سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پايپاققا مەسىھ قىلىشقا بولامدۇ؟ بولسا قانداق پايپاقلارغا بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىمام مالىك پايپاققا مەسىھ قىلىشنى جائىز ئەمەس دەپ قارىغان، ئەمما خۇرۇم بىلەن چەملەنگەن پايپاق بىر تەرەپتىن ئۆتۈككە ئوخشاپ قالغانلىقتىن بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن ئىككى خىل قاراش رىۋايەت قىلىنغان، بىر رىۋايەتتە: «جائىز بولىدۇ» دېگەن.(1)
ھەنەفىي مەزھەبتە: بەدەن كۆرۈنمەيدىغان، قېلىن پايپاق بولسا جائىز بولىدۇ دېگەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ۋە مۇھەممەدنىڭ قارىشى بويىچە پەتۋا بېرىلىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: چەملىك ياكى خۇرۇم پايپاق بولسا جائىز بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھاياتىدا كېسەل بولۇپ قالغاندا چەمسىز پايپىقىغا مەسىھ قىلغان ۋە يوقلاپ كەلگەنلەرگە: «بۇرۇن مەن كىشىلەرنى توسقان ئىشنى قىلدىم» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىككى شاگىرتىنىڭ قارىشىغا قايتقان، دەپ قارىغان.(2)
ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار پايپاققا مەسىھ قىلىش جائىز بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا يول يۈرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە قېلىن بولۇشىنى شەرت قىلغان.(3)
ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام ئىبنى ھەزم، ھازىرقىلاردىن سەلەفىي ئېقىمدىكى ئالىملار قانداق پايپاق بولسا ئىسمى پايپاقلا بولىدىكەن پۇت كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىماقتا.(4)
بۇ ئىختىلاپ ئاساسەن بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ بولغانلىقى، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلەر دەۋرىدىكى پايپاقنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى قايسى تۈرلۈك پايپاققا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەشتىن ۋە پايپاقنى ئۆتۈككە قىياس قىلىشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەن تالاش – تارتىشتىن كېلىپ چىققان.(5)
ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى پايپىقىغا مەسىھ قىلدى» دەپ كەلگەن.([6]) ^بۇ ھەدىسنى بۇرۇنقىلاردىن ئىمام تىرمىزىي، كېيىنكىلەردىن شەيخ ئالبانىي قاتارلىق بەزى ھەدىس ئالىملىرى «سەھىھ»، دەپ قارىغان.
ئەمما، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، سۇفيان سەۋرىي، ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەلى ئىبنۇلمەدىنىي، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئىمام مۇسلىم، يەنە ئىمام بەيھەقىي، ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق كاتتا ھەدىسشۇناشلار بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن.
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «يۇقىرىقى كاتتا مۇھەددىسلەرنىڭ بىرى يالغۇز ھالەتتە زەئىف دېگەن بولسا، ئۇنىڭ باھاسى ئىمام تىرمىزىنىڭ (ھەسەن ھەدىس) دېگەن باھاسىدىن ئالدىن ئورۇندا تۇراتتى، بۇنىڭغا ھەدىس ساھاسىدىكىلەر ئىتتىپاق. سەھىھ دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىكى پايپاق سۆزىدىن چەملىك ياكى يول يۈرگىلى بولىدىغان قېلىن پايپاق كۆزدە تۇتىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، ئىمام مالىكمۇ مۇشۇنداق ئىزاھلىغان».
يەنە ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، بەراﺋ ئىبنى ئازىب، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ئۇمامە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھابەلەرنىڭ پايپاقلىرىغا مەسىھ قىلغانلىقى مەلۇم.(7)
ھازىرقى پايپاقلىرىمىزغا كەلسەك، ئەلبەتتە، ساھابەلەر زامانىدىكى يۇڭ ياكى خۇرۇم پايپاقلار ھازىرقى زامانىمىزدىكى قېلىنراق پايپاقلارغا توغرا كېلىدۇ. پۇت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يازلىق نىلون ياكى يىپەك نېپىز پايپاقلارغا توغرا كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنداق پايپاقلارغا باشقا ئۆزرە بولمىسا، مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ. پايپاق قېلىنراق بولسا قىش كۈنلىرىدە ياكى سەپەر ئۈستىدە ھاۋانىڭ ياكى سۇنىڭ سوغۇقلىقىدىن ھەقىقىي قىينىلىپ قالىدىغان بولسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلسا بولىدۇ. بولمىسا، نورمال شارائىتتا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىكى تاھارەت ئايەتىدە: ﴿پۇتۇڭلارنى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 6) دەپ بۇيرۇغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تاھارەت ئېلىشنى ئۆگەتكەن ھەدىسلەردە پۇتىنى ئوشۇققىچە يۇيۇپ كۆرسەتكەن، ئۆزى تاھارەت ئالغاندىمۇ پۇتىنى يۇغان. ساھابە كىراملارمۇ نورمال شارائىتتا پۇتىنى يۇغان. ھەتتا سەپەر ئۈستىدە پۇتىنى چالا يۇيغان ياكى يۇماي پۇتىغا مەسىھ قىلغانلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئۈچ قېتىم: «ئارقىسى يۇيۇلمىغان پۇتلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي!» دەپ تەكرارلاپ ئاگاھلاندۇرغان.(8) يەنە پۇتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن: «كىمكى بۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم قىلسا يامان قىلغان ھەم زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن.(9)
ئۇنداق بولغان ئىكەن، يۇيۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ئەسلى ھۆكۈم، مەسىھ قىلىش بولسا قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بېرىلگەن رۇخسەتتۇر. رۇخسەت دېگەن قىينىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا بېرىلگەن كەڭچىلىك. شۇڭا، نورمال ئەھۋالدا بولۇپمۇ، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، سۇ كەڭرى يەرلەردە رۇخسەتكە ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھاۋا ئىسسىق چاغلاردا باشقا ئۆزرىسى بولمىسا، پۇتىنى يۇماي پايپاققا مەسىھ قىلسا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدىكى ھۆكۈم يۇيۇش، ئۇنىڭدىن پەقەتلا سوغۇق ھاۋا، كېسەللىك ياكى سەپەر دېگەندەك قىينىغۇچى سەۋەبلەر تېپىلغاندىلا ئۇنىڭ بەدىلى بولغان مەسىھكە يۆتكىلىمىز، بەلكى، تېخى ئىسسىق كۈنلەردە پۇتنى يۇماي سېسىق پۇرۇتۇش باشقىلارغا ئازار بېرىش جەھەتتىن مەكرۇھ بولۇشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 7 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 11 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 39 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/14.
2. زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 1/52؛ ئىبراھىم ھەلەبىي: «غۇنيەتۇل مۇتەمەللىي فىي شەرھى مۇنيەتۇل مۇساللىي» 120، 121 – بەتلەر. «دار سائادەت» نەشرى، ھ. 1325. دەۋلەتى ئەلىييە ئوسمانىييە..
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/564؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/181.
4. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 2/80؛ شەيخ ئەلئۇسەيمىن: «مەجمۇئۇل فەتاۋا ۋەررەسائىل» 11 – توم، «ئۆتۈككە مەسھى قىلىش بابى».
5. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/14.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 159)؛ «تىرمىزىي» 99)؛ «ئىبنى ماجە» 559).
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/566؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،1/184؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 1/82؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/226.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (60)؛ «مۇسلىم»، (241).
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (135)، ئىمام نەۋەۋىي («شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/129): «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «ھەسەن»، دېگەن.