(ھ. 164 – 241/م. 780 – 855)
[230] ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ 18 – يىلىدا كىشىلەر ھەدىس تەتقىق قىلىش، توپلاش، ئۇنى كىشىلەرگە نەقىل قىلىش ۋە سۈننەت فىقھىسىنى بايان قىلىشتىن باشقا ئىشى بولمىغان ئوتتۇرا ياش بىر ئەرنى كۆردى. كىشىلەر ئۇنىڭ قاتتىق خورلىنىۋاتقانلىقى ۋە قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كىشىلەر ئۇنىڭ دەرس مەجلىسىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، تۆمۈر كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەنگەنلىكىنى، دۈمبىسى يېغىر ھالدا، باغدادتىن خەلىفە مەئمۇننىڭ ھۇزۇرى تارسۇسقا قامچىلار بىلەن ھەيدىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاندىن ئۇ تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇلار ئۇنىڭغا دېگۈزمەكچى بولغان نەرسىنى، ئۇ «دىنىم دېيىشىمگە رۇخسەت قىلمايدۇ» دەپ قارىغان شۇ نەرسىنى ئۇنىڭ دېيىشىدىن ئۈمىد ئۈزگىچە، ئۇنى تۈرمىدە داۋاملىق ئۇردى. ئۇلار 18 ئاي بوشاپ قالماستىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، ئۇنى كۆندۈرەلمىدى. ئۇ قەتئىي بوي ئەگمىگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ زېرىكىپ، ئۇنى ئېغىر يارىدار ھالىتىدە چىقىرىۋەتتى. بۇ زۇلۇم – سېتەملەر ئۇنىڭ تېنىدا جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان بولسىمۇ يەنىلا داۋالىنىپ دەرسىگە قايتتى، لېكىن ئۇلار تا ئاللاھ قارا بۇلۇتلارنى كەتكۈزگۈچە، ئۇنى يەنە قايتىدىن تۈرمىگە ئېلىپ، دەرسىدىن چەكلىدى. ئەنە شۇ كىشى دارۇسسالام(1) ئىمامى، ئۆز دەۋرىدىكى فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ شەيخى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
[231] ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھ. 164 – يىلى باغدادتا تۇغۇلغان. ئۇ باغدادتا ياشىغان، ئوقۇغان ۋە باغدادتىن نامى تارالغان. ئانىسى ئۇنى دادىسى تۇرغان مەرۋەدىن ھامىلىدار ھالىتىدە باغدادقا ئېلىپ كەلگەن. ئۇ دادىسى تەرەپتىنمۇ، ئانىسى تەرەپتىنمۇ نەسەبى ئەرەبتۇر. ئاتا – ئانىسىنىڭ نەسەبى شەيبان قەبىلىسىگە تۇتىشىدۇ. شەيبان ئەدنان ئەرەبلىرىنىڭ رەبىئە قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، نەسەب جەھەتتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بوۋىسى نىزاردا پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ.ھەنبەل ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى بوۋىسىنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئىبنى ھىلالدۇر. ئائىلىسى دەسلەپتە خۇراساندا تۇرغان. چۈنكى، ئۇنىڭ بوۋىسى خۇراساننىڭ سەرەخس ۋىلايىتىگە ۋالىي ئىدى. ئاندىن ئۇنىڭ دادىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى ياكى قوماندانلىق دەرىجىسىگە يېقىن كېلىدىغان بىر ئەسكەر ئىدى.
بۇ ئائىلە ئەھمەدنىڭ تۇغۇلۇشىغا يېقىن باغدادقا كۆچكەندىن كېيىنمۇ، ئابباسىيلار خەلىفەلىكى بىلەن ئالاقىسى داۋاملاشقان. بۇ ئەمەلگە ئەھمەدنىڭ تاغىسى تەيىنلەنگەنىدى. چۈنكى، ئەھمەدنىڭ دادىسى مۇھەممەد باغدادقا كۆچۈپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئائىلىسى ھەقىقەتەن ھىممەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بىر ئائىلە بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇمەۋىيلەرنىڭ بىر ۋالىيسى ئىدى. ئاندىن ئۇ ئابباسىيلار ئىنقىلابىنىڭ ھەقلىق ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ۋە ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇمەۋىيلەرگە ئىشلەشتىن توختىغان ۋە ئابباسىي ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان. بۇ يولدا ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكەن. لېكىن، ئۇ چىدىغان. ئەھمەدنىڭ دادىسى سېخىي مەرد ئادەم ئىدى. خۇراساندىكى ئۆيىنى ئەرەب ئۆمەكلىرىگە ئوچۇق قوياتتى. ئۆمەكلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە چۈشەتتى. ئۇ ئۇلارغا زىياپەت بېرىپ، ئىززەت – ئىكرام كۆرسىتەتتى.
لېكىن، كىچىك ئەھمەد تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا دادىسىنى يوقىتىپ قويغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ دادىسىنى كۆرمىگەن، دادىسى ئۇ ئەقلىگە كەلمەستە تۈگەپ كەتكەن. تارىخچىلار ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 30 ياشتا ياشلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
[232] ئۇنىڭ تەربىيەسىگە ئانىسى ئىگە بولغان. تاغىسىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ئانىسى ئۇنى ئۆسمۈرلۈكىدىن باشلاپ ئىلىمگە ئاتىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىلىم ئوقۇش شارائىتى ھازىر ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ كانى ۋە پاناھگاھى باغدادقا بېرىپ توختىغان ئىدى. ھالبۇكى باغداد تۈرلۈك پەن – سەنئەتلەرگە باي شەھەر ئىدى. ئۇ يەردە قارىيلار ۋە مۇھەددىسلەر، تەسەۋۋۇف(2)چىلار ۋە تىلشۇناسلار، پەيلاسوپ ۋە دانىشمەنلەر بار ئىدى. چۈنكى، باغداد ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەختى بولغان ئىدى.ئەھمەد ئانىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۆدەكلىكىدىن تارتىپ ئىسلامنى ئۆگىنشكە يۈزلىنىپ، «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئالغان. ئۇ ئەرەب تىلى ۋە ھەدىسنى، ساھابەلەرنىڭ ۋە تابىئىننىڭ ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتى ۋە ئۇنىڭ سەپداش ساھابەلىرىنىڭ سىيرىتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ۋە ياشلىقىدا ئۇنىڭدا ئاق كۆڭۈللۈك، تەقۋادارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۇ بالىلار ئارىسىدا تەقۋادار بالا، ياشلار ئارىسىدا تەقۋادار ياش ئىدى. ئاندىن ئۇ ئوتتۇرا ياش ھالغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەل تۆلىگەن ۋە ئىرادىلىك تەقۋادارلاردىن باشقىسى كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر مۇشەققەتلەرنى تارتقان.
ئۇ بالىلار ئارىسىدا ۋەزمىن بالا ئىدى. ھالبۇكى باشقا بالىلار كۈلكە – چاقچاق قىلىشىپ ئوينايتتى. يېتىملىك ئۇنى سالماق، چىدامچان ۋە ئىشچان قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە قىلغان. باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ، بالىلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بەزى دادىلار ئۇنىڭ ئەدەب – ئەخلاقىدىن ھەيران قېلىپ: «مەن بالىلىرىمغا چىقىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەربىيەچىلەرنى ئەكىلىپ بېرىمەن. تەربىيەچىلەرنىڭمۇ پايدىسىنى كۆرمەيۋاتىمەن. بۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل يېتىم بىر بالا. قاراڭلار! نېمىدېگەن ئېسىل!» دېيىشكەن.
ئۇنىڭ ئوقۇشى
[233] كىچىك بالىغا چوڭ ئادەمنىڭ سىرى يوشۇرۇنغان ئىدى. ئائىلىسى ئىلىمگە ئاتىغاندىن كېيىن ئىلىمگە يۈزلەنگەن ئەھمەد چوڭ بولۇپلا، ئۆزى ئۈستىدە ئۆسكەن تەقۋادارلىققا مۇناسىپ كېلىدىغان بىر ئىلىمنى تاللىدى. ئۇ پەلسەپەنىمۇ، ماتېماتىكىنىمۇ تاللىماي، دىن ئىلمىنى تاللىدى. دىن ئىلىملىرى ئارىسىدىن يەنە شەھەرمۇشەھەر يۆتكىلىپ يۈرۈشكە موھتاج بولىدىغان ھەدىس ئىلمىنى تاللىدى. ھەدىس ئۇنى فىقھقا سۆرەپ كىردى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭ قەلبىدە بىرلا ۋاقىتتا فىقھ ۋە ھەدىس تەڭ مىقداردا جەملەشتى. بەزى ئالىملار: «ئۇنىڭدا ھەدىس تەرىپى كۈچلۈك» دەپ قارىغان، لېكىن ئۇنىڭدا ئىككىلى ئىلىمنىڭ جەم بولغانلىقى ئىجمائدۇر.ئەھمەد تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا تەقۋادارلىقى، ئىشچانلىقى، سەۋرچانلىقى ۋە ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ ئۇنىڭ كىچىكىدىن ئۆزىگە تايانغانلىقى، بالىلىقىدىن تارتىپ ئۆزىنى مۇستەقىل ھېس قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بۇ ھال ئۇنىڭ كىچىكىدىن ئالاقە قىلغان ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق ھەيسەم ئىبنى جەمىل: «بۇ ياش ياشاپ قالسا، زامانداشلىرىنىڭ ھۆججىتى بولىدۇ» دېگەن.
دېگىنىمىزدەك، ئىمام ئەھمەد دەسلەپكى ھاياتىدا ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان، توپلاپ يازىدىغان ۋە ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ھەدىس قالدۇرىدىغان بىر مۇھەددىس بولۇشنى تاللىغان. بەلكى ئۇ باشتا رىۋايەت(3) بىلەن دىرايەت(4)نى بىرلەشتۈرگەن فىقھقا يۈزلەنگەن ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ۋە شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ قازىسى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن ئىلىم ئالغان. لېكىن، ئۇ ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھەدىسىگە مايىل بولۇپ، ئۇنىڭ فىقھىسىغا مايىل بولمىغان. شۇڭا، ئۇ: «مەن ھەدىسلىرىنى يېزىۋالغان تۇنجى كىشى ئەبۇ يۈسۈفتۇر» دېگەن. يەنى ئۇ ئەبۇ يۈسۈفتىن ھەدىس ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن فىقھنى تېتىپ قالغان.
ئۇنىڭ ئەبۇ يۈسۈفتىن ئىلىم ئېلىشىدىن ئىبارەت بۇ رىۋايەتنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، ئۇنىڭ ئوقۇشنى فىقھ تۈرلىرى ئىچىدە راي فىقھىسىدىن باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. راي فىقھىسى ئىراققا ھۆكۈم سۈرگەن فىقھ بولۇپ، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ فىقھىسى شۇ خىل فىقھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، ئەبۇ يۈسۈف بۇنى ھەدىس تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. شۇڭا، ئۇ قىياسىي ئىستىنبات فىقھىسىنى ھەدىس بىلەن كۈچلەندۈرەتتى، ھەدىستىن ھۆكۈم ئىستىنبات قىلاتتى ۋە ھەدىستىن ئىللەتنى تەخرىج قىلاتتى، قىياس قىلاتتى ۋە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەد ھەدىس تەلەپ قىلىپ، فىقھ تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈردى. ھەدىس ئالىملىرى ئىسلام يۇرتلىرىغا چېچىلىپ كەتكەنىدى. باغدادتىمۇ، كۇفەدىمۇ، بەسرەدىمۇ، ھىجاز ۋە يەمەندىمۇ مۇھەددىسلەر بار ئىدى. ئىسلامىي يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق مۇھەددىسلەر بار ئىدى. ھەدىس تەلەپ قىلغۇچى مۇشۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىگە بىرمۇبىر سەپەر قىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭ ھەدىس تەلەپ قىلىشتىكى سەپەرلىرى
[234] ئۇ ھەدىس ئۆگىنىشنى ھ. 179 – يىلى يەنى 15 ياش ۋاقتىدىن باشلىدى. دەسلەپتە ئۇ باغدادتا ھ. 186 – يىلىغىچە يەتتە يىل ئەتراپىدا ھەدىس تەلەپ قىلىپ، باغدادتىكى ھەدىس شەيخلىرىدىن دەرس ئالدى. ئاندىن ھ. 186 – يىلى سەپەرلىرىنى باشلاپ، بەسرەگە سەپەر قىلدى، كېيىنكى يىلى ھىجازغا سەپەر قىلدى. ئاندىن بەسرە، كۇفە، ھىجاز ۋە يەمەنلەرگە ئارقىمۇئارقا سەپەر قىلدى.ئۇنىڭ سەپەرلىرى ھايات راۋىيلاردىن ئاغزاكى ھەدىس ئېلىش ئۈچۈن بولاتتى، رىۋايەتنى پۇختا تەكشۈرۈش ئۈچۈن، كىتابلاردىن نەقىل قىلىش بىلەن كۇپايىلەنمەيتتى.
تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بەسرەگە بەش قېتىم سەپەر قىلغان، ھىجازغا بەش قېتىم سەپەر قىلغان. ئۇنىڭ ھىجازغا قىلغان تۇنجى سەپىرى — ئىشارە قىلغىنىمىزدەك — ھ. 187 – يىلى بولغان. شۇ قېتىملىق سەپەردە ئۇنىڭ بىلەن ئىمام شافىئىي ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىش بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مەككەدە ھەرەم مەسجىدتە ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچراشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن باغدادتا ئۇچراشقان. ئۇ چاغدا شافىئىي ئۆزىنىڭ مەزھەبىنى تارقىتىش ئۈچۈن باغدادقا كەلگەنىدى.
ئىبنى كەسىر ئۇنىڭ قىلغان ھەججىنىڭ سانىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئۇ تۇنجى قېتىم 187 – يىلى ھەج قىلغان، ئاندىن 191 – يىلى، ئاندىن 196 – يىلى ھەج قىلغان ۋە 197 – يىلىغىچە ھەرەمدە قالغان، ئاندىن 198 – يىلى ھەج قىلىپ، 199 – يىلىغىچە ھەرەمدە قالغان. ئىمام ئەھمەد دەيدۇكى: ‹مەن بەش قېتىم ھەج قىلدىم، ئۈچ قېتىم ھەجگە پىيادە باردىم ۋە بۇ ھەجلەرنىڭ بىرىدە 30 دىرھەم خەجلىدىم، يەنە بىر ھەجدە مېڭىپ كېتىۋېتىپ يولدىن ئادىشىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە: ئەي ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ماڭا يولنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار، دېيىشكە باشلىدىم. نەتىجىدە يولنى تاپتىم›»(5).
بۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، ئۇ كۆپ ھەج قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەجگە بېرىشى پەقەتلا ھەج ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىشتىن ئىبارەت يەنە بىر ئوزۇق – تۈلۈك ئۈچۈن ئىدى.
ئۇ ھەدىس تەلەپ قىلىشتا قىيىنچىلىقلاردىن قاچمايتتى ۋە ھەدىس راۋىيلىرى نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قېشىغا باراتتى. ھەدىسكە مۇشەققەتسىز ئاسانلا ئېرىشىشتىن ھەدىس تەلەپ قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتىشنى ئەلا بىلەتتى. چۈنكى، ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ ھەج زىيارەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يەمەننىڭ سەنئا شەھىرىدىكى مەشھۇر مۇھەددىس ئابدۇرراززاق ئىبنى ھۇمامنىڭ قېشىغا ھەدىس ئېلىش ئۈچۈن بارماقچى بولىۋېدى، ئۇنىڭ ئىستىكى ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەجدە ئۇچرىشىپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن ھەدىس ئېلىش ئىمكانى بولغانىدى، لېكىن ئۇ ھەجدە ئەۋۋەلەن مەككە ۋە مەدىنە مۇھەددىسلىرىدىن ھەدىس ئېلىشنى، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھەدىس ئېلىشنى ئەۋزەل كۆردى. چۈنكى، ئۇ ساۋاب ئۈمىدىدە جاپاغا ئۆزىنى ئېتىپ، سەنئاغا بېرىشنى نىيەت قىلغانىدى.
ئۇ ھەقىقەتەن سەنئاغا قاراپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇنىڭغا ئاچلىق ۋە مۇشەققەت يەتتى. يولدا خىراجەت قىلغۇدەك نەرسىسى قالمىغاندىن كېيىن، سەنئاغا يېتىۋالغۇچە كارۋانلارغا ھامماللىق قىلدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولىۋېدى، ئۇ ئۆز كۈچى بىلەن سەپەر خىراجىتى تاپالايدىغان كۈچ – قۇۋۋەتنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، ياردەمنى رەت قىلدى.
ئۇ سەنئاغا كېلىپ، ئابدۇرراززاق بىلەن كۆرۈشكەندە، ئابدۇرراززاق ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇنى ئال، ئۇنىڭدىن پايدىلان، بىزنىڭ بۇ يەر تىجارەت ۋە كەسىپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر يەر» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىرنەچچە دىنارنى سۇنغانىدى، ئەھمەد: «مەن ياخشى، بولدى» دېدى ۋە ئىككى يىل بۇ مۇشەققەت ئىچىدە تۇردى. ئۇ زۇھرىي ۋە ئىبنى مۇسەييەبنىڭ يولىدىن بۇرۇن بىلمىگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىللىق جاپامۇ كۆزىگە كۆرۈنمىدى.
قەبرگە كىرگۈچە قەلەم بىلەن
[235] ئىمام ئەھمەد ھەدىس تەلەپ قىلىپ، ئىسلامىي دىيارلارنى كېزىپ چىققان بولۇپ، كىتاب سومكىسىنى دۈمبىسىگە يۈدۈۋالغاندىكى ھېرىپ – چارچاشلارغا پىسەنت قىلمايتتى. ھەتتا بىر سەپىرىدە ئۇنى بىر تونۇشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يادلىغان، يازغان ۋە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنىڭ جىق بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «بىردەم كۇفەگە، بىردەم بەسرەگە قاتنايسەن، قاچانغىچە قاتناپ يۈرىسەن؟!» دېگەنىدى(6). ئۇ: «قەبرگە كىرگۈچە قەلەم بىلەن بولىمەن» دېگەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن(7).ئىمام ئەھمەد ئەستە ساقلاش كۈچى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق ھەدىسلىرىنى توپلاپ يېزىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. چۈنكى، دەۋر توپلاپ يېزىش دەۋرى ئىدى. ئۇ دەۋردە فىقھ ۋە تىل ئىلىملىرى توپلاپ يېزىلغان. ھەدىس ئىلىملىرىمۇ توپلاپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن ئىمام مالىك «مۇۋەتتا»نى توپلاپ يازغان. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف «الآثار» نى توپلاپ يازغان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن يەنە بىر «الآثار»نى توپلاپ يازغان. شافىئىي ئۆزىنىڭ «ئەلمۇسنەد (المسند)»ىنى توپلاپ يازغان. ئەمدى ئۇمۇ ئاڭلىغانلىرىنى توپلاپ يېزىشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭدىن بىرەر ھەدىس سورىلىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئېسىدىن رىۋايەت قىلمايتتى، بەلكى يازغىنىدىن رىۋايەت قىلاتتى، ھەتتا ئىلىمدە پەللىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلاتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەرۋەلىك بىر ئادەم ئۇنىڭدىن بىر ھەدىسنى سورىۋىدى، ھەدىس ئىزدەش ئۈچۈن ئوغلى ئابدۇللاھنى «الفوائد» دېگەن كىتابىنى ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى، ئوغلى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى تۇرۇپ، كىتابنى ئەكەلدى. كىتاب بىرنەچچە قىسىم ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ ھەدىسنى ئىزدىدى(8).
فىقىھقا يۈزلىنىش
[236] ئۇ توپلىغان سۈننەت رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئۇ زاتنىڭ ساھابەلىرىنىڭ پەتۋالىرى، ھۆكۈملىرى، شۇنداقلا تابىئىننىڭ پەتۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ رىۋايەتلەر نەقىل قىلىنغان سۈننەت بولۇشتىن سىرت، ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر بىر فىقھ ئىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى قىلغان رىۋايەتلىرىدە ۋە ئۇنىڭغا شۇڭغۇشلىرىدا فىقھتىن، مەسئەلە ۋە پەتۋالاردىن ئاجرىغان دېيەلمەيمىز، بەلكى ئۇ ئاجرىماستىن فىقھقا باغلىنىقلىق ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ زور قىسمىنى رىۋايەتكە ئاجراتقان بولسىمۇ، رىۋايەتتە فىقھتىن ئاجرىغان ئەمەس ئىدى.ئۇ تۇنجى ئوقۇشىنى قازى ئەبۇ يۈسۈفتە فىقھ ئۆگىنىشتىن باشلاپ فىقھقا يۈزلەنگەن بولسا، قىرانلىقىغا يەتكەندە سۈننەت فىقھىسىغا يۈزلەنگەنىدى. سۈننەت فىقھىسى ئۇنى فىقھ ئىلمىغا تارتقان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ ئۇ مەككەدە شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچراشقاندا، شافىئىينىڭ ئەقلى ۋە ئۇنىڭ فىقھىي ئىستىنبات ئۈچۈن ئىنچىكە مىزانلارنى تۈزۈشى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا مۇنداق كەلگەن:
«ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ئېيتقانكى: ‹بىز سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ ھۇزۇرىدا ئەمر ئىبنى دىنارنىڭ ھەدىسلىرىنى يېزىۋېلىپ باراتتۇق، قېشىمغا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل كېلىپ، ماڭا:
— تۇرە ئى ئەبۇ ياقۇب! مەن ساڭا ئۆمرۈڭدە كۆرۈپ باقمىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن تۇردۇم، ئۇ مېنى زەمزەم قۇدۇقى سەيناسىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئۇ يەردە ئۈستىگە ئاق كىيىم كىيىۋالغان، بۇغداي ئۆڭلۈك، ۋەزمىن، ئەقلى كامىل بىر كىشى تۇرغان ئىكەن. ئەھمەد مېنى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا:
— ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇ ئىسھاق ئىبن راھۇۋەيھ ھەنزەلىي بولىدۇ، — دېۋىدى، ئۇ مېنى قارشى ئېلىپ، ماڭا سالام قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا سۆھبەتلەشتۇق. نەتىجىدە ئۇنىڭدىن مېنى ئەجەبلەندۈرگەن بىر ئىلىم ئېتىلىپ چىقتى. ئولتۇرۇشىمىز ئۇزىراپ كەتكەندىن كېيىن، ئەھمەدكە:
— بىزنى ھېلىقى سەن دېگەن ئادەمنىڭ قېشىغا ئاپارغىن، — دېگەنىدىم، ئۇ:
— ئۇ ئادەم مۇشۇ شۇ، — دېدى. مەن:
— سۇبھانەللاھ! ”بىزگە زۇھرىي مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن“ دەيدىغان بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن تۇرغىنىمدا سېنى زۇھرىيغا ئوخشاش ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرىنىڭ قېشىغا باشلاپ بارامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغانىدىم. سەن مېنى بۇ ياشنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپسەن، — دېدىم. ئۇ ماڭا:
— ئىلىمنى مۇشۇ كىشىدىن ئال، مەن ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان، — دېدى›».
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى قاتارىدا فىقھ ئىلمىنى ۋە رىۋايەت بىلەن بىللە ئىستىنباتنى ئۆگەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ باشتا ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن ئىلىم ئالغان، ئاخىرىدا ئىمام شافىئىيدىن ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن ئىلىم ئالغان. ئۇ ئىمام شافىئىي بىلەن ھ. 198 – يىلى ئۇچراشقان. ئىمام شافىئىي ئۇنىڭدىن ئۆزى مۇقىملاشتۇرغان مەسىلىلەرگە قارشى كېلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەدىسنى بايقىسا، ئۆزىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان. شافىئىي مىسىرغا يۆتكەلگەندە، ئۇنىڭ كەينىدىن مىسىرغا بېرىش نىيىتىدە بولغان، لېكىن پۇرسەت بولمىغان.
[237] دېمەك، ئىمام ئەھمەدتە ھەدىس، سۈننەت ۋە ئەسەرلەر فىقھ بىلەن بىرلەشكەن. مەيلى ئۇنىڭ فىقھ ئۆگىنىشى ھەدىس، سۈننەت ئۆگىنىشتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى ھەدىس، سۈننەتكە يۈزلىنىپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسە توپلىغاندىن كېيىن بولسۇن، ئۇنىڭ فىقھقا يۈزلەنگەنلىكى ئېنىقتۇر. بۇ مەسىلىدە مېنىڭ قارىشىم، ئۇ ئۆزى بىلىپ يەتكەن رىۋايەتلەردىكى فىقھنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان چاغدا تېرەن تەتقىقات بىلەن فىقھقا يۈزلەنگەن. ئۇ ھەقىقەتەن ساھابەلەر فىقھىسىنى ئۆگەنگەن ۋە «مۇسنەد» كىتابىدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، زەيد ئىبنى سابىت، رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفەسى ئەبۇبەكرى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!) لاردەك پەتۋا بېرىش بىلەن مەشھۇر بولغان ھەربىر مۇجتەھىد ساھابەگە بىردىن بۆلۈم ئاجراتقان. چوقۇمكى، ئۇ مۇشۇلارنىڭ فىقھىسىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ فىقھىسىنىڭ غايە – نىشانلىرىنى بىلىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن باشقا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس… رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدەك زاتلارنىڭ فىقھىسىنى تەتقىق قىلىش ئويغاق راۋىينىڭ ئەقلىنى بىلەپ، ئۇنىڭغا تېرەن فىقھىي قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەھكام ئىستىنبات قىلىش قائىدىسى بىلەن ئۇچراشقان. شەكسىزكى، بۇنداق بىر كىشى ھەقىقەتەن سۈننەت فىقھىسىدا ئېسىل بىر فەقىھ بولىدۇكى، قاراشلىرىدا شەرىئەتنىڭ داغدام يولىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن بولمايدۇ.ئاندىن ئۇ ساھابەلەرنىڭ فىقھىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بولدى قىلماستىن، تابىئىننىڭ فىقھىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ جىمى پەتۋالىرىنى تەتقىق قىلغان. ھالبۇكى تابىئىن ئىچىدە راي غالىب كەلگەنلەرمۇ بار، ئۇلار ئىچىدە يەنە (ئۇچرىغان مەسىلە ھەققىدە) بىرەر ھەدىس تاپالمىسا سۈكۈت قىلىدىغانلارمۇ بار. ئۇ تابىئىننىڭ فىقھىسىدا بىر فىقھىي توپلامنى تاپقان بولۇپ، ئۇ شۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە ئۇشبۇ فىقھىي توپلامنىڭ مېتودى بويىچە ھەم ساھابىلەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن رىۋايەت قىلىنغان فىقھىي توپلامنىڭ مېتودى بويىچە، كىتاب ۋە سۈننەتتىن ھېچقانداق نەسمۇ تاپالمىغان، بىرەر تابىئىن ياكى ساھابەنىڭ پەتۋاسىمۇ نەقىل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەھكامىنى ئىستىنبات قىلغان.
ئەھمەدنىڭ پارسچە بىلىدىغانلىقى
[238] ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئائىلىسى ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلىدار ھالەتتە باغدادقا كۆچتى ۋە ئانىسى ئۇنى باغدادتا تۇغدى. ئايان بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى خۇراساندا ئۇزۇن تۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئىشلىرى خۇراسانغا باغلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئائىلىدە پارس تىلى تونۇشلۇق بولغان. شۇڭا، ئەھمەدنىڭ پارسچە بىلىدىغانلىقى ۋە پارسچە سۆزلىگەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇنى زەھەبىي ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا رىۋايەت قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «ئۇنىڭ قېشىغا خۇراساندىن ھاممىسىنىڭ ئوغلى كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن. ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭغا تائام سۇنغاچ، ئۇنىڭدىن خۇراسان ۋە خۇراسان ئەھلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان ۋە ئۇنىڭغا پارسچە گەپ قىلغان»(9).زەھەبىي بۇ خەبەرنى ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى زۇھەيردىن رىۋايەت قىلغان. ئېيتىلىشىچە، زەھەبىي زۇھەيرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شۇڭا، بىزنىڭ بۇ خەبەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك بولدى. چۈنكى، ئۇ ئىمامنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىشەنچلىك بىر راۋىينىڭ خەبىرىدۇر. رەت قىلغۇدەك بىزنىڭ بىر دەلىلىمىز يوق. ئىشەنچلىك كىشىنىڭ خەۋىرى پەقەت ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك بىر دەلىل بىلەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك بىر خەبەر بىلەن رەت قىلىنىدۇ.
ئەھمەدنىڭ ھەدىس سۆزلەش ۋە پەتۋا بېرىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشى
[239] ئىمام ئەھمەد پۈتۈن ھەدىس ئەھلىدىن ھەدىس تەلەپ قىلدى. ئۇ باغداد، بەسرە، كۇفە، مەككە ۋە مەدىنە بىلەن چەكلەنمەستىن، يەمەنگىمۇ باردى ۋە ئۇستازى شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدىن مىسىرغىمۇ بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ ھەدىس بىلىدىغان بىرەر ئادەمنى ئاڭلاپ قالسىلا، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلدى.ئۇ رىۋايەت ئىلمى بىلەن كۇپايىلەنمىدى، بەلكى رىۋايەت ئۇنى چوڭقۇر فىقھقا باشلىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىلا فىقھ بىلەن تونۇشقانىدى. ئۇ دىنغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىلىملەرنى بىلدى. ئۇ ئىلىملەرنىڭ بەزىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىنچىكە چوڭقۇرلىدى. ئۇ ئىلىم بولسىمۇ كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمى، سۈننەت رىۋايەتى ۋە سۈننەت فىقھىسىدۇر.
بۇ ئالىمنىڭ ئەمدى ئالغاندىن كېيىن بېرىش، ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆگىتىش ۋاقتى كەلگەنىدى. لېكىن، ئۇ 40 قا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ھەدىس سۆزلەش ۋە پەتۋا بېرىشكە باشلىدى. بۇ جەھەتتە ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلغانمۇ؟ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر بولغان. 40 ياش ھاۋايى – ھەۋەسلەر ئازىيىدىغان، ئەقىل ۋە ئىرادە يۈكسىلىدىغان بىر ياشتۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ 40 ياشتا ئاندىن پەتۋا بېرىشنى باشلىغان.
