قەرزدارنىڭ ھەج ۋە ئۆمرەگە بېرىشىنىڭ ھۆكمى

قەرزدارنىڭ ھەج ۋە ئۆمرەگە بېرىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مېنىڭ قەرزلىرىم بار. بۇ يىل ئۆمرەگە بېرىپ كېلەي دېگەن ئارزۇيۇم بار. بارسام بولامدۇ ياكى ئالدى بىلەن قەرزنى قايتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سۆزلۈك مەنىسى «زىيارەت، ئاۋات قىلىش ۋە بەرپا قىلىش» دېگەنلىك بولغان ئۆمرە فىقھتا ئىھراملىق ھالدا كەئبەئى مۇئەززەمەنى تاۋاپ قىلىپ، سافا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ(1)، ئۆمرە توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ھەج ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿… بېرىشقا قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بەيتۇللاھقا بېرىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى…﴾(3/«ئال ئىمران»: 97) دېگەن ئايەتىدىكى «قادىر بولۇش» شەرتىگە ئاساسەن، ھەج ئۆزىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىنغان ھالدا، بېرىپ – كېلىشنىڭ چىقىملىرىغا ۋە قايتىپ كېلىپ بولغۇچە بالىچاقىلىرىغا يەتكۈدەك خىراجەتكە چىقىنالايدىغان كىشىگە يول تىنچ – ئامان بولسا ئاندىن پەرزدۇر، ئۇمۇ ئۆمرىدە بىر قېتىم. شۇڭا، ھەجنى نىيەت قىلغۇچى قەرزلىرىنى تۆلەپ بولغان بولۇشى، شۇنداقلا يۇقىرىقى شەرتلەرگىمۇ توشىدىغان بولۇشى كېرەك. ھەتتا ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ: «يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئاي يەتكۈدەك خىراجىتى بولۇشى كېرەك» دېگەنلىكىمۇ نەقىل قىلىنغان. دەرۋەقە، ھەجدىن قايتىپ بىرەر ئايغىچە زىيارەت قىلىدىغان ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – جامائەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەسلىك… دېگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ – دە، ھۈنەر – كەسىپ ياكى خىزمىتىنى جايىدا قىلىپ بولالمايدۇ(2). دېمەك، قەرزىدىن ئېشىنالمىغان كىشى ئۆز پۇلىدا ھەج قىلالمايدۇ.

ھەجگە توسالغۇ بولىدىغان قەرز دېگەندە نوقۇل باشقىلاردىن ئۆتنە ئالغان قەرزلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، بەلكى ھەرتۈرلۈك نەق – نېسى قەرز، تۆلەم، شۇنداقلا ئومۇم پېقىرلەرنىڭ ھەققى بولمىش زاكات، نەزر، فىديە، كەففارەت… ۋەھاكازالارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ.

دېمەك، قەرزدار كىشىنىڭ قەرزنى تۆلەپ بولمىغۇچە ھەجگە بېرىشى پەرز ئەمەس. نەق – نېسى قەرز، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنىڭ تەقەززاسى، پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ھەققىگە چېتىلىدىغان زاكاتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ئەھلى ئائىلەسىنى ھەددىن زىيادە قىسىپ، جان – جەھلى بىلەن ھەجگە مەركەزلەشكەن كىشىنىڭ ھەجى بارچىدىن بىھاجەت ھەقتائالاغا كېرەك ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا كىشىنىڭ قىلغان ھەجى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ ھەققى بەدىلىگە قىلىنغان ھەج بولىدۇ – دە، «ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇربى يېتىش» شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەتتا قولىدىكى ئىقتىسادنى قەرزىنى تۆلەشتىن ئىبارەت پەرزگە سەرپ قىلماي، ئۆزىگە پەرز بولمىغان ھەجگە سەرپ قىلغانلىقى، قەرز ئىگىلىرىنىڭ شۇنداقلا بالىچاقىلىرىنىڭ ھەققىنى كېچىكتۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە ئارقىغا سۆرىگەنلىكى تۈپەيلى گۇناھكار بولىدۇ.

ھەجگە بارماقچى بولغان كىشىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان قەرزى بولسا، بىراۋنىڭ ھەققى چېتىلغانلىق سەۋەبلىك، قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزىنى تەلەپ قىلىپ قەرزدارنى سەپەردىن توختىتىپ قويۇش ھەققى بولىدۇ.

