھەدىسكە يۈزلىنىشى ۋە ھەدىس ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ غېمى قىلىشىمۇ تەبىئىي ئىدى. ئۇ دادىسىدىن ھەدىس ئالدى ۋە چوڭ ھەدىس ماشايىخلىرىدىن كىتابلارنى ئاڭلىدى، ئۇلاردىن «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، «سەھىھۇلبۇخارىي»، «سەھىھۇ مۇسلىم»، «جامىئۇتتىرمىزىي»، «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، «سۈنەنۇننەسائىي»، «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»… لاردەك چوڭ دىۋانلارنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ بەزى زامانداشلىرى ئۇنىڭ ئىمام ھۇمەيدىينىڭ «ئەلجەمئۇ بەينەسسەھىھەين»نى يادلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇ ھەدىس بىلەن بىللە ھەنبەلىي فىقھىسىغا يۈزلەنگەن. ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئائىلىسى ھەدىس فىقھىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، شۇڭا دادىسى ئۇنى ھەدىس فىقھىسىغا يۈزلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەدىس فىقھىسىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئاخىرىدا ھەدىس فىقھىسى ئۇنىڭ ھايات مەنتىقىسىگە ھەمدە ئۇنىڭ كۇللىييات ۋە جۇزئىييات ئىلىملىرىگە سىڭىپ كەتتى.
ئۇ بالىلىقىدا ساھابەلەرنىڭ ئەسەرلىرى، تابىئىننىڭ سۆزلىرى ۋە تابىئىننىڭ ساھابەلەردىن ئىبارەت ئۇستازلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى بىلىشكە كۆڭۈل بۆلگەنىدى.
ئۇنىڭ تەتقىقاتى يالغۇز كىتاب، سۈننەت، سۈننەت فىقھىسى ۋە «قۇرئان» مەنىلىرىدىن ئىبارەت دىن ئىلمى بىلەن چەكلەنمىگەن ئىدى، بەلكى ئۇ مۇشۇ دىنىي ئىلىملەرنىڭ قورالى بولغان ئەرەب تىلى ئىلىملىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىنى خۇددى شۇ ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىغاندەك تەتقىق قىلغان، نۇرغۇنلىغان نەسر ۋە نەزمىلەرنى، قەدىمكى ۋە پارلاق ئىسلام دۆلەتلىرى دەۋرلىرىدىكى ئەرەب تارىخىنى يادلىغان، نەھۋى ئىلمىدە كۆزگە چاقنىغان. ھەتتا ئۇ سىبەۋەيھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ شاھىدلىرىنى ئىنچىكە تەنقىدىي شەكىلدە تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلاردىكى تەتقىقاتلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ، سىبەۋەيھنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەزى قاراشلىرىغا قارشى چىقىدۇ. ئۇ بىركىمگە پاكىتسىز ھۇجۇم قىلمايتتى ۋە ھەقتىن روشەن ھۆججىتى بولماستىن ئېتىلمايتتى.
ئۇ مۇشۇ مول دىنىي ئىلىملەر بىلەن بىرگە، پىكرىنى ۋە ئەقلىنى رىيازىييات ئىلىملىرى(1) بىلەن چېنىقتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىققان قاراشلىرى ئۇنىڭ پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەنتىق ئىلمىنى ھەر خىل تەرەپلىرى بىلەن تەنقىد قىلغان «نەقزۇل مەنتىق (نقض المنطق)» دەپ بىر كىتابى بارلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ بۇ ئىلىملەردە چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بىلمەيدىغان بىر ئىلىمنى تەنقىد قىلالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا ئىنچىكە ۋە تەنقىدىي يۈكسەك بىر مەلۇمات بولۇشى كېرەك.
ئۇنى يېتىشتۈرگەن تۇنجى مۇھىت
[345] شەيخ ئىبنى تەيمىييە بۇ ئىلىم تەھسىلىدە دادىسىنىڭ سايىسىدە يۈردى. ئۇ ھەقىقەتەن سەمەرىلىك بۇ ئالىم دادىنى ئۇستاز تۇتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىمنىڭ ئۇنى ئىلىمگە يۈزلەندۈرگەنلىكى سورالغاندا، ئۆزىنىڭ ئىلمىي يۈزلىنىشى ھەققىدە ئېيتقانكى: «مەن ئىلىم ۋە فىقھ كانى ئىچىدە ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىلىم ئەھلى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ فۇقەھائلىرىدىن بىرىنى ئۇستاز تۇتتۇم».بۇ ئىككى ئىش تەقىييۇددىن ئۈچۈنمۇ ئەمەلگە ئاشقانىدى. چۈنكى، ئۇ دادىسىنى ئۇستاز تۇتتى ھەمدە ئۇ دەمەشقتىكى ئىلىم كانى ئىچىدە ئىدى. شۈبھىسىزكى، دەمەشق مەشرىق ۋە مەغرىبتىكى ئالىملار پاناھلىنىدىغان مۇسۇلمان شەھەرلەر ئىچىدىكى ئىككىنچى شەھەر ئىدى. بىرىنچى شەھەر قاھىرەدۇر. چۈنكى، مەغرىبلىق ئالىملار، ئالىملارنى ياخشى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى قامدايدىغان ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان مىسىر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىش ئۈچۈن، قاھىرەگە سىغىنىشقا باشلىغان. ئىلگىرى ئەھلىسەلىبلەر (ئىسلام دۇنياسىغا) ھۇجۇم قىلغاندا، ئالىملار دەمەشققە، ئاندىن قاھىرەگە يۈزلىنىشكە باشلىغان.
شەرقتە موڭغۇللار ھۇجۇم قوزغاپ، پاساتچىلىق تېرىش ئۈچۈن ئىسلام شەھەرلىرىنى ئىستىلا قىلىپ، ئاخىرىدا خىلافەت مەركىزى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا يىقىلغان چاغدا، ئالىملار ئىلىملىرى بىلەن دەمەشققە قاچقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دەمەشقنى ماكان تۇتقان ۋە بەزىلىرى خەۋپسىرەپ ئاۋات قاھىرەگە يۆتكەلگەن.
دەمەشق شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرىدىكى شۇ چاغلاردا ئالىملارنىڭ ئۇۋىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ شۇ ئۇلۇغ ئۇۋىغا پاناھلانغان. دەمەشقتە ھەدىس مەدرەسەلىرى، شافىئىي فىقھ مەدرەسەلىرى، ھەنبەلىي فىقھ مەدرەسەلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىلىملەرنىڭ مەدرەسەلىرى بار ئىدى. دەمەشقتە ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام، مۇھيىددىن نەۋەۋىي، ئىبنى دەقىقۇلئىيدكە ئوخشاش كاتتا زاتلار ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار فىقھ ۋە ھەدىسنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، فىقھتا ئىسلامىي مەزھەبلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇراتتى. سىز بۇنى نەۋەۋىينىڭ «ئەلمەجمۇﺋ» كىتابىدىن كۆرەلەيسىز، شۇنداقلا مۇۋەففەقۇددىن ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى قۇدامەنىڭ «ئەلمۇغنىي»دىن كۆرەلەيسىز. بۇ ئىبنى قۇدامە ھەنبەلىي ئالىم ئىدى.
ئۇلار ھەدىس فىقھىسى بىلەن بىرگە ئىسنادلارنىڭ راۋىيلىرىنى، ھەدىسلەرنىڭ مەتىنلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلاتتى ۋە رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىشتۇراتتى. ھەدىسلەر توپلىنىپ يېزىلىپ بولغاچقا، تەتقىقاتلار دەلىل ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش بىلەن بولغان. كىتابخانىلار شۇ ئەسىردىكى تەتقىقاتلار ئىشلەپچىقارغان يىرىك كىتابلار بىلەن تولغان، ھەتتا ئوقۇرمەن بىرەر ماۋزۇنى ئوقۇسا، شۇ ماۋزۇ ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى، غەرىب، ھەسەن، سەھىھ، زەئىف ھەممىسىنى تاپالايتتى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىلىرى، ئۇيغۇنلاشقان ۋە توقۇنۇشقان ھەدىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلەتتى. نەتىجىدە تەتقىقاتچىغا ھەقنى ئىزدەش ئوڭايغا توختايتتى.
دەمەشقتە فىقھ بىلەن بىللە ئەقىدىلەر تەتقىق قىلىناتتى. ئەقىدىدە ھۆكۈم سۈرگەن مەزھەب ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ مەزھەبى ئىدى. ئەشئەرىي مەزھەبىگە ئەھلىسۈننەت مەزھەبى دەپ قارىلىپ ئەگىشىلەتتى. سالاھىددىن ئەييۇبىيمۇ ئەشئەرىي مەزھەبىنى ئوقۇغان. (تارىخچى) مەقرىزىي «ئەلمەۋائىز (الْمَوَاعِظُ وَالاِعْتِبَارُ)» كىتابىدا دەيدۇكى: «سالاھىددىن كىچىكىدە قۇتبۇددىن ئەبۇلمەئالىي مەسئۇد ئىبنى مۇھەممەد نىسابۇرىي تۈزگەن (ئەشئەرىي ئەقىدىسىگە تەۋە) بىر قەسىدىنى يادلىغان ھەم ئۆزىنىڭ كىچىك بالىلىرىغىمۇ شۇنى يادلاتقۇزغان. شۇڭا، ئەييۇبىيلار ئەشئەرىيلىكنى ئۈستۈن كۆرۈپ، شۇ ئاساستا بىرلەشكەن ۋە ئۆز دەۋرلىرىدە بارلىق كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ئۈندىگەن. ئەييۇبىيلار خانىدانىدىن چىققان پادىشاھلارنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىدە، ئاندىن ئۇلارنىڭ قۇللىرى (يەنى مەملۇكلار) دىن ئىبارەت تۈرك پادىشاھلارنىڭ دەۋرلىرىدىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملاشقان»(2).
ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي سۈننەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاشتا مەنتىق ۋە پەلسەپە يولىدا ماڭاتتى. ئۇ (تەتقىقاتلىرىدىكى) نەتىجىلەردە سۈننىيلەر بىلەن ئۇيغۇنلىشاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاشتىكى ماڭغان يولى بەزى ھەنبەلىيلەرنىڭ يولىغا ئوخشىمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ھەنبەلىيلەر بىلەن ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىبارەت كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭگى – جېدەل بولغان.
ھەنبەلىي مەزھەبكە ئەگەشكەن ئىبنى تەيمىييە ئەشئەرىي مەزھەب بىلەن قارشىلاشقان ھەنبەلىيلەرنىڭ يولىنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا، ئۇنىڭ كېيىنچە بۇ يولدا كۈرەشلىرى بولغان ۋە بىرمۇنچە ئازار – كۈلپەتكە يولۇققان ھەم بۇ سەۋەبتىن جېنىدىن جۇدا بولغىلى تاس قالغان.
دادىسىنىڭ كۇرسىدا مۇدەررىسلىك قىلىشى
[346] ئىبنى تەيمىييەنىڭ تەتقىقات ئۇپۇقلىرى كېڭەيگەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى فىقھ، ھەدىس، ئەقىدە ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇ يەنە رىيازىييات ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىن خەبەردار بولغان. سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئەھمەد (ئىبنى تەيمىييە) بالىلىق دەۋرىنى تۈگىتىپ، قەلبى ئىلىم – ئىرپانغا تولغان ۋە چوپچوڭ بىر ئەرگە ئايلانغان چاغدا، دادىسىدىن كېيىن دەرس مەجلىسىدە ئولتۇردى. چۈنكى، دادىسى 682 – يىلى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 21 يېشىدا دادىسىنىڭ دەرس ھەلقىسىگە ئىگە بولغان. ئۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىلىملىرىدىن ئالغان ئوزۇقلىرىنىڭ ياردىمىدە ئالدىغا چىقتى. ھالبۇكى ئۇ ئىلىملەر ئۇنىڭ قەلبىدە ناھايىتى شېرىن ۋە مول مېۋىلەرنى بەرگەنىدى. ئۇ ئۆزى ئۈستىگە ئالغان ئامانەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، رەببىنىڭ ياردىمىگە ئىشىنىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇنىڭ يېشىدىكى تەڭتۇشلىرى بالىلىقتىكى ئويۇن – كۈلكىلەر بىلەن بولۇۋاتقان بىر ھالەتتە، ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىمدە قىرانىغا يەتكەن ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە تەتقىقاتلىرى بىلەن ۋە ھەر تەرەپلىمە مائارىپ كۆرگەن ئىستېداتى بىلەن ئالدىغا چىقىپ، چوڭ جامەدە روشەن ئەرەب تىلى بىلەن دەرسلىرىنى سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا نەزەرلەر ئاغدى، ئاڭلىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا يۈرەكتىن قۇلاق بەردى ۋە قۇلاق بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپى سادىق مۇرىتلارغا ئايلاندى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر گويا ھاۋارىييۇنلاردەك ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ دەرسلىرى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ۋە مۇخالىپنىمۇ، بىدئەتچى ۋە سۈننەتچىنىمۇ، شىئە مەزھەبى ئېتىقادچىلىرى ۋە ئەھلىسۈننەت ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ بىر يەرگە جەملىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ مول ئىلمى ئۇنىڭ تىلىدىن ئايان بولاتتى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ياشتا چوڭراق بولغان فەقىھ ۋە مۇھەددىس ئىبنى دەقىقۇلئىيد ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇ توغرىسىدا: «مەن پۈتۈن ئىلىملەرنى ئالدىغا توپلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن خاھلىغىنىنى ئېلىپ، خاھلىغىنىنى تاشلايدىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم» دېگەن.
مۇشۇنداق ئىلىم بىلەن بىرگە، ئۇ كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرگە ئىگە ئىدى ھەم ئىتتىكلىكتىن خالىي ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان ئىمام زەھەبىي ئۇنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «(ئىبنى تەيمىييە) ئۆزى ئاق، چېچى ۋە ساقىلى قارا، چېچى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغىچە كېلىدىغان ئىدى، ئىككى كۆزى گويا سۆزلەۋاتقان ئىككى تىل ئىدى، ئوتتۇرا بوي، ئىككى مۈرىسى كەڭرى، ئاۋازى جاراڭلىق، پاساھەتلىك ۋە قىرائىتى تېز ئىدى، ئۇنىڭدا ئىتتىكلىكمۇ بولۇپ قالاتتى – يۇ، ئىتتىكلىكىنى ھەلىملىكى بىلەن بويسۇندۇراتتى»(3).
ئەھلى ئىلىملەر ئۇنىڭ گېپى چىققاندىن بۇيان ئۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان، بەزىلىرى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ھەۋەسمەن بولغان ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقان. چۈنكى، ئۇ ئۇلار كۆنمىگەن بىر پىكىر بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەر بەزى سۆزلىرىدە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولۇپ، يەنە بەزى سۆزلىرىدە ئۇنىڭغا مۇخالىپ بولغان. ئۇ ئىككىلى ھالەتتە ئىلمى ۋە خاراكتېرى بىلەن قىزىقىش ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن. تارىخچى ئىمام زەھەبىي مۇشۇ تۈركۈمدىندۇر. ئىمام زەھەبىي ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان ۋە ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭغا بەرگەن باھايىمنى كەمتۈك كۆرۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ ئاداۋەتلەشكەنلەر مۇبالىغە كۆرۈشى مۇمكىن. مەن ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن رەقىبلىرىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەزىيەتكە ئۇچرىدىم، مەن ئۇنى مەسۇم دەپ قارىمايمەن، بەلكى مەن بىر قىسىم ئۇسۇلىي ۋە فۇرۇئىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا مۇخالىپمەن. ئۇ ھەقىقەتەن كەڭ ئىلمى، زىيادە شىجائىتى، ئۆتكۈر كاللىسى، دىن سېمۋوللىرىغا بولغان تەزىمى بىلەن بىرگە، بىر ئىنسان ئىدى، ئۇنىڭدا بەس – مۇنازىرىلەردە ئىتتىكلىك، رەقىبلەرگە قارىتا غەزەپ ۋە قاتتىقلىق بولۇپ قالاتتى ۋە بۇ ھال كۆڭۈللەرگە ئاداۋەت تېرىيتتى. ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپى بولمىسا ئىدى، چوقۇم ھەممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولاتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ چوڭلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىلىملىرىگە بوي ئېگەتتى، ئۇنىڭ ساھىلسىز بىر دېڭىز، مىسلىسىز بىر كان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى، لېكىن ئۇلار ئۇنى مىجەزى ۋە پېئىلى ئۈچۈن تەنقىدلەيدۇ. (رەسۇلۇللاھتىن باشقا) ھەركىمنىڭ ھەممە سۆزلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بەزىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، بەزىسى رەت قىلىنىدۇ»(4).
[347] بۇ ياشنىڭ دەرسلىرىنىڭ بىر خىل تەسىرچانلىقى بار ئىدى. چۈنكى، ئۇ دەرسلىرىنى سەلەفكە ئەگىشىدىغان، ئەمما تەقلىد قىلمايدىغان مۇستەقىل پىكىر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، دەرسلىرىنى ئۆزى كۈچلۈك دەپ قارىغان ھۆججەتلەر بىلەن كۈچەيتەتتى ۋە ئۇنى كۈچلۈك بايانلار بىلەن سۆزلەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ھېسسىيات ۋە ئىدىيە بىلەن جانلاندۇراتتى. نەتىجىدە كىشىلەر ئۇنىڭ ھەققىدە ئاشۇنداق بۆلۈنۈپ كەتتى ۋە بۇ بۆلۈنۈش قاتتىق قارشىلىشىش، ياكى قوشۇلۇپ ئەگىشىش، ياكى بەزى سۆزىنى ئېلىپ، بەزى سۆزىنى خۇسۇمەتلەشمەستىن تەرك ئېتىشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.ھېچبىر مۇخالىپى يوق ئادەم ھەرگىزمۇ كۈچلۈك بولالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇخالىپلىق كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە ۋە قىسمەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ ئىتتىكلىكىگە بېرىپ تاقىلاتتى. لېكىن، ئىتتىكلىكنىڭ ئۆزىلا مۇخالىپلىققا سەۋەب بولالمايدۇ، چوقۇم ئۇ كىشىلەرگە ئۇلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن پىكىرلەردىن باشقا پىكىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئىتتىكلىكىنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق زىتلىشىشى، ئۇنى كۇفۇرلۇق ۋە دىندىن چىقىش بىلەن قارىلىشى بولسا كېرەك.
ئۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىرىدە ئۇنىڭ دەۋرىدە كەڭ ئومۇملاشقان سوپى تەرىقەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى. چۈنكى، سوپى تەرىقەتلىرىدە گاھىدا ھىيلىگەرلىك ۋە پاساتچىلىق تېپىلىپ قالاتتى، ھەتتا سوپىلار ئىچىدە موڭغۇللار دەمەشققە بېسىپ كەلگەن چاغدا ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەر بولغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇلارنى قاتتىق تىل بىلەن ئەيبلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ گېپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ دەيتتى، خاسلاشتۇرمايتتى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ياكى مۇرىتلىرىدىن ئۇنىڭغا دۈشمەنلەر شەكىللەندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ دەرس ھەلقىسىدە سۆزلىگەنلىرى ۋە چوڭ جامەدە ئاۋامغا سۆزلىگەنلىرى بىلەن كۇپايىلەنمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىرىنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەنىدى: بىر قىسمى خاۋاس ئۈچۈن ئىدى. ئۇ بۇ دەرسلىرىدە «مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋاجىب» دەپ قارىغان ھەقىقەتلەرنى ئۇلارغا مۇزاكىرە قىلىپ بېرەتتى. يەنە بىر قىسمى ئاۋام ئۈچۈن ئىدى. بۇنىڭدا ۋەز ئېيتىپ، توغرا يولنى كۆرسىتەتتى. لېكىن، ئۇ شۇ دەرسلىرىگە قوشۇمچە قىلىپ، رىسالەلەرنى يازاتتى ۋە ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر تەرىپىدىن تاشلانغان سوئاللارغا مۇشۇ رىسالەلەر ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ئۇلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلاتتى. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئېتىراز قىلغۇچى مۇخالىپلار تەرىپىدىنمۇ ئۇنىڭغا سوئاللار كېلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرئاز قوپاللىق ۋە ئىتتىكلىك بىلەن، پۇختا پاساھەتلىك گەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىنى كۈچلەندۈرۈپ رىسالە يېزىپ ئەۋەتەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى دەرس ۋە لېكسىيەلىرى بىلەن تارقاتقاندەك، رىسالە ۋە جاۋابلار بىلەنمۇ تارقىتاتتى.
مۇشۇ جەھەتتىن، ئۇنىڭ بىلەن زامانداشلىرى ئارىسىدا جەڭ باشلانغان. تارىخچىلارنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ھەمالىقلار ئۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان ﴿ٱلرَّحۡمَٰنُ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ ٱسۡتَوَىٰ / رەھمان ئەرشكە ئىستىۋاﺋ قىلدى﴾(20/«تاھا»: 5) دېگەن سۆزى توغرىسىدا ۋە ئاللاھنىڭ «كۇرسى»سىنىڭ ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇندىن باشقا نەرسىلەرنى سىغدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سوراپ ئادەم ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «رىسالە ھەمەۋىييە (الرسالة الحموية)» ناملىق رىسالەسى بىلەن جاۋاب بەرگەن. رىسالەسىدە ئۆزىنىڭ تەئۋىل قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھنىڭ بىز بىلمەيدىغان «ئىستىۋاﺋ»سى ۋە بىز بىلمەيدىغان «كۇرسى»سى بارلىقى، ئۇ «ئىستىۋاﺋ»نىڭ ھادىسلارنىڭ «ئىستىۋاﺋ»سىغا ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە ئۇ «كۇرسى»نىڭ ھادىسلارنىڭ «كۇرسى»سىغا ئوخشىمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ «يۈز»ى ياكى «قول»ى بارلىقىنى زىكىر قىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق قارايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان(5). ئۇ بۇ رىسالەدە مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى ئومۇملىشىپ كەتكەن ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ مەزھەبىگە قىسمەن مۇخالىپ كېلەتتى. نەتىجىدە ۋالىيلار ۋە پۇقرالار ئەشئەرىي مەزھەبى ئۈچۈن قاتتىق تەرەپدارلىق قىلىدۇ ۋە نۇرغۇنلار ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشكە ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ قارىشى تەنزىھ (ئاللاھنى ئەيىب – نۇقساندىن پاكلاش) سەۋەبلىرىگە چىڭراق ئېسىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۆججىتى بىلەن كۈچ ئېلىشالايدىغان يەردە ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەنەفىي قازىغا شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قارشىلىشىش گەپتىن ھەرىكەتكە يۆتكىلىدۇ. بىز قالغان گەپنى ئۇنىڭ شاگىرتى ھافىز ئىبنى كەسىرگە قالدۇرايلى! ئىبنى كەسىر ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا «ھىجرىيە 698 – يىلىدىكى ھادىسىلەر»دە مۇنداق دېگەن:
«بىر جامائەت ئۇنىڭ ئۈستىدىن گەپ توقۇپ، ئۇنى قازى جالالىددىن ھەنەفىينىڭ مەجلىسىگە كەلتۈرمەكچى بولىۋېدى، ئۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇنىڭ ھەمالىقلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن يازغان ‹رىسالە ھەمەۋىييە›دىكى ئەقىدىۋى قاراشلىرى ھەققىدە چۇقانلار چىقتى. ئاندىن ئەمىر سەيفىددىن چاغان بۇ ئىشنى قوللاپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلارنى ئىزدىدى، كۆپلەر يوشۇرۇنۇۋالدى. ئەمىر بۇ ئەقىدىنى ئوچۇق جاكارلىغانلاردىن بىر بۆلۈكىنى جازالاپ ئۇردى. قالغانلار سۈكۈت قىلدى. جۈمە كۈنى بولغاندا، شەيخ تەقىييۇددىن ئادىتى بويىچە جامەدىكى ۋەزىپىسىگە باردى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ / (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دېگەن سۆزىنى تەفسىرلىدى، ئاندىن ئۇ شەنبە كۈنى قازى ئىمامۇددىن شافىئىي بىلەن بىر يەرگە كەلدى ھەمدە ئۇنىڭ يېنىغا بىر بۆلۈك پازىللار يىغىلدى، ئۇلار ‹رىسالە ھەمەۋىييە› ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭدىكى بىرقانچە نۇقتا توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمەلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەزكۇر نۇقتىلار ھەققىدە جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن گېپىدىن كېيىن جىم تۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن شەيخ تەقىييۇددىن كەتتى، ئىشلار پەسىيىپ، ئەھۋال جىمىقتى. قازى ئىمامۇددىن ئۆز ئېتىقادىدا ياخشى، نىيىتى دۇرۇس كىشى ئىدى»(6).
بىز ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمەدە شافىئىي قازىغا ئىلتىجا قىلغانلىقىنى، ھەنەفىي قازىنىڭ ئالدىغا بارمىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا مۇجاھىد بولۇپ چىقىپ، مىسىر – شام بىرلەشمە قوشۇنى قازانغان غەلىبىدە كاتتا تۆھپىسى بولغاندىن كېيىن بېشىغا كەلگەن ھەقىقىي كۈلپەتتىمۇ شافىئىي قازىغا ئىلتىجا قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاللاھ خاھلىسا بىز ئۇنىڭ دەۋرى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا مۇشۇ توغرۇلۇق سۆزلەيمىز.
