ئەلقادىر، ئەلقەدىير، ئەلمۇقتەدىر ئاللاھ

ئەلقادىر، ئەلقەدىير، ئەلمۇقتەدىر ئاللاھ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھاب ئەلفىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (فىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن﴾(6/ئەنئام»: 65).

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھاب ئەلفىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (فىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە (قادىردۇر)﴾(6/ئەنئام»: 65) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «اَعُوْذُ بِوَجْهِكَ (ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن)» دېدى. ئاندىن ﴿ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر﴾(6/ئەنئام»: 65) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئىككىسى ئاساندۇر» دېدى(1). (يەنى كېيىنكى ئىككى تۈرلۈك ئەھۋال پىتنە بولسىمۇ، مۇئمىننىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە كەلگەن قاتتىق ئازابلارغا قارىغاندا يەڭگىلدۇر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق. بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!﴾(77/«مۇرسەلات»: 20 – 23)، ﴿چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ، ئاللاھ خاھلىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(2/بەقەرە»: 20)، ﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچنەرسە ئاللاھنى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر﴾(35/«فاتىر»: 44)، ﴿(پۈتۈن ئاسمان – زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(67/«مۇلك»: 1)، ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر – بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ – تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(18/«كەھف»: 45)، ﴿شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ﴾(54/«قەمەر»: 54، 55).

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى مەنىسى

ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچنەرسە ئىلاجسىز قالدۇرالمايدىغان مۇكەممەل، تولۇق قۇدرەت ئىگىسىدۇر. يەنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇتلەق بولۇپ، مەلۇم بىر چەكتە توختاپ قالمايدۇ ۋە ئاساس، سەۋەبلەرگە موھتاج بولمايدۇ. رەببىىمىز ئاللاھ بۇ كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى تەقدىرى، قۇدرىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ: ﴿بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز! ﴾(77/«مۇرسەلات»: 23). يەنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىرنەرسىنى تەقدىر قىلسا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر.

ھەممىگە قادىر ئاللاھ قۇدرىتى بىلەن مەۋجۇداتلارنى پەيدا قىلدى، ئىدارە قىلدى، چىرايلىق ۋە پۇختا ياراتتى. ئۇ ئاللاھ قۇدرىتى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. بەندىلەرنى جازا – مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈپ، ياخشىلىق قىلغۇچىغا مۇكاپات، يامانلىق قىلغۇچىغا جازا بېرىدۇ.

ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئەمرى، ھۆكمى ۋە تەقدىرى «كاف» بىلەن «نۇن»نىڭ (يەنى «بول» مەنىسىدىكى «كُنْ» سۆزى مەقسەت قىلىنىدۇ) ئارىسىدا بولۇپ، ئەگەر بىرنەرسىنى ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا: «بول» دەيدۇ – دە، ئۇ بولىدۇ.

ھەممىگە قادىر ئاللاھ كۈچ – قۇۋۋەتنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مەخلۇقاتلىرىدىن ئۇنىڭغا لايىق بولغان كىشىگە بېرىدىغان بولۇپ، قاچان خاھلىسا شۇ چاغدا ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى يارىتىشقا قادىردۇر.

ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى

بىرىنچى: مەخلۇقاتلارنى ياراتقانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدىغانلىقى، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقى

بۇلارغا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر﴾(22/«ھەج»: 66).

﴿ئىنسان ھەقىقەتەن ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر﴾ يەنى ئىنسان ھېچنەرسە ئەمەس چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ياراتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تۇيۇقسىز قەبزى روھ قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى سوئال – سوراق ۋە جازا – مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى.

ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(31/«لۇقمان»: 28). يەنى بىر ئادەمنى يارىتىپ، كېيىن يەنە قايتا تىرىلدۈرگەنگە ئوخشاش ئاساندۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ نەزەرىدە ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، ھەممە نەرسە باراۋەر بولۇپ، ئۇ زاتقا ھېچنەرسە تەس كەلمەيدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدىن بىرلا ۋاقىتتا قانداق ھېساب ئېلىپ بولىدۇ؟» دەپ سورالغان چاغدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا رىزق بەرگەندەك (ھېساب ئالىدۇ)» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(30/«رۇم»: 27). يەنى ھەرقانداق نەرسە ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇ (نى يوقتىن بار قىلىش، يوقىتىش يەنە قايتا يارىتىش…) ئاللاھ تائالاغا تولىمۇ ئوڭايدۇر.

زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا دېگەن سۆزى قۇرئاندا مۇنداق كەلگەن: ﴿زەكەرىييا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟» (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ‹بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)›»﴾(19/«مەريەم»: 8، 9).

ھەزرىتى مەريەم ئانىمىزنىڭ سۆزى مۇنداق كەلگەن: ﴿مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟» جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ‹ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر›»﴾(19/«مەريەم»: 20، 21).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا – باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر﴾(25/«فۇرقان»: 54).

ئىككىنچى: مەخلۇقاتلارنىڭ سۈرەت – شەكىللىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقى

ئىبنى ھەزم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئاجايىباتلىرىدىن بىرى شۇكى، مەخلۇقاتلارنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى ئىنساننى كۆرمەيدىغانلىقىمىزدۇر»(2).

ئى قېرىندىشىم! ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلىش ئۈچۈن بۇنى ياخشى ئويلانغىن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئاللاھ تائالا ياراتقان ۋە قىيامەت كۈنىگىچە يارىتىدىغان سان – ساناقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە يارىتىلىشى بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى ئىنساننى تاپالىشىمىز زىنھار مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇ بولسا كۆپىنچە ئىنسانلار دىققەت قىلمايدىغان چوڭ مۇئجىزەدۇر.

بەلكى يەنە مەخلۇقاتلار يارىتىلغاندىن تارتىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە ياشىغان ۋە ياشايدىغان بۇنچە كۆپ ئىنسانلارغا قاراپ باققىنكى، ئۇلاردىن بارماق ئىزلىرى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى ئادەمنى تاپالمايسەن. بۇ ئاجايىب قۇدرەتنىڭ ئالدىدا ئىنسان «سۇبھانەللاھ!» دېمەي تۇرالمايدۇ. رەببىمىز ئېيتىدۇكى: ﴿ئىنسان (يەنى كاپىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز﴾(75/«قىيامەت»: 3، 4).

ئۈچىنچى: ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقى

بۇ ئەھۋال ئىنسانلار دۇنياسىدا قايمۇققان قەلبلەرنى ساقايتىدىغان ھەيران قالارلىق شەكىللەردە بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەندۇر. ئۇنىڭ قاتارىدىن ئاللاھ تائالا بىزگە «سۈرە بەقەرە»دە سۆزلەپ بەرگەن تۆۋەندىكى ئەھۋالدۇر: ﴿ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىن ئازراق (ۋاقىت) تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك – ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان. ئېشىكىڭگە قارىغىنكى، (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 259).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھەيران قالارلىق قۇدرىتىنىڭ بىرقانچە ئالامەتلىرى بار:

1) ئاللاھ تائالانىڭ ئۇزەير ئەلەيھىسسالامنى تېنى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كېتىشى ئۈچۈن يۈز يىل ئۆلۈك ھالەتتە تۇرغۇزغانلىقى، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەندەك شەكىلدە قايتا تىرىلدۈرگەنلىكى؛

2) ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن: «بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بەندىنىڭ باشقىلار تۈگۈل ئۆزىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى مۇكەممەل بىلىشتىنمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر؛

3) ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزۇن ۋاقىتنى ھېس قىلدۇرمىغانلىقى؛ ئۇنىڭغا يۈز يىل بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئازدەك بىلىندى. بۇنىڭدا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، كائىناتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىش ۋە كائىناتتىكى ئىنسانلاردىن تارتىپ ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت باردۇر.

4) ئاللاھ تائالانىڭ تائامنى شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىمۇ ئۆزگەرتىپ قويماي ساقلىغانلىقى؛

5) ئاللاھ تائالانىڭ ۋاقىتقا بەدەنگە قارىتا ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تونۇشلۇق بولغان ئۇنى پارچە – پارچە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت تەسىرىنى كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىپ، تاماققا قارىتا رۇخسەت قىلمىغانلىقى؛ چۈنكى، بۇ پەيغەمبەرنىڭ بەدىنى (چىرىپ) توپا بولۇپ كەتتى. ئېشىكىمۇ شۇنداق بولدى. ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن باشقا كىم ۋاقىتقا بەدەنگە قارىتا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، تاماققا تەسىرىنى كۆرسەتمەسلىككە رۇخسەت قىلالايدۇ؟! (ئەلۋەتتە، ھېچكىم)

6) ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئېشىكىنى كۆزى ئالدىدا تىرىلدۈرگەنلىكى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزەير ئەلەيھىسسالام ئېتىراپ قىلغان ھالدا: ﴿مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم﴾(2/«بەقەرە»: 259) دېدى.

