مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كىرىم قىلىشنىڭ ھۆكمى

مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كىرىم قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئىستانبۇلدا تېلېفۇن، كومپيۇتېرغا دائىر دۇكان ئاچىمەن، دۇكانغا ئىقامەت ئالماقچى بولغانلار ئىقامەت تەلەپ قىلىش نومۇر ئۆچىرىتى ئېلىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئۇلارغا نومۇر ئېلىپ بىرىمەن، ساياھەت ئىقامىتىگە تىزىملاتقانلار چوقۇم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلىش كېرەك، بىز ھازىرغىچە سۇغۇرتا شىركىتىدە نەچچە پۇل بولسا، شۇ باھا بويىچە پايدا ئالماي سۇغۇرتا ئېلىپ بەردۇق، لېكىن بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئىجارىسى ھەم ئۆزىمىزنىڭ شۇ سۇغۇرتىنى ئېلىشقا كەتكەن ۋاقتىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىش ھەققىمىزگە سۇغۇرتا باھاسىغا 10 لىرادىن پۇل قوشۇپ ساتساق بولامدۇ ياكى بىز سوغۇرتا ئالغۇچىلاردىن تەلەپ قىلماي ئەسلى باھاسىدا سېتىپ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن دۇكان ئىجارىسى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئايلىق پۇل تەلەپ قىلساق، ياكى بىزگە ئايلىق مائاش توختىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ؟ بۇنىڭغا تەپسىلىي، ئېنىق بىر جاۋاب بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى سۇغۇرتا شىركەتلىرى جان، مال – مۈلۈك ۋە تىجارەت قاتارلىق ساھەلەردە شەخسلەر ۋە شىركەتلەر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئوت كېتىش، غەرق بولۇپ كېتىش، سوقۇلۇپ كېتىش، ياشىنىپ قېلىش، ئاغرىپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىق بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خېيىم – خەتەرگە قارىتا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغان.

سۇغۇرتا ئىشى ئادەتتە، بىرەر سۇغۇرتا شىركىتىگە بىراقلا ياكى قەرەللىك پۇل تۆلەش بىلەن باشلىنىپ، خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىغا مەلۇم مىقداردا تۆلەم ياكى ئىمتىيازلارنى تەقدىم قىلىشى بىلەن پۈتىدۇ.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولسا، بىرەر شەخس ياكى ئۇ شەخسكە ئىگە بولغان بىرەر ئورۇننىڭ مەلۇم بىر ئورۇنغا مەلۇم بىر مىقداردىكى پۇلنى بىراقلا ياكى بىر نەچچە قەرەلگە بۆلۈپ بەرسە، ئۇ ئورۇن ئاشۇ شەخسنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلەيدىغانغا توختاملىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.

سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئەزالىرىدىن توپلىغان مال – مۈلۈكنى تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشلىتىپ ئاۋۇتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەر – مۈلۈك، ئېلىم – سېتىمىدەك ھالال سودىلارمۇ، بانكىلاردا قويۇپ ئۆسۈمىنى ئېلىشتەك ھارام قىلمىشلارمۇ بار، ئەلبەتتە.

بۇ شىركەتلەرنىڭ نىشانى خەير – ساخاۋەت ياكى ئىنسانىي ياردەم كاپالىتى بولماستىن، بەلكى كۆپ پايدا ئېلىشتۇر. ھازىرقى زامان سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغانلىرى ئىچىدە تىجارەت سۇغۇرتىسى، ھايات سۇغۇرتىسى، ۋەقە – ھادىسىلەرگە قارىتا سۇغۇرتا ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردۇر.

