سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، تور سودىسى شەكىللىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئاز بولمىغان تەرەققىياتلار شەكىللەندى ۋە ئەنئەنىۋى سودىغا ئاز بولمىغان خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن تۆۋەندە تاۋباۋ (淘宝) دىكى سودا شەكلىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بىرقانچە سوئال سورىماقچى، ئۇستازنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، پەتۋا بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ئالدى بىلەن تاۋباۋ تورىدىكى سودا جەريانىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي.
(1) ئالدى بىلەن تاۋباۋ تورىغا چىقىپ، ئۆزىمىزگە لازىملىق مەھسۇلاتنى ئىزدەيمىز.
(2) ئاندىن ياقتۇرغان مەھسۇلاتنى تاللاپ، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش بېتىگە كىرىمىز.
(3) بەتتىكى مەھسۇلات باھاسى، چۈشەندۈرۈلۈشى، مەھسۇلات رەسىمى، ئايلىق سېتىلىش مىقدارى، خېرىدارنىڭ بەرگەن باھاسى قاتارلىقلارغا قاراپ سېتىۋالىمىز. ھازىر تاۋباۋ تورىدىكى تىجارەتتە 刷单 دەپ بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، بۇ بىر يالغاندىن سودا شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى. نېمىشقا يالغاندىن سودا شەكىللەندۈرىدۇ دېگەندە، يۇقىرىدا ئېيتقاندەك خېرىدارلار مەھسۇلات بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، بەكرەك مۇھىم بىلىدىغان ئىككى سانلىق مەلۇمات بار، بىرى ئايلىق سېتىلىش مىقدارى. ئىككىنچىسى بولسا، خېرىدارلارنىڭ بەرگەن باھاسى. قانچە كۆپ ئادەم سېتىۋىلىپ، قانچە كۆپ ياخشى باھالارغا ئېرىشسە، خېرىدارغا نىسبەتەن شۇنچە ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدۇ – دە، مەھسۇلاتى شۇنچە كۆپ سېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋباۋدىن دۇكان ئاچقانلار يالغاندىن سودا شەكىللەندۈرۈپ، سېتىلىش مىقدارى ۋە خېرىدار باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىرىدارلارنىڭ كۆزىنى بويايدۇ. مېنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىممۇ دەل شۇ:
1. بىز مۇشۇنداق سودا شەكلىنى قوللىنىپ تىجارەت قىلساق بولامدۇ؟
2. ئەگەر بىز بۇنداق شەكىلدە سودا قىلىشىمىز دۇرۇس بولماي قالسا، تور سودىسىدا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا تىجارىتىمىزنى قىلساق بولىدۇ؟ ئۇستازغا رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
دەۋرىمىزدىكى تور تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، تور تەرەققىياتىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ غايەت زور بولۇۋاتقانلىقىنى، كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. جۈملىدىن، تور تەرەققىياتىنىڭ تىجارەت ۋە سودا ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلىرى، كېڭىيىشى، قىتئەلەر ئارا مۇساپىنى قىسقارتىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىدىكى سىياسى چېگرالارنى ئاتلاپ، دۇنيانى كىچىك بىر سودا شەھەرچىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئۇچۇر – مەلۇمات ۋە كومپۇتېر ساھەسىدىكى بۇ زور ۋە تېز تەرەققىيات نەتىجىسىدە «تور سودىسى» دېگەن بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىدى.
«تور سودىسى» تىجارەتچىلەرگە تاۋارلىرىنى يېيىپ بازارغا سېلىش، كۆپ ساندا خىزمەتچى ئىشلىتىش ۋە دۇكان ئېچىش ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇشتىن باشقا، ۋاقىت ۋە پۇل تېجەش، كۆپ خېرىدارغا مال سېتىش ۋە پايدىنى كۆپ ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىك ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلسە، خېرىدارلارغا نىسبەتەنمۇ، ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى 24 سائەت سودا قىلىش، ئادەتتىكى قەغەز پۇل كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك، سەپەر قىلماسلىق، بازار ئايلىنىپ جاپا تارتماسلىق، ئۆچرەتتە تۇرماسلىق، سىياسىي چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق ۋە تاۋارنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىكتەك نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
«تور سودىسى»نىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تور سودىسى ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى نۇرغۇن چىقىملارنى ئازايتىدىغان بولغاچقا، توردىكى تاۋار باھاسى ئەنئەنىۋى دۇكانلاردىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئەرزان بولىدۇ. بۇ خېرىدار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
بۇ ئالاھىدىلىكلەر نەتىجىسىدە «تور سودىسى» دۇنيا سودا – تىجارەت شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە باشلىدى. «تور سودىسى» ئارقىلىق ئېلىم – سېتىم كۆپىيىپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار بۇ سودىنى قىلىشقا باشلىدى. چوڭ ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئاساسەن ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلىنى تاشلاپ «تور سودىسى»غا يۈزلىنىپ كەتتى. ئېھتىمال، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ سودا ئۇسۇلى تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە ئويلىمىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ سودىنىڭ شەرئى ھۆكمىنى بىلىشى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھ بولۇشى ۋە توغرا شەكلىنى چۈشىنىپ، ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى.
