فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىي

فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇسىي

(ھ. 384 – 456/م. 994 – 1064)

[295] ئۇ ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەزم ئىبنى غالىب ئىبنى سالىھ ئىبنى خەلەف ئىبنى مەئدان ئىبنى سۇفيان ئىبنى يەزىدتۇر(1). كۇنيەتى ئەبۇ مۇھەممەد بولۇپ، كىتابلىرىدا مۇشۇ كۇنيەتنى قوللىناتتى. ئۇ «ئىبنى ھەزم» دەپ مەشھۇردۇر. ئۇنىڭ دادىسى ئەھمەد ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىدە ئورنى بار بىر ئائىلىدىن ئىدى. ئىمام ئىبنى ھەزم ئۆزىنىڭ بىر پارس جەمەتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى بوۋىسى پارس ئىدى ۋە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ(2) قەسەمدىشى ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇ ئازاد قىلغانلىق ئىگىدارچىلىقى (وَلَاءُ الْعَتَاقَةِ) نۇقتىسىدىن قۇرەيشكە تەۋە، ئىرق ۋە ئەسل نۇقتىسىدىن پارسقا تەۋەدۇر. مۇشۇ ۋەلاﺋ سەۋەبىدىن ئۇ ئۇمەۋىيلەرگە قاتتىق تەرەپدارلىق قىلاتتى، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتقانلارنى دۈشمەن تۇتاتتى، ئۇلارنى دوست تۇتقانلارنى دوست تۇتاتتى. ئەنە شۇ ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىسىدۇركى، ۋاپادارلىق ئىبنى ھەزمنىڭ ئەڭ ئالاھىدە سۈپىتى ئىدى.

ئىمام ئىبنى ھەزم نەسەبى جەھەتتە تىل تەگكۈزۈلۈشتىن ساق قالمىغان. ئەبۇ ھەييان تەۋھىدىي (ھ. 310 – 414/م. 922 – 1023) ئىبنى ھەزمنىڭ پارسلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە: «ئۇ لەبلە(3) ئەجەملىرىدىندۇر، ئەسلى نامەلۇم، ئۇنىڭ دادىسى بۇ ئائىلىنىڭ ئورنىنى كۆتۈرگەن كىشىدۇر» دېگەن. شۈبھىسىزكى، بىز ئىبنى ھەزمنى ئۆزىنىڭ نەسەب ئىشىدا يالغانغا چىقارمايمىز. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇمەۋىي خانىدانىغا ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە ئۇمەۋىي خانىدانى ئەندەلۇسقا ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن ئەندەلۇسقا يۆتكەلگەن چاغدا بىللە يۆتكەلگەن.

ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى بوۋىسى ھەزرىتى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان بىلەن ۋەلاﺋ توختامى تۈزگەن بولسا، بۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ شۇ توختام ۋاقتىدىن تارتىپ، ئىسلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر جەمەت ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەبۇ ھەيياننىڭ «ئۇنىڭ ئائىلىسى لەبلە ئەجەملىرىدىن بولغان بىر خرىستىيان ئائىلە ئىدى، ئىسلامغا كىرىشى يېقىن بولۇپ، ئۇزاق ئەمەس ئىدى» دېگەن گېپى ئېتىبارسىزدۇر.

ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

[296] تەتقىقاتچى ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى شەكسىز ئېنىق بىلگەن بىرەر ئالىمنى تاپالمىغىلى تاس قالىدۇ. لېكىن، ئىمام ئىبنى ھەزم ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان تارىخىنى پەقەت يىل، ئاي، كۈن بىلەنلا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قالماستىن، ھەتتا سائەت بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ قازى سائىد(4)قا ئۆزىنىڭ ھ. 384 – يىلى رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كېچىدە، تاڭدىن كېيىن، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تۇغۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مەكتۇب يازغان. مانا بۇ ئۇنىڭ جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلۇش تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر خىل پىكرىي يۈكسەكلىكتۇر.

ئۇ شۇ چاغدىكى ياۋروپانىڭ ئىلىم بۆشۈكى بولغان قۇرتۇبەنىڭ شەرقىي تەرىپىدە تۇغۇلغان. ھالبۇكى قۇرتۇبە ئىلىم – مەرىپەت، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت كانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي مەركەزلەرنىڭ بىرى ئىدى.

[297] ئىمام ئىبنى ھەزم دۆلەتتە ھوقۇقى بار باي ۋە ئابرۇيلۇق بىر ئائىلىدە ئۆسكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈنەتتى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن يۈز – ئابرۇي ۋە پۇل – مال كۆزلىمەيتتى، بەلكى نوقۇل مەرىپەتنىڭ ئۆزىنى كۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بۇ توغرۇلۇق «مۇۋەتتا»نىڭ شارىھى باجىي بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ مۇنازىرە «نەفھۇتتىيب (نفح الطيب)»تا كەلگىنىدەك:

ئىمام باجىي ئېيتتى: «مەن ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى ھىممەت جەھەتتە سەندىن ئۈستۈنرەكمەن. چۈنكى، سەن بەخىرامان ھالدا ئىلىم ئوقۇدۇڭ. سەن تۈننى ئالتۇن تەكچە بىلەن ئۆتكۈزسەڭ، مەن تۈننى جىنچىراغ بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئىلىم ئوقۇدۇم».

ئىمام ئىبنى ھەزم ئېيتتى: «بۇ گەپ سېنىڭ پايداڭغا ئەمەس، زىيىنىڭغا ماڭىدۇ. ئۇنداقتا سەن بۇ ھالەتتە ھالىڭنىڭ مېنىڭ ھالىمدەك بولۇشى ئۈمىدىدە ئىلىم ئوقۇپسەن. مەن سەن بىلىدىغان ۋە سەن تىلغا ئالغان شۇ ھالەتتە ئىلىم ئوقۇدۇم، مەن پەقەت ئۇ ئارقىلىق دۇنيا – ئاخىرەتتە ئىلمىي قەدرىمنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم»(5).

ئىمام ئىبنى ھەزم نازۇنېئمەتلىك شۇ پاراۋان ئائىلىدە ئۆستى، ئاندىن «قۇرئان كەرىم» يادلاشنى باشلىدى. ئۇ «قۇرئان»نى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە يادلىغانلىقى، «قۇرئان»نى ئۆزىگە دېدەكلەرنىڭ ۋە يېقىن – يورۇق ئاياللارنىڭ يادلاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ(6).

مۇشۇ ئاياللار ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ۋە ھۆسنخەتنى ئۆگەتكەن. ئاياللار پەقەت ئۇنىڭ تەلىم ئىشلىرىغىلا مەسئۇل بولمىغان، بەلكى ئۇلار ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى گۆدەكلىكىدە ۋە ياشلىقىدا بىرەركىمنىڭ فىتنەسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن توساتتى. ئۇ بۇ توغرۇلۇق دەيدۇكى: «بالىلىق ۋە ياشلىق ئوتلىرى تازا يالقۇنجاۋاتقان ۋاقىتتا، مەن ئەر ۋە ئايال نازارەتچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىدىم. ئەقىل تېپىپ ئۆزۈمگە ئىگە بولغان چاغدا، ئەبۇ ئەلى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئەلفاسىيغا ھەمراھ بولدۇم، ئۇ (بىلگىنىگە) ئەمەل قىلىدىغان ئەقىللىق كىشى بولۇپ، سالىھلىق ۋە توغرا ئىبادەتتە، زاھىدلىق ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشىشتا ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن ئىدى. مەن ئۇنى شەھۋەتتىن ئۆزىنى تارتىدىغان پەرھىزكار ئىدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ھېچبىر خوتۇنى بولمىغان. مەن ئىلىم، ئەمەل، دىيانەت ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق ماڭا كۆپ مەنپەئەت بەردى. ئۇ ئارقىلىق ياخشى – ياماننى، گۇناھنىڭ قەبىھلىكىنى بىلدىم. ئەبۇلھەسەن رەھىمەھۇللاھ ھەج يولىدا ئۆلۈپ كەتتى»(7).

كەڭتاشاچىلىقتىن تارچىلىققا

[298] ئىبنى ھەزم دېدەكلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ تەربىيەسى بىلەن بىرگە، ئەرلەرنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولدى. باشتىكىلىرى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا «قۇرئان»، ھەدىس ۋە خەت ئۆگەتكەن بولسا، كېيىنكىلىرى ئۇنىڭ پىكرى، قەلبى ۋە نەفسىنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا يېتەكلىدى.

ئۇنىڭ ھاياتى نازۇنېئمەتلىك ھايات بولۇپ، قاتتىق – قۇرۇق ئەمەس ئىدى، بەلكى تىنچ ۋە خاتىرجەم ھايات ئىدى. ناۋادا ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئىدى، ئۇ كېيىنچە كۈچسىز ۋە جاسارەتسىز بىر ئادەم بولۇپ قالاتتى. چۈنكى، ھاياتلىقنىڭ نازۇنېئمەتلىرى خاراكتېردە بىر يۇمشاقلىق پەيدا قىلىدۇكى، بۇ يۇمشاقلىق ئەرلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رەقىبلىرىنى شىددەتلىك سۆزلىرى بىلەن خۇددى قورام تاش بىلەن تەستەكلىگەندەك تەستەكلەيدىغان جاسارەتلىك بىر ئادەم بولۇپ چىقىشىنى تەقدىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى راھەت – پاراغەت بىلەن سىنىغاندەك، قاتتىقچىلىق بىلەنمۇ سىنىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئون بەش ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدە قاتتىقچىلىق يۈز بېرىپ، ئائىلىنىڭ راھەت – پاراغىتى جاپا – مۇشەققەتكە ئالماشتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئېغىر كۈندە ياشىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ دادىسى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى ئىدى. ھىشام مۇئەييەد خەلىفەلىككە ئىگە بولغاندا، ھىشام كىچىك بولۇپ، دۆلەت قاتتىق قالايمىقان ئىدى، شۇنداقلا خەلىفەلەر ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان ئىدى. ئاندىن ئۇمەۋىيلەر جەمەتى ئارىسىدا قاتتىق دەتالاش بولغان ئىدى. قالغان گەپنى ئىبنى ھەزمگە قالدۇرايلى، ئۇ بىزگە ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرسۇن. ئۇ دەيدۇكى: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھىشام مۇئەييەد تەختكە چىققاندىن كېيىن، مۇسىبەتلەرگە، ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا، تۇتقۇن قىلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش ۋە يوشۇرۇنۇشلارغا مۇبتەلا بولدۇق. فىتنە گۈلدۈرلەپ، چېقىندىلىرىنى چاچتى ۋە بۇ چېقىندىلار ئومۇمىي كىشىلەرگە، خۇسۇسەن بىزگە تەگدى. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغىنىمىزدا، ۋەزىر دادام — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! — ھ. 402 – يىلى زۇلقەئدە ئېيى چىقىپ كېتىشكە ئىككى كۈن قالغان شەنبە كۈنىدە ئەسىردىن كېيىن ۋاپات تاپتى»(8).

قاتتىقچىلىقلار ئەنە شۇ يۇمشاق روھنى تاۋلاشقا باشلاپ، ئۇنىڭدا كۈچلۈك بىر ئىرادە شەكىللەندۈردى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيلىرى بۇلىنىپ، كونا ئۆيلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى، ئاندىن ئازار – كۈلپەتلەر، قاتتىقچىلىقلار ئۇلارنى ئەندەلۇس پايتەختى قۇرتۇبەدىن ئەلمىرىييەگە كۆچۈشكە قىستىدى.

ئىلىم شەرىپىگە قاراپ ئىلگىرىلەش

[299] ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ دەسلەپكى ياشلىقىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە مۇسىبەت كېلىپ، بۇ مۇسىبەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەزىزلىكتىن سۈرگۈنلۈك ۋە تالان – تاراجلىققا يۆتكىدى. لېكىن، ئۇ ئائىلىنى بايلىقتىن كەمبەغەللىككە يۆتكىيەلمىدى، بەلكى ئۇلارغا قالغان قالدۇق مال، گەرچە نەچچە ھەسسىسى كېمىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆپ ئىدى. لېكىن، ۋەزىر ئوغلى ئىبنى ھەزم چوڭ بولۇپ ۋەزىر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى، ئۇ زامانلاردىكى ئىرسىيەت قانۇنى قان ۋە شەكىل ئىرسىيىتى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى مەنسەپ ۋە ئەمەل ئىرسىيىتىگىمۇ ئۆتكەنىدى.

شۇ مۇسىبەت ئىبنى ھەزمنى ئىلىمگە خالىس بولۇشقا، ئىلىمدىن باشقىنى سۆيمەسلىككە يۈزلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ ھاياتىدا ۋاپادارلىق يۈزىسىدىن ئاز – پاز سىياسەتكىمۇ ئارىلاشقان ۋە تېزلا سىياسەتتىن چېكىنگەن.

ئۇ ئىلىمگە يۈزلەندى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭغا ئىلىم يولىنى راستلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇ كىچىكلىكىدە ئىلىمنى تېتىپ بېقىپ، چوڭ بولغىنىدا كۆڭلىدە ئىلىمنىڭ تەمى شېرىن تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىمگە پۈتۈن بېرىلدى.

ئۇ «قۇرئان كەرىم» ئىلمىگە، ئاندىن ھەدىس رىۋايەتى ۋە تىل ئىلمىغا يۈزلىنىپ، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدە يېتەلىگىنىچە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. ئاندىن شۇنىڭدىن كېيىن فىقھقا يۈزلەندى، لېكىن ھاياتىنىڭ بېشىدا فىقھقا پۈتۈنلەي بېرىلمىگەنىدى، بەلكى ئۇنىڭ دەۋرىدە مەشھۇر بولغان تىل، ھەدىس، «قۇرئان كەرىم»، ھېكمەت ۋە پەلسەپە قاتارلىق ئىلىملەردە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئادەمنىڭ ساپاسىغا يەتكۈدەك مىقداردا فىقھ ئۆگەنگەن ئىدى.

ئۇ مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھەبى بويىچە فىقھ ئوقۇشنى باشلىغان. چۈنكى، مالىك مەزھەبى ئەندەلۇس ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ مەزھەبى ئىدى. ئىمام زەھەبىينىڭ «تەزكىرەتۇل ھۇففاز (تذكرة الحفاظ)»دا ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «بىز بەلەنسىيە(9)دە دادامنىڭ يېنىدا مەزھەبنى (يەنى مالىك مەزھەبىنى) ئۆگىنىپ تۇراتتۇق، توساتتىن ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەزم كېلىپ، ھەيرانلىق بىلەن بىزگە قۇلاق سېلىپ تۇردى، ئاندىن ھازىر بولغۇچىلاردىن بىر فىقھىي مەسىلە توغرىسىدا سوئال سورىۋىدى، ئۇنىڭغا ئارىدىن بىرى جاۋاب بەردى. ئىبنى ھەزم ئېتىراز بىلدۈرۈۋىدى، بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ‹بۇ سېنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلەردىن كۆچۈرۈۋالغىنىڭغا ئوخشىمايدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپ ئۆيىگە كىردى ۋە ئېتىكاپتا ئولتۇردى، ئاندىن ئۇنىڭدىن مول ئىلىم تامچىلىدى. بىر ئاي ئۆتۈپ بىز شۇ ئورۇنغا باردۇق. ئۇ ناھايىتى گۈزەل رەۋىشتە مۇنازىرىلەشتى ۋە مۇنازىرىدە: ‹مەن ھەقكە ئەگىشىمەن، ئىجتىھاد قىلىمەن، بىرەر مەزھەبكە باغلانمايمەن› دېدى»(10).

ئۇ مالىكنىڭ مەزھەبىگە يۈزلەندى. ئۇ ئوقۇغان ھەدىس كىتابلىرى قاتارىدا «مۇۋەتتا»نى ئوقۇغان ئىدى، لېكىن ئۇ مالىكىي مەزھەبىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، فىقھىي مەزھەبلەر ئارىسىدا ئەركىن بولۇشقا ۋە مەزھەبلەردىن خاھلىغىنىنى تاللاپ ئېلىشقا، بىرەر مەزھەبكە باغلانماسلىققا ئىنتىلەتتى. ئۇ چوقۇملا ئىمام شافىئىينىڭ ئىمام مالىكنىڭ ئۇسۇلىي ۋە فۇرۇئىي قاراشلىرىنى تەنقىدلىگەن «اِخْتِلَافُ مَالِكٍ» دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ مالىكىي مەزھەبتىن شافىئىي مەزھەبكە يۆتكەلدى. شافىئىي مەزھەبنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ئىبنى شۇبرەمە، ئوسمان بەتتىي، شۇنداقلا قىياس فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن، زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىراقلىقلارنىڭ مەزھەبلىرىگە كۆز تىكتى.

بۇ مەزھەبلەر ئارىسىدىن ئۇنى شافىئىي مەزھەبى قىزىقتۇردى. بەلكىم ئۇنى ئەڭ قىزىقتۇرغان يېرى شافىئىي مەزھەبىنىڭ نەسلەرنى چىڭ تۇتۇشى ۋە فىقھنى نەس ياكى نەسلەرگە بويسۇندۇرۇش دەپ قارىغانلىقى، ئىستىھسان ۋە شۇ قاتاردا مەسالىھ مۇرسەلە بىلەن پەتۋا بەرگەن كىشىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلغانلىقى قاتارلىقلار بولسا كېرەك. ئۇ چوقۇملا ئىمام شافىئىينىڭ «ئىبتالۇل ئىستھسان (إِبْطَالُ الْاِسْتِحْسَانِ)» دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان.

لېكىن، ئۇ شافىئىي مەزھەبىدە ئۇزۇن تۇرمايلا، خۇددى ئىمام داۋۇد تاشلىغاندەكلا ئۇ مەزھەبنى تاشلىدى. ئاندىن ئۇ داۋۇدنىڭ توغرا دەپ قارىغانلىرىنى شافىئىي مەزھەبىدە كۆردى. چۈنكى، ئۇ ئىمام شافىئىينىڭ ئىستىھساننىڭ باتىللىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن دەلىللىرىنىڭ قىياسنىمۇ ۋە بارلىق راي يوللىرىنىمۇ باتىل قىلىشقا يارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەندەلۇستا تۇرغان بىر تۈركۈم ئالىملار ئەندەلۇستا زاھىرىي مەزھەبكە ئورۇن ھازىرلاۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئىبنى ھەزم ئىلىم ئالغان مەسئۇد ئىبنى سۇلايمان دېگەن ئالىم ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكرەك كۈچەۋاتاتتى. ئىبنى ھەزم بۇ زاھىد ئالىمنىڭ مەزھەبلەردىن نەسلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قاراشلارنى تاللىغانلىقى ۋە نەسلەردىن ئەھكام چىقىرىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلغانلىقى، نەسلەردىن باشقىغا تايانمىغانلىقىنى كۆرگەنىدى.

ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچى سىياسەت

[300] ئۇمەۋىيلەر خانىدانىدا تالاش – تارتىشلار داۋاملاشتى، ھالبۇكى ئۇ دادىسىغا ئوخشاشلا بۇ خانىدانغا ۋاپادار ئىدى. ئىختىلاپ ۋە جەڭگى – جېدەللەر داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىن، ياشلىق باھارىدا ئىلگىرى دادىسى ماڭغان يولنى تاللىدى. ئۇ يول بولسىمۇ بىر پىرقەگە قارشى يەنە بىر پىرقەگە ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىش. بۇ ئارقىلىق، ئۇ ئىلىمگە پۈتۈنلەي تولۇق بېرىلدى، ھاكىمىيەتنى ھەممۇد جەمەتى ئىگىلەش ئارقىلىق تالاش – تارتىشلار ئاياغلاشتى. ئۇلار ئەلەۋىيلەر بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇمەۋىي خانىدانى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇندىنلا دەتالاش بار ئىدى.

بۇ نەتىجە ئۇمەۋىيلەر خانىدانىغا ۋاپادار ئىبنى ھەزمنى پەرىشان قىلدى، ئىبنى ھەزمنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇ نەتىجە قاتتىق ئېغىر كەلدى. چۈنكى، ئۇ ئۇمەۋىيلەرگە سادىقلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. ئىبنى ھەزم بوي ئەگكەنلىكى ياكى ئىلىم ئوچاقلىرىدا يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئېزىلىشكە ئۇچرىمىدى. بەلكى ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار خەلىفەلىك تەلەپ قىلىپ مەيدانغا چىققان بىر ئۇمەۋىي شاھزادىنىڭ سېپىگە قېتىلدى. ئۇ شاھزادە بولسىمۇ مۇرتەزا ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەددۇر. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مۇرتەزا ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئوتتۇرىغا چىققان چاغدا، بىز بەلەنسىيەنى مەقسەت قىلىپ دېڭىز سەپىرى قىلدۇق ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا تۇردۇق»(11).

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ئۇمەۋىي شاھزادىگە ياردەم بېرىشكە ۋە قوللاشقا باشلىدى، لېكىن ئۇ ئۇزۇن داۋاملىشالمىدى. چۈنكى، بۇ ئابدۇرراھماننىڭ يېنىدا كۈچلۈك قوشۇن يوق ئىدى ھەم ئۇنىڭ يېنىدا ئىبنى ھەممۇدنىڭ يېنىدىكىدەك ياردەمچىلەرمۇ يوق ئىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئىبنى ھەممۇدتىكىدەك ھىيلە – تەدبىرمۇ يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلاندى. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ يېنىغا توپلار ۋە ياردەمچىلەر توپلانغاندىن كېيىن، ئابدۇرراھمان سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭ ئىشى پۈتكەن. ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى دۆلەت قۇرالىغۇدەك كۈچتە ئەمەس ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئېزىلىش ۋە پالىنىشقا، ئەسىرلىك ۋە باغلىنىشقا دۇچار بولغان.

ئىبنى ھەزم ئابدۇرراھماننىڭ ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىپ، غەرناتەنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان قوشۇنى بىلەن بىرگە يۈرگەن، لېكىن ئابدۇرراھمان ئۆزىنىڭ مەقسەت قىلغىنى ئىشقا ئېشىشتىن بۇرۇنلا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. شۇ چاغدا ئىبنى ھەزم مەغلۇب كىشى ئۇچرايدىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان. ئەسىرگە ئېلىنغان ۋە بىر مۇددەت ئەسىرلىكتە قالغان، ئاندىن كېيىن ھ. 409 – يىلى ئەسىرلىكتىن بوشانغان.

ئىلىم يولىغا قايتىش

[301] ئىبنى ھەزم ئىلىم يولىغا قايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھۋال قاتتىقلىشىپ كەتكەندە ئايرىلغان قۇرتۇبەگە قايتتى، ئالتە يىل ئەتراپىدا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن قايتتى. ئۇ بۇ ھەقتە: «404 – يىلى مۇھەررەمنىڭ ئەۋۋىلىدە قۇرتۇبەدىن چىقتىم، ئاندىن ئۇنىڭغا 409 – يىلى شەۋۋالدا كىردىم» دېگەن(12).

ئىبنى ھەزم ئۆزىنىڭ سىغناقى(13)، قاتتىقچىلىقلاردا ئۆزىگە پاناھلىق بەرگەن پاناھگاھى ئىلىمغا قايتتى. دەسلەپتىكىدەك فىقھ ۋە ھەدىس تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن ئۇ بۇنىڭدىن ئېشىنىپ، ئىسلامنى قوغداشقا، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئىسلام توغرىسىدا تارقاتقان شۈبھەلىرىگە رەددىيە بېرىشكە باشلىدى. بۇ جەھەتتە ئۇ ئىسلامغا زور پايدا يەتكۈزدى.

سىياسەتنىڭ ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تارتىشى

[302] ئىمام ئىبنى ھەزم ئىلگىرىكى تەجرىبىسىدىن كېيىن، سىياسەتنى تاشلىشى لايىق ئىدى. لېكىن، سىياسەت ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تارتتى. ئۇنى سىياسەتكە باغلىغان ئارغامچا ئۇنىڭ ئۇمەۋىيلەرگە بولغان ۋاپادارلىقىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ھۆرمەتلىگەن خانىدانغا ياردەم بېرىش قىزغىنلىقىدۇر. ھ. 418 – يىللىرى ئۇمەۋىي جەمەتىدىن بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋىدى، قۇرتۇبە ئەھلى ئۇنى قوللىدى. ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەزم تېزدىن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى بولدى. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا كېلىشىچە: «فەقىھ ئەبۇ مۇھەممەد (يەنى ئىبنى ھەزم) باشتا ئابدۇرراھمان ئەلمۇستەزھىر بىللاھ ئىبنى ھىشامنىڭ، ئاندىن ھىشام ئەلمۇئتەددۇ بىللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەنناسىرنىڭ ۋەزىرى بولدى».