شەيخنىڭ تارتقان كۈلپىتى
[348] شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىشغالىيەتتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىلىم مېھرابىدىن جەڭ مەيدانىغا چىققاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ ئورنى يۈكسەلدى ھەمدە موڭغۇللارنىڭ خەتىرىنى توختىتىش ئۈچۈن زور مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان سۇلتان ناسىرۇددىن قالاۋۇننىڭ نەزەرىدىمۇ ئۇنىڭ ئېتىبارى ئاشتى.ئەرەبلەر بىلەن موڭغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا سۇلتان نۇسرەت قازانغان ۋە ئۇرۇشلار كېيىنچە باشقا ماكانغا يۆتكەلگەنىدى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دۆلەتتىكى ئورنى يۈكسىلىپ، دىنىي مەنسەپلەر توغرىسىدا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىنىدىغان بولغان. ئىبنى دەقىقۇلئىيدتىن كېيىن كامىلىيە ھەدىس يۇرتىنىڭ باش شەيخلىكىگە شەيخ كامالىددىن شەرىشىينى تەيىنلەش ئۈچۈن مەسلىھەت بەرگەن كىشى شەيخ ئىبنى تەيمىييەدۇر. ھېچبىر خەتىب ياكى ۋائىز، ياكى بىرەر دىنىي مەدرەسە رەئىسى ئۇنىڭ رايىسىز تەيىنلەنمەيتتى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە شۇ مەنىۋى ھوقۇقتا توختاپ قالماي، ئۇنىڭدىن ھالقىپ سۇلتاننىڭ مۇتلەق تاپشۇرۇقى ۋە ئەمرى بىلەن ئاممىۋى ئىشلارغا ئالاقىدار جىنايەتلەرگە بەزى جازالارنى يۈرگۈزدى.
بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ھەششاشىيلار» دەپ ئاتالغان باتىنىي مەزھەب شەيخلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن. ھەششاشىيلار بولسا ئەھلىسەلىبنى ئارقىسىغا چېكىندۈرۈش يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئەييۇبىيلار دەۋرىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ بېقىنىغا تىكەن بولغان كىشىلەردۇر. ئىبنى تەيمىييە مەزكۇر شەيخنىڭ چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالغانلىقى، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈۋالغانلىقى، بۇرۇتىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چېچىنى قىسقارتقان، تىرناقلىرىنى ئالغان ھەمدە ئۇنىڭ ساھابەلەر ۋە ئومۇمىي مۇئمىنلەرنىڭ ھەققىدە سەت گەپ قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭ ئەقىلنى بۇلغايدىغان نېشە قاتارلىق بارلىق ھارام ئىچىملىك، چېكىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن تەۋبە قىلىشىغا ئۈندىگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاۋامنى گوللايدىغان چۈشكە تەبىر بېرىش ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن ھۆججەت ئالغان.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئەقىدە توغرىسىدا ئالىملارنىڭ كۆنگەن ۋە ئەگىشىۋاتقانلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىرمۇنچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاننىڭ ئۈستىگە، بۇنداق مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشى ئالىملارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە ئوتتۇراھال سوپى بولسۇن ياكى ئاشقۇن سوپى بولسۇن، ھەممە سوپىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن. چۈنكى، ئۇ سوپىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىمامى ھېسابلايدىغان مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىينىڭ قاراشلىرىنى ئەيبلەشكە باشلىغان.
پىكىر – قاراشتىكى مۇشۇ تەسىرلەر ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە بولغان قاتتىق ھەسەتلەر قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ تىلىدا بىر خىل ئىتتىكلىك بار ئىدى. ئۆزىگە مۇخالىپلىق قىلغانلارغا قارىتا ئۇنىڭ تىلىدىن قوپال ئىبارىلەر چىقىپ كېتەتتى. ھالبۇكى ئۇلار قاتارىدا ياشتا چوڭ ئالىملارمۇ بار ئىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ يېشىدا ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئۇستازلىرى قاتارىدىن سانىلاتتى. شۇڭا، بۇ ئىش ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىداش بولغان كىشىلەرگە ئېغىر كېلەتتى. ئەمما، ئۇ ئۇلار ھەققىدە ياخشى ئويدا ۋە ھۆرمەتتە ئىدى.
[349] مۇشۇ سەۋەبلەردىن، ئالىملار شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئۈستىدىن مىسىردىكى ئەمىرلەرگە شىكايەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ يامان گېپىنى دېيىشكە ئاتلاندى. ئەمىرلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق بىلمەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. چۈنكى، ئۇ شامدا ياشايتتى ھەمدە يوشۇرۇن پىلانچىلار ئۇنىڭ دىندىن چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدە مۇقەددەس كۆرۈلگەن ئەشئەرىي ئەقىدىسىگە قارشى چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يەتكۈزگەن ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى قاتتىق ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدىغان سۇلتان ناسىرنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقا باشلاپ، قوماندانلار ئۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى مەنسىتمىگەن ئىدى.سۇلتاننىڭ ئاجىزلىشىغا بېقىپ، شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە قارشى پىلان ۋە گەپ – سۆز كۈچەيدى. ھەسەتخورلار ۋە قورساق كۆپىكى بارلاردىن، يەنە ئۇنىڭكىنى توغرا دەپ قارىمايدىغان مۇخالىپلاردىن تەشكىللىنىپ، مەجلىسلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەجلىسلەر ئۇنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ھەم ئۇنىڭغا قانداق چېقىلىش ۋە ئۇنى دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن قانداق توسۇش ھەققىدە قاراپ چىققانىدى.
ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى ئۇنى مىسىرغا دەۋەت قىلىش بىلەن تۈگەللەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرغا كەلدى. ئۇ قارىماققا ياخشىدەك بىر مەكتۇب بىلەن مىسىرغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. مەكتۇبتا: «بىز ھەقىقەتەن شەيخ تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىييەگە قارشى بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق، ئۆتكۈزۈلگەنلىكىمۇ بىزگە مەلۇم بولدى، ئۆزى سەلەف مەزھەبىدە ئىكەن. بىز ئۇنى مىسىرغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە چاپلانغان سۆز – چۆچەكلەردىن خالاس بولسىكەن دەيمىز» دېيىلگەن. ئاندىن بۇ قىسقىغىنە مەكتۇبتىن كېيىن، ئۇنىڭ مىسىرغا كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، يەنە بىر مەكتۇب يوللاندى.
شەيخ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىشلارغا مەردانىلىك بىلەن يۈزلىنەتتى، يۈزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايتتى. شۇڭا، ئۇ مىسىرغا بېرىشقا بەل باغلىدى، لېكىن سۇلتان دەمەشقتە تۇرۇپ مىسىردا ئۇنىڭ ئۈچۈن پىلانلانغان ئىشتىن خەبەردار بولغانىدى، شۇڭا ئۇنى بېرىشتىن توستى، لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مىسىرغا بېرىشىدا ئاۋامغا مەنپەئەت بار ئىدى ھەمدە ئۇ قاتتىق ئەزىيەت چەككەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تارقىتالايتتى.
بىرىنچى كۈلپەت
[350] شەيخ ھ. 705 – يىلى مىسىرغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يولدىمۇ دەرس سورۇنلىرىنى تۈزگەن ئىدى. ئۇ ۋەز ئېيتىۋاتقان ۋە دەرس سۆزلەۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ مىسىردىكى رەقىبلىرى ئۇنى قانداق يىقىتىشنى پىلانلىغاچ، ئۇنى كۈتۈۋېلىشكە تەييارلانغان ئىدى. ئۇ مىسىرغا كەلگەندە، ئۇلار قەلئەدىكى بىر سورۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. سورۇنغا قازىلار ۋە دۆلەت چوڭلىرى يىغىلغانىدى. ئۇ گەپ قىلماقچى بولىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭ بايانىنىڭ كۈچىنى ۋە سۆزىنىڭ تورىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن روبىرولىشالماستىن قارىلاشقا ئۆتتى. ئۇنى قارىلاشقا مالىكىي مەزھەب قازىسى زەينۇددىن ئىبنى مەخلۇف مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەرشنىڭ ئۈستىدە؛ ئاللاھ ھەرپ ۋە ئاۋاز بىلەن گەپ قىلىدۇ» دەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغاندىن كېيىن، شەيخ (گەپ باشلىماقچى بولۇپ) ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا باشلىۋىدى، بىرى ئۇنىڭغا: «خۇتبە ئوقۇماي، گەپكە جاۋاب بەر» دېدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە بۇنىڭ مۇنازىرە ئەمەس، سوتلاش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ:— مېنىڭ ئىشىمدا كىم ھۆكۈم قىلىدۇ؟ — دېۋىدى، ئارىدىن بىرى ئۇنىڭغا:
— مالىكىي مەزھەب قازىسى! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ:
— سەن مېنىڭ دەۋاگىرىم تۇرساڭ، قانداقمۇ مېنىڭ ھەققىمدە ھۆكۈم قىلىسەن؟ — دېدى. نەتىجىدە قازى قاتتىق غەزەپلىنىپ، بىئارام بولدى ۋە شەيخ رەھىمەھۇللاھنى قاماققا ئالدى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئاقىۋەتتە قاماققا ئېلىندى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە مىسىرغا كەلگەن ئىككى قېرىندىشى شەرەفۇددىن ۋە مەجدۇددىنمۇ قاماققا ئېلىندى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە مالىكىي مەزھەب قازىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىشىغا ئۇنىماسلىقىدا ھەقلىق ئىدى. ئۇ قازىدا قوپاللىق ۋە باغرىتاشلىق بار ئىدى، ئىلگىرى ئۇ بىر ئالىمنى «قۇرئان»نىڭ مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئېنىق) ئايەتلىرىنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە مۇتەشابىھ (قاراتمىلىقى نائېنىق) ئايەتلەرنى بىر – بىرىگە زىتلاشتۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىلاپ، دەلىللەر يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانىدى. ھالبۇكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئالىم ئوپئوچۇق پەزىلەتلىك كىشى ئىدى، ئۆلىمالارنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى قارىشى بار ئىدى، ھەتتا ئۇ شۇ دەۋردىكى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ شەيخى ئىبنى دەقىقۇلئىيدتىن ياردەم سوراپ، ئۇنىڭغا:
— مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى بىلىسەن؟ — دېگەندە، ئىبنى دەقىقۇلئىيد:
— سېنىڭ پەزىلەتلىكىڭنى بىلىمەن، لېكىن سېنىڭ ھۆكمىڭگە قازى زەينۇددىن مەسئۇل، — دېگەن ۋە بۇ ئىجابىي گۇۋاھلىقمۇ ئەسقاتمىغان، ئۇنىڭدىن تەۋبىمۇ تەلەپ قىلىنماي، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
شەيخ زېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ مەزكۇر قازىنىڭ ئۆزىنىڭ قازىسى بولۇشىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قازى ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالدىراپلا قارىلىغانىدى. بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قارىلىغۇچى ھەم قازى بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى، قارىلىغۇچىلىق ۋە قازىلىق بىر – بىرىگە زىت ئىش. قارىلىغۇچى جاۋابكارنى جازالاشقا كېتەرلىك دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ. جاۋابكار — ئەگەر بار بولۇپ قالسا — ئۈستىگە چۈشكەن قارىلاشنى يوقاتقۇدەك دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قازى ئىككى تەرەپنىڭ پاكىتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن زەينۇددىن قارىلاشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قارىلانغۇچىنى ئۆزىنى ئاقلىشى ئۈچۈن پاكىت كەلتۈرۈشتىن مەنئى قىلدى. ھ. 705 – يىلى رامازاندا شەيخ زىندانغا ئېلىندى ۋە قاتتىق ئەزىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ ئەزىيەتكە مىسىردىكى ھەنبەلىيلەرمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، تۆت مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قازىلار مەجلىسىدىكى تۆتىنچى قازىدىن ئىبارەت ھەنبەلىي قازىمۇ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى ۋە باشقا ھەنبەلىيلەرنى قوغدىيالمىدى. چۈنكى، ئۇ ئاجىز ئىدى. ئۇ ھەقتە ئىبنى كەسىر ئېيتقانكى: «مىسىر دىيارىدىكى ھەنبەلىيلەرگە چوڭ خورلۇق يەتتى. ھەنبەلىيلەرنىڭ قازىسىمۇ ئىلمى ئاز، ئەتىۋارسىز ئادەم ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇنىڭ مەزھەبداشلىرى كۈلپەتلەرگە ئۇچرىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھالى ئۇنىڭ ھالىدەك بولۇپ قالدى»(7).
شەيخ قاراڭغۇ زىنداندا بىر يىل تۇردى ۋە يىل ئاخىرىدا روزا ھېيت كېچىسى ئۇنى زىنداندىن چىقىرىشقا ۋىجدانلار ھەرىكەتلىنىپ قالدى. قاھىرە ھاكىمى ئۈچ ھەنەفىي، مالىكىي ۋە شافىئىي قازىنى ۋە بەزى فۇقەھائنى توپلاپ، شەيخنى زىنداندىن چىقىرىپ، ئەركىنلىكىنى بېرىش توغرىسىدا ئۇلار بىلەن گەپلەشتى. ئۇشبۇ ھاكىم شەيخنىڭ زىنداندا قېلىشىنىڭ دىنغىمۇ، ئادالەتكىمۇ، ئەخلاققىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇنىڭ جامائەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، قوشۇنلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆلۈم ئۈچۈن ئالدىغا چىققان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ موڭغۇللار ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش بىلەن ئاياغلاشقان شىددەتلىك كۈرەشنىڭ مەنىۋى رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
فۇقەھائ ۋە قازىلاردا شۇ ھاكىمدا بولغان ئەنە شۇ ئېسىل ئالىيجانابلىق بولمىسىمۇ، ئۇلار شەيخنى چىقىرىش ئىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىلىدىكى ئادەملەر ئەمىرلەرنى رازى قىلىشقا، ھېچ بولمىغاندا غەزىپىنى كەلتۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزى بېكىتىۋالغان شەرتلەرگە قوشۇلۇشنى قەيت قىلدى. شۇ شەرتلەرنىڭ بىرى، شەيخنىڭ ئۆزى جاكارلىغان بەزى ئەقىدىۋى قاراشلىرىدىن يانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ پىكىرگە كېلىپ، شەيخنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنىمىدى. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ نە ھەقىقەت، نە پاكىت ئىستىمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى دەلىل كەلتۈرەلمىگەن بىر قاراشنى ئۆزىگە تاڭماڭچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا ئالتە قېتىم تەكرار خەت ئەۋەتتى. نەتىجىدە ئۇلار قۇرۇق قول تارقىلىشتى.
شەيخ قاراڭغۇ زىنداندا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ شامدىكى ھەمراھلىرى ئەلەمدە ئىدى. شام ئەھلىنىڭ ئەلەملىرىدىن مىسىر ئەمىرلىرى ئۇنى زىنداندىن چىقىرىشنى ئويلاشقان بولسا كېرەك. ئالىملار ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان شەرتلەرنى يەنە قويدى.
ئۇلار ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆردى. بۇ قېتىم شەيخنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئۇنىڭ نامىدا گەپ قىلىشى ئۈچۈن، ئىككى قېرىندىشى قازىلار مەجلىسىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى شەرەفۇددىن مالىكىي قازى زەينۇددىن مەخلۇف بىلەن مۇھاكىمەلىشىشكە باشلىدى، ئاخىرىدا شەيخنىڭ قېرىندىشى ھۆججەتتە ئۇنى يېڭىۋەتتى. بۇ ھەقتە ئىبنى كەسىر دەيدۇكى: «شەرەفۇددىن نەقىل، دەلىل ۋە ئىلىم بىلەن مالىكىي قازىنى ھۆججەتتە يەڭدى ۋە قازى باتىل دەۋالار دا بولغان ماۋزۇلاردا قازىنى خاتاغا چىقاردى. گەپ ئەرش مەسىلىسى، كالام مەسىلىسى ۋە چۈشۈش مەسىلىسى ھەققىدە بولغانىدى»(8).
شەيخ ئۆزىنىڭ قاماقلىق ھالىتىدە دەرد يۇتۇۋاتقان چاغدا بولۇنغان بۇ مۇنازىرە شەيخنىڭ ھ. 707، 23 – رەبىئۇلئەۋۋەلدە قاماقتىن چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ زىنداندا 18 ئايچە تۇرغانىدى.
گۈزەلچە ئەپۇ
[351] شەيخ تۈرمىدىن چىقىپ، دەرسكە يۈزلەندى ۋە مەسجىدلەردە ئام ۋە خاسلارغا دەرس سۆزلەشكە، مۇنبەرلەردە خۇتبە ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ ئالتە ئاي مۇشۇنداق تۇرۇپ، ئاز ئۆتمەيلا مىسىردا، خۇددى شامدىكىدەك، ئۇنىڭ شەيدالىرى ۋە مۇرىتلىرى بار بولدى.شۈبھىسىزكى، بۇ يەردە نەزەرنى تارتىدىغان ئىككى نۇقتا بار:
بىرىنچى نۇقتا: ئۆزىگە ئەزىيەت بېرىپ، زىندانغا تاشلىغان كىشىلەرنى گۈزەلچە ئەپۇ قىلىش. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ دەمەشققە ئەۋەتكەن بىر مەكتۇبىدا خاتىرىلەنگەن. مەكتۇبتا مۇنداق كەلگەن: «سىلەرمۇ بىلىسىلەر — ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! — مەن يارەنلىرىم تۈگۈل، ئومۇمىي مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئەزىيەت بېرىشنى ئەسلا ياقتۇرمايمەن. ئۇلاردىن ھېچكىمگىمۇ ئەسلا تاپا ۋە مالامەت قىلمايمەن، بەلكى مەندە (ئۇلارغا نىسبەتەن) ھەممىگە يارىشا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە مەردلىك، مۇھەببەت ۋە تەزىم بار. كىشى يا ئىجتىھاد قىلغۇچى، يا خاتالاشقۇچى، يا گۇناھكار بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ:
بىرىنچىسى (يەنى ئىجتىھاد قىلىپ توغرىنى تاپقۇچى): (ئىجتىھادى ئۈچۈن) ئەجىرگە، (توغرىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن) مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
ئىككىنچىسى: ئىجتىھاد قىلغانلىق ئەجرىگە ئېرىشىدۇ، (خاتالاشقانلىقى) ئەپۇ قىلىنىدۇ؛
ئۈچىنچىسى: ئاللاھ بىزنى ۋە ئۇ خىل كىشىنى، بارلىق مۇئمىنلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن!
مەن ھېچكىمدىن ماڭا يالغان چاپلىغانلىقى ياكى زۇلۇم قىلغانلىقى، ياكى دۈشمەنلىك قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئىنتىقام ئېلىشنى ياقتۇرمايمەن. مەن ھەربىر مۇسۇلماندىن رازىمەن، مەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىقنى خاھلايمەن، ئۆزۈمگە قانداق ياخشىلىقنى ئىستىسەم، ھەربىر مۇئمىنگىمۇ شۇنى ئىستەيمەن. ماڭا زۇلۇم قىلغان ۋە يالغان چاپلىغانلاردىن رازى بولۇپ كەتتىم»(9).
ئىككىنچى نۇقتا: ئۇ زىنداندىن چىقىشى بىلەنلا ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ تەسكىن تاپماقچى بولدى، لېكىن ئۇ مەجبۇرىيىتىنى شامدا ئادا قىلغاندەك مىسىردىمۇ ئادا قىلىشنى خاھلىدى ۋە ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئانىسىغا بىر مەكتۇب يوللىدى. مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئەھمەد ئىبنى تەيمىييەدىن ئەزىز ۋالىدەمگە: ئاللاھ ۋالىدەمنى ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرى بىلەن شادلاندۇرغاي، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مول كەرەمىنى كەڭرى قىلغاي ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن قىلغاي!… ئاللاھقا بەرگەن نېئمەتلىرى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمىز ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پەزلىنى سورايمىز. ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ھەرقاچان كەلسە ئارتىپ ۋە يۈكسىلىپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ ئېھسانلىرى ساناقسىزدۇر. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ دىياردا پەقەت بىرقاتار زۆرۈر ئىشلار ئۈچۈن تۇرۇپ قېلىۋاتىمىز، بۇ ئىشلارغا پەرۋاسىز قارىساق، دىن ۋە دۇنيا ئىشىمىز بۇزۇلىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن يىراق تۇرۇشنى تاللىغىنىمىز يوق، ئەگەردە قۇش بولۇپ ئۇچالايدىغان بولساق ئىدۇق، چوقۇم سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ئۇچۇپ باراتتۇق. لېكىن، ئۇزاقتا بولغاننىڭ ئۆزرىسى ئۆزى بىلەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا سىلەر ئىچكى ئىشلاردىن ۋاقىپلانغان بولساڭتىڭلار، خۇدا ھەققى، سىلەرمۇ بىز تاللىغاننى تاللىغان بولاتتىڭلار. ياخشى دۇئالىرىڭلاردا بىزنى كۆپ ياد ئېتىپ تۇرۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. چۈنكى، ئاللاھ بىلىدۇ، بىز بىلمەيمىز؛ ئۇ تەقدىر قىلىدۇ، بىز ئەمەس؛ ئۇ ھەقىقەتەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: ‹مِنْ سَعَادَةِ ابْنِ آدَمَ رِضَاهُ بِمَا قَضَى اللَّهُ لَهُ وَمِنْ شَقَاوَةِ ابْنِ آدَمَ تَرْكُهُ اسْتِخَارَةَ اللَّهِ وَمِنْ شَقَاوَةِ ابْنِ آدَمَ سَخَطُهُ بِمَا قَضَى اللَّهُ لَهُ / ئادەم بالىسىنىڭ ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ پۈتكەن قىسمىتىگە رازى بولۇشى ئۇنىڭ بەختىنىڭ ئالامىتىدۇر، ئادەم بالىسىنىڭ ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلىمەسلىكى ۋە ئاللاھنىڭ پۈتكەن قىسمىتىگە ئاچچىقلىنىشى ئۇنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر›(10). تىجارەتچىمۇ ئۇزۇن سەپەر قىلىدۇ ۋە مېلىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مېلىنى تولۇقلىۋالغۇچە بىر يەردە توختاپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. بىزنىڭ ھالىمىزنىمۇ سۈپەتلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ. سىلەرگە، ئومۇمەن ئۆيدىكى چوڭ – كىچىك ھەممەيلەنگە ۋە ھەربىر دوست – يارەنگە كۆپلەپ ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولغاي! پۈتۈن ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سەييىدىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ساھابەلىرىگە رەھمەت قىلسۇن ۋە سالامەت قىلسۇن!»(11)
ئىككىنچى كۈلپەت
[352] شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ مىسىردا تۇرۇشى قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ شامغا قايتىش نىيىتىدە ئىدى. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئۇزۇنراق تۇرۇشىنى ئىختىيار قىلدى، ئۇ ئۇنچىلىك ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى يېڭى بىر ئىمتىھان بىلەن سىنىدى.بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ سەۋەبچىسى فۇقەھائ ۋە كالام ئۆلىمالىرى بولماي، بەلكى چوڭ ئىناۋەت تاپقان سوپىلار بولدى. ئەينى دەۋردە ئۇلارغا سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن بىر خانىقاھ سېلىنىپ بېرىلگەن. خانىقاھ دېگەن سوپىلار ئىبادەت ئۈچۈن خىلۋەتتە بولىدىغان يەردۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ھ. 723 – يىلى ناسىر ئىبنى قالاۋۇن ئۇلارغا يەنە بىر خانىقاھ سېلىپ بەرگەن. بۇ خانىقاھنىڭ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ھاياتىغا تەسىرى بولغانىدى، بۇ ھەقتىمۇ توختىلىمىز.
مىسىردىكى بەزى سوپىلار مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىي چاقىرغان «ۋەھدەتۇلۋۇجۇد» مەزھەبىنى تۇتاتتى(12). ئىبنى ئەرەبىي بۇ مەزھەبى ھەققىدە ئېيتقانكى:
ئەيكى بارلىقنى ئۆز ئىچرە ياراتقان
سەن ياراتقانلىرىڭنى يىغقۇچىسەن
ياراتۇرسەن، نە بولسا تۈگەنچىسى
سەندە، چۈنكى تارمۇ سەن ھەم كەڭرىسەن
ھ. 632 – يىلى ۋاپات تاپقان مىسىرلىق شائىر ئىبنى فارىز مۇشۇ پىكىردىن تەسىرلەنگەنلەردىن ئىدى. مىسىردىكى يەنە بەزى سوپىلارمۇ نەفسىي تەربىيە ۋە روھىي چېنىقىشتا مەلۇم بىر ھالەتكە يەتكەندە، يۈكسەك زاتقا ئۇلىشىدىغانلىقىنى ۋە تەكلىفاتتىن ئۈستۈنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشاتتى.