ئىمام ئەھمەد بىزنى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بىھاجەت قىلغان. ئۇ شۇ توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى تىرىك ھالەتتە ھەدىس سۆزلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن بىرىنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن ئابدۇرراززاقتىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسنى ئۆگىتىپ قويۇشنى سورىغاندا، ئۇ ئابدۇرراززاق تېخى ھايات دەپ ئۇنىمىغان. بۇ ھەقىقەتەن روشەن دەلىلدۇر. چۈنكى، ئۇ ھ. 204 – يىلى پەتۋا بېرىش ۋە ھەدىس سۆزلەشنى باشلىغان. مۇشۇ يىلى ئىمام شافىئىي مىسىردا ۋاپات تاپقان. بۇ ئارقىلىق ئىمام ئەھمەدنىڭ جاۋابى تارىخىي رېئاللىق بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
بىز بۇ يەردە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ئۇ پەتۋا بېرىش، ھەدىس سۆزلەش ئۈچۈن ئولتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق ھەدىس ۋە پەتۋانىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان. بۇ دېگەنلىك «ئۇ 40 ياشتىن بۇرۇن سۈننەتتىن بىر دەلىلى بار ئىش توغرۇلۇق سورالسىمۇ جاۋاب بەرمەيتتى» دېگەنلىك بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش ئىلىمنى يوشۇرغانلىق بولىدۇ، جائىز ئەمەستۇر. دىن تەلىم – تەربىيەنى ۋاجىب قىلۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى تارقىتىشنى ۋاجىب قىلۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھ. 198 – يىلى، يەنى 34 يېشىدا خىف مەسجىدىدە بىر سوئال سورالغاندا، پەتۋا بەرگەن.
شۇڭلاشقا دەيمىزكى، ئىمام ئەھمەد 40 ياشتىن بۇرۇن پەتۋا بەرگەنىدى. چۈنكى، پەتۋادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. دېمەك، زۆرۈرىيەت ئۇنى شۇنىڭغا قىستىغان بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرگە دەرس بېرىشنى باشلىشىغا كەلسەك، ئۇ تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بوش ئورۇن بارلىقىنى ھېس قىلغىنىدا ۋە تەرىقەتى مۇھەممەدىيەگە ئەگىشىشنىڭ ئۆزىگە 40 ياشتىن كېيىن تەلىم ۋە پەتۋاغا يۈزلىنىشنى ۋاجىب قىلغانلىقىنى تۇيغىنىدا، ئاندىن 40 ياشتىن كېيىن مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ئولتۇرغان.
ئۇنىڭ ئىپپەتلىكلىكى، تەقۋادارلىقى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ فىقھ ۋە ھەدىس رىۋايەتى توغرىسىدا سوئال سوراپ كەلگەن. نەتىجىدە ئۇ مەسجىدتە ئولتۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە قىستالغان. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن ئىدى.
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ بېشىغا بىز تۆۋەندە بايان قىلىدىغان ئازار – كۈلپەتلەر كەلگەن. بۇ ئازار – كۈلپەتلەر ئۇنىڭ روھىنى تاۋلىغان ھەمدە ئۇنىڭ قانچىلىك چىدامچان ۋە بەرداشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. نەتىجىدە بۇ كۈلپەتلەر ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئۈستۈنلۈك قاتقان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ نەزەرىدىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى تونۇغان ۋە نامىنى يايغان. بەندە ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن كەمتەر بولغانسېرى، ئۇنىڭ دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ.
[240] ئۇنىڭ ئىلىم، زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىقتا نامى چىقىشى ئۇنىڭ دەرسىنىڭ ئاۋات بولۇشىغا سەۋەب بولدى. بەزى راۋىيلارنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئۇنىڭ دەرسىگە قۇلاق سالىدىغانلارنىڭ سانى بەش مىڭ ئەتراپىدا ئىدى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 چە كىشى ئاڭلىغانلىرىنى يېزىۋالاتتى. بىز بۇ ساننىڭ دەرسكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سانىمۇ بىلمەيمىز، لېكىن شۇنىڭغا يېقىن بولۇشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زور بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مۇنچە مىڭ دېگەن سان شەكسىزكى زورلۇققا دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى ئۇلار دېگەن ساننىڭ يېرىمىغا ياكى بەشتىن بىرىگە چۈشكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا چوڭ سان بولاتتى ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ باغدادتىكى ۋە ھەر خىل ئىسلامىي يۇرتلاردىن كېلىدىغانلارنىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ۋە يېزىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى ئىمام ئەھمەدتىن ھەدىس، سۈننەتنى رىۋايەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە يەنە ئۇنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلىدىغانلارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەككى، ئىمام ئەھمەدتە پەرھىزكارلىق ۋە پازىللىق، تەقۋادارلىق ۋە زاھىدلىق، چىدام ۋە سەۋر بار ئىدى. دېگىنىمىزدەك، بۇ سۈپەتلەر كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشقا قىزىقتۇرغان ئىدى. كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇملا ئۇنىڭ ئىلمىنى تەلەپ قىلغۇچى ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ دەرس مەجلىسىگە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ۋە ئۇنى تەۋەررۈك بىلىپ كېلىدىغانلارمۇ بار ئىدى، ئەلبەتتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئۇنىڭ ھالىنى بىلىشنى، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭ تۇتقان يولى، ئەدەب – ئەخلاقىنى كۆرۈشنى كۆزلەيتتى. ئىبنۇلجەۋزىينىڭ «مَنَاقِبُ أَحْمَدَ»دە ئىمام ئەھمەدنىڭ بەزى زامانداشلىرىنىڭ تىلىدىن: «مەن 12 يىل ئەبۇ ئابدۇللاھ (ئەھمەد) نىڭ قېشىغا بېرىپ كەلدىم، ئۇ بالىلىرىغا ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىدا، مەن ئۇنىڭدىن بىرمۇ ھەدىسنى يازمىدىم، مەن پەقەتلا ئۇنىڭ تۇتقان يولىغا ۋە ئەخلاقىغا قىزىقاتتىم» دېگەن(10).
ئايان بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئىككى دەرس مەجلىسى بولغان. بىرى ئۆيىدە، ئۇنىڭدا خاس شاگىرتلىرىغا ۋە بالىلىرىغا ھەدىس سۆزلەپ بېرەتتى. ئىككىنچىسى مەسجىدتە، ئۇنىڭغا ئاۋاملار ۋە شاگىرتلار ھازىر بولاتتى. ھەدىس يېزىۋالىدىغان شاگىرتلار مۇشۇ شاگىرتلار ئىدى. ئۇلار ئومۇمىي قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوندىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ.
زەھەبىي ئۇنىڭ مەسجىدتىكى دەرس ۋاقتىنىڭ ئەسىردىن كېيىن ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۇفە مەسجىدىدىكى دەرس مەجلىسىمۇ شۇنداق ئىدى. چۈنكى، ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت ئىستىراھەت ۋاقتى بولىدۇ، ئۇ يەنە كۆڭۈلنىڭ سۈزۈلىدىغان ۋە ھاياتلىق مەشغۇلاتلىرىدىن بىكار بولىدىغان ۋاقىتتۇر. كۆڭۈل ئارام ئېلىپ جۇشقۇنلاشقان ۋاقىتتىكى ھەدىس، پەتۋا ۋە دەرسلەر كۆڭۈلگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.
[241] ئىمام ئەھمەدنىڭ دەرسىدە كۆڭۈللەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرىدىغان مۇنداق ئۈچ ئىش كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى: ئۇنىڭ مەجلىسىنى كەمتەرلىك ۋە ئارامدىللىق بىلەن بىرگە، تەمكىنلىك ۋە سالماقلىق قاپلايتتى. ئۇ چاقچاق قىلمايتتى ۋە ئويناشمايتتى. چۈنكى، ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان يەردىكى ھەرقانداق چاقچاقتا بىر ئەقلىي كەمتۈكلۈك بار ۋە ھەرقانداق ئويۇندا قانداقلا بولمىسۇن بىر باتىل بار. ھازىر بولغانلار بۇ تەرەپنى بايقىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ مەجلىسىدە دەرس ئۆتمىگەن تەقدىردىمۇ چاقچاق قىلمايتتى. ئىبنى نۇئەيم خەلەف ئىبنى سالىمدىن رىۋايەت قىلىشىچە، خەلەف ئېيتقانكى: «بىز يەزىد ئىبنى ھارۇننىڭ مەجلىسىدە ئىدۇق، يەزىد چاقچاق قىلىۋېدى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل يۆتەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەزىد قولىنى پېشانىسىگە ئۇرۇپ: ‹ماڭا بۇ يەردە ئەھمەدنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويساڭلار بولماسمىدى، چاقچاق قىلمايتتىم ئەمەسمۇ!› دېدى»(11).ئۇنىڭ دەرسىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئىككىنچى ئىش: ھەدىسكە يۈزلىنىش بولسۇن ئۈچۈن، رىۋايەت قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنمىغۇچە ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلمايتتى. ھەدىس رىۋايەت قىلسا، پەقەتلا كىتابتىن رىۋايەت قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ راۋىيلارنىڭ ئاغزىدىن نەقىل قىلىپ يېزىۋالغان كىتابلاردىن رىۋايەت قىلاتتى، ئېزىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ زات دېمىگەن نەرسىنى رىۋايەت قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەس – خاتىرىسىگە تايانمايتتى. جىددىي ئېھتىياج بولۇپ، ھەدىسنىڭ نەسسىگە جەزم قىلالىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېسىگە تايىناتتى. ھەتتا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ كىتابقا قارىماستىن زىكىر قىلغان ھەدىسلەرنى ساناپ، ئۇلارنىڭ يۈز ھەدىستىن ئاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
زەھەبىينىڭ تارىخ كىتابىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتى مەرۋەزىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: «مەن ئۆزۈمنى ئەبۇ ئابدۇللاھ (ئەھمەد) نىڭ مەجلىسىدىنمۇ قىممەتلىكرەك بىر مەجلىستە كۆرۈپ باقمىدىم، ھالبۇكى ئۇ شاگىرتلىرىغا ئامراق، دۇنيا ئەھلىدىن يىراق ئىدى. ئالدىراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ناھايىتى كەمتەر ئىدى، ئۇنىڭغا سالماقلىق ۋە تەمكىنلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. ئەسىردىن كېيىن مەجلىسىدە ئولتۇرسا، سوئال سورالمىغىچە گەپ قىلمايتتى»(12).
ئەھمەدنىڭ دەرسىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئۈچىنچى ئىش: ئۇ يېزىۋېلىشتا پەقەت ھەدىسلەرنىلا يېزىۋېلىشقا رۇخسەت قىلاتتى، بەلكى ئۇ ھەدىس توپلاش ئۈچۈن يۇرتلارنى كېزىپ يۈرگەندە ھەدىس يېزىشنى ئۆزىگە تاڭغاندەك، شاگىرتلىرىغىمۇ تاڭاتتى.
ئەمما، پەتۋالىرىغا نىسبەتەن، ئۇنى نەقىل قىلىش ۋە يېزىشتىن توساتتى. ئۇ «يالغۇز دىن ئىلمىلا يېزىلسا بولىدۇ، دىن ئىلمى بولسا كىتاب ۋە سۈننەتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يېزىلمايدۇ» دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنىڭ پەتۋالىرىنى يېزىشتىن توساتتى. ئۇنىڭدىن بىر كىشى:
— ئىراق فۇقەھائلىرىدىن ئىبارەت راي ئەھلىنىڭ كىتابلىرىنى يېزىۋېلىشقا بولامدۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— ياق! — دەپ جاۋاب بەردى. سورىغۇچى:
— ئىبنى مۇبارەك يازدىغۇ؟! — دېۋىدى، ئۇ:
— ئىبنى مۇبارەك ئاسماندىن چۈشمىگەن، بىز پەقەت ئىلىمنى ئۈستتىن ئېلىشىمىزغا بۇيرۇلدۇق، — دېدى. ھەتتا ئۇ مۇھەددىسلەرنى ئىمام شافىئىينىڭ كىتابلىرىنى يېزىۋېلىشتىنمۇ توساتتى، ھالبۇكى ئىمام شافىئىي ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستاز ۋە شافىئىينىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدە يۈكسەك ئورنى بار ئىدى. چۈنكى، «ئۇ كىتاب ۋە سۈننەتتىن باشقا دىندىكى ھېچبىر ئىلىم توپلاپ يېزىلىشقا ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەقىل قىلىشقا لايىق ئەمەس» دەپ قارايتتى. ئۇ «ئادەملەرنىڭ سۆزلىرى ئۆز زامانلىرىغا خاس ۋە ئۆز دەۋرلىرىنىڭ مۈشكۈللىرىگە ئىلاج بولۇپ، كېيىنكىلەرگە يۆتكەشكە ئەرزىمەيدۇ، يۆتكەشكە ئەرزىيىدىغىنى پەقەت ‹قۇرئان› ئىلمىدۇر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ساھابەلەرنىڭ، تابىئىننىڭ ئىلمىدۇر» دەپ قارايتتى. شۇنداقلا ئۇ بۇنىڭ ئالىملارنى تەقلىد قىلىش ۋە ئادەملەرنىڭ ئىسمىغا ئەگىشىش بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى.
لېكىن، ئاللاھ تائالا ئىمام ئەھمەدنى ئۇ شۇنداق قاتتىق توسقان ئىشى بىلەن سىناپ، ئىشلارنى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ ئەكسىچە جارى قىلدۇردى. نەتىجىدە ئۇنىڭدىن شاگىرتلىرى توم – توم كىتابلارنى رىۋايەت قىلدى.
ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ مەجلىسىنى سەلەفلەر ئۆزلىرىنى بەند قىلغان ئىشلاردىن بۆلەك ئىش بىلەن بەند قىلمايتتى. سەلەفلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) ئۆزلىرىنى پەقەت كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمى بىلەن، پەتۋا بېرىش ۋە كىشىلەرگە كىتاب – سۈننەتتىن ئېلىنغان دىن ئىشلىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بەند قىلاتتى. چۈنكى، ئەقىدىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىن باشقا تايانچى يوق، ئەقىدىنىڭ كىتاب – سۈننەتتە سۆزلەنگىنى ئېتىقاد قىلىشقا تېگىشلىك ئەقىدىدۇر، ئەقىدىنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىن باشقا دەلىلى يوق. ھەرقانداق بىر ئىسلامىي ئىلىمنىڭ ئۇ ئىككىسىدىن باشقا مەنبەسى يوق. ئەقىدە نوقۇل ئەقىل ئارقىلىق تەتقىق قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ نەقىل ئارقىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ. نەقىلدىن باشقىسىغا ئەگىشىلمەيدۇ. ئۇنىڭ دەۋرىدە كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش يولىنى چىڭ تۇتماستىن، ئەقىدە بارىسىدا كالام جىقىيىپ كەتكەن، بەلكى ئۇلار ئەقىدە توغرىسىدا بىر قىسىم ئىشلارغا ئىچكىرىلەپ كەتكەن. مەسىلەن، «مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق»، «‹قۇرئان›دا زىكىر قىلىنغان ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىمۇ»، «‹قۇرئان› قەدىممۇ ياكى مەخلۇقمۇ» دېگەنگە ئوخشاش، ئۇندىن باشقا يەنە «كالام ئالىملىرى» دەپ ئاتالغان ئالىملار كوچىلىغان ئىشلارغا ئوخشاش.
ئىمام ئەھمەد بۇلاردەك قىلمايتتى ۋە دەرسىنى ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن ھېچنەرسە بىلەن مەشغۇل قىلمايتتى. ئۇلارنى ئازغانلار دەپ قارايتتى.
بىر ئادەم ئۇنىڭدىن ئەھلى كالام بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرىسىدا سوراپ خەت يېزىۋىدى، ئۇنىڭغا ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەپ يازدى:
«ئاللاھ ئاقىۋىتىڭنى ياخشى قىلغاي! بىز دەرسلىرىنى ئاڭلىغان ۋە قولىدا ئىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەر كالام (ئىلمى) نى ۋە ئازغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى يامان كۆرەتتى. ھەقىقەت ئاللاھنىڭ كىتابىدىكىگە تەسلىم بولۇشتا ۋە شۇنىڭغا قايتىشتىدۇر. بىز بۇنىڭدىن چەتنىمەيمىز. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى قالايمىقان قىلىدىغان بەزى ئىشلارنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كىتاب تۈزۈش بولسۇن، بىدئەتچىلەر بىلەن ئولتۇرۇش بولسۇن، ھەرقانداق يېڭىدىن پەيدا بولغان نەرسىنى يامان كۆرۈپ كەلگەن»(13).
بۇ بولسا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەسلىكىدۇر. شەكسىزكى، شۇ چاغدىكى ئابباسىيلار ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغان مەسلەك باشقىچە ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئابباسىيلار ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىدا ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مەئمۇن بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنى مۇئتەزىلەلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرى سانايتتى. مۇئتەزىلىلىك مەزھەبىنى ياقىلاش ئۈچۈن مۇنازىرىلەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى ۋە «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمەلەرنى ئۇيۇشتۇراتتى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەردىن ئىبارەت ئالىملارنى ئاشۇ گەپكە زورلاش ئىشى پەيدا بولغان. شۇ سەۋەبتىن، دارۇسسالام ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بېشىغا ئازار – كۈلپەتلەر كەلگەن.
ئازار – كۈلپەت ۋە ئۇنىڭ سەۋەب – باسقۇچلىرى
[242] «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى ھەققىدە گەپ كۆپىيىپ كەتكەن. بۇ مەسىلىنى ئۇمەۋىيلەر خانىدانىنىڭ خىزمەتكارلىرى قاتارىدا بولغان خرىستىيانلار ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇلارنىڭ بېشى يۇھەننا دەمەشقىي بولۇپ، بۇ كىشى ئىسلام دىيارلىرىدىكى خرىستىيان ئالىملىرى ئارىسىدا مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن شەكلەندۈرىدىغان مۇنازىرە ئۇسۇللىرىنى تارقاتقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى توغرىسىدا يالغان – ياۋىداقلارنى يايغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ «پەيغەمبەر زەينەب بىنتى جەھشكە ئاشىق بولغان» دەپ جۆيلىگىنىگە ئوخشاش. «قۇرئان كەرىم»دە ھەقىقەتەن «مەريەم ئوغلى ئىيسا ئاللاھ تائالانىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمەسى» دەپ كەلگەن. بۇ خرىستىيان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا «ئاللاھنىڭ كەلىمەسى قەدىمدۇر» دەپ تارقىتاتتى ۋە مۇسۇلمانلاردىن: «ئاللاھنىڭ كەلىمەسى قەدىممۇ ياكى قەدىم ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇلار: «ياق!» دېسە، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى مەخلۇق دېگەن بولاتتى. ئەگەر: ئۇلار «قەدىم» دېسە، بۇ خرىستىيان «ئىيسامۇ قەدىم (چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمەسى)» دەپ دەۋا قىلاتتى(14).شۇ سەۋەبتىن، «قۇرئان كەرىم مەخلۇق» دېگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكرىنى توسۇش ئۈچۈن پەيدا بولغان. بۇ گەپنى باشتا جەئد ئىبنى دىرھەم دېگەن، ئاندىن جەھم ئىبنى سەفۋان دېگەن، ئاندىن مۇئتەزىلەلەر دېگەن. بۇ پىكىرنى (خەلىفە) مەئمۇن قوبۇل قىلغان. ئۇ ھ. 212 – يىلى «قۇرئان كەرىم مەخلۇق» دېيىشنى ھەق مەزھەب دەپ ئېلان قىلغان ۋە مۇنازىرە سورۇنلىرىدا شۇنىڭغا چاقىرىشقا باشلىغان ھەم بۇ تېمىدا «كەسكىن ھۆججەت» دەپ قارىغان نەرسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەرنى ئەركىن قويۇپ بەرگەن ۋە كىشىلەرنى نېمە دېسە ئارىلاشماي، ئەركىن قويۇپ بەرگەن.
[243] لېكىن، ھ. 218 – يىلى (بۇ ئۇنىڭ ۋاپات بولغان يىلى) ئۇ كىشىلەرنى بۇ پىكىرگە كۈچ ئارقىلىق دەۋەت قىلىشنى ئويلاپ قالدى. غەلىتە يېرى، ئۇ بۇنى باغداد سىرتىدا تۇرۇپ باشلىدى. ھالبۇكى ئۇ مۇجاھىد ھالدا چىقىپ، رىققە دېگەن شەھەردە بىرقانچە خەت يازدى ۋە كىشىلەرنى «قۇرئان كەرىم مەخلۇق» دەيدىغان ئەقىدىنى قوبۇل قىلىشقا زورلاش ئۈچۈن، خەتلەرنى باغدادتىكى نائىبى ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىمغا يوللاشقا باشلىدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى، ئۇنىڭ كاتىبى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئاد مۇئتەزىلە پىرلىرىدىن بىرى ئىدى ھەمدە فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ قاتتىق رەقىبى ئىدى.بۇ مەسىلىدىكى دىنىي باستۇرۇش پىكرى شۇ گەپنى دېمەيدىغان ھەرقانداق كىشىنى دۆلەتتە ھېچبىر مەنسەپكە قويماسلىق، شۇنى دېمىگۈچە ھەرقانداق بىر دەۋادا گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەن باشلاندى. بىرىنچى خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«قازىلارغا شۇنى بىلدۈرگىنكى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆز ئىشىدا باشقىلاردىن ياردەم كۈتمەيدۇ ۋە رەئىييەتلىرىدىن ۋەزىپە بەرگەن كىشىلەر ئارىسىدا دىنىغا، تەۋھىدىنىڭ خالىس ۋە جەزمىيلىكىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلارغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە قوشۇلسا، ھىدايەت ۋە نىجات يولىدا بولسا، ئۇلارنى بۇيرۇغىنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەملەرنى قۇرئان ھەققىدىكى پىكرىنى سورىسۇن، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ھادىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ۋە ئۇنداق قارىمايدىغان ئادەملەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئالمىسۇن»(15).
بۇ خەتتىن كۆرىسىزكى، شۇ پىكىرنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ جازاسى مەھرۇم قىلىش جازاسى ئىدى، جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جازا ئەمەس ئىدى.
لېكىن، ئىش بۇ چەكتىلا توختىماستىن، ھەتتا ئۇلار ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنى سىناپ كۆرۈشكە، ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى قارىشىنى سوراشقا، ئەگەر ئۇلار شۇ پىكىر بويىچە جاۋاب بەرمىسە، پۇت – قولى باغلىنىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ لەشكىرى ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىش قاتارلىقلارغا بۇيرۇشقا يەتكەنىدى. بۇ خەتتە يەنە فەقىھ، مۇھەددىسلەرنى سىناپ كۆرۈش بۇيرۇقى بار ئىدى. ئۇلار ئىچىدىن شۇ گەپنى دېمىگەنلەر كىشەنلەر بىلەن باغلىنىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلاتتى. ئۇ پىكىرگە ئىقرار بولغان كىشى قويۇپ بېرىلىپ، پەتۋا بېرىش ۋە ھەدىس سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىناتتى.
خەلىفەنىڭ باغدادتىكى نائىبى بۇيرۇلغاننى ئىجرا قىلىشقا ئالدىراپ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنى كەلتۈردى ۋە ئۇلارنى تەلەپ قىلىنغان پىكىرگە ئىقرار بولمىسا ۋە ئىككىلەنمەستىن مەئمۇن توغرا كۆرگەن ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلمىسا، جازالىنىدىغانلىقى ۋە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نەتىجىدە ئۇلار تەلەپ قىلىنغان سۆزنى دېدى ۋە «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى شۇ مەزھەبنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئىچىدىن تۆت كىشىنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ مۇستەھكەم قىلدى. ئۇلار جۈرئەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇھەممەد ئىبنى نۇھ، قەۋارىرىي ۋە سەججادە قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پۇت – قوللىرى باغلىنىپ كىشەنلەندى. ئۇلار ئىشكەللەكلىك ھالەتتە كېچىنى ئۆتكۈزدى. ئەتىسى بولغاندا، سەججادە (خەلىفەنىڭ نائىبى) ئىسھاقنىڭ دەۋەت قىلغان پىكرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ئىشكەللىرىنى يېشىۋەتتى. ئەمدى ئۈچى قالغانىدى.
ئىككىنچى كۈنى ئۇلاردىن قايتا سوئال سورىلىپ، ئۇلاردىن جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىۋىدى، قەۋارىرىينىڭ ئىرادىسى بوشاپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ كىشەنلىرىنى يېشىۋەتتى. ئەمدى ئىككىسى قالدى، ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى. ئۇ ئىككىسى تارسۇستىكى مەئمۇن بىلەن ئۇچراشتۇرۇلۇش ئۈچۈن تۆمۈر كىشەنلەر بىلەن ھەيدەپ مېڭىلدى. يولدا ئىبنى نۇھ شەھىد بولدى.
ئەقىدىسى يولىدا ئازاب ۋە خارلىق چېكىۋاتقان يالغۇز ئەھمەدلا قالدى، لېكىن ئۇ ئەقىدىسى ئۈچۈن بۇ ئازاب ۋە خارلىقلارغا رازى ئىدى.
[244] ئۇلار يولدا كېتىۋاتقىنىدا، مەئمۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. لېكىن، ئۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىدىن كېيىنكى كىشىنىڭ داۋاملىق فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرنى سىناپ، ئۇلارنى «قۇرئان كەرىم مەخلۇق» دېيىشكە زورلىشى توغرىسىدا بىر ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. بۇ ۋەسىيەتتە مۇنداق دېيىلگەن:«ئۇشبۇ ۋەسىيەت مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ (مەئمۇن) ئىبنى ھارۇن رەشىدنىڭ ئۆز يېنىدىكىلەرنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ يازغان ۋەسىيىتىدۇر. ئۇ پۈتۈن يېنىدىكىلەرنى گۇۋاھچى قىلىپ، ئۇلار بىلەن شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ سەلتەنەتىدە ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى پىلانلىغۇچى يوقتۇر، ئۇ خالىقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەر مەخلۇقتۇر، قۇرئانمۇ بارلىق شەيئىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭغا خاس بىر شەيئىدۇر، ھېچ شەيئى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەستۇر».
ئۇ ۋەسىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭدىن كېيىن خەلىفەلىككە ئىگە بولغان قېرىندىشى مۇئتەسىمگە مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «ئەي ئەبۇ ئىسھاق! ماڭا يېقىن تۇر، كۆرۈۋاتقانلىرىڭدىن نەسىھەت ئال، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىدە قېرىندىشىڭنىڭ يولىنى تۇت».
شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەدكە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كېيىنچە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە ئازار – كۈلپەت ئىزچىل داۋاملاشتى. ئىسكەنجە مەئمۇننىڭ ۋاپاتى بىلەن تۈگىمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى ۋە بالايىئاپەتلىرى تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئېغىر باسقۇچقا كىرىشكە باشلىدى. كىشىلەرنى «قۇرئان» مەخلۇق دېيىشكە زورلاش ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىق تۇتۇش ھەققىدىكى ۋەسىيەت بىلەن بىللە ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئادنىڭ ۋەزىپىسىدە قالىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ۋەسىيەت بار ئىدى. بالاقازانىڭ يىلتىزى مۇشۇ كىشى بولۇپ، ئۇ ئەزىيەتكە كۈشكۈرتۈپ ۋەسۋەسە قىلغان ۋە شۇ توغرىدىكى خەتلەرنى يېزىشقا ئىگە بولغان. ئۇ ئۆلەر ھالەتتىكى مەئمۇننىڭ ئىرادىسىگە ئىگە بولىۋالغان، نەتىجىدە مەئمۇن ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇيرۇغان ۋە ۋەسىيەت قىلغىنى بويىچە ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.
[245] ئىمام ئەھمەد كىشەنلەر بىلەن باغلىنىپ ھەيدەپ كېتىلىۋاتقاندا، مەئمۇن ئۆلدى. مەئمۇننىڭ ئۆلگەنلىكى جاكارلىنىپ، باغدادقا قايتۇرۇلغان ئەھمەد ئۇنىڭ ھەققىدە بىر پەرمان چىققۇچە باغدادتىكى قاپقاراڭغۇ تۈرمىگە تاشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇئتەسىمنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئاپىرىلدى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلدى، بىراق ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇشنىڭمۇ، قورقۇتۇشنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. ھېچبىر گەپ ئۇنىڭغا كار قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇلار تەھدىتنى ئىجرا قىلىپ، ئۇنى قايتا – قايتا قامچىلاشقا باشلىدى ۋە ھەر قېتىمدا ئۇ ھوشىدىن كەتكۈچە قامچىلىدى. ئۇ ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن ئاندىن قامچىلاشتىن توختايتتى. ئۇلار ئۇنى قىلىچ بىلەن نوقۇيتتى، لېكىن ئۇ ھېس قىلمايتتى. ئۇلار يەنە تەكرار شۇنداق قىلاتتى. ئۇ مۇشۇ ئازابلار بىلەن قاماقتا 18 ئاي تۇردى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن، ئۇنى قويۇپ بەردى ۋە ئۆيىگە قايتۇردى. ھالبۇكى ئۇنىڭ بەدىنى يارىلار بىلەن توشۇپ، ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن، ئۇنىڭ مېڭىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى، لېكىن ئۇ غەلىبە قىلغان ئىدى.ئىمام ئەھمەد يارىسى ساقىيىپ، مەسجىدكە چىقالىغۇدەك بولغۇچە دەرستىن ۋە ھەدىس سۆزلەشتىن توختىدى. ساقايغاندىن كېيىن، ھەدىس سۆزلەشكە ۋە پەتۋا بېرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى. كىشىلەر تېخىمۇ بەك ھۆرمەت ۋە رىغبەت بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەندى.
مۇئتەسىمدىن كېيىن ۋاسىق كېلىپ — ھالبۇكى سىناپ كۆرۈش ۋەسىيىتى تېخىچە ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى — ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە قايتىدىن ئازار – كۈلپەت سالدى. لېكىن، ئۇ ئىمام ئەھمەدنى مۇئتەسىمنىڭ زامانىدىكىدەك قامچىلاشقا بۇيرۇمىدى. چۈنكى، ئۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە خەلىفەنىڭ زۇلۇم – سېتەم بىلەن قاپلانغان ئىدىيەسىنى تارقىلىشتىن توسۇپ قويىدىغانلىقىنى، پىكىرنى پىكىردىن باشقا نەرسىنىڭ ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلغاندا ئاۋام – خەلقنىڭ نەپرىتىگە ۋە يامانلىقنىڭ بېشى ئىبنى ئەبۇ دۇئاد «ئۈممەتنىڭ پۇچەكلىرى» دەپ ئاتىغان ھەقپەرۋەر ئالىملارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.
