قۇربان ھېيتقا ئاز قالغاندا توي قىلسا بولمامدۇ؟

قۇربان ھېيتقا ئاز قالغاندا توي قىلسا بولمامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، چوڭلار قۇربان ھېيتقا ئاز قالغان «ئارا ئاي»دا توي قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس دەيدۇ. ئىسپات دېسەم، «بۇرۇنقىلار شۇنداق دەيدىكەن» دەيدۇ. قۇربان ھېيتقا ئاز قالغاندا توي قىلسا راستىنلا بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئادەتتە كىشىلەر ئارىسىدا «ئىككى ھېيت ئارىسىدا توي قىلسا بولمايدۇ» دەپ شۇمپال ئېلىش ئەرەب دىيارىدىكى جاھىلىيەتتىن قالدۇق بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەن خاتا ئېتىقادتۇر. ئىسلام شەرىئىتىمىزدە ئۇنداق گەپ يوق. شەرىئىتىمىزدە ئىككى ھېيت ئارىلىقىدا توي قىلىش جائىز. يەنە تېخى شەۋۋال ئېيىدا توي قىلىشنى بەزى ئالىملار مۇستەھەب دەپمۇ قارىغان. مەلۇمكى، شەۋۋال ئېيى رامازاندىن كېيىنلا كېلىدىغان، ئىككى ھېيت ئارىلىقىدىكى ئايدۇر.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى شەۋۋالدا نىكاھلاپ ئېلىپ، شەۋۋالدا بىر ياستۇققا باش قويغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قايسى ئايالى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆڭلىگە مەندىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بولغان؟» ئۇرۋە ئېيتىدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايال ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى شەۋۋالدا ياتلىق قىلىشنى ياقتۇراتتى».(1)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىن شەۋۋال ئېيىدا ياتلىق قىلىش، ئۆيلىنىش ۋە ئايالى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. بىزنىڭ (شافىئىي) مەزھەب ئىماملىرىمىز ئۇنداق قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ مۇشۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىشقان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ سۆزى ئارقىلىق جاھىلىيەتتىكىلەر، شۇنداقلا بۈگۈنكى بەزى ئاۋاملارنىڭ شەۋۋال ئېيىدا ياتلىق قىلىش، ئۆيلىنىش ۋە ئايالى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇشنى يامان كۆرگەنلىكىگە قارىتا رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنداق ئېتىقاد ئاساسى يوق باتىل ئېتىقاد بولۇپ، جاھىلىيەتتە شەۋۋال دېگەن ئاي ئىسمىدىن شۇمپال ئېلىشاتتى».(2)

ئالىملىرىمىزنىڭ خېلى كۆپچىلىكى يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسەن شەۋۋالدا توي قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەسلىدە شەۋۋال ئېيىدا توي قىلىش ئالاھىدە پەزىلەتلىك ئىش ئەمەس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەۋۋالدا توي قىلىشى ئەتەي شۇنداق قىلغان ئىش بولماستىن، شۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالغان.

ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «مۇئەللىف (مەجدىددىن ئىبنى تەيمىييە) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى شەۋۋالدا توي قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە دەلىل قىلغان. بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇ ئايدا ئۆيلەنگەنلىكى، ئاشۇ ئايدىكى بىرەر خاس ئالاھىدىلىك ئۈچۈنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانسا ئاندىن شۇنداق دەلىل بولالايدۇ. دېمەك، بۇ ھەدىس مۇستەھەبلىككە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى، مۇستەھەبلىك دېگەن شەرئى ھۆكۈم بولۇپ، دەلىلگە موھتاج. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئاياللىرىغا ئۇدۇل كەلگىنىچە ھەر خىل چاغلاردا ئۆيلەنگەن، ئالاھىدە بىر ۋاقىتقا توغرىلىمىغان. ناۋادا شۇ ئايدا ئۆيلەنگەنلىكىلا مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدىغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلغان ھەر بىر ۋاقىتتا توي قىلىش مۇستەھەب بولغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئىش ئۇنداق ئەمەس».(3)

شۇنداقتىمۇ ئاۋام كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى توي قىلسا بولمايدۇ، دېگەن جاھىلىيەتنىڭ ئاشۇنداق قالدۇقلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاشۇنداق چاغلاردا توي قىلىپ توغرا ئېتىقاد، توغرا ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇستەھەب دېيىشكە بولىدۇ.

شەرىئىتىمىزدە كىشى ئېھراملىق ھالىتىدە بولمىسىلا توي قىلسا بولۇۋېرىدۇ. رامازاندا بولسۇن، باشقا ئايلاردا بولسۇن، يىلبويى توي قىلىش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، توي قىلىش دېگەن بىر خىل ئىبادەت، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى. شۇڭا، ئاساسى يوق خۇراپات سەۋەبىدىن بۇنداق خەيرلىك ئىشنى كېچىكتۈرۈشكە، شۇملۇق ھېس قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ توينى قىلىۋېرىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 6 – زۇلقەئدە / م. 2011، 4 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 325 – بەت. 56 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. «مۇسلىم»، (1423).
2. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/209.
3. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 6/399.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