ھەيكەل، قونچاقلارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ھەيكەل، قونچاقلارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىلىملىرىگە بەرىكەتلەر بولسۇن. ئۇششاق ئويۇنچۇق مودېللارنى، ئادەم ھەيكەللىرىنى ساتساق دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇلۇغلاش، ياكى چوقۇنۇش، ياكى ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتالايمەن دېگەن مەقسەتتە ھەيكەل ياساش شىرك ئىش بولۇپ، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، ئۇنداق ھەيكەللەرنى سېتىش ۋە ئۆيدە ساقلاشمۇ، چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدىغان شىرك ئىشتۇر.

بۇلارنىڭ ھارام قىلىنىشى تەۋھىد ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىش بولۇپ، پەقەتلا ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئەخلاقىغا زىت كەلمەيدىغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: مەن (كىچىكىمدە) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا قونچاقلارنى ئوينايتتىم، مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغان بىر نەچچە دوستۇممۇ بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرسىلا، تارتىنىپ پەردىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ يوشۇرۇنىۋالاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ چىقىپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇراتتۇق.(1)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبۇك (ياكى خەيبەر) غازىتىدىن قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تەكچىسىگە پەردە تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، پەردە شامالدا قايرىلىپ كېتىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەن ئوينايدىغان قونچاق قىزلارنى كۆرۈپ قالدى ـ دە:

— ئى ئائىشە! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. مەن:

— قونچاق قىزلىرىم، — دەپ جاۋاب بەردىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قونچاقلار ئارىسىدىكى قاناتلىق ئاتنى كۆرۈپ:

— ئۇنداقتا، بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. مەن:

— ئۇ ئات، — دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاتنىڭ ئۈستىدىكىلەرچۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ئۇلار ئاتنىڭ قاناتلىرى، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاتنىڭمۇ قانىتى بولامدۇ؟ — دېگەنىدى، مەن:

— سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قاناتلىق ئاتلىرى بارلىقىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ — دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇبارەك ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كەتتى.(2)

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت قىلىنغان دېگەن قاراشنى قازى ئىياز كۆپچىلىك ئالىملاردىن نەقىل قىلىپ: «كىچىك قىزلارنىڭ قونچاق ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر» دېگەن. ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلارنى ھەيكەل ۋە قونچاقلارنى ئوينىغىلى قويۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بار».(3)

بۇ قاراشقا ئاساسەن، جانلىقلارنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك قونچاقلىرى بولسىمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ياساش، سېتىش ۋە بالىلارغا ئېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا ئۇلۇغلاش بولماستىن، ئەكسىچە، ئويناش بار. ئوينىلىدىغان، دەسسىلىدىغان قونچاقلار سۈرەتلىك بىسات ۋە ياستۇقلارغا ئوخشاش چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا قىز بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. پەقەتلا ھەربىر جىنسنىڭ قونچاقلىرى ئۆز جىنسىغا مۇناسىپ بولۇشى لازىم.(4)

بالىلار قونچاق ئويۇنلارنى ئوينىسا كۆڭلى ئېچىلىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسى بولىدۇ. شۇنداقلا قىزلارنى كەلگۈسىدىكى بالا بېقىش ۋە تەربىيەلەشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلاش، ئوغۇللارنىمۇ مۇناسىپ ئويۇن، قونچاقلار ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئائىلە باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتلىرىگە تەييارلاش جەھەتتىن بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق قونچاقلىرىغا رۇخسەت قىلىشتا، شۇ چاغدىكى ۋە كېلەچەكتىكى مەنپەئەتلەر كۆزدە تۇتۇلغان.(5)

ئۇلۇغلاش ياكى چوقۇنۇش ئېھتىماللىقى بولمىغاندا، بالىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېنىق مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، قونچاقلارغا رۇخسەت قىلىنغان بولغاچقا، بۇنىڭغا قىياس قىلساق ئوقۇتۇش، مەشىق قىلىش ۋە ئاناتومىيەلىك تەتقىقاتلار ئۈچۈنمۇ ھەيكەل، قونچاقلارنى، مودېللارنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك.

