كاتتا خۇش خەۋەر

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»نىڭ پىلانلىشىدا روياپقا چىققان «يېگانە ياراتقۇچى» ناملىق شاھانە ئەسەر پات ئارىدا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇشبۇ ئەسەر «ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيىسى» نامىدىكى ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ 1 – تومى بولۇپ، ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقات مېتودى ئاساسىدا يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك تۇنجى ئەقىدە كىتابىدۇر. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاش ۋە ئۇنى مەزمۇت قۇرۇپ چىقىش نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزنىڭ جىددىي تەلەپ – تەقەززاسى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تەتقىقات ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇش، تىلى ئۆتكۈر بولۇش، تېمىلىرى رەڭدار، مەزمۇنى مول، ساغلام ۋە چوڭقۇر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى جەملىگەن، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە قۇرۇلۇش خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق بىر سەمەرەلىك ئىلمىي ئەمگەكنىڭ روياپقا چىققانلىقى بىزنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالماقتا. تەتقىقات مەركىزىمىز تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ خۇش خەۋەرنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