بۇ ھەرگىزمۇ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى، شۇنىڭدەك ئۇنى ئىلگىرىمۇ شامدىكى بەزى رىفائىي سوپىلىرى كۆرسەتكەن سېھىر – جادۇلارمۇ قانائەتلەندۈرەلمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پىكىرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئۇ بۇ پىكىرلەر بىلەن كۈرەش قىلىش يولىدا مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىينىڭ قاراشلىرىنى پاچاقلىشى كېرەك ئىدى. نەتىجىدە ئۇ ئىبنى ئەرەبىينىڭ قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ ھۇجۇملىرىدا ئىبنى ئەرەبىينىڭ شەخسىيىتىگە تەگمىدى. ئۇ ئاڭلىق بىر ئەقىل، ئىپادىلىك بىر تىل ۋە جۈرئەتلىك بىر قەلب بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
«ھېكمەتلەر (الْحِكَمُ)» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى شەيخ ئىبنى ئاتائۇللاھ سەكەندەرىي(13) ئىبنى ئەرەبىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ شىكايەتنامە سۇندى. ھالبۇكى ئۇنىڭ سوپىلارنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ نەزەرىدە يۇقىرى ئورنى بار ئىدى. سوپىلارمۇ شىكايەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىپ قەلئەگە باردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئادالەت سارىيىدا بىر يىغىن ئېچىلىشقا ئەمر قىلدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە يۈرەكلىك ھالدا توپلاشقان جامائەتلەرنى يېرىپ كەلدى، ھالبۇكى ئۇنىڭغا:
— كىشىلەر ساڭا قارشى توپلاندى، — دېيىلگەنىدى، ئۇ:
— بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل! — دېدى. ئاندىن ئۇ رەقىبلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، روشەن ھۆججەت ۋە كەسكىن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مەفھۇمنى مۇرەككەپلەشتۈرمەستىن ۋە خاتا ئويلارغا سېلىپ قويماستىن بايان قىلدى. نەتىجىدە ئۇ غەلىبە قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن سوپىلارنىڭ يىغىلىشلىرى كۆپەيدى، شەيخمۇ ئۇلار بىلەن يۈزلىشىشتىن بوشاپ قالمايتتى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ھەققىدە شۈبھە قوزغىغۇدەك بىرنەرسە تاپتى. شەيخ «پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچكىمدىن ياردەم تىلەنمەيدۇ، رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەنمەيدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ قاراش شەيخ ئىبنى ئاتائۇللاھ سەكەندەرىي بىلەن بولغان بىر مۇنازىرىدە دېيىلگەنىدى، قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى ئالدىراپلا (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەقسەت قىلىپ):
— ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە ھېچنەرسە يوق، — دېۋىدى، باش قازى:
— بۇ (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلىنغان) ئەدەپسىزلىك، — دېدى، ئەمما «كۇفۇرلۇق» دېمىدى.
[353] دەتالاشلار كۆپىيىپ، دۆلەت ئامالسىز قالدى ۋە بۇ دەتالاشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاشۇ دەتالاشنى قوزغىغان ئۇشبۇ مېھماننى بېسىقتۇرۇشتىن باشقا يول قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتمەنلەر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ يا ئىسكەندەرىيەگە كېتىشى، يا ئۆز يۇرتى دەمەشققە كېتىشى، يا ھەپسىگە ئېلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاللاشنى بەردى. ئۇ ھەپسىنى تاللىدى. چۈنكى، ئۇ دەمەشققە يا ئىسكەندەرىيەگە كەتكەندە، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئېلان قىلماسلىقى قەيت قىلىناتتى. شۇڭا، ئۇ: «ماڭا زىندان سۆيۈملۈكرەكتۇر» دېدى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشىغا ئۇنىماي زىندانغا ئۇنىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئالىمنىڭ كۆڭلىنى توق قىلىدىغان ئەركىنلىك بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى پىكىر ئەركىنلىكىدۇر، پىكىرنىڭ جەۋلان قىلالىشىدۇر ۋە تەپەككۇر سەمەرىلىرىنى تارقىتالىشىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چۈشەنگەن ئادەم ھەقىقىي ئەركىن كىشىدۇر. كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالماستىن، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلەلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەقلىي ۋە روھىي ئاسارەتتۇر، بۇ ئاسارەتنى زىندان ئىچىدىمۇ ھېس قىلمايدۇ.لېكىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دەمەشقنى تاللىشىنى ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھ. 707، 18 – شەۋۋال پوچتا ئېتىغا مىندى ۋە ئازراق مېڭىشىغىلا ئەمەلدارلار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئادەملەرنى ئۇلاشتۇردى. ئۇلار: «دۆلەت پەقەت ھەپسىگە ئېلىشقا رازى بولىدىكەن» دېدى. بەلكىم ئۇلار ئۇ دەمەشققە بارسا ئۆزىنىڭ سەپداشلىرىنى تېپىپ، ئۆزلىرى تاڭغان شەرتلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تۇيغان بولسا كېرەك.
شەيخ قايتا سوتلاندى. بۇ قېتىم قازىلار ئىچىدە ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر بار ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى كۆرگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئىخلاسى ۋە ئىمانىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ قاراشلىرىدا تونۇشلۇق كۆنۈككەن پىكىرلەردىن چىقىپ كېتىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ زاتى تەقۋادارلارنىڭ ئۈلگىسى بولغانىدى. چۈنكى، تەقۋادارلىقنىڭ كۆڭۈللەرگە تەسىرى بار. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى قارىلاشنى جائىز قىلغۇدەك بىرنەرسە يوقلۇقىنى قارار قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ ھەپسىگە ئېلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە تالاشتى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە بولسا ئۇلارنى بۇ ھالەتتىن قۇتقۇزۇپ: «مەن زىندانغا يۈرەي» دېدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ ھەپسىگە ئېلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن نۇرۇددىن زاۋاۋىيمۇ: «شۇ ئۇنىڭغا لايىق ئورۇندۇر» دېدى. نەتىجىدە ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئۇنى ھەپسىگە ئېلىشنى تاللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى(14).
مۇشۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «قازىلار ھەپسىخانىسى»غا يوللاندى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان كىشىنىڭ بولۇشىغا ئىزىن بېرىلدى.
مۇشۇ نەتىجىگە ئېلىپ بارغان بۇ جەڭ بولسا شەيخ ئىبنى تەيمىييە بىلەن سوپىلار ئارىسىدا بولغان، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن فۇقەھائ ئارىسىدا بولمىغانىدى. قازىلار بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىغان بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۇلار «ۋەھدەتۇلۋۇجۇد» پىكرىنى توغرا كۆرمەيتتى. بۇ پىكىر ئىبنى تەيمىييەنىڭ جىمى قاراشلىرىدىنمۇ بەكرەك ناتونۇش ئىدى. چۈنكى ئىبنى تەيمىييە ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىسلامغا ھۇجۇم قىلغۇچى ئەمەس، ئىسلامنىڭ مۇداپىئەچىسى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بايانى كۈچلۈك ئىدى.
ھەپسىخانا ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى ئەتىگەن – ئاخشىمى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتىن توسمايتتى. ئاندىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سالىھىييە مەدرەسەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق قازىلار ۋە فۇقەھائ مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن ھەپسىخانىدىن چىقتى.
ئۇ چىققاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ قۇرغان ئىلىم مەجلىسىگە سەلدەك ئاقتى. بىز بۇنى كۈلپەت ئىدى دەپ قارىمايمىز. چۈنكى، بۇ ئىشتا ئۇ سوپىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانىدى.
[354] شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي جەڭ شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغانىدى. بۇ چاغدا سۇلتان ناسىر ئىبنى قالاۋۇن ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەختتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇزەففەر شاھ بايبارس چاشنىگىر چىققان. بۇ بايبارسنىڭ ئۇستازى نەسر ئەلمۇنبىجىي ئىبنى ئەرەبىينىڭ قاراشلىرى ۋە يۆنىلىشىگە ئەگىشىدىغانلاردىن ئىدى. شۇڭا، نەسر ئەلمۇنبىجىي بايبارسنىڭ تەپەككۇرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قاتتىق جەڭ قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايبارس شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى سۇلتان ناسىرنىڭ ياردەمچىلىرىدىن دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى بىر ئىشنى پىلانلىدى ۋە ئىبنى تەيمىييەدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۇنى ئىسكەندەرىيەگە سۈرگۈن قىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. چۈنكى، قاھىرەدە شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شەكىللىنىپ بولغان ۋە فۇقەھائمۇ ئۇنىڭغا يان باساتتى، ئىسكەندەرىيەدە بولسا ئۇنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە ياردەمچىسى يوق ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسكەندەرىيەدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن ئارام تېپىشنى ئۈمىد قىلغان.لېكىن، ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى خەبەرلەر ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسكەندەرىيەگە بېرىپ بولدى. چۈنكى، ئىلىم بىر نۇردۇركى، زۇلمەتلەر توسۇۋالمىغانلا بولسا، ئۇنىڭ يورۇقى ھەممە جايغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسكەندەرىيە سەپىرى ھ. 709، سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى بولدى. (بارغاندىن كېيىن) ئۇ دەرس ۋە ۋەز – نەسىھەت ئۈچۈن سورۇنلارنى قۇرۇشقا باشلىدى ۋە يەتتە ئاي شۇنداق ئۆتتى، يەنى ناسىر قالاۋۇن مەنسەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا قايتقان ۋاقىتقىچە شۇنداق ئۆتتى. بۇ يەتتە ئايدا ئۇ ئۆزى بىلەن تىركىشىپ تۇرىدىغان رەقىبلەرگە دۇچ كەلدى. تارىخچىلارنىڭ بىردەك ئېيتىشىچە، ئۇ ئىسكەندەرىيەدە تۇرۇۋاتقان چاغدا ئىبنى سەبئىن (ھ. 614 – 669/م. 1217 – 1269) ئىسىملىك بىر سوپى ئادەمگە تەۋە «سەبئىنىيلەر» دەپ ئاتىلىدىغان سوپىلارنىڭ بىر پىرقەسى بىلەن كۈرەشتى. بۇ ئىبنى سەبئىن پەلسەپە بىلەن تەسەۋۋۇفنى جەملىگەن بىر يولنى تۇتۇپ ماڭاتتى. چۈنكى، ئۇ كىشى پەيلاسوپ ۋە سوپى ئىدى.
[355] ناسىر (قايتا) مىسىر تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شەيخ ئىززەت – ئىكرام بىلەن قاھىرەگە قايتتى. چۈنكى، ناسىر ئۇنى قاھىرەگە چاقىرغانىدى. ئۇ ھ. 709، 8 – شەۋۋال كۈنى قاھىرەگە يېتىپ كېلىپ، «مەشھەد ھۈسەينىي»گە يېقىن بىر يەرگە جايلاشتى ۋە پۈتۈنلەي ئىلىمگە بېرىلدى. بۇرۇن ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغانلار ئۇنىڭ قېشىغا ئۆزرە سوراپ كەلدى. ئۇ ئەپۇچانلىق بىلەن: «ماڭا ئازار بەرگەن كىم بولسۇن، مەن ئۇنىڭدىن رازى» دېدى.بىز بۇ يەردە شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئۇلۇغ بىر مەيدانىنى تىلغا ئالمىساق بولمايدۇ. ناسىر ھوقۇقنى قولغا ئالغان چاغدا، شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە قارشى ئۇنىڭ رەقىبىگە ياردەملەشكەن ئالىملار ۋە قازىلاردىن ئىنتىقام ئالماقچى بولدى. ھالبۇكى ئۇلار شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە كۈلپەت سېلىپ، ئۇنى ھەپسىگە ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنى زىنداندا 18 ئاي ياتقۇزغانلارنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. سۇلتان بۇنىڭ ئۈچۈن شەيخ ئىبنى تەيمىييەدىن پەتۋا سورىۋىدى، تەقۋادار ئىمام ئۇلارنىڭ قانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھارام ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ئازار بېرىشنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پەتۋا بەردى. سۇلتان ئۇنىڭغا:
— ئۇلار ھەقىقەتەن سىلىگە ئازار بەرگەن ۋە نەچچە قېتىم سىلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، — دېۋىدى، ئالىيجاناب شەيخ:
— كىم ماڭا ئازار بەرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن مەن رازى. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئازار بەرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايمەن، — دېدى. پەزىلەتلىك شەيخ بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، سۇلتاندىن ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەپۇ توغرىسىدا ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ:
— سىلى بۇلارنى ئۆلتۈرسىلە، ئۇلاردىن كېيىن ئۇلاردەك ئادەملەرنى تاپالمايلا، — دېدى. ئۇ ئەپۇ قىلىش توغرىسىدا گەپ قىلىۋەرگەندىن كېيىن، سۇلتان ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئەنە شۇنداق قىلدى، ھالبۇكى ئۇلار ئىچىدە شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە قاتتىق زەربە بەرگەن ۋە ئۇنى ئۆزىنى قوغداشتىن توسۇپ، ئۇنى سوتلىماستىنلا قاراڭغۇ زىندانغا تاشلىغان ئىبنى مەخلۇفمۇ بار ئىدى. نەتىجىدە مەزكۇر قازى شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە مەدھىيە ئوقۇماي تۇرالمىدى ۋە دېدىكى: «بىز ئىبنى تەيمىييەدەك كىشىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، بىز كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، ئۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمىدى. ئۇ بىزگە كۈچى يەتكەندە، بىزنى ئەپۇ قىلدى ۋە بىزنى مۇھاپىزەت قىلدى».
[356] ئۇ بۇ قېتىملىق قاھىرەگە كېلىشىدە قاھىرەدە تۇرۇپ جايلىشىشنى نىيەت قىلدى. شۇڭا، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بەزى كىتابلىرىنى تەلەپ قىلدى ۋە دەرس، پەتۋا، ۋەز – نەسىھەتلەرگە بېرىلدى. ئالىملاردىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئىلمىگە ئاشكارا تىل تەگكۈزۈشكە پېتىنالمىدى، شۇنىڭدەك سوپىلارمۇ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئەيىبلىيەلمىدى. بۇ ئەيىبلىيەلمەسلىكى ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ياكى ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۇلتاندىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ فۇقەھائ ۋە سوپىلاردىن ئىبارەت رەقىبلىرى يەنە بىر ئۇسۇل بىلەن ھىيلە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ ئاۋامنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتۈش. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاۋامنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتتى ۋە قۇتراتتى. لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پاساھىتى، كۈچلۈك ھۆججىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىنمۇ كۆپرەك قوللىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇنتۇغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇنداق ئىككى ھادىسە يۈز بەردى:
بىرىنچى ھادىسە: ھ. 711، 4 – رەجەبتە ئۇنىڭ رەقىبلىرىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنى يالغۇز يەردە قورشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا گۇناھكار قوللىرىنى سوزۇپ ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەينىيە ئاھالىلىرى شەيخنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن توپلاشتى ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سوراپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار كۆپ گەپ قىلغان بولسىمۇ، شەيخ ئۇلارغا: «ئىنتىقام ھەققى يا مېنىڭ، يا سىلەرنىڭ، ياكى ئاللاھنىڭ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىنتىقام ھەققى مېنىڭ بولسا، مەن ھەققىمدىن كەچتىم، ئەگەر ئىنتىقام ھەققى سىلەرنىڭ بولسا، ماڭا قۇلاق سالمايدىغان بولساڭلار، خاھلىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، ئەگەر ئىنتىقام ھەققى ئاللاھنىڭ بولسا، ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا ھەققىنى ئالىدۇ» دېدى.
ئىككىنچى ھادىسە: مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدە ئۇ ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تاجاۋۇز قىلىنىشقا ئۇچرىدى، لېكىن بۇ قېتىمقى تاجاۋۇز غاپىل جاھىللار تەرىپىدىن بولماستىن، فۇقەھائنىڭ بىرىدىن بولدى. ئۇ كىشى ئۇنىڭغا بۇ سۆزلىرى بىلەن يامانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۆزرە سورىشى شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى چوڭ بىلىدىغان سۇلتاندىن قورققانلىقى ئۈچۈن بولدى. لېكىن، شەيخ يەنىلا كەڭ قورساقلىق قىلدى ۋە: «ئۆزۈم ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايمەن» دېدى.
ئۇ قاھىرەدە تۇرغان بۇ مۇددەتتە توغرا دەپ قارىغىنى بويىچە سۇلتانغا مەسلىھەت بەردى. مەسىلەن، مەنسەپدارلىق ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلاردا پارىخورلۇق كۆپىيىۋىدى، شەيخ ئىبنى تەيمىييە ناسىرنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، بۇ قىلمىشلارنى تەنقىدلەپ بىر مەكتۇب يازدى. مەكتۇبتا: «ھېچكىم پۇل ۋە پارا بىلەن مەنسەپكە ئىگە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نالايىق كىشىلەرنىڭ مەنسەپ تۇتۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېيىلگەن. قىساس ئىشلىرى قالايمىقان بولۇپ، ئىنتىقام ئېلىش جىنايىتى كەڭ تارالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان بۇ ئىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، چارە قوللاندى. نەتىجىدە قىساس تېز ئېلىنىدىغان ۋە پەقەتلا ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بىلەن ئېلىنىدىغان بولدى.
شەيخنىڭ شامغا قايتىشى
[357] شەيخ مىسىردىكى ئىلىم ۋە تەقۋالىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، نەسىھەت قىلدى، ئىلىم ئۆگەتتى، ھەق يولىدا جىھاد قىلدى ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئەمدى ئۇ ئەھلى – جەمەتى يېنىغا، ئۆسۈپ چوڭ بولغان ماكانىغا قايتمىسا بولمايتتى. لېكىن، ئۇ جىھاد چاقىرىقى ئۈچۈنلا قايتتى. ھ. 712، شەۋۋالدا سۇلتان ناسىر موڭغۇللار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن زىچ بىر قوشۇن تەييارلىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا موڭغۇللارنىڭ تىنچ كىشىلەرنى بىئارام قىلىش ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن دەمەشققە قاراپ ماڭغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئۇ بۇ جىھادتا شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى بىرگە ئېلىۋېلىشنى ئىستىدى. شەيخمۇ ھەرگىز جىھادتىن قالىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى. نەتىجىدە شەيخ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ دەمەشققە قايتتى. ئۇ قىلىچىنى قىرىققا كىرمىگەن ياش ھالىتىدە كۆتۈرگىنىدىن كېيىن، ئەللىكتىن ئېشىپ قېرىلىققا قەدەم قويغان ئۇشبۇ ھالىتىدىمۇ كۆتۈردى.شەيخ ھ. 712، زۇلقەئدەنىڭ بېشىدا دەمەشققە يېتىپ كەلدى. جەڭدە مۇئمىنلەرگە ئاللاھ كۇپايە قىلدى. نەتىجىدە موڭغۇللارنىڭ ھېچنېمىگە قارىماستىن كەينىچە بەدەر تىكىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا خەبەرلەر كەلدى.
[358] شەيخ شۇنىڭدىن كېيىن شامدا تۇرۇپ قالدى. ئىمام ئىبنى كەسىر ئۇنىڭ شامدا قالغىنىدىن كېيىنكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاندىن شەيخ دەمەشققە كېلىپ، دەمەشقتە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىزچىل ھەر خىل ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللاندى، ئىلىم تاراتتى، كىتابلارنى يازدى، سۆزى ۋە ئۇزۇن يازمىلىرى بىلەن كىشىلەرگە پەتۋا بەردى ۋە شەرئىي ئەھكاملاردا ئىجتىھاد قىلدى. بەزى ھۆكۈملەردە ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن تۆت مەزھەب ئىماملىرىغا ئۇيغۇن پەتۋا بەردى، يەنە بەزى ھۆكۈملەردە ئۇلارغا قارشى ياكى ئۇلارنىڭ مەزھەبلىرىدىكى مەشھۇر قاراشلارغا قارشى پەتۋا بەردى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن تاللاشلىرى ۋە نەچچە توم ئەسەرلىرى بار. ئۇ مەزكۇر ئەسەرلەردە ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى نېمىگە باشلىسا شۇ بويىچە پەتۋا بەرگەن ۋە پەتۋالىرىغا كىتاب – سۈننەتتىن، ساھابەلەرنىڭ ۋە سەلەفنىڭ سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرگەن»(15).شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇ شام ۋە مىسىردىكى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆزى «توغرا» دەپ قارىغان ئەقىدىلەرنى بايان قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ فىقھتىكى قاراشلىرى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مەزھەبىگە تايىناتتى، بەك ئاز مەسىلىلەردىن باشقىدا ئۇشبۇ مەزھەبتىن چىقمىغان.
ئەمما، ئۇنىڭ بۇ (ئىككىنچى) مەزگىلدىكى ئەڭ چوڭ كۆڭۈل بۆلۈشى فۇرۇئات ھەققىدە بولغان. ئۇ فۇرۇئاتقا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ سەلەفىي ئەقلى ۋە توغرا پىكرى بىلەن فۇرۇئاتنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن، ئاندىن فۇرۇئاتتا تۆت ئىمامغا مۇخالىپ كېلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەزھەبلىرىنىڭ مەشھۇر قاراشلىرىغا ياكى غەيرى مەشھۇر قاراشلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان نەتىجىلەرگە يەتكەن. ئۇنىڭ تاللىغان قاراشلىرى پەقەتلا كىتابتىن ياكى سۈننەتتىن مەلۇم بىر دەلىل ۋە ھۆججەت ئاساسىدا بولغان. ئۇ فۇرۇئاتتا كاتتا بايلىققا ئىگە ئىدى، نەسكە ئېھتىياجى چۈشسە، نەستىن قىسىلىپ قالمايتتى، شۇنىڭدەك ئۇ توغرا فىقھىي قىياستىنمۇ قىسىلىپ قالمايتتى. ئۇ قىياس بىلەن نەسنى كۈچەيتەتتى، ئەگەر بىرەر نەس بولماي قالسا، قىياس بىلەن ئۆزىنىڭ خۇلاسىلىگەن قارىشىنى كۈچەيتەتتى.
ئۇنىڭ ھاياتىنى بۇ ئىككى مەزگىلگە بۆلگەنلىك «ئۇ بىرىنچى مەزگىلدە فىقھقا كۆڭۈل بۆلمىگەن، ئىككىنچى مەزگىلدە كۆڭۈل بۆلگەن» دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى مۇنداق دەيمىز: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ فىقھقا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا بولغان، لېكىن بىز ئۇنىڭ فىقھقا كۆڭۈل بۆلۈش نىسبىتىگە قاراپ مۇشۇنداق بۆلدۇق. ئۇنىڭ ئىككىنچى مەزگىلدىكى فىقھىي ئىزدىنىشلىرى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپىنچە باسقۇچلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇ فىقھنى يەرلىك مەزھەبلەرگە خاس تەتقىقات دائىرىسىدىن تېخىمۇ كەڭ تەتقىق قىلىشقا ئېلىپ چىققان. چۈنكى، ئۇ مۇنداق ئىككى ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن: بىرى، «قۇرئان»نى ئەسل مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىش؛ ئىككىنچىسى، ئەھلى بەيت ئىماملىرىنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىش. گەرچە ئۇ ئۆزلىرىنى شىئەلەرگە تەۋە قىلىدىغان بەزى تائىپىلەرنى يامان كۆرسىمۇ، ئەھلى بەيت ئىماملىرىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىئە فىقھىسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ چىقىشتىن يالتايمىغانىدى.
ئۇ بۇ تەتقىقاتتا ئۆزىنى بىر ھەنبەلىي دەپ ھېسابلايتتى ياكى ھېچبولمىغاندا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ (ھەنبەلىي مەزھەبكە خىلاپ كېلىدىغان) شۇنچىۋالا كۆپ تاللاشلىرى بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ ھېچكىمنى ۋاسىتە قىلماستىن كىتاب – سۈننەتكە يۈزلىنىشلىرى بولسىمۇ، ئۇنى ھەنبەلىيلىكتىن چىقىرىۋەتمىگەن. ئۇ ئىزچىل ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىغا قىزىققان. لېكىن، ئۇنىڭ قىزىقىشى مۇتەئەسسىبلەرچە قىزىقىش ئەمەس، بەلكى ئاق – قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئاڭلىق ئۆتكۈرلەرچە قىزىقىش ئىدى. ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەھمەد كىتاب ۋە سۈننەتنى، ساھابە ۋە تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى باشقىلاردىن بەكرەك بىلەتتى. شۇ جەھەتتىن، ئۇنىڭ بىرەر نەسكە مۇخالىپ كېلىدىغان قارىشىنى تاپماق تەستۇر، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىرەرمۇ زەئىف قارىشى تېپىلمىغىلى تاس قالىدۇ، ئەگەر تېپىلىپ قالغاندىمۇ، ئۇنىڭ مەزھەبىدە كۆپىنچە ھالدا ئەڭ كۈچلۈك قاراشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر قاراش بار. ئۇنىڭ مەزھەبىنى باشقا مەزھەبلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ سۆزى راجىھتۇر. مەسىلەن، ئۇنىڭ ›سەپەر ئۈستىدە ۋەسىيەت قىلىشتەك ھاجەت تۇغۇلغاندا، زىممىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىش دۇرۇس‹ دېگەن سۆزى ۋە ئۇندىن باشقىلار»(16).
بىز ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئىبنى ھەنبەلنىڭ فىقھىسىنى تەرجىھ قىلىدىغانلىقىنى، ئىبنى ھەنبەلنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە باغلانغانلىقى ئۈچۈن تەرجىھ قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھەنبەلىي مەزھەبىگە مۇتەئەسسىب ئەمەس ئىدى، بەلكى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن باشقا مەزھەبلەرنىڭ قاراشلىرىنىمۇ تاللىغان. ئۇ مۇتەئەسسىبلىكنى ھۆججەت ۋە پاكىتتىن ئەمەس، ھاۋايى – ھەۋەستىن تۇغۇلىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇ ئېيتىدۇ: «كىمكى ئىماملاردىن مۇئەييەن بىرىگە مۇتەئەسسىبلىك قىلسا، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىگە ئوخشىغان بولىدۇ، مەيلى ئىمام مالىكقا ياكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە، ياكى ئىمام ئەھمەدكە مۇتەئەسسىبلىك قىلسۇن ئوخشاش. ئاندىن مۇتەئەسسىبلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە دىندىكى سەۋىيەسىنى ۋە باشقىلارنىڭ سەۋىيەسىنى بىلمەيدۇ، نەتىجىدە جاھىل ۋە زالىم بولىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ ئىلىم ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ، جاھىللىقتىن ۋە زۇلۇمدىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَحَمَلَهَا ٱلۡإِنسَٰنُۖ إِنَّهُۥ كَانَ ظَلُومٗا جَهُولٗا / ئۇ (ئامانەت) نى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ۋە جاھىلدۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 72). مانا ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەد كىشىلەر ئىچىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ھەممىدىن بەكرەك ئەگەشكەنلەردۇر ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ھەممىدىن بەكرەك بىلگەنلەردۇر. ئۇلارمۇ ساناش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە قارشى يول تۇتقان. چۈنكى، ئۇلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى ئۇلۇغ بىلسىمۇ، (شۇ مەسىلىلەردە) ئۇستازىغا ئەگەشمەسلىكىنى تەقەززا قىلىدىغان سۈننەت ۋە ھۆججەتلەر ئۇلارغا ئايان بولغان»(17).