ھازىرقى زامان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتىلار دەسلەپ پەيدا بولغان چاغلاردا، ئالىملار بۇ شىركەتلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل بولغان. بەزىلىرى ھارام، بەزىلىرى جائىز دېسە، يەنە بەزىلىرى، زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا جائىز دەپ قارىغان. لېكىن، بىر مۇددەتتىن كېيىن بۇ تالاش – تارتىشلارنى چوڭ فىقھ ئاكادېمىيەلىرى ۋە پەتۋا كومىتېتلىرى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ ھەقتە ھايات سۇغۇرتىسى بولسۇن، ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولسۇن، ياكى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى بولسۇن، ئومۇمەن، تىجارىي سۇغۇرتىلارنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ھارام دەپ قارار چىقارغان. داۋالىنىش ياكى تەن – سالامەتلىك سۇغۇرتىسىمۇ، ئاشۇ ھارام دائىرىدىكى تىجارىي سۇغۇرتىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

مەسىلەن، «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» جانغا ۋە مال – مۈلۈككە قارىتا بولسۇن، تىجارىي سۇغۇرتىنىڭ ھەرقانداق تۈرىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە قارار چىقارغان.(1)

بۇ قاراردا، مەزكۇر «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»نىڭ ھىجرىيە 1397 – يىلىدىكى «ھارام» دېگەن قارارىنى تەكىتلىگەن.(2)

ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە «خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتىلارنى «ھارام» دېگەن.(3)

ھايات سۇغۇرتىسىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىمۇ ئايرىم پەتۋا ۋە قارارلار چىقىرىلغان. مەسىلەن، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار توپلانغان چوڭ ئورگانلاردىن مىسىر «ئىسلام ئىلمى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى»نىڭ 1965 – يىلى چىقارغان پەتۋاسى، «ئىسلام ئىقتىسادى خەلقئارالىق بىرىنچى قۇرۇلتىيى»نىڭ 1976 – يىلىدىكى پەتۋاسى، مەككەدىكى «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 1984 – يىلىدىكى پەتۋاسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.(4)

چۈنكى، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتىلار، ئېغىر دەرىجىدە نامەلۇملۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنى، قىمارنى، دو تىكىشنى، جازانىنىڭ ئارتۇق قىلىش ۋە نېسى قىلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تۈرىنى، باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى بەدەلسىز يەۋېلىش….قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.(5)

دەرۋەقە، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتا توختاملىرىدا ھاراملىق تەرىپى ئېنىق. چۈنكى، بۇ توختاملار نامەلۇملۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېھتىماللىق توختاملار بولغاچقا، بۇلارغا قاتناشقان ئەزالار توختاملاشقان ۋە پۇل تۆلىگەن ۋاقىتتا، كېيىنچە قانچىلىك پۇل ئېلىشىنى بىلمەيدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ مەزكۇر ئەزالىرىغا كېيىنچە قانچىلىك پۇل تۆلىشىنىمۇ بىلمەيدۇ. چۈنكى، ئادەتتە، مەزكۇر ئەزالار داۋالىنىش ياكى ۋەقەدىن تارتىدىغان زىياننى ئۆزلىرى ئەزا بولغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلىشى ئۈچۈن، شۇ شىركەتلەرگە قەرەللىك ياكى بىراقلا پۇل تۆلەيدۇ. كېيىن كېسەلمۇ بولماي، ۋەقەگىمۇ ئۇچرىماي سۇغۇرتىغا تۆلىگەن پۇللىرى زايە بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەكسىچە، بىر ياكى ئىككى قەرەلدە ئازغىنە پۇل تۆلىگەن كىشى، بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم ئاغرىپ قېلىپ ياكى ۋەقەگە ئۇچراپ تۆلىگىنىدىن نەچچە ھەسسە پۇل قايتۇرۇۋېلىشىمۇ مۇمكىن. مانا بۇ نامەلۇملۇق، قاراڭغۇلۇق، بەدەلسىز پۇل تۆلەش ياكى بەدەلسىز پۇل ئۈندۈرۋېلىشتۇر.

سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېغىر دەرىجىدە نامەلۇملۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودىدىن توسقان.(6)

نامەلۇملۇق ئېغىرلىشىپ كەتسە، قىمارغا ياتىدۇ. مەلۇم بىر مىقدار پۇل تۆلەپ، كېيىنچە، ئۇنىڭدىن ئارتۇق پۇل قايتۇرۇپ ئالسا، جازانىنىڭ ھەر ئىككى تۈرى شەكىللەنگەن بولىدۇ. چۈنكى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناشقان ئەزاغا ئۇ تۆلىگەن پۇلدىن كۆپرەك پۇل تۆلىسە، بۇ ئارتۇق قىلىش جازانىسىگە كىرسە، بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئارتۇق، ياكى كەم، ياكى تەڭ بېرىشى، نېسىلىك جازانىسىگە كىرىدۇ. يەنە تېخى قەرەللىك پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىمىگەن ئەھۋالدا، كېچىكتۈرگەنلىكتىن ئۆسۈمى بىلەن بىللە تۆلەش شەرت قىلىنىدۇ. نەتىجىدە، بۇ باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

