ياۋروپالىققا قوي بوغۇزلىتىش توغرىسىدا

ياۋروپالىققا قوي بوغۇزلىتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىز ياۋروپادا قوي سويماقچى بولساق، بىز ئۆزىمىز بوغۇزلىساق قويچىغا جەرىمانە كېلىدىغان بولغاچقا، قوينى ياۋروپالىق قويچى ئۆزى بوغۇزلاپ بېرىدۇ. «بىسمىللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر»نى بىز ئېيتىپ بېرىمىز. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار سويغان قوينى يېگىلى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ماللارنى يېيىشكە، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ماللارنى يېمەسلىككە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(ئەنئام: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر﴾( ئەنئام: 121).

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئادەتتە مال بوغۇزلىغاندا، قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئاتايمىز.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، «بىسمىللاھ» دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ۋاجىپ بولۇپ، قەستەن دېمىسە مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر دېيىشنى ئۇنتۇپ قالسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشى ھالال بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنتۇش دېگەن ئىنساندا كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شەرىئەتتە مۇشەققەت كۆتۈرۈۋېتىلگەن. ئەگەر دېيىشنى بىلمىگەنلىكتىن دېمىگەن بولسا ياكى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن دېمىگەن بولسا، گۆشى ھالال بولمايدۇ([1]).

لېكىن مەزكۇر سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بوغۇزلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە توختىلىش كېرەك. يەنى ياۋروپالىق قاسساپنىڭ دىنىي ئېتىقادى نېمە؟ مۇسۇلمانمۇ؟ ئەھلى كىتاب يەنى خرىستىيان ياكى يەھۇدىيمۇ ۋەياكى ئاتېئىس ۋە دىنسىزمۇ؟ چۈنكى ياۋروپادىكى بىز خرىستىيان دەپ ئويلىغان ئاھالىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دىنسىزلىشىپ كەتكەن. ھازىر قارايدىغان بولساق، ياۋروپا نوپۇسىنىڭ ئاران 3/1 (ئۈچتىن بىر)ى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان، خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغىنى دىنسىزلار.

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئەھلى كىتابلاردىن باشقا كاپىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرى ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق ئالىملار بىردەك ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامىنى ئاتىمىغانلا بولسا، يېيىشكە بولىدىغانلىقىدا ئىجماﺋ قىلغان. يەنە ئاتەشپەرەس ۋە بۇتپەرەسلەر ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ بوغۇزلىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى يېيىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلغان» دېگەن([2]).

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى ئىلىملار ئاتەشپەرەسلەرنىڭ تۇتقان ئوۋلىرىنىڭ، بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بوغۇزلانمايدىغان بېلىق ۋە چېكەتكىگە ئوخشىغان نەرسىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئالىملار بۇنىڭ ھالاللىقىغا ئىجماﺋ قىلغان»([3]).

ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ: «ئۈممەت مۇشرىكلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىشنىڭ، بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلغان» دېگەن([4]).

ئەھلى كىتاب بولمىغان كاپىرلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىدا ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى يەنە ئىمام ئەھمەد، ئىبنۇل مۇنزىر، ئەبۇبەكرى ئەلجەساس، قۇرتۇبىي، ئەلخازىن ۋە ئىبنۇل جەۋزىي قاتارلىق ئالىملارمۇ بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بۈگۈن سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىكىمۇ سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ يېمەكلىكىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(مائىدە: 5).

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى ئەھلى كىتابتىن باشقا كاپىرلارنىڭ يېمەكلىكىنى يەنى بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىتابى يوق كاپىرلاردۇر.

دېمەك، ياۋروپالىق مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولمىغان تەقدىردە، ئۇ «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلىسىمۇ ياكى قوي ئىگىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بەرسىمۇ ئۇ گۆشنى يېگىلى بولمايدۇ.

ئەگەر بوغۇزلاپ بەرگۈچى مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي – خرىستىيان) بولسىچۇ؟

«بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر»نى بوغۇزلىغۇچىدىن باشقا كىشى دەپ بەرسىمۇ مالغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش شەرتى تېپىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ نامىنى بوغۇزلىغۇچى ئۆزى ئاتىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى نۇجەيم مۇنداق دەيدۇ: «بۇغۇزلىغۇچى پىچاق سۈرگەندە قۇربانلىق ئىگىسى ياكى باشقىسى بىسمىللاھ دېسە ھېساب بولمايدۇ».

ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاساسلىق شەرتلەرگە كەلسەك، شەرتلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بوغۇزلىغۇچىدىن بولۇشى شەرت. شۇڭلاشقا بوغۇزلىغۇچى بۇ شەرتنى ئۇنتۇپ قالمىغان ھالدا ئەسلەپ تۇرۇپ جىم تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى باشقىسى ئېيتسا قۇربانلىق ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالانىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ نامى ئاتالماي بوغۇزلانغان مالدىن يېمەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە، يولدىن چىقىپ كېتىشتۇر﴾(ئەنئام: 121)، دېگەن سۆزى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى بوغۇزلىغۇچى ئېيتمىسا دېگەنلىك بولۇپ، بوغۇزلىغۇچىنىڭ بوغۇزلاشتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىشى شەرت قىلىنغاندۇر».

بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى پىچاق سۈرمەكچى بولغان بوغۇزلىغۇچىنىڭ ئاتايدىغانلىقى، باشقىلار ئاتىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانلىرى يۇقىرىقىدەك ئېنىق([5]).

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئېيتقىنكى، «سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ تەربىيەلىگەن جانىۋارلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۇتقان ئوۋلىرىدىنمۇ يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»﴾(مائىدە: 4)، دەيدۇ. يەنە: ﴿ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار﴾(ئەنئام: 118)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش ئەلبەتتە گۇناھتۇر﴾(ئەنئام: 121). ﴿(كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلار قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللا دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق﴾(ھەج: 36)، دەيدۇ.

ئۆگىتىلگەن ئوۋ ئىتلىرىنى قويۇپ بەرگەندە ياكى ئوۋغا قارىتىپ ئوق ئاتقاندا «بىسمىللاھ» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن) دېيىش ھەققىدىكى ۋە پىچاق تاپالمىغاندا بىسلىق نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلاش ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

ساھابىلەردىن ئەدىي ئىبنى ھاتىم تائىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز بەزىدە ئوۋ ئوۋلىغىنىمىزدا، ئوۋنى بوغۇزلاشقا قىرلىق تاش ياكى قومۇشتىن باشقا نەرسە تاپالمايمىز. ئاشۇنداق نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلىساق بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، خاھلىغان نەرسە بىلەن قان ئېقىتساڭ بولىدۇ»([6])، دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىتىڭنى قويۇپ بەرگەندە ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىغان بولساڭ يېگىن» دېگەن([7]).

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بۇيرۇق ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، ئاتاشنى باشقا كىشى ئەمەس، بوغۇزلىغۇچى ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، تاماق يېمەكچى بولغان كىشى بىسمىللاھ دېمەي، يېنىدىكى كىشى دېسە ھېساب بولمىغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بوغۇزلىغۇچىدىن باشقا كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىشى ھېساب بولمايدۇ.

ئەگەر مۇسۇلمان كىشى قۇربانلىقى بوغۇزلاشتا ئەھلى كىتابنى ۋەكىل قىلسىچۇ؟

ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھالال ئىكەنلىكى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى ئىتتىپاق مەسىلىدۇر. بۇ ئۇلار بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىكى گەپ. ئەمما ئۇلارنىڭئاتېئىست ئەمەس، خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلسە، قۇربانلىق قىلغۇچى ياۋروپالىق قاسساپنى ۋەكىل قىلسىچۇ؟

قۇربانلىق قىلىش ئىبادەت بولغاچقا ئۇ ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە تاپشۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس. كۆپچىلىك ئالىملار ۋەكىل بولۇپ بوغۇزلىغۇچى ئەھلى كىتاب بولسا، قۇربانلىقى مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا بولىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى ئەھلى كىتابلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىمۇ بىزگە ھالال قىلىنغانلاردىندۇر. مالىكىي ئالىملار بۇ ۋەكالەتنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئەھلى كىتاب ۋەكىل بوغۇزلىسا قۇربانلىق ئادا بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن([8]).

ئەگەر ياۋروپادا ياشاۋاتقانلارغا قۇربانلىقنى ئۆزى قىلىش ياكى مۇسۇلمان كىشىنى ۋەكىل قىلىش مۇمكىن بولمىسا، توغرا ئۇسۇلدا قۇربانلىق قىلغىلى بولىدىغان دۆلەتلەردىكى يېقىنلىرىغا تاپىلاپ ۋەكىل قىلسا، ۋەكىل قىلىنغۇچى قۇربانلىقنى بەجا كەلتۈرۈپ، گۆشىنى تاپىلىغان بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ قويسا بولىدۇ.

ئەمما مۇسۇلمان كىشى «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن قوينى سويۇش، ئىچ قارنىنى چىقىرىش ۋە پارچىلاش ئىشلىرىنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «مۇسۇلمان كىشى قويىنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئاتەشپەرەس پارچىلىسا ھالال بولىدۇ»، دېگەن([9]).

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 07. 23


([1]) «ئەتتەمهىيد»، 22 – توم، 302 – بەت؛ «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – توم، 46 – بەت؛ «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 3 – توم، 54 – بەت؛ «ئەلمۇغنىي»، 9 – توم، 293 – بەت.
([2]) «ئەلئىستىزكار»، 15 – توم، 217 – بەت.
([3]) «ئەلمۇغنىي»، 11 – توم، 39 – بەت.
([4]) «مەجمۇئۇل فەتۋا»، 8- توم، 100 – بەت.
([5]) «ئەلبەھرۇررائىق»، 8 – توم، 193 – بەت. «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – توم، 48 – بەت. «كىفايەتۇتتالىبۇررەببانىي»، 1 – توم، 574 – بەت؛ «مۇغنىل مۇھتاج»، 4 – توم، 272 – بەت؛ «ئەلمۇغنىي»، 9 – توم، 293 – بەت؛ «ماتالىبۇ ئۇلىننۇھا»، 6 – توم، 333 – بەت.
([6]) «مۇسنەدى ئەھمەد»، 18250 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر بۇنى «سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
([7]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5476 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1929 – ھەدىس. بۇنى ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
([8]) «كۇۋەيت فىقھ ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 5 – توم، 105 – بەت.
([9]) «ئەلمەجمۇ»، 9 – توم، 100 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