[359] دېمەك، ئۇ مۇتەئەسسىبلىك بويۇنتۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، تۆت ئىمامنىڭ قاراشلىرىغا باغلىنىۋالماستىن، ئەركىن تەتقىق قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇ بۇ ئەركىن تەتقىقاتتا بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇلاردىن:(1) ئۇ (جەمئىيەتتە) كىشىلەر خۇددى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغاندەك، تالاق بىلەن قەسەم قىلىدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى، كىشى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قەسەمنى بۇزسىغۇ، بىر قۇل ئازاد قىلىش ياكى ئون مىسكىنگە تائام بېرىش، ياكى كىيىم بېرىش، ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن كەففارەت بېرىدىغانلىقى، بىراق تالاق بىلەن قىلغان قەسەمنى بۇزسا، خوتۇنى تالاق بولۇپ، ئۆيى خاراب بولىدىغانلىقى ۋە نىكاھتىن ئىبارەت ئۇشبۇ مۇقەددەس رىشتىنىڭ بىكار بولىدىغانلىقىنى كۆردى – دە، بۇ نەتىجە ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن بۇ نەتىجىگە بىر ئاساس ئىزدىدى. ئۇ سەلەفلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان بىرنەرسە تاپالمىغاندەك، كىشى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان ياكى ئۇنى خاھلىمىغان ھالدا، ئەر – خوتۇنچىلىق ئالاقىنىڭ ئۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرنەرسە تاپالمىدى. نەتىجىدە ئۇ تالاق بىلەن قەسەم قىلىش بىلەن ھېچقانداق تالاق چۈشمەيدىغانلىقىغا پەتۋا بەردى ۋە بۇ رايىنى ئەھلى بەيت ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلار بىلەن كۈچەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ پەتۋا چىقىۋىدى، فۇقەھائ ئۇنى تەنقىدلىدى. بۇ ئىش ھ. 718 – يىلى بولدى.
(2) شۇ مەسىلىلەردىن يەنە بىرى، ئۇنىڭ بايقىشىچە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەسسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان رىۋايەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، «ئۈچ تالاق» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن پەقەتلا بىر تالاق چۈشىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۈچ تالاق چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ پەقەت بىرلا قېتىم تالاقتۇر، ھالبۇكى ئاللاھ تائالا: ﴿ٱلطَّلَٰقُ مَرَّتَانِۖ / تالاق ئىككى قېتىمدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 229) دەيدۇ. كۆپلىگەن تابىئىن مۇشۇ قاراشتا ئىدى. ئۇ بۇ رايىنىمۇ ئەھلى بەيت ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلار بىلەن كۈچەيتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق تۆت ئىمامنىڭ ھەممىسىگە قارشى يول تۇتتى.
(3) شۇ مەسىلىلەردىن يەنە بىرى، ھەيزدە قىلىنغان تالاق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئۇ بۇ قارىشىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما خوتۇنىنى ھەيز ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتكەندىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنى خوتۇنى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى دەلىل قىلغان. يەنە بۇ رايىنىمۇ ئەھلى بەيت ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر قاراش بىلەن كۈچەيتكەن.
ئۇ مۇشۇ ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلارغا پەتۋا بېرىپ، تۆت ئىمامغا قارشى يول تۇتقان. بەزى ئالىملار ئۇنىڭ ئۇنداق پەتۋا بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىلىنىپ بىر ۋاقىت سۈكۈت قىلغان، ئاندىن كېيىن شۇنداق پەتۋا بېرىۋەرگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ئۇنى تۆت ئىمامغا مۇخالىپ كەلگەن بۇ مەسىلىلەرگە پەتۋا بېرىشتىن توستى. ئۇ پەتۋا بېرىشتە چىڭ تۇردى. چۈنكى، ئۇ دىنىنىڭ بەدىلىگە دۇنيانى قوبۇل قىلمايتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ دېگىنىگە ئىشەنچ قىلاتتى.
ئۈچىنچى كۈلپەت
[360] شەيخ تالاق مەسىلىلىرىدە پەتۋا بېرىشكە داۋام قىلىۋەردى ۋە سۇلتانغىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قايتا سادىر قىلغانلىق خەۋىرى يەتتى. سۇلتان شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دوستى بولسىمۇ، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر كۈنمۇ ھەپسىدە قېلىشىغا رازى بولمىغان كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشىنى رەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا پەرمان چىقاردى. ھالبۇكى سۇلتاننىڭ ۋىجدانى تۆت ئىمامغا قارشى كېلىدىغان بىر سۆزگە رازى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە شەيخ ئىبنى تەيمىييە كاتتا بولسىمۇ، شۈبھىسىزكى تۆت ئىمام تېخىمۇ كاتتا ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇلتان ھ. 719، 19 – رامازان كۈنى شەيخنى مەنئى قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان ئالاھىدە بىر خەتنى ئەۋەتتى، خەت بىر توپ قازىلار، فۇقەھائ ۋە مۇفتىلار ئىچىدە ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلدى ۋە ئۇنىڭ باش تارتقانلىقىغا كايىلدى. مەجلىس شەيخكە پەتۋا بېرىشتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا بىر قارار چىقارماستىن تارقالدى. شۇڭا، ئۇ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى، تەكرار خەت ئەۋەتىلدى ۋە تەكرار كايىلدى. سۇلتان كۆرمەسكە سالغان بولسىمۇ، ئەمدى بۇندىن كېيىن كۆرمەسكە سالسا بولمايتتى. چۈنكى، قازىلار ۋە مۇفتىلار ھەرگىزمۇ كۆرمەسكە سالمايتتى. ئۇلار شەيخنىڭ بەرگەن پەتۋاسىنى تۆت ئىمامنىڭ ئىجمائسىغا خىلاپ، شۇڭا بۇ ئوچۇق ئازغۇنلۇق، دەپ قارايتتى.
شۇ جەھەتتىن، دارۇلھۆكۈمدە سەلتەنەت نائىبىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر مەجلىس ئېچىلدى، مەجلىسكە قازىلار، فۇقەھائ ۋە تۆت مەزھەب مۇفتىلىرى قاتناشتى. شەيخمۇ قاتناشتى. ئۇلار ئۇنىڭغا كايىشتى ۋە ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەردە قايتا پەتۋا بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنازىرىلەشمەستىن كايىشقا ھېرىس ئىدى. شەيخ ئۇلارنىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي، ئۇلار تەكرار كايىپ، تەكرار ئۈمىد – تەلەپتە بولغاندىن كېيىن، ئۇنى دەمەشقتىكى قەلئەگە سولاپ قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇ ھ. 720، 22 – رەجەبتىن باشلاپ بەش ئاي 18 كۈن مەھبۇس بولۇپ تۇردى. ھ. 721، 10 – مۇھەررەمدە قويۇپ بېرىلدى.
شەيخ شۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن – ئازادە ھالدا ئۆزىنىڭ دەرسىگە قايتتى، بۇ ۋە ئۇندىن باشقا مەسىلىلەردە پەتۋا بېرىشكە باشلىدى. ئۇ بۇنى تەكرارلاۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ گەرچە رازى بولمىسىمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. ئۇ ئىزدىنىش، يېزىش ۋە تۈزۈشكە داۋام قىلىۋەردى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھ. 712 – يىلىدىن باشلانغان بۇ مەزگىلى ئەنە شۇ كاتتا فىقھىي ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقىدىلەرنى، سوپىلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ چىقارغان بىدئەتلىرىنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن فىقھ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن.
ئاخىرقى كۈلپەت
[361] شەيخ دەرسلىرىگە داۋام قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن مەيلى ئەقىدە ھەققىدە بولسۇن ياكى سىياسەت ھەققىدە بولسۇن، ياكى فىقھ ھەققىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ كىتابلىرى ۋە رىسالەلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ پىشقان ئەقلى ۋە خالىس كۆڭلى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىنى بەند قىلىشقا باشلىدى. تا ھ. 726 – يىلىغا كەلگەندە، قەلئەگە يۆتكىلىشكە بۇيرۇلدى. بىز ئازراق تەپسىلات بىلەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تىلغا ئالىمىز:ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سوپىلار ۋە راۋاپىزلاردەك شەيخنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىكى ئورنىغا ھەسەت قىلغانلىقتىن ياكى پىكىر – قاراشتىكى تەرسالارچە خۇسۇمەت تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا يامانلىق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا فۇقەھائ ئىچىدىكى ئۇنى «قايمۇقۇپ دىنغا قارشى چىقتى» دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئاداۋەت تۇتقانلار شەيخكە ئورەك كولاش ئۈچۈن تىللىرىنى بىر قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاۋامنىمۇ ۋە خاۋاسنىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغان بىرەر قارىشىنى ئىزدەشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۇنىڭ 17 يىل بۇرۇن بەرگەن بىر پەتۋاسىنى تاپتى. بۇ پەتۋادا ئۇ «سالىھلەرنىڭ قەبرلىرىنى زىيارەت قىلىش چەكلىنىدۇ، ھەتتا رەسۇلۇللاھنى ئۆز قوينىغا ئالغان رەۋزە شەرىفنى زىيارەت قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ» دەپ قارىغانىدى. تۆۋەندىكىسى بۇ پەتۋانىڭ بەزى ئىبارىلىرىدۇر:
«‹سۈنەنۇ سەئىد ئىبنى مەنسۇر›دا رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب بىر ئادەمنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرسىگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹وَلاَ تَجْعَلُوا قَبْرِى عِيدًا وَصَلُّوا عَلَيَّ فَإِنَّ صَلاَتَكُمْ تَبْلُغُنِى حَيْثُ كُنْتُمْ / مېنىڭ قەبرەمنى (زىيارەت قىلىشنى) بايرام قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇد ئېيتىڭلار. چۈنكى، نەدە بولماڭلار، سىلەرنىڭ دۇرۇدۇڭلار ھەقىقەتەن ماڭا يېتىپ تۇرىدۇ›(18) دېگەن بىر سۆزىنى نەقىل قىلغان ھالدا: ‹(ئەي ئادەم!) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەتەن سەن بىلەن ئەندەلۇستىكى بىرى باب – باراۋەردۇر› دېگەن. سەھىھەيندىمۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆلۈم كۆرپىسىدىكى ئاغرىق ھالىتىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ‹لَعَنَ اللَّهُ الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى اتَّخَذُوا قُبُورَ أَنْبِيَائِهِمْ مَسَاجِدَ / ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ﻟﻪﻧﻪﺕ قىلسۇن! (چۈنكى) ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ئۇلۇغلاپ) ئىبادەتخانىلارغا ئايلاندۇرۇۋالغان›(19). ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسە ئىدى، قەبرسىنى ئوچۇق گەۋدىلەندۈرگەن بولاتتى، لېكىن قەبرسىنىڭ مەسجىد قىلىنىشىنى يامان كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ساھابەلەر ئۇ زاتنى ئۆزلىرىنىڭ چۆل يەرگە دەپنە قىلىش ئادىتىنىڭ تەتۈرىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىغا دەپنە قىلدى. شۇڭا، ھېچكىم ئۇنىڭ قەبرسى يېنىدا ناماز ئوقۇسا ۋە ئۇنى مەسجىد قىلىۋالسا بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ قالسا، ئۇنىڭ قەبرسىنى بۇت قىلىۋالغان بولىدۇ. (پەيغەمبىرىمىز دەپنە قىلىنغان) ھۇجرا ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ زامانىغىچە مەسجىدتىن ئايرىم ئىدى، شۇ چاغلاردا ساھابەلەر ۋە تابىئىندىن ھېچكىم ئۇ يەرگە ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرمەيتتى، قەبرنى سىلىمايتتى، ئۇ يەردە دۇئامۇ قىلىنمايتتى. بەلكى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار مەسجىدتە قىلاتتى. سەلەف سالىھلەر (قەبردىكى) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام قىلىپ دۇئا قىلماقچى بولسا، قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلاتتى، قەبرگە يۈزلەنمەيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام قىلىش ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشقا كەلسەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: ‹يەنىلا قىبلىگە ئالدىنى قىلىدۇ، قەبرگە ئالدىنى قىلمايدۇ› دېگەن. كۆپىنچە ئىماملار: ‹بەلكى خۇسۇسەن سالام قىلغاندا قەبرگە ئالدىنى قىلسا بولىدۇ› دېگەن، ئۇلاردىن ھېچكىم: ‹دۇئا قىلغاندا قەبرگە ئالدىنى قىلسا بولىدۇ› دېمىگەن(20)».
[362] بۇ پەتۋا ئۇزۇن مەزگىل ئىلگىرى دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن فىتنەلەر ھەرىكەتلەنمىگەن ئىدى. ھېچكىم شۇ چاغدا شەيخنىڭ سۇلتاننىڭ نەزەرىدىكى ئورنى تۈپەيلى، ئۇ پەتۋانى ئازار ۋە كۈلپەت سېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا ئۇرۇنمىغانىدى.ئۇلار ئۇنىڭ تالاق مەسىلىلىرىدە پەتۋا بېرىشى سەۋەبلىك ئارىدا يىرىكچىلىك بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۇلتاننى ۋە ئاۋامنى ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلەندۈردى. بۇ چاغدا ئۇلار ئاۋامغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇقەددەسلىك ئورنىنى باھانە قىلدى. چۈنكى، ئەگەر سىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان تەرەپتىن كەلسىڭىز، مۇسۇلماننىڭ كۆڭلى دەرھال ھەرىكەتلىنىدۇ.
سۇيىقەست پىلانلىغانلار بۇ توغرىدا سۇلتانغا خەت يېزىشتى. خەتتە سۇلتانغا ئۇنىڭ دىننى ئۆزگەرتكەنلىكى دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئۇنى ئۇنىڭدەك بىر كىشىگە لايىق كېلىدىغان بىر ھەپسىخانىغا سولاشنى توغرا كۆردى. ھ. 726 – يىلى شەئباننىڭ يەتتىنچى كۈنى بۇ ھەقتىكى پەرمان دەمەشققە كەلدى. نەتىجىدە شەيخ ھەپسىگە ئېلىندى، ئۇلار ئۇنىڭغا بىر خىزمەتچى ئاجرىتىپ بەردى. ئۇ دەمەشق قەلئەسىگە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى زەينۇددىن سۇلتاننىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلدى.
شەيخ قولغا ئېلىنىپلا، قەلبلەر ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلىدى، شەيخنىڭ شاگىرتلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ باشلىرىغا ئەزىيەت كەلدى. باش قازى ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ھەپسىگە ئېلىشقا بۇيرۇدى ۋە شەيخنىڭ بىر بۆلۈك سەپداشلىرىغا ئېشەككە مىندۈرۈپ سازايى قىلىش جازاسى بەردى. ئاندىن كېيىن ئۇلار شەيخنىڭ خالىس دوستى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بايراق كۆتۈرگۈچى شەمسىددىن ئىبنۇلقەييىمدىن باشقا كىشىلەرنى ھەپسىخانىلىرىدىن قويۇپ بەردى.
بۇ قولغا ئېلىنىش مۇخلىسلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، ھەسەتخورلار بىلەن بىدئەتچىلەرنى خۇش قىلدى. شۇڭا، بىدئەتلەر قاتتىق كۈچەيدى. ئالىملار ئىچىدىكى مۇخلىسلار قاتتىقچىلىقتا ئىدى، بۇ ئەلەم دەمەشق ۋە دەمەشقنىڭ مۇخلىس ئالىملىرى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، باغداد ئالىملىرىغىمۇ ھالقىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن باغداد ئالىملىرى سۇلتان ناسىرغا بىر خەت يېزىپ، ئەنە شۇ ئۆتكۈر قىلىچ قىنىغا سېلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى بايان قىلدى. خەتتە مۇنداق كەلگەن: «شەيخۇلئىسلام تەقىييۇددىن ئەھمەد ئىبنى تەيمىييە (ئاللاھ ئۇنى سالامەت قىلسۇن!) غا بېسىم قىلىنغانلىق خەبىرى شەرقىي دىيار ۋە ئىراق ئەھلىلىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىش مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كەلدى، دىندارلار پەرىشان بولدى، دىنسىزلار خۇش بولدى، ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى يايراپ كەتتى». «بۇ تەرەپنىڭ ئالىملىرى بىدئەتچى گۇمراھلارنىڭ بۈيۈك پازىللار ۋە ئالىم ئىماملارنىڭ قايغۇسىدىن خۇش بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ بالانىڭ چوڭلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى سۇلتان ئالىيلىرىغا يەتكۈزگەن بولدى، ئاللاھ ئالىيلىرىنىڭ شەرىپىنى زىيادە قىلغاي! ئۇلار شەيخنىڭ (ئاللاھ ئۇنى سالامەت قىلسۇن!) ئۆز پەتۋالىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ جاۋابلىرىنى يازدى»(21).
ھەر خىل مەزھەبلەرنىڭ بىر قىسىم ئالىملىرى تەرىپىدىن بۇ جەھەتتە شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى قوللاشلار كەلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مالىكىيلارمۇ، ھەنەفىيلەرمۇ ۋە شافىئىيلارمۇ بار ئىدى. بۇ ئۇنىڭ چاقىرغان پىكىرلىرىنىڭ مىسىر، شام ۋە ئىراقتىكى بارلىق ئالىملارغا يەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قەلبلىرىگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاماققا ئېلىنىشىنىڭ بىدئەتچى گۇمراھلارغا شادلىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
[363] بىز زىنداننىڭ تېشىدىكىلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، زىنداندىكى ھۆر ئادەمگە مەركەزلىشەيلى! ھەسەتخور ئاداۋەتچىلەر ئەزىيەت بېرىشتە ئەزۋەيلەپ، بەزىلىرى كۈلۈپ يايراۋاتقان چاغدا، شەيخنىڭ بىر تەقۋادار مۇئمىنگە يارىشا خۇرسەنلىكتە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇ: «مەن شۇنى كۈتۈپ تۇراتتىم، بۇنىڭدا كۆپ خەيرلىك ۋە چوڭ پايدا باردۇر» دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن تىنچلىققا، شەھەرلەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدىن نېرى تۇرۇشقا موھتاج بولغانىدى. ئۇ ئۇشبۇ ھەپسىخانىنىڭ تىنچلىقىدا مۇنداق ئىككى ئىشقا بېرىلدى:بىرىنچى: ئىبادەت ۋە «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى؛
ئىككىنچى: ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئارامخۇدا يېزىپ چىقىش.
ئۇ بۇ مەزگىلدە كۆپ تەفسىر يازدى ھەمدە يېنىغا يوقلاپ كېلىدىغان كىشىلەردىن ئالاقىنى ئۈزمەي، ئۇلارغا پەتۋا ۋە جاۋابلارنى بەردى. نەتىجىدە شەيخنىڭ يازمىلىرى كىشىلەر ئارىسىدا يېيىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىققان ئىدى. ئۇنىڭ كىشىلەردىن چەكلىنىشى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ يازمىلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان، نەتىجىدە ئۇ يازمىلىرى ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغاندىكى تەسىرىدىنمۇ بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. چۈنكى، توسۇقلۇق، يوشۇرۇقلۇق نەرسە تونۇلۇپ قالسا، ئوچۇق – ئاشكارا نەرسىدىنمۇ بەكرەك تارقىلىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈللەر يوشۇرۇقلۇق نەرسىگە تەلپۈنىدۇ، ئۇنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇ چاغدا كۆڭۈللەر قىممەتلىك بىرنەرسىنى تېپىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، نەتىجىدە ئاز ئۆتمەيلا قولدىن – قولغا ئۆتۈپ تارىلىدۇ.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ پىكىر – قاراشلىرىغا قارشى تۇرماقچى بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى سولاپ قويغان بىلەن، ئۇنىڭ پىكىر – قارىشىنى سولاپ قويالمىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ نۇرنىڭ تۈرمە كامىرلىدىن چىقىپ، ئالىملارنىڭ ئارىسىدا پارلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، مەككارلىق بىلەن ھوقۇقدارلارنىڭ ئالدىغا شاپاشلاشتى.
بۇ مەخپىي پىلاننىڭ نەتىجىسىدە، ھ. 728 – يىلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 9 – كۈنى شەيخ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدا بار بولغان كىتاب، قەغەز، سىياھ، قەلەملەر مۇسادىرە قىلىنىپ، مۇتالىئەدىن كەسكىن مەنئى قىلىندى. ئۇنىڭ يازغان ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن كىتابلىرى شۇ يىلى رەجەب ئېيىنىڭ بېشىدا «چوڭ كىتابخانا»غا توشۇلدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى 60 جىلد، 14 كۇرراسە(22) ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ كىتابلار شۇ يەردە ساقلاندى ۋە ساقلىنىغلىق پېتى تۇردى.
ئىبنى كەسىر بۇنداق بېسىم قىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېيتقانكى: «بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، (قازى تەقىييۇددىن) ئىبنى ئەلئەخنائىي (ھ. 658 – 750/م. 1260 – 1349) قەبرنى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى پەتۋاغا رەددىيە بەرگەن چاغدا، شەيخ تەقىييۇددىن جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇنى جاھىلغا چىقارغان. ئۇنىڭغا ئىلىمدىكى دەسمايىسىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئەلئەخنائىي ئەھۋالنى سۇلتانغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان»(23).
[364] شەيخكە قىلىنغان بېسىم چېكىگە يېتىپ، كىتابلاردىن ۋە كىتاب يېزىشتىن چەكلەندى. ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر سىياھمۇ، بىرەر قەلەممۇ قالدۇرمىدى. لېكىن، خىزمەتتىن بوشاپ قالمايدىغان ئۇشبۇ ھەرىكەتچان پىكىر ھەرگىزمۇ توختىمايتتى. شۇڭا، ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرى ۋە خاۋاتىرلىرىنى قەيت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنى پارچە – پۇرات قەغەزلەرگە كۆمۈر بىلەن قەيت قىلاتتى(24). ئۇ پارچە – پۇرات قەغەزلەرنى يىغقانىدى. تارىخ شۇ پارچە – پۇرات قەغەزلەرنى ئۇنىڭ ئىزنالىرى سۈپىتىدە ساقلاپ قالدى.شەيخ ئىبنى تەيمىييە ھەقىقەتەن بۇ سىناققا سەۋر ۋە چىدام بىلەن بەرداشلىق بەردى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك جىھاد ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە ئېيتقانكى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئاللاھ يولىدىكى بۈيۈك بىر جىھادتىمىز، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى جىھادىمىز غازان(25) بىلەن، جەبەلىيلەر(26)، جەھمىيە(27)لەر، ئىتتىھادىيلار(28) بىلەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلار بىلەن قىلغان جىھادلارغا ئوخشاشتۇر. ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە كىشىلەرگە بەرگەن كاتتا نېئمەتلىرىدىندۇر، ﴿وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ / لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 40)»(29).
بۇ سۆز ئۇنىڭ شۇ پارچە – پۇرات قەغەزلەرگە يازغانلىرىدىن بىرى ئىدى.
بۇ تار ھەپسىخانىدا شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئۇزۇن تۇرمىدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى كېسەل تارتقىنىدىن كېيىن ھ. 728، 20 – شەۋۋال كۈنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى. ئۇ ھاياتى داۋامىدا ئۇلۇغ بىر ئىنسان بولغىنىدەك، ئاخىرقى ھاياتىدىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىنسان بولدى. ئۇ كېسەلچان ھالىتىدە ئۇنىڭ قېشىغا دەمەشق ۋەزىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزرە تىلىدى ۋە ئۆزىدىن بىلىپ – بىلمەي ئۆتۈپ قالغان كەمچىلىك ياكى ئەزىيەتلەر بولۇپ قالسا رازى بولۇپ كېتىشىنى سورىدى. بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۇنىڭغا: «مەن سەندىن ۋە مېنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىمنى بىلمەي ماڭا دۈشمەنلىك قىلغان ھەركىمدىن رازى بولۇپ كەتتىم، سۇلتانى مۇئەززەم ناسىر شاھتىنمۇ مېنى ھەپسىگە ئالغانلىق ئىشىدا رازى بولۇپ كەتتىم. چۈنكى، ئۇ بۇنى (باشقىلارغا) ئەگىشىپ قىلدى، شۇڭا ئۆزرىلىكتۇر، ھەرگىز ئۆز نەفسى ئۈچۈن قىلمىدى. مەن بىلەن ئارىسىدا خۇسۇمىتى بولۇپ قالغان ھەر كىشىدىن رازى بولۇپ كەتتىم، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۈشمەن بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا» دېدى(30).
