ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي

ئىلىم – پەن تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ماتېماتىك ئەبۇ رەيھان ئەلبىرۇنىي

(ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048)(1)

«ھەقىقەتەن ئۇتۇق قازىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئىنساننىڭ قابىلىيىتىگىلا باغلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن ئارماغان قىلىپ بېرىلىدىغان تالانت بولۇپ، ئىگىسى ئۇنى خاھلىغان قەۋمگە بېرىدۇ. ئىقتىسادىي كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئاللىقانداق ماددىي سەۋەبكە ئەمەس، دەل ساپ مەنىۋىيەتكە باغلىقتۇر».

— ئەلبىرۇنىي

 

«ئىلمىي مېتودقا ئۇل سېلىش»

(1)

نېمىس شەرقشۇناس ئالىم ئىدۋارد زاخاۋ (Karl Eduard Sachau، ھ. 1261 – 1349 / م. 1845 – 1930) مۇنداق دەيدۇ: «بىرۇنىي تارىختا ئۆتكەن ئەڭ كاتتا ئاقىل ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىلىم تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك نامايەندىدۇر. ئۇشبۇ يۇقىرى باھانى ياقۇت ئەلھەمەۋىي (ھ. 626 – 574 / م. 1178 – 1229) فەقىھ ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئىيسا ئەلۋالۋالجىيدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ئابزاسلار يورۇتۇپ بېرىشى مۇمكىن:

ئەبۇ رەيھاننىڭ يېنىغا كىرگىنىمدە، ئاۋازى خىرقىراپ، دېمى سىقىلىپ، سەكراتتا جان تالىشىۋاتقان ئىكەن. ئاشۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ماڭا:

— بىر كۈنى سەن ماڭا ‹مېيىتتىن مىراس ئالمايدىغان چوڭ ئانىلارنىڭ(2)

مىراسىنى ھېسابلاش› توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانىدىڭ، — دېدى، مەن تەئەججۈپلىنىپ:

— مۇشۇ ھالەتتىمۇ (شۇ گەپنى قىلىۋاتامسەن)؟ — دېۋىدىم، ئۇ ماڭا:

— دۇنيادىن بۇ مەسىلىنى بىلىپ خوشلاشقىنىم بىلمەي كەتكىنىمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دېدى.

شۇنداق قىلىپ، مەسىلىنى ئۇنىڭغا قايتىلاپ سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇ دەرھال يادلىۋالدى ۋە ئۇمۇ ماڭا ۋەدە قىلغىنىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقتىم، ئانچە يىراقلاشمايلا يىغا – زار قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي)»(3).

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
(ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048)

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي بىلىم دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ئالىم، تېرەن تەپەككۇرلۇق پەيلاسوپ، پەۋقۇلئاددە ماتېماتىك ۋە تېنىمسىز تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى — بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بارچە مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان — «پەن بىلەن دىننى يۇغۇرۇش»تۇر، يەنى بۇ «ئەخلاق ۋە تەقۋالىق بىرگە بولغاندىلا، ئاندىن ئىلىم ئىنسانغا خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر. ياقۇت ئەلھەمەۋىي مەرۋ شەھىرى ئۇلۇغ جامىئەنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ئەلبىرۇنىي ئەسەرلىرىنىڭ جەمئىي ئاتمىش نەچچە ۋاراق (120 دىن ئارتۇق بەت) قا ئۇششاق ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان مۇندەرىجىسىنى كۆرگەن(4).

ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلئىبرىي ئەلمالتىي (Bar-Hebraeus، ھ. 622 – 685 / م. 1225 – 1286): «ئۇ ئىسلام مەدەنىيەتى يېتىشتۈرگەن ئەڭ بۈيۈك ماتېماتىك بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابلىرى ناھايىتى پۇختا ۋە مۇكەممەلدۇر» دەپ سۈپەتلەيدۇ ۋە: «ئەلبىرۇنىينىڭ ئەڭ يارقىن قاراشلىرىدىن بىرى مۇسۇلمانلار شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىملەرنى ئىسلامىي پۇراق بىلەن مۆھۈرلەش، ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مەزكۇر ئىلىملەرنى قەدىمكى يۇنانچە ‹تۇرغۇن ۋە قاتمال (Static)›لىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىسلام ئىدراكىدىكى ‹ھەرىكەتچان (Dynamics)›لىققا ئىگە قىلىش كېرەك، دېگەنلىكىدۇر» دەيدۇ.

ئۇ ئىلىمنى «تەرجىمەچىلىك» ۋە «نەقىلۋازلىق» باسقۇچىدىن ئىجادىيەت سەۋىيەسىگە ھالقىتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىسلامىي پۇراقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە ئىسلامىي تەجرىبىچىلىك ئىلمىي مېتودىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان. ئۇ قەدىمكى يۇنان ۋە ھىند يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ شەرھلىگەن، بايقىغان خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، مۈجمەل نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن سىرت، بەزى زۆرۈر يېڭىلىقلارنى قوشقان. قانائەتلىنەرلىك يەكۈنگە يېتىش ئۈچۈن دائىما ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەكشۈرۈش يولىنى تۇتقان.

ئۇ ئۆزى ياشىغان دەۋردە كەڭ تارقالغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاسانلا تېيىلدۇرۇپ قويۇۋاتقان «ئىشراقىييە»(5) مېتودىغا قارشى «ھېسسي ۋە تەجرىبەچىلىك»(6) مېتودىنى ئىشلەتكەن يېتۈك ئەللامە ئىدى، غەربلىكلەر دەل ئۇنىڭ مۇشۇ مېتودىنى قوللىنىپ «زامانىۋى مەدەنىيەت»نى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئەلبىرۇنىي تېگىدىن ساغلام ئىلمىي مېتودلارغا مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئۇلارنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا ئۆزگىچە ئىلمىي مېتود تۇرغۇزغان بولۇپ، دەرۋەقە بېرۇنىيشۇناسلار ئۇنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا بۇ نۇقتىغا كەسكىنلىك بىلەن ئەمەل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان(7).

ئەلبىرۇنىي شەيئىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقلى بىلەن دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن ئۇنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرەتتى. ئۇ تەھسىلىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا ئىزچىل تەتقىقات ۋە تەجرىبە يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ۋە مەۋجۇد ئېتىراپ قىلىنغان قاراشلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، توغرىسىنى سۈزۈپ ئالماي قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىۋېرىشنى رەت قىلغان.