تۆتىنچى: قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقى

مەخلۇقنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە قەھرى قانچىلىك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكىنى ئۆزگەرتىش تۈگۈل بىلىشكىمۇ قادىر بولالمايدۇ. يەنى سەن بىر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ، قەلبىڭ شۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسا، ئەگەر ئاللاھ خاھلىمىسا، ھېچكىم بۇ ياخشى كۆرۈشنى يامان كۆرۈشكە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. يەنە ئەگەر بىرسىنى يامان كۆرۈپ قالساڭ، زېمىندىكى ھەممە كۈچلۈكلەر بىر يەرگە كېلىپمۇ، قەلبىڭنى كونترول قىلىشقا ۋە قەلبىڭنى زورلاپ بۇ يامان كۆرۈشنى بىردەم بولسىمۇ ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدۇ. لېكىن، رەببىمىز ئاللاھ بۇنى قىلالايدۇ.

فۇزالە ئىبنى ئۇمەيرگە قاراپ باقايلى! ئىلگىرى ئۇنىڭ قەلبى ئىسلامغا ۋە ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرىگە قارىتا ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ – نەپرەتكە تولۇپ كەتكەنلىكتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مۇشرىك ئىدى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغىلى كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:

ــ فۇزالەمۇ سەن؟ ــ دېگەنىدى، ئۇ:

ــ شۇنداق، (مەن) فۇزالە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ــ دېدى.

ــ ئۆزۈڭگە نېمىنى سۆزلەۋاتىسەن؟

ــ ھېچنەرسىنى. ئاللاھنى زىكىر قىلىۋاتقان ئىدىم، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!

(بۇ گەپلەردىن كېيىن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈلۈپ كەتتى ۋە:

ـ ئەستەغفىرۇللاھ! ــ دېدى. ئاندىن (مۇبارەك) قولىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويغانىدى، ئۇنىڭ قەلبى تىنچلىنىپ قالدى. فۇزالە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولىنى مەيدەمدىن كۆتۈرۈپ بولغۇچە، ئۇ زات ماڭا ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ سۆيۈملۈكى بولۇپ تۇيۇلدى»(3).

فۇزالەنىڭ قەلبىنى بۇ ئۆتكۈنچى لەھزىدە بۇ خىل شەكىلدە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن كىم؟

ئۇ بولسىمۇ ھەممىگە قادىر ئاللاھتۇر.

سۇمامە ئىبنى ئۇسالغا قاراپ باقايلى! بۇ ساھابە تەۋھىد كەلىمەسىنى سۆزلىگەن چاغدا نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى: «ئى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يەر يۈزىدە ماڭا سىلىنىڭ يۈزلىرىدىنمۇ ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر يۈز يوق ئىدى، ھازىر سىلىنىڭ يۈزلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك يۈز بولۇپ قالدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سىلىنىڭ دىنلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ھازىر سىلىنىڭ دىنلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك دىن بولۇپ قالدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سىلىنىڭ يۇرتلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر يۇرت يوق ئىدى، ھازىر سىلىنىڭ يۇرتلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك يۇرت بولۇپ قالدى»(4).

بۇنى قىلغان پەقەت قەلبلەرنى ئۆرۈپ – چۆرۈشكە ۋە ئىشلارنى، ئەھۋاللارنى خاھلىغىنىچە ئۆزگەرتىشكە قادىر بىردىنبىر زات ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادۇر.

قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قەسەم قىلسا: «قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات بىلەن قەسەمكى»(5) دەيتتى (يەنى بۇ جۈملە ئاللاھنىڭ قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ).

قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن، ئېنىقكى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ. رەببىمىز شۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر﴾(8/«ئەنفال»: 24).