يېڭى كۈلپەت ئۇنى كىشىلەر بىلەن توپلىنىش، ھەدىس سۆزلەش ۋە پەتۋا بېرىشتىن چەكلەش بولدى. ئۇنىڭغا ۋاسىق: «ئەتراپىڭغا ھېچكىمنى توپلىمايسەن، مەن بار بىر شەھەردە مەن بىلەن تۇرمايسەن» دېدى. ئىمام ئەھمەد تاكى ۋاسىق ئۆلگۈچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. (ۋاسىقتىن كېيىن) مۇتەۋەككىل كېلىپ، ئازار – كۈلپەتنى يوقاتتى ۋە فەقىھ، مۇھەددىسلەرنى ئۆزىگە يېقىن قىلدى، مۇئتەزىلەلەرنى قوغلاپ، ئۇلارنى ئېرىشكەن ھوقۇقلىرىدىن ئايرىدى.
[246] تارىخ ئالدىدا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، فىتنە (ئەزىيەت) ئومۇميۈزلۈك بولغان، ئىمام ئەھمەد بىلەنلا چەكلەنمىگەن، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا فۇقەھائ ۋە مۇھەددىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتلىرىدىن بۇۋەيتىيمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. ئۇ مۇشۇ يولدا تۈرمىگە تاشلانغان.رىۋايەت قىلىنىشىچە، ۋاسىق ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھالەتتىن زېرىككەن. بۇ ئىش چاقچاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. چاقچاق قاتارىدا شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ۋاسىقنىڭ قېشىغا بىر كۈلدۈرگۈچى كىرىپ:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قۇرئان ئىشىدا سەۋر قىلغايلا، ئەلھۆكمۇ لىللاھ، — دېگەن. ۋاسىق:
— ۋاي ساڭا! قۇرئان ئۆلۈۋاتامدۇ؟! — دېگەن. كۈلدۈرگۈچى:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەرقانداق مەخلۇق ئۆلىدۇ. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قۇرئان ئۆلسە كىشىلەر تاراۋىھنى نېمە بىلەن ئوقۇيدۇ؟ — دېگەن. ۋاسىق كۈلۈپ كەتكەن ۋە ئېيتقانكى:
— ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن! تىلىڭنى يىغ».
دەمىرىي ۋاسىقنىڭ ئاخىرقى ھاياتىدا ئازار – كۈلپەت بېرىشتىن يانغانلىقىنى كۈچلەندۈرۈپ، مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «شۇ ئىسكەنجە تۈپەيلى ئازابلانغانلار قاتارىدا بولغان بىر شەيخ ۋاسىقنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى، ئۇنىڭ بىلەن ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئاد مۇنازىرىلەشتى. شەيخ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ مۇنداق دېدى: ‹سەن كىشىلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ، ئەبۇبەكرىمۇ، ئۆمەرمۇ، ئوسمانمۇ، ئەلىمۇ چاقىرمىغان بىر ئىشقا چاقىرىۋاتىسەن. سەن يا ”ئۇلار بۇنى بىلەتتى“ دېگىن، ياكى ”بىلمەيتتى“ دېگىن. ئەگەر ”ئۇلار بىلەتتى، سۈكۈت قىلغان“ دېسەڭ، ئۇلارغا راۋا بولغان سۈكۈت ساڭىمۇ، ماڭىمۇ راۋا بولىدۇ. ئەگەر ”بىلمەيتتى، مەن بىلدىم“ دېسەڭ، ئەي چۈپرەندىنىڭ بالىسى چۈپرەندە! سەن بىلگەن بىرنەرسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خۇلەفائى راشىدىنلار بىلمەي قالارمۇ؟!› ۋاسىق بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ۋە شۇ كەلىمەلەرنى تەكرارلاشقا باشلىدى، ئاندىن شەيخنى ئەپۇ قىلدى ۋە پىكرىدىن ياندى».
[247] مانا بۇ تەقۋادار ئىمامنى قىيناپ، 14 يىل پاراكەندە قىلغان ۋە ئازابلىغان پۈتۈن ئازار – كۈلپەت تارىخى ھەققىدىكى ئىبارىلەردۇر.بىراۋ دېيىشى مۇمكىن: «ئىمام ئەھمەد مادارا قىلىش يولىنى تۇتۇپ، زاھىردا ئۇلارنىڭ قارىشىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ‹توغرا› دەپ قارىغىنىنى كۆڭلىدە يوشۇرسا ئەۋزەل بولمامتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قوشۇلمىغانلىقتىن ھەدىس رىۋايەت قىلىش ۋە پەتۋا بېرىش ئىشلىرى توختاپ قالدى. بۇنىڭ زىيىنى ‹قۇرئان›نى مەخلۇق دېيىشنىڭ زىيىنىدىن ئېغىرراق بولۇپ، بۇ گەپنى دېيىش كۇفۇرلۇق بولمايدۇ، بەلكى دەلىللەش نۇقتىسىدىن شۇ گەپ توغرىراق بولۇشى مۇمكىن».
بۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن: «ئىسلام ئەھكاملىرى ئورۇنلىنىدىغان ئىسلام يۇرتىدا مادارا يولىنى تۇتۇش ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشقا زىت كېلىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش پەرز بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتەك ھەدىس ۋە پەتۋادا ئورنى بار كىشىلەرگە سۈكۈت ياراشمايدۇ، ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم. كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا مادارا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغاننىڭ ئەكسىنى سۆزلىسە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلەلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى روشەن ھەق دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق ئومۇميۈزلۈك تارايدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىمام ئەھمەدنىڭ (ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ) ئەزىيەتكە سەۋر قىلىشى ئۇنىڭدەك بىرىگە مۇۋاپىقتۇر، گەرچە بىز ئەۋۋەلەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايدىغان بولساقمۇ.
ئۇنىڭ «قۇرئان»نىڭ مەخلۇقلۇقى ھەققىدىكى قارىشى ۋە باشقىلارنىڭ قارىشى
[248] بىز ئۇنىڭ ۋە مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىنى تىلغا ئالماستىن، بۇ ئازار – كۈلپەتنىڭ گېپىنى تەرك ئېتەلمەيمىز.شۈبھىسىزكى، مۇئتەزىلەلەر مۇنداق قارايدۇ: «‹قۇرئان› مەخلۇقتۇر، بۇ، ‹قۇرئان›نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنى يارىتىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى قىلغان ۋە ئۇنى 23 يىلغا بۆلۈپ نازىل قىلغان ھەم ئۇنى ئىنساننىڭ قۇدرىتىدىن ئۈستۈن قىلغان. شۇڭا، ئىنسانلار بىر – بىرىگە ياردەملىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ھەرگىز كەلتۈرەلمەيدۇ». مۇئتەزىلەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتى مۇنداق ئۈچ تايانچقا تايىنىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقىدۇر. «قۇرئان»نىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرنەرسە بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
ئىككىنچى: «قۇرئان» ئىنسانلار سۆزلەيدىغان ھەرپ ۋە سۆزلەردىن تۈزۈلگۈچىدۇر. «قۇرئان» ھەرپ ۋە سۆزلەردۇر. ھەرپ ۋە سۆزلەرنىڭ مەخلۇق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، سۆز ۋە ھەرپلەر سۆزلەنگەن ۋە يېزىلغان چاغدا مەخلۇقلار بىلەن مەۋجۇد بولىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەگەر «قۇرئان» مەخلۇق بولمىسا ئىدى، چوقۇم قەدىم بولۇپ قالاتتى. چۈنكى، مەخلۇق بولمىغان نەرسىنىڭ ئىپتىداسى بولمايدۇ. ئىپتىداسى بولمىغان نەرسىنىڭ قەدىم بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن قەدىملەر كۆپىيىپ كېتىدۇ، خۇددى ناسارالار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئېيتقاندەك.
مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن مۇنداق دېيىلسىمۇ بولىدۇ: «يۇھەننا دەمەشقىي ‹ئىيسا ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمەسى ۋە روھى› دېگەن ئىبارە بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن ‹ئاللاھنىڭ كەلىمەسى ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر، قۇرئان ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر› دېيىلسە بولاتتى، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يولى توسۇلاتتى ۋە ئوق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايتاتتى. شۇنداق! ئۇلارنىڭ دەلىللىشى باتىلدۇر. چۈنكى، بۇ يەردە ‹ئىيسا ئاللاھنىڭ كەلىمەسى› دېگەننىڭ مەنىسى: ئىيسانى ئاللاھ تائالا ‹بارلىققا كەل› دېگەن كەلىمەسىنىڭ ئۆزى بىلەنلا ياراتقان. ئۇ شۇ ھامان بارلىققا كەلگەن. يەنى ئۇ تىرىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئادەت تەقەززاسى بويىچە يارىتىلمىغان. ئىيسا ئاللاھنىڭ روھى دېگەننىڭ مەنىسى: ‹ئاللاھ تائالا ئىيسانىڭ روھىنى ئۆزىنىڭ ئەمرى بىلەن پەيدا قىلغان، تىرىكلەرنى يارىتىشتا جارى بولىدىغان سەۋەبلەر بىلەن ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا سەۋەبلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئاللاھ تائالا سەۋەبلەردىن ئۈستۈندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر، قۇدرىتى ئۈستۈندۇر، ئىرادىسى كامىلدۇر›».
[249] مانا بۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىدۇر، دەلىلىمۇ روشەندۇر. ئۇنداقتا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى قانداق؟بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، باشتا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، ئىمام ئەھمەد بۇنىڭغا ئوخشاش سەلەف سالىھلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن!) كىرمىگەن مەسىلىلەرگە كىرىشنى توغرا كۆرمەيتتى. چۈنكى، ئۇ سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىلمىدىن باشقا بىر ئىلىمنى توغرا كۆرمەيتتى. سەلەف سالىھلەر نېمىگە كىرگەن بولسا شۇنىڭغا كىرەتتى. دىن ئىشلىرى ئىچىدە سەلەف سالىھلەر كىرمىگەن ئىشلارنى يۈز ئۆرۈشكە تېگىشلىك بىدئەت دەپ قارايتتى. بۇ مەسىلىمۇ سەلەف سالىھلەر كىرمىگەن ۋە كىرمەيدىغان بىر مەسىلە. ئۇ مەسىلىگە كىرىدىغانلار بىدئەتچىلەر بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىشى لايىق ئەمەس ئىدى.
بۇ جەھەتتىن، بەزى ئالىملار: «ئۇنى بۇ مەسىلىدە بىتەرەپتە تۇرغان ئىدى، مەسىلىگە كىرىشتىن ئۆزىنى تارتقان» دېگەن. ئۇلار بۇنى بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر گەپ بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «(مۇئتەسىمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگىنىمدىن كېيىن) ئېغىر كىشەنلەر بىلەن ئولتۇردۇم. بىر ھازا تۇرغىنىمدىن كېيىن، (ئۇنىڭغا):
— گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلامسەن؟ — دېدىم. ئۇ ماڭا:
— گەپ قىلىۋەر، — دېدى. مەن:
— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نېمىگە چاقىراتتى؟ — دېدىم. ئۇ:
— ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىراتتى، — دېدى. مەن:
— مەنمۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدىم»(16).
بۇ گەپ بىتەرەپتە تۇرۇشنى كۆرسەتسىمۇ، ئۇنىڭ يەنە: «كىمكى ‹قۇرئان مەخلۇق› دەيدىكەن، ئۇ جەھمىيدۇر، كىمكى ‹قۇرئان مەخلۇق ئەمەس› دەيدىكەن، ئۇ بىدئەتچىدۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار: «ئىمام ئەھمەد ‹قۇرئان› ئۆزىنىڭ ھەرپلىرى، كەلىمەلىرى، ئىبارىلىرى ۋە مەنىلىرى بىلەن مەخلۇق ئەمەس دەپ قارايتتى» دېگەن ۋە ئۇلار بۇنىڭغا خەلىفە مۇتەۋەككىل ئۇشبۇ مەسىلە توغرىسىدا سوئال سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ مۇتەۋەككىلگە يازغان بىر خېتىدە كەلگەن بەزى ئىبارىلەرنى دەلىل قىلغان. بۇ خەتتە يېزىلىشىچە: «ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ / ئەگەر مۇشرىكلەردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن﴾(9/«تەۋبە»: 6). يەنە ئېيتقانكى: ﴿أَلَا لَهُ ٱلۡخَلۡقُ وَٱلۡأَمۡرُۗ / پۈتۈن يارىتىش ۋە بۇيرۇش ئاللاھقا خاستۇر﴾(7/«ئەئراف»: 54). ئاللاھ ‹يارىتىش› دېگەندىن كېيىن، ‹بۇيرۇش› دېدى. دېمەك، ئاللاھ ‹بۇيرۇش›نىڭ ‹يارىتىش› تىن باشقا بىرنەرسە ئىكەنلىكىدىن خەبەر بەردى».
بۇ مەزكۇر خەتتە كەلگەن سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى. ئۇ يارىتىش بىلەن بۇيرۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئارقىلىق «قۇرئان»نىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى، كالامى ۋە ئىلمى ئىكەنلىكىگە، «قۇرئان»نىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى قاتارىدىن ئەمەسلىكىگە ئىشارە قىلغان بولسا كېرەك. بۇنىڭغا بىنائەن، «قۇرئان» ئۇنىڭ نەزەرىدە مەخلۇق سانالمايدۇ.
بۇ خەتتە يەنە: «ھەقىقەتەن سەلەفلىرىمىزدىن ئىبارەت ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپىدىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنغانكى، ئۇلار: ‹قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، مەخلۇق ئەمەس› دەيتتى. مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، مەن كالام ئەھلى ئەمەس، بۇنداق بىرنەرسە توغرۇلۇق گەپ قىلىشنى توغرا كۆرمەيمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ كىتابى ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى، ياكى ئۇنىڭ ساھابەلىرىنىڭ، ياكى تابىئىننىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا گەپ قىلىمەن، ئەمما بۇنىڭدىن باشقىسى توغرىسىدا گەپ قىلىش ياخشى ئەمەس» دەپ يېزىلغان.
بۇ خەتنى ئۇ ئازار – كۈلپەتلەردىن كېيىن ۋە كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن يازغان. بۇ خەتتە مۇددىئا ئوچۇق يورۇتۇلغان. شەكسىزكى، بۇ سۆز «ئىمام ئەھمەد قۇرئان مەخلۇق ئەمەس دېگەن قاراشقا بېرىپ توختىغان» دەپ قارىغانلارنىڭ گېپىنى ئاقلايدۇ.
[250] بىز ئىككى قاراشنى ماسلاشتۇرۇپ قارىغىنىمىزدا، مۇنداق ئىككى ھەقىقەتنى كۆرىمىز:بىرىنچى: ئىمام ئەھمەد دەسلىپىدە «قۇرئان» مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەس دېيىشتىن بىتەرەپتە تۇرغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ بۇنى بىدئەت دەپ قارىغان. لېكىن، ئۇ ئازار – كۈلپەت يوقىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىتەرەپلىكىدە داۋام قىلالمىغان، بەلكى ئىككى يۆنىلىشنىڭ بىرىنى قوللاپ، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەۋەككىل ئۇنىڭدىن شۇنى تەلەپ قىلغان، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىدە ساغلامراق بولغان قاراشنى تاللىغان. ئۇ بولسىمۇ «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى. بۇنىڭ مەنىسى «قۇرئان قەدىم» دېگەنلىك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ «قۇرئان»نىڭ قەدىم ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان. لېكىن، ئۇ «قۇرئان مەخلۇق» دېيىشتىن ئۆزىنى پاك تۇتقان. چۈنكى، «قۇرئان» ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىندۇر. چۈنكى، ئاللاھ «قۇرئان»نى ئۆزىنىڭ مەخلۇقى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كالامى ۋە بۇيرۇقى سۈپىتىدە ئۆزىگە نىسبەت بەرگەن.
بىز ئىختىلاپنىڭ ئاتالغۇ ھەققىدىكى ئىختىلاپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتسەك، بۇ كىچىككىنە ئىختىلاپ بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئاتالغۇ مەسىلىسى شۇنچىۋالا ئازار – كۈلپەتكە سەۋەب بولغان.
ئىككىنچى ھەقىقەت: ئىمام ئەھمەد ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ تېمىغا كىرىشتىن توساتتى. ئۇ مەئمۇنغا يازغان خېتىنىڭ بېشىدا ساھابە كىراملاردىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كۆپلىگەن رىۋايەتلەرنى رىۋايەت قىلغان. مەسىلەن، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «لا تُمَارُوا فِي الْقُرْآنِ، فَإِنَّ الْمِرَاءَ فِيهِ كُفْرٌ (قۇرئان ھەققىدە دەتالاش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، قۇرئان ھەققىدە دەتالاش قىلىش كۇفۇرلۇقتۇر)» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(17)).
ئۇ بۇ ھەقتە يەنە شۇنداق رىۋايەت قىلغانكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئالدىراپ «قۇرئان» ھەققىدە گەپ قىلىشتىن قورقاتتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى (ئۆمەر) ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سورىۋىدى، ئۇ: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ھەرقاچان كىشىلەر بۇنداق ئالدىرىسا، ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ، ھەرقاچان ئاچچىقلانسا جاڭجاللىشىدۇ، ھەرقاچان جاڭجاللاشسا ئىختىلاپلىشىدۇ، ئىختىلاپلاشسا ئۇرۇشىدۇ» دېگەن. ئىمام ئۆمەر: «ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇشۇنداق دېيەلمەي تۇراتتىم، بۇنى سەن دېدىڭ» دېگەن.
بۇ ئارقىلىق ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزقارىشى توغرىسىدىكى گەپتىن شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى، ئۇ «قۇرئان مەخلۇق ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئۇنىڭ «قۇرئان»نى قەدىم دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نەرسە يوق. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنداقمۇ دېگەن كىشىلەر مەۋجۇد بولغان. ئىمام ئەھمەد «بۇنىڭغا ئىچكىرىلەپ كىرىشنى دۇرۇس ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئەگەر مۇتەۋەككىل ئۇنىڭدىن ئۆز قارىشىنى ئىزھار قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۆزىگە بۇ تېمىغا كىرىشنى راۋا كۆرمىگەن بولاتتى. نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنىڭ «قۇرئان مەخلۇق ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى، سەلەفلەردىن ئۇلارنىڭ «قۇرئان»نى مەخلۇق دېگەنلىكى كەلمىگەن. چۈنكى، «قۇرئان» ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئالاقىداردۇر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇشى يارىتىشىدىن باشقا ئىشتۇر.
لېكىن «قۇرئان» قەدىممۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن شۇنداق دەيمىزكى، «قۇرئان»نىڭ ئىككى تەرىپى بار:
بىرىنچىسى: ئۇنىڭ مەنىلىرى. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلىي ئىلمىغا ئالاقىداردۇر. چۈنكى، «قۇرئان» ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمى بولسا قەدىمدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى قەدىمدۇر.
ئىككىنچىسى: «قۇرئان»نىڭ لەفزلىرى ۋە ھەرپلىرى. بۇلارنى ئاللاھ ئىشەنچلىك روھ جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى قىلغان. ئۇلارنى جىبرىل ئەلەيھسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئوقۇپ بەرگەن. ئۇلارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرگە ئوقۇتقان، بۇلار تابىئىنگە ئوقۇتقان. مۇشۇنداق ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن «قۇرئان»نىڭ لەفز ۋە ھەرپلىرى مۇتەۋاتىر بولغان. بىز «مۇشۇ (لەفز ۋە ھەرپلەر) نى ئاللاھنىڭ مەخلۇقى» دەپ قارايمىز. بۇ، «قۇرئان»نىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ. «قۇرئان» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق بىر مۆجىزىسىدۇركى، پەيغەمبىرىمىز مۇشرىكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىن ئون سۈرىنى، ياكى بىر سۈرىنى — توقۇپ بولسىمۇ — كەلتۈرۈپ بېقىشلىرى توغرىسىدا رىقابەت ئېلان قىلغان، ئۇلار ئاجىز كەلگەن.
ئىمام ئەھمەدنىڭ تۇرمۇشى
[251] ئىمام ئەھمەدنىڭ ھاياتىنى، بېشىغا كەلگەن ئازار – كۈلپەتلەرنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ رىزىق مەنبەسى ۋە تۇرمۇشىنى، ئۇ كەڭ تۇرمۇشتا ياشىغانمۇ ياكى تار تۇرمۇشتا ياشىغانمۇ، خەلىفەلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئاتا – ئېھسانلىرىنى قوبۇل قىلامتى، دېگەنلەرنى تىلغا ئالمىدۇق. بۇ، جاۋاب بەرمەي بولمايدىغان سوئاللاردۇر.ئىمام ئەھمەد كەمبەغەلچە تار تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، باي – باياشات ئەمەس ئىدى. پۇل – مېلىنىڭ مەنبەسىنى بىلمەيدىغان پۇلدار بولۇشتىن گادايلىقنى ئەلا بىلەتتى، شۇنداقلا ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ، مىننەت قىلىشىدىن سەسكىنەتتى.
ئۇ كۆپىنچە ھالەتتە ئوزۇق – تۈلۈكىنى ئۆز كۈچى بىلەن ئىشلەپ تېپىشقا ياكى يولدا ئۈزۈلۈپ قېلىپ خەجلىگۈدەك بىرنەرسىسى بولمىغاندا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۇ ئاتا – ئېھسان قوبۇل قىلىشتىن جاپا چېكىشنى ئارتۇق كۆرەتتى. ئىپپەتلىك ۋە غۇرۇرلۇق ئىمام ئەھمەد مۇشۇنداق قاتتىقچىلىقتا تۇرۇپمۇ بەدىلىنى ئۆتەشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئاتا – ئېھسانلارنى قوبۇل قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى خار قىلماي، كۈچىنى خار قىلاتتى. ئەنە شۇ ئۇنىڭ دائىملىق ئەھۋالىدۇر.
ئۇنىڭ ئادەتتىكى رىزىق مەنبەسىگە كەلسەك، ئۇ دادىسى قالدۇرغان بىر جاينىڭ كىرىمى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئىبنۇلجەۋزىينىڭ «مەناقىب» كىتابىدا مۇنداق كەلگەن: «ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دادىسى توقۇمخانىلارنى قالدۇرغان. ئۇ شۇ توقۇمخانىلارنىڭ كىرىمى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى ۋە ئۇنىڭ ئىجارىسى بىلەن باشقىلاردىن ئۆزىنى پاك تۇتاتتى».
باشقا كىتابلاردا «دۇكانلار» دەپ ئىپادىلەنگىنى مۇشۇ توقۇمخانىلار بولسا كېرەك. ئەبۇ نۇئەيمنىڭ «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» ناملىق كىتابىدا كېلىشىچە: «ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ بىر قايچىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن، ئاندىن ئۇنىڭ جايىنى ئىجارە ئالغان بىر كىشى كېلىپ، قايچىنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ بەرگەن. چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەبۇ ئابدۇللاھ (ئىمام ئەھمەد) يېرىم دىرھەم ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق، ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇلنى ئۇنىڭغا سۇنغان. ئۇ كىشى: ‹قايچا بىر قىيراتقا توغرا كېلىدۇ، بولدى ھېچنەرسە ئالمايمەن› دېگەن. بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئەھمەد ئۇنىڭغا: ‹ئۈستۈڭدە دۇكاننىڭ قانچىلىك ئىجارىسى بار؟› دېگەن. ئۇ: ‹ئۈچ ئايلىق ئىجارىسى› دېگەن. ھالبۇكى دۇكاننىڭ ئايلىق ئىجارىسى ئۈچ دىرھەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەد بۇنى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنىڭ بەدىلى قىلىپ: ‹رازى بولۇپ كەتتىم› دېگەن».
بۇ قىسسەدىن كۆرىسىزكى، ئەنە شۇ غۇرۇرلۇق ۋە ئىپپەتلىك ئىمام ئەھمەد باشقىلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىگە لايىق رەۋىشتە ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ شۇ ئىجارە ئالغۇچىدىن بۇ ئادەمگەرچىلىكنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئايلىق ئىجارە پۇلنى تۆلەشتىن ئاجىز كەلگەن كەمبەغەل ھاجەتمەن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن ئۆتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قايتۇردى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ بۇ تۇرمۇش كىرىمىنى ئىبنى كەسىر 17 دىرھەم دەپ مۆلچەرلىگەن. مۇشۇنى ئۇ ئائىلىسىگە خەجلەيتتى ۋە شۇنىڭغا جاپادا قانائەت قىلاتتى. ئۇنىڭ قىلغان سەبرى ۋە شۈكرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
شەكسىزكى، بۇ كىچىككىنە كىرىمدۇر. مەيلى ئىبنى كەسىر رىۋايەت قىلغان شۇ مىقدار توغرا بولسۇن، يا توغرا بولمىسۇن، خەبەرلەردە بىردەك ئۇنىڭ ئەگەر زىيادە قانائەت ۋە سەبر بولمىسا، ھاجىتىغا يەتمىگۈدەك ئازغىنە كىرىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
[252] ئۇ ئاز مىقداردىكى بۇ پۇل – مالغا قانائەت قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى ۋە ھېچكىمدىن ئاتا – ئېھسان ئېلىشقا ۋە ياردەم قوبۇل قىلىشقا رازى بولمايتتى.شۇ ئازغىنە كىرىم مەنبەسى ئۇنىڭغا دال بولمىغان چاغدا، ئۇ تۆۋەندىكى ئۈچ چارىنىڭ بىرىنى قوللىناتتى:
بىرىنچى چارە: قەرز سوراش. ئۇ شۇ ئازغىنە كىرىمنىڭ يېقىندا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان چاغدا، باشقىلاردىن قەرز سورايتتى، بىراق ئۇ بېرىدىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە قەرز بېرىدىغانلىقى، ئاتا – ئېھسان بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلايتتى. ئۇ بۇ چارىنى يۇرت ئىچىدە قوللىناتتى، يۇرت تېشىدا سەپەردە قوللانمايتتى. ئۇ پەقەت پۇل – مېلىنىڭ پاكلىقى، شەكسىز ھالاللىقىنى بىلىدىغان تەقۋادار كىشىلەردىن قەرز سورايتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ بىر قېتىم بەزى زامانداشلىرىدىن 200 دىرھەم قەرز ئالغان، ئاندىن ئۇنىڭ قېشىغا قەرزنى قايتۇرۇپ بەرگىلى بارغان. ئۇ كىشى:
— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! مەن ئۇنى سەندىن ئېلىشنى نىيەت قىلىپ بەرمىدىم، — دېگەندە، ئىمام ئەھمەد:
— مەن ئۇنى ساڭا قايتۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئالدىم، — دېگەن.
ئىككىنچى چارە: ئىشلەشكە ئاتلىنىش ۋە قانداق ئىش بولسا، ئىشلەشنى تۆۋەن كۆرمەسلىك. كىشىنى خار قىلماي ئەزىز قىلسىلا، ھەرقانداق بىر ئىش ئۆز زاتىدا شەرەپلىكتۇر. ئىنساننى كىشىلەرنىڭ پارچە – پۇرات ئېشىندىلىرىنى ئىستېمال قىلىش خارلىقىدىن قۇتقۇزىدىغانلا بولسا، دىن يول قويىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى تۆۋەن كۆرۈشكە بولمايدۇ. بىز ئۇنىڭ يولدا ئۈزۈلۈپ قالسا، ياللىنىپ ئىشلىگەنلىكىنى كۆردۇق. يەنە قىسىنچىلىقتا قالغاندا، سەپەردە ئىش ھەققى ئېلىپ كۆچۈرگۈچىلىك قىلغانىدى. ئىمام زەھەبىينىڭ تارىخ كىتابىدا يېزىلىشىچە:
«بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بار ئىدى، بىزگە بىر كىتابنى كۆرسەتتى ۋە:
— بۇ خەتنى بىلەمسىلەر؟ — دېدى، بىز:
— بۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ خېتى، بۇنى ساڭا قانداق بولۇپ يېزىپ بەردى؟ — دېدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:
— بىز مەككەدە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ قېشىدا تۇرغان ئىدۇق. بىرقانچە كۈن ئەھمەدنى يوقىتىپ قويدۇق، ئاندىن بىز ئۇنى سوراپ (ئۆيىگە) كەلدۇق. قارىساق، ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن: ‹نېمە بولدى ساڭا› دېدىم. ئۇ: ‹كىيىمىم ئوغرىلاندى› دېدى. مەن: ‹مەندە دىنار بار، خاھلىساڭ، سىلە – رەھىم قىلاي، خاھلىساڭ قەرز بېرەي› دېسەم، ئۇ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: ‹ئەمىسە، ئىش ھەققى بېرەي، ماڭا بىر كىتابنى كۆچۈرۈپ بېرەمسەن؟› دېدىم. ئۇ: ‹ماقۇل› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر دىنارنى چىقاردىم. ئۇ ئېلىشقا ئۇنىماي: ‹ماڭا رەخت ئېلىپ، ئۇنى بىر قۇر كىيىم قىلىپ بەرگىن ھەمدە ماڭا بىر قەغەز ئەكىلىپ بەرگىن› دېدى. مەن ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدىم ۋە بىر قەغەز ئەكىلىپ بەردىم، ئاندىن ماڭا مۇشۇنى يېزىپ بەردى»(18).
گاھىدا ئۇ ئىشتانباغدەك توقۇلمىلارنى توقۇپ جان باقاتتى. ئىمام زەھەبىي ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«مەن ۋە ئەھمەد يەمەندە ئابدۇرراززاقنىڭ يېنىدا دەرس ئېلىۋاتقان ئىدۇق، مەن ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە، ئۇ تۆۋىنىدە تۇراتتى. مەن بىر يەرگە بارسام، بىر دېدەك سېتىۋالاتتىم. ئەھمەدنىڭ خەجلەيدىغىنىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، (دېدەك سېتىۋالماقچى بولغان پۇلۇمنى) ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، ئۇ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: ›خاھلىساڭ قەرز بېرەي، خاھلىساڭ سىلە – رەھىم قىلاي‹ دېدىم، ئۇ ئۇنىمىدى. قارىسام، ئۇ ئىشتانباغ توقۇپ سېتىپ، خىراجەت قىلىۋاتقان ئىكەن»(19).
ئۈچىنچى چارە: مۇباھنىڭ ھۆكمىدە بولغان ئېڭىزلارنى تېرىۋېلىش. ئەنە شۇ مۇھەددىس ئۇلۇغ ئالىم يۈك – تاقىسىنى دولىسىغا ئارتاتتى – دە، بېرىپ، زېمىندا مۇباھ ھالدا تاشلاپ قويۇلغان زىرائەت قالدۇقلىرىنى يىغاتتى. ئۇ رۇخسەتسىز ھېچكىمنىڭ يېرىگە كىرمەيتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ: «پىيادە چېگرا تەرەپكە چىقىپ، ئېڭىز تەردىم. بىرنەچچە ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقلىرىنى بۇزۇۋېتىپ بارغانلىقىنى كۆردۈم. رۇخسەتسىز بىركىمنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىش ھېچكىمگە راۋا بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ(20).
