سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، فاتىمە بىلەن زەينەب ئاچا – سىڭىل بولۇپ، زەينەب بىر ئوغۇل بالىنى بېقىۋالغان. فاتىمەنىڭ قىزى بۇ ئوغۇل بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىللە ئېمىتكەن. بۇ ئەھۋالدا بېقىۋالغان ئوغۇل زەينەبكە مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئايال كىشى ئېمىتكەن بالىنىڭ ئانىسى بولغىنىدەك، ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرىمۇ ئەمگەن ئوغۇلنىڭ ئېمىلداش ئاچا – سىڭىللىرى بولىدۇ. ئېمىتكەن ئانىسىنىڭ ئانىسى چوڭ ئانا، ئېمىتكەن ئانىسىنىڭ ھاممىسى ئۇ بالىنىڭ ھاممىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقا تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭغا تۇغقان بولۇپ قالىدۇ.
لېكىن، ئېمىلداشلىق ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن بالىنى ئىككى ياشقا توشمىغان بوۋاق چاغدا ئەڭ ئاز دېگەندە تولۇق بەش قېتىم ئېمىتكەن بولۇشى كېرەك.
مەزكۇر ئوغۇل فاتىمەنىڭ قىزىنى ئەمگەن بولسا، بۇ ئوغۇل شۇ ئايالنىڭ ئېمىتىش جەھەتتىن ئوغلى بولىدۇ. زەينەب ئۇ ئايالنىڭ ئانا تەرەپتىن ھاممىسى بولغاچقا، ئۇ ئوغۇلنىڭمۇ چوڭ ھاممىسى بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئوغۇل زەينەبكە مەھرەم بولىدۇ. چۈنكى، نەسەب جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار، ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولىدۇ. ھەدىس شەرىفتە: «تۇغقانچىلىق جەھەتتىن نىكاھلىنىش ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولۇپ كېتىدۇ»(1) دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەھرەم دېگىنىمىز: بىر ئايالغا يا نەسەبتىن، يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقانچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئەردۇر(2).
«قۇرئان كەرىم»دە نىكاھ قىلىشقا بولمايدىغان ئاياللار ئىچىدە ھاممىلارمۇ بار: ﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرەڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا تەربىيەلىگەن قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 23).
مەزكۇر ئايەتتىكى «ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى» دېگەن ئىبارە ئانىسىنىڭ ھاممىسىنىمۇ، دادىسىنىڭ ھاممىسىنىمۇ، چوڭ ئانا ۋە چوڭ ئاتىلىرىنىڭ ھاممىلىرىنىمۇ، ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىسى بولغان ھاممىنىڭ ھاممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانىسىنىڭ ھاممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بار(3).
مۇفەسسىرلەر: «خالە يەنى ئانىنىڭ ھەمشىرىسى دېگەن ئانىنىڭ ياكى چوڭ ئانىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مومىلىرىنىڭ ھەمشىرىسىدۇر» دەيدۇ(4).
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئوغۇل ئۇنى بېقىۋالغان ئايالنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 24/«نۇر» سۈرىسىدە «مەھرەم» دەپ سانىغانلار قاتارىدا ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىمۇ بار.
﴿﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەبەردار. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن. زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30، 31).
بۇ ئايەتتىكى «ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن ئىبارىمۇ ھەمشىرىسىنىڭ قىزىنىڭ ياكى ئوغلىنىڭ ئوغلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(5).
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك، بارلىق ئالىملار ئېمىلداشلىقتىن مەھرەملىك كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ۋە مەھرەمى بىلەن خالىي بىر يەردە بولۇشى، ئۇنىڭغا قارىشى ۋە بىللە سەپەر قىلىشى ھالال بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. لېكىن، مىراس، نەپىقە، دىيەت ۋە گۇۋاھلىق قاتارلىق باشقا جەھەتلەردە ئىككىيلەن يات كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ(6).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 6 – مۇھەررەم / م. 2019، 5 – سېنتەبىر
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5239)؛ «مۇسلىم»، (1445).
2. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/439.
3. شەيخ مۇھيىددىن ئابدۇلھەمىد: «ئەلئەھۋالۇششەخسىييە»، 45 – بەت.
4. سەئدىي: «تەيسىرۇل كەرىمىرراھمان»، 4/«نىساﺋ»: 23 – ئايەتنىڭ تەفسىرى؛ قاسىمىي: «تەفسىرۇلقاسىمىي»، 5/86.
5. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 24/«نۇر»: 31 – ئايەتنىڭ تەفسىرى.
6. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/19.