تور سودىسىغا ئېنىقلىما:
«دۇنيا سودا تەشكىلاتى» تور سودىسىغا تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما بېرىدۇ: «تور سودىسى: ئېلېكترونلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت سۇنۇش، تاۋارنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش، سېتىش ۋە خېرىدارغا تاپشۇرۇش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
مەزكۇر ئېنىقلىمىغا ئاساسەن تور سودىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. تاۋارنى ئېلان قىلىش ۋە ئۇنى ئىزدەش.
2. سېتىۋېلىش ئىلتىماسى سۇنۇش ۋە پۇل تۆلەش.
3. سېتىۋېلىنغان تاۋارلارنى تاپشۇرۇش.(1)
قانداقلا بولمىسۇن، «تور سودىسى»نىڭ ئۇقۇمى تاۋار ۋە خىزمەتلەرنى بازارغا سېلىش ھەمدە ئىككى تەرەپ بىر سورۇنغا جەم بولمايلا تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىم – بېرىم قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. بۇ سودىدا سېتىۋېلىنغان تاۋارنىڭ پۇلى ئىناۋەتلىك پۇل كارتىلىرى ئارقىلىق توردىلا تۆلىنىدۇ. تاۋار بولسا بەزىدە (بەزى يۇمتال، ئەپلەردەك) توردىنلا چۈشۈرۈپ تاپشۇرۇپ ئېلىنىشى ياكى پوچتا ئارقىلىق ياكى مەخسۇس خادىم ئارقىلىق ئادرېسقا يەتكۈزۈپ تاپشۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن.(2)
تور سودىسىنىڭ خېيىم – خەتىرى
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تور سودىسىنىڭ خېيىم – خەتىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن:
1. تور سودىسىدا ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ھىيلە ئىشلىتىش كەڭ تارقالغان.
2. ئىناۋەت كارتىسى ۋە تور سودا كارتىسى ئوغرىلىنىشى مۇمكىن.
3. توردا قىلغان سودا – سېتىق توختاملىرىنى ھۆججەتلەپ گۇۋاھلىتىپ قويۇش ئىمكانىيىتى يوق.
4. شەرىئەت چەكلىگەن تاۋارلارنى توسۇش ئىمكانىيىتى يوق.
5. تور سودىسى قىلىۋاتقان تور بەت ۋە سۇپىلارغا قارىتا نازارەت زەئىف.(3)
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شەرىئەت قائىدىلىرىگە ئاساسەن سودىدا ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى ئۇدۇل كەلسە، شەرىئەتكە زىت باشقا ئەھۋال بولمىسا، سودا دۇرۇس بولىدۇ.