ئىبنۇلقەييىم رەھىمۇھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قۇدرىتى كامىل بولغان ھەممىگە قادىر ئاللاھ خاھلىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. كىشىنى يا مۇئمىن، يا كاپىر، يا ياخشى، يا فاجىر قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئائىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئەمرى بىلەن كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان پېشۋالاردىن قىلدى. فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى بولسا كىشىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدىغانلاردىن قىلدى»(6).

بەشىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھكارلارنى ھالاك قىلىشقا ۋە زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىدىغانلىقى

ھەربىر گۇناھكار ياكى زالىم ئۆزىنى ئاللاھ تائالا مېنى بوش قويۇۋەتتى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. بەلكى ئاللاھ ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلغۇچىغا بىر چاغقىچە مۆھلەت بېرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بىر تۇتىدۇ – دە، ئۇ ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ﴿پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر﴾(11/«ھۇد»: 102) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى(7).

ئاللاھنىڭ گۇناھكارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ۋە زالىملاردىن ئىنتىقام ئالغانلىقىنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتە بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر: ﴿ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچنەرسە ئاللاھنى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر﴾(35/«فاتىر»: 44).

خۇددى ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنى، زالىملارنى ھالاك قىلىشقا قادىر بولغاندەك، دوستلىرىغا، سالىھ بەندىلىرىگە — ئۇلارنىڭ سانى ۋە قورالى ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ ياكى بوزەك قىلىنغان بولسىمۇ — ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 249)، ﴿كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(22/«ھەج»: 42)، ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر. ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(58/«مۇجادەلە»: 20، 21).

ئالتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئاخىرەتتە ئاشكارا بولىدىغانلىقى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكى ھەدىسىدە بۇ نۇقتىنى مۇنداق زىكىر قىلغان: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى ئاسمانلارنى قاتلايدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتىدۇ، ئاندىن: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى زالىملار! قېنى مۇتەكەببىرلەر!› دەيدۇ. ئاندىن زېمىنلارنى سول قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئاندىن: ‹مەن پادىشاھدۇرمەن، قېنى زالىملار! قېنى مۇتەكەببىرلەر!› دەيدۇ»(8).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇشبۇ سۆزىدىن تېخىمۇ ئەجەبلىنىشىمىز كېرەك: «كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ: بىرى، پىيادە ماڭغۇچىلار؛ يەنە بىرى، ئۇلاغقا مىنگۈچىلەر؛ يەنە بىرى، يۈزىچە ماڭىدىغانلار. بىر كىشى:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قانداق يۈزىچە ماڭىدۇ؟ ــ دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇلارنى دۇنيادا پۇتلىرى بىلەن ماڭدۇرغان زات قىيامەت كۈنى ئۇلارنى يۈزلىرىچە ماڭدۇرۇشقا ھەقىقەتەن قادىردۇر، ــ دېدى»(9).

ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ۋە زەئىپلىكى

ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نامايان بولغانىكەن، ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ۋە زەئىپلىكى ئاشكارا بولىدۇ. ئىنساننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئاتاسى بولۇپ، ئاللاھ خاھلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئېلىۋېلىشقا قادىردۇر. ئىنساننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى مەلۇم تەرەپلەرگە ۋە مەلۇم ۋاقىتلارغىلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇ تۈرلۈك ھادىسىلەر، كېسەللىكلەر ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن شۇنداقلا كىبىرلىك قىلغانلىقى بائىس ئاخىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئىنساننىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ئەتراپىدىكى ياردەمچىلەردىن، تەجرىبە ئىگىلىرىدىن ياردەم سورىشى ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئىشلىتىشى ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مەسىلەن، ئىنسان كۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى مىكروسكوب بىلەن، كۆرەلەيدىغان دائىرىسىنىڭ قىسقىلىقىنى تېلىسكوپ بىلەن، مېڭىشىنىڭ ئاستىلىقىنى ماشىنا، پويىز، ئايروپىلان دېگەندەك قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن، قولىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەتىركە ۋە ئامبۇر قاتارلىقلار بىلەن تولۇقلايدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى تولۇق، مۇكەممەل بولۇپ، بىرەر چەكتە توختاپ قالمايدۇ ۋە سەۋەب – ئاساسلارغا ياكى ياردەمچى – خەبىرلەرگە موھتاج بولمايدۇ. جىمى نۇقسانلاردىن پاك بولغان رەببىمىز ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 82).

ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى (بۇ سۈپەتكە قارىتا ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟)

بىرىنچى: ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشىمز ۋە داۋاملىق ئىلتىجا قىلىشىمىز كېرەك

كىمكى ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇسا، پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ئېسىلمايدۇ، ئاللاھنىڭلا قوغدىشىنى سورايدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئاللاھقىلا تاپشۇرىدۇ. چۈنكى، ئىشلارنىڭ تىزگىنى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھنى ھېچنەرسە ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسە تەس كەلمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ فىرئەۋن ئەلەيھىللەئنە بىلەن بولغان قىسسەسىگە نەزەرىمىزنى بۇراپ باقايلىكى، كىم ھەممىگە قادىر، مۇقتەدىر ئاللاھقا تايانسا ۋە ئېسىلسا، پۈتۈن مەخلۇقاتلار بىرلەشسىمۇ، ئۇنىڭغا قىلچىلىك ئەزىيەت يەتكۈزەلمەيدۇ. فىرئەۋننىڭ سەركەشلىكى، ماختىنىشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ دەئۋىتىنى مەسخىرە قىلىشى، شۇنداقلا: ﴿مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن﴾(40/«غافىر»: 26) دېگەن سۆزى ئالدىدا، شۇ لەھزىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام قانداق قىلدى؟ نېمە دېدى؟ پەقەت ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھقىلا تاياندى: ﴿مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) غا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەربىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن﴾(40/«غافىر»: 27).

پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىزنىڭ قەلبلىرىمىزدە مۇستەھكەم قارارلىشىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇ زاتقا چىن دىلىمىزدىن ھەقىقىي بويسۇنۇشىمىز ۋە تەلپۈنۈشىمىز ئۈچۈن قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى بىزگە تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتىگە ۋە يەككە – يېگانە زات ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈپ سۆزلەپ بەرگەن ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى: ﴿ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر. ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر. ئاللاھ بىر جۈپنى — ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى، ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى). (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى. ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە مەمنۇن قىلالايدۇ. ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى. سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى. ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى. (ئى ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېئمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟!﴾(53/«نەجم»: 42 – 55)، ﴿(بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزەرى بىلەن) قارىسۇن. (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق. سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت – چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق﴾(80/«ئەبەسە»: 24 – 32).

مانا بۇ دەل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چوڭلاردىن ئىلگىرى كىچىكلەرنىڭ قەلبلىرىگە ئورنىتىشقا ھېرىسمەن بولغان توغرا ئەقىدىدۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى، بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغانىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن ساڭا بىرنەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ‹ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھ تائالامۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكىن، ئاللاھ تائالانى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. قاچانكى، بىرەرنەرسە سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھ تائالادىنلا سورا. ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ، ئاللاھ تائالادىن تىلە. بىلگىنكى، ئەگەر جىمى ئادەملەر ساڭا بىرەرنەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ساڭا ئاللاھ تائالا ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەرنەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، ئاللاھ تائالا ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى. بەتلەر قۇرۇدى (يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى)› دېدى»(10).

ئىككىنچى: ھەر دائىم ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىدىن ئەيمىنىشىمىز كېرەك

يەنى بەندە گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە ئۆزىنى قويۇپ بەرمەسلىكى ۋە شەھۋىتىگە بويسۇنماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھنى مۈگىدەك باسمايدۇ، ئۇ زات ھېچقاچان ئۇخلىمايدۇ. بەندىنىڭ ئەمەللىرى بولسا بىرمۇبىر خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شۇنىڭغا قارىتا ھېساب ئېلىنىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، كىمكى ئىگىسى ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر زات ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ زاتنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ ۋە ئۇ زات چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەك – چېگرالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ئەھۋالدا پەقەت ئۆزىنىلا ئەيىبلىسۇن.

ئۈچىنچى: ھەرقانداق زۇلۇمدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك

بولۇپمۇ بەندىلەرنىڭ جانلىرىغا، ماللىرىغا ۋە يۈز – ئابرويىغا قارىتا زۇلۇم قىلىشتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش بەندىنى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ۋە دۈشمەنلىك قىلىشتىن توسىدۇ.

