ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەم بولامدۇ؟

ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەم بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتكەنلىك ھەدىسىنى كۆرگەنتىم. مېنىڭ ئىسمىم روزاخۇن. مەن بۇ ئىسىمدىن بەك بىزار. چەتئەللىك خىزمەتداشلىرىم ئىسمىمنى مۇھەممەدكە ئۆزگەرتىۋەتتى. خىزمەتداشلىرىم مۇشۇ ئىسىم بىلەن، يۇرتداشلىرىم بۇرۇنقى ئىسمىم بىلەن ئاتايدۇ. تونۇمايدىغانلار ئىسمىمنى سورىسا قايسى ئىسىمنى دېيىشنى بىلمەي قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بالا تۇغۇلغاندا ئاتىسى ئۇنىڭغا چىرايلىق، مەزمۇنى ياخشى ئىسىم تاللىشى لازىم. بۇ بالىلارنىڭ ئاتىلار ئۈستىدىكى ھەققى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بۇ دۇنيادا ئىسمى بىلەن چاقىرىلغاندەكلا، ئاخىرەتتىمۇ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئەھدىگە خىيانەت قىلغۇچىغا بىر تۇغ تىكلىنىپ: بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پوكۇنىنىڭ خىيانىتى دېيىلىدۇ» دېگەن.(1)

ئادەتتە، ئىنساننىڭ خاراكتېرى بىلەن ئىسمى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەت ۋە باغلىنىش بولىدۇ. ئىسىم ئىگىسىگە دالالەت قىلىدۇ. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئاتىسى مۇسەييەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن ئىدىم:

ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى، مەن:

ــ ھەزن (قىيىنچىلىق)، ــ دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سەن سەھل (ئاسانلىق) (بولغىن)! ــ دېدى. مەن:

ــ ئاتا – ئانام قويغان ئىسمىمنى ئۆزگەرتمەيمەن، ــ دېدىم. ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دەيدۇ: بىز شۇنىڭدىن كېيىن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىدۇق.(2)

يەنە بىر رىۋايەتتە سەئىد ئىبنى مۇسەييەب: «شۇنىڭدىن كېيىن بېشىمىزغا كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرنى مۇشۇ ئىسىمنىڭ تۈپەيلىدىن بولدى دەپ قارايمەن» دېگەن.(3)

ئىسىم ياخشى مەزمۇندا بولمىسا، بۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش مۇۋاپىق. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېقىمسىز ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋېتەتتى.(4)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىنىڭ «ئىسيانكار» دېگەن ئىسمىنى «جەمىلە (گۈزەل)» دەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن.(5)

ئۇسامە ئىبنى ئەخدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆمەك بولۇپ كەلگەن كىشىلەر قاتارىدا ئەسرەم (كېسىك) ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن:

ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىغانىدى، ئۇ:

ــ ئەسرەم (كېسىك)، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ:

ــ ياق، سەن زۇرئە (ئۆسۈك) (بولغىن)! ــ دېدى.(6)

ئەبۇ داۋۇد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسىي، ئەزىز (ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)، ئەتەلە (قوپال)، شەيتان، ھەكەم (ھۆكۈم قىلغۇچى)، قارغا، ھۇباب (شەيتان ئىسمى)، ئاقار يۇلتۇز دېگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىپ، ئاقار يۇلتۇزنى ھىشام (مەرد)، ئۇرۇشنى سالامەتچىلىك، ياتقاننى قوزغالغان، شورلۇق دەپ ئاتىلىدىغان زېمىننى كۆكلەم، ئازغۇنلۇق جىلغىسى دەپ ئاتىلىدىغان جىلغىنى ھىدايەت جىلغىسى، زىنا جەمەتىنى دۇرۇسلۇق جەمەتى، ھۇۋلىغۇچى جەمەتىنىمۇ دۇرۇسلۇق جەمەتى دەپ ئاتىغان.(7)

يەنە ماختىنىدىغان، ئۆزىنى ياخشى دەۋالىدىغان ئىسىملارنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، زەينەب (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى) نىڭ ئىسمى ئەسلىدە بەررە (ئېھسان قىلغۇچى) ئىدى. «بەررە بۇ ئىسىم بىلەن ماختىنىدىكەن» دېگەن گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەينەبكە ئۆزگەرتكەن.(8)

بۇنىڭدىن بەزى ئىسىملارنى تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ ياخشى ئىسىملارغا ئۆزگەرتىشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە مۇستەھەبلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى، ئەقىدىسى ۋە قىممەت قارىشىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان بولسا، ئۆزگەرتىۋەتسە بولىدۇ. ئەكسىچە بولغان تەقدىردىمۇ، بەزىلەر ئىسمىنى ئۆزىگە مۇناسىپ قىلىپ ئۆزگەرتىۋالغىنى تۈزۈك. چۈنكى، قارايدىغان بولساق، ھازىر كاززابنىڭ ئىسمى سادىقجان. پاسىقنىڭ مۇئمىنجان. ئىسلامغا قارشى زەھەرخەندىلىك قىلىدىغاننىڭ ئىسلام. پەسنىڭ كېرىم، قويمىچى، خىيانەتكارنىڭ ئەمىن، قاراڭغۇلۇق ۋە زالالەتكە چۆمگەننىڭ نۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز.

ئومۇمەن، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋاجىبتۇر. ئۆزىنى ماختايدىغان ئىسىملارنى ماختىمايدىغان ئىسىملارغا ئۆزگەرتىش، مۇباھ ئىسىمنى چىرايلىق ئىسىمغا ئۆزگەرتىش مۇستەھەب. مۇباھ ئىسىمنى مۇباھ ئىسىمغا، ياخشى ئىسىمنى ياخشى ئىسىمغا ئۆزگەرتىش مۇباھ. ياخشى ئىسىمنى سەت ئىسىمگە ئۆزگەرتىش مەكروھ، ياخشى ئىسىمنى ھارام ئىسىمغا ئۆزگەرتىش ھارام.

بۇنىڭغا ئاساسەن گەرچە روزاخۇن دېگەن ئىسىم روزا تۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياخشى ئىسىم بولسىمۇ، خاھلىمىسىڭىز، ئىسمىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتسىڭىز ياخشى قىلغان بولىسىز.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى نۇقتا بار. بىرى، ئىسىم ئۆزگەرتكەندە ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۆزىنى ئاتىسىدىن باشقىغا مەنسۇپ قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، كىشىگە ئاتىسىنى جانابى ئاللاھ ئۆزى تاللىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ ئىلاھىي تاللاش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشى ھارام قىلىنغان. پەقەتلا جېنىنى قوغداپ قېلىش زۆرۈرىيەتلىرى تېپىلغان ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئاتىسىدىن غەيرىگە مەنسۇب بولىۋالسا، جەننەت ئۇنىڭغا ھارامدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(9)

يەنە بىرى، بوۋاقنىڭ ياكى چوڭ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا ئايرىم ئەقىقە قىلىش ياكى تاماق تەييارلاپ مېھمان چاقىرىش كېرەك ئەمەس. ئەقىقىنى پەقەتلا بالا تۇغۇلغاندا شۈكرانىسى ئۈچۈن قىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 2 – مۇھەررەم / م. 2014، 26 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 102 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6177 – 6178)؛ «مۇسلىم»، (1735).
2. «بۇخارىي»، (6190).
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (4956). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
4. «تىرمىزىي»، (2829). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. «مۇسلىم»، (2139).
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (4954). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (4956).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6192)؛ «مۇسلىم»، (2141).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6766)؛ «مۇسلىم»، (63).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