ئۇنىڭ خەلىفەلەرنىڭ ئاتاسى ۋە مەنسىپىنى رەت قىلىشى
[253] مانا بۇ ھاياتىدىلا نامى شەرق ۋە غەربكە پۇر كەتكەن، ۋاپاتىدىن نەچچە ئەسىر كېيىنمۇ ئەۋلادلار ئەسلەپ كېلىۋاتقان، ئىلىمدىن ئىبارەت ئەنە شۇ قىممەتلىك مىراسنى قالدۇرۇپ، دۇنيالىق ھېچبىرنەرسە قالدۇرمىغان ئىمام ئەھمەد بولۇپ، ئىش – ئەمگەك ئۇنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ قويمىدى، بەلكى ئەۋلادلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئۈستۈنلۈك قوشتى. گەرچە ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ماددا ئىگىلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېلىھەم روھىي ۋە ئەقلىي مەنىلەرنى قەدىرلەپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۇ مەنىلەرنى ئۆزلىرىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئاجىز كەلسە، گەر ئۇلاردا ئازراق ئىنساپ ۋە ئازراق ئادىمىيلىك بار بولسا، باشقىلاردىكى شۇ مەنالارغا قىزىقىدۇ. بىز ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى ئىشتىن ئۆزىنى پاك تۇتقانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ:بىرىنچىسى: ھوقۇق – مەنسەپ تۇتۇش؛
ئىككىنچىسى: بىرەر ۋالىي ياكى خەلىفەدىن ئاتا – ئېھسان قوبۇل قىلىش.
ھوقۇق – مەنسەپكە ئالاقىدار مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئىمام شافىئىي ھ. 195 – يىلى ئەتراپىدا باغدادقا كەلگەن چاغدا — بۇ كېلىشىدە ئۇ باغدادتا تۇرۇپ، مەزھەبىنى تارقاتقان ئىدى — ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭ مەجلىسىنى لازىم تۇتقان. ئەھمەد ئۇنىڭدىن ئايرىلمايتتى، پەقەتلا باغدادنىڭ تېشى ياكى ئىچىدە ھەدىس تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىلاتتى. ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك، شافىئىي ئۇنىڭ ئابدۇرراززاقتىن رىۋايەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يەمەنگە سەپەر قىلغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە ئەھمەدنىڭ تارتىدىغان مۇشەققىتىنىڭ زورلۇقىنى چۈشەنگەنىدى. ئىمام شافىئىي مەئمۇننىڭ نەزەرىدە ئىناۋەتلىك كىشى بولۇپ، مەئمۇن ئۇنى يەمەنگە بىر قازى تاللاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھمەدنىڭ ئابدۇرراززاقتىن جاپا تارتماي ھەدىس ئاڭلىشى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەھمەدنى تاللىغان ۋە ئەھمەدكە قازىلىق تەكلىپى سۇنغان. نەتىجىدە ئەھمەد رەت قىلغان. ئىمام شافىئىي تەكرار تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، ئىمام ئەھمەد ئۆزى ئۇلۇغلايدىغان ئۇستازىغا كەسكىن ھالەتتە: ‹ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئەگەر سىلىدىن بۇ گەپنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىسام، مېنى يانلىرىدا كۆرەلمەيلا› دېگەن»(21).
بۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، ئۇ ئۇستازى سۇنغان تەكلىپنى رەت قىلغان. چۈنكى، ئۇ «ئادالىتى كامىل» دەپ قارىمىغان ھەرقانداق بىر كۈچكە ئىشلەشنى توغرا كۆرمەيتتى. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇستازىدىن پەرقلىق يول تۇتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ ئۇستازى يەمەندە ئەمەل تۇتۇشتىن بۇرۇنلا ھۆكۈمدارلارنىڭ قانچىلىك ئادىللىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، تۆت يىل ئەمەلدارلىق قىلدى. ئەجەبا، پەرھىزكارلىقتا ئۇستازى ئۇنىڭدىن تۆۋەنمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: ئىمام شافىئىي «ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ۋاجىب» دەپ قارايتتى. ئەگەر ئۇ ئادالەتكە چاقىرىلسا، چاقىرغۇچى ئادىل كىشى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئالدىغا چىقاتتى. چۈنكى، ئۇ ئىشلىسە، ئۆزىنى ئەمەلگە قويغان كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئۇنى ئەمەلگە قويغان كىشىنىڭ ئادىل بولماسلىقى ئۇنىڭ ئادالىتىنى كەملىتەلمەيدۇ. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى بىلىمىز، ئۇ سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن ۋەلىئەھد بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئىمانلىق، تەقۋادار ۋە ئادالەتلىك ئىدى. ھالبۇكى سۇلايمان ئۇمەييە جەمەتىنىڭ باشقا ئەزالىرىدەك بىرى ئىدى. ئەمەلگە تەكلىپ قىلىنغان كىشى ئۆزىدە ئادالەت سالاھىيىتىنى ھېس قىلسىلا، ئەمەل تۇتسا بولىدۇ.
بۇ ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى. ئەمما، ئىمام ئەھمەد — ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشتۇر — كە كەلسەك، «زالىملار تەرىپىدىن سايلىنىپ ئەمەل تۇتۇش ئۇلارغا ھەمكارلاشقانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ھارامدىن توپلىغان مېلىدىن يېگەنلىك» دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ ئىككىسى پەرھىزكارلىق ئۈچۈن ۋە ئادىل دەپ قارىمايدىغان كىشىگە ياردەم بېرىشتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلنى رەت قىلغان.
ئىمام ئەھمەد ئەمەل – مەنسەپنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، خەلىفە ياكى ۋالىي تەرىپىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئاتا – ئېھساننى رەت قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشقا نىسبەتەن فۇقەھائ ئۈچ قىسىم ئىدى:
بىرىنچى قىسىم: ئۇلار سەلتەنەت ۋە خىلافەتنىڭ مېلىدىن ئۆزلىرىنى پاك تۇتۇپ، ئېلىشنى رەت قىلاتتى ۋە بۇنىڭدا قاتتىق تۇراتتى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە سەۋرىي مۇشۇلار قاتارىدىندۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېلىشتىن باش تارتسا، ئۆزىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېلىشقا ئۇنىمايتتى. چۈنكى، مەنسۇر ئۆزىنىڭ ئاتاسىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قانچىلىك سادىقلىقىنى سىنايتتى. بۇلار ئەمەل – ھوقۇقنى رەت قىلىدۇ ۋە ئاتانىمۇ رەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى قىسىم بولسا خەلىفەلەرنىڭ ئاتاسىنى قوبۇل قىلىپ، موھتاجلارنىڭ ھاجەتلىرىنى قامداش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئەھلى ئىلىملەرگە ياردەم بېرىش ھەمدە بۇزۇپ چاچماستىن ئىلىمنىڭ ۋە دىن ئەھلىنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق كېلىدىغان شەكىلدە ياشاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ. ھەسەن بەسرىي ۋە مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇشۇلارنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاتالار مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىدۇر. ئۆزلىرىنى كىشىلەرگە دىن ئىشلىرىنى ئۆگىتىشكە ئاتىغان ئىلىم ۋە دىن ئىگىلىرىدىنمۇ ئۇنىڭغا ھەقلىقراق كىم بار؟ ئۇلار بۇ جەھەتتە دۈشمەنلەردىن چېگرالارنى قوغداشقا ئۆزلىرىنى ئاتىغان ئەسكەرلەرگە ئوخشايدۇ. ئەسكەرلەر چېگرالارنى قوغداپ، دۈشمەنلەرنى توسىدىغان بولسا، ئالىملار گۇمراھلىقنى توسىدۇ ۋە دىنغا چاك كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر دىنغا چاك كەتسە، چاك ئۈممەتنىڭ قەلبىگىچە بارىدۇ – دە، ئۈممەتنىڭ قەدىمى مۇستەھكەم بولماي تەۋرىنىپ قالىدۇ. بۇ قىسىمدىكىلەر خەلىفەلەرنىڭ ئاتالىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئاتالىرىنىمۇ ئالىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ باشلىرىنى تۆۋەن قىلمايدۇ.
ئۈچىنچى قىسىم: ئەمەل – ھوقۇق قوبۇل قىلىدۇ، ئاتالىرىنىمۇ ئالىدۇ، بىراق ئۇنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. ئىمام شافىئىي مۇشۇ قىسىمدىندۇر. ئۇ ھېچبىر ئاتا – ئېھسان يېيىشكە ئۇنىمىغان، پەقەتلا مىسىردا مۇتتەلىب ئوغۇللىرى قاتارىدىكى نېسىۋىسىنى ئالغان. مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا غەنىيمەتلەردىن بەشتىن بىرى بۆلۈنەتتى.
شەكسىزكى، ئىمام ئەھمەد ئابباسىيلارغا سادىق بولۇپ، ئۇلارغا قارشى چىقمىغان بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولىنى تۇتتى. ئەمەل – مەنسەپ قوبۇل قىلمىغاندەك، ئازار – كۈلپەتتىن بۇرۇنمۇ ۋە كېيىنمۇ ھېچبىر ئاتا – ئېھسان قوبۇل قىلمىدى. لېكىن، ئۇ گاھىدا ئاتا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى، لېكىن ئۇنى ئۆيىگە كىرگۈزمەيلا موھتاجلارغا تارقىتىۋېتەتتى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مۇتەۋەككىلنىڭ ۋەزىرى ئۇنىڭغا: ‹مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سىلىگە بىر مۇكاپات يوللىدى ۋە سىلىنى ھۇزۇرىغا چىقىشقا بۇيرۇۋاتىدۇ. ۋاز كېچىشتىن ياكى مالنى قايتۇرۇشتىن ساقلانسىلا، ئەكسىچە بولغاندا، سىلىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلا› دەپ خەت يازغان»(22).
شۇ چاغدا ئىمام ئەھمەد ئۆزىنى چېقىمچىلارنىڭ زۇلمىدىن قوغداش ئۈچۈن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن، ئۇ قوبۇل قىلغان نەرسىگە تەگمەيلا، ئوغلى سالىھنى گۈزەل ئەخلاقلىق كەمبەغەللەرگە ۋە ئۆزى تونۇيدىغان مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ بالىلىرىغا تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇغانىدى. ئۇ ئۇلارنى بۇ مالغا ئۆزىدىنمۇ بەكرەك لايىق دەپ قارايدىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «نەفسنى پاك تۇتۇش ۋە شەكلىك نەرسىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، پاكلىقىدىن ياكى ناپاكلىقىدىن شەكلىنىلگەن پۇل – مال سەدىقە قىلىۋېتىلىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇنىڭدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «دَعْ مَا يَرِيبُكَ إِلَى مَا لاَ يَرِيبُكَ / سېنى شەكلەندۈرگەننى تاشلاپ، سېنى شەكلەندۈرمىگەننى تاللا» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلغان(23).
شۇنداقتىمۇ، چېقىمچىلىق ئۈزۈلمىگەن. لېكىن، تۆۋەندىكى قىسسە كۆرسەتكىنىدەك، مۇتەۋەككىل چېقىمچىلىقنى كەسكىن ئۈزۈپ تاشلىغان. يامانلىق دەۋەتچىلىرىدىن بىرقانچە كىشى مۇتەۋەككىلگە: «ئەھمەد سىلىنىڭ تائاملىرىدىن يېمەيدۇ، سىلىنىڭ كۆرپىلىرىدە ئولتۇرمايدۇ، سىلى ئىچىۋاتقان بۇ ئىچىملىكنى ھارام دەيدۇ» دېگەندە، مۇتەۋەككىل چېقىمچى، سۇخەنچىگە: «مۇئتەسىم قەبرسىدىن تىرىلىپ چىقىپ، ماڭا ئۇنىڭ ھەققىدە بىرنەرسە دېسىمۇ قوبۇل قىلمايمەن» دېگەن(24).
ئىمام ئەھمەد مۇتەۋەككىلنىڭ مۇشۇ دەرىجىدىكى ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن چاغدا، سۇخەنچىلەر جىمىغان. مۇتەۋەككىل ئۇنىڭغا ئاتا – ئېھساننى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشتىن ئىبارەت تولۇق ئەركىنلىكنى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مۇشۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئاتا – ئېھساننى رەت قىلغانىدى. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «مۇتەۋەككىل ئۇنىڭغا ھاجەتمەنلەرگە تارقىتىپ بېرىشى ئۈچۈن مىڭ دىنار ئەۋەتكەن. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹مەن ئۆيدە بولۇپ كىشىلەردىن ئاجرالدىم، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مەن يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن مېنى ئامان قىلدى. مانا بۇ مەن يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىندۇر›».
[254] ئىمام ئەھمەد خەلىفەنىڭ مېلىدىن ئۆزىنى پاك تۇتقان ۋە ئۇنى ئېلىشقا زورلىنىشتىن ئارام تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ كۆڭلى تىنجىمىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خەلىفەنىڭ مېلىدىن ئالاتتى. بەلكىم ئۇلار ئەھمەدنىڭ تۇغقىنى نامىدا ئالغان بولسا كېرەك. لېكىن، ئەھمەد ئۇلارنى توساتتى، ئۇلار يانمايتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنى نېمىشقا ئالىسىلەر؟ ھالبۇكى چېگرالار بوش، ئەسكەرسىز تۇرماقتا، ئىگىلىرىگە تارقىتىلغۇدەك غەنىيمەتمۇ يوق» دەيتتى(25).ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسىنى يېمىگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونۇرىدا پىشۇرۇلغان ناننىمۇ يېمىگەن. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بالىسىنىڭ ئۆيىدىكى قىزىق تونۇردا نان پىشۇرۇلغان. لېكىن، ئۇ بالىسىنىڭ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئاتائى ئېھسانلىرىنى ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تونۇرىدا پىشۇرۇلغان ناننى يېيىشنى رەت قىلغان. بۇ ئىش خەلىفەگە يېتىپ بارغان. خەلىفە ئۇنىڭ ئىمانى ۋە ئىخلاسىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن غەزەپ قىلمىغان ۋە: ‹ئەھمەد بىزنى بالىسىغا ياخشىلىق قىلىشىمىزدىن توسۇۋاتىدۇ› دېگەن. ئاندىن خەلىفە ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا ئۇنىڭدىن مەخپىي ھالدا بېرىشكە بۇيرۇغان».
ئۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ مېلىدىن ئالماسلىقتا مۇشۇنداق قاتتىق تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ مالنى ھارام مال دەپ ئېلان قىلمىغان. بەلكى ئۇ پەقەتلا شەكلىنەتتى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر قېتىم ئۇ كېسەل ھالەتتىكى ئوغلىنى يوقلاپ كىردى. ئوغلى:
— ئى ئاتا! بىزدە پەقەت مۇتەۋەككىل ئېھسان قىلىپ بەرگەن بىرنەرسىلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— ھەئە، — دېدى. ئوغلى:
— سەن مۇشۇنداق قاراپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى ئالمايسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— ئى ئوغلۇم! مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇ ھارام ئەمەس، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى پاك تۇتتۇم»(26).
دېمەك، ئەھمەد خەلىفەلەردىن ئاتائى ئېھسان قوبۇل قىلىشنى ھارام دەپ كەسكىن ئېيتمىغان ئىدى، لېكىن شۈبھىلەنگەن ئىدى. ئۇ شۈبھىلەنگەن ئىكەن، ئەلبەتتە ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مىننەتتىن قورقۇپ دوستلىرىدىنمۇ ئاتائى ئېھسان قوبۇل قىلمايتتى. ئۇنداق ئىكەن، قانداقمۇ خەلىفە ۋە ئەمىرلەردىن قوبۇل قىلسۇن؟!
[255] ئىمام ئەھمەد مانا مۇشۇنداق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ۋاپادار ھالدا، ساھابەلەر ۋە تابىئىننىڭ ئىلمىگە ۋاپادار ھالدا زاھىد ياشىغان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن زاھىد، ئابىد، تەقۋادار ۋە ئىتائەتكار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشتىن باشقا غېمى يوق ئىدى. ھەتتا ئۇ بىر چۆرىنى تەسەررىي(27) قىلغان. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مارىيە قىبتىينى تەسەررىي قىلغانلىقىنى بىلگەن ۋە تەسەررىي قىلىشتىن باش تارتىشنىڭ سۈننەتتىن يىراقلىشىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايالىدىن ئۇ ھەقتە ئىزىن سورىغان، ئايالى ئۇنىڭغا ئىزىن بەرگەن.ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇش يولىدا ھەرقانداق ئازابقا پىسەنت قىلمايتتى، سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈمەيتتى. ھەتتا ئۇ بېشىغا قانداق ئازار – كۈلپەت كەلسۇن، قانداق ئازابلار بىلەن ئازابلانسۇن، سەلەف سالىھلەرنىڭ يولىنى داۋاملىق چىڭ تۇتاتتى. سەلەف سالىھلەر گەپ قىلمىغان ئىشتا ئۇمۇ گەپ قىلمايتتى، ئۇلار گەپ قىلغان ئىشتا ئۇمۇ شۇلارنىڭ دېگىنىنى دەيتتى، ئۇلارنىڭ دائىرىسىدىن قىلچىلىكمۇ چىقىپ كەتمەيتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ ئەنە شۇ ئىلمىي شان – شەرەپ ئىچىدە، ئۆزى تاللىغان تۇرمۇش بىلەن داۋام قىلدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ تاللىغان تۇرمۇشى كەمبەغەلچە تۇرمۇش ئىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتى ئاشتى، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئورنى ئۆستى.
شۇڭلاشقا ئۇ ھ. 241 – يىلى ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇنىڭ ئىلمى ۋە زاھىدلىقىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن، شۇنداقلا ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىمام توپلىغان، تىرىلدۈرگەن ۋە چاقىرغان، چىڭ تۇتقان ۋە باشقىسىنى تەرك ئەتكەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئىلمىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، پۈتۈن باغداد ئۇنىڭ جىنازىسىنى ئۇزاتقان ئىدى.
ئۇنىڭ سۈپەتلىرى
[256] ئىمام ئەھمەدنىڭ ھاياتىنى سۆزلەش ئەسناسىدا ئۇنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرىگە قىسقىچە كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆتتۇق. لېكىن، بىز يۇقىرىدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنلىرىمىزنى ئەمدى تەپسىلىي ئىبارىلەر بىلەن سۆزلىمەكچىمىز.شەك – شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەھمەدنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بەزىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىسىدۇر، يەنە بەزىسىنى ئۇ روھىي جەھەتتىن چېنىقىش ۋە تەربىيىلىنىش بىلەن ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئىككى خىل سۈپىنى زىكىر قىلايلى:
بۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرىنچىسى: كۈچلۈك ئەس – خاتىرە. بۇ، مۇھەددىسلەردىكى، بولۇپمۇ ئۇلار ئىچىدىكى ئىمام بولغانلاردىكى ئومۇمىي سۈپەتتۇر. بۇ سۈپەت ھەربىر ئىلىمنىڭ ئاساسىدۇر. ئەھلى ئىلىملەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ماۋزۇسىدىن بىر بۆلۈك نەرسىلەر يادقا بولۇشى كېرەك. ئۇلار شۇنىڭغا تايىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىن يەكۈن ئالىدۇ. پىسخولوگىيە ئىلمى ئۆتمۈشتىمۇ ۋە ھازىردىمۇ زېرەكلىك ئۆلچىمىنىڭ ئەس – خاتىرە بىلەن ۋە مۇناسىپ ۋاقىتتا مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ھازىرجاۋابلىق بىلەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىمام ئەھمەدكە بۇ سۈپەتلەردىن تولۇق نېسىۋە بەرگەن. بۇ ھەقتە بىر – بىرىنى تەكىتلەيدىغان كۆپ خەبەرلەر بار.
ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئۇنىڭ ئېسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن، ھەتتا ئۇ «زامانداشلىرىنىڭ ئەس جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈكى» دەپ ئاتالغان. ئەبۇ زۇرئەگە:
— ماشايىخ ۋە مۇھەددىسلەر ئىچىدە كىمنى ئەڭ ھافىز(28) دەپ قارىدىلا؟ — دېيىلگەندە، ئۇ:
— ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى، — دېگەن.
ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى، ساھابەلىرىنىڭ سۈننەت ۋە پەتۋالىرىنى، تابىئىننىڭ سۆزلىرى ۋە پەتۋالىرىنى يادلاش بىلەن بىرگە، خۇددى بىلگىنىگە ئاساسەن ئەھكام ئىستىنبات قىلىدىغان ئارىف(28)لارنىڭ چۈشەنگىنىگە ئوخشاش يادلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنەتتى.
ئۇ بۇنىڭ بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ باشقا مۇھەددىسلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلەنگەن. باشقا مۇھەددىسلەر فىقھىسىز ۋە دىرايەتسىز رىۋايەت بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى ۋە فۇقەھائغا خاس ئىستىنباتنى تاشلاپ قوياتتى. ئىمام ئەھمەد بولسا ھافىز ۋە راۋىي بولغىنىدەك، ھەدىسلەرنىڭ فىقھىسىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش ۋە بەزى سەپەرلەردە يولداش بولغان ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىراقتا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، يەھيا ئىبنى مەئىن ۋە بەزى دوستلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشەتتىم. مەن: ‹ئۇنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى نېمە؟ تەفسىرى قانداق؟ فىقھىسى قانداق؟› دەپ سورايتتىم، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن باشقا ھەممىسى تۇرۇپ قالاتتى». ئۇ ھەقتە يەنە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبراھىم ھەربىي ئېيتقانكى: «مەن ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن ئۈچ كىشىنى كۆردۈم. ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللامنى كۆردۈم، مەن ئۇنى پەقەت ئىچىگە بىر روھ پۈۋلەنگەن بىر تاغقا ئوخشىتىمەن. بىشر ئىبنى ھارىسنى كۆردۈم، مەن ئۇنى بېشىدىن پۇتىغىچە ئەقىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ئادەمگە ئوخشىتىمەن. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى كۆردۈم، گويا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىلمىنى جەملەپ بەرگەندەك ھېس قىلدىم، ئۇ خاھلىغىنىنى دەيتتى، خاھلىمىغىنىنى دېمەيتتى».
[257] ئىككىنچى سۈپەت: بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق سۈپىتىدۇر، بۇ سۈپەت ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان. ئۇ بولسىمۇ سەۋر ۋە چىدام سۈپىتىدۇر. ئۇ بىرقانچە ئېسىل خاراكتېرلارنىڭ سەمەرىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاساسى: ئىرادىسىدە كۈچلۈك بولۇش ۋە ئىرادىسىگە سادىق بولۇش، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ ھىممىتى ئالىي بولۇش. بۇ سۈپەت ئىمام ئەھمەدنىڭ خاس ئەخلاقىي مىزاجى بولغانىدى. ئۇ مۇشۇ سۈپەت بىلەن كەمبەغەللىك، مەردلىك، ئىپپەت، ئىززەت، غۇرۇر، ئەپۇچانلىق ۋە ئەزىيەتكە بەرداشلىق بېرىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇشۇ سۈپەتنىڭ تۈرتكىسىدە ھەدىس تەلەپ قىلىش ۋە ھەدىس ئەھلىدىن ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن قىلغان سەپەرلىرىگە ۋە سەپەردىكى مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. يەنە مۇشۇ سۈپەت تۈپەيلى باشقىلارنىڭ بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈش ۋە كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەنىدى. ھەتتا شۇ سۈپەت ئەگەر ئۆزىگە كېلىۋاتقان يەرنىڭ كىرىمى ئاز بولۇپ قالسا، ھالالدىن يېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەزى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولغانىدى.مۇشۇ سۈپەت تۈپەيلى ئۇ قاتتىق ئۇرۇلۇش، تار تۈرمىگە تاشلىنىش قاتارلىق بېشىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالالارغا 18 ئاي بەرداشلىق بەرگەنىدى. ئاندىن كېيىن ۋاسىقنىڭ دەۋرىدە ئۇزۇن زامان كىشىلەردىن يېتىم قالدۇرۇلۇش، ھەدىس سۆزلەشتىن ۋە دىن مەسىلىلىرىنى شەرھلەشتىن يەكلىنىش قاتارلىقلارغا بەرداشلىق بەردى.
بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ سەۋرى گۈزەل سەۋر تىپىدىن ئىدى. ئۇ دېگەنلىك ئىڭرىماستىن، چېچىلماستىن ۋە دادلىماستىن سەۋر قىلىشتۇر. ئۇ شۇنچىلىك ئىرادىلىك ئىدىكى، ھېچبىر ئىش ئۇنى ئىرادىسىدىن ياندۇرالمايتتى. بۇ ھەقتە شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئازار – كۈلپەت كۈنلىرىدە ئۇ سوراق ئۈچۈن خەلىفەنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىستىگىنىنى دەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قورقاق سالدى ۋە ئۇنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىككى كىشىنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇردى. لېكىن، شۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرە ئەسناسىدا ئۇنىڭ كۆزى ئىمام شافىئىينىڭ بىر شاگىرتىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: ‹ئىككى ئۆتۈككە مەسھ قىلىش توغرىسىدا شافىئىيدىن نېمە بىلىسەن؟› دەپ سورىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ يېنىدا بار كىشىلەرنىڭ قاتتىق ھەيرانلىقىنى قوزغىدى ۋە بۇ قاپ يۈرەككە ئۇلارنىڭ دىققىتى چۈشتى، ھەتتا ئۇنىڭ سەركەش رەقىبى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ دۇئاد: ‹ماۋۇ ئادەمگە قاراڭلار، بوينىغا ئۇرۇلۇۋاتسا، فىقھ ھەققىدە مۇنازىرىلىشىۋاتىدۇ› دېدى»(29).
بۇنىڭدىكى سىر شۇكى، ئۇ يالغۇز ئاللاھ تائالادىنلا ئىززەت ئىستىگەن ۋە ئۇ زاتقىلا تەۋەككۈل قىلغان، ئۇ زاتنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىگە كۆز تىككەن، ئىنسانلارنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىگە كۆز تىكمىگەن ۋە ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن باشقا ھېچبىر بۈيۈكلۈك ھېس قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرگەنلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن بولغان؛ قاتتىقچىلىقلارغا ۋە قاتتىقچىلىقنىڭ دەرىجىسىگە پىسەنت قىلمىغان؛ ھاياتلىققا ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرلىرىغا پىسەنت قىلمىغان. نەتىجىدە ھاياتلىقنىڭ ئازغىنە مەنپەئەتىدىن رازى بولغان ۋە ئاللاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا كۆپرەك خىزمەت قىلىۋېلىشتىن باشقىغا قانائەت قىلمىغان.
ئۇ پادىشاھلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا ئېتىبارسىز قارايتتى.
ئۇ ئىززەتنى ئاللاھتىن ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن، ئادەملەرگە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتاتتى ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى. ئىززەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئىزدەيدىغان ئادەم بوينى قاتتىق، چوڭچى بولىدۇ. ئىززەتنى ئاللاھتىن ئىزدەيدىغان ئادەم ئاق كۆڭۈل ۋە ئەپۇچان بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلاتتى ۋە ئۇلارنى چوڭقۇر ئىدراك قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مَا نَقَصَتْ صَدَقَةٌ مِنْ مَالٍ وَمَا زَادَ اللَّهُ عَبْدًا بِعَفْوٍ إِلاَّ عِزًّا وَمَا تَوَاضَعَ أَحَدٌ لِلَّهِ إِلاَّ رَفَعَهُ اللَّهُ / ھېچبىر سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، بىر بەندە (باشقىلارنى) ئەپۇ قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەپۇسى بىلەن ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ، كىم ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەرقاچان يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(30).
[258] ئۈچىنچى سۈپەت: ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن يەنە بىرى: كەڭ مەنىدىكى ۋە كەڭ شەكىلدىكى پاكلىق. ئۇ كۆڭلى پاك ئىدى، شۇڭا باشقىلارنىڭ مېلىدىن ئازراقمۇ ئېلىۋالمىغان. ئۇ ئىپپەتلىك ئىدى، شۇڭا ئۇ ھېچبىر ھاۋايى – ھەۋەسكە بويسۇنمىغان ۋە ھېچبىر شەھۋەتنىڭ ئارقىسىغا كىرمىگەن. ئۇ ئىمانىدا پاك ئىدى، شۇڭا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمران بولۇشىنى قوبۇل قىلمىغان. تەپەككۇرىدا پاك ئىدى، شۇڭا سەلەف سالىھلەر كىرمىگەن بىر ئىشقا كىرمىگەن. ئۇ بايانىدا پاك ئىدى، شۇڭا ئۆزى ئېتىقاد قىلغاننىڭ غەيرىنى سۆزلەشكە رازى بولمىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئەزىيەتكە ئۇچرىغان. فىقھىسىدا پاك ئىدى، شۇڭا ساھابەلەرنىڭ ئىختىلاپلىشىپ قالغاندىكى قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەي، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قارىشىنى ئۆزىنىڭ بىردىن قارىشى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئالغان، تابىئىنگىمۇ شۇ مەيداندا تۇرغان.بۇ پاكلىق ئۇنىڭ بەزى ھالالنى تەرك ئېتىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇڭا، ئۇ دوستتىنمۇ، ئەمىردىنمۇ، خەلىفەدىنمۇ ھېچبىر ئاتا – ئېھسان ئالمىغان. ھالبۇكى ئۇ بالىلىرىنىڭ بەزىسىگە شۇ ئاتا – ئېھسان بىلەن ھەج قىلسا بولىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بولسا ئۆزىنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئېلىشنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ زاھىدلىقى ۋە پاكلىقى ھاياتلىقنىڭ پاك لەززەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ ھالالنى ئىزدەيتتى ۋە ھالالدىن پايدىلىناتتى. لېكىن، ئۇ كىچىككىنە بولسىمۇ شۈبھە بار نەرسىلەرنى ئىزدىمەيتتى.
ئۇ بۇ زاھىدلىقنى قەلبلەرنى يۇمشىتىدىغان ۋە كۆڭۈللەرنى ئېرىتىدىغان نەرسە دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە زاھىدلىق ھېچبىر شەك يوق ھالالدىن باش تارتىش ئەمەس، بەلكى ھېچبىر شەك يوق ھالالنى ئىزدەش ئىدى.