بۇ ھىشامغا 418 – يىلى قۇرتۇبە ۋالىيسى ئىبنى جەھۋەر بەيئەت قىلدى. ھىشام لارىدەدىكى(14) چېگرا ئېغىزىدا ئىدى. ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن، قۇرتۇبەگە كېلىۋېدى، ھ. 422 – يىلى پادىشاھلىقتىن ئېلىندى. ئۇ ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرى ئىدى. تارىخچى مەققەرىي ئۇنىڭ مەنسەپتىن ئېلىنىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ھ. 422 – يىلى ئەسكەرلەر ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لارىدەگە قاچتى ۋە 428 – يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولدى. نەتىجىدە ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى زېمىن يۈزىدىن يوقالدى. مەغرىبتە ئىختىلاپ زورىيىپ كەتتى. ئاندىن خەلىفەلەر مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن بەگلىكلەر قۇرۇلدى. بەربەرلەر، ئەرەبلەر ۋە مەۋالىيلاردىن چىققان ئەمىر ۋە رەئىسلەر تەرەپ – تەرەپكە تارقىلىپ، دۆلەتنى بۆلۈشۈۋالدى»(15).

خىلافەت ئاساسىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇمەۋىيلەر جەمەتى زېمىندىن يوق بولدى. ئۇنىڭ يوق بولۇشى ئىبنى ھەزمنى مۇتلەق ئىلىمگە بېرىلىشكە ۋە ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ قايتا ھوقۇق تۇتۇشىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئىلىمگە بېرىلىشى ئىسلام ئۈچۈن خەيرلىك بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشى ئۇنىڭ تېنىنى زەئىفلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدا روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە بىزارلىق پەيدا قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ يازمىلىرىدا كۆرۈنىدىغان ئىتتىكلىك مەۋجۇد بولدى.

ئۇنىڭ تۇرمۇشى

[303] ئىمام ئىبنى ھەزم بايلارچە ياشاپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بار ئىدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ بەزى مال – مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا كەمبەغەللىك دەرىجىسىگە ياكى بايلاردىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان ئىدى. لېكىن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يوقىتىپ قويغانلىرىنى ئاچچىق ئەلەم بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بىر دوستىغا يازغان خەتتىن ئىبارەت «تەۋقۇل ھەمامە (طوق الحمامة)» دېگەن كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىلىسەن، يۇرت – ماكاندىن ئايرىلىش، زاماننىڭ ئۆزگىرىشى، دۆلەت مۇسىبەتلىرى، قېرىنداشلارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەھۋالنىڭ بۇزۇلۇشى، كۈنلەرنىڭ ئالمىشىشى، مەمۇرچىلىقنىڭ يوقىلىشى، كونا – يېڭى مال – دۇنيالاردىن قۇرۇق قېلىش، ئاتا – بوۋىلارنىڭ تاپقان تەرگەنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇش، ياقا يۇرتلاردا غېرىب بولۇش، مال ۋە ئابرۇينىڭ كېتىشى، خوتۇن، بالا – چاقىنى بېقىش غېمى، ئانا يۇرتقا قايتىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ تەقدىرنى كۈتۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، كاللام قالايمىقان، كۆڭلۈم پاراكەندە. ياق، ياق! ئاللاھ بىزنى پەقەت ئۆزىگىلا دەرد ئېيتىدىغانلاردىن قىلسۇن، بىزنى بۇرۇنقى نېئمەتلىرىدىنمۇ ئېسىلىگە قايتۇرسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ قالدۇرغىنى ئالغىنىدىن كۆپرەكتۇر. ئۇنىڭ بىزنى ئوراپ تۇرغان ئاتائى ئېھسانلىرى ۋە بىزنى يۆگەپ تۇرغان نېئمەتلىرى چەكسىزدۇر، شۈكرىسىنى ئادا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، ھەممىسى ئۇ زاتنىڭ سوۋغىلىرى ۋە ئېھسانلىرىدۇر. بىزنىڭ ئۆزىمىزگىمۇ ھۆكمىمىز ئۆتمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ دەرگاھىدىن كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز. ھەر ئامانەت ئۆز ئىگىسىگە قايتقۇچىدۇر. ئەۋۋەل ۋە ئاخىر پۈتۈن ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر»(16).

بۇ تېكىستتە زاماندىن دادلىنىش بار بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە تەسلىم بولۇش ۋە بويسۇنۇشمۇ بار. ئۇ تېكىست يەنە قالغان مال – مۈلۈكنىڭ كۇپايىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، تارتىۋېلىنغان مالنىڭ ئۇنىڭ باي – باياشاتلىقىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بەكرەك دادلانغان نەرسىسى ئۇنىڭ يۈز – ئابرۇينى يوقىتىپ قويغانلىقى بولسا كېرەك. مانا بۇ ئۇ تېتىغان ئاچچىقتۇر. ئەنە شۇ، دۆلەتمەن ۋە سەلتەنەتلىك بىر ئائىلىدە ئۆسكەن، ئاندىن ئۇ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدۇر. گەرچە بۇنىڭ ئورنىنى ئىلىم ئابرۇيى تولدۇرغان بولسىمۇ — ھالبۇكى ئىلىم ئۇنىڭ نامىنى تا بۈگۈنگىچە باقىي قالدۇردى — ئۇ سەلتەنەت ۋە ۋەزىرلىك ئابرۇيىنى ئۇنتۇمىغانىدى.

ئۇنىڭ سەپەرلىرى

[304] ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇس يۇرتلىرىنى كېزىشكە باشلىدى. ئەندەلۇس بۈك – باراقسان باغچىغا ئوخشايتتى، ئۇ نەگە چۈشسە، ئاسايىشلىق ۋە مولچىلىق تاپاتتى. ئۇ مۇشۇ كېزىشلىرىدە ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى ۋە قاراشلىرىنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ تىل ئىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىشى، ھېكمەت، پەلسەپە ۋە مۇنازىرە ئۇسۇللىرىنى بىلىشى ھەر ماكاندىكى ياشلارنى ئۇنىڭغا جەلپ قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۇنى زىيارەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرىنى تەلقىن قىلاتتى. ياشلارنىڭ تەپەككۇرىغا ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ روشەن تەسىرى بولغانىدى. بۇ سەپەرلەر ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ راھەتلىنىشىگە ۋە پىكرىنىڭ تارقىلىشىغا ۋەسىلە بولدى.

بۇ سەپەرلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مالىكىي فەقىھ باجىي بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا فىقھىي مۇنازىرىلەر بولىدۇ. تارىخچى مەققەرىي ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىش خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ دەيدۇكى: «باجىي ئەندەلۇسقا كەلگەن چاغدا، ئىبنى ھەزمنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا شېرىن تۇيۇلدى. بىراق ئىبنى ھەزم مەزھەبتىن چىقىپ كەتكەنىدى ۋە ئەندەلۇستا ئۇ شۇغۇللانغان ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم يوق ئىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىن فۇقەھائنىڭ تىلى قىسقا كەلدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىغا بىر توپ نادانلار ئەگەشتى. ئۇ مايورقا ئارىلىدا تۇرۇپ، شۇ يەردە باش بولغان ۋە شۇ يەر ئەھلى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىدى. ئەبۇلۋەلىد باجىي كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ توغرۇلۇق ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋىدى، ئۇ ئىبنى ھەزمنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنىڭ باتىللىرىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ كۆپ سۆھبەتلىرى بار»(17).

شۈبھىسىزكى، بۇ مۇنازىرىلەر ئىمام ئىبنى ھەزم پىشقان ۋە ياشلىق يېشىدىن ھالقىپ، ئوتتۇرا ياش ھالغا كەلگەندىن كېيىن بولغان. ئىسپاتلىنىشىچە، ئىمام باجىي ئەندەلۇسقا پەقەت ھ. 440 – يىلى كىرگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ مۇنازىرە ئىمام ئىبنى ھەزم 50 نەچچە ياشقا كىرگەن چاغدا بولغان بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم كۆپىنچە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا دوستلىرىدىن ۋە ۋالىيلار ئىچىدىكى بەزى ئالىملاردىن قوللاش كېلەتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ مايورقادا تۇرۇشى ۋە ئۇ يەردە ئىلىم ساھەسىگە رىياسەتچىلىك قىلىشى ھەمدە ئۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىشى ئۇ يەرنىڭ ۋالىيلىقى ئۇنىڭ دوستى ئەھمەد ئىبنى رەشىقنىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىدى. بۇ ۋالىي ئۇنى قوللايتتى ۋە ياردەم قىلاتتى. ئۇ ھ. 440 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ نەزەرىدە ئىبنى ھەزمنىڭ ئېتىبارى ئاجىزلاشتى. ئۇ بارغان ھەر يەردىكى فۇقەھائ‍ قىلغاندەك، ئۇ يەردىكى فۇقەھائمۇ ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلىشىپ، ئەبۇلۋەلىد باجىيدىن ياردەم سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام ئىبنى ھەزم بىلەن مۇنازىرىلەشتى ۋە ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ تەپەككۇرىنى ھەزم قىلالمايدىغانلار دەۋا قىلغاندەك، ئىبنى ھەزمنى مەغلۇب قىلدى.

ئىمام ئىبنى ھەزم مايورقادىن يۆتكەلدى. ھۆججەتتە مەغلۇب بولۇپ ئەمەس، بەلكى قوللايدىغان ياردەمچىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى، غەلىبىنىڭ ھۆججەت ۋە پاكىتقا مەنسۇپ بولماي، ئەگەشكۈچىسى كۆپ ۋە كۈچلۈك كىشىگە مەنسۇپ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن يۆتكەلدى.

ئۇلارنىڭ ئۇنى ئەيىبلىگەن نۇقتىسى ئۇنىڭ مالىكىي مەزھەبكە قارشىلىق قىلىپ، مالىكىي مەزھەبكە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ۋە راينى فىقھىي بىر مېتود قىلىدىغان كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلايدىغانلىقى بولغانىدى. چۈنكى ئۇ پەقەت نەسلەرگە تايىناتتى ۋە گۇمانىدا «يالغۇز نەسلەرلا فىقھ، ئۇنىڭدىن باشقىسى فىقھ ئەمەس، ئەقىلنىڭ رولى پەقەت شۇ نەسلەرنى چۈشىنىشتۇر، ئەگەر ئەقىل نەسلەرنى چۈشىنىشتىن نېرىسىغا كېتىپ قالسا، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملىرى شەرئىي ھۆكۈملەر قاتارىدىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلايتتى.

ئىمام ئىبنى ھەزم كىتابلىرىنى بېسىپ، مايورقادىن ئايرىلدى ۋە ئەندەلۇس دىيارلىرىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ تىلى ۋە قەلىمى كەسكىن ئىدى، توغرا دەپ قارىغان ۋە ئىشەنگەن قاراشلىرىنى ئاشكارا جاكارلايتتى، بوشاپ قالمايتتى.

كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

[305] ئىمام ئىبنى ھەزم ئەندەلۇستىكى ئايلىنىشلىرىنى تۈگىتىپ، ھ. 439 – يىلىدىن 464 – يىلىغىچە ئىشبىيلىيە(18)نى ئىدارە قىلغان مۇئتەزىد ئىبنى ئەببادنىڭ ھاكىمىيىتى زامانىدا بىر مۇددەت ئىشبىلىييەدە تۇرۇپ قالدى.

بۇ مۇئتەزىد قېرىلىققا قەدەم ئالغان ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىدى، بەلكى ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۇنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئالىمغا بېرەلەيدىغان ئەڭ قاتتىق روھىي بىر جازانى بەردى. لېكىن، ئۇلۇغ ئالىم بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، تەقدىرنىڭ ئاچچىق – چۈچۈك شارابلىرىدىن ئىچكەن ئىدى.

بىز مۇئتەزىدنىڭ ئەسلى – ۋەسلىگە بىر ئاز كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆتەيلى!

بۇ مۇئتەزىد قازى ئەبۇلقاسىمنىڭ بالىسى بولۇپ، ئىسمى ئەبباد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئەبباد ئەللەخمىيدۇر. ئۇنىڭ قازى دادىسى «ئەبباد ئوغۇللىرى پادىشاھلىقى»نى قۇرغان كىشى بولۇپ، ئىشبىلىييە خەلقى ھەممۇد ئوغۇللىرى (پادىشاھلىقى) دەۋرىدە ھەممۇدىيلار ئاجىزلىغاندا، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئەمىر قىلىپ تاللىغان. ئۇ ئىشبىلىييە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئالىملار ۋە پىكىر ئىگىلىرىدىن تاللانغان بىر شۇرا مەجلىسى ئارقىلىق ئىدارە قىلغان ۋە تاكى 439 – يىلى ۋاپات بولغۇچە ئىشبىلىييەنىڭ ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان.

مۇئتەزىد كېلىپ، دادىسىنىڭ يولى بويىچە شۇرا مەجلىسىنى ياقىلاپ ماڭغان. لېكىن، ئۇ ئىشنى يالغۇز قولغا ئېلىۋېلىشنى ئويلىغان ۋە تەقدىرمۇ ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلگەن. بىراق ئۇ قانداق مۇستەبىتلىك قىلىدۇ؟ ھالبۇكى دادىسىنىڭ ھاكىمىيەت كۈچى خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسىدىن ئېلىنغان ئىدى ھەم ئۇ بىرەر خەلىفەنىڭ تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكى بىلەن ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغۇدەك خەلىفە جەمەتىدىنمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدە خەلىفە جەمەتىدىن بولغانلار ھاكىمىيەت تۇتاتتى. لېكىن، ئۇ بۇ جەھەتتە ساختىپەزلىك يولىنى تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئۇمەۋىي خەلىفە ھىشام ئىبنى ھەكەم ئەلمۇئەييەدتىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكى ۋە رىزق بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى. ۋەھالەنكى ئۇ ھ. 422 – يىلىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. بۇنى دەۋا قىلغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى ئېيتىلسىمۇ، كۆپىنچىلەر ئوغلى شۇنداق دەۋا قىلغان دەپ قارايدۇ.

بۇ يالغان – ياۋىداقلار ئىبنى ھەزمنىڭ دوستلىرىغا زىيان ئۇرۇۋاتسا، ئۇنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى لايىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ «نەقتۇل ئەرۇس (نقط العروس)» دېگەن قىسقا بىر رىسالەسى ئارقىلىق ئۇ يالغانچىلىقنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. رىسالەدە: «تارىختا ئوخشىشى بولۇپ باقمىغان ئويدۇرما. ھىشام ئىبنى ھەكەم ئەلمۇئەييەدنىڭ ئۆلۈمىدىن 22 يىل كېيىن، بىر بورىچى كىشى چىقىپ، ئۆزىنى شۇ ھىشام دەپ دەۋا قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىنىپ، ئەندەلۇسنىڭ جىمى مۇنبەرلىرىدە ھەر خىل ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇلدى، قانلار تۆكۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىشىدا قوشۇنلار سوقۇشتى» دېيىلگەن(19).

مۇئتەزىد ياكى ئۇنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھىشامنىڭ نائىبى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ نامىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئىبنى ھەزمنىڭ دېگەنلىرى يۇقىرىقى دەۋانى ئوچۇق تەنقىدلەشتۇر. مۇئتەزىد ياۋۇز ۋە كەسكىن ئادەم بولۇپ، نىشانىغا يېتىشتە ۋاسىتە تاللىمايتتى، ھەتتا ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆزىگە سۇيىقەست پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە، ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ يەنە بىر قارىغۇ كىشىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەيتۇلھەرەمدە ئۆزىگە بەددۇئا قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى يەتكەندە، ئۇنىڭ كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگۈزگەن.

[306] مۇشۇ ئادەم ئىبنى ھەزمنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈشكە ئاتلاندى. لېكىن، ئۇ بۇنى قانداق پىلانلىدى؟ شۈبھىسىزكى، ئىبنى ھەزمنىڭ قاراشلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ شەرق – غەربتىكى زور كۆپچىلىك فۇقەھائغا قارشى بولغان ئىجتىھادىي مېتودىدىن ھەر ماكاندىكى ئالىملارنىڭ ئىچى سىقىلىۋاتاتتى. بىز ئۇنىڭ مايورقادىن ئالىملارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ چىققانلىقىنى كۆردۇق. دېمەك، ئۇ ئىشبىلىييەدىمۇ ئوخشاش غەزەپكە ئۇچرىشى ئېنىق ئىدى.

بىز بۇ يەردە ئۆزىنىڭ توغرا دەپ قارىغان كۆزقارىشى يولىدا كۈرەش قىلغۇچى بۇ ئالىمغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىككى خىل غەزەپنى ئۇچرىتىمىز. بىرىنچىسى: ئالىملارنىڭ غەزىپى. ئىككىنچىسى: ئەمىرنىڭ غەزىپى. چۈنكى، ئىمام ئىبنى ھەزم ئەمىر ياكى ئۇنىڭ دادىسى دەۋا قىلغان بۇ نائىبلىقنىڭ باتىللىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىگەنىدى. شۇڭا، ئىبنى ھەزمنى جازالاش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئالىملارنى قوغدىغۇچى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىبنى ھەزمنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈردى. چۈنكى، ئۇ كىتابلارنى ئالىملار ئىنكار قىلغان ئىدى ھەمدە ئۇ كىتابلارنى كۆيدۈرۈش ئەڭ ئېغىر ئەزىيەت ھېسابلىناتتى. لېكىن، ئىمام ئىبنى ھەزم بۇنداق ئەزىيەت بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ كىتابلارنى كۆيدۈرگەن بىلەن كىتابنى يازغان كىشىنى كۆيدۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسلەيتتى.

ئاشكارا بولۇشىچە، بۇ ۋەقەدە كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ھەممە نۇسخىسى كۆيۈپ كەتمىگەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەر يەردىكى شاگىرتلىرى ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ساقلىۋالغان ۋە كۆچۈرۈۋالغان.

لەبلە ۋە دېھقانچىلىق مەيدانى

[307] ئىبنى ھەزمنىڭ ئىلمىدىن ئالىملارنىڭ ئىچى سىقىلدى، ئۇنىڭ خۇلقى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىدىن ئەمىرلەرنىڭ ئىچى سىقىلدى. ئىمام ئىبنى ھەزم رايونلارنى ئايلىنىپ، ياشلار ئارىسىدا ئىلىمنى راۋاجلاندۇردى ۋە بارغان ھەر يەردىكى ئالىملارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى. ئەمىرلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەرمۇ بار، لېكىن سانى بەك ئاز. كۆپىنچىلىرى ئۇنىڭغا قارشى ئالىملارغا ياردەم بەردى. ئاخىرىدا، ئۇلار ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈردى. نەتىجىدە ئۇ ئائىلىسىقۇرتۇبەدە تۇرۇشتىن بۇرۇن تۇرغان كىچىك شەھەرگە جايلاشتى. ئەنە شۇ شەھەر لەبلە رايونى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى شۇ يەردە ئىدى. ئۇ لەبلەدە ئارامخۇدا ئىلىم ۋە ئىزدىنىشكە يۈزلەندى. لېكىن، ئىچىدە ئاچچىق ئەلەم بار بولۇپ، بۇ ئەلەمنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ كۆپ كىتابلىرىدا كۆرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بىر قىسىم ياشلار كېلىپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھەييان مۇنداق دېگەن:

«پادىشاھلار ئۇنى يېقىندىن پايلاپ تۇردى ۋە ئۇنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ لەبلە جاڭگىلىدىن ئىبارەت بىر يۇرتنىڭ تۇپرىقىغا جايلاشتى ۋە شۇ يەردە ھ. 456 – يىلى ۋاپات بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن يانماي ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىگەن يېرىگىمۇ كەلمەي، شۇ يەردە يېنىغا كەلگەنلەرگە ئىلمىنى تارقاتتى. ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىلىم ئالغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى مالامەتتىن قورقۇپ كەتمەيدىغان كىچىك تالىبلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئۇلارغا ھەدىس سۆزلەيتتى، فىقھ ئوقۇتاتتى ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرەتتى. ئۇ ئىلىم ئۈچۈن بەرداشلىق بېرەتتى، ھەمىشە كىتاب يېزىپ تۇراتتى ۋە كۆپ كىتاب يازغانىدى»(20).

ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئىشى سۈرگۈنلۈك بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمى ئاياغلاشمىدى، ئىلمىنى يوشۇرمىدى. ئىمام ئىبنى ھەزمنى يۇرت – ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يېنىۋاتقان ئىلىم نۇرىنى ئۆچۈرۈشنى خاھلىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئىلىم پەرۋانىلىرى ئۈچۈن ئۇ نۇرنى پۈتۈنلەشنى خاھلىدى. ئىمام ئىبنى ھەزم بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ نامى تارىخ بەتلىرىدە ئۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئىسمى بولسا پۈتۈن مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا، بەلكى بارلىق ئىنسانىيەت ئارىسىدا پارلىغان ھالدا قالدى.

ئىمام ئىبنى ھەزم سەلتەنەت، پۇل – مال ۋە ۋەزىرلىككە ئىگە بولغان بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى تارىخقا كۆمۈلۈپ كەتتى، يالغۇز ئالىملىق ئىسمىلا تارىخ قاراڭغۇلۇقلىرىدا نۇر چاچقان ھالدا داۋاملاشتى.

ئۇنىڭ سۈپەتلىرى

[308] شۈبھىسىزكى، بىر ئالىمنىڭ قابىلىيەتلىرى ئۇنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان بىرىنچى ئاساستۇر.

ئاللاھ تائالا ئىمام ئىبنى ھەزمگە مەرىپەت نۇرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرلىنىش ئىمكانى يارىتىپ بېرىدىغان سۈپەتلەرنى ئاتا قىلغان.

بۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرىنچىسى كۈچلۈك ئەس. بۇ ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى يادلىشىنى قولايلاشتۇرغان. ئۇ شۇنىڭ بىلەن چوڭ ھافىزلار دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن بىرگە ساھابەلەرنىڭ ۋە تابىئىننىڭ پەتۋالىرىنى يادلىغان.

ئۇنىڭ چاغداشلىرى ئۇنىڭ كۈچلۈك خاتىرىسىدىن ۋە پىششىق فەھمىدىن ھەيران قالاتتى.

بۇ كۈچلۈك ئەس بىلەن بىرگە ئىنكاسى تېز ئىدى، مەنىلەر دەرھال كېلەتتى. ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى بەس – مۇنازىرىلەردە ئۇنىڭغا ياردەمچى بولاتتى ۋە ئۇنىڭ رەقىبلىرى ئۆزلىرىنى قوللايدىغان ئەمىرلىرى بار تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ كېتەتتى.

مۇشۇ ئىككى ئىلمىي ئالاھىدىلىك بىلەن بىللە تەپەككۇرى چوڭقۇر ئىدى، ھەقىقەتلەر ۋە مەنىلەرگە شۇڭغۇپ كىرەتتى. ئۇنىڭ ئىسلامىي پىرقەلەر، دىن ۋە مەزھەبلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىدىن بۇنىڭ تەسىرىنى ئوچۇق كۆرەلەيسىز. سىز ئۇنىڭ «تەۋقۇل ھەمامە (طوق الحمامة)» ناملىق رىسالەسىدە روھنى ئىشق جەھەتتىن چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ «مۇداۋاتۇننۇفۇس (مداواة النفوس)» ناملىق رىسالەسىدىمۇ ئاشۇنداق چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. بەلكى بۇ رىسالە ئۇنىڭ روھ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەرنى سۈپەتلەشلىرىگە قاراڭ! ئۇ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان. بۇ دىئالوگنى ئوقۇڭ: «سىلىق – سىپايىلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشى ۋە باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ‹مەن ھۆر، ھېچكىمنىڭ قۇلى ئەمەس› دېيىشتىن ئارتۇق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم، ئۇنىڭغا: ‹سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئارتۇقچىلىقتا ساڭا ئورتاق. چۈنكى، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش ھۆر› دېدىم. ئۇنىڭدىن باشقا گەپ ئۇچراتمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشكە يۈزلەندىم، بۇنداق ئۆزىنى قالتىس چاغلاشقا ئېلىپ بارغان سەۋەبنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ توغرۇلۇق نەچچە يىل ئويلاندىم، ئۇلارنىڭ كۆرۈنگەن ئەھۋالى، سۆزلىرىدىكى مەقسەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئىچكى روھىنى تەجرىبە قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، ئۇلار ئۆزلىرىدە زىيادە ئەقىل ۋە ئالاھىدە چوڭقۇر پىكىر بار دەپ چاغلايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئويىچە، ئەگەر ئۇلارغا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش شارائىتى يار بەرسە، چوقۇم چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىپ، مەملىكەتلەرنى ئىدارە قىلىۋەتكەن ۋە باشقا كىشىلەردىن ئارتۇقلۇقىنى نامايان قىلغان بولاتتى، ئەگەر پۇل – مالغا ئىگە بولۇپ قالسا، ئۇنى ياخشى سەرپ قىلغان بولاتتى. مۇشۇ يەردىن ئۇلارغا قايمۇقۇش ۋە ئۆز مەپتۇنلۇق سىڭىپ كىرگەن ئىكەن»(21).