مانا بۇلار دەل ئالىملارنىڭ ئالىمى بىرۇنىينىڭ ئالاھىدە ئۇتۇقلىرى ۋە داڭق چىقىرىشىنىڭ سىرىدۇر. ئۇ ئىلمىنى ئۆز زامانداشلىرى بولمىش بىر قىسىم سوپىلار ئارىسىدا تارقالغان «ئىلىمنىڭ مەنبەسى تىرىشچانلىق، رىيازەت ۋە كۆڭۈلگە ئايان بولۇش قاتارلىقلاردۇر» دەپ قارايدىغان «ئىشراقىييە» سۈلۈكى ئاساسىغا قۇرۇشىنى رەت قىلغان ۋە «ئىلىم – مەرىپەت دېگەن دۇنياۋىي راھەت – پاراغەتنى تەرك ئېتىپ، نەفسنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ» دەيدىغان قاراشقا قارشى چىقىپ، مەرىپەت ئۇقۇمىنى ئىسلامىي چۈشەنچە دائىرىسىدە ئەقىل بىلەن قەلبنى جەملىگەن ئاساستا ئايدىڭلاشتۇرغان ۋە ئەقىل ئارقىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىشقا چاقىرغان.

ئەلبىرۇنىينىڭ بۇ ئۆزگىچە مەيدانىنىڭ مۇئەييەن بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىشى تەبىئىي ئىدى، چۈنكى ئىسلامىي تەپەككۇر ئىدېئولوگىيە ۋە كېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن ئۆز روھى ۋە تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يۇنان تەپەككۇرىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى تەپەككۇرنىڭ روشەن پەرقلىرىدىن بىرى، قەدىمكى يۇنان روھى: «ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ يەككە كىشىلىكىنىلا ھېس قىلىشى، ئۆزىنى باشقىلاردىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل دەپ قارىشى كېرەك» دەيدىغان سۇبيېكتىپچانلىقى بىلەن گەۋدىلەنسە، ئىسلام روھى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە: «‹ھەممە› ئىچىدىكى ‹ئۆز›گە ئەھمىيەت بېرىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ئوخشىمىغان ‹ئۆز›لەر ‹ھەممە›نى شەكىللەندۈرىدىغان پارچىلار بولماستىن، بەلكى ‹ئۆز›لەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ‹ھەممە› باردۇر. شۇنداقلا شەخسلەر ئاللاھنىڭ ئەسىرى ۋە يارىتىشى بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى خاھلىغىنىچە ماڭغۇزىدۇ، ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلسا شۇنى قىلىدۇ» دەپ قارايدىغان ئوبيېكتىپچانلىقى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ(8).

ئۇنىڭ قوللىنىشچان ئىلمىي ئىسلامىي مېتودى تولىمۇ پۇختا ۋە شۇنچىلىك ساغلام بولۇپ، ئۇ «قۇرئان»نىڭ كۇللىي ئاساسلىرى بىلەن ئىلىم – پەن سىرلىرىنى باغلىغان تۇنجى ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاسترونومىيە مەسىلىلىرىنى «قۇرئان» ئىشارەلىرىگە يېقىنلاشتۇرغاندۇر.

***

ئىلىم – پەن ساھەسىدە ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ناھايىتى كۆپ دېيىشكە بولىدۇ:

بىرىنچى، ئۇ «شەرق قىسموغراپىياتلىرى (ئاسترونوم ۋە جۇغرافىيەشۇناسلىرى)»نىڭ كۆپىنچىسىگە ئاساس بولغان «جۇغراپىيە قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شەرق ئالىملىرى «كۇللىييات»لىرىدا بىرۇنىينىڭ ئۇشبۇ قانۇنىدىن پايدىلانغان.

ئىككىنچى، ئەلبىرۇنىي «بۇلۇڭ تەقسىماتى»دا ئۇنى تەكشى ئۈچكە بۆلۈش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ «ترىگونومېترىيە»نى بىلەتتى، شۇنداقلا ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ «سىنوس (الجيب / Sinus) بۇلۇڭى تاناسىپلىق قانۇنىيىتى»غا پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق «بىرلىك ئېغىرلىقى (specific weight)»نى ھېسابلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاغزى ئاستىغا قارايدىغان دېسىكاتۇر (چوڭ قاچا) ئىشلەتكەن. بىر ماددىنىڭ ئېغىرلىقىنى سۇ ۋە ھاۋا بىلەن ئۆلچەپ ئارىلاشمىنىڭ مىقدارىنى بىلەلىگەن. بۇ ئارقىلىق «بىرلىك ئېغىرلىقى»غا تايىنىپ، ماددا ۋەزنىنى ھاۋا بىلەن ئۆلچىگەن.

تۆتىنچى، ھىند رەقەملىرى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ قىممەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە (تەتقىقات) يازغان.

بەشىنچى، ھەرخىل سىزغۇچلار بىلەن يېشىلمىگەن گېئومېتىرىيەلىك مەسىلىلەرنى (ئۆزگىچە مېتودتا) يەشكەن، ئاسترونومىيەدە «ئەلقانۇنۇل مەسئۇدىي» ئاتلىق ئېنسىكلوپېدىيە يېزىپ چىققان.

ئالتىنچى، قۇدۇقتىن سۇنىڭ چىقىشىنى «قۇدۇق سۈيى بىر – بىرىگە تۇتىشىدىغان قاچىلارغا ئوخشايدۇ. بىرىدىن سۇ چىقسا قالغان تۇتاش قاچىلاردىمۇ شۇنچىلىك يۈكسەكلىكتە بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان(9).

يەتتىنچى، ئاۋاز تېزلىكى بىلەن نۇر تېزلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، نۇر تېزلىكىنىڭ غايەت زورلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سەككىزىنچى، ئالتۇن، سىماب، مىس، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن، ياقۇت، زۇمرەت، مەرۋايىت ۋە كرىستال قاتارلىق بىرنەچچە تۈرلۈك مەدەن تاشلارغا ناھايىتى ئىنچىكە شەكىلدە «ئېغىرلىق» بېكىتكەن بولۇپ، ئۇ ھەربىر تۈرگە بېكىتكەن ئېغىرلىق بىلەن زامانىۋىي «ئېغىرلىق» ئىنتايىن يېقىندۇر.