بۇ ھەقتە شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى سالىھ تەرسۇسىي مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ (يەنى ئىمام ئەھمەد) نىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:
— قەلبلەر نېمە بىلەن يۇمشايدۇ؟ — دەپ سورىدىم. ئۇ شاگىرتلىرىغا قارىدى، ئاندىن بىر ھازا بېشىنى ساڭگىلاتتى، ئاندىن:
— ئى ئوغلۇم! قەلبلەر ھالال يېيىش بىلەن يۇمشايدۇ، — دېدى. ئاندىن مەن ئەبۇ نەسر بىشر ئىبنى ھارىسنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:
— ئەي ئەبۇ نەسر! قەلبلەر نېمە بىلەن يۇمشايدۇ؟ — دېدىم. ئۇ:
— قەلبلەر ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ، — دېدى. ئۇنىڭغا:
— مەن ھەقىقەتەن ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ يېنىدىن كەلدىم، — دېسەم، ئۇ:
— ئەبۇ ئابدۇللاھ نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى. مەن:
— ھالال يېيىش بىلەن يۇمشايدۇ، دېدى، — دېدىم. ئۇ:
— ئىشنىڭ ئەسلىنى دەپتۇ، — دېدى. ئاندىن مەن ئابدۇلۋەھھاب ئىبنى ئەبۇلھەسەننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:
— قەلبلەر نېمە بىلەن يۇمشايدۇ؟ — دېدىم. ئۇ:
— قەلبلەر ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ، — دېدى. ئۇنىڭغا:
— مەن ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ يېنىدىن كەلدىم، — دېسەم، خۇشاللىقتىن ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كەتتى ۋە ماڭا:
— ئەبۇ ئابدۇللاھ نېمە دېدى؟ — دېدى. مەن:
— ھالال يېيىش بىلەن يۇمشايدۇ، دېدى، — دېدىم. ئۇ:
— ئىشنىڭ جەۋھىرىنى ئېيتىپتۇ، ئەسلىي ئىش ئۇ دېگەندەك، ئەسلىي ئىش ئۇ دېگەندەك، — دېدى»(31).
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇ: «ھەرقانداق شۈبھەدىن خالىس ھالال بىلەن چەكلىنىش ئالىيجانابلىقنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇنىڭغا كەسكىن ئىرادىلىك ئەركەكلەردىن باشقىسىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ قارايتتى. ئۇ يەنە: «ئىنساننىڭ ھەقىقىي كۈچى بەدەننىڭ كۈچلۈك بولۇشىدا ئەمەس، بەلكى نەفسىگە ئىگە بولۇش ۋە نەفسىنى پاك ھالال بىلەن چەكلىنىشكە زورلاشتا» دەپ قارايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن تەقۋالىق ھەققىدە سورىلىۋىدى، ئۇ: «تەقۋالىق دېگەن ئاللاھتىن قورققانلىقىڭ ئۈچۈن نەفسىڭنىڭ ئارزۇلىرىنى تەرك ئېتىشىڭدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.
پاك ھالال بىلەن چەكلىنىش ئاللاھ تائالا ئۇشبۇ سۆزىدە: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحَرِّمُواْ طَيِّبَٰتِ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكُمۡ / ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالماڭلار﴾(5/«مائىدە»: 87) دەپ توسقان مۇتلەق مەھرۇملۇق بىلەن ئاللاھ مۇباھ قىلغان نەرسىلەردىن ھالقىپ ھاراملار دائىرىسىگە كىرىشتىن ئىبارەت مۇتلەق باشباشتاقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىدۇر. بۇنى چىڭ تۇتۇشتا نەفسىي مۇشەققەت بار. چۈنكى، نەفس دائىم ھۇزۇر – مەنپەئەتكە ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەفس يا مەھرۇم قىلىنىپ، ئىنتىلىش كېسىلىدۇ، يا نەفسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، نەفس چەكلەنگەن بىر ئىشقا چۈشۈپ قالىدۇ. ئاغماستىن، تېيىلماستىن ئوتتۇرا نۇقتىدا تۇرۇش مەزمۇت ۋە كۈچلۈك نەفسكە موھتاجدۇر.
[259] تۆتىنچى سۈپەت: ئىمام ئەھمەد ئالاھىدە پەرقلەنگەن بۇ سۈپەت بارلىق ئۇلۇغ ئىماملارنىڭ ئالاھىدە پەرقلەنگەن سۈپىتىدۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىخلاستۇر. ئاللاھ تائالا ئىمام ئەھمەدكە كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمىنى تەلەپ قىلىشتا ئىخلاستىن زور نېسىۋە بەرگەن. شۇڭا، ئۇشبۇ ئىلىمنى تەلەپ قىلغان چاغدا، ئۇنى ھېچبىر ھاۋايى – ھەۋەس تىزگىنلىيەلمىگەن. ئۇ كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمىنى تەلەپ قىلىشتا سەلەف سالىھلەرنىڭ يولىدىن باشقا بىر ئىشنى پەيدا قىلىشنى خاھلىمىغان. چۈنكى، بۇ ئىلىم دىندۇركى، ھېچبىرنەرسە پەيدا قىلماستىن ئۇنىڭغا ئۆز پېتى ئەگىشىش ۋاجىبتۇر. ئۇ بۇ ئىلىمنى يۈز – ئابرۇي، شۆھرەت تېپىش ئۈچۈن تەلەپ قىلمىغان. ئۇ: «تونۇلماسلىقىم ئۈچۈن، مەككەدىكى ئاشۇ جىلغىلاردىن بىرىگە كىرىۋېلىپ تۇرۇشنى خاھلايمەن» دەيتتى. ئۇ نامى ئۆچۈپ كەتكەن ئالىملارغا ھەۋەس قىلاتتى ۋە: «نامىنى ئاللاھ ئۆچۈرگەن كىشىلەرگە خۇش مۇبارەك بولسۇن!» دەيتتى. ئۇ «تەقۋالىق بىلەن پەخىرلىنىش تەقۋالىقنى كېمەيتىدۇ» دەپ قارايتتى. يەھيا ئىبنى مەئىن مۇنداق دېگەن: «مەن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، مەن ئۇنىڭغا 50 يىل ھەمراھ بولدۇم، ئۇ ئۆزىدە بار بولغان ياخشىلىق ۋە خەيرلىكلەردىن ھېچقايسىسى بىلەن پەخىرلەنمەيتتى»(32).ئۇ رىيانى ئەڭ قاتتىق ئۆچ كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇ ھېچبىر ئەمەلدە، ھېچبىر ئىبادەتتە ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا رىيا قىلمايتتى. ئۇ رىيانى چەكلەشتە ئىنچىكە ئىدى، ھەتتا ئۇ ئالىمنىڭ ياكى تالىبنىڭ ئىلىم قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىنى رىيا دەپ سانايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «دۈۋەتنى ئاشكارىلاش رىيانىڭ جۈملىسىدىندۇر». شۇڭا، ئۇ دۈۋەتنى ئاشكارىلىمايتتى.
ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە سەلەف سالىھلەرنىڭ يولى ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەنلىرىنى ئاز چاغلايتتى. شۇنداقلا دىننى ھىمايە قىلىش يولىدا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاز چاغلايتتى، كۆپ سانىمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ دىنىي ۋىجدانى كۈچلۈك ئىدى. ئىنساندىكى نەفسى لەۋۋامە (ئۆز – ئۆزىنى ئەيىبلىگۈچى نەفس) ئىنساننى قۇسۇر ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەيدۇ ۋە ئىبادەت بىلەن پەخىرلەنگىلى قويمايدۇ.
[260] بەشىنچى سۈپەت: ئىمام ئەھمەدنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن ھەم ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە رىۋايەتلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللەردە تەسىر پەيدا قىلغان سۈپەت: ئۆزىگە مۇتلەق ئىشىنىش. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇ قورقۇمسىز ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىدىغان چاغدا، ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كېچىسى ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىنى چارلاشقا قويۇلغان ساقچى ئۇنى توۋلاش ئۈچۈن بارغان ۋە ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىشتىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشنى تاللىغان. ساقچى (ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت) بۇ ئەيمىنەرلىك ئۇچرىشىشقا كۆڭلى تىنچىغاندىن كېيىن ئاندىن شۇ ئىشىكتىن ئۇنىڭ يېنىغا بارغان.ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھېيىقىشىغا كەلسەك، بۇ ئاۋۇنىڭدىنمۇ زوردۇر. ھالبۇكى ئۇ شاگىرتلىرى ئارىسىدا دوستانە ۋە چىقىشقاق ئىدى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى: «بىز بىرەر ئىشتا ئەھمەدكە رەددىيە بېرىشتىن ياكى بىرەر ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىن ئەيمىنەتتۇق» دېگەن.
ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىنمۇ ھەيۋەتلىكرەك بىركىمنى كۆرمىدىم، بىرەر مەسىلىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى باراتتىم – دە، ئۇنى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باساتتى». ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەھۋاللىرى ئۇنىڭ بۇ ھەيۋىتىنى تەبىئىيلا ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈللەردىكى تەسىرىنى كۈچەيتەتتى. چۈنكى، ئۇ دائىم ئەستايىدىللىق ئىچىدە ئىدى، چاقچاق قىلمايتتى، ھەتتا ئۇ ھەرقانداق بىر چاقچاقنى ئەقىل كەملىك ياكى دىنىي ۋىجداننىڭ مۈگدەپ قېلىشى دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ ۋىجدان كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىنى خاھلىمايتتى.
ئۇنىڭ مەجلىسىدە بىھۇدە بىر ئىش ۋە گۇناھ بولمايتتى. ئۇ پەقەتلا «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەت ئىلمى ھەققىدە سۆز قىلاتتى ياكى شۈك تۇراتتى. چۈنكى، بىھۇدە گەپ قىلىش، جاڭجاللىشىش ۋە جېدەللىشىشتىنمۇ ئارتۇق كىشىنىڭ سۈر – ھەيۋىتىنى يوقىتىدىغان نەرسە يوق. ئىمام ئەھمەد ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن يىراق ئىدى، قەلبى ۋە تىلىنى ئۇلاردىن ئۇزاق تۇتقان ئىدى.
[261] ئۇ مۇشۇنداق ھەيۋىتى بىلەن بىرگە ئىللىق ئىدى، توڭ، قوپال ئەمەس ئىدى، بەلكى مۇلايىم ۋە خۇشچىراي ئىدى، ئەخلاقى ئېسىل ۋە يۇمشاق ئىدى. قاتتىق ھايالىق ئىدىكى، ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي رەۋىشتە ھايا قىلاتتى، شۇڭا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمايتتى ۋە رىيا قىلمايتتى. ئىنسانلاردىنمۇ ھايا قىلاتتى، شۇڭا ئۇلارغا بۇيرۇق سوقمايتتى ۋە ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلمايتتى. ئۇنىڭ بەزى زامانداشلىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئەھمەد ئۇنىڭ دەۋرىدە كۆرگەن كىشىلىرىم ئىچىدە دىيانىتى ئەڭ ساغلام، ئۆزىنى نامۇناسىپ ئىشلاردىن ساقلىشى ئەڭ كۈچلۈك، نەفسىگە ئەڭ ھاكىم، فىقھىسى ئەڭ كامىل، ئەڭ تەربىيەلىك ۋە ئەڭ ئېسىل ئەخلاقلىق، قەلبى ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ گۈزەل ئۈلپەت ۋە ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشتىن ئەڭ يىراق كىشى ئىدى». [262] مانا بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەخلاقىدۇر ۋە سۈپەتلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەخلاق – سۈپەتلىرى ئۇلۇغ پەيغەمبەر يولىدىن تارقىغان بىر شولا بولۇپ، ئۇ شۇ سۈپەتلىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغانىدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، رىيا قىلماستىن، شۆھرەت قوغلاشماستىن ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق ئۆزلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يارى بولغانىدى. ئۇ ھايالىق ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى. ئاللاھقا بوي ئەگكۈچى، ھەق يولدا ئەزىز، ئىززەتنى ھەق يولدىن ۋە يۈكسەك قادىر ئاللاھتىن ئىزدىگۈچى ئىدى.ئىمام ئەھمەدنىڭ قاراشلىرى ۋە فىقھىسى
[263] ئىمام ئەھمەد سۈننەت ئادىمى ۋە سۈننەت ھافىزى ئىدى. فىقھ ئۇنىڭدا سۈننەت ئارقىلىق شەكىللەنگەن. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ دەتالاشلارغا كىرمەستىن بەزى ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرى رىۋايەت قىلىنغان. شۇلاردىن: ئۇنىڭ ئىمان ھەققىدىكى قارىشى، تەقدىر ۋە ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدىكى قارىشى، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ھەققىدىكى قارىشى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەخلۇق ياكى مەخلۇق ئەمەسلىكى مەسىلىسىدىكى قارىشى قاتارلىقلار.بىز يۇقىرىدا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازار – كۈلپەت ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئاخىرقى مەسىلىدىكى قارىشىنى تىلغا ئالغانىدۇق. ئەمدى قالغانلىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەيلى:
ئۇنىڭ ئىمان ھەققىدىكى قارىشى
[264] ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئالىملار ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىشىلەر ئىماننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چوڭقۇرلىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «ئىمان (ئاللاھ تائالانى) تونۇش» دېگەن. بەزىلىرى: «ئىمان تەستىقلاشتۇر» دېگەن. يەنە بەزىلىرى: «ئىمان ئارتىدۇ، كېمەيمەيدۇ» دېگەن. ئىمام ئەھمەدمۇ سۈننەتنى مەنبە قىلغان ھالدا، دەتالاش قىلماستىن ۋە جاڭجاللاشماستىن ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىمان: «جەزمىي ئېتىقاد قىلىش، بويسۇنۇش ۋە ئەمەل قىلىشتۇر». بۇ ھەقتە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«ئىمان — سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، ئىمان ئارتىدۇ ۋە كېمىيىدۇ. سەن ياخشى ئىش قىلساڭ، ئۇ ئارتىدۇ. يامان ئىش قىلساڭ كېمىيىدۇ ۋە (بۇ تۈپەيلى) كىشى ئىماندىن ئىسلامغا چىقىدۇ. تەۋبە قىلسا، ئىمانغا قايتىدۇ، كىشىنى ئىسلامدىن پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ياكى بىرەر پەرزنى قەستەن ئىنكار قىلىپ رەت قىلىشلا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەگەر پەرزنى ئۇنىڭغا سەل قاراپ ۋە سۇسلۇق قىلىپ تەرك ئەتسە، ئاللاھنىڭ خاھلىشى ئاستىدا بولىدۇ: ئاللاھ خاھلىسا ئازابلايدۇ، خاھلىسا ئەپۇ قىلىدۇ».
بۇ گەپتىن ئايان بولىدۇكى، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىچە، بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئۈچ ھەقىقەت بار:
بىرىنچىسى: ئىمان. ئىمان — قەلب بىلەن تەستىقلاش، تىل بىلەن سۆزلەش ۋە ئەزالار بىلەن ئورۇنلاشتۇر.
ئىككىنچىسى: ئىسلام. ئىسلام — قەلب بىلەن تەستىقلاش ۋە تىل بىلەن سۆزلەش ھازىر بولغاندىن كېيىن، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەستىن ۋە «قۇرئان كەرىم» ياكى سۈننەت ئېلىپ كەلگەن بىرنەرسىنى ئىنكار قىلماستىن، ئەمەلنىڭ تېپىلماسلىقىدۇر.
ئۈچىنچىسى: كۇفۇر. كۇفۇر — ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتۇر ياكى دىننىڭ بىرەر ئەمرىنى ياكى بىرەر نەھيىسىنى ئىنكار قىلىشتۇر.
ئۇ بۇ قاراشتا يالغۇز نەسلەرگە تايىنىدۇ ۋە ئەقلىي ئىشلارغا كىرمەيدۇ.
ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ھەققىدىكى قارىشى
[265] ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ دەۋرىدىن تارتىپلا كىشىلەر چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىدى. چۈنكى، خاۋارىجلار ئۇ خىل كىشىنىڭ مۇشرىكلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇنىڭدا قاتتىق كاجلىق قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار ئۇ توغرۇلۇق ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. ھەسەن بەسرىي: «ئۇ كىشى مۇناپىق» دېگەن. مۇرجىئەلەر ئىچىدىكى قايمۇققانلار: «كۇفۇر بولسىلا تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بولسىلا گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ زىيىنى يوق، يەنى ئازاب ۋە جازا يوق» دېگەن.ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە كۆپىنچە فۇقەھائ: «چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ئەگەر سەمىمىي تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىشى رەببىگە كېچىكتۈرۈلىدۇ: رەببى خاھلىسا ئازابلايدۇ، خاھلىسا ئەپۇ قىلىدۇ» دېگەن.
مۇئتەزىلەلەر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى مۇئمىن ھېسابلىمايدۇ ۋە: «ئۇ ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە بولىدۇ» دەيدۇ.
ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشى فۇقەھائنىڭ قارىشىغا ئوخشاشتۇر. ئۇ مۇئمىننى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: «مۇئمىن ئۆزىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان غەيبىي ئىشلارنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ. گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئەمىن قېلىشنى كېسىپ ئېيتمايدۇ. شۇنداقلا ‹ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ قازاسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ› دەپ ئىشىنىدۇ، مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭ ياخشىلىرى ھەققىدە ئۈمىدلىك بولىدۇ، ناچارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. مۇھەممەد ئۈممىتىدىن ھېچكىمنى ياخشىلىقىغا قاراپ جەننەتىي دەپ، ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا قاراپ دوزىخىي دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھلا مەخلۇقاتىغا ئۆزى خاھلىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ». بۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئىشىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى مۇئمىن ئەمەس» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ ئېيتىدۇ: «كىمكى شۇ قاراشتا بولسا، ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نى كافىر، دادىسىغا يالغان سۆزلىگەن يۈسۈف (ئەلەيھىسسالام) نىڭ قېرىنداشلىرىنى كافىر دەپ دەۋا قىلغان بولىدۇ»(33).
ئۇنىڭ قەدەر ۋە ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدىكى قارىشى
[266] ئۇنىڭ دىن مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى يولى سەلەفلەرنىڭ يولى ئىدى، نەقىلسىز ھالدا ئەقىلگە تايانمايتتى، سەلەفلەر مۇقىملاشتۇرغاننى مۇقىملاشتۇراتتى، سەلەفلەر توسقاننى توساتتى. ئۇنىڭ قازايىقەدەر ۋە ئىنساننىڭ پېئىللىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىمۇ شۇنداق ئىدى. سەلەفلەر مۇقىملاشتۇرغاننى سۆزلەيتتى. سەلەفلەر كىرمىگەن ئەقلىي بىر ئىشقا كىرمەيتتى، مۇنازىرە، دەتالاش قىلمايتتى. ئۇنىڭ قەدەر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاراڭ، نەقىل قىلىپ سۈكۈت قىلىدۇ. ئۇ ئېيتىدۇكى: «تابىئىندىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن ۋە شەھەرلەرنىڭ فۇقەھائلىرىدىن يەتمىش كىشى شۇنىڭغا ئىجماﺋ قىلدىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلگۈچە تۇتۇپ ماڭغان سۈننىتى ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇش، ئۇنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇش، ئۇنىڭ ھۆكمى ئاستىدا سەۋر قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلىش، توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش، ياخشى – يامان تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش، دىن بارىسىدىكى دەتالاش ۋە خۇسۇمەتلەرنى تاشلاش قاتارلىقلاردۇر»(34).بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامان تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ۋە تائەتنىڭ ۋاجىبلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، تەقدىر تائەتتىكى تەكلىپ ۋە ئىختىيارلىققا زىت كەلمەيدۇ. بۇنى ئوچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزى شۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى بىلىدىغانلىقى ۋە شۇنى خاھلايدىغانلىقى، كائىناتتا ئاللاھ خاھلىمايدىغان ئىشنىڭ مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭغا بەزى قەدەرىيلەرنىڭ سۆزلىرى يېتەتتى، ئۇ ئەيىبلەيتتى. ھەر ئىشتا دائىم ئۆزىنىڭ قارىشىنى تەكىتلەشكە بېرىپ يېتەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «مەن مۇتەكەللىم ئەمەس، بۇنداق بىر ئىشتا سۆزلەشنىمۇ توغرا كۆرمەيمەن، پەقەتلا كىتاب – سۈننەتتە بار بولغان ياكى رەسۇلۇللاھتىن، ياكى ئۇنىڭ ساھابەلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرەر ھەدىستە بار بولغان ئىش ھەققىدە سۆزلەشنى توغرا كۆرىمەن. ئەمما، بۇلاردىن باشقىسى ھەققىدە سۆزلەش ياخشى ئەمەس».
ئۇنىڭ سۈپەتلەر ھەققىدىكى قارىشى
[267] ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ زاتىنى مەلۇم سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. ئۆزىنىڭ زاتىنى قۇدرەت، ئىرادە، ئىلىم، ھايات، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش بىلەن، شۇنداقلا ﴿وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا /ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى﴾(4/«نىساﺋ»: 164) دېيىش ئارقىلىق «كالام» يەنى سۆزلەش بىلەن سۈپەتلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى زىكىر قىلغاندا، ئۆز زاتىنى سۈپەتلىگەن باشقا سۈپەتلەرمۇ بار. ئىمام ئەھمەد «قۇرئان»دا ۋە ھەدىستە زىكرى كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنى ئاللاھقا ئىسپاتلىغان. دېمەك، ئۇ ئاللاھ تائالانى «سَمِيْعٌ (ئاڭلىغۇچى)»، «بَصِيْرٌ (كۆرگۈچى)»، «مُتَكَلِّمٌ (سۆزلىگۈچى)»، «قَادِرٌ (قادىر بولغۇچى)»، «مُرِيْدٌ (ئىرادە قىلغۇچى)»، «عَلِيْمٌ (بىلگۈچى)»، «خَبِيْرٌ (خەبەردار بولغۇچى)»، «لَطِيْفٌ (ئىشلارنى ئىنچىكە بىلگۈچى ۋە ئىنچىكە، سىلىق قىلغۇچى)»(35)، «عَزِيْزٌ (ئەزىز)»، «حَكِيْمٌ (ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى)» ۋە ﴿لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ (ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر)﴾(42/«شۇرا»: 11) دەپ سۈپەتلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىنى سۈپەتلىگەن بارلىق سۈپەتلەرنى تەئۋىل قىلىشقا ئۇرۇنماستىن زىكىر قىلىدۇ ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان سۈپەتلەردىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئۇنىڭ سۈپەت ھەدىسلىرى بارىسىدا: «بۇ ھەدىسلەرنى كەلگەن پېتى رىۋايەت قىلىمىز» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(36).دېمەك، ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدىمەيدۇ. ئۇ نەسكە تايانمىغان تەئۋىلنى «قۇرئان» ۋە سۈننەتكە قارشى چىققانلىق دەپ قارىغان. چۈنكى، ئۇ «مۇتەشابىھقا ئەگىشىش فىتنە قوزغىغانلىقتۇر ۋە ئىسلامدا بىدئەت پەيدا قىلغانلىقتۇر» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دەيدۇكى: «مۇئمىننىڭ سۈپىتى: ئۆزىگە غەيبىي بولغان ئىشلارنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىشتۇر. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن (غەيبىي ئىشلارغا ئائىت) ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، مۇئمىن ئۇنى تەستىقلايدۇ، ئۇنىڭغا مىساللارنى كەلتۈرمەيدۇ»(37).
[268] ئىمام ئەھمەدنىڭ ئېتىقاد مەسىلىلىرىدە نەقىلنى چىڭ تۇتقانلىقىنى، ئەقىللەر يەكۈنلىگەن نەرسىلەرنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇ پەلسەپە ئادىمى ئەمەس، سۈننەت ئادىمى ئىدى. پەلسەپەۋى ھۆكۈملەرگە ۋە ئەقلىي مايىللىقلارغا تايانمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «ئەقىللەر ھېسسىي ئالەمنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسىلەرگە يېتەلمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، گرېك پەيلاسوپلىرىنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ئىنسانلار غەيبىي ئىشلارغا نىسبەتەن ياكى ئۇلار دەيدىغاندەك، مېتافىزىكىغا نىسبەتەن ھەر خىل قاراشتا بولغان.ئىمام ئەھمەد قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان «قۇرئان»غا تايانسا، شۇنداقلا قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئاللاھقا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغانلىقى ئېنىق بولغان پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە تايانسا، ئۇ ھەقىقەتەن مۇستەھكەم تۈۋرۈككە يۆلەنگەن بولىدۇ ھەمدە ئەقىلنىڭ ئېزىشلىرى ۋە خاتالىرىدىن يىراقلاشقان، ئۆزىنى پەقەت پايدىلىق بىر ئىش بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ماماتىغا مەنپەئەتلىك بىر ئىلىم بىلەن مەشغۇل قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ پايدىسىز ئىشنى تاشلاپ، پايدىلىق ئىشقا يۈزلەنگەن.
ئۇنىڭ سىياسەت ھەققىدىكى قاراشلىرى
[269] ئۇنىڭ سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى يولى سەلەفچە يول ئىدى. ئۇ خىلافەت ۋە خەلىفەلەر توغرىسىدا ساھابە ۋە تابىئىننىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشەتتى. چۈنكى، ئۇ بۇنى سەلەف سالىھلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) نىڭ ماڭغان يولىغا ئەگەشكەنلىك دەپ قارايدۇ.سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى: سەلەفلەر خىلافەتنى ئۆزلىرىدىن كېيىنكى سالىھ دەپ قارىغان كىشىگە ۋەسىيەت قىلاتتى. ئەمما، ئاخىرقى قارار مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشى بولاتتى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرىگە ئىشارەت قىلغان، ئەمما ئوچۇق ئېيتمىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرىنى نامازنىڭ ئىمامەتچىلىكىگە تاللىغان. بۇنىڭدا ئۇنىڭ دۇنيا ئىمامەتچىلىكىگىمۇ تامامەن لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت بار. شۇڭلاشقا ساھابەلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشقا كۆرسەتكەن باھانىسى شۇ بولغان: «رەسۇلۇللاھ ئۇنى بىزنىڭ دىن ئىشىمىزغا تاللىدى، بىز نېمىشقا ئۇنى دۇنيا ئىشىمىزغا تاللىمايمىز؟!»
ئەبۇبەكرى ئۆزىدىن كېيىن ئۆمەرنى تاللىدى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىش ھوقۇقىنى كىشىلەرگە قالدۇردى. ئاندىن كىشىلەر ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئالتە كىشىنى تاللىدى ۋە بۇ ئالتە كىشىگە ئۆزلىرى ئارىسىدىن بىرىنى تاللىۋېلىشنى، مۇسۇلمانلارنى شۇ بىرىگە بەيئەت قىلىشقا چاقىرىشلىرىنى ۋەسىيەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن تۆت كىشى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى، ئاندىن ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى.
ئىمام ئەھمەد ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَأَمۡرُهُمۡ شُورَىٰ بَيۡنَهُمۡ / ئۇلار ئىشلىرىنى كېڭەش بىلەن قارار قىلىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 38) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، خەلىفەنى كېڭەش بىلەن سايلاشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. ئىمام ئەھمەد سۈننەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە «خىلافەت قۇرەيش ئىچىدە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئىمام ئەھمەدنىڭ باشقا فۇقەھائ بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان بىر قارىشى بار. ئۇ بولسىمۇ خەلىفەلىكنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، كىشىلەر رازى بولغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل ھاكىمىيەت سورىغان كىشىنىڭ خەلىفەلىكىنىڭ دۇرۇسلۇقىدۇر. ھەتتا ئۇ بۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ، «كىمكى خەلىفەلىكنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالسا، فىتنە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، فاجىر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ رىسالەلىرىنىڭ بىرىدە يېزىلىشىچە: «ئىماملارغا، ياخشى ياكى يامان بولسۇن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە ئىتائەت قىلىش ۋاجىبتۇر. خەلىفەلىككە ئىگە بولۇپ ئەتراپىغا كىشىلەر يىغىلغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە، شۇنداقلا كىشىلەرگە زورلۇق بىلەن باش بولۇۋالغان ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى دەپ ئاتالغان ئادەمگىمۇ قۇلاق سېلىش ۋە ئىتائەت قىلىش ۋاجىبتۇر. غازات ياخشى ۋە يامان ئەمىرلەر بىلەن قىيامەتكىچە داۋاملاشقۇچىدۇر. ئولجا تەقسىملەش ۋە ھەدلەرنى تۇرغۇزۇش ئىماملارغا ئائىتتۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى ئەيبلىمەسلىكى ۋە ئۇلار بىلەن تالاشماسلىقى لازىم. سەدىقەلەرنى ئۇلارغا بېرىش جائىز. كىمكى سەدىقەنى ئۇلارغا بەرسە، سەدىقەنى ئادا قىلغان بولىدۇ، مەيلى ئۇ ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ۋە ھەربىر خىلافەتكە ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئارقىسىدا جۈمە ئوقۇش دۇرۇستۇر، ئۇنىڭ ئىمامەتچىلىكى جائىزدۇر. كىمكى نامازنى قايتا ئوقۇسا، ئۇ بىدئەتچىدۇر، ھەدىسنى تەرك ئەتكۈچىدۇر ۋە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىدۇر… كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىر ئىمامغا قارشى چىقسا — ھالبۇكى كىشىلەر ئۇ ئىمامنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان ۋە رازىمەنلىك بىلەن بولسۇن ياكى زورلۇق بىلەن بولسۇن، قانداقتۇر بىر شەكىلدە ئۇنىڭ ئىماملىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن — مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزغان بولىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ قارشى چىققۇچى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەتچە ئۆلگەن بولىدۇ»(38).
بۇ قاراشلار غەلىتە كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، ئۇ قاراشلار زۇلۇمنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە زالىمغا قارشى چىقىشنى ئىتائەتتىن چىققانلىق دەپ ھېسابلايدۇ. قانداقمۇ ئىمام ئەھمەد بۇلارنى دېسۇن؟! شەك – شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەھمەد زالىمنىڭ زۇلمىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە زالىمنىڭ قىلغان زۇلمىغا بېقىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. لېكىن، ئۇ بۇ مەسىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ: «مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقىم بىر ھاكىمىيەت بولمىسا بولمايدۇ، بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ئۈممەتنىڭ كۈچىنى خورىتىدۇ ۋە بىرلىكىنى پاچاقلايدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇ خاۋارىجلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ فىتنەلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، مۇقىم ھاكىمىيەتنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىشتا زالىم ھۆكۈمدارنىڭ قىلغانلىرىدىنمۇ نەچچە ھەسسە زۇلۇملارنىڭ سادىر بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئاندىن ئۇ بۇ مەسىلىگە تابىئىننىڭ نەزەرى بىلەن قارايدۇ. چۈنكى، تابىئىن ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە ئۇمەۋىيلەر زامانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەك ۋاقىتقىچە ياشىغان. ئۇلار نۇرغۇن زۇلۇملارنى كۆرگەن. شۇنداقتىمۇ، قارشى چىقىشتىن توسقان ۋە قارشى چىققۇچىلار بىلەن بىرگە ماڭمىغان. ئۇلار ئاڭلايدىغان قۇلاق، چۈشىنىدىغان قەلب تاپسىلا، خەلىفەلەرگە ۋە ۋالىيلارغا نەسىھەت قىلاتتى. ھەر ھالەتتە قارشى چىقمايتتى ۋە قارشى چىققاننى قوللىمايتتى.
