سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياۋروپادىكى بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە شام ۋاقتى 21:47، خۇپتەن 23:50، بامدات 3:30 ئەتراپىدا كىرىۋاتىدۇ. بىز بۇ ياز پەسلىدە چارچىغانلىقتىن ياكى ئۇيقۇ كېلىپ كەتكەنلىكتىن بالىلارنى ئۇخلاتقاچ ئۇخلاپ قېلىپ يا خۇپتەننى، يا بامداتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇساق ياكى شامدىن بىر سائەت ئۆتكۈزۈپ خۇپتەننى ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.
ھەربىر نامازنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش ئەسل قائىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن. ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇش شەرىئەت ھېساب قىلغان سەپەر، مۇشەققەت ياكى يامغۇر دېگەندەك بىرەر ئۆزرە تېپىلغىنىدا ئاندىن ئەسىرنى پېشىن ۋاقتىغا ياكى خۇپتەننى شامنىڭ ۋاقتىغا سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇشقا ياكى پېشىننى ئەسىرگە، شامنى خۇپتەن ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.
مەلۇمكى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، شامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن پاتقاندىكى قىزىل شەپەق يوقاپ كېتەي دېگەن ۋاقىتتۇر. شامنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتسە، يەنى قىزىل شەپەق يوقىسا، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا: «قىزىللىقتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئاقلىق يوقىسا خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىدۇ»(1).
ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بەزى دۆلەتلەردە قىزىل شەپەق يوقىمايلا تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە بەكلا كېچىكىپ تاڭ ئېتىشقا بىر – ئىككى سائەت قالغاندا يوقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ، بامدات ۋاقتى ئىلگىرى بولغىنىدا، خۇپتەننى ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىنلىشىدۇ ياكى خۇپتەن ۋاقتى ئەسلا بولمايدۇ.
خۇپتەن ۋاقتى ئەسلا بولمايدىغان جايلاردا ئۆز يۇرتلىرىدا خۇپتەن ۋاقتى نورمال بولىدىغان چاغلاردىكى خۇپتەن ۋاقتىنى ياكى خۇپتەن ۋاقتى مەلۇم بولىدىغان يېقىن دۆلەتلەردىكى خۇپتەن ۋاقتىنى، ياكى مەككە ۋاقتىنى ھېساب قىلىپ خۇپتەن ئوقۇيدۇ.
خۇپتەن ۋاقتى كېچىكىپ، بامدات ۋاقتى ئىلگىرى بولغىنىدا خۇپتەننى ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىن بولمىسا ۋاقتىدا ئوقۇش كېرەك. ۋاقتى بەك كەچ كىرگەنلىكتىن ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئىش ۋە مەكتەپكە ۋاقتىدا بارالماسلىق، ياكى بامداتقا قوپالماسلىق… سەۋەبلىك ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىنلىشىدىغان بولسا، خۇپتەننى شامنىڭ ۋاقتىغا سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇش جائىز. ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالىتىدە ئىككى نامازنى بىراقلا جەملەپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ بىرى ئەبۇززۇبەير سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋپمۇ بولمىغان، سەپەرمۇ قىلمىغان ئەھۋالدا مەدىنەدە پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىراقلا جەملەپ ئوقۇغان». ئەبۇززۇبەير دەيدۇكى، مەن سەئىدتىن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نېمىشقا شۇنداق قىلغان بولغىيتى؟» دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ: «مەنمۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇشۇنداق سورىسام، ئۇ: ‹(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم): ”ئۈممىتىدىن ھېچكىمگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن“ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى› دەيدۇ» دېگەن(«مۇسلىم»، 705 – ھەدىس).
ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر كۈنى ئەسىردىن كېيىن كىشىلەرگە تاكى كۈن پېتىپ يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىغانغا قەدەر خۇتبە سۆزلىدى. كىشىلەر: ‹ناماز… ناماز…› دېيىشىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا تەمىيم قەبىلىسىدىن بىر كىشى ھاپىلا – شاپىلا كېلىپ:
— ناماز! ناماز! — دېگەنىدى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما:
— ماڭا سۈننەتنى ئۆگىتىۋاتامسەن؟ بۇ يېتىمەكنى قارا! — دەپلا، ئارقىدىن:
— مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىر ۋاقىتقا ۋە شام بىلەن خۇپتەننى بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن، — دېگەن». ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشتىن كېيىن كۆڭلۈمدە بۇ ھەقتە ئازراق شەك پەيدا بولۇپ قىلىپ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىسام، ئۇ، ئۇنىڭ (ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ) گېپىنىڭ راستلىقىنى ئېيتقانىدى»(«مۇسلىم»، 705 – ھەدىس).
يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرگە شۇنداقلا ئۈممەتتىن ھەرەجنى كۆتۈرۈۋەتكەن ﴿سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى﴾(22/«ھەج»: 78) دېگەن قۇرئان ئايەتىنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ياۋروپادا ياز ۋاقتىدا خۇپتەن ۋاقتى يېرىم كېچىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنگە كېچىكىپ كېتىدىغان ياكى خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكى شەرئىي بەلگىلىرى بىلەن مەلۇم بولماي تۇرۇپلا، بامدات ۋاقتى كىرىپ كېتىدىغان بولسا، ئەتىگەندە سەھەر قوپۇپ بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئادەتلىنىش بىلەن بىرگە، ئىشقا ۋە مەكتەپكە بېرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدىغان كۈنلەردە ۋەيەنە قىش كۈنلىرىدە كۈن ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ھەربىر نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش قىيىن بولغىنىدا، داۋاملىق ئادەت قىلىۋالماستىن، پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا، شام بىلەن خۇپتەننى شام ۋاقتىدا جەملەپ ئوقۇۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىلگىرىكى بەزى سەلەفلەرنىڭ، شۇنداقلا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەۋرىمىزدە «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (The European Council For Fatwa and Research)» 1999 – يىلى شۇنداق قارار ئالغان ۋە بۇ تەرىقىدە جەملەپ ئوقۇشنى ئاشۇ ھالەت داۋاملاشقان مۇددەتچە شۇ دىيارلاردىكى جىمى كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك قىلىۋالماستىن، ئۆزرە ئىگىلىرىگىلا رۇخسەت دەپ بىلىشنى، بولمىسا رۇخسەتنى ئەسل ھۆكۈمگە ئايلاندۇرۇۋېلىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل قىيىنچىلىقنىڭ دائىرىسىنى ئۆرپ – ئادەت بەلگىلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شەخسلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ھالەتلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان(2).
2007 – يىلى «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى»مۇ ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارغا ئىزچىل جەملەشنى ئادەت قىلىۋالماي، ئېھتىياج تېپىلغان چاغلاردا جەملەپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا پەتۋا بەرگەن(3).
بۇنداق ئىلگىرى سۈرۈپ جەملەپ ئوقۇغاندا، يەنى خۇپتەننى شام بىلەن جەملەپ ئوقۇغان تەقدىردىمۇ تەراۋىھ ياكى ۋىتىر نامىزىنى خۇپتەننىڭ ئارقىدىنلا ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىن كېيىن خۇپتەن ۋاقتى ھەقىقەتەن كىرگەندە ئويغاق بولسىمۇ خۇپتەننى قايتا ئوقۇمايدۇ.
ۋەلھاسىل، خۇپتەننىڭ ۋاقتى بەكلا كېچىكىپ كىرىدىغان دۆلەتلەردىكى كىشى ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ، قىينالمايدىغان كۈنلەردىمۇ ئىزچىل ئادەت قىلىۋالماستىن، قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتكە دۇچار بولىدىغان كۈنلەردىلا خۇپتەننى ئىلگىرى سۈرۈپ شام ۋاقتىدا (شام بىلەن جەملەپ) قەسىر قىلماستىن تولۇق ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2022. 7. 5
1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 43 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1 – توم، 124 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – توم، 38 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇلمۇجتەھىد»، 1 – توم، 210 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1 – توم، 231 – بەت.
2. من قرارات الدورة الثالثة / كولون، ألمانيا / 4 –7 صفر 1420هـ، الموافق 19 – 22 مايو 1999م.
3. «الدورة التاسعة عشر» المنعقدة بمقر رابطة العالم الإسلامي، بمكة المكرمة، في الفترة من 22 – 27 شوال 1428هـ، الموافق 3 – 8 نوفمبر2007 م، القرار الثاني.