يەنە كېلىپ، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتىدا، ناھەق تۆلىتىشتىن ئىبارەت شەرىئەتكە زىت كېلىدىغان ئىش بار. چۈنكى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۇ ئادەمنى كېسەل قىلىپ قويمىغان ياكى ۋەقەنى سادىر قىلمىغان، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتا تۆلەم تۆلەيدۇ؟

يىغىپ ئېيتقاندا، بەزىبىر شەخسىي قاراشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆلىمالار بىرلىكلىرى ۋە پەتۋا كومىتېتلىرىنىڭ يۇقىرىقى قارار ۋە پەتۋالىرىغا بىنائەن، بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە ئىشلەشنىڭ ھۆكمىمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇ شىركەتلەر جازانە، ئېغىر دەرىجىدىكى نامەلۇملۇق، قاراڭغۇلۇق، قىمار ۋە باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى يەۋېلىش قاتارلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن مۇئامىلىلەرنى قىلىدۇ. بۇ شىركەتلەردە ئىشلىگەن كىشىمۇ، ئاشۇ ھارام مۇئامىلىلەرنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارغا شېرىك بولغان بولىدۇ.

بۇ ۋەجىدىن، سىزنىڭ سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن دۇكانغا ئىجارە پۇل ياكى ئۆزىڭىزگە مائاش ئېلىشىڭىز، بۇ شىركەتلەردە ئىشلەش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئالغان ئىجارە پۇلى ياكى مائاش ھارام بولىدۇ.

بۇرۇن سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىپ مائاش ئالغانلار، كېيىن ھۆكمىنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ، ئۇ خىزمەتنى تاشلىغانلار بولسا، تەۋبە، ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن بىللە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى، شۇنداقلا شۇ پۇللاردىن يىغىلىپ قالغان پۇل بولسا، ھارام پۇل مىقدارىنى مۆلچەرلەپ، ئۇنى موھتاجلارغا بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى لازىم.

ساياھەت ۋىزىسى بىلەن تۈركىيىگە كىرىپ ئىقامەت ئالغۇچىلارغا كەلسەك، بۇ سۇغۇرتا ئىختىيارىي بولغان بولسا، قاتنىشىشى ئەلبەتتە ھارام بولاتتى. لېكىن، ئۇلار ئىقامەت ئېلىش ئۈچۈن بۇ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر. ئادەتتە، ئىقامەت ئالغۇچىلار بۇ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ ھەم خاھلىمايدۇ. پەقەتلا ئىقامەت بەرگۈچى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئىقامەت ئۈچۈن شەرت قىلىۋالىدۇ.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ھارام ئىشنىڭ گۇناھى، مۇشۇ ئىشنى ئىقامەت ئېلىشقا شەرت قىلىپ تاڭغان ئورۇن ياكى شەخسكە بولىدۇ. مەجبۇر بولغۇچىغا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئادەتتە، ماشىنا ئىشلىتىشتە ياكى شىركەتلەرنى ماڭدۇرۇشتا سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغانغا ئوخشايدۇ.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، داۋالىنىش چىقىمى قىممەت بولغان دۆلەتلەردە ياشاپ، ئۆز يېنىدىن پۇل خەجلەپ داۋالىنىش ئىمكانىيىتى تاپالمايدىغانلارمۇ، زۆرۈرىيەت تېپىلغان بولغاچقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. يەنە بەزى دۆلەتلەردە خېلى كەڭ خەلق ئاممىسى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. قاتناشمىغان تەقدىردە، بەزى دوختۇرخانىلاردا داوالىنالمايدۇ. يەنە بەزىدە داۋالىنىشقا مۇناسىۋەتسىز بەزىبىر ھەق – ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق زۆرۈرىيەت تېپىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قىلىپ، قاتناشسا گۇناھ بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىماستىن ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر ﴾(5/«مائىدە»: 3).

بۇ سۇغۇرتىغا مەجبۇرىي قاتناشقانلار، كېيىنچە داۋالىنىپ، سۇغۇرتىدىن پۇل ئۈندۈرۋالغان ئەھۋالدا، سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ھېسابنى ئۈزۈل -كېسىل بوغقان چاغدا جىمى تۆلىگەن پۇلدىن ئارتۇق ئالغىنىنى موھتاجلارغا بېرىپ قۇتۇلۇشى لازىم.

يەنە بەزى دۆلەتلەردە شىركەت ۋە زاۋۇت ئىگىلىرى قولىدا ئىشلىتىۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، قاتناشتۇرمىسا ئادەم ئىشلىتەلمەيدۇ. مەزكۇر شىركەت ۋە زاۋۇت ئىگىلىرى قولىدىكىلەرنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغاچقا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ سۇغۇرتىغا مەجبۇر قاتناشتۇرۇلغان بولغاچقا، ھەر ئىككى تەرەپكە گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق ئشچى – خىزمەتچىلەر داۋالىنىش جەريانىدا سۇغۇرتىدىن پايدىلانسا، پىنسىيە مائاشى ئېلىپ پايدىلانسا، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ.

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، بۇ سۇغۇرتىغا نۆۋەت ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلاردىن نۆۋەت ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە پۇل ئالسىڭىز سىزگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئىشىڭىز ھارام ئىشقا ياردەملەشكەنلىكمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىلەر مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقتىن، بۇ نۆۋەتنى ئېلىشى ئۇلارغا مۇباھ بولىدۇ. بۇ مۇباھ ئىشنى بېجىرىشكە تەر ئاققۇزغانلىق بەدىلىگە ھەق ئېلىش سىزگە ھالال بولىدۇ. موھتاج ۋە مەجبۇر بولۇپ قالغان ھەمشەھەرلىرىڭىزگە ياردەم قىلغانلىق، مۇساپىرچىلىقتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە ياردەملەشكەنلىك جەھەتتىن بۇ ئىشىڭىز، ساۋاب بېرىلىدىغان سىلە – رەھىم ۋە ياخشىلىقلار قاتارىدا بولىدۇ.

ئەگەردە مەجبۇر بولۇپ قالمىغانلارغا نۆۋەت ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى ھارام بولغاچقا، سىزگىمۇ گۇناھ بولىدۇ ۋە كىرىمىڭىزمۇ ھارام بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا سىزگە بارلىق مۇئامىلىلەردە شەرىئەت ھۆكمىنى سوراپ، توغرا يول تۇتۇپ مېڭىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىز ئۈچۈن، ھالال رىزق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغاي!

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان، ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە تەۋەككۇل قىلىدىغان، قىيىن كۈنلەردە ئۇنىڭغىلا ئىلتىجا قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن. ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 6 – سەپەر/ م. 2016، 6 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 71 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————
1. قرار المجمع الفقهي الاسلامي التابع لرابطة العالم الاسلامي في دورته الأولى في 10 شعبان 1398هـ بمكة المكرمة حيث قرر بالاجماع ـ ما عدا الشيخ مصطفى الزرقا ـ حرمة التأمين التجاري بجميع أنواعه.
2. قرار مجلس «هيئة كبار العلماء» بالسعودية في دورته العاشرة بالرياض في 4/4/1397هـ قرار رقم 51، 52.
3. «مجمع الفقه الإسلامي الدولي» في قراره رقم (9/ (9/2).
4. فتوى «مجمع البحوث الإسلامية» بمصر عام 1965م، وفتوى المؤتمر العالمى الأول للاقتصاد الإسلامى بمكة سنة 1976م وفتوى المجمع الفقهى بمكة سنة 1984م.
5. علي محيى الدين القره داغي: «التأمين الاسلامي»، دراسة فقهية تأصيلية مقارنة بالتأمين التجاري مع التطبيقات العملية. 177، 178 – بەتلەر.
6. «مۇسلىم»، (1513).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