[270] ئۇنىڭ مۇقىملىققا چاقىرىدىغان بۇ كۆزقارىشى بار بولسىمۇ، ھاكىمنىڭ سۈپىتى قانداق بولسۇن، خەلىفەلەر بىلەن ياكى ۋالىيلار بىلەن ھەرقانداق بىر تۈردە ئالاقىلىشىشكە ئۇرۇنمىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئېھسانلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ شۇ دەۋردە بەرپا بولغان بىر ئادالەتنى كۆرمىگەن ۋە خەلىفەلەردىنمۇ ئىنساپ كۆرمىگەن ئىدى. بەلكى زۇلۇمدا ئەزۋەيلەشنى كۆرگەن ئىدى. لېكىن، ئۇ قارشى چىقىشقا چاقىرىق قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلاردىن يىراق تۇرغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك قەلب ئىگىسى ئىدى، ھەقكە ئىشىنەتتى، زۇلۇمنى قوبۇل قىلمايتتى، بۇزۇقچىلىققا ۋە قالايمىقانچىلىققا چاقىرمايتتى.ئىمام ئەھمەدنىڭ ھەدىسى ۋە فىقھىسى
[271] ئالىملار ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇھەددىس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ فەقىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. بۇ ماۋزۇدا بىزنىڭ شۇنداق دېيىشىمىز ئۇيغۇن بولىدۇ: شۈبھىسىزكى، ئىمام ئەھمەد ھەدىس ساھەسىدە ھەقىقەتەن بىر ئىمامدۇر. ئۇنىڭ فىقھتىكى ئىماملىقى ھەدىستىكى ئىماملىقى بىلەن شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ فىقھىسى بولسا بۇ فىقھنىڭ مەنتىقى ۋە قائىدە – ئۆلچەملىرىگە قەدەر پۈتۈنلەي سۈننەت ۋە ئەسەرلەردۇر. شۇ جەھەتتىن، ئىبنى جەرىر تەبەرىي ئۇنىڭ فەقىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى ئىبنى قۇتەيبە مۇھەددىسلەر قاتارىدىن ساناپ، فۇقەھائ قاتارىدا تىلغا ئالمىغان. ئۇندىن باشقىلارمۇ مۇشۇنداقراق ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق گەپلەرنى دېگەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن قالغان قاراشلار ۋە پەتۋالارغا چوڭقۇر قارىساق، بىز يۇقىرىدا دېگەندەك، ئۇنىڭ ھەدىس ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىر فەقىھ ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.ئالىملارنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ فەقىھ ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۇنىڭغا بەرگەن ھۆكمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدىمىزدا سەنەدى ئۇنىڭغا تۇتاشقان خىلمۇخىل رىۋايەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلگەن بىرمۇنچە فىقھ بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا، بىزنىڭ كىشىلەر قوبۇل قىلغان بىر ئىشنى دەلىلسىز رەت قىلىش ھەققىمىز يوق.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ فەقىھلىكى توغرىسىدا گۇمان قوزغىغان نەرسە تۆۋەندىكى نەرسىلەردۇر:
بىرىنچى: ئۇ پەتۋادىن رىۋايەتنى ئارتۇق كۆرەتتى ھەمدە ئۇنىڭ ھەدىس بىلەن مەشھۇر بولۇشى ۋە ھەدىستە ئىمام بولۇشى مەلۇم ۋاقىت ئۇنىڭ فىقھىسىنى پەردىلەپ قويغان.
ئىككىنچى: ئۇ پەتۋالىرىنى باشقىلارنىڭ يېزىۋېلىشىدىن چەكلەيتتى. چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ يەكۈنلەنگەن فىقھقا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ فىقھ ئېلىنغان ئەسلگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىن باشقا بىرنەرسىنى يېزىۋېلىشىنى توغرا كۆرمەيتتى.
ئاشكارا بولۇشىچە، مەزكۇر چەكلەش ئۇنىڭ فىقھىي ھاياتىنىڭ دەسلىپىدە بولغان. شۇڭلاشقا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم پەتۋالىرىنى ئۆزى يازغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان رىۋايەتلەر كەلگەن ۋە بۇنى ناقىللار نەقىل قىلغان. بەلكىم ھەدىسلەرگە يېقىنراق بولغان ياكى ھۆكمىنى ھەدىسلەر سۆزلەپ بېرىدىغان مەسىلىلەر نەقىل قىلىنغان بولسا كېرەك.
ئۈچىنچى: ئۇ «بىر ماۋزۇدا ساھابەلەر ئىخىتىلاپلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەممە قاراشلىرىغا ئەمەل قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى مەسىلىدىكى بىرقانچە يول ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارايتتى. تابىئىن ئىخىتىلاپلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىمۇ مەسىلىدىكى بىرقانچە يول ھېسابلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەيتتى. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ «ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئادەم» دېگەن سۆزى ئوتتۇرىسىدا ۋە ئىمام شافىئىينىڭ ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. چۈنكى، ئىمام شافىئىي ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە ئەڭ يېقىن بولغاننى تاللايتتى.
ئالىملار ھەدىس ھەققىدىكى «مۇسنەد»نىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپلۇقىغا ئىجماﺋ قىلغان. بەزى فىقھىي مەسىلىلەرنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپلۇقىدا بىر بۆلۈك كىشىلەر شەكلەنگەن بولۇپ، بۇ شەكلىنىشنىڭ ھېچبىر تايانچى يوقتۇر.
سۆزىمىزنى ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇھەددىسلىكىدىن باشلايلى! بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ «مۇسنەد»ى ھەققىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
«مۇسنەد»
[272] «مۇسنەد» ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن تۈزۈلگەن بىر توپلام بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلەردىن رىۋايەت قىلغانلىرىنىڭ خۇلاسىسىدۇر. ئۇ بۇنى ھەدىس رىۋايەت قىلىشنى باشلىغان ۋاقىتتىن تارتىپ توپلاشقا باشلىغان. ھاياتى بويى ئۇنى توپلاشنى داۋاملاشتۇرغان. لېكىن، ئۇنىڭ ھىممىتى تەرتىپلەشكە يۈزلەنمەي، توپلاپ يېزىشقا يۈزلەنگەن. ئۇ «مۇسنەد»نى ئايرىم – ئايرىم ۋاراقلارغا يازغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ۋاراقلار توپتولۇق ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ توپلىغانلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭدىن چۈشۈپ قالمىغان. ئۇ ياشتا چوڭىيىپ، توپلىغانلىرىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن چاغدا، بالىلىرىغا ۋە خاس كىشىلىرىگە يازغانلىرىنى ئىملا قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇنى تەرتىپلىك بولمىسىمۇ ئۇلارغا تولۇق ئوقۇپ بەرگەن. شەمسۇددىن ئىبنى جەزەرىي ئېيتقانكى: «ئىمام ئەھمەد ‹مۇسنەد›نى توپلاشقا باشلاپ، ئۇنى ئايرىم – ئايرىم ۋاراقلارغا يازغان ۋە ئۇنى ئورگىنال شەكلىدە ئايرىم پارىلەرگە بۆلگەن، ئاندىن ئارمىنى ئەمەلگە ئېشىشتىن بۇرۇن ئەجىلى يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنى بالىلىرىغا ۋە ئەھلى بەيتىگە ئاڭلىتىشقا ئالدىرىغان ۋە ئۇنى رەتلەپ تەھرىرلەشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن. نەتىجىدە ‹مۇسنەد› شۇ پېتى قالغان. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ كېلىپ، ‹مۇسنەد›كە ئوخشايدىغان ئۆزى ئاڭلىغان بەزى ھەدىسلەرنى ‹مۇسنەد›كە قاتقان»(39).بۇ گەپ مۇنداق ئىككى ئىشقا دالالەت قىلىدۇ:
بىرىنچىسى: توپلاپ تەرتىپلەش ئىمام ئەھمەدكە خاس بولمىغان، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ «مۇسنەد»نى رىۋايەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ بولغان ئىكەن، تەرتىپ ئابدۇللاھنىڭدۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر گۇمان يوقتۇر. ئابدۇللاھ دادىسىنىڭ بارلىق ھەدىسلىرىنى ئىگىلىگەن ۋە دادىسىدىن باشقا كىشىلەردىنمۇ ھەدىس ئالغان بىر مۇھەددىس ئىدى.
ئىككىنچىسى: ئابدۇللاھ توپلاش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، «مۇسنەد»كە ئوخشايدىغان ئۆزى ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى قاتقان. ئوخشايدىغان ھەدىسلەردىن مەقسەت: مەسىلەن، «مۇسنەد»تە مەلۇم مەسىلىدە بىر ساھابەدىن بىر ھۆكۈم رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھەدىسنى دادىسىدىن ياكى باشقا بىرىدىن ئاڭلىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ دادىسى ئۆزىگە ئىملا قىلىپ بەرگەن ھەدىسنى ئۇنىڭغا قوشىدۇ. بۇنداق قوشۇلغانلىرى كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، دادىسىدىن باشقىسىدىن رىۋايەت قىلغانلىرىمۇ نادىر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، كىشىلەر «مۇسنەد»نىڭ ئىمام ئەھمەدكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپلاشمىغان.
بۇ ئابدۇللاھ دادىسى ھايات چاغدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەدىسكە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئەبۇلھۈسەين مۇنادىينىڭ كىتابىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىككى بالىسى سالىھ ۋە ئابدۇللاھ توغرۇلۇق: «سالىھ دادىسىدىن ئاز يېزىۋالغان ئىدى. ئەمما ئابدۇللاھ بولسا، دۇنيادا دادىسى رەھىمەھۇللاھتىن ھەدىسنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك رىۋايەت قىلغان ھېچكىم يوق» دەپ كەلگەن(40).
ئابدۇللاھ ھىممەت كۆرسىتىپ، دادىسى قالدۇرغان مول مىراسنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، ئالىملار دادىسىنىڭ پەزىلىتىدىن ۋە بۇ پەزىلەتنىڭ ئۇنىڭغا سوزۇلغانلىقىدىن، ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇغان.
[273] ئابدۇللاھ «مۇسنەد»نى توپلاپ رەتلىگەن كىشىدۇر. «مۇسنەد»نىڭ تەرتىپى ھەدىس كىتابلىرىنىڭ تەرتىپىگە يات ئىدى. چۈنكى، سەھىھ ھەدىس كىتابلىرى ئومۇمەن فىقھ بابلىرىنىڭ تەرتىپىدە رەتلەنگەن. شۇڭلاشقا فىقھ جەھەتتە ئۇلاردىن ئاسان پايدىلانغىلى بولىدۇ. فىقھ بىلەن ئالاقىسىز ھەدىسلەر راۋىغا قارالماستىن تېمىلار بويىچە رەتلەنگەن. مەسىلەن: ئەدەب – ئەخلاققا ئائىت ھەدىسلەر، تەفسىرگە ئائىت ھەدىسلەر، ئىلىمگە ئائىت ھەدىسلەر، ۋەھيىگە ئائىت ھەدىسلەر دېگەندەك. شۇڭا، ھەرقانداق بىر باب ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى بىلمەكچى بولغان ئادەم بابقا ئاسانلا مۇراجىئەت قىلالايدۇ.ئەمما، مۇسنەدنىڭ تەرتىپى ساھابەلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە بولغان. مەسىلەن، ئۆزى رىۋايەت قىلغان ئەبۇبەكرىنىڭ ھەدىسلىرىنى ۋە ئەبۇبەكرىدىن خاتىرىلەنگەن سۈننەتنى «مۇسنەدۇ ئەبى بەكرى» دەپ ئاتالغان بىر بۆلۈمگە توپلىغان. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابەلەرنىڭ ھەدىسلىرى مۇشۇنداق رەتلەنگەن. شۈبھىسىزكى، بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ھەدىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ماۋزۇلارنى تېپىش تەس بولۇپ قالغان. ئەمما، ئايرىم بىر ساھابەنىڭ فىقھىسىنى بىلمەكچى بولغان تارىخچىغا يەنە بىر پايدىسىمۇ بار. مەسىلەن، بىركىم ئۆمەرنىڭ فىقھىسىنى بىلمەكچى بولسا، شەكسىزكى، ئۇنىڭ ئالدىدا «مۇسنەد»تىن ئاشۇ كاتتا فىقھنى بىلىشكە ئاسان بولغۇدەك بىر ئىلمىي ماددا ھازىر بولىدۇ. شەكسىزكى، بۇ چوڭ پايدىدۇر. لېكىن، پەيغەمبەر ھەدىسىنىڭ فىقھىسىنى ۋە ئۇلۇغ سۈننەت ئىلمىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى بۇ ئەمەس.
ئىمام زەھەبىي ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد تۈزگەن «مۇسنەد»نىڭ تەرتىپى ھەققىدە دەيدۇكى: «ئەگەر ئۇ مۇسنەدنىڭ تەرتىپىنى تۈزىتىپ، پايدىلىنىشقا يېقىن رەتلىگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى مەقسەتنى ھاسىل قىلغان بولاتتى. ئاللاھ بۇ ئالىي دىۋانغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنى بابلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىكى راۋىيلارنى تەكشۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭ شەكلىنى رەتلەيدىغان ئادەمنى ئاپىرىدە قىلىپ بېرەر! ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. سابىت بولغان قانداقلا بىر ھەدىس بولىدىكەن، ئۇنىڭدا باردۇر».
ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەدنى رىۋايەت قىلىشتىكى ئۇسۇلى
[274] ئىمام ئەھمەد ئۆز دەۋرىدىكى ئىشەنچلىكلەردىن رىۋايەت قىلاتتى. ئۇ ھەدىسنى سەنەدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇتتەسىل بولغان (تۇتاشقان) ھالەتتە رىۋايەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى.سەنەدى مۇتتەسىل بولمىغان ھەدىس — گەرچە راۋىيسى ئىشەنچلىكلەردىن بولسىمۇ — ئۇنىڭ نەزەرىدە زەئىف بولاتتى. ئىمام زەھەبىي ئېيتقاندەك، ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئەڭ چوڭ بىر توپلامنى توپلىغان، لېكىن توپلىغىنىنى تەھرىرلەپ، رىۋايەت قىلغان بەزى ھەدىسلەرنى چىقىرىۋەتكەنىدى. گاھى ئۇنىڭغا ئۆزى رىۋايەت قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ كامىل ئەمەسلىكى ياكى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئايان بولاتتى – دە، ئۇ كىشىدىن رىۋايەت قىلغاننى چىقىرىپ تاشلايتتى. ئۇ ھەتتا ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئاغرىق ھالىتىدىمۇ داۋاملىق چىقىرىش، ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىش بىلەن بولغانىدى. ئۇ مەشھۇر سەھىھ ھەدىسلەرگە توقۇنۇشۇپ قالغاندەك كۆرۈنگەن ھەدىسلەرنى تاشلىغانىدى. دېمەك، ئۇ رىۋايەت قىلىشتا توقۇنۇشلۇق ئىككى خىل ھەدىسنىمۇ توپلىغان، كېيىن تەھرىرلىگەندە، ئىككى ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت كۆرۈنگەن بىرىنى، ياكى زەئىفرەك كۆرۈنگەن بىرىنى تاشلىغان.
لېكىن، شۇ تاشلاش ۋە تازىلاشتىن كېيىن، «مۇسنەد» ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەدىسلەر تايانغىلى بولغۇدەك كۈچلۈكمۇ؟
بۇنىڭغا ئالىملار مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئىمام ئەھمەد گەرچە تاشلىغان ۋە تازىلىغان بولسىمۇ، تاشلاشتا ناھايىتى تېجەشچان بولغان. ئۆزى رىۋايەت قىلغان راۋىيدا بىرەر ئەيىب ئاشكارا بولمىسا تاشلىمىغان. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقا: ‹مۇسنەدتە مەشھۇر ھەدىسلەرنى كۆزدە تۇتتۇم ۋە كىشىلەرنى (يەنى راۋىيلارنى) ئاللاھقا ھاۋالە قىلدىم. ئەگەر ئۆزۈمنىڭ نەزەرىدە سەھىھ بولغاننىلا مەقسەت قىلسام ئىدىم، بۇ مۇسنەدتىن پەقەت ئازغىنە ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان بولاتتىم. لېكىن، ئوغلۇم! ھەدىستىكى تەرىقەمنى سەنمۇ بىلىسەن، ئەگەر مەلۇم بابتا ئورنىنى تولدۇرغۇدەك (سەھىھ) ھەدىس بولماي قالسا، زەئىف بولغان ھەدىسكە مۇخالىپەتچىلىك قىلمىدىم› دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان».
مۇسنەدتە زەئىف ھەدىس بارمۇ؟
[275] ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ گەپنىڭ تەقەززاسى بويىچە، مۇسنەد كىتابىدا بەزى زەئىف ھەدىسلەر بار. بۇ ئېھتىماللىقنى ئەلبەتتە پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.مۇسنەدتە زەئىف ھەدىسنىڭ بولۇشى ئۇنىڭدا يالغان ياكى ئېنىق توقۇلمىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. زەئىف بىلەن توقۇلمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. زەئىف دېمەك — راۋىيلىرى ئىچىدە سىقەنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىگەن كىشى بار بولغان، ياكى سەنەد زەنجىرىدە ئۈزۈكچىلىك بار بولغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھقا ئائىت ئەمەسلىكىگە ھېچبىر دەلىل تېپىلمىغان ۋە سىقەلەردىن ئۇنىڭغا قارشى كېلىدىغان بىرەر گەپمۇ ئىسپاتلانمىغان ھەدىستۇر. ئەمما، يالغان ياكى توقۇلمىغا كەلسەك، سۈننەت قاتارىدىن ئىكەنلىكىنىڭ يالغانلىقىغا دەلىل كەلگەن، سىقەلەر رەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىتلىقىنى يالغانغا چىقارغان نەرسىدۇر.
لېكىن، مۇسنەدتە توقۇلمىلىقى ئىسپاتلانغان بىرنەرسە بارمۇ؟ ئىراقىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: «مۇسنەدتە زەئىف سانىلىدىغان كۆپ ھەدىسلەر بار ۋە يەنە توقۇلما ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەدىسلەرمۇ بار، لېكىن بۇ ئازدۇر، بەلكى نادىردۇر» دېگەن.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «مۇسنەدتە زەئىف بار، لېكىن ئۇنىڭدا بىرەر توقۇلما ھەدىس بارلىقى زىنھار ئىسپاتلانمىغان» دېگەن. كۆپىنچە ئالىملار ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ مۇشۇ قارىشىدىدۇر. ئالىملار ئىچىدە بەزىلەر تەرەپبازلىق قىلىپ: «مۇسنەدتە رەت قىلىنغۇدەك بىرەر زەئىف ھەدىس يوق» دەپ دەۋا قىلغان.
مۇسنەد ھەققىدىكى گەپنى ئىمام ئىبنۇلجەۋزىينىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن تۈگىتەيلى:
«بەزى ھەدىس ئەھلى مەندىن:
— ‹مۇسنەدۇ ئەھمەد›تە سەھىھ بولمىغان بىرنەرسە بارمۇ؟ — دەپ سورىدى. مەن:
— ھەئە بار، — دېۋىدىم، مەزھەبكە (يەنى ھەنبەلىي مەزھەبكە) ئۆزىنى تەۋە قىلىدىغان بىر جامائەتكە بۇ گەپ ئېغىر كەلدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئۇلارنىڭ ئاۋام ئىكەنلىكىگە باغلىدىم ۋە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. قارىسام، ئۇلار تېخى بىر پەتۋالارنى يېزىپتۇ، ئۇنىڭدا (ئۇلاردىن) بەزى كىشىلەر بۇ گەپنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە رەت قىلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. قاتتىق ھەيران قالدىم ۋە كۆڭلۈمدە: ۋاي قىزىق! ئۆزلىرىنى ئىلىمگە مەنسۇپ قىلىدىغانلار ئاۋامنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ كېتىپتۇغۇ. سەۋەبى، ئۇلار ھەدىسنى ئاڭلىدى – يۇ، ھەدىسنىڭ سەھىھى بىلەن زەئىفى ھەققىدە ئىزدەنمىدى ۋە مېنىڭ سۆزۈمنى دېگەن ئادەمنى ئەھمەد توپلىغان مۇسنەدنى ئەيىبلىمەكچى دەپ گۇمان قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئىمام ئەھمەد مەشھۇرىنىمۇ، ياخشىسى ۋە ناچىرىنىمۇ رىۋايەت قىلغان. ئاندىن ئۇ ئۆزىمۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن خېلى كۆپنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر مەزھەبى قىلمىغان». ئىبنۇلجەۋزىي گېپىنى مۇنداق دەپ تۈگەللەيدۇ: «ئالىملارنىڭ ئىلىمگە سەل قارىغانلىقتىن ئاۋامدەك بولۇپ قېلىشى، بىر توقۇلما ھەدىس ئۇچرىسىمۇ: ›رىۋايەت قىلىنغان‹ دەپ يۈرۈشلىرى بۇ زاماندا مېنى غەمگە تاشلىدى. يىغلاش توغرا كەلسە، ھىممەتلەرنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىغلاش كېرەك. لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ»(41).
خۇلاسە كالام، مۇسنەدنىڭ كۆپىنچە ھەدىسى سەھىھ. ئۇنىڭدا ساناپ بولالمىغۇدەك سەھىھ ھەدىس بار، ئۇنىڭدا زەئىفمۇ بار، توقۇلما كەم ئۇچرايدۇ، بەلكى بەزى ئالىملار توقۇلما بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسى
[276] يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزدىن شۇ ئايدىڭلاشتىكى، ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھتىكى ئىماملىقى ھەدىستىكى ئىماملىقىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ فىقھىسى ھەدىسكە ئەڭ يېقىن بولغان. ھەنبەلىي مەزھەبنىڭ فۇقەھائلىرى ھەنبەلىي فىقھىسى تايانغان ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ چىققان. ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسى ئۇنىڭ سۈننەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ چىقارغان پەتۋالىرىغا يوشۇرۇنغانىدى. ئىمام ئىبنۇلقەييىم بۇ پەتۋالار ئاساسلانغان ئۇسۇللارنى خۇلاسىلىگەن ۋە ئۇنىڭ بەش ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغان:بىرىنچى ئۇسۇل: نەسلەر. نەس تېپىلسا نەس بىلەن پەتۋا بەرگەن ۋە نەسنىڭ غەيرىگە قارىمىغان. شۇڭا، ئۇ نەسنى ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنىڭ ئالدىغا قويغان. ئىبنۇلقەييىم ئۇنىڭ نەس تۈپەيلى ساھابەلەرنىڭ پەتۋاسىنى تەرك ئەتكەنلىكىگە قارىتا مىساللارنى كەلتۈرگەن. شۇ مىساللاردىن بىرى، ئۇ «ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىددىتىنى ھامىلىنى تۇغۇش بىلەن تۈگەيدۇ» دەپ ھېسابلايدىغان ھەدىسنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ پەتۋاسىدىكىدەك «ئىككى مۇددەتنىڭ ئۇزاقراقى بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ» دەپ پەتۋا بەرمىگەن. شۇنداقلا ھەدىسكە ئاساسەن، مۇسۇلماننى غەيرى مۇسۇلمانغا مىراسخور قىلىشنى چەكلىگەن ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ سۆزىگە قارىمىغان.
ئىككىنچى ئۇسۇل: ساھابەلەرنىڭ بەرگەن پەتۋاسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر مۇخالىپنىڭ تېپىلماسلىقى. ئىمام ئەھمەد بىرەر ساھابەنىڭ پەتۋاسىنى تېپىپ، ئۇ پەتۋاغا مۇخالىپ ساھابە بارلىقىنى بىلمىسە، ئۇنى تەرك ئەتمەيتتى ھەم «بۇ ئىجماﺋ» دېمەيتتى، بەلكى ئۆزىنىڭ پەرھىزكارلىقىدىن: «بۇنى دەﻓﺌ قىلغۇدەك بىرنەرسە بارلىقىنى بىلمەيمەن» دەيتتى. قۇلنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىش شۇ جۈملىدىندۇر. ئىمام ئەھمەد بۇنى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلغان. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك: «قۇلنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلغان بىركىمنى بىلمەيمەن» دېگەن. ئىبنۇلقەييىم ئېيتىدۇ: «ئىمام ئەھمەد ساھابەلەردىن بۇ تۈرلۈك بىرنەرسىنى تاپسا، ھېچبىر ئەمەلنى، راينى ۋە قىياسنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزمەيتتى»(42).
ئۈچىنچى ئۇسۇل: ئىبنۇلقەييىم زىكىر قىلغان بەش ئۇسۇلنىڭ بىرى شۇكى، ئەگەر ساھابەلەر مەلۇم مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئىچىدە كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغاننى تاللايدۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ مەزكۇر قاراشلارنىڭ بىرەرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىسا، ئىختىلاپنى ھېكايە قىلىدۇ ۋە بىرەر قاراشنى جەزملەشتۈرمەيدۇ. ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ﮪﺎﻧﯩﺌ «مَسَائِلُ» دېگەن كىتابىدا دەيدۇكى: «ئىمام ئەھمەدكە: ‹كىشى ئۆزىنىڭ قەۋمى ئىچىدە بولۇپ، ئىختىلاپلىق بىر ماۋزۇ توغرىسىدا سورالسا (قانداق قىلىدۇ؟)› دېيىلىۋېدى، ئۇ: ‹كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغان قاراش بىلەن پەتۋا بېرىدۇ، كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغاندىن يىراق تۇرىدۇ› دېدى»(43).
بۇ يەردە بىز ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىمام شافىئىيدىن پەرقلىق يول تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىمام شافىئىي تاللايدۇ ۋە قىياس بىلەن بولسىمۇ تەرجىھ قىلىدۇ، قىياسەن ئەڭ كۈچلۈك بولغاننى تۇتىدۇ ۋە شۇنى ئىختىيار قىلىدۇ، قىياسەن ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاننى تەرك ئېتىدۇ. ئىمام ئەھمەد بولسا ساھابەلەرنىڭ قاراشلىرىدىن بىرىنى تاللىغان چاغدا، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنىڭ بىر نەسسى بىلەن كۈچلەنگەننى ئىختىيار قىلىدۇ ۋە قىياسقا يۈزلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قىياسنى بىرەر ساھابەنىڭ قارىشىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزمەيدۇ.
تۆتىنچى ئۇسۇل: «مۇرسەل» ۋە «زەئىف» ھەدىسنى تۇتۇش. «مۇرسەل ھەدىس» دېگىنىمىز — ئىسنادىدا ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ساھابە زىكىر قىلىنمىغان ھەدىستۇر. ئىمام ئەھمەد مەلۇم بابتا ئورنىنى باسقۇدەك بىرەر سەھىھ ھەدىس بولماي قالسا، «مۇرسەل ھەدىس»نى ۋە توقۇلمىلىقى ئىسپاتلانمىغان «زەئىف» ھەدىسنى تۇتىدۇ ۋە ئۇنى قىياسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىدۇ. ئىبنۇلقەييىم «زەئىف» ھەدىسنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «زەئىف ھەدىستىن باتىل ۋە مۇنكەر مەقسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە سەنەدىدە ئىشەنچنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە قارىلانغان ئادەم بار ھەدىسمۇ مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىن مەقسەت: راۋىيلىرى سىقەنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىگەن ۋە قارىلىنىش دەرىجىسىگىمۇ چۈشۈپ قالمىغان ھەدىستۇر».
بىز بۇ يەردە ئىبنۇلقەييىمنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ تابىئىننىڭ قاراشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ بەلكىم ئىمام ئەھمەدنىڭ تابىئىننىڭ ياكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قاراشلىرىدىن بىرنى تاللايدىغانلىقى، نوقۇل ئەگەشمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان رىۋايەتنى ئىختىيار قىلىدىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇ سۆز ئىگىسىنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى دەلىلى ئورۇنلۇق بولغانلىقتىن، بىرەر تابىئىننىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئومۇمەن تابىئىننىڭ سۆزى ئۇنىڭ مۇسنەدى ئۈچۈن ھۆججەت بولمايدۇ. ئەمما، يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، ئۇ تابىئىننىڭ سۆزىگە ئەگىشىشنى ۋاجىب دەپ ھېسابلايتتى، كىتاب ۋە سۈننەتتىن دەلىل تاپالمىسا ھەم ساھابەلەرنىڭ بىرەر پەتۋاسىنىمۇ تاپالمىسا، تابىئىننىڭ سۆزىنى تۇتاتتى. ئەگەر تابىئىن ئىختىلاپلاشسا ۋە ئۇلارنىڭ بىرەر سۆزىدە ساھابەنىڭ سۆزى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان بىرنەرسە بولمىسا، تابىئىننىڭ سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ مەزھەبىدە بىرقانچە قاراش سۈپىتىدە قالدۇراتتى. ئەگەر تابىئىننىڭ سۆزلىرىدە ساھابەنىڭ سۆزى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان بىرنەرسە بولۇپ قالسا، تابىئىندىن ئۈستۈن بولغان سۈننەت بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغاننى تاللايدۇ. ھالبۇكى سۈننەت ساھابەلەرنىڭ ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىدۇر.
بۇ رىۋايەت مەشھۇر بولۇپ، ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەت قىلىنغان سۆزلىرى ۋە تارقالغان رىسالەلىرى شۇنى قوللايدۇ. ئۇنىڭ بەزىسىگە ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن سەلەفلەرنىڭ سۆزىنى ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى ئەگىشىشكە ئەڭ لايىق دەپ سانايتتى ۋە تابىئىننى سەلەفلەردىن سانايتتى.