[309] ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئەقلىي قابىلىيەتلەرنى ئاتا قىلغان. ئۇ بۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سوۋغىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتى ئىكەنلىكى، بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ئەگەر نېئمەتنى بەرگەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلمىسا، نېئمەتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى. شۇڭا، ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئۆزلىرىنىڭ تالانتلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان كىشىلەرنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر سەن ئىلمىڭگە مەپتۇن بولساڭ، بىلگىنكى، سېنىڭ ئۇنىڭدا ھېچبىر ھەسسەڭ يوقتۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ سوۋغىسىدۇركى، ئۇنى رەببىڭ ساڭا سوۋغا قىلدى. شۇڭا، سوۋغىنى ئاللاھنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىشقا قوللانما. ئاللاھ بىلگەن ۋە يادلىغانلىرىڭنى ئۇنتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر كېسەل بىلەن سىناپ، ساڭا ئۇ ئىلىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشى مۇمكىن. ئابدۇلمەلىك ئىبنى تەرىفنىڭ — ئۇ ئىلىملىك ۋە زەكىي، ھالى نورمال، ئىزدىنىشى ساغلام بىرىدۇر — ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەن، بىرنەرسىنى بىر ئاڭلاپلا تۇتۇۋالىدىكەن ۋە تەكرارلاشقا موھتاج بولمايدىكەن. بىر دېڭىز سەپىرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاتتىق قورقۇنچ ئۇنىڭ يادلىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىپتۇ ۋە يادلاش كۈچىگە قاتتىق دەخلى يەتكۈزۈپتۇ. شۇندىن كېيىن شۇ زەكىيلىكىگە قايتالماپتۇ. ماڭىمۇ بىر كېسەل چاپلىشىۋالغان، ساقايغىنىمدا، يادلىغانلىرىمنىڭ كۆپىنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئەسلىمگە قايتتىم»(22).

[310] ئىمام ئىبنى ھەزم مۇشۇ ئىمان بىلەن ئىلىمگە يۈزلەندى، ئىلىمنى ئىززەت ۋە شەرەپنىڭ ئاساسى دەپ تونۇدى. نەتىجىدە ئىلىمدىن ناھايىتى مول نېسىۋە قازاندى. ئۇ ئىلىمگە ئىخلاس بىلەن يۈزلەندى. ئىخلاس ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئەڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر. ئىخلاس بولسا ھېكمەت نۇرىدۇر ۋە ھەق يولىدۇر.

شۈبھىسىزكى، ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئىخلاسى ئۇنىڭدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن بىر سۈپەتكە سەۋەبچى بولغانىدى، ئۇ سۈپەت بولسىمۇ ئۇنىڭ ئوچۇقلۇقىدۇر. ئۇ مەيلى ئاقىۋىتى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ھەق دەپ قارىغىنىنى جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغانلار بىردەك ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئېغىز ۋە قەلەم بىلەن ئېلان قىلىشتا قاتتىق تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ كىتابلىرىمۇ شۇنى ئوچۇقلاپ بېرىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئالىملار ئۇ توغرىسىدا: «ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىمنى بىلگەن، ئەمما ئىلىم سىياسىتىنى بىلمىگەن» دېگەن.

ئۇ ناھايىتى ئوچۇق بولۇش بولۇش بىرگە، «زىيىنى يوق ئىشلاردا كىشىلەر بىلەن تىنچ ئۆتۈش ۋاجىب» دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەيدىغانلا ئىش بولسا تىنچ ئۆتەتتى. ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلاردا ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە مۇخالىپ بولغان كىشىنى قاتتىق سوقاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئوقۇڭ: «كىچىككىنە بولسىمۇ، دۇنيالىقىڭغا ۋە ئاخىرەتلىكىڭگە زىيان سالمايدىغان ئىشلاردا زامانداشلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن ۋە دوستلىرىڭ بىلەن زىتلىشىشتىن ساقلان. ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭ، ئەزىيەت، نەپرەت ۋە ئاداۋەتكە ئۇچرايسەن. بەزىدە بۇ ئەسلا مەنپەئەت يوق چوڭ زەرەرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈشنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسەڭ، يا خەق بىلەن تالىشىدىغان، يا ھەق بىلەن تالىشىدىغان ئەھۋالدا قالساڭ، كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن تالاشقىنكى، رەببىڭنى غەزەپلەندۈرمە، ھەق بىلەن تالاشما»(23).

ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ ھەقىقەتەن مۇشۇ پىكىرنىڭ جانلىق سۈرىتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ كۆپلىگەن ئالىملىرى بىلەن چىن دوستلۇقى بار ئىدى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئالىملارغا ئەۋەتكەن مەكتۇبلىرىدىن ئىللىقلىق، مۇھەببەت، قېرىنداشلىق، ئۈلپەتچىلىك ۋە گۈزەل مۇئامىلىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپلاشقان، قارشىلاشقان ۋە قارشىلىشىشتا قاتتىق بولغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەمىرلەرنىڭ ھىيلە – نەيرىڭىگە چاۋاك چالغان ئىدى. ئۇ ئۇلارغا غەزەپ قىلغان ۋە ئوچۇق بايانلىرى بىلەن بىرگە، ئۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشقان ئىدى.

شەكسىزكى، ئىبنى ھەزمنىڭ مۇشۇ تېرەنلىكى ۋە ئىدراكى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ مىجەزىدە ئىتتىكلىك بار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، مۇنازىرىدە ئۇنىڭدىن توڭ ۋە قوپال ئىبارىلەر چىقىپ كېتەتتى. سىز ئۇنىڭ ئۆزىگە خىلاپ بولغان قاراشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قەبىھ دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇ ئۆزىگە مۇخالىپ كىشىنىڭ قارىشى ھەققىدە: «بۇ قەبىھ خاتالىق» دەيدۇ. ئالىملارنىڭ ئىتتىكلىكى ئەسلىدىن گۈزەل ئىش ئەمەس، لېكىن بىز ئاشۇ نورمالسىز ئىتتىكلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئىزدەپ كۆرگىنىمىزدە، بىزگە مۇنداق ئىككى ئىش كۆرۈنىدۇ:

بىرىنچىسى: ئۇ ئەمىرلەرنىڭ ۋە ئۇلار قوللىنىۋاتقان بەزى ئالىملارنىڭ يامان مەقسىتىنى ھېس قىلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىشنى مەقسەت قىلغانىدى. بەلكى ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرگەنىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىق پەيدا قىلغانلىقتىن، ئۇ بەزى ئالىملارنى ئۆچ كۆرگەنىدى. بىر ئالىمغا نىسبەتەن ئەمگەك مېۋىسى بولغان كىتابلىرىنىڭ خەلقى ئالەمنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلۈشىدىنمۇ ئېغىر ئەزىيەت بارمۇ؟! بۇ بىر ئالىم ئەڭ قاتتىق ئۆچ كۆرىدىغان ئىشتۇر. بۇنداق ئەزىيەت ھەلىمنىمۇ ھەلىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئۇنىڭ ئەمىرلەردىن ئىبارەت رەقىبلىرىنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملارنى قوللىنىشى ئۇنىڭ ئىتتىكلىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

ئىككىنچىسى: ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئوچۇقلۇقى بىلەن، ئۆزىگە تېگىپ قالغان بىر كېسەلنىڭ مىجەزىنى ئىتتىك قىلىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بىر قاتتىق كېسەل تېگىپ، مەندە ئېغىر تال چوڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن مەندە بىئاراملىق، ئىچى سىقىلىش، سەۋرسىزلىك ۋە يېنىكلىك پەيدا بولۇپ، ئىزتىراپ چەكتىم. چۈنكى، خۇيۇمنىڭ ئۆزگىرىپ، تەبىئىتىمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمدىن قاتتىق ھەيران قالدىم ۋە شۇنىڭغا ئىشەندىمكى، تال خۇشاللىق ئورنى ئىكەن، تال بۇزۇلسا، خۇشاللىقنىڭ قارىمۇقارشىسى پەيدا بولىدىكەن».

شەكسىزكى، بۇ ئىنچىكە تەھلىل بولۇپ، ئۇ بۇ تەھلىلىدە ئۆزىنىڭ پىسخىكىي ئاجىزلىق سەۋەبلىرىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنى ئالدىراڭغۇلۇق ۋە بىئاراملىق بىلەن سۈپەتلەيدۇ ۋە ئۆزىگە مۇخالىپلىرى ئۇنىڭغا قويغان دىياگنوزغا ئوخشاش دىياگنوز قويىدۇ.

ئۇ مۇشۇ ئىتتىكلىكتىن شىكايەت قىلىش بىلەن بىللە، «ئۇنىڭدا پايدىمۇ بار» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتەن جاھىللارنىڭ بىر سۈپىتى بولغان تالاشقاقلىقتىن كاتتا مەنپەئەت ئالدىم، ئۇ ئارقىلىق تەبىئىتىم تېتىكلەشتى، خاتىرەم كۈچەيدى، جۇشقۇنلۇقۇم قوزغالدى. بۇ تالاشقاقلىق پايدىلىق كاتتا ئەسەرلەرنى يېزىشىمغا سەۋەب بولدى. ناۋادا ئۇلار مېنى تۇرغان جايىمدىن قوزغىمىغان ۋە ئىچىمگە ئوت ياقمىغان بولسا، مەن شۇ ئەسەرلەرنى يازالمىغان بولاتتىم»(24).

ئەنە شۇ ئىتتىكلىكنىڭ سەمەرىلىرىدىن بىرىدۇر. دېمەك، مىجەزى ئىتتىكلىك ئاشۇ نۇرنى چىقاردى. ئۇنىڭ ئىتتىكلىكى سۆز ياكى ئىلىمدە بەزى كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا ياخشى نەتىجە بەردى.

[311] ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئۆسمۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پسخىكىي مايىللىقى ۋە پۈچەك ئىشلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشى ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ روشەن سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلەيتتى، چۈنكى ئۇ قەۋمى ئىچىدە قەدىرلىنىپ چوڭ بولغان. شۇنداقلا ئىلىمگە ئىخلاس ۋە مۇستەقىللىق بىلەن يۈزلەنگەن. ھالبۇكى ئىلىم ھەقىقىي رەۋىشتە ئىلىم تەلەپ قىلغانلار ئۈچۈن قەدىر – قىممەت قورغانىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى ساغلام بىر جەۋھەردىن بولغانىدى. يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ئۇنى تېخىمۇ تاۋلىدى ۋە تېخىمۇ سۈزۈلدۈردى. ئۇ تۈرمە ۋە سۈرگۈن بىلەن ئەزىيەت بېرىلگەن چاغدا بوشىشىپ قالمىدى ۋە بوي ئەگمىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھاياتنىڭ تاتلىق ۋە ئاچچىقلىرىنى تېتىدى، شېرىن لەززەتلەر ئۇنى ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىگە زىت كېلىدىغان نەرسىلەرگە جەلپ قىلالمىغاندەك، ھاياتنىڭ ئاچچىقلىرىمۇ ئۇنى خارلىق يوللىرىغا جەلپ قىلالمىدى.

ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشىنى مۇنداق ئۈچ ئىش ئۆستۈرۈۋەتكەن:

بىرىنچىسى: ئۇ كۆپىنچە ئۆمرىدە سىياسەتتىن يىراق تۇرغان، پەقەتلا ئۇمەييە جەمەتىگە بولغان ۋاپادارلىقى تۈپەيلى سىياسەتكە ئارىلاشقان. بىراق ئۇنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە سىياسەتتىن ئۇزاقلىشىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشىدىن كەلگەن. چۈنكى، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە تەمە تۇغۇلىدۇ، ھەر باتۇرلار شۇ تەمەلەرنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئاستىدا كۈل بولىدۇ. بىر ئەرەب ماقال – تەمسىلىدە: «ئەركەكلەرنىڭ بويۇنلىرىنى تەمەلەر خار قىلدى» دېيىلگەن. ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەزم سىياسەتتىن يىراقلىشىپ، ئىلىمگە يۈزلەنگەندىن تارتىپ، مۇستەھكەم روھىي ئىززەتنىڭ تۇتقىسىغا ئېسىلدى.

ئىككىنچىسى: ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەقلىي قۇۋۋەت ۋە پىكرىي تالانتلارنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى. ئەمىرلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئالىملار ئۇنىڭغا شىلتىڭ ئاتقاندا، ھەقكە يېقىنلىقى ۋە روھىي يۈكسەكلىكى كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى، ئەمىرلەرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرمەيتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇلارغا ئوخشاش مەنسەپ تۇتۇپ باققان. ئەگەر ئۇ ئۇلارغا ئوخشاش يۇمشاق بولۇپ، غايىسى ۋە ۋاسىتىلىرى نېمە بولسا بولسۇن، ھەر تۈرلۈك سىياسەتكە ماقۇل بولغان بولسا ئىدى، شۇ مەنسەپلەر ئۇنىڭغا تەييار ئىدى.

ئۈچىنچىسى: ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسان تۇرمۇش ئىنئام قىلغان بولۇپ، ئۇنى ھاجەت، تەمە، ئاجىزلىق دېگەنلەر خار قىلالمىغان. ئۇ ئاللاھ بىلەن ئەزىز بولغانىدى.

[312] ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي سۈپەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن سۈپىتى ۋاپادارلىقتۇر. ۋاپادارلىق ئۇنىڭ روھىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇ دوستلىرىغا، ئۇستازلىرىغا ۋە ئۆزى بىلەن ئالاقىداش بولغان ھەر كىمگە ۋاپادار ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ سۆزۈمنى ماختىنىپ دەۋاتمايمەن، بەلكى ئاللاھنىڭ: ﴿وَأَمَّا بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثۡ / پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېئمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېئمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېئمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)﴾(93/«زۇھا»: 11) دېگەن كالامىغا ئەمەل قىلىپ دەۋاتىمەن. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ماڭا مەن بىلەن بىرەر قېتىم ئۇچراشقان ھەرقانداق كىشىگە ۋاپادار بولۇشنى ئاتا قىلدى. مەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشىش ئارقىلىق بولسىمۇ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى ساقلىغان ھەرقانداق كىشىنى ئاياش ئارتۇقچىلىقىنى بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن ۋە ھەمد ئېيتىمەن، پەقەت ئۇنىڭدىنلا مەدەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زىيادىسىنى سورايمەن. ماڭا خىيانەتتىنمۇ بەكرەك ئېغىر كېلىدىغان ھېچنەرسە يوق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئېغىر ۋە گۇناھى كۆپ بولسىمۇ، مەن بىلەن ئارىسىدا كىچىككىنە ھەق – ھوقۇقى بار كىشىگە زىيان سېلىشنى، ھەتتا شۇنداق ئويلاشنىمۇ ئۆزۈمگە قەتئىي راۋا كۆرۈپ باقمىدىم. لېكىن، كۆپ كىشىلەر ماڭا يامانلىق قىلدى، مەن پەقەت يامانلىققا ياخشىلىق قىلدىم. ئاشۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ شۈكۈر»(25).

بۇ گەپلەرنى ئۇ ھاكىمىيەت بىلەن سىنالغان، لېكىن ئىتتىكلىكتىن ئىبارەت بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ھاياتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا «تەۋقۇل ھەمامە» ناملىق كىتابىغا يازغان. قانداقلا بولمىسۇن، ۋاپادارلىق ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىدى. قاتتىق بىر كېسەل تۈپەيلى ياكى ئېغىر ئەزىيەت ۋە ئىسكەنجە تۈپەيلى ئۇنىڭدا ئىتتىكلىك پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىدە يوق ئۆتكۈنچى ئەھۋالدۇر.

ئۇنىڭ پەن – ئەدەبىيات زوقى

[313] شۇ پىكرىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرلار بىلەن بىرگە، ئىبنى ھەزمدە كۈچلۈك ھېس – تۇيغۇ بار ئىدى. ئەگەر كۈچلۈك تۇيغۇ ئۆتكۈر ئەقىل ۋە كامىل خۇلق بىلەن بىرلەشسە، كۈچلۈك تۇيغۇ توغرا نەزەرنى، ئىلھامغا ئوخشايدىغان پەم – پاراسەت ۋە كىشىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەلب ئورتاقلىقىنى نەتىجە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېستېتىك زوقنى نەتىجە بېرىدۇ. ئىبنى ھەزمنىڭ نەسر ۋە شېئىردا ئېستېتىك زوقى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تېرەن تەپەككۇرى، ئىنچىكە ھېسسى ۋە قايناق تۇيغۇسى بىلەن «تەۋقۇل ھەمامە»نى يېزىپ چىقالىغان ۋە كىتابى «مۇداۋاتۇننۇفۇس»تا ئۆزىنى بەك كۆپ تەھلىل قىلالىغان. ئۇ ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسىنى زىلال سۇدەك يېقىشلىق نەسرىي شەكىلدە يازغان. بىز دەيمىزكى، «ئەگەر ئۇ ئىلىم ۋە ئىلىمدىكى تېرەنلىك بىلەن مەشھۇر بولمىغان بولسا، يازغۇچىلىق بىلەن مەشھۇر بولغان ھەمدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەڭ داڭلىق بىر يازغۇچىغا ئايلانغان بولاتتى».

ئۇ قارىماققا ئاسان، ئەمما ناھايىتى قىيىن بولغان مۇشۇ ئەدەبىي نەسرلىرى بىلەن بىرگە، تالانتلىق بىر شائىر ئىدى. ناۋادا ئۇنى فىقھ ۋە باشقا ئىلىملەر بېسىپ كەتمىگەن بولسا، شائىرلار ئارىسىدىكى بىر شائىر بولغان بولاتتى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بۈيۈك ئالىمغا ئاللاھ شۇنداق بىر سۈپەتلەرنى ۋە خاراكتېرلارنى بېغىشلىغانكى، بۇ سۈپەتلەر ئۇنى ئۆز دەۋرىدە يۈكسەلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنى كاتتا زور ئالقىش ئوبيېكتى، ئۆچ ۋە ھەسەت ئوبيېكتى، تەنقىد ۋە مالامەت ئوبيېكتى قىلغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ياخشىلىق ۋە يامانلىققا تولغان داۋالغۇلۇق بۇ دۇنيادا پەقەت مىسلىسىز بۈيۈك كىشىلەرگە خاس ئالاھىدىلىكلەردۇر. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدا ھەر خىل ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭ ئىلىملىرى

[314] ئىبنى ھەييان دەيدۇكى: «ئەبۇ مۇھەممەد (ئىبنى ھەزم) ھەدىس، فىقھ، مۇنازىرە، نەسەب ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق كۆپلىگەن پەنلەرگە ساھىب ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەنتىق ۋە پەلسەپەدەك قەدىمكى تۈرلۈك ئىلىملەردىنمۇ خەبەردار ئىدى. ئاشۇ پەنلەرنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ كۆپلىگەن كىتابلىرى بار، بىراق ئۇ ئۇلاردا خاتالىق ۋە سەھۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان. چۈنكى، ئۇ ئىلىملەرگە (ئىشىكىدىن كىرمەي) ئارتىلىپ كىرىشكە جۈرئەت قىلغانىدى»(26).

بۇ كالام ئىبنى ھەزمنىڭ ئىلمىنىڭ موللۇقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، كالامدا ئۇنى قاتتىق بىر چېقىۋېلىش بار. ئىبنى ھەييان ئۇنىڭ سۆزلىرىدە خاتالىق بارلىقى، چۈنكى ئۇ ئىلىملەرگە ئىشىكىدىن كىرمەي، تېمىدىن ئارتىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇ ئىلىمنى شەيخلەردىن ئالماي، كىتابلاردىن ئالغانىدى» دېگەنلىكتۇر. ئىبنى خەلدۇنمۇ ئۇنى ئاشۇنداق تەنقىدلىگەن. مەيلى بۇ سەھىھ بولسۇن ياكى سەھىھ بولمىسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ كېيىنكىلەر قوبۇل قىلىپ پايدىلانغان قىممەتلىك كىتابلارنى قالدۇردى. يەنە شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس مېتودى بار ئىدى. ناۋادا ئىمام ئىبنى ھەزم دائىم شەيخلەرگە ئەگىشىدىغان بولۇپ، توغرا مۇستەقىل پىكىر ئىگىسى بولمىسا ئىدى، بەلكىم ئاشۇ مېتود بارلىققا كەلمەس ئىدى.

سۆكۈپ تەنقىد قىلغان ئىبنى ھەييان مۇشۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى ۋە قىممىتىنى بايان قىلىپ ئېيتقانكى: «بۇ شەيخ ئەبۇ مۇھەممەدنىڭ يەھۇدىيلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن!) بىلەن ۋە ئۇلاردىن باشقا ئەھلى ئىسلام تەرىپىدىن رەت قىلىنغان مەزھەب ئىگىلىرى بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرى ۋە خەبەرلىرى بار بولۇپ، بۇلار يېزىلىپ خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە تونۇشلۇق ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇنازىرە ئىلمى توغرىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرى: ‹ ئەلفەسل بەينە ئەھلىل مىلەل (الْفَصْلُ بَيْنَ أَهْلِ الْمِلَلِ وَالْأَهْوَاءِ وَالنِّحَلِ)› ناملىق كىتابى، ‹ئەسسادىئۇ ۋەررادىئۇ (اَلصَّادِعُ وَالرَّادِعُ عَلَى مَنْ كَفَرَ مِنْ أَهْلِ التَّأْوِيْلِ مِنْ فِرَقِ الْمُسْلِمِيْنَ وَالرَّدِّ عَلَى مَا قَالَهُ بِالتَّقْلِيْدِ)› ناملىق كىتابىدۇر. ئۇنىڭ ‹مۇۋەتتا› ھەدىسلىرىنىڭ شەرتى ۋە ‹مۇۋەتتا› مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر كىتابى بار، ئۇنىڭ يەنە ‹ ئەلجامىئۇ فى سەھىھىل ھەدىس (الْجَامِعُ فِي صَحِيْحِ الْحَدِيْثِ بِاخْتِصَارِ الْأَسَانِيْدِ وَالْاِقْتِصَارِ عَلَى أَصَحِّهَا وَاجْتِلَابِ أَكْمَلِ الْأَلْفَاظِ وَأَصَحِّ مَعَانِيْهَا)› دېگەن كىتابى، ‹ ئەتتەلخىس (اَلتَّلْخِيْصُ فِي الْمَسَائِلِ النَّظَرِيَّةِ وَفُرُوْعِهَا الَّتِيْ لَا نَصَّ عَلَيْهَا فِي الْكِتَابِ وَالْحَدِيْثِ)› دېگەن كىتابى، ‹ مۇنتەقال ئىجمائى (مُنْتَقَى الْإِجْمَاعِ وَبَيَانُهُ مِنْ جُمْلَةِ مَا لَا يُعْرَفُ فِيْهِ اخْتِلَافٌ)› دېگەن كىتابى، ‹ئىمامەت ۋە سىياسەت (الْإِمَامَةُ وَالسِّيَاسَةُ فِي قِسْمِ سِيَرِ الْخُلَفَاءِ وَمَرَاتِبِهَا وَالنَّدْبُ وَالْوَاجِبُ مِنْهَا)› ناملىق كىتابى، ‹مۇداۋاتۇننۇفۇس ۋەتەھزىبۇل ئەخلاق (مداواة النفوس وتهذيب الأخلاق)› دېگەن كىتابى بار، يەنە ‹ئەلئىيسال (الْإِيْصَالُ إِلَى فَهْمِ كِتَابِ الْخِصَالِ)› نامىدا تونۇلغان چوڭ ھەجىملىك كىتابى، ۋە ‹كەشفۇل ئىلباس (كَشْفُ الْإِلْبَاسِ مَا بَيْنَ أَصْحَابِ الظَّاهِرِ وَأَصْحَابِ الِقِيَاسِ)› ناملىق كىتابى بار. ئۇلاردىن باشقا سانى كۆپ ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ئەسەرلىرى ۋە رىسالەلىرى بار»(27).

بۇ ئىبنى ھەييان ئۇنىڭ بەزى كىتابلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇ تىلغا ئالغانلارنىڭ كۆپى ئىسلامنى قوغداش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ياكى ئىسلام ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى قايمۇققانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ھەققىدىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە زور تۆھپىسى بار. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۇپۇقىنىڭ كەڭرىلىكىنى ۋە ئىلمىنىڭ ھەر خىللىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنىڭ تىلغا ئالغانلىرى ئىبنى ھەزمنىڭ ھەممە كىتابلىرىنىڭ تولۇق ستاتىستىكىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەقەللىي مىقداردۇر. ئىبنى ھەزمنىڭ ئوغلى ئەبۇ راﻓﯩﺌ ئەلفەزل: «دادامنىڭ 80 مىڭغا يېقىن ۋاراقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 400 مۇجەللەد ئەتراپىدىكى قوليازما ئەسەرى يېنىمغا يىغىلدى» دېگەن(28).