[365] شەيخ ئىبنى تەيمىييە ۋاپات بولدى، ئىزچىل داۋاملاشقان ئەنە شۇ ھەرىكەت تىنجىدى. دەمەشق خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالىمىنىڭ، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىمىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، توپ – توپ ھالدا ئۇنى ئاخىرقى مەنزىلگاھىغىچە ئۇزاتقىلى چىقتى. ئاللاھ ئەنە شۇ ئۇلۇغ ھۆر ئالىمنىڭ ئۆزىنىڭ قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا ۋاپات بولۇشىنى تەقدىر قىلدى. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىلەن (سۇلتان) ناسىرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىپ، ھەتتا ناسىر ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ئالىملارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ كېسىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ھاكىم قىلغانىدى، نەتىجىدە ئۇ ئۇشبۇ ئالىملار ھەققىدە پەقەتلا ياخشى گەپنى دېگەنىدى. ناۋادا ئۇ سۇلتاننىڭ نەزەرىدىكى ئاشۇ يۈكسەك ئېتىبارى بىلەن ئۆلگەن بولسا ئىدى، چوقۇم بەزى ئىنسانلار: «ئۇ دېگەن سۇلتاننىڭ ئادىمى، سۇلتاننىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ماسلىشىپ بەرگەن بىرى ئىدى، ئۇ دېگەن سۇلتاننىڭ كۈچى بىلەن يۈكسەلگەن» دېگەن بولاتتى. لېكىن، يۈكسەك قادىر ئاللاھ ئۇشبۇ ئالىمنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىتى ۋە جەۋھىرى بىلەن پارلىشىنى خاھلىدى. ئۇ شۇنداق ئالىمكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ئەگەشمىگەن، ھەقنى دېگەن، ھەقنى دېيىشتە داۋالغۇپ قالمىغان ۋە كېكەچلەپمۇ قالمىغان. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۆزىدىندۇر. ئۇ خۇددى كىشىلەر سايىسىدىن سايىدايدىغان، كۈچىنى پەقەت دان ۋە ئۇرۇقلارنى بىخلاندۇرغۇچى ئاللاھتىنلا ئالىدىغان كاتتا بىر دەرەخ كەبى ئىدى. ناۋادا ئۇ كۈچىنى ناسىردىن ئالىدىغان بولسا ئىدى، ناسىر ئۇنى قاراڭغۇ زىندانغا تاشلىمىغان بولاتتى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچى ئەمەس، بەلكى ئەگەشتۈرگۈچى ئىكەنلىكىگە، ھۆر ۋە ئۆزبەگ – ئۆزخان ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە پىكرىنىڭمۇ ھېچكىمنىڭ مۈلكى ئەمەسلىكىگە كەسكىن دەلىل ئىدى.ئەنە شۇ ئالىم ھەقىقەتەن ئالىملار ئارىسىدا يۇلتۇزى پارلىغان كۈندىن تارتىپ تا روھى چىققۇچە 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جىھاد قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت دەرگاھىغا سەپەر قىلدى.
[366] بىرى: «شەيخ ئىبنى تەيمىييە سۇلتاننىڭ نەزەرىدە ئېتىبارلىق كىشى ئىدى، نېمىشقا سۇلتان ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ، دەسلەپتە ئۇنى يېنىك ھەپسىگە ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن قاتتىق ھەپسىگە ئالىدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن.بىز دەيمىزكى: بولغان ھادىسىلەر بىر – بىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، سۇلتان ناسىر مىسىردا تۇرغان، شەيخ ئىبنى تەيمىييە بولسا مىسىردىن ئايرىلىپ، دەمەشقتە دەرسى بىلەن بولغان. ناسىر شەيخ ئىبنى تەيمىييە ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكۈدەك، ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تارىخ كىتابلىرىغا قارايلى! تارىخچى مەقرىزىي زىكىر قىلىدۇكى: «ناسىر ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ئوۋغا چىقتى. يولدا كېتىۋېتىپ، قاتتىق ئاغرىپ قالدى ۋە ئۆلگىلى تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېتىدىن چۈشتى، لېكىن ئاغرىق تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇ ئەگەر ئاللاھ شىپالىق بەرسە، شۇ يەرگە كىشىلەر ئىبادەت قىلىدىغان بىر ئورۇن سېلىشقا قەسەم قىلدى. ئۇ تاغ قەلئەسىگە قايتقىنىدىن كېيىن، — ھالبۇكى ئاللاھ ئۇنى كېسىلىدىن ساقايتقانىدى — ھېلىقى ئاغرىپ قالغان يەرگە بىر تۈركۈم مېمارلارنى ئېلىپ ئۆزى باردى ۋە ھ. 723 – يىلى بۇ خانىقاھ (سەرياقۇس خانىقاسى) نى لايىھەلىدى. ئاندىن ھ. 725 – يىلى خانىقاھتا يۈز سوپىغا يۈز خىلۋەت يەر قىلدى ۋە خانىقاھنىڭ بېقىنىغا جۈمە ئوقۇلىدىغان بىر مەسجىد قۇردى ھەمدە بىر ھاممام ۋە بىر ئاشخانا بىنا قىلدى»(31).
بىز شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئۇچرىغان تۇنجى ئازار – كۈلپەتنىڭ ھ. 726 – يىلى بولغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، بۇ تەسىرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقالايمىز. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ناسىر سوپىلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان، ھالبۇكى ئۇلار شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دۈشمەنلىرى ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئۇلارنىڭ شەيخى ئىبنى ئاتائۇللاھ سەكەندەرىينى قاتتىق تەنقىدلىگەن.
مادامىكى ناسىر قەلبىنى سوپىلارغا ئاچقانىكەن، چوقۇم قەلبىنى شەيخ ئىبنى تەيمىييەدىن ئۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە قۇلاق سېلىشى تەبىئىي. شۇنىڭ بىلەن ئارىدا يىرىكلىك بولغان، ئاندىن ئازار – كۈلپەت بولغان، ئاندىن شەيخ ئىبنى تەيمىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئاياغلاشقان بېسىملار بولغان.
بىز شەيخ ئىبنى تەيمىييە توغرىسىدىكى تەتقىقاتىمىزدا، ئۇنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرى ۋە قىلىچ جىھادىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۇنىڭ دەۋرىگە يۆتكىلەلمەيمىز.
ئۇنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرى
[367] ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇشبۇ ئەركەككە شۇنداق بىر سۈپەتلەرنى خاس قىلغانكى، ئۇ سۈپەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۆسۈپ راۋۇرۇس يوغىنىغان ئۇرۇق مىسالىدۇر. ئۇرۇق ئاشۇ ئۇلۇغ ئىلىم ئىدى، ئۇرۇق سۇ بىلەن، مۇھىت ۋە ياخشى تۇپراق ھازىرلىنىش بىلەن ئاندىن ئۆسىدۇ. شۇنىڭدەك ئىلىممۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ياشىغان دەۋرنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۆسۈپ ماڭىدۇ.مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرىنچىسى: ئۆتكۈر ئەس – خاتىرە. بۇ ئىلىمنىڭ ئاساسىدۇر. كىشىنىڭ ئالىملار ئارىسىدىكى قىممىتى ئەس – خاتىرىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش مىقدارىغا بېقىپ بولىدۇ.
بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بېشىدىلا نامايان بولغان ۋە تا ۋاپاتىغىچە شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن داۋاملاشقان.
ئىككىنچى سۈپەت: شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى تەپەككۇردىكى چوڭقۇرلۇق. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ھەقىقەتەن مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلاتتى. ئۇ ئايەت، ھەدىسلەرنى ۋە ئەقىل ھۆكۈملىرىنى تەتقىق قىلىپ، تا ئۇنىڭغا ھەق روشەن ئېچىلغۇچە توغرا پىكىر بىلەن سېلىشتۇراتتى. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئەس – خاتىرىسى ئۆتكۈر بولۇپلا قالماستىن، ئىدراك قىلغۇچى، ئويلانغۇچى، يەكۈنلىگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى ئىدى، مەسىلىلەرگە قايتا – قايتا قاراپ چىقاتتى، مەسىلىلەرنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇقەررەر نەتىجىلەرگە يېتەتتى. ئۇنىڭ يەتكەن نەتىجىلىرى ئەقىللەرنى لال قىلىپ، رەقىبلەرنى ھەيران قالدۇراتتى.
ئۈچىنچى سۈپەت: ھازىرجاۋابلىق. ئۇ ھەقىقەتەن ئېسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە تەتقىقاتتىكى تېرەنلىكى بىلەن بىرگە ھازىرجاۋاب ئىدى، ئۇنىڭ كاللىسىغا مەنىلەر خۇددى چاقىرىلىشىغىلا دەرھال جاۋاب قايتۇرغان ئەسكەر كەبى تېز كېلەتتى. بۇ ئۇنىڭ دەرسلىرىدە ئوچۇق كۆرۈلەتتى. قاتار – قاتار مەنىلەر ئۇنىڭ زېھنىگە ئىجتىھاد قىلماستىنلا كېلەتتى. يادلىغانلىرىنىڭ كۆپ ۋە يادلىغانلىرىنىڭ نەق ئىكەنلىكى بىلەن مۇنازىرىدە رەقىبلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قوياتتى. ھازىرجاۋابلىق خەتىب ۋە مۇنازىرىچى ئۈچۈن خۇددى جەڭچىگە تېز يېتىشى كېرەك بولغان جىددىي ئۇرۇش بۇيۇملىرىغا ئوخشايدۇ، ھازىرجاۋابلىق سۆزنىڭ تومۇرىنى كېسىپ تاشلاپ، رەقىبنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ.
مۇشۇ سۈپەت تۈپەيلى، شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ رەقىبلىرى ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشتىن ئەيمىنەتتى، ئۇنىڭ بۇ سۈپىتىنى بىلمەي، ئۆزىنىڭ ھۆججىتى بىلەن ئالدىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلەشكەن كىشى خەلقىئالەمگە ئىبرەت بولۇپ كېتەتتى.
تۆتىنچى سۈپەت: پىكرىي مۇستەقىللىق. بۇ سۈپەت ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئىلمىي سالاھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ ئوبرازلىق سۈپەت بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا دەۋرداش ئالىملاردا يوق خاس ئالاھىدىلىكلەرنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ پىكرىي مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا ھەق ئاشكارا بولۇپ قالسا، ھەقنى ئېزىق چىشلىرى بىلەن چىشلەيتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك رەسۇلۇللاھنى ئۇلۇغلىغان، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە ھېرىس بولغان ۋە رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن ھەقىقەتلەرگە ياردەم بەرگەن ھېچكىمنى كۆرمىدىم. بىرەر مەسىلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن بىر دەلىل كەلتۈرسە ۋە ‹بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ھەدىس مەنسۇخ قىلمىغان› دەپ قارىسا، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلاتتى ۋە شۇنىڭ روھى بويىچە ھۆكۈم قىلاتتى ۋە پەتۋا بېرەتتى. كىم بولسا بولسۇن، رەسۇلۇللاھتىن باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزىگە قارىمايتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچبىر ئەمىردىن، ھېچبىر سۇلتاندىن ۋە ھېچبىر قىلىچتىن قورقمايتتى، بىركىمنىڭ سۆزى ئۈچۈن كىتاب ۋە سۈننەتتىن قايتمايتتى، بەلكى (كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت) مەھكەم تۇتقىغا چىڭ ئېسىلاتتى».
بەشىنچى سۈپەت: ھەقنى ئىزدەشتە خالىس بولۇش، دىننى ئىزدەپ، ئۇنى كىشىلەرگە ئېچىپ بېرىشتە ھاۋايى – ھەۋەس ۋە دۇنياۋى غەرەز كىرلىرىدىن پاك بولۇش. ئىسلام مۇئمىن قەلبكە ھەقىقەت نۇرىنى تاشلايدۇ – دە، مۇئمىن قەلب ئىشلارنى توغرا ئىدراك قىلىدۇ. شەرق ھېكمەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، خالىس توغرا يۆنىلىش پىكىرنى توغرا، ئەمەلنى توغرا، سۆزنى توغرا قىلىدۇ.
شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئىخلاسى مۇنداق تۆت ئىشتا جۇلالانغان:
بىرىنچى ئىش: ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرى ئىلھام قىلغان مەسىلىلەردە ئالىملار بىلەن كېڭىشەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ رازىلىقىدىن باشقىسى مۇھىم ئەمەس ئىدى. مەيلى باشقىلار ئاچچىقلانسۇن ياكى خاپا بولسۇن، بەرىبىر ئىدى.
ئىككىنچى ئىش: ئۇنىڭ ئىخلاسىنى ۋە ھەق ئۈچۈن پىداكارلىقىنى نامايان قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ھەق يولىدىكى جىھادىدۇر. ئەگەر جىھاد قىلىچ بىلەن بولىدىغان بولسا، قىلىچ كۆتۈرەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ يولدا ئېغىر مۇشەققەتلەرگە، تەڭلا دۈشمەنلىرى بىلەن دوستلىرىنىڭ ئىزچىل قاماققا ئېلىشىغا چىدىدى.
ئۈچىنچى ئىش: ئۇنىڭ ئىخلاسىنى ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلەردىن يىراقلىقىنى نامايان قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنى تۈرمىگە سولاتقان ئالىملارنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئەپۇ قىلدى، كېيىنچە، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تا قاماقتا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆزىگە بېسىم قىلغانلارنى ئەپۇ قىلدى.
تۆتىنچى ئىش: ئۇنىڭ ئىخلاسىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا – مەنسەپلەردىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ئۇ ھېچقانداق مەنسەپ تۇتۇپ باقمىدى ۋە ھېچكىمدىن بىرەر باشلىقلىقنى تالاشمىدى، بەلكى مۇدەررىس، ۋائىز ۋە تەتقىقاتچى بولۇشقا رازى بولدى، كىشىلەر بەسلىشىدىغان بىرەر ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلمىدى. شۇڭا، ئۇ ئاللاھ بىلەن ئالاقىداش بولدى، نىجاتنى پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتتى، ئاللاھمۇ ئۇنى نىجات تاپقۇزدى. بۇ ھەقتە ئىمام زەھەبىي دەيدۇكى: «ئۇلار ئۇنىڭغا قانچە نۆۋەت ئورا كولىدى – يۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇ دائىما ئاللاھقا يېلىناتتى، كۆپ ياردەم تىلەيتتى. ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلاتتى، يۈرىكى پۈتۈن ئىدى. ئۇنىڭ دائىم ئېيتىدىغان زىكىر – تەسبىھلىرى بار ئىدى»(32).
ئالتىنچى سۈپەت: ئۇنىڭ پاساھىتى ۋە بايان قۇدرىتى. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) راستتىنلا ناتىق ۋە يازغۇچى بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنىڭغا تىل پاساھىتى بىلەن قەلەم پاساھىتىنى جەملەپ بەرگەن. ئايان بولۇشىچە، بۇ تالانت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىرسىي تالانتتۇر. ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇنىڭ «قۇرئان»نى كۆپ ئوقۇشى، پەيغەمبەر سۈننىتىنى تەكرارلاپ تۇرۇشى ۋە ئۇنى يادلىشى ئۇنىڭ بۇ بايان قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگەنىدى. چۈنكى، كىتاب ۋە سۈننەت ئۇنى نۇرغۇن ئىلغانغان يېڭى كەلىمەلەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايان جەڭلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ كۈچىنى تاۋلاپ، ئۇنى تەييارلىقسىزلا تەبىئىي سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرگەن.
يەتتىنچى سۈپەت: شىجائەت. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىككى سۈپەت بار، ئۇ بولسىمۇ سەۋر ۋە بەردەملىك. ئۇ ھەقىقەتەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى شىجائەت بىلەن، شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە موڭغۇللار دەمەشق شەھىرىنى بېسىۋالغاندا پەيدا بولغان چىرىكلىكنى يوقىتىش بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇ ھايات بويى ئۆزىنىڭ روھىي شىجائىتىنى نامايان قىلىپ، مۇخالىپلارنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كېرىپ چىققان. سۈننەتكە يۈزلىنىپ، گەرچە سۈننەت كىشىلەرنىڭ كۆنۈككىنىگە خىلاپ بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، سۈننەتنى ئۈستۈن قىلغان. سۈننەت ئۇنىڭ كۈلپەت تارتىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولغان. بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە، ئۇنىڭدا سەۋر ۋە بەردەملىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل سۈپەت زاھىر بولغان. سەۋرگە كەلسەك، ئۇ گۈزەلچە سەۋر قىلغان ۋە سەۋرىدە زېرىكمىگەن ۋە بىئارام بولمىغان. بەردەملىككە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت قىلغان ھالدا بارلىق ئىقتىدارلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدا نامايان بولغان. ئۇ ئىككى يىل كىشىلەردىن ئايرىلىپ قېلىپمۇ، يۇمشىمىغان ۋە بوشاشمىغان، چارچاش ھېس قىلمىغان، بەلكى خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ توختىمىغان.
ئاندىن مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئالدىدا رەقىبلەرمۇ تىترەپ كەتكۈدەك ھەيۋىتى بار ئىدى.
ئىلىم مۇنبىرىدىن جەڭ ۋە سىياسەت مەيدانىغا
[368] شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرىدىكى ئالىملار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىمگە بېرىلگەن بولۇپ، ئولتۇرۇپ ۋىجىكلەپ كەتكەن، مۇسكۇللىرى بوشاپ، بەللىرى مۈكچەيگەن ئىدى. كىشىلەر ئىلىمنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئالىمنىڭ پىكرىدىن، بېشىدىن كۆرەتتى. چۈنكى، ئالىم ئۈممەتكە نىسبەتەن ئۈممەتنىڭ مۇسكۇلى ۋە پۇت – قولى ئەمەس، بەلكى بېشىدۇر. بۇ چۈشەنچە بەلكىم كىشىلەرگە «دىندىكى ئالىملار براخمانىڭ بېشىدىن يارىتىلغان، ئەسكەرلەر ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن يارىتىلغان» دەيدىغان ھىندى پەلسەپەسى ياكى براخمانىزمدىن كەلگەن بولسا كېرەك.شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرىدىكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئالىملارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار موڭغۇللار بىرەر شەھەرگە كىرگەن ھامان شەھەرنى تاشلاپ يېقىنراق بىر شەھەرگە قاچاتتى. مەسىلەن، ئۇلار باغدادتىن دەمەشققە، دەمەشقتىن قاھىرەگە قاچقان. لېكىن، بۇ ئالىملار ئىچىدىكى بىر ئالىم بۇ قائىدىگە رازى بولمىدى. چۈنكى، ئۇ ساھابەلەردىن ئىبارەت سەلەف سالىھلەرنىڭمۇ ئالىملار ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغان مۇجاھىدلار ئىكەنلىكىنى كۆردى. مىسالەن: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەم ئالىم، ھەم دۆلەت ئىدارە قىلغۇچى، ھەم جەڭچى ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ھەم ئالىم، ھەم فەقىھ، ھەم ئەڭ كاتتا دۆلەت ئىدارە قىلغۇچى، ھەم پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا تارىخ كۆرگەن ئەڭ بۈيۈك ئادىل كىشى ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەلسەك، ئۇ ئىلىم شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئىدى، ساھابەلەرنىڭ ئەڭ ئۇستا قازىسى ئىدى، يەنە شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندەك ھەقىقىي ئىسلام چەۋەندازى ئىدى.
شەيخ تەقىييۇددىن ئۆزىنىڭ دەرسلىرى ئارقىلىق ئىلىم بېرەتتى ھەم ھادىسىلەرنى ۋە ئىشلارنىڭ يۆنىلىشىنى كۆزىتىپ، جەڭگە كىرىشكە تەييار تۇراتتى.
ھ. 699 – يىلى موڭغۇللار راستتىنلا دەمەشققە كەلدى. ھالبۇكى دەمەشقنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىسىم مىسىرغا قاچتى، ئۇلار بىلەن بىرگە ئالىملار، قازىلار ۋە ئۇلاردىن باشقا دۆلەت چوڭلىرىمۇ مىسىرغا قاچتى. ئاخىرىدا، موڭغۇللار كىرىشتىن ئىلگىرىلا شەھەر ئۆزىنىڭ ئالىملىرىدىن ۋە ھۆكۈمدارلىرىدىن خالىي قالدى.
[369] لېكىن، بىر ئالىم قېچىشقا، شەھەرنى قالايمىغان پېتى تاشلاپ قويۇشقا ئۇنىمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ قەلبى قېچىشنى راۋا كۆرمىدى، ئۇنىڭ تۇيغۇسى خەلقنى بۇ قاتتىقچىلىقتا باشپاناھسىز تاشلاپ قويۇشنى توغرا كۆرمىدى. ئۇ بەزى زىممىيلارنىڭ موڭغۇللارغا ياردەملىشىپ، مەسجىدلەرگە ھاراق تاشلاشقا ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. داشقاللارنىڭ تۈرمىلەردىن چىقىپ، ئەلنى خاراب قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شەھەردە بۇزۇقچىلىق تېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.شۇنىڭ ئۈچۈن، شەيخ ئىبنى تەيمىييە قېچىشقا ئىمكانى بولمىغان شەھەر ئەئيانلىرىنى توپلاپ، ئىشلارنى رەتكە سېلىش توغرىسىدا ئۇلار بىلەن كېلىشتى ھەمدە ئۇلار موڭغۇل قوماندانى ۋە پادىشاھى غازاننىڭ ئالدىغا بېرىش توغرىسىدا كېلىشتى. ھالبۇكى بۇ موڭغۇللار بەئەينى ئەئرابىيلاردەك ئىسلامغا كىرگەن ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىگە تېخى ئىمان كىرمىگەنىدى. بۇ غازان ئۇلار ئىچىدىكى تۆتىنچى مۇسۇلمان پادىشاھ ئىدى.
شەيخ ئۆمەككە باش بولۇپ بېرىپ، قاتىل قوماندان غازان بىلەن ئۇچراشتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ قاتىللىقى توغرىسىدىكى خەبەرلەر كارۋانلار ئارقىلىق ھەريانغا تارالغانىدى. ئالىم يىگىت (ئىبنى تەيمىييە) تەرجىمانغا مۇنداق دېدى: «غازانغا ئېيت: سەن ئۆزۈڭنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىدىكەنسەن، بىزگە يېتىشىچە، سېنىڭ بىلەن بىر قازى، بىر شەيخ ۋە بىر مۇئەززىن بىللە يۈرىدىكەن. سېنىڭ داداڭ ۋە بوۋاڭ كافىر ئىدى، سەن قىلغاننى قىلمىغان، ئەھدە بەرسە ۋاپا قىلغان. سەن ئەھدە بېرىپ خىيانەت قىلدىڭ، دېگىنىڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ».
جەڭ رەھبىرى ئىلىم رەھبىرىنىڭ گېپىدىن تەسىرلەندى ۋە ئىزتىراپتا بولدى، ئۆمەككە تائام كەلتۈرگەندە، ئۇنىڭ ئىزتىراپى تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى، شەيخ ئىبنى تەيمىييە يېيىشكە ئۇنىمىدى. غازان ئۇنىڭغا:
— نېمىشقا يېمەيسەن؟ — دېۋىدى، شەيخ ئىبنى تەيمىييە:
— سېنىڭ تائامىڭنى قانداقمۇ يەيمەن؟! ھالبۇكى ئۇنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ سىلەر بۇلىۋالغان نەرسىلىرى، سىلەر ئۇنى كىشىلەرنىڭ دەرەخ – ياغاچلىرىنى كېسىپ پىشۇردۇڭلار، — دېدى. شەيخ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا سۆزلىگەنىدى. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىدۇ ۋە دىنىنى مەخلۇقاتىدىن قوغدايدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق سەركەش زالىمنىڭ ئۈستىدىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەيخنىڭ گېپى غازانغا تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقى يۇمشىدى، ھەتتا ئۇ: «مەن ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قاپ يۈرەكنى، ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك گېپى قەلبىمگە تەسىر قىلغاننى كۆرمىدىم، ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن» دەپ كەتتى.
ھەددىدىن ئاشقان بۇ زالىم تەقۋادار ئالىمغا بوي ئەگدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. شەيخ موڭغۇللارنىڭ دەمەشقنى بېسىشىنى كېچىكتۈرۈشكە قادىر بولدى. ئۇ «كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ بىلەتتى. شەيخ غازاننى تۇتۇۋالغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىۋىدى، قوماندان مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بەردى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت زىممىي ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنى خاھلىمىدى. لېكىن، شەيخ ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، يەھۇدىي ۋە ناسارا ئەسىرلەرنىمۇ بىرگە ئالماي دەمەشققە قايتىشقا ئۇنىمىدى ۋە ئۈنلۈك ھالدا ئۇشبۇ ئىسلام كەلىمەسىنى ئېيتتى: «ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى بىزنىڭمۇ مەنپەئەتىمىز، ئۇلارنىڭ زىيىنى بىزنىڭمۇ زىيىنىمىز».
[370] شۇنىڭدىن كېيىن دەمەشققە جىمجىتلىق قايتىپ كەلدى، لېكىن ئۇ سۈر ۋە ئەندىشە قاپلىغان جىمجىتلىق ئىدى. كىشىلەرمۇ جىمىدى، ئەمما خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ھ. 700 – يىلى موڭغۇللارنىڭ كەتكەندىن كېيىن يەنە شامغا قاراپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى ئۇلارغا يەتتى. نەتىجىدە قورقۇنچ باستى، لېكىن ئالىم ئىبنى تەيمىييە بۇ قېتىم قوماندانچە كىيىم كىيىپ، كىشىلەرنى توپلىدى ۋە ئۇلارغا: «جىھاد ۋاجىب» دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قېچىش ئورنىغا مۇجاھىد ھالدا جەڭگە چىقتى. ئۇ ئارقىمۇئارقا كىشىلەر بىلەن يىغىلدى. ئەلدە ھېچكىمنىڭ رۇخسەتسىز سەپەر قىلماسلىقى جاكارلاندى.ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى جىھادقا توختاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچى ئەسلىگە قايتتى. سۇلتان ناسىرنىڭ موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن زور قوشۇن تەييارلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەبەر ئۇلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى. لېكىن، ناسىر تەييارلىق قىلىپ، ئازراق يولنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى.
كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەندىشە بېسىۋالدى. ھاكىم ۋە مەھكۇم پەرقسىز ھالدا، ھەممىسىنىڭ كۆزى ئەندىشە ئىچىدە مۇئمىن قەھرىمان (ئىبنى تەيمىييە) گە تىكىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿ذَٰلِكَۖ وَمَنۡ عَاقَبَ بِمِثۡلِ مَا عُوقِبَ بِهِۦ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيۡهِ لَيَنصُرَنَّهُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ / ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾)22/«ھەج»: 60).