ئەگەر كىشىنىڭ قول ئىلىكىدە مەلۇم ماددىي مال – مۈلك بولسىمۇ، ئۆزى ۋە بالىچاقىلىرى ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق پەقەتلا ھەج ئۈچۈن سېتىۋېتىشى توغرا ئەمەس. ئەمما، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق مال – مۈلۈك بولسا، ئۇ كىشى پەرز ھەجنىڭ ئىقتىسادىي شەرتىنى ھازىرلىغان ھېسابلىنىدۇ – دە، بۇلارنى دەرھال نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، ھەجگە مېڭىشى ۋاجىبتۇر.

ھەجگە بېرىپ – كېلىش ئۆتمۈشتىلا ئەمەس كۈنىمىزدىمۇ كۆپرەك راسخوت ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئەمەلدۇر. ھەج پائالىيەتلىرى ۋە سەپەرنىڭ رەنجۇمۇشەققەتىمۇ ھاجىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا كىشى بۇ سەپەردە ياكى شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە ئەرافاتتا تۇرۇش جەريانىدىكى قىستاڭچىلىقتىن، ياكى ھەرقانداق باھانە – سەۋەب ياكى سەۋەبسىزلا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. قەرزدار ھاجى ئالىمادىس ئۆلۈپ كەتسە، ئەگەر قەرز ھۆججەتلەنمىگەن بولسا، ۋارىسلار قەرزدىن تېنىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، قەرزدار تۇرۇپ ھەجگە بارماقچى بولسا، قەرز ئىگىلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر قەرز ئىگىلىرى مۆھلەت بېرىپ، قەرزنى كېچىكتۈرۈپ تۆلىشىگە رازى بولسا، شۇنداقلا ھەجدە ياكى يولدا ئۆلۈپ كەتسە قەرزدىن رازى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئاندىن بارسا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ قەرزنى قايتۇرالىشىغا كۆزى يېتىشى ۋە ئىشەنچىسى بولۇشى كېرەك. ھە، بەلكىم ھەج سەپىرى ئۇنىڭغا ھالال يول بىلەن كىرىم قىلىش يولىنى ئېچىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ھەجگە بېرىپ قالسا قەرزلەرنى قايتۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرىسە ياكى ھەجگە كەتكەنلىكتىن ئىشى ۋە كىرىمى توختاپ، قەرزنى قايتۇرالماسلىق ئېھتىماللىقى چوڭ بولسا، يەنىلا بارماسلىقى لازىم.

بەزى ئالىملار: «تۆلەش ۋاقتى كەلمىگەن ياكى ئۇزۇن مۇددەتتە قەرەللىك تۆلەيدىغان قەرز بولسا، قايتقاندا تۆلەشكە كۆزى يەتسە، قەرز ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ بارىدا ۋەسىيەت يېزىپ قويۇشى ياكى بىرنەچچە كىشىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى شەرت» دەپ قارىغان.

ئەگەر كىشى قەرزىنى تۆلىمەي ھەجگە بارغان بولسا، قىلغان ھەجى ئىناۋەتلىك بولامدۇ؟ دېگەندە، ئىمام ئىبنى قۇدامە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن): «گەدىنىدە بۇ تۈرلۈك ھەقلەر بولغان كىشى ھەج قىلىپ بۇ ھەقلەرنى زايە قىلىۋەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھەجى توغرا. چۈنكى، بۇ ھەقلەر يەنىلا ئۇنىڭ گەدىنىدە»(3) دېگەن.

لېكىن، بۇ كىشىگە ئەسلىدە ھەج پەرز بولماي تۇرۇپ قىلغان ئۇشبۇ ئىناۋەتلىك ھەجى پەرز ھەجگە ھېساب بولۇپ، گەدىنىدىن پەرز ھەج ساقىت بولامدۇ؟ دېگەندە، بۇنى جەزم قىلىش بەسى مۈشكۈلدۇر. چۈنكى، ئالىملار بۇ خىل ئەھۋاللاردا بىردەك قاراشقا كېلەلمىگەن. مەسىلەن، مىدىرلىيالماس بولۇپ يېتىپ قالغان بىمار ئۈچۈن بىرى ھەج قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىمار سەللىمازا ساقىيىپ كەتسە، ئۇ كىشى ھەجگە بېرىشى كېرەكمۇ؟ ياشىنىپ قالغان ياكى ساقايماس دەپ قارالغان بىمار كىشى رامازاندا روزا تۇتماي فىديە بەرگەندىن كېيىن روزا تۇتالايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالسا، قازاسىنى تۇتۇشى كېرەكمۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد(4). شۇڭا، مۇمكىنقەدەر كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇربى يەتكەندە پەرز ھەجىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