بەشىنچى ئۇسۇل: ئىبنۇلقەييىم زىكىر قىلغاندەك، قىياستۇر. ئەگەر ئىمام ئەھمەدتە كىتاب ياكى سۈننەتتىن بىرەر نەس، ياكى بىرەر ساھابەنىڭ سۆزى — ياكى مەشھۇر رىۋايەتكە كۆرە بىرەر تابىئىننىڭ سۆزى، ياكى بىرەر «مۇرسەل» ياكى «زەئىف» ھەدىسمۇ — بولماي قالسا، قىياسقا باراتتى. خەللال ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «ئىمام شافىئىيدىن قىياس توغرۇلۇق سورىۋىدىم، ئۇ: ‹قىياس پەقەت زۆرۈر بولغاندا قوللىنىلىدۇ› دېدى»(44).
بىز ئۇنىڭ «قىياس ھۆججەت، قىياس پەقەت زۆرۈر بولغاندا قوللىنىلىدۇ، ئەگەر قىياستىن باشقىنى تاللاشقا ئىمكانىيەت بولسا، قىياس قوللىنىلمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ قاراشتا ئۇ ئىمام شافىئىيدىن رىۋايەت قىلغان پىكىرنى تۇتقان. لېكىن، ئىمام شافىئىي قىياسنى تەرك ئېتىپ، «زەئىف» ھەدىسنى دەلىل قىلمايدۇ. ئىككى ئىمامنىڭ نەزەرىدە قىياسنى قوللىنىش مىقدارى پەرقلىق. ئىمام شافىئىي شۈبھىسىز بىر ھۆججەت تاپالمىسا، قىياسقا يۈزلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد بولسا قىياسنى (گەرچە شۈبھىلىك بولغان تەقدىردىمۇ) مادامىكى رەت قىلغۇدەك دەلىل تېپىلمىسىلا، نەسلەر ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت ھەرقانداق بىر ھۆججەتنىڭ ئارقىسىغا قويىدۇ.
[277] ئىمام ئىبنۇلقەييىم زىكىر قىلغان ئۇسۇللارنىڭ نەسلەرگە بېرىپ توختايدىغانلىقى ۋە ئۇ ئۇسۇللار ئىچىگە «مۇرسەل» ۋە «زەئىف» ھەدىس، ساھابەنىڭ پەتۋاسى، ئاندىن شۇ ھەقتىكى بىر قاراش بويىچە تابىئىننىڭ پەتۋاسى، ئاندىن قىياس قاتارلىقلارنىڭ كىرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.لېكىن، ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ نەزەرىدە ئىجمائنىڭ بىر ئۇسۇل بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. شۇنىڭدەك يەنە مەسالىھ، زەراﺋﯩﺌ، ئىستىھسان، ئىستىسھابلارنىمۇ تىلغا ئالمىغان. ھالبۇكى بۇلار ھەنبەلىيلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇسۇللاردۇر ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان.
شۇڭا، بۇلارنى زىكىر قىلىپ، قىسقىچە بايان قىلىشىمىز كېرەك بولدى. مۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ: «ئەگەر قىياس نەسلەردىن باشقا ئىستىنبات يوللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ مەنە بىلەن تەفسىرلەنسە، مەسالىھ، ئىستىھسان، زەراﺋﯩﺌ ۋە ئىستىسھابلارنىڭ ھەممىسى قىياس بابىغا كىرىپ كېتىدۇ».
ئىجماﺋ
[278] ئىجماﺋ: مەلۇم دەۋردىكى ئۈممەت مۇجتەھىدلىرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىن بىرەر دەلىلگە — بەزى فۇقەھائنىڭ قارىشى بويىچە: ياكى قىياسقا — تايانغان ھالدا، شەرئىي ئەھكاملاردىن بىرەر ئەھكامغا ئىتتىپاقلىشىشىدۇر.يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئىجماﺋ ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى، ئەسلىي پەرزلەرگە ئىجماﺋ قىلىشتۇر. ئەسلىي پەرزلەر دېگەن نامازلارنىڭ سانى، رەكئەتلەرنىڭ سانى، روزا، ھەج، زاكات ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردۇر. بۇ تۈرلۈك ئىجماﺋ ھەممىنىڭ نەزەرىدە مەقبۇلدۇر، ئۇنى ئىنكار قىلغۇچى دىندا ئوچۇق – ئاشكارا بىلىنگەن بىر ئىشنى ئىنكار قىلغۇچى سانىلىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئۇ كافىر بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئىشلارغا ئىجماﺋ قىلىش «قۇرئان» ۋە سۈننەت بىلەن كەسكىن ئىسپاتلانغان مەسىلىلەرگە ئىجماﺋ قىلىشتۇر. ئۇ خىل مەسىلىلەر ئىسلامنىڭ رامكىسىدۇر، مەھكەم سېپىلىدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىدىكەن، دىندىن چىقىدۇ.
ئىككىنچى تۈرلۈك ئىجماﺋ: يۇقىرىقىدىن تۆۋەنرەك ئەھكاملارغا ئىجماﺋ قىلىش. مەسىلەن، ساھابەلەرنىڭ (فەتىھ ئارقىلىق) ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە ئەسلىي ئىگىلىرىنىڭ قوللىرىدا قالىدىغانلىقىغا ئىجماﺋ قىلغىنىغا ئوخشاش، يەنە ئۇلارنىڭ مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋە باشقا ئىشلارغا ئىجماﺋ قىلغىنىغا ئوخشاش.
بۇ تۈرلۈك ئىجماﺋ ھەققىدە ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەتلەر خىلمۇخىل بولغان. بەزى ئالىملار ئۇنىڭ: «كىمكى ئىجمائنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىدىكەن، ئۇ يالغانچىدۇر» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئىمام ئەھمەد ئىجمائنى دەۋا قىلغان كىشىنى يالغانچىغا چىقارغان ۋە ئىجمائنى سابىت ھەدىسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغان» دېگەن. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئېيتىدۇ: «مەن دادامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ‹كىشى نېمىدە ئىجمائنى دەۋا قىلىدىكەن، ئۇ يالغانچىدۇر. بەلكىم كىشىلەر (بىرەر ماۋزۇدا) ھەر خىل قاراشتا بولۇشى، كىشى ئۇنى بىلمەي قېلىشى ۋە ئۇنىڭغا يەتمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، (ئىجماﺋ بار دېمەي) بىرەر مۇخالىپ كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز، دېسۇن!›»(45).
بۇنىڭدىن شۇنى چىقىرىمىزكى، ئىمام ئەھمەد ئىجمائنىڭ ئەسلىنى ئىنكار قىلمايدۇ، لېكىن ساھابەلەر دەۋرىدىن كېيىن ئىجمائنىڭ بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ساھابەلەرنىڭ ئىجماﺋ قىلغان مەسىلىلىرىدىكى ئىجمائسىنى ئېتىراپ قىلاتتى. چۈنكى، ساھابەلەر مەلۇم، ئۇلارنىڭ ئالىملىرىمۇ ھەممىگە تونۇشلۇق ۋە چەكلىك ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى مەدىنەدە تۇتۇپ قالغان. ئۆمەر مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرىنى توپلاپ، مۇسۇلمانلارغا مۇھىم ھەربىر ئىشتا ئۇلارغا مەسلىھەت سالاتتى ۋە ئۇلاردىن كەسكىن بىر راي ئالاتتى. نەتىجىدە بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يالغۇز ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشتىن ساقلىناتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن دەۋا قىلىنغان ئىجمائلار ھەققىدە ئىمام ئەھمەد: «بىز ئۇ ھەقتە بىرەر مۇخالىپ كىشىنى بىلمەيمىز» دەيتتى.
بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ئەھمەدنىڭ نەزەرىدە ئىجمائنىڭ ئىككى دەرىجىسى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز.
بىرىنچىسى: ئالىي دەرىجىلىك ئىجماﺋ. بۇ ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىدۇر. بۇ ئىجماﺋ ساھابەلەرنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساھابەلەر بىر پىكىرگە كەلگەن مەسىلىلەردە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىجماﺋ ھۆججەت بولۇپ، ئۇ كىتابتىن ياكى سەھىھ سۈننەتتىن بىرەر ئاساسقا تايانغان بولىدۇ. ساھابەلەرنىڭ ئۇنىڭدا بىرەر سەھىھ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىنىڭ راۋىيلىرىدۇر. ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك، بەزى ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ بەزىسى ئارقىلىق بىلىنگەن بولسا، دېمەك، بىر ھەدىس ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يوشۇرۇن قالمايدۇ (بىرى بىلمىسە، يەنە بىرى چوقۇم بىلىدۇ).
ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىجماﺋ: بىر قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مەشھۇر بولۇشى ۋە ئۇ ھەقتە بىرەر مۇخالىپنىڭ بىلىنمەسلىكى. ئەگەر بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئىجماﺋ دەپ ئاتىساق، بۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىجمائدۇر. بۇ سەھىھ ھەدىستىن تۆۋەن، قىياستىن يۇقىرى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇ توغرۇلۇق بىرەر مۇخالىپ تېپىلىپ قالسا، ئىجماﺋ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ ئىككى دەرىجە دىندا ئوپئوچۇق بىلىنگەن، ئىنكار قىلغۇچى كافىر سانىلىدىغان ئەسلىي پەرزلەر ھەققىدىكى ئىجمائدىن تۆۋەن تۇرىدۇ. مىسالى، نامازلارنىڭ بەش ۋاقىت ئىكەنلىكى، ھەر نامازدىكى رەكئەتلەرنىڭ سانى. شۈبھىسىزكى، بۇ دەرىجە ئىستىنبات يوللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
قىياس
[279] بىز بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقان قىياس ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇندىن باشقا قىياس فۇقەھائلىرىنىڭ قوللانغان قىياسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئىستىھسان، مەسالىھ مۇرسەلە ۋە زەراﺋﯩﺌ قاتارلىقلار كىرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى: ھۆكۈمنى تەقەززا قىلغۇچى سۈپەتتە ئورتاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشقا قېتىۋېتىشتۇر.ئىمام ئەھمەدنىڭ: «قىياستىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنى ساھابەلەرمۇ قوللانغان» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام ئەھمەد قىياسنى قوللىنىش پرىنسىپىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەچكە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەنبەلىيلەر قىياسقا كۆڭۈل بۆلگەن. ھەنبەلىيلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۈننىتىدىن بىرەر ھۆكۈم تاپالمىغان ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە، قىياسنى كۆپ قوللانغان.
لېكىن، شۇ ئاشكارىدۇركى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنۇلقەييىمدەك ھەنبەلىيلەرنىڭ يازغۇچىلىرى نوقۇل مەزمۇت ئىللەت بىلەن ئەمەس، مۇناسىپ سۈپەتلەر بىلەن قىياس قىلاتتى. مەسىلەن، ھەنەفىيلەر سەلەم سودىسىنى (ئۇ دېگىنىمىز نېسىنى نەقكە سېتىش بولۇپ، مال نېسى، پۇل نەق بولىدۇ) غەيرى قىياسىي سودا دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ. چۈنكى، سودا قىلىشقان نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، ھالبۇكى يوق نەرسىنى سېتىش جائىز بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇنى قىياسىي سودا دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ. چۈنكى، مالنىڭ مەۋجۇد بولۇشى (لازىملىقى) دىكى ھېكمەت ئۇنىڭدا تېپىلىدۇ. ئۇ ھېكمەت بولسىمۇ مەجھۇللۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مادامىكى مەجھۇللۇق ياكى ئۆزرە يوقالغان ئىكەن، سودا قىياسىيدۇر.
شۇ جۈملىدىن، ھەنبەلىيلەر ھەقنى ھاۋالە قىلىشنى توغرا دەپ قارايدۇ. بۇ دېگەنلىك بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ ئۈستىدە ئالىدىغان قەرزى بولسا، بۇ قەرزنى باشقا بىرىگە ھاۋالە قىلىدۇ ۋە بۇ ئۈچىنچى كىشى ئۇنىڭ ئورنىدا قەرزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قىياسچى ھەنەفىيلەرنىڭ قارىشىغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ قەرزنى قەرزگە سېتىش دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جائىز ئەمەس.
ھەنبەلىيلەر ئېيتقان: «بۇ قەرزنى تولۇق ئېلىش جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، ھاۋالە قىلغان كىشى ھاۋالە قىلىنغان كىشىدىن قەرزنى تولۇق ئالىدۇ، بۇ ئېلىش جائىز».
مۇشۇنداق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئىللەتلەرگە قارالماي، ھېكمەت ۋە مۇناسىپ سۈپەتلەرگە قارالغانلىقىنى كۆرىمىز.
مەسالىھ (المصالح)
[280] بۇ يەردىكى مەسالىھتىن «مەسالىھ مۇرسەلە» يەنى مۇتلەق مەسلەھەلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۇ دېگىنىمىز ئېتىبارغا ئالماي تاشلىۋېتىشكە قارىتا ھېچبىر دەلىل تېپىلمىغان مەسلەھەلەردۇر. ئەمما، ئۇ شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان مەسلەھەلەرنىڭ جىنسىدىندۇر. بۇ مەسلەھەلەر مالىكىيلارنىڭ نەزەرىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەمما شەرتى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ماس بولۇشى، بىرەر ھەرەجنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان بولۇشى ۋە بىرەر نەسكە تاقاشماسلىقى كېرەك.بۇ مەسالىھ مۇرسەلەنى ھەنبەلىيلەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلار قىياسنىڭ قاتارىدىن سانايدۇ. چۈنكى، ئۇ گەرچە مۇئەييەن خاس بىر نەسكە قىياس قىلىش بولمىسىمۇ، «قۇرئان» ۋە سۈننەت نەسلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن سۈزۈلگەن ئومۇمىي مەسلەھەلەرگە قىياس قىلىشتۇر.
ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى تۇتقان. چۈنكى، ئۇ ساھابەلەرنىڭمۇ ئۇنى تۇتقانلىقىنى كۆرگەن.
ئۇ شەرئىي سىياسەتتىمۇ «مەسالىھ مۇرسەلە»نى تۇتۇپ ماڭغان. شەرئىي سىياسەت دېگىنىمىز ئىمام (خەلىفە) نىڭ كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، كىشىلەرنى مەسلەھەلىك (مەنپەئەتلىك) ئىشلارغا ئۈندەش ۋە ئۇلارنى مەفسەدەلىك (زىيانلىق) ئىشلاردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر. ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، گەرچە بىرەر نەس كەلمىسىمۇ، بىر قىسىم جازالارنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ مۇشۇ جۈملىدىن بولغان پەتۋالىرىدىن: بۇزۇق پاھىشىۋازلارنى شەررىدىن ئەمىن بولغىلى بولىدىغان بىر يۇرتقا سۈرگۈن قىلىش، رامازاننىڭ كۈندۈزىدە ھاراق ئىچكۈچىگە قاتتىق ھەد ئۇرۇش ۋە ساھابەلەرگە تىل ئۇزاتقان كىشىلەرنى جازالاش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ قارىشىچە، ساھابەلەرگە تىل تەگكۈزگەن ئادەمنى جازالاش ۋاجىب، سۇلتاننىڭمۇ ئۇنى ئەپۇ قىلىش ھەققى يوق، بەلكى ئۇنى جازالىشى ۋە تەۋبە تەلەپ قىلىشى لازىم. تەۋبە قىلسا قىلغانچە، ئەگەر تەۋبە قىلماي ئۇ ئىشىنى قايتا سادىر قىلسا، تەكرار جازالايدۇ(46).
ھەنبەلىيلەر بۇنىڭدا ئىمام ئەھمەدكە ئەگەشكەن ۋە كۆپلىگەن ئىشلارغا شەرىئەت مۇقىملاشتۇرغان مەسلەھەلەرنىڭ جىنسىدىن سانىلىدىغان مەسلەھە بويىچە پەتۋا بەرگەن. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن: ئۇلارنىڭ قورۇ ئىگىسىنى ھېچبىر پاناھگاھى يوق ئادەمنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلاشنىڭ جائىزلىقىغا پەتۋا بېرىشى. چۈنكى، قورۇدا باشپاناھسىز كىشى سىغقۇدەك بوشلۇق بار. بۇ توغرۇلۇق ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقانكى: «پەرەز قىلايلى، بىرقانچە كىشى بىر ئىنساننىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆي تاپالمىسا ياكى خەقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر خانىدە قونۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئىگىسىنىڭ ياردەم قىلىشى دەتالاشسىز ۋاجىبتۇر. لېكىن، ھەق ئالسا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار. بۇ ئىككى قاراش ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ئىككى خىل ۋەجھىدۇر (يولدۇر). ھەق ئېلىشنى جائىز سانىغانلار بازار نەرخىدىن تەلەپ قىلىشنى ھارام دەپ قارىغان»(47).
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مۇنداق پەتۋا بەرگەن: «ئەگەر ئىنسانلار دېھقان ۋە باشقىلاردەك سانائەت ئىگىلىرىگە موھتاج بولۇپ قالسا، سانائەت ئىگىلىرىگە مىسلىنىڭ ئەجرى بېرىلىپ، شۇ سانائەتلەرگە مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ باش تارتىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئەگەر قىلمىسا، جازالىنىدۇ. چۈنكى، ئاشۇنداق قىلماي، مەسلەھە ئىشقا ئاشمايدۇ»(48). ئۇلار «قوغداشقا تېگىشلىك مەسلەھە ئۈچۈن، سانائەت ئۆگىتىش پەرز كۇپايە» دەپ قارىغان. چۈنكى، سانائەتكە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق.
ئىمام ئەھمەد مەسلەھەلەرگە ئۇنىڭ قىياس بابلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئاساسىدا ئەمەل قىلغان ھەم قىياسنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتكەن. ئۇ «مەسالىھ مۇرسەلە»نى مۇئەييەن بىر نەستىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي نەسلەردىن ئېلىنغان ۋە كەڭ ئىسلام فىقھىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنغان مەسلەھەلەرگە قىياسەن ئېتىبارغا ئالغان بولسا كېرەك.
مەسالىھ قىياس بابلىرىدىن بولغان ئىكەن، ئىمام ئەھمەد، مادامىكى ھەدىسنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلانمىسىلا ۋە ھەدىس كۈچلۈك بولمىسىمۇ، مەسالىھنى ھەدىسنىڭ ئارقىسىغا قويىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قائىدىسى شۇكى، كىتابتىن بىرەر نەسمۇ تاپالمىغان ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرەر سۈننەتمۇ تاپالمىغان ئەھۋالدا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئاندىن قىياسقا ئەمەل قىلىدۇ.
ئىستىھسان (الاستحسان)
[281] ھەنەفىيلەرنىڭ نەزەرىدە ئىستىھسان: زاھىر قىياس يەنە بىر كۈچلۈكرەك قىياس بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ئۈچۈن، نەستىن ياكى ئىجمائدىن، ياكى زۆرۈرىيەتتىن ئىبارەت بىرەر دەلىلگە ئاساسەن، بىر مەسىلە ھەققىدە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر مەسىلىگە چىقىرىلغان ھۆكۈمدىن باشقىچە بىر ھۆكۈم چىقىرىشتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىقلىما مۆتىۋەر ھەنبەلىي ئۇسۇلۇلفىقھسىغىمۇ ئۇيغۇن. چۈنكى، ئىستىھسان يا نەس ۋە ئىجمائدىن ئىبارەت بىر دەلىلنى تۇتۇشتۇر، يا زۆرۈرىيەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى ھەنبەلىي مەزھەبتە ئېتىبارغا ئېلىنغان. ئىمام ئەھمەدتىن ئۇنىڭغا قارشى كېلىدىغان بىرنەرسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ئىستىھسان مالىكىيلارنىڭ نەزەرىدە: سابىت بىر قائىدىنىڭ مۇقابىلىدە، مەسلەھەگە ئەمەل قىلىش تۈرلىرىدىن بىر تۈردۇر. مەسلەھەلەرنى تۇتۇپ ماڭغان ھەنبەلىيلەرنىڭ مەزھەبىدىمۇ بۇنىڭغا زىت بىرنەرسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىستىھسان مەسلەھەنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشتۇر. ھالبۇكى ھەنبەلىيلەر خۇلەفائى راشىدىن ۋە ساھابەلەرنىڭ چوڭ فۇقەھائلىرىدىن ئىبارەت سەلەف سالىھلەرگە ئەگەشكەنلىكتىن، نەس يوق يەردە مەسلەھەگە ئەمەل قىلىشنى قارار قىلغان.
زەراﺋﯩﺌ (الذرائع)
[282] بۇ، ھەنبەلىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمامى ئىمام ئەھمەدكە ئەگىشىپ تايانغان بىر فىقھىي ئۇسۇلدۇر. چۈنكى، شەرىئەت بىر ئىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ ئىشقا يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىللە تەلەپ قىلىنىدۇ. بىر ئىشتىن نەھيى قىلسا، شۇ ئىشقا يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىللە نەھيى قىلىنىدۇ. چۈنكى، زەراﺋﯩﺌ — ۋاسىتىلەر دېمەكلىك بولۇپ، ۋاسىتە ئۆزى ۋاسىتىچىلىك قىلغان ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئەگەر شۇ ئىش تەلەپ قىلىنغان بىر ئىش بولسا، ۋاسىتىمۇ بىرگە تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر مەنئى قىلىنغان بىر ئىش بولسا، ۋاسىتىمۇ بىللە مەنئى قىلىنىدۇ.ئىسلامىي مەزھەبلەر ئىچىدە ھەنبەلىي مەزھەب «زەراﺋﯩﺌ»نى ئەڭ قاتتىق تۇتقان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنۇلقەييىم دەيدۇكى: «سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەر بولماي، مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولمىغاچقا، مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەر مەقسەتكە ئەگەشمە بولىدۇ ۋە مەقسەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. دېمەك، ھارام ۋە مەئسىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىلىرى ھارامدىن ئىبارەت غايىسىگە قانچىلىك يەتكۈزىدىغانلىقىغا بېقىپ يامان كۆرۈلىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرنەرسىنى ھارام قىلسا، شۇ نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە – يوللارنىمۇ ھارام قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھ تائالا ھارامغا باشلايدىغان ۋاسىتە – يوللارنى مۇباھ قىلسا ئىدى، بۇ ئىش ھارامغا يول ئاچقانلىق ۋە كۆڭۈللەرنى ھارامغا قىزىقتۇرغانلىق بولۇپ قالاتتى. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە ئىلمى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. تېۋىپلار كېسەلنى ئۈزۈل – كېسىل يوقاتماقچى بولسا، بىمارنى شۇ كېسەلگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەردىن مەنئى قىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، تېۋىپلارنىڭ كېسەلنى داۋالاش نىشانى ئىشقا ئاشمايدۇ. ھېكمەت، مەسلەھە ۋە كامالەت دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولغان شەرىئەتنى قانداق ئويلايسىز؟! كىمكى شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە ئويلانسا، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھاراملارغا باشلايدىغان ۋاسىتىلەرنى ھارام قىلىش ۋە چەكلەش ئارقىلىق ھارامنىڭ ئىشىكىنى تاقىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ»(49).
بۇنىڭدىن شۇ روشەنلىشىدۇكى، ھەنبەلىي مەزھەب ئىمام ئەھمەدكە ئەگىشىپ، زەراﺋﯩﺌ ئۇسۇلىنى تۇتۇپ ماڭغان. نەتىجىدە تەلەپ قىلىنغان بىر ئىشقا ۋاسىتە بولغان نەرسىمۇ تەلەپ قىلىنغۇچى بولغان، مەنئى قىلىنغان بىر ئىشقا ۋاسىتە بولغان نەرسىمۇ مەنئى قىلىنغۇچى بولغان.
ھەنبەلىي مەزھەبىدە زەرائىئقا ئىككى خىل نۇقتىدىن قارالغان:
بىرىنچىسى: ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ تۈرتكىسىگە قاراش. شەخس ئۇنىڭدىن بىر ھارامغا يېتىشنى مەقسەت قىلدىمۇ ياكى بىرەر مۇباھقا يېتىشنى مەقسەت قىلدىمۇ، بۇنىڭغا قارىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «إِنَّمَا الأَعْمَالُ بِالنِّيَّاتِ، وَإِنَّمَا لِكُلِّ امْرِئٍ مَا نَوَى (ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ پەقەت نىيەتكە ﺑﺎغلىقتۇر، ھەركىمگە نىيەت قىلغىنىلا بولىدۇ)»(50).
ئىككىنچىسى: نىيەت ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، نوقۇل تاشقى ئەھۋالغا قاراش. مەسىلەن، كىمكى بۇتلارنى تىللىسا، گەرچە ئۇ ياخشى نىيەتنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىلمىش مۇشرىكلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنى تىللىشىغا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
بۇنىڭغا بىنائەن، زەرائىئتا پەقەت نىيەتكىلا قارالمايدۇ، بەلكى گاھىدا نىيەتكە قارالسىمۇ، كۆپ ھاللاردا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىلىدۇ. ھەنبەلىيلەر ئىككىلى ئىشقا ئەمەل قىلغان. مەفسەدەگە باشلايدىغان ئەمەللەر گەرچە ئۆزى مەفسەدە سانالمىسىمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن يامانلىقنى مەقسەت قىلسا، گەرچە ئۇ ئەمەل زىيان سېلىشقا ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، ئۇ كىشى بىر گۇناھنى قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن: كىمكى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقان بىر ئىنساننى قارىغا ئېلىپ، ئوق ئۇ ئىنسانغا تەگمەي، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇنى چاقماقچى بولۇپ تۇرغان بىر يىلانغا تەگكەن بولسا، گەر نەتىجە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ كىشى يەنىلا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكاردۇر.
ھەنبەلىي مەزھەبتىكى زەرائىئقا ئەمەل قىلىشقا قارىتا بىرقانچە مىسال كەلتۈرەيلى:
(1) بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، تاۋارلارنى بازارغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئالدىغا چىقىپ ئېلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش گاھىدا مونوپوللۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گاھىدا ساتقۇچىنىڭ زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمام ئەھمەد ساتقۇچىغا بازاردىكى باھانىڭ ئۆزى ساتقان باھانىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئايان بولسۇن، ياكى ئايان بولمىسۇن، ساتقۇچىغا سودىنى بىكار قىلىش ئىختىيارلىقى بەرگەن. دېمەك، «سەددۇززەراﺋﯩﺌ» يەنى ۋاسىتىلەرنى ئېتىش نۇقتىسىدىن، ساتقۇچىنىڭ سودىنى بىكار قىلىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ.
(2) ئىمام ئەھمەد زەراﺋﯩﺌ بىلەن پەتۋا بەرگەن ئىشلاردىن بىرى، بىر شەخسنى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكۈچە يېمەك – ئىچمەكتىن چەكلىگەن كىشىنىڭ ئۈستىگە دىيەت ۋاجىب بولىدىغانلىقى. چۈنكى، ئۇنى يېمەك – ئىچمەكتىن چەكلەش ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.
(3) خېرىدارلارنى ئۆزىنىڭ سودا قوشنىسىدىن توسۇش ئۈچۈن تاۋارلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگەن كىشىدىن نەرسە سېتىۋېلىشنى ئىمام ئەھمەد مەكرۇھ دەپ قارايتتى. چۈنكى، ئۇ كىشى بۇ ئارقىلىق قېرىندىشىغا زىيان سېلىشنى ئىرادە قىلغان. ئۇنىڭدىن سېتىۋالمىغاندا، بۇ زىياننى توسقىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «نَهَى عَنْ طَعَامِ الْمُتَبَارِيَيْنِ أَنْ يُؤْكَلَ / پەيغەمبىرىمىز ئىككى بەسلەشكۈچىنىڭ تامىقىنى يېيىشتىن نەھيى قىلغان»(51). بۇ ئىككى كىشى بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە سەدىقە قىلغان كىشىلەردۇر.
(4) ئىمام ئەھمەد فىتنە (ئىچكى ئۇرۇش) چىققاندا، قورال سېتىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش تاجاۋۇزچىلىققا ياردەم قىلغانلىقتۇر. قاراقچىلارغا قورال سېتىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. چۈنكى، ئۇلارغا قورال سېتىش ئۇلارنىڭ جىنايىتىگە ياردەملەشكەنلىكتۇر. يەنە ئۈزۈمدىن ھاراق ياسايدىغانلىقى ئېنىق بىر كىشىگە ئۈزۈم سېتىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. بۇنىڭ ھەممىسىدە سودا سەھىھ ئەمەس. يەنە بىنانى تانسىخانا ۋە ھارام كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدەك گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ ماكانى قىلىدىغان ئادەمگە بىنانى ئىجارىگە بېرىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر.
ئىستىسھاب (الاستصحاب)
[283] ئىستىسھابنىڭ مەنىسى — باشقا بىر دەلىل تېپىلغۇچە مەۋجۇد ھۆكۈم داۋاملىشىدۇ، دېمەكتۇر.ھەنبەلىيلەر بۇ ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغان. ئۇلار ئىستىسھاب ئۇسۇلى بويىچە پەتۋا بەرگەن مەسىلىلەردىن:
(1) تاكى چەكلەيدىغان دەلىل تېپىلغۇچە، نەرسىلەردىكى ئەسلىي ھالەت مۇباھلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، تا چەكلەيدىغان بىر نەس تېپىلغۇچە، توختام ۋە شەرتلەر مۇباھ بولىدۇ، ئۇلارغا رىئايە قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.
(2) سۇنىڭ نىجىسلىقىغا بىر دەلىل تېپىلغۇچە، سۇدىكى ئەسلىي ھالەت سۇنىڭ پاكلىقىدۇر.
(3) ئەر كىشى ئايالىنى تالاق قىلسا ۋە ئۇنى بىر تالاق قىلغانلىقى ياكى ئۈچ تالاق قىلغانلىقىدا شەكلەنسە، بىر تالاق ھېساب بولىدۇ. چۈنكى، بىر تالاق جەزمىيدۇر (يەنە بىرى شەكلىكتۇر).
بىز ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆپلىگەن فۇرۇئاتلىرىدا، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرىدىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئۇلارنىڭ قائىدىسى بولسىمۇ: چەكلەيدىغان بىرەر نەس تېپىلمىغۇچە، توختام ۋە شەرتلەرنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ مەزھەبى بۇ بابتا ھېچبىر مەزھەب كېڭەيمىگەن تەرزدە كېڭەيگەن.