بەزىدە بىرقىسىم ئىنسانلارنىڭ خۇددى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرمايدىغاندەك ھەددىدىن ئېشىپ، باشقىلارغا ياۋۇز قولىنى سوزۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك – شۈبھىسىز قاتتىقتۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 12).

ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر غۇلامىمنى ئۇرغان ئىدىم، شۇ زامات ئارقامدىن: ‹ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلگىنكى، ئاللاھنىڭ ساڭا سېنىڭ ئۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتكەندىنمۇ بەكرەك كۈچى يېتىدۇ› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇرۇلۇپ قارىسام، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭ، سېنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرگەن بولاتتى، — دېدى»(11).

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەزى خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق مەكتۇپ يازغان:

«ئەگەر بىرسىنى بوزەك قىلىشنى مەقسەت قىلساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى ئەسلىگىن! بىلگىنكى، سەن كىشىلەرگە نېمىلا قىلغىن، (بۇنىڭ تەسىرى) كىشىلەردىن يوقاپ كېتىپ، سەندە قېپقالىدۇ. يەنە بىلگىنكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مەزلۇملار ئۈچۈن زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدۇ، ۋەسسالام»(12).

كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان گۈزەل بىر ھېكمەت بار:

«كۈچ – قۇۋۋىتىڭ سېنى كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشقا ئۈندىسە، ئاللاھنىڭ ساڭا كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ئويلىغىن».

تۆتىنچى: ھەرگىز «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى قىلماسلىقىمىز كېرەك

كىمكى ھەممىگە قادىر ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇسا، ھېچنەرسىگە «ئۇ مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ «ئەلقادىر (القَادِرُ)» دېگەن ئىسمىغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىننىڭ ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتىكى ئىرادىسى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولىدۇ. مانا بۇ دەل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا قىزىققىن، ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىزلىقنى ئۆزۈڭگە يولاتمىغىن…»(13) دېگەن سۆزىدە مەقسەت قىلغان نۇقتىدۇر.

ئى قېرىندىشىم! ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن گۈزەك خىسلەتلەر بىلەن خۇلقلىنىشقا — گەرچە بەك تەس تۇيۇلسىمۇ — ياردەم تىلىگىن.

ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن ناچار ئەھۋاللىرىڭدىن قول ئۈزۈشكە — ھەتتا قېنىڭغا سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ — ياردەم تىلىگىن.

ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن يېڭىلىق ياراتقۇچى بولۇشقا ياردەم تىلىگىن.

ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇشقا ياردەم تىلىگىن.

ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن ياخشى ئىشلاردا ئاۋانگارت بولۇشقا ياردەم تىلىگىن.

ھەممىگە قادىر ئاللاھتىن بۇ ھاياتلىققا ھەسسە قوشقۇچى بولۇشقا ياردەم تىلىگىن.

بەشىنچى: ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىدىن مەغرۇرلانماسلىقىمىز كېرەك

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچاندىنمۇ قىسقا ۋاقىتتا ھەممىگە قادىر ئاللاھ باينى كەمبەغەلگە، ئەزىزنى خارغا، ساقنى كېسەلگە، ھاياتنى ئۆلۈككە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ.

بەلكى بەندىگە ھەر دائىم كۈچ – قۇۋۋىتىنى قىلچىلىكمۇ ئۆزىگە مەنسۇپ قىلماستىن، ئاللاھقىلا مەنسۇپ قىلىشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، بەندىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ). شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەممە ئىشلىرىمىزدا ئاللاھقا ئىستىخارە سېلىشىمىزنى ئۆگەتكەن. چۈنكى، بىز ئاقىۋىتىنى بىلمىگەن بىر ئىشقا مۇستەقىل قارار – تەدبىر ئېلىشتىن ۋە قەدەم ئېلىشتىن تولىمۇ ئاجىزمىز.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇنداق دېيىشىمزنى ئۆگەتكەن: «اللَّهُم إِني أَسْتَخِيرُكَ بعِلْمِكَ، وأستقدِرُكَ بقُدْرِتك، وأَسْأَلُكَ مِنْ فضْلِكَ العَظِيم، فإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ، وتعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ، وَأَنتَ علاَّمُ الغُيُوبِ (يەنى ئى ئاللاھ! ماڭا بۇ ئىشتا قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىڭ بىلەن تىلەيمەن. شۇنى قىلىشقا ماڭا قۇدرىتىڭ بىلەن كۈچ – قۇۋۋەت بېرىشىڭنى تىلەيمەن. سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. چۈنكى، ھەممىگە سەن قادىرسەن. مەن قادىر ئەمەسمەن. ھەممىنى سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن…)»(14).