خەلقىمىزدە «ھەج قىلسىلا قۇل ھەققىدىنمۇ خالاس بولۇپ ئانىدىن تۇغۇلما بولۇپ كېتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بۇ ئاساسسىز گەپ. چۈنكى، «ئاللاھنىڭ ھەققى كەڭچىلىك ئاساسىدا، قۇل ھەققى دەتالاش ئاساسىدا» دېگەن فىقھىي قائىدە بويىچە، بەندە ھەرقانچە گۇناھكار بولسىمۇ، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەن بولسىلا، ئىخلاس بىلەن لاياقەتلىك ھەج قىلسا ئاللاھ تائالاغا قىلغان گۇناھلىرىدىن پارىغ بولغىنى بىلەن، قۇل ھەققىدىن پەقەت ئۇنى ئىگىسىگە ئادا قىلىش ياكى ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش بىلەنلا خالاس بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچنېمىگە موھتاج بولمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ساپ ھەققىنى بەندىلىرىگە مېھرىبانلىقىدىن ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، قەسر ناماز، تەيەممۇم قاتارلىق كەڭچىلىكلەر ئاللاھنىڭ ساپ ھەقلىرىدە كۆپ بولىدۇ. ھەجنىڭ قەرزدارغا «قادىر بولۇش» شەرتى ھازىرلانمىغانلىقتىن پەرز بولماسلىقىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. لېكىن، بەندە ئاجىز، موھتاج بولغۇچىدۇر، شۇڭا بەندىلەرئارا ھەقتە كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەقدار ئەپۇ قىلىۋەتمەيدۇ.

قولىدا يېتەرلىك ئىقتىسادى بار ئايال مەھرەمى بىلەن ھەجگە بارالايدىغان ئىمكانىيىتى بولسا، ئېرى قەرزدار تۇرسىمۇ، ھەجگە بېرىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئايالنىڭ ھەجگە قۇربى يېتىدۇ. ئېرىنىڭ قەرزنى تۆلەش ئىختىيارىي ياردەم قاتارىدىكى نەفلە بولۇپ، پەرز ھەج بۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

ھەجگە بېرىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشمۇ ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن پەرز ئەمەس، چۈنكى قۇربى يېتىش ھەجنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر(5). پەرز بولۇش ئۈچۈن شەرت قىلىنغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش پەرز ئەمەس. بۇ بارىدا ئومۇمىي قائىدە شۇكى، پۇل – مال ئاساس قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەتتە پۇل – مالنىڭ ئىلىكىدە بولۇشىغا قارىلىدۇ. پۇل – مالنى ئىلىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، ھەجگە قۇربى يەتمىگەن كىشىدىن ھەج ئۈچۈن قەرز ئېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ھەققىگە چېتىلىدىغان زاكات مەسىلىسىدىمۇ، قولىدا زاكات بەرگۈدەك نىساب (زاكات بېرىش بايلىق ئۆلچىمى) قا يەتكەن پۇل – مال يوق بولسا، نىسابقا يەتكۈدەك پۇل – مال قەرز ئېلىپ تۇرۇپ زاكات بېرىشى كېرەك بولمىغىنىدەك، ھەجگىمۇ قەرز ئېلىپ تۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئەمەس.

ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇرىدىغانلار بولسا، بۇ قەرزنى كېيىن تۆلىيەلەيدىغان ئىمكانىيىتى بولسا يۇقىرىدا شەرت قىلىنغاندەك «قەرزنى ھۆججەتلەپ ياكى ۋەسىيەت قىلىپ بارسا جائىز» دەپ قارىغان ئالىملار بار بولسىمۇ، ئەڭ توغرىسى قەرز ئېلىپ تۇرۇپ ھەجگە بارماسلىقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ پەرز قىلمىغاندىن كېيىن كېيىنچە قايتۇرالماسلىق ئېھتىماللىقى بار قەرزنى گەدىنىگە يۈكلىۋالمىغىنى تۈزۈك. قايتۇرۇشتا كېچىكسە يۈزى سارغىيىدۇ، قايتۇرالماستىن دۇنيادىن كېتىپ قالسا قەرز گەدىنىدە قالىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

— كىشى قەرز ئېلىپ ھەجگە بارسا بولامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا:

— قەرز ئالماي ئىشلەپ ئاللاھتىن رىزىق تىلەيدۇ، ھەجگە بارمايدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەن(6).