ئىلگىرىكى ئالىملار سودىنىڭ ئىككى تەرىپى بىر يەرگە جەم بولالمايدىغان ئەھۋاللاردا، سودىنى ھەتتا نىكاھ ۋە تالاققا ئوخشاش مۇھىم ئىشلارنى مەكتۇب ياكى ئەلچى ئارقىلىق پۈتتۈرۈشنى جائىز دەپ قارىغان ۋە سورۇندىن يىراقتىكى كىشىنىڭ مەكتۇبىنى سۆزىگە ئوخشاش ئورۇندا قويغان.(4)
ئۆلىمالىرىمىز تېخى يەنە، توختامنىڭ سۆز بىلەن، يېزىق بىلەن، مەكتۇب ياكى ئەلچى ئەۋەتىش بىلەن، ئىشارەت بىلەن، ھەتتا گەپ – سۆزسىز ئېلىم – بېرىم قىلىش قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(5)
بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار كومپىيۇتېر ياكى ئەقلىيفۇن ئارقىلىق رازىلىقنى ئىپادىلەپ، كونۇپكىنى بېسىشنى بىر خىل خەت ياكى مەكتۇب دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ باشقىچە بىر خىل ئېلېكتىرونلۇق خەت بولۇپ، كومپىيۇتېر ياكى ئەقلىيفون تىلىدىن ئۆرۈگەندىن كېيىن ئىنسان تەرىپىدىن ئوقۇغىلى بولىدىغان خەت، بۇ خەت ئەۋەتكۈچىنىڭ رازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، خۇددى ئۇ ئۆزى سورۇنغا كېلىپ سودىلىشىشنى قوبۇل قىلغاندەكلا سودا ۋە توختام پۈتىدۇ، دەپ قارايدۇ.(6)
دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىي ھازىرقى ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلى سودا – مۇئامىلىلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئا تەرەپنىڭ سودىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ب تەرەپ بىلىشى شەرت دەپ قارايدۇ.(7)
ئۇنداق بولغان ئىكەن، تور سودىسىنى خەت ئارقىلىق باشلىنىپ، ئىنتېرنېتتىن ئەۋەتىش ئارقىلىق پۈتكەن سودا دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە، تور سودىسى ئەنئەنىۋى سودىدا شەرت قىلىنغان ئۆلچەملەر تېپىلسا، توغرا سودا بولىدۇ.
بۇنى تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، ئىسلام شەرىئىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا تەتبىقلاشقا بېكىتىلگەن ئىلاھىي دەستۇردۇر. ئۇ مۇئامىلىدە شەرت قىلغان ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنسىلا، قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق يېڭى ئۇسۇللارنى يەكلىمەيدۇ.
بۇ ئۆلچەم ۋە شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق، زۇلۇم قىلماسلىق.
2. ئالدىماسلىق، ساختىلىق قىلماسلىق، يالغان خېرىدار بولماسلىق.
3. جازانىنىڭ تۈرلىرىدىن ساقلىنىش.
4. تاۋار ۋە خىزمەت ئوبيېكتى، سۈپىتى مەلۇم بولۇش. تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان نامەلۇملۇقتىن خالىي بولۇش.
5. ھارام تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەر بولماسلىق.
6. ھەقكە تانماسلىققا قارىتا ھۆججەتلەپ قويۇش ئىمكانىيىتى بولۇش.
7. تاۋاردا ئەيىب تېپىلسا، قايتۇرۇۋېتىش ياكى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققى بولۇش.
يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلسا، سودا جائىز بولىدۇ. بىر قىسمى تېپىلمىسا، توغرا بولمايدۇ.
لېكىن، ھازىرقى تور سودىسى سۇپىلىرىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى شەرت – ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. شۇنداقلا رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇنلارمۇ يېتەرلىك ئەمەس.
توردا ئالتۇن – كۈمۈش سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ
توردا ئالتۇن – كۈمۈش سودىسى شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، سەۋەبى: ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى، بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشتا نەقمۇنەق، قولمۇقول بولۇشى شەرت.
بەراﺋ ئىبنى ئازىب بىلەن زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئېيتىدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تىجارەتچى ئىدۇق. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەرراپلىق ھەققىدە سورىساق، رەسۇلۇللاھ: «نەق بولسا كېرەك يوق، نېسى بولسا دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن.(8)
ھازىر بولۇۋاتقان تور ئالتۇن – كۈمۈش سودىسى ياكى ئاتالمىش «قەغەز ئالتۇن» سودىسىدا ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ياكى كۈمۈش مەۋجۇد بولمايدۇ. بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتساق، بۇ ئەسلى قولىدا يوق نەرسىنى سېتىش، قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. ھېسابىدا قەرز ياكى ئامانەت پۇل بار.
دېمەك، بۇ سودا پەقەتلا، قەرز پۇلنى قەرز پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزنى كۈمۈش ئېلىپ – سېتىۋاتىمەن دەپ قانائەتلەندۈرۈپ مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنى گوللاشتىن ئىبارەت.(9)
ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش
پاي چېكى تىجارىتى مۇباھ تىجارەت. لېكىن، ئالىملار بۇ خىل تىجارەتنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ بارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشىنى ئاساسى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن،
1. پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە جىسمى بار مەۋجۇد شىركەت بولۇپ، ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى، قۇرۇق قەغەز يۈزىدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلۇۋاتقان شىركەت بولماسلىقى كېرەك.