 

Figure (c). An illustration from Al-Biruni’s astronomical works, explains the different phases of the moon (Source)
ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنى

ئەلبىرۇنىي ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش، دورامچىلىقتىن يىراق تۇرۇپ ئۆز مېتودىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەبرچان بولۇش ۋە كۈتكىنىگە ئېرىشەلىسە خۇشال بولۇش بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۇستازى ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا ئەررازىي (ھ. 250 – 311 / م. 864 – 923) مانىي (مانىزمنىڭ قۇرغۇچىسى م. 216 – 277) دىن بىر نەرسىنى رىۋايەت قىلغاندا، ئەلبىرۇنىي ئۇنىڭ مەنبەسىنى قىرىق يىلدەك توختىماي ئىزدىگەن ۋە (ئالاقىدار كىتابنى خارەزمدە تېپىپ) ھەقىقىتىنى بىلگەن چاغدا ئاندىن ئۇستازىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتەن ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان(10). ئەگەر ئۇ ئىزدىگەن ئىلىملىرىدىن بىرەرسىگە ئېرىشەلىسە، ناھايىتى خۇشال بولۇپ: «ئۇ قەدەر خۇشالمەنكى، شۇ تاپتا ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن سەيياھنىڭ سۇغا قاۋۇشقىنىدىنمۇ بەكرەك بەختىيارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن» دەپ كېتەتتى.

ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا ئەررازىي (ھ. 250 – 311 / م. 864 – 923)
ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا ئەررازىي (ھ. 250 – 311 / م. 864 – 923)

ئۇنىڭ چوڭقۇر چۈشەنچىلىرىدىن يەنە بىرى: «ئۆلىمالار ھەردائىم دەيدىغان ‹ۋەللاھۇ ئەئلەم / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ بىلىمسىزلىككە كۆز يۇمۇش ئەمەس، يەنى ئۇ سۆزنى دېگەن كىشى ئىنساننىڭ بىلىشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنى بىلمىسە بولمايدۇ» دېگەن قارىشىدۇر.

ئۇ ئادەتتە بىرەر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماي، تېخىمۇ تېزرەك تىرىشىشى ئۈچۈن مىساللارنى مۇمكىنقەدەر ئاز كەلتۈرەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزەرىيەلىرىمنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئارتۇقچە مىسال كەلتۈرمەيمەنكى، ئۇلار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا تېخىمۇ تىرىشقاي. ئەگەر ئۇلار تىرىشچان، ئىشىغا پۇختا، ئىلىم سۆيەر بولسا ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىۋالالايدۇ، ئەگەر كىشىدە بۇ سۈپەتلەر بولمىسا، چۈشەندىمۇ چۈشەنمىدىمۇ پەرۋايىم پەلەك».

 

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
›The Chronology of Ancient Nations‹ of Al-Biruni «ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)»

(2)

ئەلبىرۇنىينىڭ كاتتا تۆھپىلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭ ئىقتىساد نەزەرىيەلىرى بولۇپ، بۇ نەزەرىيەلەرنى پەلسەپە دوكتورى مۇھەممەد يەھيا ئەلھاشىمىي (سۇرىيەلىك، م. 1904 – 1979) بىرۇنىينىڭ «جەۋھەرلەرنى بىلىشتىكى چوڭ گەۋدە (الجُماهر في معرفة الجواهر)» دېگەن كىتابىنى چۆرىدەپ يازغان «ئەلبىرۇنىينىڭ تاشلار كىتابىنىڭ مەنبەلىرى» (1935) ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دەيدۇكى:

«مەن ئەلبىرۇنىينىڭ زامانىۋىي ئىقتىساد نەزەرىيەلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە قىممىتى كۈنىمىز غەرب ئىدارە – ئورگانلىرىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان بىر ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى بايقىدىم. مەسىلەن، بىرۇنىي ئېلىم – بېرىم ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالماشتۇرۇش مۇئامىلە ئىشلىرىدا مۇقىم باھانى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ مەزكۇر پىكرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئىلھام ئالغان. شۇنىڭدەك ئالىم تۇنجى بولۇپ ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ كۇرسىنى زىيادە ئۆستۈرۈۋېتىپ، ئۇنى يىغىپ ساقلاشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ زىيىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ‹ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ جىنسىدىن ياكى تەبىئىتىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىشى ۋە ئالاھىدە قىممەت پىچىشىدىن كەلگەن… تۇرمۇش چىقىملىرى ۋە مەئىشەت خىراجەتلىرى ئالتۇن – كۈمۈش ۋاسىتىسى بىلەن بەك قولايلىشىپ كەتكەندە، قەلبلەر ئالتۇن – كۈمۈش يىغىشقا ۋە ئۇنى يىغىپ ساقلاشقا بەكرەك مايىل بولىدۇ – دە، ئۇ ئىككىسى شەرىئەت ياكى تەبىئىي خاسىيەتتىن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ كېلىشىۋېلىشى سەۋەبلىك شەرەپ ۋە ھەشەمەتنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. لېكىن، بۇلار ھەقىقەتتە پەقەت بىر تاشتۇركى، ئاچنى تويغۇزالمايدۇ، ئۇسسۇزنى قاندۇرالمايدۇ، قورقۇنچنى يوقىتالمايدۇ، زىيان – زەخمەتتىن ساقلىيالمايدۇ› دېگەن.

ئەلبىرۇنىي پۇل – ماللارنى ئوبوروت قىلماي، يىغىپ ساقلاش مەسىلىسىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، دەرھەقىقەت ئىقتىسادىي ھەرىكەت تەبىئىي بىر زۆرۈرىيەتتۇر، ئەگەر بۇ ھەرىكەت توختاپ قالسا مۇھەققەق چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئۇ پۇل – ماللارنى يىغىپ ساقلاش (كَنْزٌ) نى ئەيىبلەيدۇ ۋە بۇنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىگە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن﴾(9/«تەۋبە»: 34) دېگەن ئايەتى كەرىمەسىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالتۇن – كۈمۈشنى يارىتىشتا خالايىقنىڭ قولدىن قولغا ئالماشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ۋە پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشىدىن ئىبارەت ئىلاھىي ھېكمىتىگە ئىشارە قىلىدۇ. دەرھەقىقەت ئەگەر ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ ساقلىۋېلىنسا، كېلىپ چىققۇسى نەق پۇل قىسلىقى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرى ئاياغ ئاستى قىلىنغان بولىدۇ.