ئالتىنچى: ئاسمان – زېمىننىڭ رەببى بولغان ھەقتائالاغا داۋاملىق يېلىنىپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

زار – تەزەررۇﺋ قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزۈڭ خاھلىغان ياخشىلىقلارنى سورىغىن. ئۇ ئاللاھ ساڭا سورىغىنىڭنى بېرىشكە ۋە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشقا قادىردۇر، ئۇ زات خاھلىغان بەندىسىگە خاھلىغان ۋاقىتتا سورىغىنىنى بېرىشتىن ھەرگىزمۇ ئاجىز كەلمەيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغىنى شۇنداق بىر كىشىكى، ئۇ بىردەم ماڭىدۇ، بىردەم يىقىلىپ كېتىدۇ، يەنە بىردەم ئوت كۆيدۈرىدۇ. ئۇ دوزاختىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، دوزاخقا قاراپ:

— مېنى سەندىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھ تائالا ئۈستۈندۇر، ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكىلەردىن ۋە كېيىنكىلەردىن ھېچبىرىگە بەرمىگەن نېئمەتنى ماڭا بەردى، — دەيدۇ. شۇندا ئۇنىڭغا بىر دەرەخ كۆرۈنىدۇ، ئۇ:

— ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدىۋالاي ۋە ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىۋالاي، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:

— ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر ساڭا ئۇ دەرەخنى بەرسەم، يەنە مەندىن ئۇنىڭدىن باشقا بىرنەرسىنى سورامسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:

— ياق سورىمايمەن، ئى رەببىم! — دەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە سورىماسلىققا ئەھدى قىلىدۇ. ئۇ سەۋر قىلىپ بولالمايدىغان نەرسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، رەببى ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ كىشى دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدايدۇ ۋە ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇ بەندىگە ئالدىنقىسىدىنمۇ گۈزەل بىر دەرەخ كۆرۈنىدۇ. ئۇ كىشى:

— ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىۋالاي ۋە سايىسىدىن سايىدىۋالاي، سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئى ئادەم بالىسى! سەن مەندىن باشقا نەرسە سورىماسلىققا ئەھدى قىلمىغانمىدىڭ؟! — دەيدۇ ۋە يەنە:

— ئەگەر سېنى ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرسام، يەنە ئۇنىڭدىن باشقىنى سورامسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا باشقا بىرنەرسە سورىماسلىققا ئەھدى قىلىدۇ. ئۇ كىشى سەۋر قىلىپ بولالمايدىغان نەرسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، رەببى ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ كىشى ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدايدۇ ۋە سۈيىدىن ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئاۋۋالقى ئىككى دەرەختىنمۇ گۈزەل بىر دەرەخ كۆرۈنىدۇ. ئۇ كىشى:

— ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدىۋالاي ۋە سۈيىدىن ئىچىۋالاي، سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئى ئادەم بالىسى! مەندىن باشقا نەرسە سورىماسلىققا ئەھدى قىلمىغانمىدىڭ! — دەيدۇ. ئۇ كىشى:

— شۇنداق، ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئەگەر سېنى ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرسام، يەنە ئۇنىڭدىن باشقىنى سورامسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا باشقا نەرسە سورىماسلىققا ئەھدى قىلىدۇ. ئۇ كىشى سەۋر قىلالمايدىغان نەرسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، رەببى ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىنى ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغاندا، بۇ كىشى جەننەت ئەھلىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە:

— ئى رەببىم! مېنى جەننەتكە كىرگۈزگىن! — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ئى ئادەم بالىسى! نېمە سېنى مەندىن سوراشتىن چەكلەيدۇ، ساڭا دۇنيانى ۋە دۇنيا بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بەرسەم، رازى بولامسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:

— ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟ — دەيدۇ.

بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۈلدى ۋە:

— مەندىن نېمە سەۋەپتىن كۈلگەنلىكىمنى سورىمامسىلەر؟ — دېگەنىدى، ئۇلار (ھەدىسنى ئاڭلاۋاتقانلار):

— نېمە سەۋەبتىن كۈلدۈڭ؟ — دېدى. ئۇ:

— پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇشۇنىڭدەك كۈلگەنىدى ۋە:

— مېنىڭ نېمە سەۋەبتىن كۈلگەنلىكىمنى سورىمامسىلەر؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— نېمە سەۋەبتىن كۈلدىلە؟ ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ كىشى: ‹سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟› دېگەن ۋاقىتتا، رەببىمنىڭ كۈلىدىغانلىقىدىن كۈلدۈم، — دېگەنىدى. (ئاندىن راۋىي ھەدىسنىڭ داۋامىنى سۆزلەپ دېدىكى):

ئاللاھ تائالا:

— مەن سېنى مەسخىرە قىلمايمەن، لېكىن مەن خاھلىغان نەرسىنى قىلىشقا قادىرمەن، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا:

— دۇنيا پادىشاھلىرىدىن بىر پادىشاھنىڭ مۈلكىچىلىك نەرسە بېرىلسە رازى بولامسەن؟ — دېيىلىدۇ. ئۇ:

— پەرۋەردىگارىم! رازى بولىمەن، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: — ساڭا شۇنچىلىك بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋېرىدە بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋېرىدە بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋېرىدە بولسۇن، — دەپ بەشىنچى قېتىمغا كەلگەندە:

— پەرۋەردىگارىم! رازى بولدۇم، — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— ساڭا بۇلار ۋە شۇنىڭدەك ئون باراۋەر كۆپ بولسۇن ۋە ساڭا كۆڭلۈڭ خاھلىغان، كۆزۈڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغانلىكى نەرسە بولسۇن، — دەيدۇ. ئۇ بەندە:

— رازى بولدۇم، ئى پەرۋەردىگارىم! — دەيدۇ»(15).

 دېمەك، سەن ئاللاھ تائالاغا قانچىلىك يېلىنغىن، دۇئا قىلغىن، رەببىڭ ساڭا سورىغىنىڭنى بېرىشكە ۋە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشقا قادىردۇر. مۇتەررىف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەششىخخىر ئېيتقانكى: «مەن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىنى ئەسلىدىم، (قارىسام) ياخشىلىقلار بەك كۆپكەن: ناماز، روزا… ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھنىڭ قولىدىكى نەرسىگە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھتىن سورىشىڭدۇر، سورىساڭ، ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەك، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى دۇئادۇر»(16).

ئاللاھ تائالاغا ئۇ زاتنىڭ «ئەلقەدىير (القَدِيْرُ)» دېگەن ئىسمى بىلەن دۇئا قىلساق نېمىدېگەن ياخشى! چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىڭ ۋە مەخلۇقاتقا قۇدرىتىڭنىڭ يېتىدىغانلىقى بىلەن (سورايمەنكى)، ئەگەر ھاياتلىقنىڭ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساڭ، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ماماتلىقنىڭ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساڭ، مېنى قەبزى روھ قىلغىن»(17) دەپ دۇئا قىلغان.

يەتتىنچى، كىمكى ئىگىسى ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر زات ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن (باشقىلاردىن) ئىنتىقام ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئىنتىقام ئالغىنىدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە چىن ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنتىقام ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ.

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ القادر القدير المقتدر جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/121260/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


1. «بۇخارىي»: (4628).
2. ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىينىڭ «مۇداۋاتۇننۇفۇۋس (نەپسلەرنى داۋالاش)» دېگەن كىتابىدىن.
3. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە» ۋە «سىيرەتۇ ئىبنى ھىشام».
4. «مۇسلىم»، (1764).
5. «بۇخارىي»، (6617).
6. ئىبنۇلقەييىم: «تەرىقۇلھىجرەتەين ۋە بابۇسسەئادەتەين»، 1/212.
7. «بۇخارىي»، (4686)؛ «مۇسلىم»، (2583).
8. «مۇسلىم»، (2788).
9. «ئەھمەد»، (8632).
10. «تىرمىزىي»، (2516). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. «مۇسلىم»، (1659).
12. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن».
13. «مۇسلىم»، (2664).
14. «مۇسلىم»، (1659).
15. «مۇسلىم»، (1659).
16. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: «ئەززۇھد»، (1/241).
17. «نەسائىي»، (1305)؛ «ئەھمەد»: (18351). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