2. پاي چېكى ئېلىپ – سېتىلماقچى بولغان شىركەت، جازانە – ئۆسۈم بىلەن ۋە ياكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تونۇلمىغان، قىمارغا ئوخشىغان ناچار ئىقتىسادىي موھىتنى راۋاجلاندۇرۇشتەك ھارام تىجارەت ئۇسۇللىرى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ھارام ئىشلار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىش كۆپچىلىك ئالىملار نەزەرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ – ساتماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن.
يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن خالىي بولغان ئەھۋالدا، پاي چېكى سودىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. بىراق، شۈبھە ئارىلاشقان ئەھۋالدا مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم.(10)
ئىناۋەت كارتىسى ئشلىتشنىڭ ھۆكمى
ئىناۋەت كارتىسى جازانە مۇئامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بېجىرىش ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ئۆسۈم شەرتى بولغانلىقتىن، گەرچە كارتا ئىگىسى ئۆسۈم تۆلەش ۋاقتى كېلىپ بولغۇچە كېچىكتۈرمەستىن تۆلىۋېتىشكە بەل باغلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ تۈرلۈك كارتلارنى بېجىرىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ئالغان. ئىناۋەت كارتىسىدا ياكى تور كەسپى ئېچىۋېتىلگەن بانكا كارتىسىدا پۇل بولسا، بۇنىڭ بىلەن توردىن ياكى بازاردىن مال سېتىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر كارتىدا پۇل بولمىسا، مال سېتىۋالغان پۇلنى بانكىغا بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا تۆلىۋەتسە يەنىلا جائىز. تۆلىۋەتمىسە ئۆسۈم چىقىدىغان بولۇپ، خەتەرلىك جازانىگە يولۇققان بولىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا تۆلىۋېتىش زۆرۈر.
ئىناۋەتلىك كارتا بىلەن سودا قىلغاندا كارتىدا يۈەن بولۇپ، دوللار بىلەن تاۋار سېتىۋالغان ئەھۋالدا، بانكا يۈەننى دوللارغا ئالماشتۇرىدۇ. دوللار باھاسى بازار باھاسىدىن ئازغىنە تۆۋەن ياكى يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىككى تەرەپ رازى بولسا، بۇ دۇرۇس ئىش. چۈنكى، ئىككى تەرەپنىڭ خاھلىغان باھادا پۇل تېگىشىش ئىختىيارى بولىدۇ.
تاۋباۋ تورىدىكى سودا
تاۋباۋ (taobao) تورى ئەلى بابا (alibaba) شىركىتى تەرىپىدىن 2003 – يىلى جوڭگۇدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خەلقئارادىكى ئېباي (eBay) ۋە ئامازون (Amazon) تورلىرىغا ئوخشايدۇ. تاۋباۋدا كىچىك تىجارەتچىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭمۇ دۇكان ئېچىشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، كۆپ تاۋار سېتىۋالغان ئالاھىدە خېرىدار ئېتىبارلىق بەزى ئالاھىدىلىكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
تاۋباۋ تورىدىكى سودىمۇ ئومۇم جەھەتتىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تور سودىسىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. يەنى ئۇنىڭدا شەرىئەت بەلگىلىگەن شەرتلەر ۋە ئۆلچەمگە رىئايە قىلغان ئەھۋالدا ئېلىپ – سېتىش جائىز. ئەمما، بۇلار ئېچىدە پەقەتلا ئىشەنچ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساختا باھا توپلاش ئىشى بىر خىل ساختىلىققا كىرىدۇ.
بۇنىڭدا يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، تاۋارنى يەتكۈزۈپ بېرىش چىقىمىنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق بولۇشى لازىم.
دېمەك، توردىن تاماملىنىدىغان ئىلىم – بېرىم ئىشلىرى يۇقىرىقىدەك شەرئى پىرىنسىپلارغا مۇناسىپ ۋە ئىسلامنىڭ سودا ئەخلاقىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تاماملانغىنىدا، مەزكۇر سودا شەرئى جەھەتتىن يوللۇق ۋە جائىزدۇر.
