جازانە تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇل تەۋبە قىلىش بىلەن پاكلىنامدۇ؟

جازانە تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇل تەۋبە قىلىش بىلەن پاكلىنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بۇرۇن جازانە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ كېيىن تەۋبە قىلغان بولسا، تاپقان پۇلى تەۋبە قىلىش بىلەن تەڭ پاكلىنامدۇ؟ ئەگەر پاكلانمىسا ئاشۇ ئادەمنىڭ پۇلىغا پۇل قوشۇپ بىللە تىجارەت قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈنىمىزدىكى بانكا ياكى شەخسلەردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش، بانكا ياكى شەخسلەرگە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش سودىسىنى نېسىي قىلىش، سۇغۇرتا، قەرەللىك سودىنىڭ كېچىكىش جەرىمانىسى قاتارلىقلار جازانە دائىرىسىگە كىرىدىغان مۇئامىلىلەردۇر.

شەرىئىتىمىزدە جازانە ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر» دېگەن.(1)

بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىشنىڭ يولى قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش، ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش، ھارام كىرىمنى مەلۇم ئورۇنلارغا سەرپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. شۇندىلا مەغفىرەت قىلغۇچى ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ ئەهۋالدا جازانە قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالال سەرمايىنىلا ساقلاپ قالىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە تولۇق ئېرىشىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 278 – 281).

بۇ ئايەتتىكى «سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر» دېگەن بۇيرۇقتىن تەۋبە قىلغاندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالال سەرمايىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ھارام كىرىمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئالدىراشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولىدۇ.

ھارام كىرىمنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەلمىگەن كىشى بولسا كۆڭلى خاتىرجەم بولغىدەك مىقداردا مۆلچەرلەپ ئايرىيدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ھالال مۈلكى ھارام بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ ھارامنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئايرىيالمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسى ئۈچۈن ھارام مالنىڭ مىقدارىنى (مۆلچەرلەپ) سەدىقە قىلىۋەتسە، قالغىنى ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ» دەيدۇ.(2)

ھارام كىرىمدىن قۇتۇلۇش ئۇنى ئۆزى ئىشلەتمەي، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ياتىدىغان ئىشلارغىمۇ ئىشلەتمەي، تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا سەرپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق بولىدۇ:

مۇسۇلمانلارنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا، مائارىپ ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ۋە سەرسان بولۇپ قالغان مۇسۇلمانلار پېقىر – مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش، تۈرمىدىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى ئازاد قىلىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەبەر ئېلىش، مۇسۇلمان پېقىر – پۇقارالار پايدىلىنىدىغان ئىجتىمائىي، تېببىي ۋە ئىلمىي ئورۇنلارنى بىنا قىلىش، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق مەكتەپ، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلارغا ياردەم بېرىش … ئەلبەتتە، بۇ ياردەم ئۇ كىشىگە سەدىقە ھېسابلانمايدۇ.

ھارام پۇلنى مەسجىد سېلىش، «قۇرئان» سېتىۋېلىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ساپ ئىبادەتكە ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىشكە، سەدىقە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ پاكتۇر، پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئەگەر ھارام كىرىمدىن قۇتۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ بىلەن سودا – مۇئامىلە قىلىش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملارمۇ يەھۇدىي ۋە مۇشرىكلار بىلەن تۈرلۈك سودا – مۇئامىلىلەرنى قىلاتتى. ھالبۇكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كىرىمى ھاراق ۋە جازانە قاتارلىق ھارام سودىلاردىن كىرگەن ھارام مال – مۈلۈكتىن خالىي بولمايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھالال مالنى ئېنىق بەلگە بىلەن ئايرىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن جائىز بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملار ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ قايسى يول بىلەن تېپىلغانلىقىنى سوراپ يۈرمىگەن ۋە سوراشقىمۇ بۇيرۇمىغان.

ئەئمەش سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: «بىز ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قەرز ئالغاندا بىر نەرسىنى رەنىگە قويۇشنىڭ ھۆكمىنى مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدۇق، ئۇ: ئەسۋەد ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سۆزلەپ بەردىكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈر ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان» دېدى.(3)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھاراق، جازانە ۋە چەكلەنگەن سودىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ توختىماي ھارام يەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەھۇدىي بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن جىزيە ئالغانلىقى مال – مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارامدىن كەلگەن كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلسا جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(4)

يىغىپ ئېيتساق: جازانە تىجارەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان كىشىنىڭ مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مال – مۈلۈك بولغاچقا، ئىمكان بار جازانىدىن يىراق تۇرىدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەۋزەل، مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلسا جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 3 – زۇلھەججە / م. 2018، 14 – ئاۋغۇست

——————–
1. «مۇسلىم»، (1598).
2. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/391.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2252). «مۇسلىم»، (1603).
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/338، 5/141.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