بىرۇنىينىڭ قارىشىچە كاندىن چىقىرىلغان ئالتۇن – كۈمۈش بەئەينى يېيىش ۋە سەرپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان زىرائەت ۋە چارۋا – مالغا ئوخشاش بولۇپ، قېزىپ ئېلىنىپ تاۋلانغان ھامان ئاقچا سۈپىتىدە قولدىن قولغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقىسى توغرا بولمايدۇ. بىرۇنىي ئالتۇن قاچا – قۇچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى دەل مۇشۇ سەۋەبكە باغلايدۇ. چۈنكى، تەڭگە قۇيۇشنىڭ ئورنىغا قاچا – تاۋاق قىلىپ ئىشلەتكەن چاغدا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت فۇنكىسىيەسى يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ يەنە ئىقتىساد ساھەسىدە ئۈممەتلەرنىڭ يىگىتلىك ۋە مۇرۇۋۋەتكە ئوخشاش روھىي ھالىتى ھەققىدە سۆزلەپ: ‹ھەقىقەتەن مۇرۇۋۋەت بىر ئادەمنىڭ ئۆزى، ئائىلىسى، ھال – ئەھۋالى بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ، يىگىتلىك بولسا ئۇنىڭدىن ۋە ئائىلىسىدىن باشقىلارغا ھالقىيدۇ، ئىقتىسادىي كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئاللىقانداق ماددىي سەۋەبكە ئەمەس، دەل ساپ مەنىۋىيەتكە باغلىقتۇر، شۇڭا مۇبادا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە شۇ يىگىتلىك ۋە مۇرۇۋۋەت قەلەمچىلىرى تىكىلگەن بولسا، ئىنسان ئۆزى تۈرلۈك راھەتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باشقىلارنىڭ يوقسۇللۇق دەردىدە پۇچۇلىنىۋاتقىنىغا قاراپ تۇرالمايتتى ۋە قول ئىلكىدىكى دىرھەم ۋە بايلىقىنى تىقىۋالماي، چوقۇم ئايلاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلگەن بولاتتى› دېگەن(11)».

شەكسىزكى، بۇ نەزەرىيەلەر بىر تەرەپتىن ئەلبىرۇنىينىڭ نەقەدەر دانا، چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇر ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئىسلام جەۋھەرىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاللاھ ئىنئام قىلغان بۈيۈك ئىستېدادى ۋە تالانتىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
Al-Biruni’s method to measure the radius of the Earth

(3)

ئەبۇ رەيھان ئەلبىرۇنىينىڭ تارىخ ساھەسىدىمۇ ئەمگەكلىرى بار بولۇپ، شۇ جۈملىدىن «ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)» ۋە «ئەقىلگە سىغىدىغان ۋە سىغمايدىغان ھىند سۆزلىرى ھەققىدە تەتقىقات (تحقيق ما للهند من مقولة مقبولة في العقل أو مرذولة)» قاتارلىق مىسلىسىز كىتابلىرى بار بولۇپ، بولۇپمۇ كېيىنكىسىدىن ياۋروپالىقلار ھىندىستان توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىدا ئىنتايىن كۆپ پايدىلانغان. ئۇ توغرىسىدا نېمىس شەرقشۇناس كارل بروكېلمان (Carl Brockelmann، م. 1868 – 1956) دەيدۇكى: «بۇ مىسلىسىز ئالىم ئەرەب ئەدەبىياتىدا تەڭدىشى يوق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ياۋروپا تەتقىقاتلىرىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ھىندىستاننىڭ ئىسلامىي بۆلەكلىرىگە، يەنى بۈگۈنكى كۈندە پاكىستان دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە قىلغان سەپىرى ئۇ يەرلەرنى كەڭ – كۆلەمدە چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ ھەتتا تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىنلار ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنى تولۇقلاش ۋە پۇختىلاش ئۈچۈن سانسىكرىت تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن».

ئۇنىڭ غەزنەۋىيلەر سۇلتانى مەسئۇد ئىبنى مەھمۇدنىڭ نامىغا ئاتالغان «مەسئۇدىي قانۇنى (القانون المسعودي)» ناملىق كىتابى ئاسترونومىيە، گېئومېترىيە ۋە (تەبىئىي) جۇغرافىيە ئىلمى بويىچە كاتتا ئېنسىكلوپىدىيە ھېسابلانسا، «ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)» دېگەن كىتابى تارىخ ۋە (ھۇمانىتار / بەشەرىي) جۇغرافىيەدە كاتتا ئېنسىكلوپىدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ كىتابىدا يۇنانلىقلار، ھىندىلار ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىلىملىرى بىلەن مىللەتلەرنىڭ پسىخىكىسى، دىنلەر، دىنىي پىرقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى قاتارلىقلارنى كەڭ كۆلەملىك سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ئۆز مەدەنىيەت دائىرىسىدە «ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ئالىم» دەپ سۈپەتلەنگەن.

بىرۇنىيشۇناس ئالىملار ئۇنىڭ تارىخنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ئىلمىي مېتودى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان:

1. تەتقىقات ماددىلىرىنى تاسقاپ تاللاش؛

2. كۆزلەرنى كور، قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان ۋە ئەقىل يول قويمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرىدىغان تەئەسسۇبىيەتنى يامان كۆرۈش؛

3. ھۆكۈم چىقىرىشتا تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛

4. ئەجدادلاردىن قالغان تارىخقا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش. شۇڭا، ئۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ تارىخىغا ۋە ئەھۋاللىرىغا ئەقىل بىلەن ياكى كۆرگەنگە قىياس قىلىش بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا يول يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. لېكىن، بۇ خەۋەرلەرنى توغرا دېيىش ۋە ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن نەفسنى ھەقىقەتنى چۈشىنىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئىللەتلەردىن پاكلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈردۇر. ئۇ كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇدەك دەلىل، پاكىت بولمىغان، مەنتىقىسىز، ئىزچىل يۈز بېرىدىغان بولسىمۇ سەۋەبى روشەن بولمىغان مۇتلەق ھادىسىلەرنى قوبۇل قىلمايتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى(12).

ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ۋە باشقا ساھەلەرگە دائىر تۇتقان ئەڭ ئۆرنەك ئىلمىي ئۇسلۇبى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى تەرجىمىگە تايانماي، ئەسل مەنبەسىدىن كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولغانلىقىدۇر. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن سۇريانىي ۋە ئىبرانىي تىلللىرىنى ئۆگەنگەنىدى.

