سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ناماز ئوقۇغاندا نىيەتنى ئاغزىدا قىلسا بىدئەت بولامدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق بەك كۆپ ئادەم تالاش – تارتىش قىلغىنىنى كۆرىمەن، ماڭا توغرا جاۋابىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە يەنە نامازنى ئەركانلىرى بىلەن ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇلغان، ئەنە شۇلار توغرا دىندۇر﴾(98/«بەييىنە»: 5) دېگەن.
ئىخلاس قەلبنىڭ ئىشىدۇر. ئىخلاسنىڭ ماكانى قەلبتۇر. نامازمۇ ئىخلاس بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئىبادەت بولۇپ، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى پەقەت ئاللاھنى كۆزلەپ، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇشى كېرەك.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ: «ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ نىيەتلەرگىلا ﺑﺎغلىقتۇر، ھەركىمگە نىيەت قىلغىنىلا بولىدۇ، شۇڭا كىمكى ﺋﺎزغىنە ﻣﺎﻝ – ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻨﯩﺶ نىيىتىدە ھىجرەت قىلغان ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﯩﺠﺮﯨﺘﻰ ھىجرەت قىلغان نەرسىسىگىدۇر» دەۋاتقانلىقىنى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ.(1)
نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولغاچقا، دىلىدا ئاللاھقا ناماز ئوقۇش نىيىتى بولسا، ناماز ئىخلاس بىلەن ئوقۇلغان بولىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نىيىتى پەرز ۋە پەرزنىڭ قازاسىدا بىر ياندىن ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت شۇ ئىشقا قارىتىلسا، يەنە بىر ياندىن شۇ نامازنىڭ تۈرىنى تەيىنلەشكە قارىتىلىپ، پېشىن، خۇپتەن دېگەندەك مۇئەييەن بىر نامازنى ئوقۇشنى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندا، ئىقتىدا قىلىشنى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. شۇنداقلا بەش ۋاقىت ناماز ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلاردىمۇ، بەزى ئالاھىدە چاغلاردا ئوقۇلىدىغان تاراۋىھ، كۈن تۇتۇلۇش نامىزىدەك نەفلە نامازلاردىمۇ دىلىدا قايسى نامازلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. ئەمما، تەھەججۇد نامىزىدەك مۇتلەق نەفلە نامازلاردا ناماز ئوقۇش نىيىتى بولسىلا كۇپايە.
دېمەك، نىيەت – ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئەمرىگە بويسۇنۇپ، بىر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نىيەت تىلنىڭ ئەمەس، دىلنىڭ ئىشى، بارلىق ئالىملار بىردەك نامازنىڭ توغرا بولۇشى نىيەتكە باغلىق، تىلغا باغلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.
نامازغا قۇلاق قاققاندا، تەكبىر بىلەن تەڭ كۆڭلىدە نىيەت بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ ئۆلچىمى بۇ نامازنىڭ قايسى ناماز ئىكەنلىكىنى بىلىش، سوراپ قالسا ئەسىر ياكى شام دېيەلىشىدۇر. ئىمام مۇھەممەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر قاراشتا ئۆيىدىن پەرز نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا چىققان كىشى سەپتە تۇرۇپ نامازغا كىرسە، نامازغا كىرگەن چاغدا نىيىتى يادىغا كەلمىسىمۇ جائىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نىيەت قىلغان ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، نىيىتى داۋاملاشقان ھېسابتا بولىدۇ، دەپ قارىغان.(2)
ئەمما، نامازغا قۇلاق قېقىشتىن بۇرۇن «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن دەپ، ناماز پېشىننىڭ 4 رەكئەت پەرزىنى، ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا، قىبلەم بىجىھەتى كەئبەگە» دېگەندەك نىيەتنى ئاغزىدا قىلىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان.