تۆۋەندە تور سودىسىغا ئالاقىدار كەلگەن بەزى سوئاللارغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
سوئال: توردا دۇكان ئاچقانلارنىڭ سېتىلىش سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، دۇكاننىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئادەتتە، دۇكاننىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرمىسا، خېرىدارلار بۇ دۇكاننىڭ ماللىرى ئىشەنچلىك ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ مال سېتۋالمايدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: يالغاندىن سودا شەكىللەندۈرۈپ سېتىلىش مىقدارى ۋە خېرىدار باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ خىرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياش توغرا ئەمەس. بۇ بىر خىل ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.
سوئال: هازىر ئۈندىدار ۋە تاۋباۋ تورى ئارقىلىق نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش بەك ئومۇملىشىپ كەتتى. بىز ئۇ تورلاردا ماللارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ سېتىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ كارتىسىغا پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پوچتا ئارقىلىق ماللارنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بەزىلىرى مال يارىمىسا ياكى كىچىك – چوڭ كېلىپ قالسا ئالماشتۇرۇپ، قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بەزىلىرى ئۇنداق قىلمايدۇ. مۇشۇنداق سودا قىلىش ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئۈچۈن دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: توردا تاۋار سۈپىتى ئېنىق، چۈشەندۈرۈشى تەپسىلىي، رەسىملىرى ئوچۇق بولۇپ، تالاش – تارتىش كېلىپ چىقمايدىغان بولسا، سېتىۋالغاندىن كېيىن تاۋار دېيىشكەندەك چىقمىسا، خېرىدارنىڭ ياندۇرۇپ بېرىش ھوقۇقى بولسا، مۇشۇنداق سودا قىلىش دۇرۇس.
سوئال: جۇڭگودا 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنىنى «بويتاقلار بايرىمى» دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور سودىسى شىركىتى بولغان تاۋباۋ شىركىتى بۇ كۈندە پۈتۈن ماللارنىڭ باھاسىنى 50% چۈشۈرىدۇ. مۇشۇ كۈندە ئاشۇ تور بەتتىن بىر نەرسە ئالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگولۇقلارنىڭ بايرىمىغا پەرۋا قىلماي، بۇ كۈندە سودا قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
سوئال: بەزىدە توردا ئالاھىدە ۋاقىتلارنى بەلگىلەپ مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتىدۇ. بۇنداق چاغدا مالنىڭ باھاسى ئادەتتىكى باھاسىدىن جىقلا ئەرزان بولىدۇ. ئالايىتەن نەچچە مىنۇت دىگەندەك ۋاقىتنى بەلگىلەپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مالنى باشقىلاردىن بۇرۇن سېتىۋالالىسا، شۇنداق ئەرزان باھادا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، مۇشۇ خىل مالنى سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟ بەزىلەر تەلەي سىنىغاندەك ئىشلاردىن ئالغان پايدىنىڭ ھەممىسى ھارام دەيدىكەن.
جاۋاب: بۇنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. دۇكانلاردىمۇ بىرەر كۈن باھا چۈشۈرۈپ ساتسا، ئالسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 17 – شەئبان / م. 2015، 4 – ئىيۇن
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 73 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. إبراهيم العيسوي: «التجارة الإلكترونية»، 19 – بەت. المكتبة الأكاديمية القاهرة.
2. عبدالرحمن بن عبد الله: « الأحكام الفقهية للتعاملات الالكترونية»، 116 – بەت. دار الوراق – بيروت.
3. فيصل محمد النعيم: «التجارة الإلكترونية مبادؤها ومقوماتها»، 42 – بەت. الدار العربية للعلوم – بيروت.
4. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 3/21؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/231، 5/138؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/373.
5. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/201.
6. دكتور جمال عبود محمد: «حكم التجارة الإلكترونية في الشريعة الإسلامية»، 20 – 23 – بەتلەر.
7. دوكتور زۇھەيلىي: «حكم إجراء العقود بوسائل الاتصال الحديثة»، 30 – بەت.
8. «بۇخارىي»، (2060، 2061).
9. تېخىمۇ كەڭرى تەپسىلات ئۈچۈن دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 156 – پەتۋاغا قاراڭ.
10. تېخىمۇ كەڭرى تەپسىلات ئۈچۈن «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – تومغا قاراڭ.