ئەمىرلەر ۋە سەلتەنەت نائىبى ئۇنىڭدىن ناسىرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناسىرنىڭ قېشىغا كەلدى، ھالبۇكى ئەسكەرلەر يىغىلغانلىرىدىن كېيىن چېچىلىپ كەتكەن ۋە ئەھۋال يامانلاشقان ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە ناسىرغا ئۆزىنىڭ كەسكىن سۆزىنى ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر شامدىن ۋە شامنى قوغداشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىز شامغا ئۇنى قوغداپ ھىمايە قىلىدىغان ۋە تىنچلىق زامانىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان بىر سۇلتاننى تىكلەيمىز. سىلەرنى شامنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ۋە پادىشاھلىرى ئەمەس دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، ئەگەر شام ئەھلى سىلەردىن ياردەم سورىسا، ئەلبەتتە سىلەرنىڭ ياردەم قىلىشىڭلار ۋاجىب بولاتتى. ھالبۇكى سىلەر شامنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ۋە سۇلتانلىرى تۇرۇقلۇق ھەمدە ئۇلار سىلەرنىڭ پۇقرالىرىڭلار ۋە سىلەر ئۇلارغا مەسئۇل تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ ياردەم قىلمايسىلەر؟!»(33)
ئالىم سۇلتانغا تىكىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ئاخىرىدا سۇلتان ئەسكەرلىرى بىلەن شامغا ئاتلاندى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە دەمەشقتىن ئايرىلغاندا، دەمەشققە قورقۇنچ ھۆكۈم سۈرگەن، قەلبلەر تىترىگەن، ئەمىرلەر ۋە شەھەرنىڭ ۋالىيسى «كىم سەپەرگە قادىر بولسا چىقسۇن، دەمەشقتە قالمىسۇن!» دەپ توۋلاۋاتقان ھالدا ئىدى. كىشىلەر ھۇۋقۇشتەك قاقىلداۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن ئىلگىرى، شەيخ ئىبنى تەيمىييە خۇش بېشارەت بىلەن قايتىپ كەلدى. ئۇلارغا خاتىرجەملىكمۇ قايتىپ كەلگەنىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قېشىغا شەيخ ئىبنى تەيمىييە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇلتان قوشۇنى بىلەن يېتىپ كەلدى ۋە موڭغۇللار شۇ يىلى ھۇجۇمنى كېچىكتۈردى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئىبنى تەيمىييە دەرسىگە قايتتى.
[371] شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار ھ. 702 – يىلى پۈتۈن توپلىرى بىلەن شامغا كەلدى، مىسىر – شام بىرلەشمە قوشۇنى موڭغۇللار بىلەن تۇتۇشۇشقا تەييارلاندى. ئالىملار، قازىلار ۋە ئەمىرلەر دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشقا، دەمەشقتىن چىقماسلىققا قەسەم ئىچىشتى، ھالبۇكى ئىككىلىنىش ۋە مەغلۇبىيەت دەۋەتچىلىرى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ تارقىتىشقا باشلىغانىدى.شەيخ ئىبنى تەيمىييە جىھادقا چاقىرىق قىلدى ۋە چاقىرىقنى تەكرارلىدى. ئۇنىڭدەك بىر كىشىنىڭ جىھادقا چاقىرىپ قويۇپ، كەينىگە داجىشى لايىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ قىلىچ كۆتۈرۈپ مەيدانغا چۈشتى. سۇلتان ئۇنىڭدىن جەڭدە ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى سورىۋىدى، سۈننەت ئىمامى مۇنداق دېدى: «كىشىنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ بايرىقى ئاستىدا تۇرۇشى سۈننەت، بىز شام قوشۇنىدىنمىز، بىز پەقەت شۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز».
ئۇرۇش رامازاندا بولغانىدى، شۇڭا شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئەسكەرلەرنى روزا تۇتماسلىققا تەرغىب قىلدى ۋە ئۇلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ فەتىھ غازىتىدا دېگەن بۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلىپ بەردى: «إِنَّكُمْ مُصَبِّحُو عَدُوِّكُمْ وَالْفِطْرُ أَقْوَى لَكُمْ فَأَفْطِرُوا سىلەر ھەقىقەتەن دۈشمەن بىلەن سۈبھىدە ئۇچرىشىسىلەر، روزا تۇتماسلىق سىلەرگە پايدىلىقراقتۇر، شۇڭا روزا تۇتماڭلار!»(34)
ئۇرۇش دەمەشققە يېقىن شەقھەب دېگەن يەردە پارتلاپ، مىسىر قوشۇنى بىلەن شام قوشۇنىدىن ئىبارەت بىرلەشمە قوشۇن غەلىبە قىلدى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئۆلۈم مەيدانىدا تۇرۇپ، قالتىس پىداكارلىق كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ روشەن زەپەر قولغا كەلدى.
[372] خەتەرنىڭ يوقىلىشى بىلەن تىنچلىق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئويغاق ئەقلى ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىدىغان (ئەمما ئىسلامغا زىت ئىشلارنى قىلىدىغان)، تاغلارنى پاناھگاھ قىلىۋالىدىغان تائىپىلەرگە يۈزلەندى. ئۇلار ئەھلىسەلىبتىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ياردەملەشكەن ئىدى. نېشىنى كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى قىلىۋالغان «ھەششاشىيلار (نەشىكەشلەر)» دەپ ئاتىلىدىغان تائىپىمۇ شۇلاردىن بىرى ئىدى. ئۇلار ئەھلىسەلىبتىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ تەكرار ھۇجۇملىرىغا ياردەملەشكەن، شۇنداقلا ئۇلار ئۇرۇشتا دۈشمەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پايلاقچىلىرى، تىنچلىقتا فىتنە چاقىرىقچىلىرى بولغان ئىدى.شەيخ ئىبنى تەيمىييە ئۇلارنىڭ تىنچلىق ۋاقىتتىكى ئىش – ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بىقائلىق(35) قوشنىلىرى ھەقىقەتەن يامانلىقىنى دەپ تۈگەتكۈسىز ئىشلارنى سادىر قىلدى. ھەر كېچە ئۇلاردىن بىر تائىپە تاغدىن چۈشۈپ، بەندىلەرنىڭ رەببىدىن باشقىسى ھېسابلاپ بولالمايدىغان بۇزۇقچىلىقلارنى قىلدى، يول توستى، ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا ئاھالىلەرنى قورقۇتتى. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنىڭ قېشىغا قىبرىسلىق ناسارالارنىڭ كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ناسارالارنى مېھمان قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ قوراللىرىدىن بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەنە مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى سالىھ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ يا ئۆلتۈرىدىغانلىقى، يا بۇلايدىغانلىقىنى بىلدىم، ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە چارە قوللىنىپ قۇتۇلۇپ قالالايدىغانلار ئاز ئىكەن»(36).
شەيخ ئىبنى تەيمىييە يەنە ئۇلارنى سۈپەتلەپ: «موڭغۇللار ئەلگە بېسىپ كەلگەندە، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھەددى – ھېسابسىز قەبىھلىكلەرنى قىلدى، قىبرىسلىقلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، بەزى ساھىللارغا ئىگە بولدى ۋە كىرېست بايرىقىنى كۆتۈردى. شۇنداقلا ئۇلار سانىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئات، قوراللىرىنى قىبرىسقا توشۇدى ۋە ساھىلدا يىگىرمە كۈن بازار قۇرۇپ، (مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ئەھلىسەلىب) قىبرىسلىقلارغا مۇسۇلمانلارنى، ئات ۋە قوراللارنى ساتتى» دېگەن(37).
بۇ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ كۆڭلىنى ئازابلىغان ئىشلاردۇر. بەكرەك ئازابلىغىنى ئۇنىڭ زامانىدىكى موڭغۇل ئۇرۇشى ئەسناسىدا ۋە ئىلگىرى ئەھلىسەلىب ئۇرۇشى ئەسناسىدا مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ مۇسۇلمان ھۆرلەرنى ئەھلىسەلىبكە ساتقانلىقى بولسا كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ناسىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر قوشۇن ھازىرلىدى ۋە ئۆزى قوماندانلىق قىلدى. نەقىيبۇلئەشراف(38)مۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ تائىپىلەرنىڭ قوراللىقلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئوچۇقچىلىققا چىقىشى ئۈچۈن، ئۇلار (مۆكۈنۈۋالغان) تاغ دەرەخلىرىنى كەستى. ئاندىن ئۇلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇلارغا ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تاڭدى، مۇسۇلمان بولغانلىرىغا زاكاتنى، بولمىغانلىرىغا جىزيەنى بەلگىلىدى.
مانا بۇ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىلىم مۇنبىرىدىن چىققان، ئاندىن جىھاد مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئىلىم مۇنبىرىگە قايتقان شەيخ ئىبنى تەيمىييەدۇر. ھالبۇكى ئۇ تېخىمۇ كاتتا بىر جىھادقا قايتقانىدى.
ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرى
[373] شۈبھىسىزكى، ياخشى ئۇرۇقنىڭ ئۆسۈپ چىقىشى مۇنبەت يەرگە تىكىلىپ پەرۋىش قىلىنىش، سۇغۇرۇلۇش ۋە ئوزۇقلىنىپ ياشايدىغان مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىقتۇر. شۇ جەھەتتىن، شەيخ ئىبنى تەيمىييە ياشىغان دەۋرنىڭ ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي يۆنىلىشلىرىگە قارىتا روشەن تەسىرى بولغان. ھەر دەۋرنىڭ تەسىرى دائىم ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر دەۋر بۇزۇلسا، ئادەممۇ بۇزۇلىدۇ؛ ئەگەر دەۋر ئوڭشالسا، ئادەممۇ ئوڭشىلىدۇ. گاھىدا دەۋر تەسىرى ئەكسچىمۇ بولىدۇ. بۇزۇقچىلىقنىڭ كۆپلۈكى جىددىي ئىسلاھات تەپەككۇرىغا ئۈندەيدۇ، يامانلىقنىڭ كۆپ بولۇشى بۇزۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياخشىلارنىڭ ئىرادىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋال ئىسلاھاتچىنى يامانلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە ئۇنى قومۇرۇپ تاشلاشقا، شۇنداقلا ياخشىلىق ئۇرۇقلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شەيخ ئىبنى تەيمىييە بىلەن ئۇنىڭ دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى دېئالوگمۇ ئەنە شۇنداق بولغانىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە ئوقۇغان ئىلىملەر بىلەن، شۇنداقلا ئائىلىسىنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن، ئاندىن ياشلىقىدا ۋە ئوتتۇرا ياشلىقىدا ئىزچىل شەرىئەتنىڭ بىرىنچى بۇلاقلىرىغا، پەيغەمبەر يولىدىن ئىبارەت بىباھا كانغا، مۇئمىنلەرنىڭ سەلەفلىرىنىڭ تۇتقان يولىغا، ئاندىن ئۇنىڭغا سايە تاشلىغان دەۋرداشلارنىڭ يولىغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭ روھى ياخشى ئوزۇقلانغانىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزى بىلگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆز دەۋرىدە كۆرگەن قاراڭغۇ زۇلمەت ۋە ھەر تەرەپلىمە بۇزۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان. ئۇ ئىسلامنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئىززەت ۋە بىرلىكنى كۆرگەن، ئىسلامنىڭ ھازىرىدىن خارلىق ۋە بۆلۈنۈشنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوڭشاش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. ھالبۇكى ئۇنىڭ داۋاسى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. ئۇ بۇ ئۈممەتنىڭ ئاۋۋالقىلىرى نېمە بىلەن ئوڭشالغان بولسا، ھازىرقىلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.ئۇنىڭ ئىلمىي قاراشلىرى پەقەتلا ئۆز دەۋرىنىڭ كېسەللىرىنىڭ داۋاسى ئىدى. ئەگەر سىز بۇ تەقۋادار ئالىمنى مەلۇم قاراشلارنى جاكارلاشقا ئۈندىگەن بائىسلارنى تەكشۈرسىڭىز، بۇ خىل جاكارلاشقا ئۈندىگەن نەرسىنىڭ شۇ زاماندىكى بىرەر ئەيىب ئىكەنلىكىنى يا پىكىردىكى ئەيىب، يا ئەمەلدىكى ئەيىب، يا ئىككىلىسىدىكى ئەيىب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
سىياسىي ھالەت
[374] سىياسىي ھالەتتىكى يامانلىشىش چېكىگە يېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىن بەرگەن بۇ خەۋىرى ئەمەلىيلەشكەن ئىدى: «يُوشِكُ أَنْ تَدَاعَى عَلَيْكُمُ الْأُمَمُ مِنْ كُلِّ أُفُقٍ كَمَا تَدَاعَى الْأَكَلَةُ عَلَى قَصْعَتِهَا قَالَ: قُلْنَا: يَا رَسُولَ اللهِ، أَمِنْ قِلَّةٍ بِنَا يَوْمَئِذٍ؟ قَالَ: أَنْتُمْ يَوْمَئِذٍ كَثِيرٌ، وَلَكِنْ تَكُونُونَ غُثَاءً كَغُثَاءِ السَّيْلِ، تُنْتَزَعُ الْمَهَابَةُ مِنْ قُلُوبِ عَدُوِّكُمْ، وَيَجْعَلُ فِي قُلُوبِكُمُ الْوَهنَ. قَالَ: قُلْنَا: وَمَا الْوَهنُ؟ قَالَ: حُبُّ الْحَيَاةِ وَكَرَاهِيَةُ الْمَوْتِ / پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:— ئىنسانلارنىڭ خۇددى قاچىدىكى تاماققا دۈم چۈشكەندەك سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئاز قالدى، — دېگەن ئىدى. بىز:
— ئۇ چاغدا بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ؟ — دەپ سورىۋىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ياق، سانىڭلار كۆپ بولىدۇ. ئەمما كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت – چاۋاردەك كۈچسىز بولىسىلەر. ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ‹ۋەھن› سېلىپ قويىدۇ، — دېدى. بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ‹ۋەھن› دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:
— دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشتۇر»(39). مانا مۇشۇ ھالەت بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بەزى ئەسىرلەرگە ئۇيغۇنلاشقاندەك، ھىجرىيە يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى ئەسىرلەرگىمۇ ئۇيغۇنلاشقان ئىدى. مۇسۇلمانلار كىچىك دۆلەتلەرگە، پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ، بىر – بىرىگە دوستانە مۇئمىننىڭ نەزەرى بىلەن قارىماستىن، ياۋۇز دۈشمەنلەردەك قارايتتى؛ پادىشاھلار پۇقرالىرىغا ئۆزىنىڭ پادىسىنى خەتەردىن ھىمايە قىلىدىغان پادىچىنىڭ نەزەرى بىلەن قارىماستىن، زالىملارچە نەزەر بىلەن قارايتتى.
شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىبنۇلئەسىر ئۆزىنىڭ تارىخىدا ئەڭ ياخشى سۈپەتلەپ ئېيتقانكى: «بۇ كۈنلەردە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھېچبىر ئۈممەت يولۇقمىغان مۇسىبەتلەرگە يولۇقتى. شۇ مۇسىبەتلەردىن بىرى مۇشۇ موڭغۇللار. ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكى شەرقتىن كېلىپ، ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم قورقۇنچلۇق ھېس قىلىدىغان قىلمىشلارنى قىلدى. شۇ مۇسىبەتلەردىن يەنە بىرى ياۋروپالىقلار. ئۇلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! ئۇلار غەربتىن شامغا كېلىپ، مىسىر دىيارىغا كۆز تىكتى ۋە مىسىرنىڭ چېگرىسى يەنى دىمياتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزدى. ئەگەر ئاللاھنىڭ لۇتفى ۋە ياردىمى بولمىسا ئىدى، مىسىر دىيارى ۋە ئۇندىن باشقا يەرلەر ئۇلارنىڭ بېسىۋېلىشىغا يېقىن قالغانىدى. شۇ مۇسىبەتلەردىن يەنە بىرى، بۇ ئىككى تائىپىدىن (يەنى موڭغۇل ۋە ياۋروپالىقلاردىن) ئامان قالغانلارنىڭمۇ ئۆزئارا قىلىچ كۆتۈرۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىتنەلەرنىڭ چىقىشى»(40). مۇشۇلار ئىسلام ئۈممىتىگە يەتكەن بىرقانچە تۈرلۈك ئاپەتتۇر: غەربتىن ئەھلىسەلىب، شەرقتىن موڭغۇللار، ئۈچىنچىسى — بۇ ئەڭ يامىنى — مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشمەي، ئۆزئارا قاتتىق جەڭگە – جېدەل قىلىشى. مۇسۇلمانلارنى پادىشاھلارنىڭ چېگرىلىرى بۆلىۋەتتى، ئۇلارنى چېچىلاڭغۇ تائىپىلەر پارچىلاپ، ئاخىرىدا ئۇلار گۇرۇھ – گۇرۇھلارغا ئايلىنىپ كەتتى. ﴿كُلُّ حِزۡبِۭ بِمَا لَدَيۡهِمۡ فَرِحُونَ / ھەربىر گۇرۇھ ئۆزىدە بارى بىلەن خۇشالدۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 53).
شۈبھىسىزكى، شەيخ ئىبنى تەيمىييە بەزىسىگە شاھىد بولغان ۋە ئىچىگە ئۆزىنى ئاتقان موڭغۇل ئۇرۇشلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە بارلىق بالا – قازالاردىن ئېشىپ كەتكەن بىر بالا – قازادۇر. تارىخچى ئىبنۇلئەسىرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە قۇلاي سالايلى: «بۇ ھادىسىدىن قورقۇش ھېس قىلغانلىقتىن ۋە ئۇنى تىلغا ئېلىشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، نەچچە يىل ئۇنى تىلغا ئالماي كەلگەنىدىم. مانا مەن بىر پۇتۇمنى ئالدىغا، بىر پۇتۇمنى كەينىگە ئېلىپ، ئىككىلىنىپ تۇرۇپتىمەن. ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسىبىتىنى يېزىش كىمگىمۇ قولاي بولسۇن؟! بۇلارنى تىلغا ئېلىش كىمگىمۇ ئاددىي تۇيۇلسۇن؟! كاشكى ئانام مېنى تۇغمىسىچۇ! ﴿يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنتُ نَسْيًا مَّنسِيًّا / كاشكى بۇندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كاشكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!﴾(19/«مەريەم»: 23) بىراق سۈكۈت قىلىپ تۇرسام، بىر بۆلۈك دوستلىرىم مېنى ئۇ ھادىسىنى خاتىرىلەپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئاندىن بۇنى يازماي قويۇپ قويۇشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم. كېسىپ ئېيتىمىزكى، بۇ ھادىسە كېچە – كۈندۈزلەر ئوخشىشىنى كۆرۈپ باقمىغان، پۈتۈن مەخلۇقاتقا ئومۇمىي بولغان، مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان ئەڭ زور ھادىسىدۇر ۋە ئەڭ چوڭ مۇسىبەتتۇر. ئەگەر بىراۋ: ‹دۇنيا ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭدەك بىر ھادىسىگە مۇبتەلا بولمىغان› دېسە، راست ئېيتقان بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، تارىخلار ئۇنىڭغا يېقىندىن ياكى يىراقتىن ئوخشايدىغان بىر ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ باققان ئەمەس. بەلكىم مەخلۇقات ئالەم مۇنقەرز بولۇپ، دۇنيا يوقالغۇچە ئۇنىڭدەك بىر ھادىسىنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، يەجۇج ۋە مەجۇج بۇنىڭ سىرتىدا… بۇلار (يەنى موڭغۇللار) ھېچكىمنى قالدۇرماي، ئەرلەرنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈردى، ھامىلىدارلارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىپ، تۆرەلمىلەرنىمۇ ئۆلتۈردى. ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن. يامانلىقى ھەر ياققا تارقىلىپ، زىيىنى ئومۇميۈزلۈك بولغان، كەينىدىن شامال قوغلاۋاتقان قارا بۇلۇتتەك ھەممە ئەللەردە جارى بولغان بۇ ھادىسە ئالدىدا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولماي قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، چىن تەرەپلىرىدىن بىر قەۋم (يەنى موڭغۇللار) چىقىپ، [كاشغەر ۋە بالاساغۇنغا ئوخشاش](41) تۈركىستان ئەللىرىگە يۈزلەندى، ئاندىن ئۇ يەرلەردىن [سەمەرقەند ۋە بۇخاراغا ئوخشاش] ماۋەرائۇننەھر ئەللىرىگە يۈزلەندى ۋە ئۇ ئەللەرنى ئىگىلىدى، ئاندىن ئۇلاردىن بىر تائىپە خۇراسانغا ئۆتۈپ، خۇراساندا خارابلاشتۇرۇش، چاناش، ئۆلتۈرۈش، بۇلاش قاتارلىقلاردىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، رەي، ھەمەدانغا تا ئىراق چېگرىسىغىچە تاجاۋۇز قىلدى، ئاندىن ئەزەربەيجان يۇرتلىرىغا يۈزلىنىپ، ئۇ يەرلەرنى خارابلاشتۇردى ۋە ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن قىپچاق دىيارىغا يۈزلىنىپ، — ھالبۇكى قىپچاقلار تۈركلەر ئىچىدە سانى ئەڭ جىقلاردىندۇر — ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى، قالغانلار ئورمانلىقلارغا ۋە تاغ چوققىلىرىغا قاچتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ موڭغۇللار ئۇ يۇرتلارنى ئىستىلا قىلدى ۋە بۇ ئىشلارنى ئەڭ تېز ۋاقىتتا قىلدى. ئۇلار بارغان يەرلىرىدە تۇرماي ئالغا ئىلگىرىلىدى. (ئۇلاردىن) بىر تائىپە غەزنە ۋە ئۇنىڭغا تەۋە جايلار، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ھىندىستان، سىجىستان، كىرمان قاتارلىق يەرلەرگە ئۆتتى ۋە بۇ يەرلىكلەرگىمۇ باشقىلارغا قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى ۋە بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلدى»(42).
يۇقىرىقىلار بۇ موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىدۇر. ئۇلار ئىسلام يۇرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىگىلىگەن، خاراب قىلغان ۋە ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرگەن. ھەتتا ئۇلار باغدادقا كەلگەندە، شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئەڭ كۈچەيگەن ھالەتتە ئىدى. موڭغۇللار ئىشغال قىلغان چاغدا، دۆلەتنىڭ ۋەزىرى شىئە ئىدى، ئىسمى ۋەزىر ئەلقەمىيدۇر. ئۇ قوشۇننىڭ سانىنى ئازلاتقان، ئاخىرىدا موڭغۇللار باغدادقا ھېچقانچە جاپا تارتمايلا كىرگەن. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچنېمىگە قارىماستىن مېڭىپ، ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى تىتما – تىتما قىلغان. ئۇلار شەھەرلەرگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، باغدادتىن كېيىن ھەلەبكە كىرگەن ۋە ھەلەب قەلئەسىنى ئىستىلا قىلغان. ناسارالاردىن خرىستىيانلىققا ۋە ئىسلامنى سۆكۈشكە چاقىرىپ سۆزلەيدىغانلار چىققان. بۇ ناسارالار قوللىرىدا ھاراق قاچىلىرى بار ھالدا، مەسجىدلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ، مەسجىدكە ماڭغانلاردىن بىرەركىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ھاراق چاچقان. مۇسۇلمانلار ئۇلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى مەريەم چېركاۋى كوچىسىغا قايتۇرغان.
(بۇندىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم موڭغۇللارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن) شام – مىسىر قوشۇنلىرى بىرلىشىپ، موڭغۇللار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلارنى بىرىنچى قېتىمدىلا مەغلۇب قىلغان. مەغلۇبىيەت ئېغىر بولغان، قىلىچلار ئۇلارنىڭ گەردەنلىرىدە ئوينىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى پاچاقلىغان. «ئەين جالۇت»تا ئۇلار تىرە – پىرەن بولۇپ كەتكەن. بۇ ئۇرۇش ھ. 658، رامازاننىڭ ئاخىرىدا، يەنى شەيخ ئىبنى تەيمىييە تۇغۇلۇشتىن ئىككى يېرىم يىل بۇرۇن بولغان.
ھۆكۈمدارلار ئاشۇ تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن (خەلقتىن ئۇرۇشقا كېتەرلىك ئىقتىساد توپلاش مەقسىتىدە) باجلارنى تېڭىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت مىسىر ئەھلىدىن ھەربىر ئەر، ئايال بېشىغا بىر دىناردىن پۇل توپلىغان ھەمدە خەيرىيەت ۋەقفلىرىنىڭ كىرىملىرىنى ۋاقتىدىن بىر ئاي بۇرۇن ئالغان. شۇ دەۋرنىڭ ئالىمى ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام مۇشۇنداق قىلىشنىڭ جائىزلىقىغا پەتۋا بەرگەن ۋە بۇ زۆرۈرىيەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن، «زۆرۈرىيەتلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى مۇباھقا ئايلاندۇرىدۇ» دەپ قارىغان.
مانا بۇ ئۇرۇش – سوقۇشتىن ئىبارەت شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ھالىتى. شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، موڭغۇللارنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى، موڭغۇللار ئۆزلىرىنى قايتۇرغان ئاۋۋالقى ئوتنىڭ ئەمدى ئۆچكەنلىكىنى سەزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈچنى قايتىدىن يىغقان.