ئىبنى ھەزمنىڭ ئىلمىي مېتودى

[315] ئىبنى ھەزمنىڭ يازغان كىتابلىرى ۋە ئۇنىڭ كىرگەن ھەر خىل ئىلىملەردىكى بابلىرى كۆپ بولۇشى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ياقىلاپ ماڭغان بىر ئىلمىي مېتودى بار ئىدى. بۇ مېتود ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: بىرى، ئۇنىڭ ئەقلىيياتتىكى مېتودى. يەنە بىرى، ئۇنىڭ نەقلىيياتتىكى مېتودى.

ئۇ ئەقلىيياتتىكى مېتودىنى مۇخالىپلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن قوللانغان. مۇنازىرىلەشمەكچى بولغان ئادەم نەقلىي ئەمەس، بەلكى ئەقلىي مېتودقا تايىنىشى كېرەك. چۈنكى، رەقىب نەقىلگە ئۇنىمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن ئەقىل ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئەقلىي مېتودى

[316] ئىمام ئىبنى ھەزم شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، ئىنساندا ئۇنىڭ ئىنسانلىق تەقەززاسى بىلەن بەدىيھىييات ئىلمى بار بولىدۇ ۋە بۇ تۈرلۈك ئىلىم «ئىلمى نەفس» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ھەربىر ساغلام نەفس ئۇنى ئۆگەنمەستىن بىلەلەيدۇ. دەلىلى: كىچىك بالىمۇ ئۇنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ زىكىر قىلىشىچە، پارچىنىڭ پۈتۈندىن ئاز ئىكەنلىكى بەدىيھىييات جۈملىسىدىندۇر. دەلىلى: سەن كىچىك بالىغا بىر مېۋىنى بەرسەڭ، ئىككىنچىسىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىككىنچىسىنى بەرسەڭ، خۇشال بولىدۇ. شۇنداقلا كىچىك بالا زىت ئىككى نەرسىنىڭ بىر يەردە جەملەشمەيدىغانلىقىنى بەدىيھىي بىلىدۇ. مەسىلەن، سەن كىچىك بالىنى ئۇ خاھلىمىسىمۇ تۇرغۇزۇپ قويساڭ، يىغلايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ، قايتىدىن ئولتۇرۇۋالىدۇ. شۇ جۈملىدىن يەنە كىچىك بالىنىڭ ئىككى جىسىمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر ماكاننى ئىگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى. مەسىلەن، سەن كىچىك بالىنىڭ بىر ئورۇنغا ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ سىغمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئولتۇرىدىغان ئورۇننى تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن»(29).

ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە «ئىلمى نەفس»نى ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدىغان ئەقلىي بەدىيھىييات ئارقىلىق ئۇزۇن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىكىر قىلىشىچە، بەدىيھىيياتنىڭ جۈملىسىدىن، ئىنساننىڭ ئۆزى كۆرمىگەن ئىشلارنى بىلىشى (تەستىقلىشى) زىتلىق بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى بىر كىشىگە ئۇ كۆرمىگەن بىر ئىشتىن خەبەر بەرسە، ئاندىن ئىككىنچى بىر كىشى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش خەبەرنى يەتكۈزسە، ئۇ خەبەرگە ئىشىنىدۇ. ئەگەر بىر ۋەقەدە ئىككىنچى كىشىنىڭ خەبەرى بىرىنچىسىنىڭكىدىن پەرقلەنسە، ئىككىلىسىنى تەستىقلىمايدۇ. خەبەرلەرنىڭ راستلىقى مۇشۇ ئارقىلىق بىلىنىدۇ. بىركىمنىڭ تۇغۇلغانلىقى، بىركىمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىركىمنىڭ كېسەل بولغانلىقى، بىركىمنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكى، بىركىمنىڭ بىر مۇسىبەتكە يولۇققانلىقى، بىز كۆرمىگەن يۇرتلارنىڭ بارلىقى قاتارلىقلارنى شۇ ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئىدراكى ئۆسكەندە، ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ خەبەرلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ خەبەرلىرىنى بىلىشكە قادىر بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئەقلى يوغىنىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان راست خەبەرلەرنى تونۇيالايدۇ. بۇنىڭدىن ئايدىڭلىشىدۇكى، ئەقىل ئىلمى نەقىل ئىلمىگە ئاساستۇر.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىمام ئىبنى ھەزم شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، ھەر ئىنساننىڭ نەفسىدە بۇ بەدىيھىييات بار، ئەقلىي ئىشلار توغرىسىدىكى پىكىر خاتالىقىنىڭ مەنبەسى بۇ بەدىيھىيياتتىكى ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى خاتالىقنىڭ مەنبەسى ئۇلار ئىختىلاپلاشقان نەرسىنىڭ بۇ بەدىيھىيياتتىن يىراق بولغانلىقىدۇر. گاھىدا مۇقەددىمە ئۇزۇن ۋە كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئۇ مۇقەددىمەنى بۇ بەدىيھىيياتقا قايتۇرۇش تەس بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى ھېسابتۇر. ھېسابنىڭ رەقەملىرى قانچە كۆپىيىپ كەتسە، ھېسابتا خاتالىق ئېھتىمالى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھېساب ياكى ئالگېبرا تەڭلىمىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى پەرقلىنىدۇ. رەقەملەر قانچە ئاز بولسا، نەتىجىلەر خاتالىقتىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«مۇشۇ مۇقەددىمەلەر (يەنى بەدىيھىييات) بولماي، مەسىلە دەلىللىگىلى بولمايدۇ، ئەلبەتتە. ھەرقانداق بىرنەرسە شۇ مۇقەددىمەلەرگە قايتۇرۇلماي توغرا چىقمايدۇ. مۇشۇ مۇقەددىمەلەردىن بىرەر مۇقەددىمە بىرنەرسىنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇ توغرىدۇر، جەزمىيدۇر. توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرمىسە، ئۇ باتىلدۇر، بىئېتىباردۇر. ئەمما، ئۇ مۇقەددىمەلەرگە قايتىش گاھى يېقىندىن بولسا، گاھى يىراقتىن بولىدۇ. يېقىندىن بولغىنى ھەر كىشىگە ئوچۇقتۇر ۋە چۈشىنىشلىكتۇر. مەزكۇر مۇقەددىمەلەر يىراق بولغانچە دەلىللەش ئىشى قىيىنلىشىدۇ. ھەتتا شۇ خاتالىققا چۈشۈپ قالىدۇ. كۈچلۈك ئىدراك ئىگىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ بىز تىلغا ئالغان مۇقەددىمەلەرنىڭ بىرىگە قايتۇرۇلغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. بۇ سانلارغا ئوخشاشتۇر. سانلار قانچە ئاز بولسا، جەملەش ئاسان بولىدۇ، خاتالىق بولمايدۇ. سانلار كۆپ ۋە ئەمەل كۆپ بولۇپ كەتسە، جەملەش قىيىن بولىدۇ. پىششىق ھېسابچىمۇ خاتالىشىپ قالىدۇ. شۇ مۇقەددىمەلەرگە يېقىندىن ياكى يىراقتىن تايانغان ھەر نەرسە ھەقتۇر، ھېچقايسىسىدا ئارتۇق – كەملىك يوقتۇر. بىز سۆزلىگەن بىر مۇقەددىمە يەنە بىر مۇقەددىمە بىلەن زىتلاشمايدۇ»(30).

بۇ ئارقىلىق ئىمام ئىبنى ھەزم ئەقلىي ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بەدىيھىيياتلارغا قايتىدىغان بولسىمۇ، نەتىجىلەردە خاتالىشىشنىڭ مەنبەسىنى بايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭغىلا باغلىمايدۇ، بەلكى خاتالىق سەۋەبىنىڭ بىر قىسمىنى شەھۋەت تىزگىنىگە ئىلىنىپ قېلىشقا ياكى مەلۇم بىر پىكىرگە يان بېسىشقا قايتۇرىدۇ. دېمەك، بۇ نەرسىلەر تەپەككۇرغا چاپلىشىپ، تەپەككۇرنى ئازدۇرۇپ خاتالىققا چۈشۈرىدىغان ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا تەپەككۇر بۇ بەدىيھىيياتقا قايتالماي ئادىشىدۇ. گاھىدا ئاپەت كۈچلۈك بولىدۇ، نەتىجىدە كىشى بۇ مۇقەددىمەلەرنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ساغلام ئەقىل ئىگىسى بۇ نەرسىلەرنىڭ (يەنى ئەقلىي بەدىيھىيياتنىڭ) ھەممىسىنىڭ دەتالاشسىز توغرا ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمەيدۇ. پەقەتلا ئۇلارنى توغرا بىلگەندىن كېيىن، ئەقلىگە بالا تېگىپ، ئەقىلنىڭ پەرق ئېتىش كۈچى بۇزۇلغان ياكى بەزى بۇزۇق قاراشلارغا مايىل بولغان كىشىلا بۇلاردىن شەكلىنىدۇ. دېمەك، ئەقىلنىڭ پەرقلەندۈرۈش كۈچىگە تەگكەن بۇ ئاپەت خۇددى سەپراسى قالايمىقانلىشىپ، ھەسەلنىمۇ ئاچچىق تېتىيدىغان ئادەمگە تەگكەن ئاپەتكە ئوخشايدۇ»(31).

ئىمام ئىبنى ھەزم ئەقىدىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئەقلىي مېتودى بويىچە ماڭىدۇ ۋە كائىناتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا يىغما خۇلاسە ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە تايىنىدۇ ۋە پەيغەمبەلەرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئاساسىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار (يەنى مۆجىزىلەر) نىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئاساسلاندۇرىدۇكى، پەيغەمبەر بولغۇچى شۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار بىلەن ئۆزى دەۋەت قىلىدىغان كىشىلەرگە رىقابەت ئېلان قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئۇ رىقابەت ئېلان قىلغان شۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بىلەن رىسالەت ئىسپاتلانغاندا، ئاندىن نەقلىي مېتود ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم ئاشۇ نەقلىي مېتود بىلەن بۇ رىسالەتنىڭ ئەھكاملىرىنى تونۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.

ئۇنىڭ نەفس ۋە ئەخلاق تەتقىقاتى

[317] ئىبنى ھەزمنىڭ نەفس ۋە ئەخلاق تەتقىقاتلىرى بار. نەفس تەتقىقاتى ئۇنىڭ «تەۋقۇل ھەمامە» كىتابىدا ئىزاھلانغان.

ئۇنىڭ ئەخلاق تەتقىقاتى ئۇنىڭ «مۇداۋاتۇننۇفۇس ۋەتەھزىبۇل ئەخلاق (مداواة النفوس وتهذيب الأخلاق)» دېگەن رىسالەسىدە ئىزاھلانغان بولۇپ، رىسالەنىڭ تېمىلىرىدىن قارىغاندا بۇ رىسالەنى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئەمەس، ئاخىرقى باسقۇچىدا يازغان. بىز ئۇ رىسالەنىڭ تېمىلىرىغا ئىشارەت قىلىشتىن باشلايلى!

رىسالەدە ئۇ مۇنداق ئىككى ئىشقا تايانغان:

بىرىنچى ئىش: يىغما خۇلاسە ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە تايانغان بولۇپ، بۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەر ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بەدىيھىي مۇقەددىمەلەرنى مەنبە قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بىللە ياشىغان ۋە ئۇچراشقان ئادەملەرنىڭ ئەخلاقلىرىنى ۋە ئۆزى كۆرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەكشۈرگەنىدى. ئۇ ئەخلاقىغا كېسەل تەگكەن ئادەملەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق بۇ ئەيىبلەرگە داۋا بولىدىغان چارىلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

يىغما خۇلاسە چىقىرىش ھەر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغان ئادەم پەزىلەت ۋە رەزىللىكنى بىلىشتە ساماۋى رىسالەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەزىلەتلەرنى بىلىش جەھەتتە كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرۇغانغا تايانسۇن. چۈنكى، ئۇ جىمى پەزىلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»(32).

ئىككىنچى ئىش: «مۇداۋاتۇننۇفۇس» دېگەن رىسالەسى ئەقلىي بەدىيھىيياتنى ياكى يىغما خۇلاسە ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى مەنبە قىلىدىغان، گرېك پەيلاسوپلىرىدىن قالغان پەلسەپەۋى تەتقىقاتلارغا تايانغان. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ يىغما خۇلاسىسىگە تايانغاندەك، باشقىلارنىڭ يىغما خۇلاسىسىگىمۇ تايىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ پەيلاسوپلار مۇقەددىمەلىرىدە دەسلەپكى بەدىيھىيياتنى مەنبە قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىلەرگىمۇ تايىنىدۇ. چۈنكى، بۇ نەتىجىلەر ساغلاملىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ھەركىم پايدىلانسا بولىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

شۈبھىسىزكى، رىسالەدە ئۇنىڭ گرېك پەيلاسوپلىرىنىڭ قاراشلىرىغا تايانغانلىقى روشەن. مەسىلەن، ئۇ پەزىلەتنىڭ ئىككى رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى نەرسە ئىكەنلىكى نەزەرىيەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئارىستوتىل نەزەرىيەسىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەزىلەت چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىش ئوتتۇرىسىدىكى نەرسىدۇر. ئىككىلى تەرەپ سۆكۈلىدۇ، پەزىلەت ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر»(33).

ئۇ يەنە پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسلىرى تۆت دەپ خۇلاسىلىگەن ئەپلاتوننىڭ يىغما خۇلاسىلىرىدىنمۇ ئۈزۈندە ئالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يىغما خۇلاسىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «پەزىلەت دېگەن مەرىپەت، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە ئادالەت» دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئىپپەتنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ساخاۋەتنى قويغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ «ئىپپەت ئادالەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئىپپەت ۋە ئىشەنچ — ئادالەت ۋە ساخاۋەتنىڭ تۈرلىرىدىندۇر» دەيدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم تەتقىقاتىدا نەقىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىسلامىي ئەخلاقلارنى تاشلاپ قويمىغان، بەلكى گرېك نەزەرىيەلىرىدىن ۋە ئۆزى ئېلىپ بارغان يىغما خۇلاسىلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئىسلامىي ئەخلاقلارنىڭ ھېكمەتلىرىگە ئىشارە قىلغان. كۆپ ھالدا ئۇ پەلسەپەۋى نەزەرىيەلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قۇرئانىي بىر نەسنى ياكى نەبەۋىي بىر ھەدىسنى يانداشتۇراتتى. ئۇ دائىما ئىسلامىي ئەخلاقلارنى پايدىلىق ئەقلىي مەلۇماتلار بىلەن كۈچلەندۈرەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە ئېيتىدۇكى: «كۈچلۈك دورا كۈچلۈك بەدەنلەرگە پايدا قىلىپ، زەئىف بەدەنلەرنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك مۇرەككەپ ئىلىملەرمۇ كۈچلۈك ئەقىلنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئەقىلنى سۈزۈلدۈرىدۇ، زەئىف ئەقىلنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنداق بىر ساراڭلىققا چۆكۈش باركى، ئەگەر كىشى شۇنىڭغا چۆككەنچىلىك ئەقىلگە چۆكسە ئىدى، چوقۇم ھەسەن بەسرىي، ئەپلاتون ۋە بۈزۈركمېھردىنمۇ بەكرەك دانىشمەن بولۇپ كېتەتتى»(34).

ئۇ رىسالەسىدە ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمىنى بايان قىلىدۇ ۋە يەنە كىمنىڭ ئىشىنىشكە لايىق، كىمنىڭ ئىشىنىشكە لايىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپەۋى تەتقىقاتىدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئىسلام ئالىملىرى چىقارغان خۇلاسىنى چىقىرىدۇ: «جامائەت ئۈچۈن دىن بولمىسا بولمايدۇ، دىن جامائەتنى ھىمايە قىلىدۇ، جامائەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئىشەنچ تارقىتىدۇ. دىندار كىشى — گەرچە ئىسلامدىن باشقا دىندىكى دىندار بولغان تەقدىردىمۇ — ئىشىنىشكە لايىقتۇر. دىندار ئەمەس كىشى — گەرچە مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ — ئىشىنىشكە لايىق ئەمەستۇر». ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، بۇ ھەقتە يەنە دەيدۇكى: «دىندارغا ئىشەن، گەرچە ئۇ سېنىڭ دىنىڭدىن باشقا دىندىكى دىندار بولغان تەقدىردىمۇ. يەڭگىللىك قىلغۇچىغا ئىشەنمە، گەرچە ئۆزىنى سېنىڭ دىنىڭدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلسىمۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ھاراملىرىغا يەڭگىللىك قىلىدىكەن، سەن مۇھىم بىلىدىغان ھېچبىر ئىشتا ئۇنىڭغا ئىشەنمە».

بۇ قىسقىچە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆتۈش بولۇپ، گەرچە رىسالەنىڭ ئىچىدىكى ھەممىنى ئىزاھلىمىغان بولساقمۇ، رىسالەنىڭ قىياپىتىگە ئىشارە قىلدۇق.

«طوق الحمامة» ناملىق كىتابى

[318] بۇ رىسالە دوستلۇق، ئۈلپەتچىلىك ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى پىسخىكىلىق بىر تەتقىقاتتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ روھلارنى داۋالايدىغان بىر تېبابەت بولۇشى ئۈچۈن، ««مۇداۋاتۇننۇفۇس» رىسالەسىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا يازغان بولسا، «تەۋقۇل ھەمامە» رىسالەسىنى، ئىبارىلىرىدىن ئايان بولغىنىدەك، ئاخىرقى قىران چاغلىرىدا، يەنى ياشلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان. چۈنكى، رىسالەدىكى ھادىسىلەر ئۇنىڭ رىسالەنى يازغان چاغدا، دەسلەپكى ياشلىق مەزگىلىدە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا كۆپلىگەن تەجرىبىلەر بار، ئۆزىنىڭ تاكى ئىلىمگە تولۇق بېغىشلانغۇچە بولغان ھايات قىسسەلىرى بار.

بۇ رىسالە يىغما خۇلاسىنى مەنبە قىلغان پىسخىكىلىق تەھلىلگە ۋە ئۇ «ئىلمى نەفس» دەپ ئاتىغان دەسلەپكى بەدىيھىيياتقا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇقەددىمەلەرگە تايانغان. يىغما خۇلاسە ۋە دىنىي ھەقىقەتلەرنى مەنبە قىلغان تەھلىل ئۇنىڭ مۇھەببەتكە بەرگەن ئېنىقلىمىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مۇھەببەتكە ئېنىقلىما بېرىپ دەيدۇكى: «ئىنسانلار مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشتا بولغان ۋە بۇ تېمىدا ئۇزۇن گەپ قىلغان. مېنىڭ قارىشىمچە، مۇھەببەت — بۇ كائىناتقا، كائىناتنىڭ ئەسلىي يۈكسەك ئۇنسۇرى (بولغان ئىنسانلار) غا چېچىلغان روھلار ئارىسىدىكى باغلىنىشتۇر. بۇ باغلىنش روھلارنىڭ ئۈستۈنكى ئالەم قارارگاھىدىكى كۈچلىرىگە ۋە قۇراشتۇرۇلغان سۈرىتىدىكى قوشنىدارلىقىغا مۇناسىپ يوسۇندا بولىدۇ. بىز شۇنى بىلدۇقكى، مەخلۇقاتلاردىكى چىقىشىش ۋە چىقىشالماسلىقنىڭ سىرى پەقەتلا شۇ باغلىنىش ۋە ئايرىلىشتۇر. شەكىل ئۆزىنىڭ شەكلىگە ئەگىشىدۇ. ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئوخشىشىدىن ئارام تاپىدۇ. جىنىسداشلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك تەسىرى بار. زىتلاردىكى سۈركىلىشىش، ئوخشاشلاردىكى ماسلىشىش ئارىمىزدا مەۋجۇدتۇر. روھ قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! ھالبۇكى روھ ئالەمى ساپ ۋە يېنىك ئالەمدۇر، ئۇنىڭ جەۋھىرى يۇقىرىغا ئۆرلىگۈچى مۆتىدىل جەۋھەردۇر. روھنىڭ تەبىئىتى ئىتتىپاقلىشىش، مايىل بولۇش، سېغىنىش، قايمۇقۇش، شەھۋەت، نەپرەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەيياردۇر… ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدە فىترەت بىلەن مەلۇمدۇر. مەسىلەن، ئىنسان ئۆزىنىڭ جۈپتىدىن ئۇنسى – ئۈلپەت ئالىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئېيتىدۇكى: ﴿هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَجَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا لِيَسۡكُنَ إِلَيۡهَاۖ / ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى﴾(7/«ئەئراف»: 189). شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئايالنىڭ ئەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى قىلىپ كۆرسىتىدۇ».

ئۇ يەنە ئېيتىدۇ: «بۇنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، سىز ياخشى كۆرۈشكەن ھەرقانداق ئىككى كىشىنى كۆرسىڭىز، ئوتتۇرىسىدا شەكىلداشلىق ۋە تەبىئىي سۈپەتلەردە ئورتاقلىق بارلىقىنى بايقايسىز. ئازراق بولسىمۇ، مۇشۇنداق ئورتاقلىق چوقۇم بار. ئوخشاش تەرەپلەر قانچە كۆپەيسە، جىنسداشلىق ئاشىدۇ ۋە دوستلۇق كۈچىيىدۇ. سەن بۇنىڭغا زەن سالساڭ، ئوچۇق – ئاشكارا كۆرىسەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىمۇ مۇشۇنى تەكىتلەيدۇ: ‹الأَرْوَاحُ جُنُودٌ مُجَنَّدَةٌ فَمَا تَعَارَفَ مِنْهَا ائْتَلَفَ وَمَا تَنَاكَرَ مِنْهَا اخْتَلَفَ / روھلار توپلانغان قوشۇنلاردۇر. ئۇلارنىڭ (روھانىي ئالەمدە) تونۇشقانلىرى (بۇ ئالەمدە) ئىتتىپاقلىشىدۇ. تونۇشمىغانلىرى ئىختىلاپلىشىدۇ»(35). سالىھلەرنىڭ بىرىدىن: «مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى تونۇشىدۇ› دەپ رىۋايەت قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇقراتقا ئەھلى نۇقسان كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئېيتىلغاندا، ئۇ غەم قىلىپ كەتمىگەن، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن غەم قىلىپ كەتمىگەنلىكى سورالغاندا، ئۇ: ‹ئۇنىڭ بەزى خۇي – مىجەزلىرىدە مەن ئۇنىڭغا ماس كەلگەچكە، ئۇ مېنى ياخشى كۆرگەن› دېگەن».

بىز ئۇنىڭ پەلسەپەگە مۇشۇنداق تايىنىدىغانلىقى ۋە پەلسەپەنى دىنىي نەسلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاندىن ئۇ رىسالەسىنىڭ ھەممە پارچىلىرىدە يىغما خۇلاسىگە تايىنىپ، ئۆزى كۆرگەن ۋەقەلەرنى كەلتۈرىدۇ ۋە بۇ ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇ بۇ ۋەقەلەردىن روھقا چوڭقۇرلاپ كىرىدۇ. دېمەك، ئۇ ئۆزى ئاڭلىغانغا ئەمەس، ئۆزى كۆرگەنگە تايىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىتابىمدا ئۆزۈم كۆرگەن ياكى ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ نەقىل قىلىشى بىلەن نەزەرىمدە سەھىھ بولغان نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنىشكە ئەھمىيەت بەردىم. ئەئرابىيلارنىڭ ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ خەبەرلىرىنى تىلغا ئالمىدىم. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يولى بىزنىڭ يولىمىز ئەمەس. ئۇلار توغرۇلۇق خەبەرلەر كۆپ بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش مېنىڭ مەزھەبىم ئەمەس».

ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئىككى ئىشتۇر. بىرىنچىسى، پىسخىكىلىق ئوخشاشلىق ۋە روھىي ئىتتىپاقلىق. ئىككىنچىسى، شەكىل جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق. بىرىنچىسىدىكى قىزىقىش كىشىگە ئۇ رازى بولغان شەكىلنىڭ سىياقلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ – دە، مۇشۇ ئۇنىڭ نەزەرىدىكى گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭدىن باشقىغا قىزىقمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسى ئۇنى تارتالمايدۇ.

[319] ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ رىسالەدە مۇھەببەت ھەققىدە كەڭ توختىلىپ، مۇھەببەتنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئەڭ ئۈستۈن مۇھەببەتنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. دېمەك، بىر ئىنسان بىر ئىنسانغا تەقۋالىقى ئۈچۈن ياكى ياخشى ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى ئۇرۇق – تۇغقان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش يۈزىسىدىن مۇھەببەت باغلايدۇ. بۇ خىل مۇھەببەتتىن قالسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۈلپەتچىلىك ۋە دوستلۇق مۇھەببىتى تۇرىدۇ. ھەمراھ بولۇشۇش ۋە تونۇشۇش مۇھەببىتى شۇ جۈملىدىندۇر. ئاندىن بۇنىڭ ئارقىسىدا روھلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىپ قېلىشىدىن باشقا ھېچبىر سەۋەبى بولمىغان ئىشق مۇھەببىتى تۇرىدۇ.