ئىمام شافىئىي بۇ ھەقتە ئېيتىدۇ: «ئىلىكىدە قەرز سورىماستىن ھەج قىلغۇدەك ئىقتىساد بولمىغان كىشى بېرىشقا قادىر بولالمىغان كىشىدۇر. ئەمما، مال – مۈلكى بار بولسا، بىر قىسمىنى سېتىشى كېرەك ياكى شۇ مال – مۈلكىنى رەنە قويۇپ قەرز ئېلىپ ھەج قىلىشى كېرەك. تۇرىدىغان ئۆيى ۋە خىزمەتچىسى، شۇنداقلا ھەجدىن ھايات قايتىپ كەلگۈچە بالىچاقىلىرىنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك خىراجەتلىرى بار بولسا، ھەجگە بېرىشى كېرەك. ‹ھەجگە بېرىش چىقىمىغا خەجلىسە بالىچاقىلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە يەتمەيدىغان بولسا، بالىچاقىلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە خەجلىشى ھەجگە بارغاندىن زۆرۈر› دەپ قارايمەن، ۋەللاھۇ ئەئلەم. سەپەردىكى چاغدا بالىچاقىلىرىغا كېتەرلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى تەق قىلالمىغان كىشىگە ھەج پەرز بولمايدۇ»(7).

سۇفيان ئەسسەۋرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «ئۆلۈپ كەتسە قەرزىنى تۆلىگۈدەك مۈلكى بار كىشى قەرز ئېلىپ ھەجگە بارسا بولىدۇ. تېخى ھەج قىلىپ باقمىغان، ھېچقانداق مۈلكى يوق كىشىنىڭ قەرز ئېلىپ، تىلەپ تۇرۇپ ھەجگە بېرىشىنى توغرا تاپمايمەن. شۇنداق ھەج قىلىپ قالسا ياكى ياللىنىپ ئىشلەپ يۈرۈپ ھەج قىلسا پەرز ھەجگە ھېساب بولىدۇ»(8).

ئەمدى، ئۆمرە قىلىشنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە توختىلىدىغان بولساق، ئالىملار تۇنجى قېتىمدىن كېيىن قىلغان ئۆمرەنىڭ پەرز ئەمەسلىكىدە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ھەنەفىي ۋە مالىكىيلەردە مۆتىۋەر قاراش «ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش سۈننەتى مۇئەككەدە» دېسە، شافىئىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ قارىشىدا «ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش پەرزدۇر»(9). پەرز دېگۈچىلەر: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، …﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن ئايەت ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشەدىن: «ئاياللارغا جىھاد كېرەكمۇ؟» دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «شۇنداق، ئۇلارغا ئىچىدە ئۇرۇش يوق بىر جىھاد كېرەكتۇر: ھەج ۋە ئۆمرە» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغانلىقىنى(10) دەلىل قىلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئەمر ھەنەفىي ۋە مالىكىيلەرنىڭ قارىشىدا ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولغان ھەج ۋە ئۆمرەنى تاماملاشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۆمرەنىڭ سۈننەت ئەمەللىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆمرەنىڭ ۋاجىب ياكى ئەمەسلىكى سورالغاندا، ئۇ زاتنىڭ: «ياق، لېكىن ئۆمرە قىلىشىڭلار تېخىمۇ پەزىلەتلىك»(11) دېگەن ھەدىسىنى دەلىل كەلتۈرۈشىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، مۇبادا بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆمرە قىلىشنى ھەجگە ئوخشاش پەرز دېسەكمۇ، قەرزدار ھالەتتە ئۆمرە قىلىشنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۇتلەق پەرز ئەمەل ھەجنىڭ ھۆكمىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. «پەرز ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتقان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 16 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2022، 10 – نويابىر


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/314؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە)، 42/150، ئىستانبۇل، 2012.
2. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/150؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/172.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/172.
4. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/259؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 3/429.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/76؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3/468؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 2/457.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (16113)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۇنەنۇل كۇبرا»، (8916). سەنەدى سەھىھ.
7. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/116.
8. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 9/135.
9. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/150؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/160؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/314.
10. «ئەھمەد»، (25361)؛ «ئىبنى ماجە»، (2901). شۇئەيب ئارنائۇت ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
11. «تىرمىزىي»، (931). تىرمىزىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