سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان بىر يېقىنىم بار ئىدى. يېقىندا ئۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەزمۇنىدىكى مۇراجىئەتنامە شەكىلدىكى توختامنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. ئەگەر قول قويسا، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى لازىم كىشىلەرگە يۆتكىلىپ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇنىڭ بەدىلىگە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئەزاسىدىن چاتاق چىقسا، ھەقسىز ئەزاغا ئېرىشەلەيدىكەن، ئەگەر قول قويۇشنى رەت قىلسا، بۇنداق ئىمتىيازغا ئېرىشەلمەيدىكەن. دىنىمىز بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 70) دېگەن ئايەتىدە كۆرسىتىلگەندەك مۇسۇلماننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتى، ھەق – ھوقۇقى ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. ھەدىستە «سۆڭەك – ئۇستىخانلىرىنى مېيىت ھالىتىدە چېقىش، ھايات ۋاقتىدا چاققانغا باراۋەر» دەپ كەلگەن.(1)
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئىمام مەۋدۇدىي، شەيخ مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي ۋە شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملار: بىر ئىنسان: مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىرەر ئەزايىمنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردىم دېيىش ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى خارلىغانلىق ۋە ھەققى – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق جەھەتتىن دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنداقلا ئىنسان ھايات ۋاقتىدا جىسمىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىپ تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ۋاپاتىدىن كېيىن بېرىشكە ۋەسىيەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. نەتىجىدە، مىراسخورلىرىنىڭمۇ بۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ. دەپ قارىغان.(2)
لېكىن، ئىمام قەرەداۋىي قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار ۋە كۆپلىگەن پەتۋا كومىتېتلىرى جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿كىمكى ئۇنى ياشاتسا، گوياكى پۈتۈن ئىنسانلارنى ھايات ياشاتقاندەك بولىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 32) دېگەن ئايەتىگە ئاساسەن، ئىنسان ھاياتىنى قوغداش ۋە ئۇنى ئاسراش شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارنىڭ بىرى بولغاچقا، شەرىئەت بېكىتكەن شەرتلەر تېپىلغان ئەھۋالدا، زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىش قائىدىسى بويىچە، بىرەر ئىنساننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مېيىتنىڭ بەزىبىر ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشنى زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز دەپ قارىغان ھەمدە ئىرسىيەتكە ئالاقىدار ياكى نەسەب ئارىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللاردا ئىچ بۆرەك ۋە ئۇرۇقدانغا ئوخشىغان بەزىبىر ئورگانلارنى باشقىلارغا بېرىشنى، بۇ جائىزلىقتىن مۇستەسنا قىلغان.(3)
سەئۇدى ئەرەبىستان «كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى» 99 – نومۇرلۇق قارارىدىمۇ بۇنى جائىز دەپ قارىغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى ھاياتىدا ۋەسىيەت قىلغان ئەھۋالدا، مېيىتنىڭ ئورگانلىرىدىن بىرىنى، يەنە بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەقىل قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمما، بەرگەن ئورگان بەدىلىگە ئۆزىگە ياكى مىراسخورلىرىغا بىرەر بەدەل ياكى تۆلەم ئالغان، ياكى بىرەر مەنپەئەت شەرت قىلغان تەقدىردە، ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن بۇ ئىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇخىل ئەھۋال سودىلىشىش ۋە ئورگان سېتىش قىلمىشى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلماننىڭ تېنى ماشىنىلارنىڭ پارچە سايمانلىرىدەك ئېلىم – سېتىم ۋە تىجارەت ئوبيېكتى قاتارىدىكى شەخسىي مۈلۈك ياكى تاۋار مال بولمىغاچقا، قېنىنى ياكى بىرەر ئورگىنىنى سېتىشى، بىر نەرسە ياكى مەنپەئەت بەدىلىگە تېگىشىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. (4)
«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 1988 – يىلى 4 – قۇرۇلتىيىدا ئېلان قىلغان «بىر ئىنساننىڭ ئۆلۈك ياكى تېرىك يەنە بىر ئىنساننىڭ تېنى ۋە ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشى» توغرىسىدىكى 26 – نومۇرلۇق قارارىدا مۇنداق دەيدۇ:
«تېرىك ئىنساننىڭ ھاياتى ياكى ئۇنىڭ جىسمىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر قاراشلىق بولۇپ قالغان بىرەر ئورگاننى مېيىتتىن ئېلىپ، تېرىك ئادەمگە كۆچۈرۈشتە، ناۋادا مېيىتنىڭ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىجازەت قىلغان بولسا ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن مىراسخورلىرى ئىجازەت قىلغان بولسا، ياكى ئورگىنى ئېلىنماقچى بولغان مېيىت كىملىكى نامەلۇم، ياكى ئىگە – چاقىسىز كىشى بولۇپ، مۇسۇلمانلار رەئىسى ئىجازەت قىلغان بولسا، بۇ خىل ئوپېراتسىيە جائىز بولىدۇ». بۇ قاراردا يەنە مۇنداق تەكىتلەنگەن:
«شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىرىقى ‹ئورگان كۆچۈرۈش› نى جائىز دېيىشتە بىرلىككە كېلىنگەن ئەھۋاللار ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمە شەرت قىلىنغانكى، بۇنداق بىر ئىشتا، ئاشۇ ئورگاننى سېتىش ھادىسىسى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنسان ئورگانلىرىنى سودا ئوبيېكتى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ».(5)
مەزكۇر توختام كىشى ئۆلگەندىن كېيىن بىرەر ئەزاسىنى مەلۇم بەدەلگە بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، يەنە كېلىپ بۇ، تاپشۇرۇپ ئېلىش – ئالماسلىقى مەۋھۇم بەدەل بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ خىل توختام ئىنسان ئەزاسىنى سېتىلىدىغان تاۋار قىلىۋالغانلىقى نۇقتىسىدىن ھەمدە سودىنىڭ بەدىلى مەۋھۇم بولغانلىقى نۇقتىسىدىن شەرىئەتتە چەكلەنگەن توختاملار دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 19 – مۇھەررەم / م. 2016، 20 – ئۆكتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 77 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (3207). ئىسنادى «سەھىھ». قاراڭ: نەۋەۋىي: «خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 2/1035؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 763.
2. «استخدام أعضاء الإنسان في جسم غيره من الإنسان، والأخطار الناشئة عنه»، بحث للشيخ أبي الأعلى المودودي. «مجلة البعث الإسلامي»، ص/ 53 – 55. العدد/2 المجلد/32 لعام1407 هـ. بحث للشيخ محمد متولي الشعراوي. «مجلة اللواء الإسلامي». العدد / 226. عام 1407 هـ. فتوى الشيخ ابن باز في مجلة «المجلة»، عدد رقم 806 عام 1416هـ.
3. قرار رقم 26 لمجمع الفقه الإسلامي في دورة مؤتمره الرابع بجدة جمادي الآخرة 1408 هـ، قرار المجمع الفقهي لرابطة العالم الإسلامي في دورته الثامنة في مكة المكرمة جمادى الأولى 1405هـ . حكم التبرع بالأعضاء – برنامج الشريعة والحياة – الشيخ القرضاوي.
4. «قضايا فقهية معاصرة»، كلية الشريعة والقانون – جامعة الأزهر 1/430.
5. قرار رقم 26 لمجمع الفقه الإسلامي.