يەنە بىر بابتا ئۇ روھىي مەنىگە ئىگە مۇھەببەت بىلەن شەھۋەتلىك مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پىسخىكىلىق ئوخشاشلىق سەۋەبىدىن بولغان مۇھەببەت روھىي مەنىگە ئىگە مۇھەببەتتۇر، ئەمما بەدەننى چىرايلىق ساناش ۋە رەڭ – سۈرەتتىن ھالقىمايدىغان كۆزگە يېقىپ قېلىشلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن مۇھەببەتكە كەلسەك، مانا بۇ ھەقىقىي شەھۋەتنىڭ مەنىسىدۇر ۋە سىرىدۇر(36).

ئۇنىڭ زىكىر قىلىشىچە، روھىي مۇھەببەت پەقەت بىرگىلا خاس بولىدۇ، ئەمما بەدەنىي مۇھەببەت كۆپكە بولىدۇ.

ئۇ ئىشقنىڭ ئىپپەت بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە سالىھ ئايال بىلەن پاسىق ئايالنى بايان قىلىش ئۈچۈن، ئايرىم بىر باب ئاچىدۇ ۋە بۇنى ئىنچىكە چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئايال دېگەن چىڭ تۇتسا تۇتۇلىدىغان، ئامالسىز قالغاندىمۇ ئۆزىنى ساقلايدىغان ئايالدۇر. يامان ئايال دېگەن چىڭ تۇتسا تۇتۇلمايدىغان ئايالدۇر».

ئۇ بىرلا ۋاقىتتا تېرەنلىك ۋە گۈزەللىك بىلەن سۈپەتلىنىدىغان بۇ رىسالەدە ھەربىر تېما ھەققىدە يىغما خۇلاسە قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش يولىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. بىز ئۇنىڭ يىغما خۇلاسىسىنى كامىل دېيەلمەيمىز، بەلكى ناقىستۇر، لېكىن بۇ تەتقىق ۋە تەھلىلدە يېتەرلىك بولۇپ، ئۇ مەقسەت قىلغان مەنىگە باشلاپ بارالايدۇ. ئەمدى بىز ئۇنىڭ نەقىلنى تەتقىق قىلىشتىكى مېتودىغا يۈزلىنەيلى!

ئۇنىڭ نەقىلنى تەتقىق قىلىشتىكى مېتودى

[320] ئىبنى ھەزمنىڭ نەسلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە نەسلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشتىكى مېتودى پەقەتلا نەسلەرنىڭ لەفزلىرىنىڭ زاھىرىدۇر، خالاس. ئۇ نەسلەرنى تەئۋىل قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، ھۆكۈم ئاساسلانغان ئىللەتنى تېپىپ چىقىپ نەسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى بايان قىلىش ۋە شۇ ئىللەتكە قىياس قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. نەسلەردە كەلگەن ئىسلامىي ماۋزۇلارنىڭ ھەممىسىدە لەفزلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلىپ ماڭىدۇ. بىز باشتا ئۇنىڭ فىقھتىن باشقا ساھەلەردىكى قاراشلىرىغا قاراپ چىقايلى، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ فىقھىسىغا قارايمىز.

ئۇنىڭ ئەقىدە ھەققىدىكى قاراشلىرى

[321] ئەقىدە تەتقىقاتىنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بار:

بىرىنچىسى: ئۇلۇھىييەتنى ئىسپاتلاش ۋە نۇبۇۋۋەتنى ئىسپاتلاش؛

ئىككىنچىسى: «قۇرئان» ۋە سۈننەت لەفزلىرى دالالەت قىلغان ئەقىدىلەر.

ئۇ بىرىنچى تەرەپ ئۈچۈن، بەدىيھىيياتقا، يىغما خۇلاسە ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە تايانغان. ۋە بۇ تەتقىقاتتىن يەككە – يېگانە بىر ئىلاھقا ئىمان ئېيتىش، پەيغەمبەرگە ۋە مۆجىزىلەرگە ئىمان ئېيتىش، مۇئجىزە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

پەيغەمبەرلىك ئىسپاتلانغاندا، ئاندىن پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن نەسلەر ھۆججەتكە ئايلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم شۇ نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنى تۇتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ٱلرَّحۡمَٰنُ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ ٱسۡتَوَىٰ﴾(20/«تاھا»: 5) دېگەن سۆزىنى ئوقۇغان چاغدا، تەئۋىل قىلىشقا ئۇرۇنماستىنلا، ئاللاھنىڭ «ئەرش»ى بارلىقى ۋە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە «ئىستىۋاﺋ»سى(37) بارلىقىغا جەزم قىلىدۇ.

بۇ جەھەتتىن، «قۇرئان كەرىم» ئېلىپ كەلگەن بارلىق غەيبىيياتلار ئۇنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان» نەسلىرىنىڭ زاھىرلىرى بىلەن سابىت بولغان. ئۇ زاھىرلارنىڭ غەيرىگە قارىمايدۇ. مەيلى سۈننەت مۇتەۋاتىر بولسۇن ياكى ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشى بىلەن ئىسپاتلانغان خەبەرى ۋاھىد بولسۇن، سۈننەت ئېلىپ كەلگەن بارلىق غەيبىيياتمۇ ئۇنىڭ نەزەرىدە سابىت بولغان. دېمەك، ئۇ پەرىشتىلەرگە، سىراتقا، ئەمەل دەپتىرىگە، ھېساب، مىزان ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا ئىمان ئېيتىدۇ.

ۋەھدانىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى

[322] ئىمام ئىبنى ھەزم ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھدانىيىتىگە قۇرئانىي نەسلەردە ۋە نەبەۋىي نەسلەردە كەلگەن پېتى ئىمان ئېيتىدۇ. ۋەھدانىيەت ئۇنىڭ نەزەرىدە نەسلەردىن يەكۈنلەنگىنىدەك ئۈچ شاخچىدۇر:

بىرىنچى شاخچە: مەئبۇدنىڭ بىرلىكى؛ ئاللاھ تائالادىن بۆلەككە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەلمەيدۇ. چۈنكى، يېقىنلىق ئىزدەش ئىبادەتتۇر، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنغۇچى يوقتۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ھېچبىر ئىنسانغا، ھېچبىر تاشقا، ھېچبىر گۆرگە ۋە مەۋجۇدلۇقتىكى ھەرقانداق بىرنەرسىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى شاخچە: ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكى؛ ئاللاھ تائالا مەۋجۇدىيەتتىكى ھەربىرنەرسىنى ۋە ھەربىر كىشىنى ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ياراتقۇچى يوقتۇر. ھېچكىم بىرەر ئىشنى ياكى بىرەر نەرسىنى يارىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى، نەسلەردە كەلگىنىدەك، ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتۇر.

مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق ھەققىدىكى قارىشى

لېكىن، بۇ ھەقتىكى گەپلەر ئۇنى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى ئۆزى يارىتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشكە، مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا سۆرەپ ئاپارغان. ئەگەر ئۇ «پېئىللار ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن مەۋجۇد بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۇنىڭدا ئىرادىسى يوق» دەي دېسە، بۇ ئۇنى تەكلىفنىڭ ساقىت بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇ «ئىنسان ئۆزىنىڭ پېئىللىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ» دەي دېسە، «پېئىللارنى يارىتىشتا ئاللاھنىڭ شېرىكى بار» دېگەن بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىشتا ئۇ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «بەندىدە ئاللاھ قۇدرەت ۋە ئىختىيارلىقنى ياراتقان. دېمەك، بەندىنىڭ ئىش قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدۇ ۋە قىلىدىغىنىنى ئىختىيار قىلىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھنىڭ بەندىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىختىيارلىقىدىن ئۈستۈن چەكسىز قۇدرىتى باردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەگەر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ (ياخشىلىققا يېتىش) يولىدىن توسالغۇلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلىشى شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ گۇمراھلىق يولىدىن توسالغۇلارنى ئېلىۋېتىدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن بەندىگە يامانلىق بولىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزى ئەمەلگە ئاشىدۇ: ﴿قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَنۡ أَنَابَ / ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خاھلىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾(13/«رەئد»: 27)».

ئۈچىنچى شاخچە: سۈپەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە ھېچ شەيئىگە ئوخشىماسلىق.

[324] سۈپەتلەرنىڭ ياكى زاتنىڭ بىرلىكىدىن «ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زاتىدا ۋە سۈپەتلىرىدە ھېچبىر شېرىكى يوق، ئاللاھ بىرقانچە ئەمەس، بەلكى يېگانە» ئىكەنلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ھادىسلاردىن ھېچبىرنەرسە ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمايدۇ. ﴿لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ / ھېچ شەيئى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئۇ ئىشىتكۈچى ۋە كۆرگۈچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11).

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ مەسىلىدە ئۇ ھەقتە كەلگەن نەسلەرگە باغلانغان ھالدا، ئەقلىي دەلىللەرگە تايىنىدۇ ۋە شۇ ھەقتىكى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ نەسلەردە نېمە كەلسە شۇنى تۇتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. چۈنكى، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە زىكىر قىلىنغان بارلىق سۈپەتلەرنى تۇتۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئۇ بۇ سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى «اَلْقَادِرُ (قادىر)»، «اَلْقَدِيْرُ (قۇدرەتلىك)»، «اَلْعَلِيْمُ (بىلگۈچى)»، «اَلْحَكِيْمُ (ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى)»، «اَلسَّمِيْعُ (ئىشىتكۈچى)»، «اَلْبَصِيْرُ (كۆرگۈچى)»، «اَلْمُرِيْدُ (ئىرادە قىلغۇچى، خاھلىغۇچى)»، «اَلْحَيُّ (دائىما تىرىك تۇرغۇچى)»، «اَلْقَيُّوْمُ (ئۆز زاتى بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرغۇچى، شۇنداقلا پۈتۈن شەيئىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد بولغۇچى ۋە مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملاشقۇچى)»(38) قاتارلىق ئىسىملار بىلەن، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن گۈزەل ئىسىملار بىلەن ئاتىغان. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇلارنى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى دەپ ئاتىمايدۇ، بەلكى «ئۇلار ئىسىملاردۇر» دەيدۇ. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە سۈپەت لەفزىنى ئىشلىتىشكە كەلسەك، بۇ مۇھالدۇر، جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كالامىدا ›سىفات‹ لەفزىنىمۇ، ›سىفەت‹(39) لەفزىنىمۇ زىكىر قىلمىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ ئاللاھنىڭ سۈپىتى ياكى سۈپەتلىرى بارلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان. شۇنداق! ساھابەلەرنىڭ ھېچبىرىدىنمۇ ۋە تابىئىننىڭ ياخشىلىرىنىڭ بىرەرىدىنمۇ بۇ گەپ زىنھار رىۋايەت قىلىنمىغان».

﴿يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ / ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر﴾(48/«فەتھ»: 10) ۋە ﴿وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ / ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ يۈزى مەڭگۈ قالىدۇ﴾(55/«رەھمان»: 27)غا ئوخشاش ئاللاھنى باشقا نەرسىگە ئوخشىتىشنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان لەفزلەرگە نىسبەتەن، ئىمام ئىبنى ھەزم ئۇ ھەقتە: «ئاللاھنىڭ بىز ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان قولى بار» دېمەيدۇ ھەم: «ئاللاھنىڭ بىز ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان يۈزى بار» دېمەيدۇ. بەلكى ئۇ لەفزلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلسىمۇ، زاھىرنى ئەنە شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ تىل زوقى بىلەن ۋە ئەرەبلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبلىرىنى بىلىدىغانلىقى بىلەن «الْوَجْهُ (يۈز) دىن ‹زات› مەقسەت قىلىنىدۇ، باشقىسى مەقسەت ئەمەس» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ (ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئۈستىدۇر)﴾(48/«فەتھ»: 10) دېگەن سۆزىدىكى «الْيَدُ (قول)»نى «اللهُ فَوْقَ أَيْدِيْهِمْ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرى ئۈستىدۇر)» دەپ تەفسىرلەيدۇ، يەنە ئاللاھنىڭ ﴿بَلۡ يَدَاهُ مَبۡسُوطَتَانِ يُنفِقُ كَيۡفَ يَشَآءُۚ﴾(5/«مائىدە»:  64) دېگەن سۆزىدىكى «الْيَدُ (قول)»نى «اللهُ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ (ئاللاھ قانداق خاھلىسا شۇنداق سەرپ قىلىدۇ)» دەپ، ئاللاھنىڭ ﴿مِمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ (ئۆزىمىز ئەتكەن نەرسىلەر قاتارىدا)﴾(36/«ياسىن»: 71) دېگەن سۆزىدىكى «الْيَدُ (قول)»نى «مِمَّا عَمِلْنَا (ئۆزىمىز پەيدا قىلغان نەرسىلەر قاتارىدا)» دەپ تەفسىرلەيدۇ، «الْاِسْتِوَاءُ»نىمۇ شۇنداق تەفسىرلەيدۇ(40).

بىز ئۇنىڭ تەئۋىل قىلغۇچىلارنىڭ يولىنى بويلاپ ماڭغانلىقىنى كۆرىمىز، لېكىن ئۇ بۇنى تەئۋىل دەپ قارىمايدۇ، بەلكى بۇنى لەفزلەرنىڭ مەجازىي مەنىلىرىگە ئېسىلغانلىق، لەفزلەرنىڭ زاھىر دالالەتلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر مەجازلارغا ئېسىلغانلىق دەپ قارايدۇ.

شۇ ئارقىلىق ئىمام ئىبنى ھەزم «يۈكسەك زاتنىڭ ئىسىملىرىدا مۇتەشابىھ يوق» دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ ۋە «‹قۇرئان›دا پەقەتلا سۈرىلەرنىڭ باشلىرىدىكى ﴿حم﴾، ﴿الم﴾، ﴿المص﴾ لاردەك ھەرپلەردە، شۇنىڭدەك ﴿وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا﴾(91/«شەمس»: 1)، ﴿لَا أُقْسِمُ بِهَذَا الْبَلَدِ وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَذَا الْبَلَدِ﴾(90/«بەلەد»: 1، 2) لەرگە ئوخشاش «ئاللاھنىڭ شەيئىلەر ۋە كائىنات بىلەن قىلغان قەسەملىرىدە مۇتەشابىھ بار، ئۇنىڭدىن باشقىسىدا مۇتەشابىھ يوق» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.

ئۇنىڭ سىياسەت ۋە باشقا ساھە ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى

[325] سىياسەت قوينىدا ئۆسكەن ئىمام ئىبنى ھەزم سىياسەت ئىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، خەلىفەلىك ۋە خەلىفەنىڭ قانداق سايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە شۇنداقلا چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. بۇ مەسىلە سىياسىي پىرقەلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان مەسىلىدۇر.

ئۇنىڭ خەلىفەلىك توغرىسىدىكى قارىشى: «بىر خەلىفە تۇرغۇزۇش مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر، مۇسۇلمانلار خەلىفە تۇرغۇزمايدىكەن، ھەممىسى تەڭ گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خەلىفەلىكنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلايدىغان نەسلەر كەلگەن».

ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلىفەلىكنىڭ شەرتلىرى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ، خەلىفەلىك پۈتمەيدۇ. خەلىفەلىكنىڭ شەرتلىرى:

بىرىنچى شەرت: خەلىفە قۇرەيشلىك بولۇش؛ چۈنكى، بۇ ھەقتە نەس بار، يەنە ساھابەلەر بەنى سائىدە چەللىسى ئاستىغا يىغىلغاندا، خەلىفەنى قۇرەيشتىن تاللاش قارارىغا كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئەنسارلار ئۆزلىرىدىن بىر خەلىفە بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن، لېكىن ئۇلار ئەبۇبەكرىنىڭ قۇرەيشلىك بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېقىن ھەمراھى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىفە بولۇشى توغرىسىدا ئىجمائغا كەلگەن.

ئىككىنچى شەرت: ئاقىل ئەر بولۇشى؛ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «لَنْ يُفْلِحَ قَوْمٌ وَلَّوْا أَمْرَهُمُ امْرَأَةً / ئىشلىرىنى بىر ئايال كىشىگە تۇتقۇزغان خەلق ھەرگىز نىجات تاپالمايدۇ»(41).

ئۈچىنچى شەرت: ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى، ھۆكۈمدارلىقتا ئۆزىگە لازىم بولىدىغان ئىشلارغا ئالىم بولۇشى. (ئىنسانلارغا بىلىنگەن) تاشقى ئەھۋالى ياخشى بولۇشى، ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلماسلىقى (ئىچكى ئەھۋالى ئاللاھقا مەلۇمدۇر). ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى قانداق بىر ئىشتا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن قورقمايدىغان بىر كىشىنى ياكى يەر يۈزىدە ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئىشەنچىسىز بىرىنى، ياكى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمەيدىغان بىر كىشىنى، ياكى ئۆزىنىڭ دىنى ھەققىدە بىرنەرسە بىلمەيدىغان بىر كىشىنى خەلىفەلىككە ئۆتكۈزۈپ قويسا، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مَنْ عَمِلَ عَمَلاً لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهْوَ رَدٌّ (كىمكى بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە يوق بىرەر ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ ئىشى رەت قىلىنىدۇ)› دېگەن(42). يەنە ئېيتقانكى: ‹يَا أَبَا ذَرٍّ إِنِّى أَرَاكَ ضَعِيفًا وَإِنِّى أُحِبُّ لَكَ مَا أُحِبُّ لِنَفْسِى لاَ تَأَمَّرَنَّ عَلَى اثْنَيْنِ وَلاَ تَوَلَّيَنَّ مَالَ يَتِيمٍ / ئى ئەبۇ زەر! سېنىڭ ئاجىز ئادەم ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەننى ساڭىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ھەرگىزمۇ ئىككى ئادەمگە بولسىمۇ باشلىق بولمىغايسەن، ھەرگىزمۇ يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغايسەن›(43). ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ / ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق ياكى ئاجىز (يەنى كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 282). بۇلاردىن شۇ ئايدىڭلاشتىكى، ئەقىلسىز، ئاجىز ئادەملەرنىڭ ۋە بىر ئىشقا قادىر بولالمايدىغان، ۋەلىيگە ئېھتىياجلىق ئادەملەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا باش بولۇشى جائىز ئەمەس».

ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ قارىشىچە، خەلىفەلىك مىراسخورلۇق شەكلىدە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام مىراسخورلۇق شەكلىدىكى ھۆكۈمدارلىقنى تونۇمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ دەيدۇكى: «شۇنىڭدا مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقتۇركى، خەلىفەلىكتە مىراسخورلۇق جائىز بولمايدۇ ۋە خەلىفەلىك بالاغەتكە يەتمىگەن كىشى ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ. راۋافىزلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلار ئىككىلى ئىشنى جائىز سانىغان. يەنە شۇنىڭدا ئىختىلاپ يوقتۇركى، خەلىفەلىك ئايال كىشى ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ»(44).

لېكىن، ئىبنى ھەزمنىڭ نەزەرىدە بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان خەلىفەلىك قانداق بەرپا بولىدۇ؟

ئىبنى ھەزمنىڭ قارىشىچە، خەلىفەلىك ئۈچ ئۇسۇلنىڭ بىرى بىلەن پۈتىدۇ:

بىرىنچى ئۇسۇل: ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ توغرىسى، خەلىفە ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئۆزىدىن كېيىن خەلىفەلىككە تاللىنىدىغان بىرىگە ۋەسىيەت قىلىش. ئۇ بۇ ھەقتە: «خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغاندەك، شۇنداقلا ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە قىلغاندەك، سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە قىلغاندەك قىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۇ تاللىغان ئۇسۇلدۇر. بۇ مىساللاردىن كۆرىمىزكى، ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ۋەسىيەت قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە دىننىڭ مەنپەئەتىگە ماس بولۇشى، ئۇرۇق – تۇغقان ئۈچۈن ۋە نەفسانىيەتچىلىك ئۈچۈن بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ.

ۋەسىيەت قىلىش بەيئەتنىڭ بولۇشىنى چەكلىمەيدۇ. چۈنكى، ئومۇمىي بەيئەت ۋاجىبتۇر. سايلام پەقەت بەيئەتتىن كېيىن تامام بولىدۇ.

ئىككىنچى ئۇسۇل: ئەگەر ۋەسىيەت قىلىش بولماي قالسا، ئىبنى ھەزمنىڭ قارىشىدىكى خەلىفەلىكنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى: خەلىفەلىككە لايىق بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا چاقىرسا، ئۇنىڭ بىلەن تالىشىدىغان ئىككىنچى بىر كىشى بولمىسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىش پەرز بولىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىكى مۇشۇنداق بولغان.

ئۈچىنچى ئۇسۇل: خەلىفە ھايات ۋاقتىدا خەلىفە تاللاش ئىشىنى بىر كىشىگە ياكى ئىشەنچلىك بىر گۇرۇپپىغا قالدۇرىدۇ. بۇ كىشى بىرىنى نامزات كۆرسىتىدۇ ياكى بۇ گۇرۇپپا ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرىنى نامزات كۆرسىتىدۇ، خۇددى ئىمام ئۆمەر قىلغاندەك. ئۆز ۋاقتىدا ئۆمەر خەلىفە تەيىنلەش ئىشىنى رەسۇلۇللاھ رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئالتە كىشىگە قالدۇرغان. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇ ئۇسۇل توغرىسىدا شۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسىغا تەسلىم بولۇشتىن باشقا گېپىمىز يوق. (كىمنى) خەلىفە سايلاشتىكى تەرەددۇتنىڭ ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كېتىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ›خەلىفەسىز بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈش‹تىن توسقانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بار(45). شۇنداقلا مۇسۇلمانلارمۇ بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن. بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىش باتىلدۇر، ھالال ئەمەس»(46).

شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىمام ئىبنى ھەزم ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدە زاھىرىي ئىدى ۋە مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئادالەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىجمائسىغا ئەگەشكۈچى ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئەبۇبەكرىنىڭ، ئاندىن ئۆمەرنىڭ، ئاندىن ئوسماننىڭ، ئاندىن ئەلىنىڭ بەيئىتىگە ئىجماﺋ قىلغان. بۇ ئۈچ ئۇسۇل مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئادالەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىجمائسى ئارقىلىق نەقىل قىلىنغان. باغىيلارنىڭ قارشى چىقىشى بۇ ئىجمائنى بۇزالمايدۇ.

ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى توغرىسىدىكى قارىشى

[326] چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى گەپلەر باشتا خاۋارىجلار ئارىسىدا پەيدا بولغان. ئۇلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كافىرغا چىقارغان، ئەھلىسۈننەت ۋە جامائەت ئۇلارغا قارشى چىققان ۋە: «چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى كافىر ئەمەس، لېكىن ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن ھېسابقا تارتىلىدۇ، ئەمما ئۇ تەۋبە قىلسا ياكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئېلىپ قالسا، بۇ چاغدا ھېسابقا تارتىلمايدۇ» دېگەن. مۇرجىئەلەر بولسا: «كۇفۇر بار ھالەتتە تائەتنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بار ھالەتتە گۇناھنىڭ زىيىنى يوق» دېگەن. مۇئتەزىلەلەر: «ئۇنداق كىشى مۇئمىن بىلەن كافىر ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە بولۇپ، تەۋبە قىلماي قالسا دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەن.

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ تېمىدا ئاساسەن ئەھلىسۈننەتنىڭ يولىنى تۇتىدۇ. چۈنكى، نەسنىڭ زاھىرلىرى ئەھلىسۈننەتنى قوللايدۇ. لېكىن، ئۇ ئازراق تەپسىلاتقا كىرىپ ئېيتىدۇ: «كىمكى ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن رەببىگە سەمىمىي تەۋبە قىلسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ. كىمكى تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە، ئەگەر ياخشىلىقلىرى چوڭ گۇناھلىرىنى بېسىپ كەتسە، ئۇنىڭ چوڭ گۇناھلىرى ۋە كىچىك گۇناھلىرى چوقۇم ساقىت بولىدۇ، ئۇ جەننەت ئەھلىدىندۇر، دوزاخقا كىرمەيدۇ. كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى چوڭ گۇناھلىرى ۋە يامانلىقلىرى بىلەن تەڭلىشىپ قالسا، بۇلار ئەئراف ئەھلى بولۇپ، ئەئرافتا تۇرىدۇ، دوزاخقا كىرمەيدۇ، كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ. كىمنىڭ چوڭ گۇناھلىرى ۋە يامانلىقلىرى ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتسە، ئۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ بېسىپ كەتكەن گۇناھلىرى مىقدارىدا جازالىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جازاسى بىر قېتىم يالقۇندا كۆيۈشتىن تارتىپ دوزاختا 50 مىڭ يىل قېلىشقىچە بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشىلىقلىرى سايىسىدا دوزاختىن جەننەتكە چىقىدۇ»(47).

بىز بۇ ئىشتا ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ بولغان تەقدىردىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كافىرغا چىقارمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاندىن ئۇ نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىدىن ئالغان بىر قىسىم تەپسىلاتقا كىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزى تۇتۇپ ماڭغان نەقلىي مېتودىدا مەنتىقلىق بولغان. ئەمدى بىزنىڭ ئۇنىڭ فىقھىسىغا يۆتكىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.