ھەنبەلىي مەزھەبنىڭ يۈكسىلىشى ۋە رىۋايەت قىلىنىشى، شۇنداقلا ھەنبەلىي مەزھەبتىكى ئوخشىمىغان قاراشلار
[284] ئىمام شافىئىي ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى يازغاندەك، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى يازمىغان. بەلكى ئۇ (شاگىرتلىرىنى) فىقھىسىنى يېزىشتىن توساتتى. ئەگەر ئۇنىڭ بەزى فىقھىي مەسىلىلەر ھەققىدە يازمىلىرى بار بولسا، ئۇ ئۇنىڭ شەخسىي خاتىرىلىرىدۇر. ئۇ خاتىرىلىرىنى تارقاتمايتتى ۋە ئۇنى ھېچكىمنىڭ نەقىل قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. چۈنكى، ئۇ يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئىنسانلارنىڭ تەكلىفىي ھۆكۈملەرنى بىلىشتە «قۇرئان» ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن، كىتاب ۋە سۈننەتتىن باشقىسىنىڭ توپلانماسلىقىنى توغرا كۆرەتتى.1. ھەنبەلىي فىقھىسى ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرى ئارقىلىق نەقىل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئوغلى سالىھ شۇلارنىڭ ئەۋۋىلىدۇر. ئۇ فىقھنى دادىسىدىن ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن ئالغان. ئۇ دادىسىنىڭ فىقھىسىنى جاۋاب خەتلەر ئارقىلىق تارقاتقانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا سوئال سورىلىپ خەتلەر ئەۋەتىلەتتى. ئاندىن ئۇ دادىسىنىڭ قارىشى بويىچە جاۋاب بېرەتتى. ئۇ قازىلىققىمۇ ئىگە بولغان. نەتىجىدە دادىسىنىڭ فىقھىسىنى ئەۋلادلارغا يۆتكەپلا قالماي، بەلكى ئەمەل ۋە تەتبىققا يۆتكىگەن. ئۇ ھ. 266 – يىلى ۋاپات بولغان.
2. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەدمۇ شۇنىڭدەك. ئۇ «مۇسنەد»نى ئەۋلادلارغا نەقىل قىلغان. ئۇنىڭ ھەدىس نەقىل قىلىشى كۆپرەك بولسىمۇ، دادىسىنىڭ فىقھىسىنىمۇ نەقىل قىلغان. ئابدۇللاھ ھ. 290 – يىلى ۋاپات بولغان.
3. ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلغان شاگىرتلاردىن يەنە بىرى ئەبۇبەكرى ئەسرەمدۇر. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىمام ئەھمەدنى لازىم تۇتقان ۋە ئۇنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلغان. ئۇ ھ. 261 – يىلى ۋاپات بولغان.
4. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن يەنە بىرى ئابدۇلمەلىك مەيمۇنىيدۇر. ئۇ ئىمام ئەھمەدكە 22 يىلچە ھەمراھ بولغان. ئىمام ئەھمەد توسقان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن مەسىلىلەرنى يېزىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىنى رىۋايەت قىلىشتا چوڭ تۆھپىسى بار. ئۇ ھ. 274 – يىلى ۋاپات بولغان.
5. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن يەنە بىرى ئەبۇبەكرى مەرۋەزىي. ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ خاس شاگىرتى ئىدى. ئىمام ئەھمەدتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى نەقىل قىلغان ۋە ئۇشبۇ مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن خەللال نەقىل قىلغان. ئۇ ئىمام ئەھمەدكە بەك قىزىقاتتى. ئۇ ھ. 275 – يىلى ۋاپات بولغان.
6. ئىمام ئەھمەدتىن نەقىل قىلغانلاردىن يەنە بىرى ھەرب. ئۇ قىسقا مەزگىل ئىمام ئەھمەدكە ھەمدەم بولغان. شۇنداقتىمۇ ئىمام ئەھمەدتىن كۆپ فىقھنى نەقىل قىلغان. ئۇ ئىمام ئەھمەد ئېيتقان ھېكمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە نەقىل قىلغانلىرى قاتارىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنۇ سۆزى بار: «ئىنسانلار سۇ ۋە نانغا موھتاج بولۇپ تۇرغاندەك، ئىلىمگە موھتاج بولۇپ تۇرىدۇ». ھەرب ھ. 280 – يىلى ۋاپات بولغان.
7. بۇ شاگىرتلاردىن يەنە بىرى ھ. 285 – يىلى ۋاپات بولغان ئىبراھىم ئىبنى ئىسھاق ھەربىيدۇر. ئۇ ئىمام ئەھمەدتىن فىقھ ۋە ھەدىسنى نەقىل قىلغان ۋە زاھىدلىق، پەرھىزكارلىقتا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خەلىفە مۇئتەزىد ئۇنىڭغا ئون مىڭ دىرھەم ئەۋەتكەندە، ئۇنى قايتۇرۇۋەتكەن، ئاندىن خەلىفە ئۇنىڭ ئۇ دىرھەملەرنى قوشنىلىرىغا تارقىتىۋېتىشىنى سورىغان. ئۇ ئەلچىگە: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە دېگىنكى: ‹بىز توپلاشقا ئۆزىمىزنى مەشغۇل قىلمىغان نەرسىنى تارقىتىشقا بىزنى مەشغۇل قىلمىغىن›، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە دېگىنكى: ‹بىزنى ئارامخۇدا قويغىن، بولمىسا يېنىڭدىن كېتىمىز›». ئۇ ھ. 285 – يىلى ۋاپات بولغان.
بۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلارمۇ نەقىل قىلغان. لېكىن، بۇلارنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بولغان ۋە كۆپىنچىسىنىڭ ئۇزۇن ھەمراھلىقى بولغان.
ئىمامغا ھەمراھ بولغان شاگىرتلاردىن كېيىن، ئەبۇبەكرى خەللال مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىمام ئەھمەدنىڭ جىمى ئىلىملىرىنى توپلاشقا قاراتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سەپەرلەرنى قىلغان، كىتابلارنى يازغان. ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىنى رىۋايەت قىلىشتا مۇھەببەت بىلەن ئەبۇبەكرى مەرۋەزىيگە ھەمراھ بولغان. ئۇ ئۆزى رىۋايەت قىلغان بارلىق كىشىلەردىن ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلغان، جۈملىدىن ئىمام ئەھمەدنىڭ بالىلىرىدىن، ھەربتىن، مەيمۇنىيدىن نەقىل قىلغان. ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى بىر – بىرلەپ ساناش قولايسىز.
شۇ ئارقىلىق خەللال ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرىدىن كېيىن قالسىلا، ئۇنىڭ فىقھىسىنىڭ ناقىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھ. 311 – يىلى ۋاپات بولغان.
ئاندىن خەللالدىن كېيىن كۆپلىگەن ناقىللار كېلىپ، مەزھەب يېيىلغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان.
مەزھەبتىكى ئوخشىمىغان قاراشلار
[285] ھەنبەلىي مەزھەبتە ئوخشىمىغان قاراشلار كۆپ بولغان. بۇنىڭ جىق سەۋەبلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردىن:1. ئىمام ئەھمەد سەلەفچى فەقىھ ئىدى، شۇڭا ئۇ تەرجىھتىن ئۆزىنى تارتقان. مەلۇم تېمىدا ساھابەلەردىن ياكى بەزى تابىئىندىن ئىككى خىل قاراشنى نەقىل قىلغاندا، ئەگەر شۇ قاراشلارنىڭ بىرىنى قوللايدىغان بىرەر نەس بولمىسا، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قاراشنى ئۆز پېتى قالدۇراتتى – دە، نەتىجىدە ئۇنىڭ مەزھەبىدە ئىككى خىل قاراش شەكىللىنەتتى.
2. گاھىدا ئىككى خىل قاراش ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىككىلىنىپ قالسا، ئۇلارنى تەرجىھ قىلماستىن تاشلاپ قوياتتى.
3. بىرەر مەسىلىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى ھەققىدە رىۋايەتنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى. نەتىجىدە رىۋايەتلەرنىڭ بىرى راستقا چىقىپ، قالغانلىرى يالغانغا چىقمىغان ئىكەن، ھەربىر رىۋايەت بىردىن قاراش بولۇپ قالغان.
4. ئىمام ئەھمەد مۇئەييەن بىر مەسىلىدە مەلۇم بىر ھالەتنى چىقىش قىلىپ پەتۋا بېرەتتى. ئۇ ئەينى شۇ مەسىلە توغرىسىدا قايتا سورىلىپ، سورىغۇچىنىڭ ئاۋۋالقى ھالىتىگە ئوخشىمايدىغان بىر ھالىتىنى كۆرسە، كىشىنىڭ ئۆزى كۆرگەن ھالىتىنى چىقىش قىلىپ پەتۋا بېرەتتى. نەتىجىدە راۋىي ئۇنى ئىككى خىل قاراش دەپ ئويلاپ قالاتتى. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ھالەت ئۆزگەرگەن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھۆكۈممۇ ئۆزگەرگەن. ئىمام ئەھمەد «پەتۋا بەرگەن چاغدا پەتۋا سورىغۇچىنىڭ ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ۋاجىب» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇنىڭدا پەتۋانىڭ بىرەر ھارامغا ۋاسىتە قىلىنىپ قېلىشىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك.
5. بەزى ۋاقىتلاردا مەسلەھە ياكى قىياسقا ئاساسلانغان راي بويىچە پەتۋا بېرەتتى، نەتىجىدە ئىككى قاراشتىكى نۇقتىئىنەزەرى پەرقلىق بولاتتى ۋە ئىككى قاراشنى ئارىدىن بىرىنى تەرجىھ قىلماستىن قالدۇرۇپ قوياتتى.
مەزھەبنىڭ تەرەققىي قىلىشى
[286] ھەنبەلىيلەر «ئىجتىھادنىڭ ئىشىكى تاقالمىدى» دەپ قارايدۇ، بەزى مەزھەب مۇتەئەسسىبلىرى «ئىجتىھادنىڭ ئىشىكى تاقالدى» دەپ قارىغان بولسا، ھەنبەلىيلەر مۇجتەھىدلىككە سالاھىيىتى توشقان ۋە ئىجتىھاد قىلىش سۈپەتلىرى ھازىرلانغان ھەربىر كىشىگە ئىشىكنى ئاچقان. بۇنى كىتابنىڭ بېشىدىمۇ سۆزلىگەنىدۇق. ھەتتا ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇتلەق مۇستەقىل مۇجتەھىدنىڭ بولۇشى پەرز كۇپايىدۇركى، ھېچبىر دەۋرنىڭ ئۇنىڭدىن خالىي قېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئىنسانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كەتمەسلىكى ۋە ئىلىمسىز كىشىلەرنىڭ پەتۋا بېرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا كىتاب ۋە سۈننەت ئىلمىنىڭ ئۆچۈپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشىنىڭ ئورنىغا گويا مەزھەبلەر مۇستەقىل بىر ئاساسلاردەك مەزھەبلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، مەزھەبلەر ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇتلەق مۇستەقىل مۇجتەھىدنىڭ بولۇشى زۆرۈردۇر.بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ھەنبەلىي مەزھەب زور تەرەققىي قىلغان. دېمەك، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇنداق ئۈچ ئىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ:
1. مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرى
2. پەتۋالار
3. مەزھەبتىكى تەخرىجلەر
مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرىغا كەلسەك، دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىز ئۇنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ مەزھەبنى ئەڭ تەرەققىي قىلدۇرغان نەرسە بۇ مەزھەبنىڭ زور دەرىجىدە ساھابەلەرنىڭ، تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. شۇندىن كېيىن مەزھەبتىكى كۆپلىگەن پەتۋالار ئەنە شۇلارغا ئاساسلانغان. چۈنكى، بۇلار مۇجتەھىدلەرنىڭ مەنبەسى بولغانكى، مۇجتەھىدلەر شۇ مەنبە بويىچە تەخرىج قىلغان، شۇنىڭغا قىياس قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن توغرا يول تاپقان.
ئاندىن مەزھەبنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىدىمۇ مولچىلىق بار ئىدى، بولۇپمۇ مەسالىھ ۋە زەرائىئلاردا. بۇ ئۇسۇللار ئۆزلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىجتىھاد قىلىش ئىشىكلىرىنى كەڭ ئاچقان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاشۇ ئۇسۇللار ئۈستىگە قۇرۇلغان فۇرۇئاتلار كۆپ بولغان. ئۇلار ھەقىقەتەن ئىستىسھاب بابىنى كېڭەيتكەن. نەتىجىدە سودا – توختاملارغا نىسبەتەن باشقىدا مۇباھ بولمىغان نەرسىلەر ئۇنىڭ بىلەن مۇباھ بولغان.
پەتۋالارغا كەلسەك، ھەنبەلىيلەر پەتۋا بېرىش شەرتلىرىنى ئېغىر قىلغان. پەتۋاغا پەقەت كىتاب ئىلمى ۋە سۈننەت ئىلمىدە، ساھابە ۋە تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى ئىگىلەشتە، مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە فۇرۇئلىرىنى بىلىشتە جىق ئۇمىچى بار، ئەقلى ساغلام، نىيىتى خالىس، كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەبەردار ئادەملا ئىگە بولالايدۇ. كىمكى مۇشۇ ھالەتتە بولسا، ئۇسۇللارغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ ساغلام پەتۋالارنى بېرەلەيدۇ.
(ھەنبەلىي) مەزھەب فۇقەھائلىرىدىن كۆپ كىشىنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ قۇدرىتىگە يېتەلمىسىمۇ، مۇتلەق مۇستەقىل مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يەتكەنلەر بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن تۆۋەن بولغانلارمۇ بار» دېگەن. ئۇ يەنە مەزھەب فۇقەھائلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بۇلارنىڭ ئەھۋاللىرى، پەتۋالىرى ۋە ئىختىياراتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىغا نېمە دېسە قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىغا قىلغان خىلاپلىقلىرى، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاز خىلاپلىق قىلغان، بەزىلىرى كۆپ خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، ئوچۇق – ئاشكارىدۇر».
مەزھەبنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مەزھەبتىكى تەخرىجنىڭ ساغلام بولۇشى پەتۋا ۋە تەخرىج ئەھلىدىكى ئىلمىي قابىلىيەتكە بېقىپ بولىدۇ.
ئەمما، مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچى ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىز يۇقىرىدا دېگەندىن باشقا مەزھەبنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى خىزمەتلىرىگە كەلسەك، ئۇلار مەزھەبنى پۇختا رەتلەپ چىقىپ، پەتۋا ۋە ئەھكام چىقىرىش ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغان. ئۇلار پەتۋا ۋە قاراشلارنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن:
بىرىنچى قىسىم: ئىمام ئەھمەدكە نىسبەت بېرىلگەن رىۋايەتلەر. ئۇ رىۋايەتلەردىكى ھۆكۈم ئوچۇق ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۇ رىۋايەتلەرنى قوبۇل قىلدى ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ تۇرۇپ، فۇرۇئاتلارنى چىقاردى ۋە تەخرىجلەرنى قىلدى.
ئىككىنچى قىسىم: تەنبىھلەر (التنبيهات). بۇ، «ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېدى» دەپ ئوچۇق ئىبارە بىلەن ئىمام ئەھمەدكە نىسبەت بېرىلمىگەن سۆزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر سۆزلەردىكى قارىشى ئىبارىنىڭ ئىشارىتىدىن چۈشىنىلگەن. مەسىلەن، ئۇ ھۆكۈمگە قارىتا بىر ھەدىسنى كەلتۈرۈپ، ھەدىسنىڭ ھەسەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ياكى ئۇنى بىرەر ئىبارە بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ. مۇشۇمۇ مەزھەبتىكى قاراشلار سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىدىكى فىقھىي ئىستىنبات كۈچى ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ساھابەلەرنىڭ، تابىئىننىڭ شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ پەتۋالىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تەخرىج قىلىدۇ ۋە فۇرۇئلارنى چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى قىسىم: ۋەجھلەر (الأوجه). بۇ ئىمامنىڭ ئوچۇق ئېيتقان ياكى تەنبىھ قىلغان، ياكى ئىشارەت قىلغان قاراشلىرىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ مەزھەبتىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ ۋە تەخرىج قىلغۇچىلارنىڭ قاراشلىرىدۇر. پەتۋا بېرىش مەرتىۋىسىگە يەتكەن فۇقەھائنىڭ قىلغان ھەربىر ئىجتىھادى مەزھەبكە نىسبەت بېرىلىپ، گەرچە ئۇ ھەقتە ئىمامدىن ئىبارەتەن ياكى ئىشارەتەن بىرەر قاراش كەلمىگەن بولسىمۇ، مەزھەبتىكى بىر ۋەجھى سانىلىدۇ. گاھىدا ئىمامغا نىسبەت بېرىلىپمۇ قالىدۇ. سەھىھرەكى، مۇجتەھىدلەرنىڭ قاراشلىرى مەزھەبتىكى قاراشلار سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، ئىمامغا نىسبەت بېرىلمەيدۇ.
ئۇلار قىياسىي مەسىلىلەردە ئىمامغا مۇخالىپلىق قىلىشنى جائىز سانىغان. بۇ گەرچە ئىمامغا نىسبەت بېرىلمىسىمۇ، مەزھەبتىكى يەنە بىر ۋەجھى بولىدۇ.
[286] ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ مەزھەبكە خىزمەت قىلىشتا زور تىرىشچانلىقلىرى بار. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتا تىرىشچانلىقلىرىدىن بىرى مەزھەبنىڭ فۇرۇئلىرىنى ۋە مەزھەبنىڭ چېچىلاڭغۇ مەسىلىلىرىنى جەملىگۈچى قائىدىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىش بولسا كېرەك. ئۇلار ھەر خىل فۇرۇئلارنىڭ ئوخشىمىغان بابلارغا چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئوخشىشىدىغان ھۆكۈملەرنىڭ ئوخشىمايدىغان بابلاردا بايان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاشۇ ئوخشاشلارنى بىر يەرگە توپلىدى. پىكرى، ئىللىتى ۋە ھۆكمى بىر بولغان گۇرۇپپىلارنى شۇنىڭغا ئۇيغۇن بىر قائىدىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىدىغان قىلدى. نەتىجىدە بۇ فىقھىي گۇرۇپپىلاردىن بىر خىل مەسىلىلەرنى جەملەيدىغان قائىدىلەر شەكىللەندى.بۇ قائىدىلەر مەزھەبنىڭ ئومۇمىي ھۆكۈملىرىدىن خەبەردار بولۇشنى قولايلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ فۇرۇئلارنى بىلىشنىڭ ئىشىكى بولۇپ، مەزھەبنىڭ مەنتىقىسى ۋە يۆنىلىشىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.
قائىدىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن كىتابلار تۈزۈلگەن. مەسىلەن: نەجمۇددىن ئەتتۇۋفىينىڭ «ئەلقەۋائىدۇسسۇغرا (الْقَوَاعِدُ الصُّغْرَى)»، ئىبنى رەجەبنىڭ «ئەلقەۋائىدۇلكۇبرا (الْقَوَاعِدُ الْكُبْرَى)»، ئىبنى لەھھام دەپ تونۇلغان ئالائىددىن ئىبنى ئابباس (ۋاپاتى ھ. 803) نىڭ «ئەلقەۋائىد (الْقَوَاعِدُ)» قاتارلىقلار.
ھەنبەلىيلىك ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشى
[288] ھەنبەلىي فىقھىسى ئالىملىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارقىلىشى – بۇ كۈچكە ۋە ئۇنىڭدىكى ئىستىنباتنىڭ كەڭرىلىكىگە، شۇنداقلا ھەنبەلىي فۇقەھائلىرىنىڭ ئىجتىھاد ئەھلىگە ئىجتىھاد قىلىش ئەركىنلىكى بەرگەنلىكىگە ماس كەلمىگەن. چۈنكى، ئاۋام – خەلقنىڭ ئىچىدە مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئاز بولغان، ھەتتا ئۇلار ھەرقانداق بىر رايوندا خەلقنىڭ كۆپ سانلىقى ئەمەس ئىدى. پەقەتلا (يېقىنقى زاماندا) نەجدە رايونىدا، ئاندىن سەئۇدىي جەمەتى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ھاكىم بولغاندىن كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپىدە مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيگەن.نېمە ئۈچۈن ئاز ئىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بىرقانچە سەۋەب بىرلىشىپ، بۇ مەزھەبنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىۋەتكەن.
بىرىنچى: ھەنبەلىي مەزھەبى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ مەزھەب ئىسلام يۇرتلىرىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئىراقتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەزھەبى بار ئىدى، مىسىردا شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەبى بار ئىدى، مەغرىب ۋە ئەندەلۇستا مالىكىي مەزھەبى بار ئىدى.
ئىككىنچىسى: ھەنبەلىي مەزھەبىدىن قازىلار بولمىغان. قازىلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئەگەشكەن مەزھەبنى تارقىتىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ يۈسۈف ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىراق مەزھەبىنى، خۇسۇسەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تارقاتقان. ئەسەد ئىبنى فۇرات مەغرىبتە مالىكىي مەزھەبىنى تارقاتقان. ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىمۇ بۇ مەزھەبنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلغان. ھەنبەلىي مەزھەبى بۇنداق تەلەيگە ئېرىشەلمىگەن، پەقەتلا كېيىنكى زامانلاردا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئېرىشكەن.
ئۈچىنچىسى: ھەنبەلىيلەرنىڭ قاتتىقلىقى ۋە مۇتەئەسسىبلىكى، باشقىلار بىلەن كۆپ ئىختىلاپلىشىشى، ئىختىلاپلاشقاندىمۇ ھۆججەت ۋە پاكىت بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچ بىلەن ئىختىلاپلىشىشى. ئۇلار ھەرقاچان كۈچەيسە، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش نامى بىلەن كىشىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلاتتى. ئىبنۇلئەسىرنىڭ «ئەلكامىل فىتتارىخ (الكامل فى التاريخ)»دا ئۇلار ھەققىدە يازغانلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ: «323 – يىلى ھەنبەلىيلەرنىڭ ئىشى كاتتا بولدى ۋە كۈچى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمىر، قوماندانلارنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بىرەر نەبىز(52)نى كۆرسە تۆكتى، بىرەر ناخشىچى خوتۇننى كۆرسە ئۇردى، ساز ئەسۋابلىرىنى سۇندۇردى، ئېلىم – سېتىمغا ۋە ئەرلەرنىڭ ئايال – بالىلار بىلەن بىللە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. شۇنداق ئىشنى كۆرسە، كىشىدىن يېنىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى سورايتتى، جاۋاب بەرسە بەرگەنچە؛ ئەگەر جاۋاب بەرمىسە، ئۇنى ئۇرۇپ، ساقچىنىڭ ئالدىغا ئاپىراتتى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە ‹بۇزۇق ئىش قىلدى› دەپ گۇۋاھلىق بېرەتتى. نەتىجىدە، ئۇلار باغدادنى بىئارام قىلغان»(53).
بۇ ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلار بىلەن كىشىلەر ئۇلاردىن ئۈركۈگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئازبولغان. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز ھېكمىتى ۋە تەدبىرى بىلەن ئىشلارغا ئىگە بولغۇچىدۇر.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. باغداد «تىنچلىق يۇرتى» مەنىسىدىكى مۇشۇ نام بىلەن مەشھۇر بولغان.
2. تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەبر، تەۋەككۈل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەفسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەفسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەفسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇبلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە «گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر»نىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات (بين التصوف والحياة)» ناملىق ئەسەرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر، ئەرەبچە تەرجىمەسى: مۇھەممەد ئەننەدۋىي، 1 – باسمىسى، دارۇلفەتھ، دەمەشق، ھ. 1383/ م. 1963.
3. ئىلمى رىۋايەت (عِلْمُ الرِّوَايَةِ): ئەرەبچىدە رىۋايەت كەلىمەسى: «سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئىزدىمەك، ئاڭلاپ سۆزلەپ بەرمەك ۋە نەقىل قىلماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىل، ياكى تەقرىر، ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىللارنى نەقىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىلىم»دۇر. بۇ ئىلىم يەنە «ھەدىس ئىستىلاھاتلىرى ئىلمى (عِلْمُ مُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ)»، «ئۇسۇلۇلھەدىس (أُصُولُ الْحَدِيثِ)»، «ھەدىس ئىلىملىرى (عُلُومُ الْحَدِيثِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 532 – بەت؛ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس»، 24 – بەت.
4. ئىلمى دىرايەت (عِلْمُ الدِّرَايَةِ): ئەرەبچىدە دىرايەت كەلىمەسى: «پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە چارە قىلىش ئارقىلىق تونۇماق، چۈشەنمەك ۋە بىلمەك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «سەنەد بىلەن مەتىننىڭ ئەھۋاللىرىنى تونۇشقا ۋاسىتە بولىدىغان قانۇنلارنى بىلىش»تۇر. رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى چۈشىنىش، ئۇنىڭدىن مەزمۇن ۋە ئەھكاملارنى سۈزۈپ ئېلىشمۇ مەتىننىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئىلىم بىلەن ھەدىسنىڭ سەھىھلىرىنى سەھىھ ئەمەسلىرىدىن ئايرىش، ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئەقىدە ۋە ئەھكاملارنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كۆزلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 530 – بەت؛ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس»، 25، 26 – بەتلەر.
5. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 10/360.
6. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 33 – بەت.
7. ئىبنۇلجەۋزىي: يۇقىرىقى مەنبە، 37 – بەت.
8. ئىبنۇلجەۋزىي: يۇقىرىقى مەنبە، 259 – بەت.
9. زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 18/92.
10. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 288 – بەت.
11. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/169، سائادەت مەتبەئەسى، مىسىر.
12. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 11/218، مۇئەسسەسەتۇررىسالە، بېيرۇت.
13. زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 18/94.
14. شەكسىزكى، بۇ گەپ يورغىلىتىشتۇر. چۈنكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھنىڭ كەلىمەسى» ئىكەنلىكىنىڭ مەنىسى ئايەتلەردە دېيىلگەندەك، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ «بارلىققا كەل» دېگەن كەلىمەسى بىلەن ياراتقان. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنىڭ ئۆزى» دېگەنلىك بولمايدۇ.
15. تەبەرىي: «تارىخۇ تەبەرىي»، 8/633.
16. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 434 – بەت.
17. ئەھمەد (17853)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (4784). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئەمر ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
18. زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 18/79.
19. ئىبنى ئەساكىر: «تارىخۇ دەمەشق»، 5/304، دارۇلفىكر، بېيرۇت؛ زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 8/79؛ زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 11/193.
20. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 308 – بەت.
21. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 361 – بەت.
22. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 490 – بەت.
23. تىرمىزىي (1750)؛ نەسائىي (5711)؛ ئەھمەد (1723). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
24. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 498 – بەت.
25. ئىبنۇلجەۋزىي: يۇقىرىقى مەنبە، 517 – بەت.
26. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 518 – بەت.
27. تەسەررىي (التَّسَرِّى): ئەرەبچىدە «نىكاھ ۋە جىما مەنىسىدىكى ‹سىر (السِّرُّ)› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن» بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «خوجايىننىڭ ئۆزىنىڭ قول – ئىلكىدىكى چۆرىسىنى خوتۇن ئورنىدا قوللىنىشى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 11/294؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى»، 109 – بەت.
28. ھافىز (الْحَافِظُ): ئەرەبچىدە «ساقلىماق، قوغدىماق ۋە ياد ئالماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ھىفز (الْحِفْظُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يادقا ئالغان ۋە ئۇنىڭ سەنەدلىرىنى مەتىنلىرى بىلەن قوشۇپ بىلگەن ئالىم»دۇر. مەسىلەن، خەتىب باغدادىي، ئىمام زەھەبىي ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 148 – بەت.
29. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/186.
30. ئەھمەد (7205)؛ مۇسلىم (2588). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
31. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/182.
32. ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە، 9/181.
33. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 226 – بەت.
34. ئىبنۇلجەۋزىي: يۇقىرىقى مەنبە، 240 – بەت.
35. ھۆججەتۇلئىسلام ئىمام غەززالىي «ئەلمەقسەدۇل ئەسنا (المقصد الأسنى)» ناملىق كىتابىدا «اللطيف»نى مۇشۇ مەنىدە شەرھلىگەن.
36. ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 209 – بەت.
37. ئىبنۇلجەۋزىي: يۇقىرىقى مەنبە، 209 – بەت.
38. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: «ئۇسۇلۇسسۈننە (أصول السنة)»، 42 – 46، دارۇلمەنار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھ. 1411؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «مەناقىبۇل ئىمام ئەھمەد»، 240، 241 – بەت.
39. ئىبنى جەزەرىي: «ئەلمەسئەدۇل ئەھمەد (الْمَصْعَدُ الْأَحْمَدُ فِيْ خَتْمِ مُسْنَدِ الْإِمَامِ أَحْمَدَ)»، 10 – بەت، مەكتەبەتۇتتەۋبە، رىياد؛ شەيخ ئەھمەد شاكىرنىڭ نەشرگە تەييارلىشىدىكى «مۇسنەدۇ ئەھمەد»نىڭ مۇقەددىمەسى، 1/35، دارۇلمەئارىف، ھ. 1365/م. 1946.
40. ئىبنى ئەبۇ يەئلا: «تەبەقاتۇل ھەنابىلە (طبقات الحنابلة)»، 1/133. ئەسسۈننەتۇل مۇھەممەدىييە مەتبەسى، قاھىرە، م. 1952.
41. ئىبنۇلجەۋزىي: «سەيدۇل خاتىر (صيد الخاطر)»، 313 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق.
42. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/25.
43. ئىبنۇلقەييىم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/25.
44. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/26.
45. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەقىئىين»، 1/24.
46. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/287.
47. ئىبنۇلقەييىم: «ئەتتۇرۇقۇل ھۇكمىييە (الطرق الحكمية في السياسة الشرعية)»، 218 – بەت، مەكتەبەتۇ دارىل بايان.
48. ئىبنۇلقەييىم: يۇقىرىقى مەنبە، 227 – بەت.
49. ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 3/108.
50. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1)؛ مۇسلىم (1907). ئۆﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ رىۋايەتى.
51. ئەبۇ داۋۇد (3754)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (11774). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
52. نەبىز (النَّبِيْذُ): ئەرەبچىدە «تاشلىماق، سالماق ۋە چۆرىمەك» مەنىسىدىكى نەبز (النَّبْذُ) كەلىمەسىدىن «تاشلانما» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، «تاشلانغان نەرسە، چۈلە، شەربەت» دېگەن بولىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «سۇغا خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، گۈلە – قاق، ھەسەل، بۇغداي، ئارپا، ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەردىن خاھلىغان بىرى (ياكى بىر نەچچىسى) تاشلىنىپ (چىلاپ) ياسىلىدىغان چۈلە» بولۇپ، بۇ سۇ بىر ياكى ئىككى كۈن ئۆتسە تاشلانمىنىڭ تەمى چىقىپ ھالال شېرىن شەربەت بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن ئۆتۈپ كەتسە ئېچىپ ھاراققا ئايلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/260؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى»، 444 – بەت.
53. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 7/40، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت.