نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ دىنىي ئاساسىنى بىلىپ كەتمەيمىز. شۇڭا، بۇ توغرۇلۇق ئۇستازنىڭ ئېنىق مەلۇمات بېرىشىنى سورايمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تۇز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا گەرچە ئادەتتىكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق قەدىمدە ئۇنداق بولمىغان. بەلكى، ئەسىرلەر بويى ئىنتايىن كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك تاۋار سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، تۇز بۈگۈنكىدەك كەڭرىچىلىك ۋە ئادەتتىكى ئىستېمال تۈرىگە ئايلىنىپ قالغان دەۋردە ئۇنىڭ ئىلگىرىكىدەك مۇھىم رولىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

تۇز قەدىمكى ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن مىسىرغىچە، جۇڭگودىن فىرانسىيەگىچە بولغان تۈرلۈك ئىقلىملاردا قىممەت باھادا سېتىلىدىغان ۋە تىجارەت يوللىرىدا يۆتكىلىدىغان ئېسىل تاۋار بولۇپ، ئىتالىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى يوللارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىمۇ «تۇز يولى» دەپ ئاتىلاتتى. چۈنكى، بۇ يول مەخسۇس شۇ ئېسىل تاۋارنى يۆتكەشكە ئىشلىتىلەتتى. تۇز تىجارىتىنىڭ كىرىمىمۇ ياخشى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، تۇزغا جۇڭگو ۋە فىرانسىيەدە ئېغىر باج – سېلىقلار قويۇلغان، ھەبەشىستان ۋە تېبەت قاتارلىق بەزى ئەللەردە پۇل ئورنىدا تۇز ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۇنى ماركو پولومۇ خاتىرىلىگەن.

ئومۇمەن، ئەسىرلەر بويى ئىنسانغا نىسبەتەن خۇددى نان سېخىيلىق ۋە ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى بولغاندەكلا، تۇزمۇ ئالاھىدە سىمۋوللۇق قىممەت ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، قەدىمدە بەزى غەيرى دىندىكىلەر تۇزنى قۇربانلىق قىلىدىغان مۇقەددەس بويۇملار قاتارىدا ئۇلۇغلاپ ئىلاھلىرىغا تەقدىم قىلىشقان ئەھۋاللارمۇ بولغان.

تۇز يەنە خەلق ئارىسىدا ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان تانغاق كىشىگە «تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چاقىدىغان تۇزكور» دېيىش بىلەن ئەيىبلەشتىكى بىرخىل تەمسىل تۈسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. پارسلاردا نەمەك تۇز دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ھارام نەمەك»: «تۇزكور» دېگەن مەنىدە. مىسىردىمۇ بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن كىشىگە يامانلىق قىلسا بولمايدىغانلىقنى: «ئارىمىزدا نان بىلەن تۇز بار» دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. بىزدىمۇ بىراۋغا ئۆزىنىڭ قەتئىي راست سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا «مانا تۇز تۇرۇپتۇ» دەپ، گەرچە شەرىئەتتىن ئاساسى بولمىسىمۇ، تۇزنى ئارىدا گۇۋاھلىققا تارتىشتەك ئادەت داۋاملىشىپ كەلگەن.

ھالبۇكى، ئىسلام شەرىئىتىمىزدە، تۇزنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاش يوق. تۇز بىلەن نىكاھنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يوق. تۇز پەقەت باشقا نېئمەتلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاتا قىلغان بىر نېئمەتتۇر. شەرىئەتنىڭ نىكاھ دەستۇرى ۋە ئەركانلىرىدا تۇزغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق قائىدە – يوسۇن بەلگىلەنگەن ئەمەس.

بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈش ئۇيغۇرلارغا قەدىمكى تۇزنى ئۇلۇغلاش ھادىسىسى ئەۋج ئالغان دەۋرلەردىن مىراس قالغان بىر تۈرلۈك ئادەت بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. ئەگەر تۇزنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە نىكاھ سورۇنىدا بۇ ئىشنى قىلسا، ئىسلامغا خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ. سەۋەبىنى بىلمەيدىغان ئادەت دەپلا قىلغان بولسا، جاھىلىيەت ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلغان سانىلىدۇ. شۇڭا، نىكاھتا بۇ ئىشنى قىلماسلىق لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 15 – مۇھەررەم / م. 2014، 8 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 57 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