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
On the left, an attempt of reconstruction made by the Rear Admiral Jean Theophanidis [29] of the Antikythera mechanism and, on the right, the al-Biruni mechanism, adapted from Ref

(4)

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي ھىجرىيە 362 – يىلى(13) خارەزم ئېلىنىڭ ئۆرگەنچ ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولۇپ، پارس مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئەرەب تىلى ۋە فىقھ ئۆگەنگەن. ھىندىستان (ھازىرقى پاكىستان) شەھەرلىرىدىن بىيروندا ئۇزاق مەزگىل ياشاپ ئىجاد قىلغان ۋە تونۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇ شەھەرگە نىسبەت بېرىلىپ «ئەلبىرۇنىي» لەقەبىنى ئالغان(14).

ئۇنىڭ ئىلمىي يۆنىلىشى ئۇنى ئەرەب تىلى ۋە فىقھىدا ئالغا سىلجىتقان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جۇغرافىيە، تارىخ، تەبىئەت ئىلمى ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق بىرنەچچە ئىلىمدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. كېيىن ئۇنىڭغا كەڭ – كۆلەملىك ساياھەت پۇرسىتى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشتە ئالاھىدە تالانتى بار بولۇپ، بىرنەچچە تىلنى پۇختا بىلگەن.

ئەلبىرۇنىي دەۋرداش دوستى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1037) بىلەن بىرگە سامانىي (ھ. 203 – 389 / م. 819 – 999) ئەمىرلىرىدىن نۇھ ئىبنى مەنسۇر سامانىينىڭ كۇتۇبخانىسىغا كېلىپ – كېتىپ تۇراتتى ۋە ئىككىيلەن ئۆزئار ئىلمىي تېمىلاردا مەكتۇبلىشىپمۇ تۇراتتى. ئەلبىرۇنىي يەنە ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر ئەلفارابىي (ھ. 258 – 339 / م. 872 – 950)، تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (ھ. 185 – 252 / م. 801 – 867)، ئەبۇلھەسەن مەسئۇدىي (ھ. 283 – 346 / م. 896 – 957) لەرنىڭ پىكرىي تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇستازى ئەبۇبەكرى ئەررازىينىڭ يۇنان پەلسەپەسى ۋە ئارستوتېل پىكىرلىرىنىڭ تەسىرلىرىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرغان قارىشىنى كېڭەيتكەنىدى.

ئۇ ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە يېزىش بىلەنلا مەشغۇل يۈرەتتى، قولى قەلەمدىن، كۆزى كىتاب كۆرۈشتىن، ئەقلى تەپەككۇردىن ئايرىلمايتتى. مەسىلەن:

·       ئۇ ئىسلام ۋە پەرەڭ ئاسترونوم ئالىملىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئاسترونوم.

·       ئۇ ھازىرقى زامان گېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان گېئولوگ ئالىم.

·       تارىخ ئىلمىنى كۆلەملىك ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلغۇچى، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىزدەنگۈچى مۇئەررىخ.

·       ئۇ ماتېماتىكا ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن فورمىلا ۋە تېئورمىلىرىنى نيۇتون، گرىگورىيلار نەقىل كەلتۈرگەن.

·       ئۇ ھۇمانىتار جۇغرافىيەنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ.

·       ئۇ 180 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قالدۇرغان بولۇپ، كۆپلىرى يوقاپ كەتكەن، بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن مەشھۇرلىرى:

1. «مەسئۇدىي قانۇنى (القانون المسعودي)»(15

2

2. «ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)»؛

3. «ئاسترونومىيە ئاچقۇچلىرى (مقاليد علم الهيئة)»؛

4. «جەۋھەرلەرنى بىلىشتىكى چوڭ گەۋدە (الجُماهر في معرفة الجواهر)»؛

5. «ئەقىلگە سىغىدىغان ۋە سىغمايدىغان ھىند سۆزلىرى ھەققىدە تەتقىقات».

ياقۇت ئەلھەمەۋىي «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ / معجم الأدباء – إرشاد الأريب إلى معرفة الأديب)» ناملىق كىتابىدا: «ئەلبىرۇنىينىڭ ئاسترونومىيە، لوگىكا، ھېكمەت توغرىسىدىكى كىتابلىرى ئىنتايىن كۆپ»(16) دېگەن.

ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066): «ئەلبىرۇنىينىڭ كىتابلىرى بىر تۆگىگە ئارتىلسىمۇ ئېشىپ قالغان بولاتتى»(17) دېگەن.

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
«ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)»

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي چېچەنلىكى، ئىنتايىن تەدبىرچانلىقى ۋە تەمەخورلۇقنى ياقتۇرماسلىق بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇ ئۆرگەنچ ئەمىرى «قابۇس بىن ۋەشمىگىر» (ئۆ. ھ. 403 / م. 1012) نىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ياشىغان بولۇپ، بۇ كىشى ئۇنىڭ «ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ يالدامىلىرى (الآثار الباقية عن القرون الخالية)»ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يېزىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، كېيىن ئۇ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ ئوردىسىغا يۆتكەلگەن، ئۇنىڭغا يەنە ھىندىستان شەھەرلىرىنى كېزىش پۇرسىتى بېرىلگەندە، ئۇ يەردە غەزنەۋىيلەرنىڭ فەتىھلىرىگە قاتنىشىپ، شۇ توغرىدا توغرا مەلۇماتلارنى جەملىگەن.

ئەلبىرۇنىي ئۆزىنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ پادىشاھلارغا يېقىنلىشىش ۋە كىشىلەردىن پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئىلىم ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋىي ئۇنىڭ ئاسترونومىيەنىڭ دەسلەپكى ساۋاتلىرى جەملەنگەن «مەسئۇدىي قانۇنى» ناملىق ئەسىرىگە بىر پىل كۈمۈش ئاقچا تارتۇق ئەۋەتكەندە، ئۇنى قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان شاھانە ئىنئامنى ئېھتىياجى يوقلۇقىنى ئېيتىپ قوبۇل قىلماي ئۇدۇل خەزىنىگە قايتۇرۋەتكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە سۇلتان ئۇنىڭغا ئۈچ تۆگە ئاران كۆتۈرگۈدەك كۈمۈش ئاقچا ئەۋەتكەندە، ئۇنى «ئىلىمنى ئىلىم ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، پۇل ئۈچۈن ئەمەس» دەپ قايتۇرۇۋەتكەنىكەن.