يەنە بېشى يوق ھەيكەللەرگىمۇ رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، ھەيكەلنىڭ بېشى كېسىۋېتىلسە چەكلەنمەيدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۈرەت دېگەن باشتۇر، باش كېسىۋېتىلسە سۈرەت بولمايدۇ» دېگەن.(6)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: جىبرىل ئەلەيھىسسالام قېشىمغا كېلىپ: «مەن ئاخشام قېشىڭغا كەلگەنىدىم. بىراق، سەن بار ئۆيگە كىرمىدىم. چۈنكى، ئۆينىڭ ئىشىكىدە ئەرلەرنىڭ رەسىملىرى، ئۆينىڭ ئىچىدە رەسىم چۈشۈرۈلگەن پەردە ۋە بىر ئىت بار ئىكەن. بۇيرۇغىنكى، ئىشىكتىكى رەسىملەرنىڭ بېشى كېسىلىپ، دەرەخ شەكلىگە كىرگۈزۈلسۇن. بۇيرۇغىنكى، پەردە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يەرگە تاشلاپ ئولتۇرىدىغان ئىككى ياستۇق تىكىلسۇن. بۇيرۇغىنكى، ئىت ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلسۇن!» ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلدى.(7)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلۇغلانمايدىغان بولسا، يېرىم، بېشى يوق، مۇھىم ئەزالىرى يوق، يۈزى تۈپتۈز ھەيكەللەرگىمۇ رۇخسەت.(8)

ئەمما، ئېسىپ قويىدىغان، مەيدانلارغا تىكلەپ قويۇلىدىغان ۋە ئۇلۇغلىنىدىغان بولسا، يېرىم ھەيكەلگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا بار:

1. ھەيكەل ۋە بالىلار قونچاقلىرىدا كۆپىنچە خرىستىئانلارنىڭ، دىنسىزلارنىڭ ئەقىدىسى، تىلى، قىممەت قارىشى، مەدەنىيىتى ۋە يامان ئەخلاقى تەشۋىق قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇنداق تۈس ئالغانلىرىنى ياساش، سېتىش ۋە سېتىۋېلىش چەكلىنىدۇ.

2. ئىسراپچىلىق بولمىغان تەقدىردە، بالىلارنىڭ قونچاقلىرى پاختا ياكى پىلاستىك قاتارلىق تۈرلۈك ماددىلاردىن ياسالغان بولسا، ھۆكمى ئوخشاش. قار، مۇز، خېمىر ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ياسىلىپ، ئىستېمال قىلىنىدىغان بولسىمۇ شۇنداق.

3. ئىبادەت ياكى چوقۇنۇشتىن يىراق، ئوقۇتۇش ۋە چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ھەيكەل ۋە مودېللار تېبابەت، بىئولوگىيە، ئاناتومىيە ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاچقا، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلاردا، تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە زۆرۈر ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بېشى كېسىۋېتىلگەن ياكى يۈزى تۈزلىۋېتىلگەن ياكى يېرىم ھەيكەللەر بىلەن ئېھتىياج قامدالسا، پۈتۈن ھەيكەل ئىشلەتمەسلىك لازىم.

4. كىيىم ھەيكەللىرى ئىشلىتىشكە بولغان ئېھتىياج، بېشى كېسىۋېتىلگەن، ياكى يۈزى تۈزلىۋېتىلگەن، ياكى يېرىم ھەيكەللەر بىلەن قامدالغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ھەيكەللەرنى ساتماسلىق ۋە دۇكانلاردا ئىشلەتمەسلىك لازىم. بېشى كېسىۋېتىلگەن، ياكى يۈزى تۈزلىۋېتىلگەن، ياكى يېرىم ھەيكەللەرنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا، ئۇنى يالىڭاچ قويماسلىق، ئۈستىگە ھايالىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 5 – مۇھەررەم / م. 2014، 10 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 78 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6130)؛ «مۇسلىم»، (2440).
2. «ئەبۇ داۋۇد»، ((4932). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
3. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/208؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/26؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/527؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 6/359؛ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، 102.
4. دوكتور ئابدۇلكەرىم زەيدان: «ئەلمۇفەسسەل (المفصل في أحكام المرأة والبيت المسلم)»، 3/461.
5. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 14/275؛ شەيخ سابۇنىي: «رەۋائىئۇل بەيان»، 2/413 «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 12/113.
6. ئىسمائىيلىي: «المعجم في أسامي شيوخ أبي بكر الإسماعيلي»، 291). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
7. «تىرمىزىي»، (2806). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
8. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4/287؛ سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1/210؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/280.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