ھەمشىرىسىنىڭ ئېمىلداش ئوغۇل نەۋرىسى مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟

ھەمشىرىسىنىڭ ئېمىلداش ئوغۇل نەۋرىسى مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، فاتىمە بىلەن زەينەب ئاچا – سىڭىل بولۇپ، زەينەب بىر ئوغۇل بالىنى بېقىۋالغان. فاتىمەنىڭ قىزى بۇ ئوغۇل بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىللە ئېمىتكەن. بۇ ئەھۋالدا بېقىۋالغان ئوغۇل زەينەبكە مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئايال كىشى ئېمىتكەن بالىنىڭ ئانىسى بولغىنىدەك، ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرىمۇ ئەمگەن ئوغۇلنىڭ ئېمىلداش ئاچا – سىڭىللىرى بولىدۇ. ئېمىتكەن ئانىسىنىڭ ئانىسى چوڭ ئانا، ئېمىتكەن ئانىسىنىڭ ھاممىسى ئۇ بالىنىڭ ھاممىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقا تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭغا تۇغقان بولۇپ قالىدۇ.

لېكىن، ئېمىلداشلىق ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن بالىنى ئىككى ياشقا توشمىغان بوۋاق چاغدا ئەڭ ئاز دېگەندە تولۇق بەش قېتىم ئېمىتكەن بولۇشى كېرەك.

زەينەب بېقىۋالغان مەزكۇر ئوغۇل زەينەبنىڭ ھەمشىرىسى فاتىمەنىڭ قىزىنى ئەمگەن بولسا، بۇ ئوغۇل شۇ ئايالنىڭ ئېمىتىش جەھەتتىن ئوغلى بولىدۇ. زەينەب ئېمىتكۈچىنىڭ ئانا تەرەپ ھاممىسى بولغاچقا، ئۇ ئوغۇلنىڭمۇ چوڭ ھاممىسى بولىدۇ. نەتىجىدە، زەينەب بېقىۋالغان بۇ ئوغۇل زەينەبكە مەھرەم بولىدۇ. چۈنكى، نەسەب جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولىدۇ. ھەدىس شەرىفتە: «ئېمىلداشلىق تۇغۇت ھارام قىلغان كىشىلەرنى ھارام قىلىۋېتىدۇ»(1) دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەھرەم (الْمَحْرَمُ) دېگىنىمىز — بىر ئايالغا يا نەسەبتىن، يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقانچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئەردۇر(2).

«قۇرئان كەرىم»دە نىكاھ قىلىشقا بولمايدىغان ئاياللار ئىچىدە ھاممىلارمۇ بار: ﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرەڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا تەربىيەلىگەن قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 23).

مەزكۇر ئايەتتىكى «ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى» دېگەن ئىبارە ھەم ئانىسىنىڭ، ھەم ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىلىرىنىمۇ، ھەم موما – بوۋىلىرىنىڭ ھەمشىرىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بار(3).

مۇفەسسىرلەر: «‹خالە / ئانىنىڭ ھەمشىرىسى› دېگەن ئانىنىڭ، مومىنىڭ ۋە ئۇلۇغ مومىلىرىنىڭ ھەمشىرىسىدۇر» دەيدۇ(4).

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئوغۇل زەينەبنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ نەۋرە ئوغلى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 24/«نۇر» سۈرىسىدە «مەھرەم» دەپ سانىغانلار قاتارىدا ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىمۇ بار: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، فەرجلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن. زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30، 31).

بۇ ئايەتتىكى «ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن ئىبارىمۇ ھەمشىرىسىنىڭ قىزىنىڭ ياكى ئوغلىنىڭ ئوغلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(5).

يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسىدا ئېمىلداشلىقتىن مەھرەملىك كېلىپ چىقىدۇ ۋە مەھرەمى بىلەن يالغۇز قېلىش، مەھرەمىگە قاراش ۋە بىللە سەپەر قىلىش ھالالدۇر. لېكىن، مىراس، نەپىقە، دىيەت ۋە گۇۋاھلىق قاتارلىق باشقا جەھەتلەردە ئىككىيلەن يات كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ(6).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 6 – مۇھەررەم / م. 2019، 5 – سېنتەبىر


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3105)؛ مۇسلىم (1444).
2. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 439 – بەت.
3. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 8 – ج، 15 – بەت؛ شەيخ مۇھيىددىن ئابدۇلھەمىد: «ئەلئەھۋالۇششەخسىييە»، 45 – بەت.
4. سەئدىي: «تەيسىرۇل كەرىمىرراھمان»، 1 – ج، 173 – بەت؛ قاسىمىي: «تەفسىرۇلقاسىمىي»، 5 – ج، 86 – بەت. 4/«نىساﺋ»: 23 – ئايەتنىڭ تەفسىرى.
5. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 2 – ج، 248 – بەت، 24/«نۇر»: 31 – ئايەتنىڭ تەفسىرى.
6. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10 – ج، 19 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