ئەلبىرۇنىي پارس قانلىق(18) بولسىمۇ، مەدەنىيىتى ئىسلام، روھىيىتى «قۇرئان» ئىدى، ئۇ ئەرەب تىلىنىڭ تەرىپىنى تۇتقان، ئۇنى ياخشى كۆرگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دىنىمىز بىلەن دۆلەت قوشكېزەك ئەرەب بولۇپ، بىرىنىڭ ئۈستىدە ئىلاھىي كۈچ، يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە ساماۋىي قول لەپىلدەيدۇ»(19). فرانسىيەلىك ئاتاقلىق شەرقشۇناس لويس ماسىنيون (Massignon Louis، م. 1883 – 1962) مۇنداق دەيدۇ: «ئەلبىرۇنىي ئەرەب تىلىنىڭ سامىي تىللىرى ئارىسىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياۋى رولىنى تولۇق چۈشەنگەن، ئۇنىڭ مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئابستراكتلاشتۇرۇش كۈچىنى، قوشۇمچە قوشۇشنىڭ ئورنىغا تۈرلەش ئارقىلىق قۇراشتۇرۇشنى، ئۇ تىلنىڭ سۆزلىگۈچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى قىممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن».

ئەلبىرۇنىي ئۆزى «ھەق» دەپ قارىغان ئىشلاردا باشقىلارنىڭ كۆزقارىشى ۋە گەپ – سۆزىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە تەسىرىنى قەدىرلەيدىغان غەرب ئالىملىرى ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. گېرمان شەرقشۇناس مەكس مېيىرھوف (Max Meyerhof، م. 1874 – 1945) مۇنداق دەيدۇ: «ئەلبىرۇنىينىڭ ئىسمى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدىغان نەزەر دائىرىسى كەڭ كاتتا ئالىملار قاتارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئىسىمدۇر».

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
A quadrant.

ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس ئارسۇر يۇفام پوپ Arthur Upham Pope (م. 1881 – 1969) مۇنداق دەيدۇ: «ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، جۇغرافىيە، ئىنسانشۇناسلىق، سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق قاتارلىق ھەرقانداق ئىلىمنىڭ تارىخى ئەلبىرۇنىينىڭ كاتتا تۆھپىسىنى تەن ئالماي تۇرۇپ ئەسلا مۇكەممەللىك تاپالمايدۇ. ئەلبىرۇنىي بارچە ئەسىرلەردىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى بولۇپ، بىر ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي سۈپەتلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەلبىرۇنىي كەڭ دائىرىلىك، ئۆزىنى مەلۇم زامانغا چەكلەپ قويماسلىقتەك كاتتا ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۈلگىلىك سىماسى ھېسابلىنىدۇ، مىڭ يىل ئىلگىرى يېزىلغان كىتابلىرىدىن نۇرغۇن نەقىللەرنى جۇغلاش مۇمكىن بولۇپ، ئۇ نەقىللەر بۈگۈنكى كۈندە يېڭى سانىلىدىغان ئەقلىي مەۋقە ۋە مېتودلاردىنمۇ ئىلغاردۇر»(20).

بېلگىيەلىك تارىخچى جورج سارتون (George Sarton، م. 1884 – 1956) «ئىلىم تارىخىغا كىرىش (Introduction to the History of Science)» كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: مىلادى 11 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئەلبىرۇنىي دەۋرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بۇ تارىخىي دەۋرىدە ئۇ مەشرىق ۋە مەغرىب ئاسمىنىدا چاقنىغان قۇياش ئىدى، مەسىلەن ئۇ ھۇمانىتار جۇغرافىيە (Human geography) ئىلمى ۋە بەزى ماتېماتىكا ئىلىملىرىنىڭ ئاساسىنى ياۋروپالىقلار تېخى رۇملۇقلارنىڭ كالېندارىنى زامان تەقۋىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ چاغلاردا ياۋروپالىقلارنىڭ گېئومېترىيە مەلۇماتلىرى پىفاگور (Pythagoras، م. ب 570 – 495) دىن بۇرۇنقى يوقىلاڭ سەۋىيەدىن ھالقىپ كېتەلمەيتتى. ھالبۇكى ئەرەب دىيارلىرى ئۇ ۋاقىتتا لاۋۇلدىغان مەشئەل بولۇپ، تەرەققىي قىلغان ماتېماتىكا ئىلىمىنىڭ يورۇق نۇرلىرى تۆت تاماننى يورۇتۇپ تۇراتتى.

گېرمان شەرقشۇناس ژوزېف شاخت ( Joseph Schachtم. 102 – 1969) مۇنداق دەيدۇ: «ئەلبىرۇنىينىڭ پىكرىي جاسارىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشكە ئامراقلىقى، خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن يىراقلىقى، ھەقىقەتنى ياقلايدىغان، كەڭ قورساق ۋە سەمىمىي ئىكەنلىكى ھەقتۇركى، يۇقىرىدىكى خىسلەتلەر ھەممىسى ئوتتۇرا ئەسىردە تەڭدىشى يوق سۈپەتلەر ئىدى، چۈنكى ئەلبىرۇنىي ئەمەلىيەتتە نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆتكۈر بەسىرەتلىك، ئىجادكار تالانت ئىگىسى ئىدى».

رۇس شەرقشۇناس بارتولد (م. 1869 – 1930) دەيدۇكى: «ئەلبىرۇنىينىڭ دىنىي ئېتىقاد، بولۇپمۇ ھىندى دىنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قېتىرقىنىپ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇ دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ھەر يەردە بىرلا سەۋەبكە ئەگىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئۇ سەرخىللارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئاۋامنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدىكى پەرقلەرگە كۆڭۈل بۆلەتتى. دىنىي ئېتىقادلارنى شەرھلىگەندە قەتئىي مۇتلەق قارشى تۇرۇپ، پۈتۈنلەي تەنقىد قىلمايتتى، يەنە شۇنىڭدەك ھەر دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىشلىتىدىغان ئىبارىلەرگە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە رىئايە قىلاتتى، ئەگەر بىر دىن بىلەن يەنە بىر دىننى ئۆزئارا سېلىشتۇرسا، ساپ ئىلمىي سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باراتتى».

ئۆلىمالار ئەلبىرۇنىينى ئىلىمگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئىلىمنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ياكى ئارقىدا قېلىشىغا پائال تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قاتارىدا ساناشقا تەرغىب قىلغان تۇنجى ئالىم ئىكەنلىكىگە ئاساسەن دېگۈدەك بىرلىككە كەلگەن.

