قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ تاكى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە، ھەجگە بارالمىغان بولسىمۇ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ، ساقال – بۇرۇت ياساتسا ۋە تىرناق ئالسا بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيى كىرىشكە، مۇبارەك ئون كېچە باشلىنىشقا، قۇربانلىق قىلىدىغانلار قۇربانلىق قىلىشقا، قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىشقا ئاز قالغاندا كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ، تىرناق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئالسا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلايدۇ.

ئالىملار زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ، تۈك ۋە تىرناق قاتارلىق ئارتۇق نەرسىلەرنى كېسىشى، يۇلۇشى ۋە چۈشۈرۈشىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى: «مۇباھ» دېگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى: «چاچ – تىرناق ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ ئەمەس» دېگەن. يەنە ھەنەفىي مەزھەبى ئالىملىرىدىن بىر قىسمى: «ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ ئەمەس، لېكىن ئەڭ ياخشىنى قىلمىغانلىق بولىدۇ، ئالمىغان ياخشى» دېگەن. يەنى بۇلار مەكرۇھتىنمۇ تۆۋەن، دېمەكچى. «مۇباھ» دېگەن ئالىملاردىن مالىكىي ۋە شافىئىي ئالىملىرى: «ئالماسلىق مۇستەھەب، ئېلىش تەنزىھىي مەكرۇھ» دېگەن. بۇ قاراشنى ھەنبەلىي ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللىغان.

ھەنبەلىيلەر بىلەن زاھىرىي مەزھەبى: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرسە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىشى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراشنى باشقا مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارمۇ ياقلىغان(1).

يۇقىرىقى قاراشلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئىلگىرىكى ئۈچ خىل قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: «ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ» دېگەن. ئىككىنچى قاراش بولسا يۇقىرىدىكى ئاخىرقى قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر: «ئېلىش ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ» دەپ قارىغان.

مۇباھ دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرى:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بويۇنلۇقلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. ئاندىن ئۇنىڭغا بويۇنلۇقنى ئېسىپ، (لوككىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە پىچاق سانجىپ) بەلگە قويۇپ (ھ. 9 – يىلى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەككەگە) ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتتى. (ئۆزى ئىھرام باغلاپ ھەجگە بارمىغاچقا، بۇنىڭلىق بىلەن) ئۇ زاتقا ھالال نەرسىلەر ھارام بولمىدى»(2).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدىن ھەرەمگە ھەدىيە قۇربانلىق ئەۋەتەتتى. مەن ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلۇقلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. ئاندىن (ئۆزى ئىھرام باغلاپ ھەجگە بارمىغانلىقتىن بۇنىڭلىق بىلەن) ئىھرام باغلىغۇچى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ساقلانمايتتى»(3).

ئەمرە رىۋايەت قىلدىكى: «زىياد ئىبنى ئەبى سۇفيان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىبنى ئابباسنىڭ: ‹ھەدىيە قۇربانلىقىنى ئەۋەتىۋەتكەن كىشىگە قۇربانلىقى بوغۇزلانمىغۇچە ھەج قىلغۇچىغا ھارام بولغان نەرسىلەر ھارام بولىدۇ› دېگەنلىكى توغرىسىدا خەت يازغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹ھۆكۈم ئىبنى ئابباس دېگەندەك ئەمەس. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلۇقلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى. ئاندىن ئۇنى (ھ. 9 – يىلى) ئاتام بىلەن مەككەگە ئەۋەتتى. (ئۆزى ئىھرام باغلاپ ھەجگە بارمىغاچقا، بۇنىڭلىق بىلەن) قۇربانلىق بوغۇزلانغۇچە ئاللاھ ھالال قىلغان ھېچقانداق بىرنەرسە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھارام بولمىدى› دېدى»(4).

