ئۇنغا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇن باھاسى ئېگىز - پەس بولۇشى

ئۇنغا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇن باھاسى ئېگىز – پەس بولۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز ئۇن ساتىمىز، بەزىدە ئۇننىڭ باھاسى تۇراقلىق بولمايدۇ، مەسىلەن، كىشىلەر باھا 60 سومدىن بىراقلا 20 خالتا ئۇننىڭ پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇپ، ئۇتتۇرلۇق بىردىن – ئىككىدىن ئېلىپ ئىشلىتىدۇ، 20 خالتا تۈگەپ بولغۇچە باھا 65 سومغا چىقىپ قالىدۇ، بەزىدە 60 سومدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئەسلى باھا بويىچە بېرەمدۇق ياكى شۇ ئۆسكەن باھا بويىچە بېرەمدۇق؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!

ئۇنغا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇۋەتكەندە ئۇن باھاسى پۇل تاپشۇرغان كۈندىكى باھا بىلەن بېكىتىلىدۇ. سېتىۋېلىنغان ئۇن دۇكانچىدا ئامانەت بولۇپ تۇرىدۇ، باھا ئۆسۈپ كەتسىمۇ، چۈشۈپ كەتسىمۇ دۇكانچى خېرىدارغا ئۇنىنى بۇرۇنقى سېتىلغان باھادا پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، كىشىلەر ئىككى يىلنىڭ ۋە ئۈچ يىلنىڭ خورمىسىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى بىرەر نەرسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، كەمچەن ئېنىق، ۋەزنىنى ئېنىق قىلىپ، مەلۇم مۇددەتكە پۇل تاپشۇرسۇن» دېدى.(1)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 18 – رەجەب / م. 2011، 20 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 152 – نومۇرلۇق پەتىۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2240)؛ «مۇسلىم»، (1604).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