 

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلبىرۇنىي
An 18th Century diagram of an astrolabe from Al-Biruni’s Kitab al-Tafhim

ئەلبىرۇنىي ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا «قۇرئان» مېتودى ۋە ئىسلامغا مەھكەم باغلانغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتلىق ۋە ئالەمنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئاسترونومىيەلىك ۋە گېئومېتىرىيەلىك تەجرىبىلىرىم چەكسىز بىر باشقۇرغۇچى ئەقىلنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كۆرسەتتى، ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ كەشپىياتلىرى كائىناتتىكى مەخپىي، ھەيران قالارلىق ئىنچىكە ئاجايىباتلارغا، ئۇنىڭ كاتتا بىر ئىجادكارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئۇستا بىر ماھىرنىڭ پۇختا ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇلارنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن تەبىئىي سەۋەبلەر يېتەرسىز كېلىدۇ».

ئەلبىرۇنىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرى زېمىننىڭ ئايلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، مانا بۇ ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىبارىسى:

«يەرشارىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئۇنىڭ يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ بوشلۇققا ئۇچۇپ كەتمەي سابىت تۇرىدىغانلىقىغا كەلسەك، زېمىننىڭ تارتىش كۈچى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. زېمىن يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر زېمىننىڭ مەركىزىگە تۇتاشتۇر. يا زېمىن ئايلىنىدۇ، ئاسمان ئايلانمايدۇ، ياكى زېمىن ھەرىكەتلەنمەستىن ئەتراپىدا ئاسمان ئايلىنىدۇ، دېمەك بۇ سەۋەب بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىككى ئىشتۇر. ئاسمان زېمىنغا مەنسۇب بولغاندەك، زېمىن ئاسمانغا مەنسۇبتۇر. بۇ مەسىلە نىسبىيلىك مەسىلىسىدۇر».

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەلبىرۇنىينىڭ گېئولوگىيە، كان، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، جۇغرافىيە، تەبىئەت ۋە ئىقتىساد ئىلىملىرى قاتارلىقلاردا قۇرغۇچىلىق ئىلمىي تۆھپىلىرى زوردۇر. بولۇپمۇ ئىلىمدىكى ئىسلامىي مەرىپەت مېتودىنى ۋە ئۇنىڭ تەتبىقىنى يۇنان چۈشەنچىلىرىدىن ئازاد، ئىسلامىي تەجرىبەچىلىك مېتودىنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ پەيدا بولغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تەرىقىدە تازىلىغانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ كاتتا تۆھپىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ دىن بىلەن ئىلىم ئارىسىنى باغلاشتا «قۇرئان» يولىنى تۇتۇپ ماڭغان، ساغلام ئىماننى ۋە بەندە بىلەن رەببى ئارىسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتىشنى تاقاق دەرۋازىلارنى ئېچىپ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلغان. بۇلارنى ئۇ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن تەكىتلەيدۇ:

«ھەقىقەتەن ئۇتۇق قازىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئىنساننىڭ قابىلىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇنى خاھلىغان قەۋمگە ئارماغان قىلىپ بېرىدىغان تالانتقىمۇ باغلىقتۇر».

 

مەنبە: ئەنۋەر ئەلجۇندىي: «ئىسلام تالانتلىقلىرى (نوابغ الإسلام)»، 112 – 123 – بەتلەر.

تەرجىمەدە: شەبنەم

 