ئىجتىمائىي ھالەت
[375] تارىخچى مەقرىزىي ئىجتىمائىي ھالەتنى سۈپەتلەپ ئېيتقانكى: «شەرق ۋە شىمال ئەللىرىدە، شۇنداقلا قىپچاق ئەللىرىدە موڭغۇللارنىڭ باسقۇنلىرى كۆپىيىپ، كۆپ كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۇلارنى ساتقان چاغدا، (سۇلتان) سالىھ نەجمىددىن ئەييۇب ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى سېتىۋالدى ۋە ئۇلارنى بەھرىيلەر دەپ ئاتىدى. مىسىرغا پادىشاھ بولغان كىشى (يەنى ئىززۇددىن ئايبەگ) شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى. ئاندىن ئۇلاردىن بولغان قوتۇز مەشھۇر جەڭگە باش بولدى. ئۇلار زاھىر بايبارسنىڭ دەۋرىدە «ۋافىدىيلار» دەپ ئاتالدى ۋە مىسىرغا توشۇپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى مىسىرغا تارقالدى. ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسلام يۇرتىدا تەربىيەلەنگەن، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىلگەن، دىنى مۇھەممەدىينىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلگەن ئىدى. كېيىن ئۇلار ھەق بىلەن باتىلنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشىغا ياماننى قاتتى. ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق دىنىي ئىشلارنى قازىكالانغا تاپشۇردى، ۋەقف ۋە يېتىملەر ئىشىنىمۇ قازىكالانغا باغلىدى، ئەر – خوتۇن ۋە قەرز ماجىرالىرىدەك شەرئىي دەۋالارغا قاراپ چىقىشنىمۇ قازىكالاننىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدە قىلدى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە چىڭگىزخاننىڭ قانۇن – ياساقلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ياساق كىتابىدىكى ھۆكۈملەرگە ئەگىشىشكە موھتاج بولدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئادەت – يوسۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈكلىرىنى تىزگىنلەش ۋە ›ياساق‹ بويىچە كۈچلۈكتىن ئاجىزنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھاجىب تەيىنلىدى. سۇيۇرغال ئىشلىرىدا ئىختىلاپ بولغاندا، سۇلتانلىققا ئائىت دىۋانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقىپ، دىۋاننىڭ مۇقىملاشقان رەسىملىرىنى ئىجرا قىلىشنى ھاجىبقا بەردى»(43).بۇ «تارىخى مەقرىزىي»دە سۆزلەنگەن بايان. ئۇ مۇنداق ئۈچ ئىشقا دالالەت قىلىدۇ:
بىرىنچى ئىش: تۈركلەردىن ئەسىرلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى بولۇشقا ۋە مۇشۇ ئىمتىياز ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنىشقا ئېلىپ بارغان. مۇشۇ ئەسىرلەر ئارىسىدا مىسىرغا ھۆكۈمدار بولغانلار بار، مەسىلەن: قوتۇز (ھ. ? – 658/م. ? – 1260) ۋە زاھىر بايبارس (ھ. 620 – 676/م. 1223 – 1277( تەك ھەمدە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن سۇلتانلاردەك.
ئىككىنچى ئىش: بۇ ۋافىدىيلار ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ مۇئامىلىلىرىدە ۋە ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش تۇتاتتى، ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۇئامىلىلىرىدە موڭغۇل قوماندانى ۋە پادىشاھى چىڭگىزخان تۈزۈپ قويغان ياساق كىتابىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىشاتتى. مەزكۇر كىتابتا نېمىلەرنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى ئازراق بىلىشىمىز مۇۋاپىق تۇرىدۇ. ئىبنى كەسىر ئۇنىڭدىن ئازراق بايان قىلغان. تۆۋەندىكىسى «تارىخى ئىبنى كەسىر»دە كەلگىنى:
«زىنا قىلغان ئادەم مەيلى خوتۇنلۇق بولسۇن ياكى خوتۇنسىز بولسۇن ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭدەك بەچچىۋازلىق قىلغان ئادەممۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ، قەستەن يالغان سۆزلىگەن ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئوغرىلىق قىلغان ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ، جېدەللىشىۋاتقان ئىككى جېدەلچىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، بىرىگە ياردەم قىلغان ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ، توختام سۇغا سىيگەن ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ، سۇغا چۈمۈلگەن ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئەسىرگە تائام ياكى سۇ بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ. كىمكى بىر كىشىگە بىر تاماق بەرسە، تاماق بېرىلگەن كىشى ئەمىر ياكى ئەسىر بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆزى يېسۇن. كىمكى تاماق يەپ، يېنىدىكىگە بەرمىسە، ئۆلتۈرۈلىدۇ. كىمكى بىر ھايۋاننى بوغۇزلىسا، شۇ ھايۋانغا ئوخشاش بوغۇزلىنىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ قورسىقى يېرىلىپ، يۈرىكى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن چىقىرىلىدۇ»(44).
بۇ مۇشۇ كىتابتا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ بەزىسىدۇر. بەلكىم ئۇنىڭ قاتتىق قول قىسىملىرى نەقىل قىلىنغان بولسا كېرەك. چۈنكى، «ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ جىق كەلگەن.
ئۈچىنچى ئىش: مەقرىزىينىڭ گەپلىرى شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇكى، مىسىردا تەبىقىلەر تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. چۈنكى، شۇ ۋافىدىيلارنىڭ ئالاھىدە ئورنى بولغان. دېمەك، ئۇلارنىڭ مۇنداق ئىككى قانۇنى بار: بىرىنچىسى شەرىئەت، ئىككىنچىسى چىڭگىزخاننىڭ ياساق قائىدىلىرى.
شەكسىزكى، بۇلار ئىجتىمائىي ھالەتنىڭ قالايمىقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن قاتتىق كۈچىيىپ، ھەممىنى بىر سەپ قىلغان ۋە قەلبلەردە ئىسلام مۇھەببىتىنى ئويغاتقان ئۇشبۇ ئۇرۇشلار بۇ پىرقەگە تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ خىل ئىجتىمائىي ھالەتكە توسقۇنلۇق قىلغان. «ئۇ ئۇرۇشلار بۇ ھالەتنى يوقاتقان» دېيەلمەيمىز ھەمدە بۇ ھالەتنىڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرچان ئىكەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلالمايمىز. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، ماختىلىپ ياكى سۆكۈلۈپ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ قەلىمىگە چىققان بولاتتى.
ئىلمىي ۋە پىكرىي ھالەت
[376] ھىجرىيە ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى ئەسىرلەردە تەتقىقاتلار كېڭەيدى ۋە ئالىملارنىڭ مېتودلىرىمۇ ھەر خىل بولدى. بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىس، فىقھ، تەفسىر، نەھۋى، ئەقىدە قاتارلىقلارغا چوڭقۇرلىدى، لېكىن ئۇلار ھەتتا ئەقىدە مەسىلىلىرىدىمۇ ئەگەشكۈچى مۇقەللىد ئىدى. بۇلار بىلەن بىرگە پەلسەپەۋى تەتقىقاتلاردا ۋايىغا يەتكەن مۇسۇلمان پەيلاسوپلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار پەلسەپەدىن باشقىسىغا قارىمايتتى. بۇلار بىلەن ئاۋۇلار ئارىسىدا شەرىئەت بىلەن پەلسەپەنى باغلاشقا ئۇرۇنغان پەيلاسوپلارمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، ئىبنى رۇشدنىڭ ئۆزىنىڭ «فەسلۇلمەقال (فَصْلُ الْمَقَالِ فِيْمَا بَيْنَ الشَّرِيْعَةِ وَالْفَلْسَفَةِ مِنَ الْاِتِّصَالِ)» دېگەن كىتابىدا ئاشۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرىمىز.بۇلاردىن قالسا پەلسەپەچى سوپىلار ۋە ئاۋام سوپىلار بار ئىدى. بۇ پىرقەلەرنىڭ ساھىبلىرى ئاممىنى سوپىلارنىڭ ئالىملىرى يولغا قويۇپ بەرگەن سۈلۈكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ شەيخ بىلەن ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئارىسىدىكى شەخسىي تەسىرنى ئاساس قىلغان يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش مەسلەكلىرىگە باشلايتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چەكتىن ئېشىپ، دىندىن چىقىپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىدى. ئۇندىن باشقا ئۇلاردا يەنە شەخسلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش، شەيخلەردىكى كارامەتلەرگە ئېتىقاد قىلىش، تىرىكلىكىدە ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۆلگەنلىرىدە ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلۇغلاش، گۆرلىرىدە ئۇلاردىن مەدەت تىلەش قاتارلىق ئىشلار بار ئىدى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىياسىي پىرقەلەر پىكىر ۋە پاكىت سوقۇشتۇراتتى. ئاندىن ئۇلار پىكرىي دەتالاشلاردىن ھىيلىگەرلىككە، سۇيىقەست پىلانلاشقا ۋە بەزىلىرى ئىسلام دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇشقا، ئىش ئىگىلىرىنىڭ ئىشىنى بۇزۇشقا يۆتكەلدى. بۇ ئەھۋاللار ئۆزلىرىنى شىئە دەپ ئاتايدىغان بەزى تائىپىلەردىن سادىر بولغان.
بىز پىكرىي ھالەتنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئىككى ئىشنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك: بىرى، ئىلمىي تەتقىقاتلار، يەنە بىرى سوپىلار ۋە تەسەۋۋۇفچىلار. شىئە تەتقىقاتلىرىمۇ شۇ قاتاردىدۇر. بىز ئەمدى بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەربىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەيلى!
ئىلمىي تەتقىقاتلار
[377] شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ دەۋرىدىكى تەتقىقاتلار پىكرىي ئېغىش بىلەن پەرقلەنگەن. ھەممە ئادەمنىڭ فىقھتا ۋە ئەقىدىدە ئەگىشىدىغان ئىمامى بار ئىدى. بۇ ئەھۋال (ھىجرىيە) تۆتىنچى ئەسىردە مەزھەبلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ بىلەن ۋە مەيلى فىقھ ھەققىدىكى ئىختىلاپ بولسۇن ياكى ئېتىقاد ھەققىدىكى ئىختىلاپ بولسۇن، ئىختىلاپلاشقاندىكى مەزھەب مۇتەئەسسىبلىكى بىلەن باشلانغان ھەمدە بۇ پىكرىي ئېغىشقا ئەۋلادلار ۋارىسلىق قىلغان. چۈنكى، بۇ پىكرىي ئېغىشلار كىتابلارغا توپلانغان ھالدا ئەۋلادلارغا يۆتكەلگەن. سىز ھەقىقەتەن بەزى چوڭ ھەجىملىك كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز، پۈتۈنلەي قەدىمكى ئىختىلاپلارنى شەرھلەيدىغانلىقى، ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەرلەرنى بايان قىلىدىغانلىقى ۋە شۇلاردىن بىرىگە مۇتەسسىپلىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ئەھۋال شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ زامانداشلىرىغىمۇ سىڭگەن. مانا مۇشۇ ئۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ نېگىزىدۇر. باشقىلار ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئەگىشىدۇ، ئۇ نەدە دەلىل بولسا، شۇ دەلىلگە ئەگىشىدۇ. ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى ئەسىرلەردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەسىر ئىلىمدە مەلۇم بىرنەرسە بىلەن پەرقلىنىدۇ دېيىلسە، بۇ ئەسىرلەر پىكىرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، ئىلىمنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. مەلۇماتلار بەك كۆپ بولغان ۋە ئۇنى ھاسىل قىلىشمۇ زور مىقداردا بولغان. لېكىن، دەلىللەرنى بىر يانغا ئاغماستىن ساغلام ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەش تەپەككۇرى ئاز بولغان ۋە دەۋردىكى ئىلمىي بايلىققا مۇناسىپ كەلمىگەن. بۇ دەۋردە فىقھ، تەفسىر ۋە تارىخ ھەققىدە ئېنسىكلوپېدىيەلەر يېزىلغان، لېكىن تەقلىدچىلىك ھۆكۈمران بولۇپ، مۇستەقىل تەپەككۇر ھۆكۈمران بولمىغان. [378] قانداقلا بولمىسۇن، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ يوللىرى قولايلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ چۆرىسىگە تەقلىدچىلىك رامكىسىنى قويىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن چىقمىغان بولسىمۇ، مۇستەقىل تەتقىق قىلىدىغان بىر ئالىمنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە پۇرسەتلەر تەييار بولغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئالدىدا تەتقىق قىلىدىغان تېمىلار ھازىر ئىدى.بۇ ئەسىرلەردە فىقھ، تەفسىر ۋە ھەدىس مەدرەسەلىرى مەۋجۇد ئىدى، ئىلىم ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا كىتابلار كەڭ يېيىقلىق ئىدى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈدەك لاياقەتلىك مۇدەررىسلەر بار ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئالىملارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنىڭ خىلمۇخىل تەفسىرلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلىغان ئېنسىكلوپېدىيەلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىنىڭ پەتۋالىرى ۋە تابىئىننىڭ پەتۋالىرى بار ئىدى.
بۇ مەدرەسەلەرنىڭ تارىخى ۋە قاچان قۇرۇلغانلىقى بىزگە مۇھىم ئەمەس، لېكىن بىزگە مۇھىمى بۇ مەدرەسەلەرنىڭ شەيخ ئىبنى تەيمىييەگە قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكى. شەيخ ئىبنى تەيمىييە بۇ مەدرەسەلەردىن تولۇق ئوزۇقلانغان. چۈنكى، ئۇ پۈتۈن ئىلىمنىڭ كەڭ يېيىلغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456/م. 994 – 1064) ئۆزىنىڭ كاتتا فىقھىي دىۋانىنى «ئەلمۇھەللا» (زاھىرىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى 12 توم) كىتابىغا توپلىغان. ئۇنىڭدا ساھابەلەرنىڭ فىقھىسى ۋە تابىئىننىڭ فىقھىسى بار. ئىبنى قۇدامە (ھ. 541 – 620/م. 1146 – 1223) ئۆزىنىڭ (سېلىشتۇرما فىقھ ئەسەرى) «ئەلمۇغنىي (المغني)» كىتابىنى توپلىغان. ھەنەفىي فىقھىسىدا سىز شەمسۇلئەئىممە سەرەخسىي (ئۆ. ھ. 483/م. 1090) نىڭ «ئەلمەبسۇت (المبسوط)» كىتابىدەك چوڭ ئېنسىكلوپېدىيەلەرنى ئۇچرىتىسىز، ھەنبەلىي فىقھىسىدا خىلمۇخىل مەزھەبلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى جەملىگەن كىتابلارنى تاپىسىز. شافىئىي مەزھەبتە نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676/م. 1233 – 1277) نىڭ «ئەلمۇھەززەبنىڭ شەرھى ئەلمەجمۇﺋ (المجموع شرح المهذب)» كىتابىدەك سېلىشتۇرما ئېنسىكلوپېدىيەلەر بارلىققا كەلگەن.
ھەدىس، تەفسىر، ئۇسۇل، پەلسەپە ۋە تەسەۋۋۇف قاتارلىقلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى.
مەدرەسەلەر بولغاندەك، قىرائەت ۋە مۇتالىئەنى ئاسانلاشتۇرىدىغان كىتابخانىلارمۇ بار ئىدى.
خىلمۇخىل فۇرۇئات مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي ماتېرىياللار شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييەدىن باشقىلار فۇرۇئاتنى يادلاش ۋە ئەگىشىش ئۈچۈن ئوقۇغان بولسا، ئۇ فۇرۇئاتنى پۇختا بىلىپ، ئىنچىكە سىرلارنى ۋە تېرەن پىكىرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەتقىق قىلاتتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بەزىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى پۈتۈنلەي مۇخالىپ كېلىدىغان مۇستەقىل قاراشلىرى شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ھۆر ۋە جۈرئەتلىك ھالدا ئېلان قىلىشقا ئاتلانغان.
سوپىلار ۋە تەسەۋۋۇف
[379] شەيخ ئىبنى تەيمىييەنى ئۆز دەۋرىدە تەسەۋۋۇف مەشغۇل قىلغان. ئۇنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئۇيغۇنلاشمايدىغان ئۈچ خىل ئىش ئۇنىڭ نەزەرىنى تارتقان. بۇ ئۈچ ئىش: ئىتتىھاد (يەنى مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىلاھىي زات بىلەن بىرلىشىشى)، روھىي يۈكسىلىش بولغاندا تەكلىپنىڭ ساقىت بولۇشى ۋە كۆز بوياش.بىز بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەربىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەيلى!
بىرىنچى: «مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىلاھىي زات بىلەن بىرلىشىشى» پىكرىگە كەلسەك، بۇ پىكىر بىر قىسىم ھىندىي پىكىرلىرىدىن، شۇنداقلا بەزى روھلارغا ۋە بەزى شەيئىلەرگە ئۇلۇھىييەتنىڭ چۈشىدىغانلىقى نەزەرىيەسىدىن كەلگەن. ئەنە شۇنىڭدىن «ۋەھدەتۇلۋۇجۇد (مەۋجۇدىيەت بىرلىكى)» نەزەرىيەسى تۇغۇلغان. بۇ نەزەرىيە ھىندى ئەدەبىياتىدا ھېلىھەم تەسىرى روشەن كۆرۈلۈۋاتقان ھىندىيچە پىكىردۇر. دېگىنىمىزدەك، بۇ خىلمۇخىل پىكىرلەر مۇئەييەن شەكىلگە كىرىپ، نەتىجىدە «مەۋجۇدىيەت بىردۇر، بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان كۆپلۈك پەقەتلا شەكىلدىكى كۆپلۈكتۇر، مەۋجۇدىيەتنىڭ زاتىدىكى كۆپلۈك ئەمەس» دەيدىغان تەسەۋۋۇفچىلار بارلىققا كەلگەن. ئۇلارچە بولغاندا، ئاسمان – زېمىن ۋە كائىناتتا يۈرۈۋاتقان يۇلتۇزلار قېتىلىپ ھەممە مەۋجۇدىيەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۈرەتلىرى بولىدۇ. ئۇ ھەقتە ئىبنى ئەرەبىي مۇنداق دېگەن:
ئەيكى بارلىقنى ئۆز ئىچرە ياراتقان
سەن ياراتقانلىرىڭنى يىغقۇچىسەن
ياراتۇرسەن، نە بولسا تۈگەنچىسى
سەندە، چۈنكى تارمۇ سەن ھەم كەڭرىسەن.
مانا بۇ شەيخ ئىبنى تەيمىييە دەۋرىدىكى بەزى سوپىلارنىڭ يۆنىلىشى.
ئىككىنچى: روھىي يۈكسىلىش. بۇنىڭ ئاساسى ئاللاھنى سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاشتۇر. مۇھەببەت جىمى سوپىلار ئارىسىدىكى ئورتاق ئىشتۇر، ئۇنىڭ ئاساسى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پاك بەندىلىرى ئىچىدىكى مۇخلىسلارنىڭ روھلىرىغا تاشلايدىغان يورۇقلۇقتۇر.
سوپىلار بۇ مۇھەببەتنىڭ مىقدارىدا ھەر خىلدۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە روھى شۇ مۇھەببەتكە رازى بولۇپ، شۇ مۇھەببەت ئارقىلىق ئاللاھقا باغلانغان، ئەمما «ئىلاھنىڭ روھقا چۈشۈشى، ئىلاھىي زاتنىڭ مەۋجۇدىيەت بىلەن بىرلىشىشى» دېگەندەك پىكىرلەرگە ئەگەشمىگەنلەر بار. ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان باغلىنىشى مەخلۇقنىڭ خالىق بىلەن بولغان باغلىنىشىدۇر ۋە مەخلۇقنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش ئۈچۈن روھانىيەت دەرىجىسىگە يۈكسىلىشىدۇر.
شۈبھىسىزكى، سوپى كىشى يۈكسەت زات بىلەن باغلىنىشتا مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئۆزىنىڭ ھېسسىي ئالەمىدىن غاپىل، رەببى ئۈچۈن ئۆزىنى يوقاتقۇچى بولىدۇ. بۇ دەرىجە «ئۆزىنى يوقىتىش دەرىجىسى ياكى سەرخۇشلۇق دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، كىشى ئۇ دەرىجىدە ھېسسىي ئالەمدىن غايىب بولۇپ، مەۋجۇدلۇقىدا يېگانە ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقان بولىدۇ. بۇ ھالەت «ۋەھدەتۇششۇھۇد» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ئۇنداق كىشى ۋەھدەتۇلۋۇجۇد ئەھلى دەيدىغاندەك «ئىلاھىي زات بىلەن بىرنەرسە» بولمايدۇ. لېكىن، ئۇلار: «مۇشاھەدە(45) ئارقىلىق روھنىڭ يۈكسىلىشى شەخسنى ھېسسىي ئالەمنى ئىدراك قىلىشتىن يۈكسەك زاتنى تۇرق ۋە قىياپەتسىز كۆرۈشكە يۈكسەلدۈرىدۇ، كىمنىڭ روھى مۇشۇ دەرىجىگە يەتسە، روھى پاكلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پەردە ئېچىلىدۇ. بۇ دەرىجىگە يۈكسەلگەنلەر ئۈچۈن تەكلىپ يەڭگىللىشىدۇ» دەيدۇ. ھەتتا بۇ سوپىلاردىن گۇناھ ئىشىنى يەڭگىللەشتۈرىدىغان ئىبارىلەرمۇ تېپىلىدۇ. شەيخ ئىبنى تەيمىييە بىلەن دەۋرداش بولغان شەيخ ئىبنى ئاتائۇللاھ سەكەندەرىي بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «روھنىڭ گۇناھتىكى نېسىۋىسى روشەن ۋە ئوچۇقتۇر، روھنىڭ تائەتلەردىكى نېسىۋىسى يوشۇرۇن ۋە مەخپىيدۇر. يوشۇرۇن بولغان نەرسىنى داۋالاش تەستۇر».
شەيخ ئەبۇلھەسەن شازىلىي(46)نىڭ قارىشىچە، ئاللاھنى دوست تۇتقان ۋە ئاللاھمۇ ئۇنى دوست تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئىشى يەڭگىللىشىدۇ. شەيخ ئەبۇلھەسەن شازىلىي ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھلىرىمىزنى سەن دوست تۇتقانلارنىڭ گۇناھلىرى قاتارىدا قىلغىن، ياخشىلىقلىرىمىزنى سەن دۈشمەن تۇتقانلارنىڭ ياخشىلىقلىرى قاتارىدا قىلغىن. چۈنكى، سېنىڭ دۈشمەنلىكىڭ يېنىدا ياخشىلىق پايدا قىلماس، سېنىڭ دوستلۇقۇڭ يېنىدا يامانلىق زەرەر قىلماس. سەن بىزنىڭ ئۈمىدلىنىشىمىز ۋە قورقۇشىمىز ئۈچۈن، ئىشنى بىزگە مۇبھەم قىلدىڭ. قورقۇنچىمىزنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرغىن، ئۈمىدىمىزنى بەربات قىلمىغىن، بىزگە سورىغىنىمىزنى بەرگىن. سەن ھەقىقەتەن بىز سوراشتىن بۇرۇن بىزگە ئىماننى بەردىڭ».
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالىمىزكى، دوستلۇق بار ھالدا قىلىنغان يامانلىق بىكارنىڭ ھۆكمىدە، دۈشمەنلىك بار ھالدا قىلىنغان تائەت بىكارنىڭ ھۆكمىدە. ئاندىن ئۇلار گۇناھتا ئەپۇ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شەيخ ئىبنى ئاتائۇللاھ سەكەندەرىي ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا: «ئىلاھىم! ئەگەر مەندىن ياخشىلىقلار زاھىر بولسا، ئۇ سېنىڭ پەزلىڭ بىلەندۇر، ئۈستۈمدە سېنىڭ ئېھسانىڭ بار. ئەگەر يامانلىقلار زاھىر بولسا، ئۇ سېنىڭ ئادالىتىڭ بىلەندۇر، ئۈستۈمدە سېنىڭ ھەققىڭ بار» دەيدۇ.
شەيخ مۇرسىي ئەبۇلئەبباس(47)مۇ ئۆزىنىڭ دۇئالىرىدا شۇنداق نىدا قىلىدۇ: «ئىلاھىم! ساڭا گۇناھكار بولۇش مېنى تائەتكە چاقىردى، ساڭا تائەت قىلىش مېنى گۇناھقا چاقىردى، ئىككىلىسىدە سەندىن قورقىمەن، ئىككىلىسىدە سەندىن ئۈمىد كۈتىمەن. ئەگەر گۇناھ سۆزلىسەم، ماڭا پەزلىڭ بىلەن ئۇچراشقايسەن ۋە مەن ئۈچۈن قورقۇنچ قالدۇرمىغايسەن. ئەگەر تائەتنى سۆزلىسەم، ماڭا ئادالىتىڭ بىلەن ئۇچراشقايسەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۈمىد قالدۇرمىغايسەن. سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئالدىدا قانداقمۇ ياخشىلىقىمغا قاراي؟! ساڭا قىلغان گۇناھىم ئالدىدا قانداقمۇ سېنىڭ پەزلىڭگە كۆز يۇماي؟!»
مانا بۇ سوپىلارنىڭ بىر بۆلۈك مەشھۇر ئەكابىرلىرىنىڭ دۇئالىرىدۇر. ئۇلار گۇناھ بىلەن ياخشىلىقنى پەرقلەندۈرىدۇ، گۇناھتا مەغپىرەتنى، تائەتتە قوبۇلنى ئۈمىد قىلىدۇ. دېمەك، ئۇلار تەكلىپنى ساقىت قىلمايدۇ، بەلكى گۇناھكارلارغا تەۋبە ۋە ئەپۇ ئىشىكىنى ئاچىدۇ.
لېكىن سوپىلار ئىچىدە ھەددىدىن ئېشىپ: «كىمكى مۇشۇ دەرىجىگە يەتسە، بۇ ھالەتتە گۇناھ بىلەن تائەتنىڭ پەرقى بولمايدۇ» دەيدىغانلار بار. ئۇلار يەنە: «شەرىئەت ئۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرگەن بولسا، ئاساسى مۇھەببەت بولغان ھەقىقەت ئۇ ئىككىسىنى باراۋەرلەشتۈرگەن» دەيدۇ.