يەنە بىر ھەدىستە مەسرۇق رىۋايەت قىلدىكى: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! بىر كىشى ھەدىيە تۆگىلىرىگە بەلگە ئېسىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆزى يۇرتىدا قالغان بولسا، تاكى ھاجىلار ئىھرامدىن چىققانغا قەدەر، ئىھراملىق ھالەتتە ھېسابلىنامدۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدىم، پەردە ئارقىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چاۋاك چالغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئاندىن:

— مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە تۆگىلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ ھەدىيە تۆگىلىرىنى باشقىلاردىن كەئبەگە ئەۋەتەتتى. ھاجىلار ھەجدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئائىلىسىدىكى ئەرلەرگە ئاياللىرىدىن ھالال بولغان نەرسىلەر ئۇ زاتقا ھارام بولمايتتى، — دېدى»(5).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى، يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغانكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبەگە ئاتىغان قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئىھرام باغلىغان كىشى ئۆزىگە ھارام دەپ قارايدىغان بىر ئىشتا ئۆزىنى چەكلىمىگەن. چاچ ۋە تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىپ يۈرمىگەن. ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتىش دېگەن قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ چوڭراق ئىشتۇر. ئەگەر چاچ ۋە تىرناق ئېلىش ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەگە ئەۋەتكەن كىشىگە ھارام بولمىسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ.

يەنە قىياس جەھەتتىن مۇنداق دەلىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: «زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ. جىما قىلىش ئىھراملىق كىشىگە ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۇرۇقلۇق، قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلارغا ھارام بولمىسا، جىمادىن تۆۋەن تۇرىدىغان چاچ، تىرناققا ئوخشاش بەدىنىدىن بىرنەرسە ئېلىش ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتىدۇ: ‹بارلىق ئالىملار: ”زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ“ دەپ بىرلىككە كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشلار مۇباھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىقتۇر›»(6).

بۇ قىياس ئەسلىدە ئىكرىمەنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان «چاچ ئالسا بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس سۆزلەنگەندە، ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «ئاياللاردىنمۇ، خۇشپۇراقتىنمۇ نېرى تۇرسۇن ئەمىسە» دېگەن(7).

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «سۈننەت كېچىكتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن(8). يەنى تىرناق، بۇرۇت ۋە تۈكلەرنى ئېلىش سۈننەت ئىش، بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

«ھارام ئەمەس، مەكرۇھ» دەپ قارىغان ئالىملار: «كىيىم، جىما ۋە خۇشپۇراق ماددا ئىھراملىق كىشىگە ھارام بولغاندەك ھارام بولمىغاچقا، چاچ، تىرناق ئالماسلىقنىڭ مۇستەھەبلىكى، ئېلىشنىڭ مەكرۇھلۇقى مۇئەييەنلىشىدۇ» دېگەن. لېكىن، بۇ قاراش مۇنداق رەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلمايتتى، چەكلىگەن ئىش ئەقەللىي تەقدىردە مەكرۇھ بولىدۇ.

ھارام دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى مۇنۇ ھەدىس:

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ، تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىرنەرسە ئالمىسۇن» دېگەن(9).

بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىس ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئالىملار دەلىللەرنى بايان قىلغان. بىر – بىرلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەھلىل قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلىش بىھاجەت.

دەلىللەرنى سېلىشتۇرغان ئەھۋالدا، «مۇباھ» دېگۈچىلەرنىڭ، يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشى كۈچلۈكتۇر. شۇڭا، بىر قاراشنى تۇتقانلارنى باشقا قاراشتىكىلەر ئەيىبلىسە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ چاچ ئالغانلارنى گۇناھكار ۋە پاسىق دەپ ھۆكۈم پىچىۋېتىشكە بولمايدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بۇ سەۋەبلەردىن كۈچلۈك:

1) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكىگە بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بولسا ھەدىس ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ياكى ساھابەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ھەدىستۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىس بەزىدە «مەرفۇﺋ»، بەزىدە «مەۋقۇف» رىۋايەت قىلىنغان. بۇ پىكىر ئوخشىماسلىقى «سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئېنىق كەلگەن.

شۇڭا، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىي، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي ۋە ئىبنى ھەزملەر «سەھىھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىمام دارەقۇتنىي، ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىقلار بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن(10). چۈنكى، ئالتە راۋىي (رىۋايەت قىلغۇچى) بۇنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان.

2) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئۇنىڭدىن كۆپ راۋىيلەر رىۋايەت قىلغان. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىسىنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن باشقا بىرسى رىۋايەت قىلمىغان.

3) كۆپچىلىك ئالىملار ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ۋاجىبلىقنى يەكۈنلىمىگەن.

4) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بىرقەدەر كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلغان. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ كەئبەگە ئاتىغان قۇربانلىقنى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھىجرىيە 9 – يىلى، يەنى ھەججەتۇلۋەدائدىن بىر يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن.

بۇ يەردە بىرقانچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:

1) چاچ – ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالماي تۇرۇشتىكى ھېكمەت «دوزاخ ئوتىدىن پۈتۈن بەدىنىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن» دېيىلگەن. «ھەج قىلىۋاتقان ئىھراملىقلارغا ئوخشاپ تۇرۇش ئۈچۈن»مۇ دېيىلگەن. لېكىن، بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل يوق ھەمدە ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا، جىما قىلىش، كىيىم كىيىش ۋە خۇشپۇراق ماددا ئىشلىتىشتە ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2) چەكلەش تاكى قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. مەسىلەن، ھېيتنىڭ 2 – ياكى 3 – كۈنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، شۇ كۈنگىچە ئالماي تۇرىدۇ.

3) چەكلەش قانداق تۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ چەكلەش چاچ، ساقال، بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى ۋە ئۇندىن باشقا بەدەن تۈكلىرىنى ۋە يەنە كېسىۋەتسە بولىدىغان ئارتۇق تېرە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىش ۋە كېسىش بارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، چۈشۈرتۈش، قىسقارتىش، كۆيدۈرۈش، يۇلۇش ياكى دورا بىلەن چۈشۈرۈش، تىرناق ئالغۇچتا كېسىش ياكى سۇندۇرۇش قاتارلىقلار.

4) قان ئالدۇرۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ سىرتقى ئەزا قىسمىدىن ئەمەس.

5) ھەنبەلىي مەزھەبىدىكىلەر: «چاچ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇلار: «بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى ھارام بولۇپ كېتىدۇ» دېمەكچى.

6) بۇ كۈنلەردە ئاشۇ چەكلىمىگە قەستەن ياكى سەھۋەنلىكتىن رىئايە قىلماي، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنى ئېلىپ سالغان كىشىگە يا جازا، يا تۆلەم يوق، پەقەتلا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

7) بۇ چەكلىمىدە ئەر ياكى ئايالنىڭ پەرقى يوق. دېمەك، ئايال كىشىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.

8) ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش چەكلىنىدىغان ئىش. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملار: «ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام» دەپ قارايدۇ، بەزىلەر: «مەكرۇھ» دەيدۇ. ھەممىسى ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنى چەكلەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 23 – زۇلقەئدە / م. 2012، 9 – ئۆكتەبىر


1. جاسساس: «مۇختەسەرۇ ئىختىلافىل ئۆلەماﺋ»، 3 – ج، 230 – بەت؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 6 – ج، 264 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8 – ج، 346 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8 – ج، 285 – بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – ج، 355 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1696)؛ مۇسلىم (1321).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1698)؛ مۇسلىم (1321).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1700)؛ مۇسلىم (1321).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5566)؛ مۇسلىم (1321).
6. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 4 – ج، 85 – بەت.
7. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – ج، 369 – بەت؛ تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 7 – ج، 267 – بەت.
8. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 181 – بەت.
9. مۇسلىم (1977).
10. ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9 – ج، 276 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىر»، 4 – ج، 342 – بەت؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 17 – ج، 234 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