ئۇنىڭ فىقھىسى

[327] بىز ھەقىقەتەن ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ نەقىلنى چۈشىنىشتىكى مېتودىنىڭ نەقىلنىڭ زاھىرىنى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى دېگەنىدۇق. ئۇ بۇنى سىياسەت، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇندىن باشقا ئەقىدە ئىشلىرىغىمۇ تەتبىقلىغان. ئۇ پەقەت رىسالەت ۋە ئۇلۇھىييەتنى ئىسپاتلاشتىلا ئەقىلگە تايانغان. بۇ ئىسپاتلانسا، بۇنىڭ ئارقىسىدا نەقىل ۋە نەقىلنىڭ زاھىرىنى تۇتۇشتىن باشقا ئىش قالمايدۇ.

بۇ مېتود ئۇنىڭ فىقھىسىدىمۇ ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەندۇر، بەلكى بۇ مېتود ئۇنىڭ فىقھتىكى ئاساسىدۇر. دېمەك، ئۇ ئۆزى يەكۈنلىگەن فىقھىي ئەھكاملاردا پەقەت كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ نەسلىرىگىلا تايىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىمايدۇ. نەسلەرنىڭ ئارقىسىدا ۋە نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئەقىلگە مۇتلەق ئورۇن يوق. ئۇنىڭ نەزەرىدە راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش يوق ھەمدە ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشقا قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت قىياس بىلەن ئىجتىھاد قىلىشمۇ يوق، ھالبۇكى (باشقىلاردا) قىياس بىلەن دەلىللەش نەس بىلەن دەلىللىگەنلىك بولۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. شۇنداقلا (ئۇنىڭ نەزەرىدە) مەسلەھە بىلەنمۇ ئىجتىھاد قىلىش يوق ۋە شەيئىگە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت «زەراﺋﯩﺌ» بىلەنمۇ ئىجتىھاد قىلىش يوق.

ئۇنىڭ راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىشنى باتىلغا چىقىرىشى

[328] بۇ سىياقتىن ئىبنى ھەزمنىڭ «فىقھىي ئەھكام چىقىرىشتا راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇ بۇنىڭغىمۇ نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىنى دەلىل قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ دەلىللىرىنى يىغىنچاقلاپ كەلتۈرىمىز:

«قۇرئان»دىن بىرىنچى دەلىل: ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿مَا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ / كىتابتا ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 38) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ. ئەگەر رايغا ئورۇن بولسا ئىدى، كىتاب بىرەر نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويغان بولاتتى. يەنە ئاللاھنىڭ ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ / ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 59) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ نەسسى كەرىمدە شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرى تولۇق ساناپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇ مەنبەلەر دەل كىتاب، سۈننەت ۋە دەتالاشسىز ئىجمائدۇر.

ئىككىنچى دەلىل: ئۇنىڭ ئىككىنچى دەلىلى سۈننەتتىن بولۇپ، ئۇ (بۇ جەھەتتە) سۈننەت ئىچىدىكى بەزى نەسلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «إِنَّ اللَّهَ لاَ يَقْبِضُ الْعِلْمَ انْتِزَاعًا يَنْتَزِعُهُ مِنَ الْعِبَادِ وَلَكِنْ يَقْبِضُ الْعِلْمَ بِقَبْضِ الْعُلَمَاءِ حَتَّى إِذَا لَمْ يُبْقِ عَالِمًا اتَّخَذَ النَّاسُ رُؤُوسًا جُهَّالاً فَسُئِلُوا فَأَفْتَوْا بِغَيْرِ عِلْمٍ فَضَلُّوا وَأَضَلُّوا / ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻼ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، شۇنىڭ بىلەن ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺗﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ – ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ»(48).

ئۈچىنچى دەلىل: ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىدىندۇر. ئۇ ئۆمەرنىڭ «دىنىڭلار ئۈچۈن ئۆز رايىڭلارنى رەت قىلىڭلار» (يەنى دىن ئىشىدا نوقۇل راي بىلەن ھەرىكەت قىلماڭلار) دېگەن سۆزىنى، يەنە ئۇنىڭ «پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ رايى توغرا بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭغا توغرىنى كۆرسىتەتتى، بىزنىڭ رايىمىز گۇمان ۋە زورۇقۇشتۇر» دېگەن سۆزىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى رىۋايەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفەسى ئەبۇبەكرىدىن ۋە ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقىغا دەلىللەرنى كەلتۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇنىڭدىن ھالقىپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿فَٱعۡتَبِرُواْ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ﴾ دېگەن سۆزىدىن دىندا راينى تۇتۇشنىڭ توغرىلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بىرنەرسە تاپالمايدۇ، بەلكى ئايەتنىڭ يۈزبەرگەن ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىنى تاپىدۇ. ئۇ مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگەر كىتابتىن بىرەر نەس تاپالمىسا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر ھۆكمىنى تاپالمىسا، ئۆزىنىڭ رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنە ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىينى ئوخشاشنى ئوخشاشقا، مىسلىنى مىسلىغا قىياس قىلىشقا بۇيرۇپ يازغان قازىلىق مەكتۇبىنىڭ سەھىھلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ.

ئۇ بارلىق مۇھاكىمە ۋە دەلىللەشلىرىدە لەفزلەرنىڭ زاھىرلىرىغا ئېسىلغان. ئۇ ئىنكار قىلغان ھەدىسنىڭ سەھىھلىكى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئىنكارغا ئورۇن يوق.

ئەمدى بىزنىڭ ئۇنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىگە قاراپ چىقىشىمىز قالدى. بىز دەيمىزكى، «راي جائىز» دېگەنلەر ئىشنى چەكسىز ئۆز مەيلىگە تاشلاپ قويغان ئەمەس. شۈبھىسىزكى، فۇقەھائ‍ جائىز سانىغان راي پەقەت يا قىياستۇر، ياكى مەسلەھەدۇر. راينىڭ بارلىق بابلىرى مۇشۇ ئىككى ئىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ ئىككىسىگە ئېسىلغانلىق ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئىختىلاپ بولغاندا، ئۆزىنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇغان. راينى تۇتقانلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەسسىگە قارشى چىققانلىق بولمايدۇ.

مەزكۇر قىياسنىڭ يەنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ يولى: مەلۇم مەسىلىدە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر مەسىلە ھەققىدە كەلگەن نەسنىڭ روھى بويىچە ھۆكۈم قىلىشتۇر. دېمەك، بۇ «قۇرئان كەرىم»دىكى ياكى سۈننەتتىكى مۇئەييەن بىر نەسكە مۇراجىئەت قىلغانلىقتۇر، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرەرىگە قارشى چىققانلىق ئەمەس. مانا بۇ — ھۆججەتۇلئىسلام غەززالىي ئېيتقاندەك — نەسلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن دەلىل ئېلىش يولىدۇر.

مەسلەھەگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشىمۇ پۈتۈن چەكلەردىن چىقىپ كېتىش ئەمەس. بەلكى مەسلەھەدە ئۇنىڭ ئىسلام ماقۇللىغان مەسلەھەلەرنىڭ جىنسىدىن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. دېمەك، مەسلەھە نەسلەردىن ئېلىنغان ئومۇمىي مەقسەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر. ئۇ بۇ ئېتىباردا كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتۇر. كىتاب، سۈننەتكە ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ تەقەززاسىغا قارشى چىقىش ئەمەستۇر.

ئىبنى ھەزمنىڭ نەزەرىدىكى دەلىللەر

[329] ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن: «ئۇسۇللار تۆت بولۇپ، شەرىئەتنىڭ ھەرقانداق بىر ھۆكمى پەقەت شۇ تۆت ئۇسۇلدىن مەلۇم بولىدۇ. ئۇلار:

1. قۇرئان كەرىمنىڭ نەسسى؛

2. ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ ياكى مۇتەۋاتىر كىشىلەرنىڭ نەقىل قىلىشى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ بولغان، ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىدىن ئىبارەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ نەسسى؛

3. ئۈممەتنىڭ بارلىق ئالىملىرىنىڭ ئىجمائسى؛

4. بىر ۋەجھىدىن باشقىغا ئېھتىمالى بولمىغان، شۇ ئۇسۇللاردىن بىر دەلىل»(49).

ئىبنى ھەزمنىڭ ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى ئالىدىغان مەنبەلىرى مۇشۇ تۆت ئۇسۇلدۇر.

كىتاب

[330] كىتاب پۈتۈن شەرىئەتنىڭ بىرىنچى ئۇسۇلىدۇر. ھەرقانداق ئۇسۇل كىتابقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. چۈنكى، سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىمۇ شۇ كىتابتىن مەلۇم بولغان. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىسىدۇر ۋە قىيامەتكىچە باقىي قالىدىغان شەرىئىتىنىڭ خاتىرىسىدۇر.

«قۇرئان» يا ئۆزىنى ئۆزى بايان قىلىدۇ، مەسىلەن نۇرغۇنلىغان نىكاھ، تالاق، ئىددەت ھۆكۈملىرى ۋە مىراس ھۆكۈملىرىگە ئوخشاش، ياكى سۈننەتنىڭ بايان قىلىشىغا موھتاج بولىدۇ، مەسىلەن ناماز، زاكات ۋە ھەجلەرنىڭ مەنىلىرىدىكى مۇجمەللىكلەرنى مۇپەسسەل قىلغانغا ئوخشاش. ئاللاھ تائالا: ﴿وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ / بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەننى بايان قىلىپ بەرسۇن، دەپ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 44) دەپ ئېيتقاندەك سۈننەت (قۇرئان ئۈچۈن) بايان بولىدۇ.

شۈبھىسىزكى، «قۇرئان»نىڭ بايانى گاھىدا ئوچۇق روشەن بولىدۇ، گاھىدا يوشۇرۇن بولىدۇكى، ئۇنى ئەھلى ئىلىملەردىن باشقىسى توغرا يوسۇندا چۈشىنەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ (ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار)﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 7) دېگەن.

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ توغرۇلۇق دەيدۇكى: «بايان ئوچۇقلۇق جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ، بەزى بايان روشەن بولسا، يەنە بەزى بايان يوشۇرۇن بولىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنى چۈشىنىش جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ. ئۇنى بەزىلىرى چۈشەنسە، يەنە بەزىلىرى چۈشەنمەيدۇ، خۇددى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك: «بىزدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوشۇرۇن دەپ بەرگەن بىرنەرسە يوق، پەقەتلا دىن ھەققىدە ئاللاھ ئاتا قىلغان چۈشەنچە بار»(50).

ئىبنى ھەزمنىڭ زىكىر قىلىشىچە، «قۇرئان»نىڭ بايانى گاھىدا «قۇرئان»نىڭ ئۆزىدىن بولىدۇ، گاھىدا «قۇرئان»نىڭ بەزى نەسلىرى (مەنىسى) يوشۇرۇن بولىدۇ، ياكى خاسلاشتۇرۇشقا موھتاج بولىدىغان ئام بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى «قۇرئان»نىڭ يەنە بىر نەسسى خاسلاشتۇرىدۇ.

ئۇنىڭ زىكىر قىلىشىچە، «قۇرئان» لەفزلىرى ئىچىدىكى ئامنى بايان قىلغۇچى ئىككى قىسىمدۇر. بىرىنچى قىسىم: بايان قىلغۇچى زامان جەھەتتىن ئامغا يېقىن بولىدۇ. بۇ «خاسلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. بايان قىلغۇچى گاھىدا زامان جەھەتتىن ئامغا يېقىن بولمايدۇ. بۇ «مەنسۇخ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەنسۇخ قىلىش ھۆكۈمنىڭ زامان ئومۇملۇقىنى مۇستەسنا قىلىشتۇر. چۈنكى، مەنسۇخ قىلىش شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ھۆكۈم مەنسۇخ قىلىنىشتىن بۇرۇن مەلۇم بىر زاماندا تەتبىقلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمدىن زامان ئومۇملۇقى مۇستەسنا قىلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، مەنسۇخ قىلىش ئىستىسنائنىڭ تۈرلىرىدىن بىر تۈردۇر. چۈنكى، ئۇ بىر زاماننى مۇستەسنا قىلىشتۇر ۋە بارلىق زامانلار ئىچىدىن شۇ بىر زاماننى ئەمەلگە خاس قىلىشتۇر. ئۇنداق ئىكەن، مۇنداق دېيىش توغرا بولىدۇ: ھەرقانداق مەنسۇخ قىلىش ئستىسناﺋ قىلىشتۇر، ھەرقانداق ئستىسناﺋ قىلىش مەنسۇخ قىلىش ئەمەس»(51).

[331] ئىمام ئىبنى ھەزم «قۇرئان» نەسلىرىنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان» شەكسىز ئىلاھىي ۋەھيىدۇر، ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭدا توقۇنۇش يوق.

شۈبھىسىزكى، «‹قۇرئان› نەسلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بار» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى «‹قۇرئان›دا زىتلىق بار» دېگەنلىكتۇر. ھالبۇكى ئاللاھ مۇنۇ سۆزى بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلغان: ﴿أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَۚ وَلَوۡ كَانَ مِنۡ عِندِ غَيۡرِ ٱللَّهِ لَوَجَدُواْ فِيهِ ٱخۡتِلَٰفٗا كَثِيرٗا / ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلەر بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلبەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 82).

ئەگەر بىركىم «قۇرئان نەسلىرىدىن ئىككى نەس ئارىسىدا توقۇنۇش بار» دەپ ئويلاپ قالسا، شۈبھىسىزكى، ئۇ توقۇنۇش ماسلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن ياكى ئامنى خاسلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن، ياكى مەنسۇخلۇق بىلەن يوقالغۇچىدۇر.

سۈننەت

ئىمام ئىبنى ھەزم ئېيتىدۇكى: «بىز قۇرئاننىڭ پۈتۈن شەرىئەت ھۆكۈملىرىدە مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغىنىمىزدا، قۇرئانغا قاراپ، قۇرئاننىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى بۇيرۇغان ئىشلارغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى ۋاجىب قىلغانلىقىنى كۆردۇق ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ پەيغەمبىرىنى سۈپەتلەپ: ﴿وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ ٣ إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ ٤ / (ئۇ) ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ﴾(53/«نەجم»: 3، 4) دېگەنلىكىنى كۆردۇق. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن رەسۇلىغا كەلگەن ۋەھيىنى مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلسەك توغرا بولىدۇ:

بىرىنچىسى: كىتاب شەكلىدە جەملەنگەن، كەلىمە ۋە جۈملىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇئجىزە، تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋەھيى.

ئىككىنچىسى: رىۋايەت قىلىنغان ۋە نەقىل قىلىنغان، ئەمما (ئاللاھ تەرەپتىن) كىتاب شەكلىدە جەملەنمىگەن، كەلىمە ۋە جۈملىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇئجىزە بولمىغان، تىلاۋەتمۇ قىلىنمايدىغان، لېكىن قىرائەت(52) قىلىنىدىغان ۋەھيىدۇر. بۇ دېگىنىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن خەبەر بولۇپ، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ مۇرادىنى بايان قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ / بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، دەپ نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 44). بىز ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندىن ئىبارەت بىرىنچى قىسىمغا ئىتائەت قىلىشنى ۋاجىب قىلغاندەك، بۇ قىسىمغىمۇ ئىتائەت قىلىشنى پەرقسىز ۋاجىب قىلغانلىقىنى كۆردۇق»(53).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالىمىزكى، ئۇ سۈننەتنى ۋەھيى بولۇش جەھەتتىن «قۇرئان»دەك ئېتىبارغا ئالىدۇ، گەرچە سۈننەت تەرتىپ، كىتاب شەكلىدە جەملىنىش، تىلاۋەت قىلىنىش ۋە مۆجىزىلىكتە «قۇرئان»غا ئوخشاش بولمىسىمۇ. ئۇ «سۈننەت قۇرئاننى بايان قىلىدۇ ۋە قۇرئان كەلتۈرمىگەن ئەھكاملارنى كەلتۈرىدۇ، قۇرئان ۋاجىب قىلغانلىقى ئۈچۈن، سۈننەتنى تۇتۇش ۋاجىب» دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم «ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىبارەت نەسلەر شەرىئەتنىڭ مەنبەسى، سۈننەت بىلەن ‹قۇرئان› بىر دەرىجە» دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شافىئىيمۇ مۇشۇنداق قارىغان. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «‹قۇرئان› بىلەن سەھىھ خەبەرخەبەر ئىككىسى بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكۈچىدۇر. ئىككىسى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكى جەھەتتىن بىرنەرسە. ئىككىلىسىگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىسىنىڭ ھۆكمى بىردۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَأَنتُمۡ تَسۡمَعُونَ ٢٠ وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ ٢١ / ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار. ئاڭلىماي تۇرۇپ «ئاڭلىدۇق» دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كافىرلارنى) دورىماڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 20، 21)(54).

ئىمام ئىبنى ھەزم «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى ۋە تەقرىر(55)لىرىنى شەكسىز ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېئىللىرى ئۇنىڭ نەزەرىدە ھۆججەت ھېسابلانمايدۇ، پەقەت مۇنداق ئەھۋالدا ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ:

1. پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلغان ئەمەلىنىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنىڭ تەتبىقاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر سۆز ئۇنىڭ پېئىللىرىغا يانداشسا؛ مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «صَلُّوا كَمَا رَأَيْتُمُونِي أُصَلِّي / ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ»(56) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش.

2. ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ پېئىلىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر دەلىل تېپىلسا. چۈنكى، (بۇ چاغدا) دەلىل پېئىلنى سۆزنىڭ مەنىسىدە قىلىدۇ.

سۈننەتلەرنىڭ رىۋايەت قىلىنىش جەھەتتىن بۆلۈنۈشى

[332] ئىمام ئىبنى ھەزم رىۋايەت قىلىنىش نۇقتىسىدىن سۈننەتلەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ: مۇتەۋاتىر سۈننەتلەر ۋە ئاھاد سۈننەتلەر. مۇتەۋاتىر سۈننەتلەر ئىجماﺋ بىلەن ھۆججەتتۇر، ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ نەزەرىدىمۇ شەكسىز ھۆججەتتۇر. لېكىن، ئۇنىڭ مۇتەۋاتىر توغرىسىدا ھەدىس ئالىملىرى ۋە فۇقەھائنىڭ تەفسىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەفسىرى بار. فۇقەھائ‍: «مۇتەۋاتىر — سەنەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتاشقانغا قەدەر، يالغانچىلىققا تىل بىرىكتۈرۈۋالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولىدىغان بىر توپ كىشىلەر يەنە بىر توپ كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇتەۋاتىرلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئىككى كىشى بولۇپ، شەرتى: ئىككىسىنىڭ يالغانچىلىققا تىلىنى بىر قىلىۋېلىشىدىن ئەمىن بولۇش. ئەگەر بىر يەرلىك بىر ئادەم بىر خەبەرنى رىۋايەت قىلسا، ئاندىن يەنە بىر يەرلىك بىر ئادەم شۇ خەبەرنى رىۋايەت قىلسا، ئىككىسى ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسا، مانا بۇ ئۇنىڭ نەزەرىدە مۇتەۋاتىرلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئەقلىي بەدىيھىيياتلاردا مۇقىملاشقىنىدەك، بۇ ھال تەستىقلاشنى ۋاجىب قىلىدۇ.

ئىككىنچى قىسىم: خەبەرى ۋاھىد. ئۇنىڭغا ئىمام ئىبنى ھەزم: «مۇتەۋاتىرلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان، بىر ياكى ئۇندىن كۆپرەك كىشى رىۋايەت قىلغان خەبەر» دەپ تەرىپ بېرىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم ئالىملارغا قارشى يول تۇتۇپ، «خەبەرى ۋاھىدنى تەستىقلاش ۋە ئەقىدە ساھەسىدىمۇ، ئەمەل ساھەسىدىمۇ ئۇنىڭغا باراۋەر ئەمەل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەلنىمۇ ۋە ئېتىقادنىمۇ ۋاجىب قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ مۇھەددىسلەر بىلەن ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك بەزى مۇھەددىس فۇقەھائ‍ بىلەن بىر پىكىردىدۇر. باشقا فۇقەھائ‍ «خەبەرى ۋاھىد ئەمەلنى ۋاجىب قىلىدۇ، ئىلىمنى (يەنى تەستىقنى) ۋاجىب قىلمايدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ئەقىدە بارىسىدا خەبەرى ئاھادنى تۇتۇشتىكى ھۆججىتى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پادىشاھلارغا مەكتۇب يوللىغان چاغدا، مەكتۇبنى بىر ئادەم توشۇيتتى. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارغا (ھەر خىل ۋەزىپىلەر ئۈچۈن) ئەلچىلىرىنى ئەۋەتەتتى ۋە ئەلچىنىڭ بىرقانچە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيتتى. ئۇ يەمەنگە مۇئازنى، ھەج ئىشلىرى ئەمىرلىكىگە ئەبۇبەكرىنى، يەمەننىڭ قازىلىقىغا ئەلىنى ئەۋەتكەن. ساھابەلەر «قۇرئان كەرىم»دىن بىرەر نەس تاپالمىغان بىر ئىشقا يولۇقسا، ئۇلار ئۆزلىرى يولۇققان ئىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى ئىزدەيتتى، بىرەر ھەدىسنى تاپسا، ھەدىسنىڭ بىرقانچە كىشىدىن رىۋايەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرمەستىن شۇ بويىچە ھۆكۈم چىقىراتتى.

خەبەرى مۇتەۋاتىر بىلەن خەبەرى ئاھاد ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەلىللىك كۈچىدە بولۇپ، مۇتەۋاتىر ئاھادنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بىرى مۇتەۋاتىر، يەنە بىرى ئاھاد بولغان ئىككى خەبەر توقۇنۇشۇپ قالسا ۋە ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغىلى بولمىسا، ئىشەنچلىكرەكى بولغان مۇتەۋاتىر ھەدىس ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

[333] ئىمام ئىبنى ھەزم راۋىيلارنىڭ تېگىدىن ئادىل ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ، راۋىيلار ئارىسىدىكى ئىشەنچلىكلىك دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى: ئەستە تۇتۇشى كۈچلۈك، پۇختا ساقلايدىغان فەقىھتۇر. ئۇ ئەھۋالى نامەلۇم ئادەم (مَسْتُوْرُ الْحَالِ) نىڭ رىۋايەتىنى قوبۇل قىلىشتا تاكى ئۇنىڭ رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان ئادىل كىشى ئىكەنلىكى ياكى رىۋايەتى رەت قىلىنىدىغان ئادىل ئەمەس كىشى ئىكەنلىكى ئايان بولغۇچە توختاپ تۇرىدۇ.

ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۈچۈن راۋىينىڭ فەقىھ بولۇشى شەرت، ئەمما رىۋايەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن شەرت ئەمەس. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ھەقتە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ «ئەلئىھكام في ئۇسۇلىل ئەھكام (الْإِحْكَامُ فِيْ أُصُوْلِ الْأَحْكَامِ)» دېگەن كىتابىدا مۇنداق كەلگەن: ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مَثَلُ مَا بَعَثَنِي اللَّهُ بِهِ مِنَ الْهُدَى وَالْعِلْمِ كَمَثَلِ الْغَيْثِ الْكَثِيرِ أَصَابَ أَرْضًا فَكَانَ مِنْهَا نَقِيَّةٌ قَبِلَتِ الْمَاءَ فَأَنْبَتَتِ الْكَلأَ وَالْعُشْبَ الْكَثِيرَ وَكَانَتْ مِنْهَا أَجَادِبُ أَمْسَكَتِ الْمَاءَ فَنَفَعَ اللَّهُ بِهَا النَّاسَ فَشَرِبُوا وَسَقَوْا وَزَرَعُوا وَأَصَابَتْ مِنْهَا طَائِفَةً أُخْرَى إِنَّمَا هِيَ قِيعَانٌ لاَ تُمْسِكُ مَاءً، وَلاَ تُنْبِتُ كَلأً فَذَلِكَ مَثَلُ مَنْ فَقِهَ فِي دِينِ اللهِ وَنَفَعَهُ مَا بَعَثَنِي اللَّهُ بِهِ فَعَلِمَ وَعَلَّمَ وَمَثَلُ مَنْ لَمْ يَرْفَعْ بِذَلِكَ رَأْسًا وَلَمْ يَقْبَلْ هُدَى اللهِ الَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ / ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮪﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ بەئەينى ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﻣﻮﻝ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪتلىكىدىن ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﭖ، نۇرغۇنلىغان ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﯞﻩ ﺋﻮﺕ – ﭼﯚﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭسە؛ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯧﺘﯩﺮلىقىدىن (ياغقان) سۇ سىڭمەي ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ يىغىلىپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. خالايىق ئۇ ﺳﯘﺩﯨﻦ ئۆزلىرىمۇ ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﺮى ۋە ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﯩﺮىنىمۇ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺪﯗ؛ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ چۈشكەن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﺯﻟﻪﯓ ۋە ﺷﻮﺭ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﯘﻣﯘ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻣﺎﻳﺪﯗ، ﮔﯩﻴﺎﮪﻤﯘ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩﮪﻴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ئۆﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپمۇ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﮪﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ»(57). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئىلىمنىڭ ھەممە دەرىجىلىرىنى بىرنىمۇ ئايرىپ قويماي تىلغا ئالغان. مۇنبەت يەر: رىۋايەت قىلغىنىنى پۇختا ساقلايدىغان، نەسنىڭ لەفزلىرى تەقەززا قىلغان مەنىلەرنى چۈشىنىدىغان، كىشىلەر ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلەرنى «قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمىگە قايتۇرۇشنى بىلىدىغان بىر فەقىھنىڭ مىسالىدۇر. كىشىلەر ئىچكۈدەك سۇلارنى ساقلاپ قالىدىغان قاتتىق يەرگە كەلسەك، ئۇ گويا ئاڭلىغىنىنى يادلىغان ياكى ئاڭلىغىنىنى كىتابقا يېزىپ ساقلىغان، ئاندىن ھېچبىر ئۆزگەرتمەستىن ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزگەن، ئەمما رىۋايەت قىلغىنىنىڭ مەنىلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەن ھەمدە كىشىلەر ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلەرنى «قۇرئان» نەسسىگە ۋە رىۋايەت قىلىنغان سۈننەتنىڭ نەسسىگە قايتۇرۇشنى بىلمىگەن ئادەملەرنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ بۇ خىل ئادەملەر ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت بېرىدۇ، ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى ئۆزلىرىدىن ياخشىراق چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئېيتقانكى: «فَرُبَّ مُبَلَّغٍ أَوْعَى مِنْ سَامِعٍ / بەزى يەتكۈزۈلگۈچىلەر باركى، ئۇ (مېنىڭ دېگىنىمنى) ئاڭلىغان كىشىدىن بەكرەك ياخشى چۈشەنگۈچىدۇر»(58). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «وَرُبَّ حَامِلِ فِقْهٍ لَيْسَ بِفَقِيهٍ / يەنە بەزى ئىلىم يەتكۈزگۈچىلەر بار، ئۆزى ئالىم ئەمەس» دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان(59). دېمەك، كىمكى ئاڭلىغىنىنى يادلىمىسا ياكى (يېزىپمۇ) ساقلىمىسا، ئۇنداق ئادەم مۇنبەت يەرنىڭ مىسالىمۇ بولالمايدۇ، سۇنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان قاتتىق يەرنىڭ مىسالىمۇ بولالمايدۇ، بەلكى ئۇ يا ئۆزرىلىك مەھرۇمدۇر، ياكى غەزەپكە مەھكۇمدۇر. بۇنداق كىشى خۇددى ئوت – چۆپمۇ ئۈندۈرمەيدىغان ۋە سۇنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمايدىغان تۈزلەڭ شور يەرگە ئوخشايدۇ((60).

ئىمام ئىبنى ھەزم راۋىيلاردا راۋىيلارنىڭ كۆپ بولۇشىنى شەرت قىلمايدۇ. دېمەك، يالغۇز بىر ئادەمنىڭ رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزم ئىككى ئەر ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايال بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلىشنى مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن پەرقلەندۈرگەن:

بىرىنچىسى: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا، ئادىل يالغۇز كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىشقا كۇپايە قىلغۇچىدۇر، ھالبۇكى دىندا زىتلىق يوق. رىۋايەتلەر توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇنىڭ سەنەد جەھەتتىكى كۈچلۈكرەكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىغا كەلسەك، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرى زىتلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. زىتلىق بار يەردە گۇمانمۇ بار بولىدۇ، شۇڭا گۇماننى ئىككى ئەرنىڭ ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن يوقىتىش لازىم بولىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئادىل كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىش قازىلىققا لازىم ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادىل كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىغان قازى پاسىق بولىدۇ. شۇڭا، ئادىل كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھۆججەت قىلىش كېرەك بولغان.

ئۈچىنچىسى: رىۋايەت قىلىش گۇۋاھلىق بېرىش ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بىزگە شەرىئەتنىڭ ھەربىر ئەھكامى ھەققىدە «رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى، ئاللاھ بىزنى مۇنداق ئىشقا بۇيرۇدى» دېيىشىمىزنى پەرز قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ / ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار﴾(4/«ئال ئىمران»: 59)، ﴿وَمَآ ءَاتَىٰكُمُ ٱلرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَىٰكُمۡ عَنۡهُ فَٱنتَهُواْۚ / پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾(59/«ھەشر»: 7). شۇنداقلا بىزگە: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇنداق ئىشتىن توستى» دېيىشىمىزنى پەرز قىلدى. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنىڭغا بىزنى بۇيرۇدى. ھەرگىزمۇ بىزنى: «پالانى مۇنداق ئىش ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى، پالانى پوكۇنى ئىش ھەققىدە قەسەم ئىچتى» دېيىشىمىزگە بۇيرۇمىدى(61).

بىز ئۇنىڭ بۇ ئاخىرقى ئىشتىمۇ مۇشۇنداق زاھىرىيلىق قىلىپ، لەفزلەرنىڭ زاھىرىنى تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، مادامىكى رىۋايەتنى زىكىر قىلىشتا «بىزگە گۇۋاھلىق بەردى» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر لەفز شەرت قىلىنمىغان ئىكەن، مۇشۇنىڭ ئۆزى گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن رىۋايەت قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى بىر تۈرلۈك پەرقتۇر.

[334] ئىمام ئىبنى ھەزم رىۋايەتلەر ئىچىدە پەقەت سەنەدى مۇتتەسىل بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇ تابىئىن كىشى ساھابەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي رىۋايەت قىلغان «مۇرسەل ھەدىس»نى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ قايسى تەبەقەدە بولسۇن سەنەدى مۇنقەﺗﯩﺌ بولغان ھەدىسنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ «مۇرسەل» ياكى «مۇنقەﺗﯩﺌ» ھەدىسنى پەقەتلا ئۇنىڭ مەنىىسىگە قارىتا ئىجماﺋ تاپقان بولسا ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «گاھىدا ‹مۇرسەل خەبەر› رەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد نەقىل قىلىنغان ئىشەنچلىك بىر ئىجماﺋ بار بولۇپ قالسا، رەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىجماﺋ بار بولۇپ قالسا، بىز شۇنى بىلدۇقكى، ئۇ خىل مۇرسەل خەبەر قۇرئاننىڭ نەقىل قىلىنغىنىغا ئوخشاش ھەممە كىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەقىل قىلىشى بىلەن نەقىل قىلىنغان، ئاندىن سەنەدنى سۆزلەش ھاجەتسىز بولغان، نەتىجىدە ‹مۇرسەل ھەدىس›نىڭ زىكىر قىلىنىشى بىلەن زىكىر قىلىنماسلىقى باراۋەر بولۇپ قالغان. مەسىلەن، بۇنىڭ مىسالى ‹‏لَا وَصِيَّةَ لِوَارِثٍ / مىراسخورغا ۋەسىيەت قالدۇرۇش يوق› دېگەن ھەدىس(62) ۋەيەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆپلىگەن پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر. گەرچە بۇ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىنى راۋىيلار سەھىھ سەنەدلەر بىلەن رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئالامەتلەر ھەممە كىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەقىل قىلىشى بىلەن نەقىل قىلىنغان. مەسىلەن، ئۇ ئالامەتلەردىن بىرى ئاينىڭ يېرىلىشى. بۇ ھادىسە قۇرئاندا زىكىر قىلىنىش بىلەن بىرگە، راۋىيلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك نەقىل قىلىنغان. يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئازغىنە تائام بىلەن كۆپ ئادەمنى تويدۇرغانلىقى ۋە بىر جامدىكى ئازغىنە سۇ بىلەن قوشۇننى سۇغارغانلىقى قاتارلىقلار».

ئىمام ئىبنى ھەزم ئەگەر ساھابە (رىۋايەت قىلغاندا) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان يوسۇندا دېمىسە، سۆزنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرمەيدۇ. دېمەك، ئوچۇق بايان قىلىش لازىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇ ساھابەنىڭ: «مۇنداق قىلىش سۈننەت، ياكى مۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدۇق» دېگەن سۆزىنى ھەدىس قاتارىدىن ھېسابلىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ سۆزنىڭ ساھابە رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان سۆز بولۇش ئېھتىمالى بار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ساھابەنىڭ ئىجتىھادى بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇنداق ئېھتىماللىق بىلەن ئۇشبۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلمەيدۇ. ساھابەنىڭ ئىجتىھادى ئىبنى ھەزمنىڭ نەزەرىدە دىندا ھۆججەت ئەمەس، ئۇ ساھابەگىمۇ، ساھابەدىن تۆۋەن ئادەمگىمۇ تەقلىد قىلمايدۇ.

نەسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىزدەش

[335] بۇ، فۇقەھائ‍ بىلەن زاھىرىيلار ئوتتۇرىسىدىكى نېگىزلىك پەرقتۇر. كۆپچىلىك فۇقەھائنىڭ قارىشىچە، نەسلەرنىڭ مەنىسى ئەقىلگە ئۇيغۇن، نەسلەر مۇئەييەن مەقسەتلەر ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، دىن ۋە دۇنيا ھۆكۈملىرى شۇ مەقسەتلەر بىلەن تەرتىپلىنىدۇ، ئىنسانلار ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن توغرا ۋە ئۇلۇغۋار بىر يولدا ماڭىدۇ. ھەربىر نەس ئۆزىنىڭ لەفزلىرى دالالەت قىلغان ۋە ئىپادىلىگەن ئام ۋە خاس مەنىلەر بىلەن چۈشىنىلىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى توغرىسىدا نەس كەلسە، فۇقەھائ‍ ئۇنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى مەقسەت ۋە نىشاننى تېپىپ چىقىدۇ، ئاندىن ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان مەنە تېپىلىدىغان ھەربىرنەرسىنى ھاراققا تەتبىقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئانىي نەسلەر بىلەن نەبەۋىي ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىسىدىن ئاستىغا كۆپلىگەن جۇزئىيياتلار كىرىپ كېتىدىغان كۇللىي قائىدىلەرنى سۈزۈپ چىقىدۇ. مۇشۇ قائىدىلەرنى يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە تەتبىقلاش ئارقىلىق مەزكۇر ھادىسىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىش مۇمكىن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قائىدىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ. چۈنكى، بۇ قائىدىلەر بىرەر شەرئىي ھۆكۈمنى ئىزدەپ، نەس تاپالمىغان ھەر كىشى يۈزلىنىدىغان بىر نۇرغا ئايلىنىدۇ.

بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، زاھىرىيلارنىڭ قارىشىچە، نەسلەر بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر، لېكىن ھەربىر نەس ئۆزىنىڭ تېمىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىمايدۇ، گەرچە ھەربىر نەسنىڭ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش ۋاجىب بولسىمۇ، ھەربىر نەستىن يەكۈنلىنىدىغان ئىللەت ھەققىدە ئويلىنىش ھاجەتسىز. چۈنكى، ئىللەت بىرەر نەس يوق ئەھۋالدا ھېچنېمىنى ھالالمۇ قىلالمايدۇ ۋە ھاراممۇ قىلالمايدۇ. گەرچە بەزى نەسلەر مەلۇم سەۋەبلەر ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نەسلەر ھۆكۈملىرىنىڭ نەس تېمىسىنىڭ غەيرىگە ھالقىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«‹پۈتۈن شەرىئەت ھۆكۈملىرى مەلۇم سەۋەبلەرگە باغلانغان› دېيەلمەيمىز، بەلكى دەيمىزكى: شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ ھېچقايسىسى بىرەر سەۋەبكە باغلانمىغان، پەقەتلا مەلۇم بىر سەۋەبكە باغلانغانلىقى ئوچۇق ئېيتىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇندىن باشقىلىرى پەقەتلا ئاللاھ تائالا (بىرەر سەۋەبكە باغلىماي) ئىرادە قىلغان نەرسىدۇر. ئاللاھ خاھلىغىنىنى قىلىدۇ، بىز رەببىمىز ئەززە ۋەجەللە ۋە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندىن باشقىنى ھاراممۇ قىلالمايمىز ۋە ھالالمۇ قىلالمايمىز، قاتالمايمىز ھەم كېمەيتەلمەيمىز. ئىككىسى ئېيتقاندىن ھالقىمايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى تاشلىمايمىز. مانا بۇ ساپ دىندۇركى، بىرەر كىمنىڭ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېتىقاد قىلىشى ھالال ئەمەس. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلەپ: ﴿لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ / ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 23) دېگەن. دېمەك، ئاللاھ تائالا بىز بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ۋە ئۆزىنىڭ پېئىللىرىدا ›نېمە ئۈچۈن؟‹ دەيدىغان گەپ بولمايدىغانلىقىدىن خەبەر بەرگەن. بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە پېئىللىرىدىن بىرەرى ھەققىدە ‹بۇ نېمە ئۈچۈن مۇنداق بولدى؟› دەپ سوئال قىلىشىمىز ھالال بولمىغان ئىكەن، پۈتۈن سەۋەبلەر باتىل بولىدۇ ۋە ئەلبەتتە ئىللەتلەرمۇ بىئېتىبار بولىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پالانى ئىشنى پوكۇنى سەۋەبتىن قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ھەقتىمۇ ئاللاھتىن سوئال قىلىنمايدۇ. شۇڭا، ھېچكىمنىڭ ‹نېمە ئۈچۈن باشقىسى سەۋەب قىلىنماي، بۇ سەۋەب قىلىندى› دېيىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى، كىمكى بۇ خىل سوئالنى دېسە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئاسىي بولغان بولىدۇ ۋە دىنغا تەنە قىلغان بولىدۇ»(63).

بىز ئىبنى ھەزمنىڭ نەسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىزدەش مەسىلىسىنى باشقا بىر ساھەگە شاخلىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇ نەسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىزدەشنى ئاللاھنى قىلغان ئىشى توغرىسىدا سوراققا تارتىش ھەمدە ئاللاھنىڭ سۆز ۋە پېئىللاردىكى قەدەرىي ئىرادىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش جۈملىسىدىن دەپ قارىۋالغان. ھالبۇكى بۇ مەنە تېمىدىن بەك يىراق. چۈنكى، فۇقەھائ‍ كۆڭۈل بۆلگەن «نەسنىڭ ئىللىتىنى ئىزدەش» دېگەنلىك «نەسلەرنىڭ نىشان ۋە مەقسەتلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە نەسلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش»تۇر. دېمەك، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەزى نەسلەردىن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى تونۇپ چىقىشتۇر، ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى سوراق ئوبيېكتى قىلىۋېلىش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەيمىزكى، ئىمام ئىبنى ھەزم بۇنىڭدا ئۆزىگە ياراشمايدىغان يوسۇندا تېمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلمىغان. چۈنكى، ئىككى ئىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، نەسلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم ئەھكاملاردىن ئاللاھنىڭ مۇرادىنى ئىزدەيدۇ ۋە نەسلەرنى تەفسىرلەيدۇ. بۇنداق ئادەم: «ئالەملەرنىڭ رەببى بۇ ئەھكامدىن نېمە مەنىنى ئىرادە قىلىدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى سوراق ئوبيېكتى قىلىدىغان ئادەم: «ئەي ئالەملەرنىڭ رەببى! نېمىشقا سەن بۇنى ئىرادە قىلدىڭ؟» دەيدۇ. ئىككى ئىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ.

ئىستىسھاب

[336] ئىمام ئىبنى ھەزم قىياس، مەسلەھە، ئىستىھسان ۋە زەرائىئلاردىن ئىبارەت پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن رايغا ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتكەن بولسا، ئۇنداقتا نەس يوق مەسىلىدە نېمىگە تايىنىدۇ؟

ئۇ ھەقىقەتەن ئىستىسھاب ئارقىلىق ئەسلىي مۇباھلىق ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىستىسھابنىڭ مەنىسى: «تاكى نەسلەردىن شۇ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىدىغان بىرەر دەلىل تېپىلغۇچە نەس ئۈستىگە بىنا قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ داۋاملىق جارى بولۇشى»دۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بارلىق شەيئىلەرنىڭ مۇباھلىقى نەس بىلەن سابىتتۇر، ھەققىدە ھاراملىق ھۆكمى كەلگەن شەيئىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ زېمىنغا چۈشكەن چاغدا، ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ / يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېئمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 36). ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ نەس ھەققىدە دەيدۇكى: «ئاللاھ تائالا ›بەھرىمەن بولۇڭلار‹ دېگەن بۇ گېپى بىلەن شەيئىلەرنى مۇباھ قىلدى، ئاندىن (شەيئىلەردىن) خاھلىغانلىرىنى چەكلىدى ۋە ھەربىر چەكلىمە بىر شەرئىي ھۆكۈم بىلەن بولدى»(64).

ئىمام ئىبنى ھەزم ئىستىسھابنى تۇتقان. لېكىن، ئۇنىڭ بىر – بىرىگە ئوپئوخشايدىغان نەرسىلەرنى بىر ھۆكۈمگە ئىگە قىلىدىغان قىياسنى تەرك ئېتىشى ئۇنى غارايىب ئىشلارغا باشلىغان.

شۇلاردىن:

(1) شەيئىلەردە شەيئىلەرنىڭ رەڭگى ياكى پۇرىقى، ياكى تەمى ئۆزگىرىشتەك نىجىس نەرسىنىڭ ماددىي ئەسەرى كۆرۈلمىگۈچە، شەيئىلەر نىجىس بولمايدۇ. دېمەك، بىرەر نىجىس نەرسە سۇغا چۈشۈپ كەتسە ۋە بۇ خىل ئۆزگىرىش بولماي قالسا، سۇ پاكتۇر، ئىچىشكە ۋە تاھارەت ئېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن پەقەتلا ئالاھىدە نەس كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تۇرغۇن سۇغا سىيگەن سۈيدۈكى مۇستەسنا قىلىنىدۇ(65).

(2) ئۇ ئېيتىدۇ: «ئىتنىڭ ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۈيى نىجىستۇر، ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەن قاچىنى بىرىنچى قېتىملىقىنى پاك توپا بىلەن يەتتە قېتىم يۇيماي، قاچا پاك بولمايدۇ. چۈنكى، شۇ ھەقتە نەس كەلگەن». ھالبۇكى ئۇ «چوشقىنىڭ ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۈيى پاكتۇر، ئىچىشكە ۋە تاھارەت ئېلىشقا بولىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ(66).

(3) ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ توختام سۇغا سىيگەن سۈيدۈكى سۇنى نىجىس قىلىدۇ، چوشقىنىڭ سۈيدۈكى سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ. چۈنكى، نەس پەقەت ئىنساننىڭ سۈيدۈكى ھەققىدە كەلدى، ئىنساننىڭ سۈيدۈكىگە چوشقا بولغان تەقدىردىمۇ، ھايۋاننىڭ سۈيدۈكىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ(67).

شەكسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن فىقھ ۋە پىكىردىكى تاپتىن چىقىشتۇر. ئىبنى ھەزمنىڭ راينى تۇتمىغانلىقى ۋە «نەسلەرنىڭ مەنىسى ئەقىلگە ئۇيغۇن» دەپ قارىمىغانلىقى ئۇنى مۇشۇنىڭغا باشلاپ بارغان. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىستىنبات قىلىنغان ئىللەتلەرگە ۋە مۇقىملاشتۇرۇلغان مەسلەھەلەرگە تاياندۇرمىدى ھەمدە ئوخشاشنى ئوخشىشىغا قېتىۋېتىش، ئوپمۇئوخشاش ئىككى نەرسىگە بىر ھۆكۈمنى بېرىش (تىن ئىبارەت قىياس) قىمۇ تاياندۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىستىنبات قورغانى ئۆرۈلدى.

ئىبنى ھەزمنىڭ فىقھىسى ھەققىدە خاتىمە

[337] بۇلار ئومۇمەن ئەھلى زاھىرنىڭ فىقھىسىنى، خۇسۇسەن ئىبنى ھەزمنىڭ فىقھىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان قاراشلاردۇر.

ئىمام ئىبنى ھەزم زاھىرغا ئېسىلىشتا قاتتىق تۇرغان ۋە بۇ قاتتىقلىقتا مەزھەبنىڭ بىرىنچى ئىمامى داۋۇد ئەسبەھانىيغىمۇ خىلاپلىق قىلغان. بىز ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرىنى بايان قىلدۇق. شۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بىز كەلتۈرگەن گەپلىرىدە ئۇ چىڭ تۇتۇپ ماڭغان ۋە قاتتىق تۇرغان فىقھىي مېتودىنىڭ تەسۋىرى باردۇر.

ئۇ رايغا تايانمىغان ئىكەن، نەسلەردىن زاھىرنى ئېلىشقا چارە تېپىش ئۈچۈن، ئاشۇ مېتود ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر خىل ھەدىسلەرنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەدىستىن ناھايىتى مول بايلىقنى قولغا كەلتۈرگەن.

مەزھەبنىڭ تارقىلىشى

[338] ئۇشبۇ مەزھەب ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ دەۋەت قىلغان كىشى ھېسابلىنىدىغان ئىمام داۋۇدنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ دەۋرىدە مەلۇم نىسبەتتە تارقالغان، لېكىن تارقىلىش جەھەتتە تونۇشلۇق مەزھەبلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ دەرىجىسىگە ئۆرلىيەلمىگەن.

بەشىنچى ئەسىردە مەزھەب ئىبنى ھەزمنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، مەزھەبنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالغان ۋە بۇ مەزھەبكە مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن خىزمەت قىلغان:

بىرىنچى ئىش: مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مەزھەبنى مۇشۇ كۈنگىچە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان كىتابلارغا خاتىرىلىگەن. ئۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە بەكرەك چوڭ تەسىر قوزغىغانلىرى ئۈچ كىتاب بولۇپ، ئۇلار:

(1) «ئەلئىھكام في ئۇسۇلىل ئەھكام (الْإِحْكَامُ فِيْ أُصُوْلِ الْأَحْكَامِ)» دېگەن كىتابى. ئۇ كىتابتا مەزھەبنىڭ ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلغان، بايان قىلغان ۋە ئىزاھلىغان. ئۇ ئۇسۇللار بىلەن باشقا ئۇسۇللارنى سېلىشتۇرغان. گەرچە ئۆزىنىڭ پۈتۈن يۈزلىنىشلىرىدە ھەقلىق بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇللىرىنى قاتتىق قوغدىغان.

(2) ئۇ يۇقىرىقى كىتابنى «ئەننۇبەز (اَلنُّبَذُ)»دەپ ئاتىغان كىچىك بىر رىسالەگە قىسقىچە ئىخچاملىغان(68). ئۇنىڭدا باشقا مەزھەبلەرنىڭ ئازراق مۇھاكىمەلىرى بىلەن بىرگە، زاھىرىي مەزھەب مېتودىنىڭ ئىنچىكە خۇلاسىسى بار.

(3) ئاخىرقىسى «ئەلمۇھەللا» دېگەن كىتابى. ئۇ راستتىنلا ئىسلام فىقھىسى دىۋانىدۇر. ئۇنىڭدا ئەھكام ھەدىسلىرىنى ۋە ھەر شەھەر ئالىملىرىنىڭ فىقھىسىنى جەملىگەن. ئۇ ھەقىقەتەن پايدىسى كاتتا كىتابتۇر. ئۇنىڭدا زاھىرىي مەزھەبنى توپلاپ خاتىرىلىگەن. ئەگەر ئۇ كىتابتا سۆزلەردىكى ئىتتىكلىك ۋە بەزى ئىبارىلەردىكى ئەگرىلىك بولمىسا ئىدى، چوقۇم سۈننەت فىقھىسىدىكى ئەڭ ئۈلگىلىك كىتاب بولۇپ قالاتتى.