بىر تۈركۈم ئالىملار ئاغزىدا نىيەت قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بىدئەت دەپ قارىغان. بۇ ھەرخىل قاراشلار، تۆت مەزھەبكە تەۋە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ئارىسىدىمۇ، بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇد.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەردىن تىلدا نىيەت قىلىش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. ئىمام مۇھەممەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ھەج پائالىيىتىدە ھەج قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېغىزىدا ئىپادىلەش سۈننەت دېگەنلىكى كەلگەن. لېكىن، ئۇ ھەج پائالىيىتى ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان، تۈرلۈك توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغان، جاپالىق ئىبادەت بولغاچقا، ئېغىزدا ئىپادىلەش ئارقىلىق ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەش سۈننەت قىلىنغان دەپ، نامازنىڭ ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، نامازدا ئاغزاكى نىيەت قىلىش مۇستەھەب دېمىگەن، بۇ نامازنى ھەجگە قىياس قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
كېيىنكى ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بەزىلەر مۇستەھەب، بەزىلەر بىدئەت، بەزىلەر جائىز، بەزىلەر مەكرۇھ دەپ قارىغان.(3)
ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ ئېغىزدا نىيەت قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە كەلمىگەن. كېيىنچە مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى «پېشىننىڭ پەرزىنى نىيەت قىلدىم» دېگەندەك نىيەت مەزمۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاغزىدا دېيىشى جائىز. بۇ جائىزلىق ئەۋزەلنى تۇتمىغانلىق دېگەن بولىدۇ. ئەۋزىلى ئاغزىدا دېمەسلىك، چۈنكى نىيەتنىڭ ماكانى قەلبتۇر، تىل بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارىغان.(4)
بۇ مالىكىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش بولۇپ، مالىكىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملار: ئاغزاكى نىيەت قىلىش ئەۋزەل، دەپ قارىغان.(5)
مالىكىيلار پەقەتلا ۋەسۋەسەگە مۇبتىلا بولغان كىشىگە نىسبەتەن، ۋەسۋەسەدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نىيىتىنى تىلى بىلەن ئىپادىلەش مۇستەھەب دەپ قارىغان.(6)
ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى «قەلبىدە نىيەت قىلسا، ئاغزىدا دېمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ شافىئىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش، بەزى ئالىملار ئېغىزىدا دېيىش ۋاجىب دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ مەزھەبتە خاتا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.(7)
ھەنبەلىي مەزھەبتىمۇ قاراش ئوخشاش ئەمەس. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ۋە كۆپلىگەن مۇھەققىق ھەنبەلىي ئالىملار ئاغزاكى نىيەت قىلىش مۇستەھەب ئەمەس، دەپ ئېنىق ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىنچە ھەنبەلىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلغان قاراشتا پەس ئاۋازدا نىيەت قىلىش مۇستەھەبتۇر. ئىمام زەركەشى: «كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزەرىدە مۇشۇ قاراش تەرجىھ قىلىنغان» دېگەن. بۇ قاراش ناماز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تاھارەت، ناماز ۋە تەيەممۇم قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلەردە مۇستەھەب دەپ ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملار بولسا بىدئەت دەپ قارىغان.(8)
يۇقىرىقى قاراشلارنى، قىلىش ياكى قىلماسلىق جەھەتتىن ئىككىگە ئىخچاملايدىغان بولساق، تۆت مەزھەبتىن بىر تۈركۈم ئالىملار ئاغزىدا نىيەت قىلىشنى جائىز ياكى مۇستەھەب دەپ قارىغان. بۇلار مۇنداق سەۋەب كۆرسەتكەن:
1. تىلى بىلەن دىلىنى ماسلاشتۇرغان ھالدا نىيەت كەلتۈرۈش، دىققەتنى يىغىش، ۋەسۋەسەدىن قۇتۇلۇش، شۇ نامازنى باشقا نامازلاردىن ئايرىش ۋە نىيەتنى تەكىتلەش ئىبادەت ئۈچۈن پايدىلىق. ئىبادەتكە پايدىلىق بولغان ئىش مۇستەھەب بولىدۇ.
2. ھەج بىلەن ئۆمرەگە تەلبىيە ئېيتىش ھەدىستە كەلگەن بولغاچقا، نامازنى ئۇنىڭغا قىياس قىلىش.
3. ئاغزىدا نىيەت قىلىش ۋاجىب دەپ قارىغان ئالىملار بىلەن ئىختىلاپنى يوقىتىش.
بىدئەت دەپ قارىغان يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار مۇنداق دەلىل بايان قىلغان: ناماز دېگەن ئىسلام ئۈممىتى كېچە – كۈندۈز قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىبادەت تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نامازغا قۇلاق قېقىش ئالدىدا يا سەھىھ، يا زەئىف بولسىمۇ پالانى نامازنى ئوقۇيمەن دېگەن بىرەر ھەدىس كەلمىگەن. بۇنداق قىلىش دىندا يوللۇق بولىدىغان بولسا، چوقۇم مۇسۇلمانلارغا ئۆگەتكەن بولاتتى. ساھابە ۋە تابىئىنلاردىنمۇ بۇ توغرىدا بايان كەلمىگەن. بەلكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نامازغا تۇرغىنىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. مۆتىۋەر مۇجتەھىد ئىماملاردىن بىرەرسىمۇ ئاغزىدا نىيەت قىلىشنى مۇستەھەب دېمىگەن. تىل نىيەت ماكانى ئەمەس. مۇستەھەبلىككە دەلىل يوق. شۇڭا، بۇ بىدئەت بولىدۇ. يەنە تەكبىر چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاغزىدا نىيەت قىلىش تەكبىر چۈشۈرۈش بىلەن قۇلاق قېقىش ئارىلىقىدا گەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، مەكرۇھ بولىدۇ.(9)
دەماللىق قاراشقا، يۇقىرىقى مۇستەھەب دېگەن دەلىللەر، تۆت مەزھەبكە تەۋە ئاغزىدا نىيەت قىلىش بىدئەت دەپ قارىغان يەنە بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ دەلىللىرى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، دىققەتنى يىغىش ئۈچۈن ياردىمى بولغانلىقتىن مۇستەھەب بولىدىغان بولسا، بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە سەلەفلەر قىلغان بولاتتى. ھەج بىلەن ئۆمرەگە قىياس قىلغاندا، نىيەتنى ئۈنلۈك توۋلاش كېرەك بولاتتى. ھالبۇكى، بۇلار نىيەتنى ئىچىدە دېيىشنى مۇستەھەب دېگەن.
شۇنداقتىمۇ، بۇ مەسىلە ئۇسۇلۇلفىقھقا بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر ئىشنى قىلماي تەرك قىلغانلىقى قانداق ھۆكۈمنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ: «ئادەت ئىشلىرىدا مۇباھلىق ئەسلى قائىدە، ئىبادەت ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە باغلىق» دېيىش ئارقىلىق تەرك مەسىلىسىدە ئىبادەت بىلەن ئادەتنى ئايرىپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكىلەر بۇنى كەڭرەك ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىمام زەركەشىي ئېيتىدۇ: «ئىلگىرىكى ئۇسۇل ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئىشنى قىلمىغانلىقىنىڭ ھۆكمىدە توختالمىغان».(10)
پەقەتلا ئىمام ئىبنى دەقىيق ئەلئىيد، ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئىمام ئىبنۇلقەييىم، ئىمام زەركەشىي، شاتىبىي ۋە شەۋكانىي قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيەر – بۇيەردە، ئانچە – مۇنچە گەپ – سۆزلىرى بار. ئەمما، بۇنىڭدا ئىجماﺋ بار – يوقلۇقى ھەققىدە تەپسىلىي بايانلىرى يوق. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە بىردەك قاراشقا كېلىش ياكى قاراشلارنى تەپسىلىي بايان قىلىش قىيىنغا چۈشىدۇ.
ئەلبەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئىشنى قىلمىغانلىقى ئۇ ئىشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. ئەمما، مۇباھلىق، ياكى ھاراملىق، ياكى مۇستەھەبلىك، ياكى مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرىشى ئېھتىماللىق بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرەرسىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر ياكى بىرقانچە قەرىينە(11) تېپىلسا، ئاندىن بىرىنى جەزملەشتۈرگىلى ياكى تەرجىھ قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئالىملار دېگەندەك: دەلىل ئېھتىماللىق بولسا، ئۇنى دەلىل قىلىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
ئىمام ئىبنى دەقىيق ئەلئىيد بۇ ھەقتە: «بىر ئىشنى قىلماي تەرك قىلغانلىق، ئۇ ئىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ» دەيدۇ.(12)
ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىمام شەۋكانىي قاتارلىق كېيىنكى بەزى ئالىملارنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا چەكلەشنى تاللىشى تەرك ئېتىشنىڭ ئىزچىل تەكرارلانغانلىقىغا، ساھابە – كىراملارنىڭ شۇنداق چۈشەنگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئىشنى ئېھتىياج بار تۇرۇپ قىلمىغانلىقىغا چەكلەشنى تەرجىھ قىلىش ئۈچۈن قەرىينە ھېساۋىدا قارىغانلىقتىن كەلگەن.(13)
ئىمام شاتىبىي مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر خاس ھۆكۈم ھەققىدە سۆز قىلمىسا ياكى ۋەھيى زامانىدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا بار بىر ئىشنى قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدە بىرەر يېڭى بۇيرۇق قىلمىسا، بۇ شەرىئەتنىڭ شۇ ئىشنى بۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم قىلماسلىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئېنىق دەلىلگە ئوخشاشتۇر. چۈنكى، بىر ئىشنى قىلىشقا ئېھتىياج بار تۇرۇقلۇق، ئۇ ئىشنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى ياكى ئەسكەرتىلمىگەنلىكى شۇ چاغدا مۇقىمدالغان ئىشتىن ئارتۇق بولغىنىنىڭ بىدئەت ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، شەرىئەتنىڭ كەم ياكى ئارتۇق قىلماي شۇ سىزىق ئۈستىدە توختاشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىرەر يېڭى بۇيرۇق قىلمىغانلىقىدىن بىلىنگەن».(14)
ئەمما، ئاغزىدا نىيەت قىلىشنى ۋاجىب دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ بولسا، دەلىلى يوق بولۇپ، بۇلار پەقەتلا ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بىر ئىبارىسىنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، ۋاجىب دېگەن قاراشنى تۇتقان. بۇلارنىڭ قارىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاجىبنى تەرك قىلغان ۋە ئۇنى يەتكۈزمىگەن دېگەندەك، خاتا يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قارىشى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
خۇلاسە: دىلىدا نىيەت قىلىش پەرز، دىلىدا نىيەت قىلسا يېتەرلىك ئىكەنلىكىدە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. شۇنداقلا ئاغزىدا نىيەت قىلىش ۋاجىب ئەمەس.
ئاغزىدا نىيەت قىلىش مەسىلىسىدە بولسا، ئەڭ مۇۋاپىق قاراش يۇقىرىقى تۆت مەزھەب ئالىملىرىدىن كەلگىنىدەك، «نىيەتنى ئاغزىدا دېيىش جائىز. ئەمما، بۇ ئەۋزەلنى تۇتمىغانلىق بولۇپ، ئەۋزىلى ئاغزىدا دېمەسلىك، چۈنكى نىيەتنىڭ ماكانى قەلبتۇر. ئۇنىڭ تىل بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر».
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 3 – سەپەر / م. 2014، 15 – نويابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 27 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1)؛ «مۇسلىم»، (1907).
2. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/157.
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/157؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/295؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/267؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 1/106.
4. دىردىير: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1/233.
5. ئەدەۋىي: «ھاشىيەۇتل ئەدەۋىي»، 1/257.
6. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/234.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/232.
8. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1/141؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/87؛ مۇستافا سۇيۇتىي: «مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا»، 1/106؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 18/263.
9. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/267؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/295؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/231؛ ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 1/201؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1/152.
10. «ئەلبەھرۇل مۇھىت فى ئۇسۇلىلفىقھ»، 3/281.
11. «قەرىينە»: دەلىلدىكى ئېھتىماللىقلارنىڭ بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى نەرسە.
12. ئىبنى دەقىيق ئەلئىيد: « ئىھكامۇل ئەھكام»، 1/188.
13. ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1/280؛ شەۋكانىي: «ئىرشادۇل فۇھۇل»، 1/83.
14. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1/361.