سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۆۋەندىكى بۇلۇت چىقىمدانىغا ئەزا ھەم ۋاكالەتچى بولۇپ سودا قىلىش، بىر قارىسا شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشايدىكەن. بەزى يەرلىرى ئوخشىمايدىكەن. بولۇپمۇ نەق پۇلغا يەنى 100 ياكى 1000 كويغا نەرسە – كېرەك ياكى ماشىنا سېتىۋالساق پۇلىمىزنىڭ %85 قىسمىنى مۇددەتكە بۆلۈپ، ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. نۇرغۇن قېرىنداشلار شۇ شىركەتكە ئەزا بولۇۋاتىدۇ. بەزىلىرى ھاۋايى – ھەۋەس بىلەن، بەزىلىرى ئۆلىمادىن سورىدۇق دەۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆلىمادىن كوچىلاپ سورىساق شەرئى قائىدىنى ئاساس قىلماي، ئەقىلنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم قىلغان ئەھۋال ئىكەن. بۇ خىل ئەزالىق سودا قىلىش ئۇسۇلى توغرىمۇ؟
شۇ بۇلۇت چىقىمدانىغا ئەزا ھەم ۋاكالەتچى بولغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بايانى:
بۇلۇت چىقىمدانىغا ئۈچ خىل شەكىلدە ئەزا بولىدىكەن.
بىرىنچى خىلدا، ئەزا بولغۇچىدىن ئەزالىق پۇلىنى تەلەپ قىلمايدىكەن، ئەمما پۇلسىز ئەزا بولغان كىشىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ھوقۇقى ۋە توردا دۇكان ئىچىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. لېكىن، ئۆزى ئەزا بولغاندىكى شۇ بۇلۇت چىقىمدانىدا نەرسە – كېرەك ۋە ماشىنا سېتىۋالسا، پۇلىنىڭ %88 قىسمىنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.
ئىككىنچى خىلدىكى ئەزا بولۇش شەكلى بولسا پۇللۇق ئەزا بولۇش. ئەگەر بىرسى 100 يۈەنلىك ئەزا بولسا. ئەزا بولغۇچىدا ئەزا قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن. توردا دۇكان ئىچىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. پۇللۇق ئەزا قوبۇل قىلسا، ئەزالىق پۇلىنىڭ %45 قىسمى ئەزا قوبۇل قىلغۇچىغا بېرىلىدىكەن.
ئۈچىنچى خىلدىكى ئەزا بولۇش شەكلى بولسا 1000 يۈەنلىك ئەزا بولۇش. ئەگەر بىرسى مىڭ يۈەنلىك ئەزا بولسا، ئۇنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن ھەم پۇللۇق ئەزا بولغان كىشىنىڭ ئەزالىق پۇلىنىڭ %45 قىسمى شۇ ئەزا قوبۇل قىلغان كىشىگە بېرىلىدىكەن، توردا دۇكان ئېچىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن.
ۋاكالەتچى بولۇش شەكلى: بىرسى بىر ۋىلايەت ياكى ناھىيىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى 50 مىڭ يۈەن ياكى 100 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالسا، شۇ ۋاكالەتچىلىكىنى سېتىۋالغان پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. ھەم ۋاكالەتچىلىكى ئېلىنغان رايوندا قايسىبىرسى شۇ بۇلۇت چېقىمدانىنى ئىشلىتىپ نەرسە – كېرەك ياكى ماشىنا سېتىۋالسا، شۇ نەرسە – كېرەك سېتىۋالغان پۇلنىڭ %3 قىسمى شۇ ۋاكالەتچىگە بېرىلىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سوئالدا تىلغا ئېلىنغان بۇلۇت چىقىمدانى سۇپىسىدىكى ئاشۇنداق تۈرلۈك سودىلاردا شەرىئەت چەكلىگەن تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلار جەملەنگەن بولغاچقا، بۇنىڭغا ئەزا بولۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش توغرا ئەمەس.
1. مەلۇمكى، سودا – سېتىقتىن مەقسەت ئالماشتۇرۇش. مەزكۇر سودىمۇ تاۋارنى پۇلغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ سودىغا تاۋار سېتىۋېلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى بىر مۇددەتتىن كېيىن چىقىم قىلغۇچىغا ئاز – ئازدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەت باتىل شەرتتىن بىرى قوشۇپ شەرت قىلىنغان. بۇ شەرتنى باتىل دېيىشىمىزدە، بۇ شەرت سودا تەقەززاسىغا، سودىدىن بولغان مەقسەتكە زىت. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچىنىڭ قولىغا پۇل كىرىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى.
2. چىقىم قىلىنغان پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەن ئەھۋالدا، جازانە ئارىلاشقان سودا بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولىدۇ. ئالتۇن زىبۇزىننەت قاتارلىق بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا كېيىن پۇل قايتۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلسا، جازانە بولۇشى ئېنىق. بۇلۇت سۇپىسى بىلەن پۇل ئەۋەتكەن ئەھۋالدا، تاپشۇرۇۋالغۇچى پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالمايدۇ. سىستېما ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ 2000 قېتىمغا بۆلۈپ تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. جۇغلانغان بۇ پۇللارنى جازانە ۋە باشقا ھارام يوللار بىلەن ئاۋۇتۇپ، ئەزالارغا بىر قىسمىنى مۇكاپات سۈپىتىدە تارقىتىپ بېرىدۇ. مەزكۇر سىستېما تەشۋىقاتى چۈشەندۈرۈشىدە كەلگەندەك، بۇ شىركەت زور مەبلەغدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپىدۇ.
3. بۇ سودا ۋە ئەزالىقتىن تاۋار سېتىۋېلىش ياكى سېتىش مەقسەت بولماستىن، ئەزالىق ۋە ئۇنىڭغا تەشۋىق قىلىشتىن كېلىدىغان كىرىم مەقسەت قىلىنغان. بۇ جەھەتتىن، بۇ ئىشتا قىمار ۋە جازانىگە ئوخشاپ قېلىش شۈبھىسى بار دېيىشكە بولىدۇ.
4. بۇ ئىش تۈزۈك تەر ئاققۇزمايلا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بۇرۇن ئەزا بولۇپ قويۇش بىلەن كېيىنكى ئەزالارنىڭ سودىسىدىن كىرىم قىلىدۇ.
5. بۇ ئىشتا سودا بىلەن ئىجارە بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ھەدىستىكى «بىر سودىدا ئىككى سودا قىلىشتىن چەكلىگەن»(1) دائىرىگە كىرىدۇ.
بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلى يېڭى بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئۆلىمالارنىڭ بىرەر پەتۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. لېكىن، بۇ سودا ئۇسۇلى قىمار، جازانە ۋە باتىل سودا شەكلىگە چۈشۈپ قالىدىغان تەرىپى، شۇنداقلا شۈبھىلىك تەرىپى ئېغىر بولغانلىقى جەھەتتىن، شەرىئەتتىكى توغرا سودا – مۇئامىلە قائىدىسى ۋە روھىدىن تولىمۇ يىراق بولغان بىر خىل ئۇستىلىق بىلەن ئىجات قىلىنغان قويمىچىلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئىشلاردىن ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 12 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 11 – دېكابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 79 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەھمەد»، (10542). «تىرمىزىي»، (1231). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.