ئىككىنچى ئىش: ئۇ مەزھەبكە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق مەزھەبنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن ئۇنىڭ سۆزدىكى ئىتتىكلىكى ئۇنىڭغا قارشى ھەسەتخورلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ قويغان. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇنىڭ دەۋىتى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يارىشا ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئۇ بۇنى ئالىم بولغان كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئالقىشلانمايدىغانلىقىغا ئارتقان. ئۇ بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ‹أَزْهَدُ النَّاسِ فِى الْعَالِمِ أَهْلُهُ› ‹ئالىمنى كىشىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئەھلى بەكرەك قەدىرلىمەيدۇ› دېگەن ماقال – تەمسىل تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. ئىنجىلدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹پەيغەمبەر ھۆرمىتىنى پەقەت ئۆزىنىڭ يۇرتىدا يىتتۈرۈپ قويىدۇ› دېگەنلىكىنى ئوقۇغانىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇرەيشتىن ئۇچرىغان ئازار – كۈلپەتلىرىگە قاراپ، ئاشۇنىڭغا ئىشەندىم. ھالبۇكى قۇرەيش ئەڭ ئەقلى كامىل ۋە ئەقلى ئەڭ ساغلام كىشىلەر ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئەڭ ئەۋزەل ماكانغا جايلىشىش ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك سۇ بىلەن ئوزۇقلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى. ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالا (مەدىنەلىك) ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىنى (پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى قوللاشتىن ئىبارەت) پەزىلەتكە خاس قىلدى ۋە ئۇلارنى شۇ پەزىلەت بىلەن جىمى ئىنسانلاردىن ئايرىدى. ئاللاھ پەزلىنى خاھلىغان كىشىگە بېرىدۇ. خۇسۇسەن بىزنىڭ ئەندەلۇسىمىزمۇ شۇنداق بولدى. ئەندەلۇستىمۇ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئۆزلىرى ئىچىدە زاھىر بولغان ماھىر ئالىمغا ھەسەت قىلىشتى، ئۇ ئېلىپ كەلگەن كۆپلىگەن پىكىرلەرنى كەمسىتتى ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئەيىبلىدى، ئۇنىڭ سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئىزدىدى. بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا باشقا يۇرتلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە بولدى. ئەگەر ئۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلسا: ‹ئوغرى، ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى› دېيىشىدۇ. ئەگەر نورمالراق قىلسا: ‹يارىماس، تايىنى يوق› دېيىشىدۇ. ئەگەر ھەممىنىڭ ئالدىغا كىرىپ كېتىپ، بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرسە، ‹قايسى زاماندا ئوقۇپ بۇنچىلىك بولۇپ قالدى، تېخى تۈنۈگۈن ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلغان› دېيىشىدۇ»(69).

شۈبھىسىزكى، بۇ گەپ ھەسەتخورلارنىڭ ھەسىتىنىڭ ئۇنىڭ بۇ مەزھەبنى تارقىتىش ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەكسىزكى، ئەندەلۇس ئالىملىرىنىڭ ئىمام ئىبنى ھەزمگە بولغان ئۆچلۈكى مەزھەبنىڭ تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا قېلىشىغا سەۋەب بولالمىغان. لېكىن، بۇ ئۆچلۈك ئىبنى ھەزمنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مېۋىسىنىڭ زاھىر بولۇشىغا توسالغۇ بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەۋمىگە قاتتىق تەگكەن، قەۋمىمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگكەن. نەتىجىدە مەزھەب ئىبنى ھەزمنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك راۋاجلىنالمىغان.

ئۈچىنچى ئىش: ئىمام ئىبنى ھەزم ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى. ئۇ مەزھەبنى تەڭداشلىرى ۋە تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا تارقىتالمىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى قارارگاھى بولغان تېرىقچىلىق مەيدانىدا قېشىغا قىزىقىپ كېلىدىغان ياشلارنىڭ قەلبلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچالىغانىدى. ياشلاردىن ئىبارەت ئاشۇ شاگىرتلار ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. ئۇلار ئۇنىڭ فىقھ، ھەدىس ۋە باشقا ئىلىملەر بارىسىدىكى تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئاشۇلار گەرچە سانى ئاز ۋە چوڭ ئالىملاردىن ئەمەس، كىچىك تالىبلاردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىخلاسى ۋە جۇشقۇنلۇقى كۆپنىڭ ئورنىنى باسقانىدى. ئىبنى ھەزمدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتابلىرىنى توپلاش ۋە ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئىزاھلاش جەھەتتە ئۇلارنىڭ روشەن تەسىرى بولغانىدى.

ئىبنى ھەزمدىن كېيىن مەزھەبنىڭ ئەھۋالى

[339] ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مەزھەب ئۆلمىدى، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابلىرى بىلەن مەزھەبنى باقىي قىلدى ۋە مەزھەبنى ئۆزىنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان شاگىرتلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تارقاتتى. ئىمام ئىبنى ھەزم جەلپ قىلغان شۇ ياشلار مەزھەبنى ئەندەلۇسقىلا ئەمەس، شەرق دىيارلىرىغىمۇ تارقاتتى.

تۇنجى بولۇپ بۇ ئىشقا ئاتلانغان كىشى ئۇنىڭ «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»دىن ئىبارەت «سەھىھەين»نى (بىر كىتاب قىلىپ) جەملىگەن(70) شاگىرتى ھۇمەيدىيدۇر. چۈنكى، ئۇ ئىبنى ھەزمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەندەلۇستىن قاچقان ۋە قېچىشىدا ئىمام ئىبنى ھەزم يازغان كىتابلار بىلەن شەرقتە مەزھەبنى تارقاتقان ئىدى.

ھۇمەيدىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ نەسر بولۇپ، ھ. 420 – يىلى تۇغۇلغان ۋە ھ. 488 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ تارىخچى، ھافىز ۋە راۋىي ئىدى. ئىبنى ھەزمگە شاگىرت بولۇپ، كۆپىنچە ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئۇنىڭدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇ كىتابلارنى مەشرىققە تارقاتقان.

[340] شۈبھىسىزكى، ئىبنى ھەزمنىڭ شاگىرتلىرى (ھەر تەرەپكە) تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ كىتابلىرى بىلەن بىرگە تارقىلىشىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەسىرى بولغانىدى. نەتىجىدە كېيىنكى ھېچبىر ئەۋلاد زاھىرىيلاردىن خالىي بولمىدى. ئەندەلۇسمۇ ھېچبىر ئەسىردە بىرەر زاھىرىي فەقىھتىن خالىي بولمىدى.

ھىجرىيە ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەسىرلەردە ياشىغان (زاھىرىي) ئالىملار قاتارىدا ئەبۇلخەتتاب مەجدۇددىن ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئەلھەسەن بار ئىدى. ئەبۇلخەتتاب «ئىبنى دىھيە» دەپمۇ كۇنيەتلىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئەندەلۇس رايونلىرىنى كېزىپ چىققان ۋە ئەندەلۇس ئالىملىرىدىن ئىلىم ئالغان، ئاندىن ئەييۇبىيلار دەۋرىدە مىسىرغا يۆتكەلگەن. ئۇ توغرىسىدا مەققەرىي مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ مىسىر، مەغرىب، شام، ئىراق ۋە ئەجەم ئەللىرىدە ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە ھەدىس تەلەپ قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلغان. كىتابلارنى ۋە ئۇسۇللارنى تەھسىل قىلغان، ھەدىس سۆزلىگەن ۋە بۇ جەھەتتە پايدا يەتكۈزگەن. ئۇ ناھايىتى پايدىلىق كۆپ كىتابلارنى يازغان».

(زاھىرىيلار قاتارىدا) ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىگە تەسىرى بار گەۋدىلىك ئالىملاردىن (تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ شەيخى) مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىيمۇ بار. ئۇ ھەقىقەتەن ئىبادەتلەردە زاھىرىي ئىدى، ئەھلى زاھىرنىڭ مەزھەبىنى تۇتاتتى. ئۇ ئەبۇلخەتتاب ئىبنى دىھيە بىلەن زامانداش ئىدى. ئۇ ھەقتە مەققەرىي مۇنداق دېگەن: «ئىبادەتلەردە مەزھەبى زاھىرىي، ئېتىقادلاردا نەزەرى باتىنىي ئىدى»(71).

ئەبۇلخەتتاب ۋە ئىبنى ئەرەبىي ئەندەلۇسقا ھۆكۈم سۈرگەن مۇۋەھھىدىنلارنىڭ دەۋرىدە ياشىغانىدى. مۇنداق دېسەكمۇ خاتالاشقان بولمايمىز: ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ بېشى زاھىرىي مەزھەبنىڭ گۈللىنىش ۋە تارقىلىش دەۋرى ئىدى. چۈنكى، ھ. 580 – يىلىدىن 595 – يىلىغىچە دەۋر سۈرگەن ياقۇب ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئابدۇلمۇئمىن ئىبنى ئەلى شىمالىي ئافرىقا ۋە پۈتۈن ئەندەلۇس يۇرتلىرىنىڭ ھەممىسىدە زاھىرىي مەزھەبكە ئەمەل قىلىشنى قانات يايدۇرغان.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھۆكۈمدار زاھىرىي مەزھەبكە ئەمەل قىلىشنى جاكارلىغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرمۇ ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان. «ئەلمۇئجىب (الْمُعْجِبُ فِيْ تَلْخِيْصِ أَخْبَارِ الْمَغْرِبِ)»نىڭ مۇئەللىفىنىڭ زىكىر قىلىشىچە، ئۇ كىشىلەرنى سۈننەتكە، مالىكنىڭ مەزھەبىنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇشقا، ئۇ ئىككىسىدىن باشقا ھېچنېمىنى تۇتماسلىققا چاقىرىق قىلغان. ھەتتا مالىكىي مەزھەب توغرىسىدىكى فىقھىي كىتابلارنى يىغىپ، ھەممىسىنى كۆيدۈرگەن. قالغان گەپنى مەزكۇر مۇئەللىفكە قالدۇرايلى! ئۇ دەيدۇكى: «ئۇنىڭ يەنى ياقۇبنىڭ كۈنلىرىدە فىقھ ئىلمى ئۈزۈلۈپ قالدى، فۇقەھائ‍ ئۇنىڭدىن قورقتى. ئۇ مەزھەب كىتابلىرىدىكى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئاجرىتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى، ئەلنىڭ ھەممە يېرىدە بىر توپ كىتابلارنى كۆيدۈردى. ئۇ كىتابلار مەسىلەن، سۇھنۇننىڭ ‹ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا (الْمُدَوَّنَةُ الْكُبْرَى)› كىتابى، ئىبنى يۇنۇسنىڭ كىتابى، ئەبۇ زەيدنىڭ ›نەۋادىر (نَوَادِرُ)› كىتابى ۋە ئۇنىڭ مۇختەسەرى، ئەلبەرادىئىينىڭ ›ئەتتەھزىيب (اَلتَّهْذِيْبُ)› كىتابى، ئىبنى ھەبىبنىڭ ›ئەلۋازىھە (الْوَاضِحَة)› كىتابى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىتابلار. شۇ چاغدا فاس شەھىرىدە ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىگە مەنمۇ شاھىد بولدۇم. كىتابلار ئۇلاغلار بىلەن كەلتۈرۈلۈپ توپلاندى، ئاندىن ئۇلارغا ئوت يېقىلدى».

ئۇ يەنە دەيدۇكى: «ئۇ كىشىلەرنى توپلاپ، راي ئىلمى بىلەن شۇغۇللانماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈش توغرىسىدا سۆزلىدى ھەمدە بۇ ھەقتە قاتتىق جازا بىلەن تەھدىت سالدى. ئاساسەن، ئۇنىڭ قەستى مالىكىي مەزھەبىنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۇنى بىر قېتىمدىلا مەغرىبتىن يوقىتىش، كىشىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرىغا ئۈندەش ئىدى».

شۇنىڭ بىلەن زاھىرىي مەزھەب ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن قوزغىلىپ چىقتى. چۈنكى، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتنىڭ زاھىرىنى تۇتۇشقا چاقىردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار تەقلىدنى چەكلەپ، نەسلەرنىڭ زاھىرلىرى بىلەن كۇپايىلەنگەن ئەھلى زاھىرنىڭ يولىغا چاقىرغانىدى. ئىبنى ھەزمنى يەئقۇب ئىبنى يۈسۈف قاتتىق ھۆرمەتلەيتتى، ھەتتا ئۇ ئەندەلۇسقا كىرگەندە، ئىبنى ھەزمنىڭ قەبرسىنى زىيارەت قىلغان.

ئاللاھ ئىمام ئىبنى ھەزمگە رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! تەۋپىق ۋە ھىدايەت ئاللاھتىندۇر.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————————————————————————————-
1. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ تەرجىمىھالى.
2. ئەبۇ خالىد يەزىد ئىبنى ئەبى سۇفيان (سەخر) ئىبنى ھەرب ئەلئۇمەۋىي (ھ. ؟ – ھ. 18/م. ؟ – 639) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خەلىفەلىرى دەۋرىدە ئەمەل تۇتقان قوماندان ساھابە.
3. لەبلە: ئەندەلۇستىكى ئىشبىلىييە (sevilla) رايونىغا تەۋە بىر شەھەردۇر.
4. قازى سائىد ئىبنى ئەھمەد ئەلجەييانىي ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 420 – 462/م. 1029 – 1070).
5. مەققەرىي: «نەفھۇتتىيب»، 6/202، فەرىد رىفائىي باسمىسى.
6. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 166 – بەت، ئەلمۇئەسسەسەتۇل ئەرەبىييە لىننەشر ۋەددىراسات، بېيرۇت.
7. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 273 – بەت.
8. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 251 – بەت.
9. ئەندەلۇسنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى.
10. زەھەبىي: «تەزكىرەتۇل ھۇففاز (تذكرة الحفاظ)»، 3/228، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
11. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 262 – بەت.
12. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 252 – بەت.
13. سىغناق: پاناھلىق جاي، پاناھلىنىش ئورنى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 390 – بەت.
14. لارىدە (Lérida): ئەندەلۇستىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسمى.
15. مەققەرىي: «نەفھۇتتىيب»، 4/50.
16. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 309 – بەت.
17. مەققەرىي: «نەفھۇتتىيب»، 6/176. فەرىد رىفائىي باسمىسى.
18. ئەندەلۇستىكى ئەڭ چوڭ شەھەر.
19. ئىبنى ھەزم: «نەقتۇل ئەرۇس رىسالەسى»، 83 – بەت، ئۇستاز شەۋقىي زەيف نەشرگە تەييارلىغان. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى، م. 1951.
20. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 12/248، رىفائىي باسمىسى.
21. ئىبنى ھەزم: «مۇداۋاتۇننۇفۇس (مداواة النفوس)»، 61 – بەت، دارۇلفەيھاﺋ، دەمەشق.
22. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە.
23. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 45 – بەت.
24. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 30 – بەت.
25. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 82 – بەت.
26. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 12/47، رىفائىي باسمىسى.
27. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: يۇقىرىقى مەنبە، 12/251.
28. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 4/1651، دارۇلغەربىل ئىسلامىي، بېيرۇت.
29. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 1/5.
30. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 1/7.
31. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/12.
32. ئىبنى ھەزم: «مۇداۋاتۇننۇفۇس (مداواة النفوس)»، 81 – بەت، ئافاقىل جەدىدە، بېيرۇت.
33. ئىبنى ھەزم: «مۇداۋاتۇننۇفۇس»، 42 – بەت.
34. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 13 – بەت.
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3158)؛ مۇسلىم (2638). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
36. ئىبنى ھەزم: «تەۋقۇل ھەمامە»، 126 – بەت.
37. ئۇنىڭ نەزەرىدىكى «ئىستىۋاﺋ»نىڭ مەنىسى كېيىنكى بەتتە ئىزاھلانغان.
38. ئىمام غەززالىي «ئەلمەقسەدۇل ئەسنا (المقصد الأسنى في شرح أسماء الله الحسنى» كىتابىدا مۇشۇنداق شەرھلىگەن.
39. سىفات كۆپلۈك شەكلى، سىفەت بىرلىك شەكلى، مەنىسى: سۈپەت.
40. يەنى ئۇ «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل» (2/98) دېگەن كىتابىدا: «ئاللاھ تائالانىڭ ﴿عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئاللاھ ئەرش ھەققىدىكى پېئىلىنى قىلدى، ئۇ پېئىلى بولسىمۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشىنىڭ ئەرشكە بېرىپ يېتىشىدۇر، ئەرشتىن كېيىن ھېچ شەيئى يوقتۇر…» دەپ تەفسىرلەيدۇ ۋە «الْاِسْتِوَاءُ»نىڭ «الْاِنْتِهَاءُ (چەككە بېرىپ يەتمەك)» مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئەرشنىڭ ئارقىسىدا ھېچقانداق مەخلۇق يوقلۇقى، ئەرشنىڭ مەخلۇقات جىسىملىرىنىڭ چېكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
41. بۇخارىي (4425)؛ تىرمىزىي (2262، 5388). ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
42. مۇسلىم (1718)؛ ئەھمەد (25171). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
43. مۇسلىم (1826)؛ ئەبۇ داۋۇد (2868). ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
44. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 4/129، خانجى كۇتۇبخانىسى، قاھىرە.
45. بەلكىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى (مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسىگە بەرگەن بەيئىتىدىن يېنىپ) ئىتائەتتىن باش تارتسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا (قىلمىشىنى ئاقلىغۇدەك بىرەر) پاكىتى يوق بارىدۇ. كىمكى بەيئەت قىلماي ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. مۇسلىم (1851) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
46. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 4/131.
47. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 4/36.
48. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (100)؛ مۇسلىم (2673). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
49. ئىبنى ھەزم: «ئەلئىھكام في ئۇسۇلىل ئەھكام (الإحكام في أصول الأحكام)»، 1/17، ئافاقىل جەدىدە، بېيرۇت.
50. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/88.
51. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 4/67.
52. تىلاۋەت ۋە قىرائەت (التِّلاَوَةُ وَالْقِرَاءَةُ): ئىككىسى لۇغەتتە بىر مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ فىقھىي ئىستىلاھتىكى پەرقى شۇكى، تىلاۋەت ئىككى ۋە ئۇندىن كۆپ كەلىمەلەرنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئازنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. قىرائەت بىر كەلىمەنى ئوقۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، «پالانى ئىسمىنى ئوقۇدى (قَرَأَ فُلاَنٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولىدۇ، ئەمما «پالانى ئىسمىنى تىلاۋەت قىلدى (تَلَا فُلَانٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، تىلاۋەت (التِّلاَوَةُ) نىڭ ئەسلى مەنىسى بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە ئەگىشىشى دېمەكتۇر. بىرسى بىرسىگە ئەگەشسە، «تَلَاهُ» دېيىلىدۇ. شۇڭا، تىلاۋەت (تەلەپپۇزدا) بىر – بىرسىگە ئەگىشىپ چىققان كۆپ كەلىمەلەردە بولىدۇ، بىر كەلىمەدە بولمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/47.

53. ئىبنى ھەزم: «ئەلئىھكام في ئۇسۇلىل ئەھكام»، 1/96.
54. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/98.
55. تەقرىر (التَّقْرِيرُ): ئەرەبچىدە: «روشەن بايان قىلىش، مۇقىمداش، ئېتىراپ قىلىش، تەتقىق قىلىش، ماقۇللاش ۋە ئىزاھلاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەدىس ئىلمى ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقرىرى دېگىنىمىز: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە بىر ئادەم بىر ئىشنى ياكى بىر سۆزنى قىلسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى بىلەن ياكى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۇ ئىشقا قارىتا رازىلىق ئالامىتى كۆرۈلۈشى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشنى ماقۇللىشى»دۇر. بۇ خىل ماقۇللىشى مەرفۇﺋ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، «ئېنىق تەقرىر» ۋە «ھۆكمىي تەقرىر» دەپ ئىككى قىسىم بولىدۇ. يەنە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا قىلغان ئىشلىرىنى ئەيىبلەپ ۋەھيى نازىل بولماسلىقى «ئىلاھىي تەقرىر (التَّقْرِيْرُ الْإِلهِيُّ)» بولىدۇ. فىقھىي ئىستىلاھتا بولسا: «مەسىلىنى ئىزاھلاش، رايىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش»قا ئىشلىتىلگەندەك، «مەۋجۇد ئىشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە شۇ ھالدا قالدۇرۇشقا، يەنە قارىلانغۇچىدىن ئىقرار تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش»قا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپلۈكى تەقرىرات (التَّقْرِيرَاتُ). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ»، 518 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 13/140 – 143.

56. بۇخارىي (631). ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﮭﯘﯞﻩﻳﺮﯨﺲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ رىۋايەتى.
57. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (79)؛ مۇسلىم (2283). ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
58. بۇخارىي (1741). ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
59. ئەبۇ داۋۇد (3662)؛ تىرمىزىي (2656). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
60. ئىبنى ھەزم: «ئەلئىھكام في ئۇسۇلىل ئەھكام»، 1/140.
61. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/132.
62. ئەبۇ داۋۇد (2870). ئالبانىي: «ھەسەن ۋە سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
63. ئىبنى ھەزم: «ئەلئىھكام فىي ئۇسۇلىل ئەھكام»، 8/103.
64. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/59.
65. يەنى دېگەن «سەھىھەين»دىكى «ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯘﻏﺎ سىيمىسۇن، كېيىن ﺋﯘ ﺳﯘﺩﺍ ﻏﯘسۇل قىلىپ قالىدۇ» دېگەن ھەدىس كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇرغۇن سۇغا سىيگەن ئىنسانغا مەيلى تۇرغۇن سۇدا سۈيدۈكنىڭ ئەسەرى كۆرۈلسۇن ياكى كۆرۈلمىسۇن، ئۆزى سىيگەن سۇدىن تاھارەت ئېلىشى ۋە غۇسۇل قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما، سۈيدۈك تۇرغۇن سۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەتنى ئۆزگەرتمىگەنلا بولسا، بۇ سۇ پاكتۇر، ئۇنى سىيگۈچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىچىشى دۇرۇستۇر، گەرچە سىيگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ تاھارەت ئېلىشى ۋە غۇسۇل قىلىشى دۇرۇس بولمىسىمۇ، سىيگۈچىدىن باشقا كىشىنىڭ ئۇ سۇدىن تاھارەت ئېلىشى ۋە غۇسۇل قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/141، دارۇلفىكر، بېيرۇت.
66. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/138، 120.
67. ئىبنى ھەزم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/170.
68. بۇ رىسالەنى ئىمام زاھىد كەۋسەرىي «اَلنُّبَذُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ الظَّاهِرِيِّ» دېگەن نام بىلەن، باشقا بىر كىشى «اَلنَّبْذَةُ الْكَافِيَةُ فِيْ أَحْكَامِ أُصُوْلِ الدِّيْنِ» دېگەن نام بىلەن نەشرگە تەييارلىغان.
69. مەققەرىي: «نەفھۇتتىيب»، 2/130. «ئەلخەيرىييە» باسمىسى.
70. ئەلجەمئۇ بەينەسسەھىھەين (بۇخارىي بىلەن مۇسلىمدىن ئىبارەت سەھىھەيننى جەملەش / الْجَمْعُ بَيْنَ الصَّحِيْحَيْنِ الْبُخَارِيِّ وَمُسْلِمٍ): ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى فەتۇھ ئەلھۇمەيدىي ئەلئەزدىي (ھ. 420 – 488/م. 1029 – 1095) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇمۇسلىم»دىكى ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى «مۇسنەد» شەكلىدە جەملىگەن ئەسەردۇر. مۇئەللىف مۇقەددىمەسىدە سۈننەتنىڭ ئورنى، ئالىملارنىڭ سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىملەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن «سەھىھەين»دىكى بابلارغا چېچىلىپ كەتكەن ھەدىس مەتنىلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ، بىر كىتاب قىلىشنى كۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاندىن ئېھتىياج كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئىسنادنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت كىتابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان، كىتابنى بەش قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن باشلىغان. ئارقىدىن باشقا 64 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، ئاندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان 6 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى (بۇ قىسىم كىتابنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ)، ئاندىن ئاز ھەدىس رىۋايەت قىلغان 41 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، بۇ قىسىمنىڭ ئاخىرىدا ئىمام بۇخارىي ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلمىغان 35 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاندىن ئىمام مۇسلىم ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلمىغان 55 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاخىرقى قىسىمدا بولسا، 37 ئايال ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى كەلتۈرگەن. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەندە، ئالدى بىلەن «مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى»نى ئاندىن ئىمام بۇخارىيلا رىۋايەت قىلغاننى، ئاندىن ئىمام مۇسلىملا رىۋايەت قىلغاننى تىزغان. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەن قىسىمدىكى ھەدىسلەرگە ئايرىم نومۇر قويغان. ھەدىسلەرنى رەتلەپ، جەملەش بىلەنلا توختاپ قالماي رىۋايەتلەرنى ھەر جەھەتتىن سېلىشتۇرغان. ئەڭ مۇھىمى «سەھىھەين»دە ئىخچاملىنىپ كەلگەن ياكى ئىلگىرى ئۆتكەن ھەدىسلەرگە ئىشارە قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق رىۋايەتىنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرگەن ۋە بۇنىڭدا ئىسمائىيلىينىڭ، بەرقانىينىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۈرلۈك «مۇستەخرەج» ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. ھەدىسلەرنىڭ «مۇسنەد»، «مۇرسەل»، «مۇئەللەق» ياكى «مەۋقۇف» دېگەندەك ھۆكۈملىرىنى بەرگەن. كېيىنچە مەزكۇر كىتابنىڭ ھەدىس توپلاملىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورنى بولغان. كىتابنىڭ قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ دوكتور ئەلى ھۈسەين ئەلبەۋۋاب ھ. 1444/م. 1994 -يىلى ئۇنى 4 توم قىلىپ بېيرۇتتا نەشر قىلغان.
71. مەققەرىي: «نەفھۇتتىيب»، 1/100. فەرىد رىفائىي باسمىسى.

Please follow and like us: