ئۆينى ئىجارىگە بەرگەندە كاپالەت پۇل ئېلىش

ئۆينى ئىجارىگە بەرگەندە كاپالەت پۇل ئېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەسلىھەلىرى تولۇق بىر ئۆينى ئىجارە بەرمەكچى ئىدىم. شۇڭا، ئۇلاردىن ياجىڭ (كاپالەت) پۇلى ئېلىپ، كېيىن ۋاقتى توشۇپ ئۆيدىن كۆچىدىغان چاغدا قايتۇرۇپ بېرىشكە كېلىشسەم بولامدۇ؟ بۇنىڭغا شەرئى جەھەتتىكى ھۆكۈم قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆينى ئىجارىگە بەرگەندە ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرماسلىق ياكى كېچىكتۈرۈۋېتىش ياكى ئىجارە بېرىلگەن ئۆيگە ياكى ئۇنىڭدىكى سەرەمجانلارغا كەلتۈرىدىغان ۋەيرانچىلىققا قارىتا ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كاپالەت (ياجىڭ) ئېلىش چەكلەنمەيدۇ. بۇ پۇل ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ قولىدا رەنە ھېسابلىنىدۇ.

ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىپ «ياجىڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا كاپالەت دېگىنىمىز تۈزۈك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 26 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 29 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 153 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