خاۋاسلاردىن كېيىن ئاۋاملار كەلگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە گەرچە ئۇشبۇ ئىدىيە مەركەز قىلغان پەلسەپەۋى مەنىلەرنى ئىدراك قىلالمىسىمۇ، «(شۇ دەرىجىگە يەتكەندە) گۇناھمۇ يوق، تائەتمۇ يوق» دەپ چۈشەنگەنلەر بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى پىركامىل دەپ دەۋا قىلىپ، ھەرقانداق چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشتىن يانمىغان ۋە ھېچبىر ئوڭايسىزلانماستىنلا چوڭ گۇناھلارغا قول ئۇزاتقان، بەلكى تەسەۋۋۇفنى ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپىدىغان پەردە قىلىۋالغان.
ئۈچىنچى: ئاۋام ئىچىدە: «ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ۋە كارامەتلەرنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بىرەر شەيخكە ياكى بىرەر ۋەلىيگە ئەگىشىش كۇپايە قىلىدۇ. ۋەلىيلەرنى ئوت كۆيدۈرمەيدۇ، يىلانلار چاقمايدۇ» دەيدىغانلار بولغان ھەمدە ئۇلار كۆز بويايدىغان ئىشلارنى قىلغان.
شەيخ ئىبنى تەيمىييە مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە قارشىلىقىدا قاتتىق تۇرغان. ئاندىن ئۇ بۇ سوپىلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن ئالاقە قىلىپ، شام خەلقىگە قارشى ئۇلارغا ياردەملەشكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇلار پادىشاھ غازانغا ياردەملىشىپ ۋە ئۇنىڭ سوۋغىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆز بويامچىلىق قىلغانىدى، ھالبۇكى دەمەشقتىكى مۇسۇلمانلار غازاننىڭ قىلمىشلىرىدىن قورقۇنچ ئىچىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ نەزەرىدىكى بۇ ۋە باشقا خاتالىقلىرى جەملىشىپ، شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئۇلار بىلەن زىيادە كۆپ تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئۇلار ھەققىدە قاتتىق يازمىلىرى بولغان.
ئالىملارنىڭ دۆلەتتىكى ئورنى
[380] بۇ قاپقاراڭغۇ زۇلمەت بىلەن بىرگە، بەھرىي مەملۇكلار دۆلىتى پادىشاھلىرىنىڭ نەزەرىدە ئالىملارنىڭ چوڭ ئورنى بار ئىدى. چۈنكى، بۇلاردا دىنىي مايىللىق بار ئىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇشىنى ياخشى كۆرەتتى. قاتتىقچىلىق ۋاقىتلاردا ۋە ئالىملارنىڭ نوپۇزىغا ئېھتىياج تۇغۇلغاندا، ئالىملار ھىممەتلىك پادىشاھلارنىڭ ئىززەت – ئىكرامىغا كۆپ نائىل بولاتتى. ھېچكىمنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان، كۈچلۈك خاراكتېرگە ئىگە مىسلىسىز ئالىملارمۇ بار ئىدى. ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام (ھ. 577 – 660/م. 1181 – 1262) شۇلارنىڭ بىرىدۇر. سۇلتان زاھىر بايبارس ئۇنىڭغا بوي ئېگەتتى. ئۇ ھەقتە ئىمام سۇيۇتىي ئېيتقانكى: «بايبارس (ھ. 620 – 676/م. 1223 – 1277) مىسىردا شەيخ ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايتتى». ھەتتا بايبارس شەيخ ئۆلگەندە: «مانا ئەمدى پادىشاھلىقىم مۇقىملاشتى (پادىشاھلىقىم ئەمدى باشلاندى)» دېگەنىدى(48).زاھىر بايبارس ئۇلۇغ شەيخنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ھېس قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى زالىملىققا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن مۇقىملاشمىغان ئەمەس، بەلكى ئەگەر ئۇ ئېغىپ كەتسە ئۇنىڭغا ھەقنى كۆرسىتىدىغان، ئىتائەت قىلمىغىنىدا ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ئالىملار بار ئىدى.
دەمەشق ئالىمى مۇھيىددىن نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676/م. 1233 – 1277) مۇشۇ خىل ئالىملارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. زاھىر بايبارس كىشىلەرگە باج بېكىتمەكچى بولىۋېدى، شەيخ باجنىڭ بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا بىرقانچە پارچە خەت يازغان. ئۇ بىر خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بۇ يىل شام ئەھلى يامغۇرلارنىڭ ئاز يېغىشى، باھالارنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، كىرىم ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى، چارۋىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك قىيىن ئەھۋالدا. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، پۇقرالارغا شەپقەت قىلىش، شۇنداقلا ھاكىمنىڭ مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاكىمغا نەسىھەت قىلىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، دىن نەسىھەتتۇر».
زاھىر بايبارس قوپال جاۋاب قايتۇرغان ۋە ئالىملارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ھەمدە ئالىملارنىڭ موڭغۇللار شامنى باسقان چاغدا ئەل – يۇرتنىڭ ئاياغ – ئاستى بولۇشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. جاۋابتا تەھدىت مەزمۇنىمۇ بار ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئۇنىڭغا قاتتىق كۈچلۈك رەددىيە بېرىدۇ ۋە رەددىيەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «جاۋابتا تىلغا ئېلىنغان، كافىرلارنىڭ ئەلدە قىلغانلىرىنى بىزنىڭ ئەيىبلىمىگەنلىكىمىزگە كەلسەك، قانداقمۇ ئىسلام پادىشاھلىرىنى، ئەھلى ئىمان ۋە ئەھلى قۇرئاننى زومىگەر كافىرلارغا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! زومىگەر كافىرلارغا نېمىنى ئەسكەرتەتتۇق؟ ھالبۇكى ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزدىن ھېچنېمىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان تۇرسا!»
بايبارسنىڭ تەھدىتىگە مۇنداق دەپ رەددىيە بېرىدۇ: «ئۆزۈمگە كەلسەك، ماڭا تەھدىت كار قىلمايدۇ ۋە مېنى سۇلتانغا نەسىھەت قىلىشتىن توسالمايدۇ. چۈنكى، مەن بۇنى ئۆزۈمگە ۋە مەندىن باشقىلارغا ۋاجىب دەپ قارايمەن. ۋاجىبتىن كېلىپ چىققان نەرسە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خەير ۋە زىيادەدۇر. ﴿وَأُفَوِّضُ أَمۡرِيٓ إِلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ / ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(40/«غافىر»: 44). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى نەدە بولساق ھەقنى دېيىشكە، مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماسلىققا بۇيرۇغان. بىز سۇلتان ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەيمىز ۋە سۇلتانغا دۇنيا – ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنى خاھلايمىز».
شەيخ داۋاملىق مەكتۇبلارنى يوللاپ تۇرغان، سۇلتانمۇ داۋاملىق باجلارنى بېكىتكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئالىملاردىن ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى قوللايدىغان پەتۋالارنى يىغقان. دېمەك، ئۇلار سۇلتانغا باش ئەگكەن. بىرلا شەيخ مۇھيىددىن باش ئەگمىگەن. شۇنىڭ بىلەن، (سۇلتان) زاھىر ئۇنى ھوقۇق كۈچى بىلەن پەتۋاغا ئىمزا قويغۇزۇش ئۈچۈن ھۇزۇرىغا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە شەيخ ئۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرغان:
«مەن سېنى بىلىمەن، سەن ئەمىر بۇندۇقدارنىڭ قۇلى ئىدىڭ، ھېچنېمەڭ يوق ئىدى، ئاندىن ئاللاھ ساڭا ئىنئام قىلىپ، سېنى پادىشاھ قىلدى. ئاڭلىشىمچە، سېنىڭ مىڭ قۇلۇڭ بار ئىكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن كەمىرى بار ئىكەن ھەمدە سېنىڭ يۈز دېدىكىڭ بار ئىكەن ۋە ھەربىر دېدەكنىڭ ئالتۇن بېزەكلىرى بار ئىكەن. ئەگەر سەن (دۆلەت ئىشلىرىغا) ئاشۇلارنى خەجلىسەڭ، قۇللار ئالتۇن كەمەرلەرنىڭ ئورنىغا يۇڭ كەمەرلەر بىلەن كۇپايىلەنسە، دېدەكلەر ئالتۇن بېزەكلەرسىز ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرى بىلەن كۇپايىلەنسە، مەن سېنىڭ پۇقرالاردىن پۇل – مال ئېلىشىڭغا پەتۋا بېرىمەن»(49).
زاھىر غەزەپلەنگەن ۋە: «مېنىڭ شەھىرىم (يەنى دەمەشق) دىن چىق» دېگەن. شەيخ: «خوپ، بولىدۇ» دەپ، شامدىكى نەۋا دېگەن يېزىسىغا چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن فۇقەھائ (سۇلتانغا): «بۇ بىزنىڭ چوڭ ئالىملىرىمىزدىن ۋە سالىھلىرىمىزدىن ھەم ئۈلگىلىك كىشىلىرىمىزدىندۇر، ئۇنى دەمەشققە قايتۇرسىلا» دېگەن. نەتىجىدە شەيخ قايتىشقا ئۇنىمىغان ۋە: «زاھىر بولىدىكەن، مەن دەمەشققە كىرمەيمەن» دېگەن. شۇنىڭدىن بىر ئاي كېيىن زاھىر ئۆلگەن(50).
شەيخ ئىبنى تەيمىييە نەۋقىران ھالىتىدە سۇلتان زاھىرنى كۆرگەن ھەم شەيخ مۇھيىددىن نەۋەۋىينىمۇ كۆرگەن.
شۇ جەھەتتىن، بىز شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ (سۇلتان) ناسىرغا قارىتا بەئەينى ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ۋە مۇھيىددىن نەۋەۋىيگە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇ ئارقىلىق كۈرەشچان ئالىملارنىڭ زەنجىرى ئۈزۈلمىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئۇ ئىككىسىدىن ئارتۇق يېرى، ئۇ جىھاد ئۈچۈن قىلىچ سۇغۇردى ھەم ئۇنىڭغا دىن ھەققىدىكى قاراشلىرى سەۋەبلىك مۇسىبەتلەر كەلدى. نەتىجىدە ئىبنى تەيمىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپسىدە قاتتىق بېسىملارغا ئۇچراپ ۋاپات بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن، ئىلىم ۋە ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلسۇن!
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. رىيازىييات ئىلىملىرى (عُلُومُ الرِّيَاضِيَّاتِ): ئون خىل ئىلىم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار: «تەسەۋۋۇف ئىلمى، ئىنژېنېرلىق ئىلمى، گېئومېترىيە، پېداگوگىكا، ھېساب ئىلمى، ئالگېبرا، مۇزىكا ئىلمى، سىياسەت ئىلمى، ئەخلاق ئىلمى ۋە ئائىلە باشقۇرۇش ئىلمى» قاتارلىقلاردۇر. قاراڭ: شەيخ ئەلەۋىي ئىبنى ئەھمەد سەققاف ئەلمەككىي: «الْفَوَائِدُ الْمَكِّيَّةُ (ئەلفەۋائىدۇل مەككىييە)»، 26 – بەت، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت، م. 2015.
2. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار (الْمَوَاعِظُ وَالاِعْتِبَارُ)»، 4/192.
3. زەھەبىي: «سەلاسۇ تەراجىم (ثَلَاثُ تَرَاجِمَ نَفِيْسَةٌ لِلْأَئِمَّةِ الْأَعْلَامِ)»، 27 – بەت، دارۇ ئىبنۇلئەسىر، كۇۋەيت.
4. زەھەبىي: يۇقىرىقى مەنبە، 25 – بەت.
5. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ۋە مۇھاكىمىلەر يۇقىرىدا «سەلەفىيلەر» بابىدا ئۆتتى.
6. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/5.
7. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/43.
8. ئىبنى كەسىر: يۇقىرىقى مەنبە، 14/48.
9. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 28/52؛ ئىبنى ئابدۇلھادىي: «ئەلئۇقۇدۇددۇررىييە (العقود الدرية في مناقب ابن تيمية)»، 278 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت.
10. ئەھمەد (1444)؛ تىرمىزىي (2151). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
11. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 28/48.
12. «ۋەھدەتۇلۋۇجۇد» پىكرىنى مۇئەللىف كېيىنكى بىر بەتتە شەرھلەيدۇ.
13. شەيخ تاجۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم، ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي (تَاجُ الدِّيْنِ أَبُو الفَضْلِ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدُ الكَرِيْمِ بنِ عَطَاءِ اللهِ الإِسْكَنْدَرِيُّ، ھ. 658 – 709/م. 1219 – 1287) شازىلىييە تەرىقەتىگە مەنسۇپ مۇتەسەۋۋىف ۋە تۈرلۈك ئىلىملەردە يېتىشكەن ئاتاقلىق ئالىم ۋە مۇرشىد. مالىكىي فەقىھ ۋە ۋائىز. شەيخ ياقۇت، شەيخ ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەردىن تەلىم ئالغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەشەددى رەقىبلىرىدىن بىرى ئىدى. «ئۇنۋانۇتتەۋفىق فى ئادابىتتەرىق» (ئۇستاز ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىينىڭ قەسىدەسىنىڭ شەرھى)، «ئۇسۇلۇ مۇقەددىماتىل ۋۇسۇل»، ۋەز – نەسىھەتتە «تاجۇل ئەرۇس ئەلھاۋىي لىتەھزىيبىننۇفۇس»، «ئەتتەنۋىرۇ فى ئىسقاتىتتەدبىر»، تەسەۋۋۇفتا «ئەلھىكەمۇل ئەتائىييە ئەلا لىسانى ئەھلىتتەرىقە»، «ئەلقەسدۇل مۇجەررەد فى مەئرىفەتى ئەلئىسمىل مۇفرەد»، «ئەتتەرىقۇل جاددە فى نەيلىسسەئادە»، «ئەلمەرقا ئىلەل قەدىر ئەلئەبقا»، «مىفتاھۇ فەلاھى ۋە مىسباھۇل ئەرۋاھى فى زىكرىل كەرىمىل فەتتاھى»، «مۇختەسەرۇ تەھزىيبىل مۇدەۋۋەنە» (فىقھ) ۋە ئۇستازلىرى ئەبۇلھەسەن شازىلىي بىلەن ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە «لەتائىفۇل مىنەن» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
14. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/46؛ ئىبنى ئابدۇلھادىي: «ئەلئۇقۇدۇددۇررىييە»، 270 – بەت.
15. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/76.
16. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 20/229.
17. ئىبنى تەيمىييە: يۇقىرىقى مەنبە، 22/252.
18. ئەبۇ داۋۇد (2042)؛ ئەھمەد (8790). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1330)؛ مۇسلىم (529). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
20. ئەسلى كىتابتا بۇ نەقىلنىڭ ئاخىرىدا «وقال أكثر الأئمة: يستقبل القبر عند الدعاء» دەپ خاتا بېسىلىپ قالغان. توغرىسى: «وقال أكثر الأئمة: بَلْ يَسْتَقْبِلُ الْقَبْرَ عِنْدَ السَّلَامِ خَاصَّةً وَلَمْ يَقُلْ أَحَدٌ مِنْ الْأَئِمَّةِ إنَّهُ يَسْتَقْبِلُ الْقَبْرَ عِنْدَ الدُّعَاءِ»دۇر. تەرجىمىدە نەقىلنىڭ ئەسلىگە قارالدى. (نەقىلنىڭ ئەسلى: ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 27/190)
21. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 27/212.
22. بىر كۇرراسە دېگىنىمىز كىچىك بىر پارچە كىتابنى ياكى كىتابنىڭ 40 بەت ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
23. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/155.
24. قەيت: يازماق، يېزىپ قويماق. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(قىسقارتىلمىسى)، 768 – بەت.
25. غازان خان ئىبنى ئارغۇن خان م. 1295 – 1304 – يىللار ئارىسى ئىراندا ھۆكۈم سۈرگەن موڭغۇل ئىلخانىيلار پادىشاھىنىڭ ئىسمى. 1295 – يىلى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ۋە ئىسمىنى مەھمۇد قويغان.
26. يەنى نۇسەيرىيلەر.
27. جەھمىييە (الْجَهْمِيَّةُ): قۇرغۇچىسى جەھم ئىبنى سەفۋان ئەتتىرمىزىيغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 2/م. 8 – ئەسىردە تىرمىزدا پەيدا بولغان بولۇپ، «كىشى تىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ دىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۇئمىن بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشاتماسلىق ئۈچۈن قول ۋە يۈز دېگەندەك سۆزلەرنى تەئۋىل قىلىش، ئەزەلىي سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېيىشتەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان.
28. مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى / ۋەھدەتۇلۋۇجۇد (وَحْدَةُ الْوُجُوْدِ)» ئېتىقادىدىكىلەر.
29. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 28/59.
30. ئەبۇ ھەفس ئەلبەززار: «ئەلئەئلامۇل ئەلىييە (الْأَعْلاَمُ الْعَلِيَّةُ فِيْ مَنَاقِبِ ابْنِ تَيْمِيَّةَ)»، 790 – بەت، دارۇ ئاتائاتىل ئىلىم، رىياد.
31. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار»، 4/294.
32. زەھەبىي: «تەرجەمەتۇ شەيخىلئىسلام (ترجمة شيخ الإسلام ابن تيمية من الدرة اليتيمية في السيرة التيمية)»، 119 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: خالىد ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەلى ئەررىبئىي، دارۇررىسالە ئەلئالەمىييە، دەمەشىق، 1 – باسمىسى، ھ. 1434/م. 2013.
33. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/18.
34. مۇسلىم (1120)؛ ئەھمەد (11325). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
35. ئەلبىقاﺋ (البقاع): دەمەشق، ھىمس ۋە بەئلەبەككە ئارىسىدىكى كەڭ بىر زېمىننىڭ ئىسمى. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/470.
36. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 28/403.
37. ئىبنى تەيمىييە: يۇقىرىقى مەنبە، 28/400.
38. نەقىيبۇلئەشراف (نَقِيْبُ الأَشْرَافِ): ئەرەبچىدە «شەرىفلەرنىڭ بېشى، ۋەكىلى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «شەرىفلەر (الأَشْرَافُ)» ئاتالغۇسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نەۋرىسى ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق نەسەبى تۇتىشىدىغان ئۇرۇق – ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. «نەقىيبۇلئەشراف (شەرىفلەرنىڭ بېشى)» ئاتالغۇسى بولسا ھىجرىيە 3 – ئەسردىن باشلاپ رەسمىي ئۇيۇشما تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى مەملۇكىيلار، ئوسمانىيلار دەۋرلىرىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ مۇئەسسەسەلەشكەن «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى (نِقَابَةُ الأَشْرَافِ)»نىڭ رەئىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوسمانىيلار دەۋرىدە مىسىردىكى «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى» ئىستانبۇلدىكى ئۇيۇشمىغا تەۋە ئىدى. خىلافەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، مىسىر ۋە بەزى ئەرەب ئەللەردە كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيۇشما ئىسلام دەۋىتىگە خىزمەت قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادى بولمىش جىمى ئەھلى بەيتنىڭ ھەقلىرىنى، نەسەبىنى قوغداش، تىزىملاش ۋە تەتقىق قىلىشنى، ئەھلى بەيتنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىنى، شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 155 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «نەقىيبۇلئەشراف» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 32/322 – 324، ئىستانبۇل، م. 2006.
39. ئەھمەد (22450)؛ ئەبۇ داۋۇد (4297). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
40. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 10/335.
41. بۇ كەلىمەلەر نەقىلنىڭ ئەسلى مەنبەسىدە بار بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرجىمىدە قوشۇپ قويۇلدى.
42. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 10/334.
43. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار»، 3/386.
44. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 14/118.
45. مۇشاھەدە (المُشَاهَدَةُ): ئەرەبچىدە كۆز ۋە باشقا تۇيغۇ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈش مەنىسىدە. تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: شەيئىلەرنى تەۋھىد دەلىللىرى بىلەن كۆرۈشتىن، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىنىڭ زاهىر ئەسەرلىرىنى كۆرۈشتىن ھاسىل بولىدىغان شەكتىن خالىي يەقىن ۋە جەزمىيەت كۆزى بىلەن كۆرۈش ماقامى بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەلب نۇرلىنىدۇ ۋە رەبكە باغلىنىدۇ. بۇ ماقام «سەھىھەين»دىكى «ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭۇۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯔ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ، ﺋﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ» دېگەن ھەدىس شەرىف بويىچە، قەلبلەرنىڭ كۆرۈشى بىلەن كۆزلەرنىڭ كۆرۈشى ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان ياكى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە بولۇپ، مۇشاھەدە ماقامىدىكى بەندە تەنھا ھالىتىدىمۇ، جاراستاندىكى ھالىتىدىمۇ ھەقتائالانى قەلبى بىلەن كۆرىدۇ. بۇ يەقىننىڭ بىر ھالىتى بولۇپ، مۇشاھەدە ئەينۇليەقىندۇر. ئۇ پەقەتلا ھەقتائالانىڭ بەندىنىڭ قەلبىگە تەجەللى قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قەلبتە ھەقتىن باشقىسى بولۇپ تۇرسىلا مۇشاھەدە بولمايدۇ. مۇشاھەدە ئۈچ تۈرلۈكتۇر: 1) ئاۋام مۇشاھەدەسى «ھەق بىلەن مۇشاھەدە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىلەرنى دەلىللىرى بىلەن كۆرۈشتۇر؛ 2) خاۋاس مۇشاھەدەسى «ھەق ئۈچۈن مۇشاھەدە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىلەردە ھەقنى كۆرۈشتۇر؛ 3) ھەق مۇشاھەدسى. ھەقنى شەيئىلەرسىز كۆرۈشتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 274 – بەت؛ مۇھەممەد ئابدۇررەئەف ئەلمۇناۋىي: «ئەتتەۋقىف (التوقيف على مهمات التعاريف)»، 656 – بەت، دوكتور مۇھەممەد رىزۋان ئەددايە نەشرگە تەييارلىغان، دارۇلفىكر، بېيرۇت، ھ. 1410؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 892 – 895 – بەت.
46. شەيخ تەقىييۇددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇلجاببار ئىبنى يۈسۈف ئەششازىلىي ئەلھەسەنىي ئەلئىدرىيسىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيّ بْنُ عبدِ اللهِ بْنِ عبدِ الجَبَّارِ بن يوسف الْحَسَنِيُّ الإِدْرِيسِيُّ الشَّاذلِيُّ، ھ. 593 – 656/ م. 1196 – 1258) — تەسەۋۋۇفتىكى مەشھۇر شازىلىييە تەرىقەتىنىڭ پىرى، ئاتاقلىق زاھىد ۋە مۇتەسەۋۋىف. مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. ماراكەشتە تۇغۇلۇپ، قۇرئاننى يادلاپ، باشلانغۇچ ئىلىملەرنى ئۆز يېزىسىدا ئالغان. تۇنىستا ئوقۇپ تەسەۋۋۇفقا يۈزلەنگەن. دەسلەپتە تۇنىسنىڭ شازىلە دېگەن يېرىگە جايلاشقان بولغاچقا، شۇ يەرگە نىسبەت بېرىلگەن. ھەجگە بېرىپ، ئىراقنى كېزىپ، مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان. كۆزى ئەما ئىدى. ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىي، ئەبۇل ئابباس ئەلۋاسىتىي، ئابدۇسسالام مەشىش، ئابدۇلقادىر گەيلانىيلاردەك كاتتا تەسەۋۋۇف پىرلىرىدىن تەلىم ئالغان. مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىي، ئەبۇلئابباس ئەلمۇرسىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئۇ ئىنتايىن چوڭ تەسەۋۋۇف مەدرىسەسىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ مەدرەسەدە يېتىشىپ چىققان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شازىلىييە تەرىقەتىدىن شاخلاپ چىققان تۈرلۈك تەرىقەتلەرنى قۇرغان. ئۇ «ھىزبى شازلىي» دەپ ئاتالغان مەشھۇر ۋىرد، تەسەۋۋۇف ئادابىدا «ئەلئەمىن رىسالەسى»، «نۇزھەتۇل قۇلۇب ۋە بۇغيەتۇل مەتلۇب» (قوليازما) ۋە «ئەسسىررۇل جەلىل فىي خەۋاسسى ھەسبۇنەللاھۇ ۋە نىئمەل ۋەكىل» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇنىڭ ھىزبىگە رەددىيە يازغان. ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەيياد ئۇنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە «ئەلمەفاخىرۇل ئەلىييە فىلمەئاسىر ئەششازىلىييە» ناملىق كىتاب يازغان.
47. شەيخ شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ئەلمۇرسىي ئەلخەزرەجىي ئەلبەلەنسىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ المُرْسِيُّ الخَزْرَجِيُّ البَلَنْسِيُّ، ھ. 616 – 686/م. 1219 – 1287) ئەندەلۇستىكى مۇرسىيەدە تۇغۇلۇپ، مىسىر ئىسكەندەرىيەدە ياشىغان ئاتاقلىق مۇتەسەۋۋىف ۋە مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. قۇرئاننى يادلاپ تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تۇنىستا شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىيدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسكەندەرىيەگە بېرىپ، شەيخ تەقىيۇددىن ئەبۇلئھەسەندىن كېيىن شازىلىييە تەرىقەتىگە پىر بولغان. ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي، ياقۇت ئەلئەرشىي ۋە ئىمام بۇسايرىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئىسكەندەرىيەدە ۋاپات بولغان.
48. سۇيۇتىي: «ھۈسنۇل مۇھازەرە (حُسْنُ الْمُحَاضَرَةِ فِيْ تَارِيْخِ مِصْرَ وَالْقَاهِرَةِ)»، 2/66، دارۇ ئىھيائىل كۇتۇبىل ئەرەبىييە، قاھىرە.
49. سۇيۇتىي: يۇقىرىقى مەنبە، 2/105.
50. سۇيۇتىي: يۇقىرىقى مەنبە، 3/105.