سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە ئىشلەپ ئالغان مائاشمۇ بانكىدا ئىشلەپ ئالغان مائاش بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانىنى ئالغۇچى، بەرگۈچى، جازانىگە شېرىك بولغۇچى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاتناشقۇچى بارلىق كىشىلەرگە لەنەت قىلغان» دېگەن ھەدىسكە چۈشەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سوغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ توختاملىرى نامەلۇملۇقنى، قىمار ئوينىغاندەك قاراڭغۇلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا ۋە يەنە سوغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇئامىلىلىرى ئۆسۈمدىن خالىي بولمايدىغان بولغاچقا، مەككەدىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1398 – يىلى چىقارغان قارار بويىچە، تىجارەت مەقسىتىدىكى سوغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئىشى جائىز ئەمەس.
چۈنكى، بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەشنىڭ ئۆزى، ئىنساننى ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىتىدۇ، يەنە بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەش گۇناھقا، ھارام مۇئامىلىگە ۋە ھارام مۇئامىلە قىلىدىغان شىركەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىق، ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق سوغۇرتا شىركەتلىرىدە ئىشلەش جائىز بولمايدۇ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىسىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر» دېگەن.(1)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىس جازانە قىلىشقۇچىلار ئوتتۇرىدىكى سودىنى يېزىشنىڭ ۋە ئۇ ئىككى تەرەپكە گۇۋاھچى بولۇشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ ۋە يەنە باتىل ئىشقا ياردەم قىلشنى ھارام قىلىدۇ».(2)
ئەلبەتتە، جازانە ئىشلىرىنى يازغۇچىلار ياكى گۇۋاھ بولغۇچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق ئىشى جازانە ئۈستىگە قۇرۇلغان شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ، يۇقىرىقى ھەدىستىكىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
بۇنداق شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلار شۈبھىسىز باشقا بىر ھالال خىزمەت ئىزدىشى، جانابى ئاللاھقا بولغان مۇستەھكەم ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر يوقسۇللۇقتىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ خاھلىسا سىلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىۋېتىدۇ ﴾(9/«تەۋبە»: 28)
﴿كىمكى ئاللاھتىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى قىلىپ بېرىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ ﴾(65/«تالاق»: 2، 3)
بۇ تۈرلۈك شىركەتلەردە ئىشلەشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەپ ئالغان مائاشىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. بىلگەندىن كېيىن پايدىلانسا بولمايدۇ.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾ دېگەن﴾(2/«بەقەرە»: 275).
بەزى ئالىملار: ئەگەر پەقەت ئىش تاپالماي، چارىسىز قېلىپ تۇرمۇشىدا بەكلا قىينىلىپ قالغان ئەھۋالدا، باشقا بىر ھالال ئىش تېپىپ بولغىچە، ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرسا بولىدۇ دېگەن ۋە بۇنى خۇددى ئاچ قالغاندا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوشقا گۆشى يەپ تۇرغانغا ئوخشاش زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان. لېكىن، بۇ زۆرۈرىيەت شۇ ئىشنى قىلمىسا، ئاچ – يالىڭاچ قېلىشنى ياكى پەۋقۇلئاددە قىينىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 22 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2012، 14 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 72 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «مۇسلىم»، (1598).
2. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 11/26.