——————————————-
1. بىرۇنىينىڭ تەۋەللۇد يىلىنى ھ. 364 / م. 975 – يىلى دېگۈچىلەر بولسىمۇ، دوكتور كراۋس م. 1936 – يىلى نەشرگە تەييارلىغان بىرۇنىينىڭ قەلىمىگە ئائىت «ئەررازىي ئەسەرلىرى تىزىملىكى ھەققىدە رىسالە» ناملىق ئەسەردە بىرۇنىينىڭ ئۆزى ھ. 427 – يىلى 65 قەمەرىي ياشقا كىرگەنلىكىنى يازىدۇ. دېمەك، ئۇ ھ. 362 / م. 973 – يىلى تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك. بىرۇنىينىڭ قاچان ۋاپات تاپقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ۋە بىرلىككە كەلگەن مەلۇمات يوق بولۇپ، ئۆزى ئاخىرقى ئەسىرى بولغان «تېببىي دورىگەرلىك (الصيدلة في الطب)» كىتابىدا سەكسەن ياشتىن ھالقىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىغا قارىغاندا ھ. 440 / م. 1048 نى ۋاپات يىلى دېيىش ناتوغرا بولىدۇ. ئۆز لەفزىگە ئاساسەن بىرۇنىينىڭ ھ. 443 / م. 1051 – يىلىنى كۆرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ياقۇت ئەلھەمەۋىي بولسا ئۇنىڭ ۋاپات تارىخىنى ھ. 403 دەپ يازغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنى ئىملا خاتاسى قوبۇل قىلىپ 453 دەپ قارايدىغان بولساق ئۇ م. 1061 – ۋاپات بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ غەزنە شەھىرىدە ۋاپات تاپقانلىقى ئېنىق. قاراڭ: Mayerhof: Art on Aconite From Al Bayrunis: kitab-as Saydana, Islamic Culture no 4 october 1945, p. 323. — «ساجىيە».
2. مېيىتتىن مىراس ئالالمايدىغان چوڭ ئانا (الْجَدَّةُ الْفَاسِدَةُ): مىراس ئىلمى ئىستىلاھىدا: «مېيىت بىلەن ئارىسىدا مىراس ئالالمايدىغان چوڭ دادا بولغان چوڭ ئانا» ياكى «مېيىتكە تۇتاشقان نەسەبىدە ئىككى ئايال ئارىلىقىغا مىراسخور بولمىغان بىر ئەر كىرگەن كىشى»دۇر. بۇ چوڭ ئانا مېيىتكە يىراق تۇغقانلار (ذَوِي الْأَرْحَامِ) دىن بولغان ئوغلى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولسا مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ چوڭ ئانىمۇ يىراق تۇغقانلار ھېسابلىنىدۇ. مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولمىسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يىراق تۇغقانلاردىن بولغان ئۇ چوڭ ئانا مىراس ئالىدۇ. مەسىلەن، ئانا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئانىسى. دېمەك، بۇ چوڭ ئانىنىڭ بېكىتىلگەن مىراسى ياكى ئاسىبلىق جەھەتتىن مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. يۇقىرىقى مىراسخورلار تېپىلمىغاندا يىراق تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن مىراس ئالالايدۇ. قاراڭ: ئەززەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرەتۇننەييىرە»، 6/265؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/264. — «ساجىيە».
3. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/317. — «ساجىيە».
4. يۇقىرىقى مەنبە. — «ساجىيە».
5. ئىشراقىييە (الْإِشْرَاقِيَّةُ / ILLUMINATIONISM): «يورۇتۇش ۋە نۇر چېچىش» مەنىسىدىكى «ئىشراق» كەلىمەسىگە نىسبەت بولۇپ، شىھابۇددىن سۇھرەۋەردىي (ھ. 549 – 587 / م. 1154 – 1191) تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شەخسىي زەۋق، ئىلھام، كۆڭۈلگە ئايان بولۇش ۋە رىيازەت قاتارلىقلارنى بىلىمنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى» دەپ قارايدىغان مىستىكىلىق، تەسەۋۋۇف روھى سىڭگەن پەلسەپەۋىي تەلىمات. — «ساجىيە».
6. ھېسسىي تەجرىبىنى بىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ قارايدىغان پەلسەپەۋىي تەلىمات. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (قىسقارتىلمىسى)»، 275 – بەت. — «ساجىيە».
7. قاراڭ: ئەبۇلفۇتۇھ ئەتتۇنىسىي: «ئەبۇ رەيھان ئەلبىرۇنىي»، قاھىرە، م.1977.
8. ئەھمەد سەئىد دەمىرداش: «ئەلبىرۇنىي ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد»، «دارۇلمەئارىف نەشرىياتى»، قاھىرە، م. 1980.
9. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى فىزىكىدا «بىر -بىرىگە تۇتاش قاچىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قانۇن ياكى نەزەرىيەنىڭ مەنىسى: شەكلى ياكى ھەجمى پەرقلىق بولغان بىر – بىرىگە تۇتاش بىرنەچچە قاچىغا ياكى تۇرۇبىلارغا سۇيۇقلۇق قۇيۇلسا، ئۇ قاچىلاردىكى سۇنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى تەڭمۇتەڭ بولىدۇ. بۇ نەزەرىيە ياكى قانۇنىيەتتىن سۇۋەيش قانىلىنى قازغان ئىنژېنېرلار پايدىلانغان. چۈنكى، ئۇلار دەسلەپتە قانال بىلەن ئىككى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغاندا ئوتتۇرا ئاق دېڭىز سۇلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزنى بېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. كېيىن بۇ نەزەرىيە ئىككى دېڭىز تۇتاش بولغانلىقتىن سۇنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتى تەڭمۇتەڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. — «ساجىيە».
10. بىرۇنىي: «ئەررازىي ئەسەرلىرى تىزىملىكى ھەققىدە رىسالە»، 223 – بەت، دوكتور كراۋس م. 1936 – يىلى نەشرگە تەييارلىغان.
11. بىرۇنىي: «جەۋھەرلەرنى بىلىشتىكى چوڭ گەۋدە (الجُماهر في معرفة الجواهر)»، «ئالەمۇلكۇتۇب»، 4 -، 5 – بەت. — «ساجىيە».
12. قاراڭ: بوئېر (T. J. De Boer): «ئىسلامىيەتتە پەلسەپە تارىخى/ The history of philosophy in Islam Geschichte der Philosophie im Islam))»، نەشرگە تەييارلىغان دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلھادىي ئەبۇ رىيدەنىڭ ئەلبىرۇنىي ھەققىدىكى قوشۇمچە يازمىلىرىغا قارالسۇن، 2 – باسمىسى، قاھىرە، م.1948. 195 – 205 – بەتلەر؛ ئەبۇلفۇتۇھ ئەتتۇنىسىي: «ئەبۇ رەيھان ئەلبىرۇنىي»، قاھىرە، م.1977. — «ساجىيە».
13. مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇئەللىفى «ھىجرىيە 364 – يىلى» دەپ يازغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدا «362 – يىلى» دەپ تۈزىتىلدى. — «ساجىيە».
14. بۇ بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشى بولۇپ، كۆپچىلىك تەتقىقاتچىلار بىرۇنىينىڭ خارەزم كەنتلىرىدىن بىيرون دېگەن يېزىدا تۇغۇلغانلىقىنى ۋە شۇ يېزىغا نىسبەت بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قاراڭ: يۇقىرىدا ئۆتكەن مەنبەدىكى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلھادىي ئەبۇ رىيدەنىڭ ئەلبىرۇنىي ھەققىدىكى قوشۇمچە يازمىلىرىغا قارالسۇن، 195 – بەت. — «ساجىيە».
15. تولۇق ئىسمى: «ھايات ۋە يۇلتۇزلاردىكى مەسئۇدىي قانۇن (القانون المسعودي في الحياة والنجوم)». — «ساجىيە».
16. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/317. — «ساجىيە».
17. قاراڭ: بەيھەقىي: «ئىسلام ھۆكۈمالىرى تارىخى (تاريخ حكماء الإسلام)» 82 – بەت. — «ساجىيە».
18. بىرۇنىينىڭ ئەسلى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى تۈرك دېسە، بەزىلەر پارس دەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئەرەب دەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ كىندىك قېنى تۈركىستان دىيارىدا يەنى ھازىرقى ئۆزبەكىستاندا تۆكۈلگەندۇر. شۇنداقتىمۇ بۇ دەتالاشلارنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بىرۇنىي ئۆزى ئىرقىي مەنسۇبىيەتكە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەن ۋە ئىلمىي مەنسۇبىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن. قاراڭ: دوكتور بەركات مۇھەممەد مۇراد: «پەيلاسوپ بىرۇنىي» 8 – بەت: دوكتور ئەلى شانىي: «غەزنەۋىيلەر دەۋرىدىكى پارس ئەدەبىياتى (الأدب الفارسي في العصر الغزنوي)»، تۇنىس، م. 1955. 255 – بەت: كارل بروكېلمان: «ئىسلام مەرىپەتلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى (دائرة المعارف الإسلامية)»، مۇھەممەد سابىت قاتارلىقلار ئەرەبچە تەرجىمەسى، تېھران، م. 1955. بىرۇنىي ماددىسى، 4/297 – بەت. — «ساجىيە».
19. قاراڭ: بىرۇنىي: «تېبابەتتىكى دورىگەرلىك (الصيدلة في الطب)» كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسى، قوليازما. — «ساجىيە».
20. قاراڭ: ئارسۇر يۇفام پوپ: «بىرۇنىي خاتىرىسى» 1951 – يىل، ھىندىستان.

Please follow and like us: