سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە «ئۇلۇغ ئاللاھ: ‹مېنىڭ شۇنداق بىر قوشۇنۇم باركى، مەن ئۇلارنى «تۈرك» دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنى كۈنچىقىشقا يەرلەشتۈردۈم، بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم، ئۇلار (تۈركلەر) نى شۇلارغا مۇسەللەت قىلىمەن› دەيدۇ» دېگەن بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.
مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە «تۈرك» كەلىمەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركلەرنى شۇ ئىسىم بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئاتىغانلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە مەزكۇر ھەدىسنى مۇنداق بايان قىلغان: «‹تۈرك›: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى(1) بولۇپ، ئۇ يەنە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۈركنىڭ ئەۋلادىغىمۇ قويۇلغان ئىسىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئىنسان يارىتىلىپ تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە بولغانغا قەدەر ئۇزۇن بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزمىدىمۇ؟﴾(76/«ئىنسان»: 1) دېگەن سۆزىدە ‹ئىنسان› كەلىمەسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى، يەنى ‹بىرلا ئادەم›نى بىلدۈرۈپ، ﴿بىز ئىنساننى شەك – شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. ئاندىن ئۇنى دوزاخقا قايتۇردۇق. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(95/«ئىنسان»: 4 – 6) دېگەن سۆزىدە بولسا، ‹ئىنسان› سۆزى ‹كۆپ ئادەم›نى بىلدۈرۈپ كەلگەن. چۈنكى، بۇ يەردە ئىستىسنا بار. پەقەت كۆپلۈكتىنلا ئىستىسنا قىلىش مۇمكىن. ‹تۈرك› كەلىمەسىمۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە، بىرلا كىشىنى، ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە، ‹بەشەر ئادەمزات› سۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار توپىنى بىلدۈرىدىغان كۆپلۈك ئىسمىدۇر. دېمەك، بۇ سۆز ھەم بىرلىك، ھەم كۆپلۈك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ‹رۇم› كەلىمەسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسۇنىڭ ئوغلى رۇمنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىنچە ئۇنىڭ ئەۋلادى شۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ‹تۈرك› سۆزىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق.
بىز ‹تۈرك› ئىسمىنى ئاللاھ تائالا قويغان ئىسىم دېيىشىمىزدە، زاھىد شەيخ ئىمام ھۈسەين ئىبنى خەلەف ئەلكاشغەرىي بىزگە خەۋەر بەرگەن بىر ھەدىسكە ئاساسلاندۇق. ئۇ دېدى: ئىبنۇلغەرقىي ماڭا خەۋەر بېرىپ دېدىكى، ئەبۇبەكرى ئەلمۇفىد ئەلجەرجەرائىي بىزگە ‹ئىبنى ئەبىددۇنيا› دەپ تونۇلغان مۇھەددىسنىڭ زامانى ئاخىر ھەققىدە تەئلىف قىلغان كىتابىدىن ئىسنادى بىلەن سۆزلەپ بەردىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ: «مېنىڭ شۇنداق بىر قوشۇنۇم باركى، مەن ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنى كۈنچىقىشقا يەرلەشتۈردۈم، بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم، ئۇلار (تۈركلەر) نى شۇلارغا مۇسەللەت قىلىمەن» دەيدۇ› دېگەن. بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى ئۇلارغا ئىسىم بەرگەن ۋە ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ (ساپ) ھاۋالىق يېرىگە يەرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ‹ئۆز قوشۇنۇم› دەپ ئاتىغان»(2).
مەھمۇد كاشغەرىي رىۋايەت قىلغان مەزكۇر ھەدىس قۇدۇسىي سەنەد جەھەتتىن «زەئىف» ياكى «ئىنتايىن زەئىف» بولۇپ، ئۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدىكى كاشغەرلىك ئىمام ھۈسەين ئىبنى خەلەف (ئۆ. ھ. 480 / م. 1087 – يىلدىن كېيىن) دېگەن كىشى مەھمۇد كاشغەرىي (ھ. 398 – 498 / م. 1008 – 1105) نىڭ ئۇستازى، «ئەلئەلمەئىي»، «ئەلفەزل» دەپ نام ئالغان، 120 دىن ئارتۇق ئەسەر قالدۇرغان مۇھەددىس زاتتۇر. ئىمام سەمئانىي (ھ. 426 – 489 / م. 1036 – 1096) ئۇنىڭ نەسەبىنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئىبنى جىبرىل ئىبنى خەلىل ئىبنى سالىھ ئىبنى مۇھەممەد، كۇنيەتىنى ئەبۇ ئابدۇللاھ، نامىنى ئەلفەزل دەپ بايان قىلىدۇ. ئىمام سەمئانىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەمىد ئەلئەبدىي ئەلمەرۋەزىي: ‹ئەلكاشغەرىي ھەدىس توقۇيتتى. ئۇنىڭ ئوغلى (ئەبۇل فۇتۇھ) ئابدۇلغافىر (ئۆ. ھ. 466 / م. 1073) ئاتىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەيتتى. ئاتىسى ئوغلى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن 10 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئۇ ئەلفەزل دەپ ئاتىلاتتى› دېگەن».
دېمەك، ئىمام ھۈسەين ئىبنى خەلەف ئەلكاشغەرىي ئىمام سەمئانىي تەرىپلىگەندەك، «پەزىلەتلىك، ۋەزخان» شەيخ بولسىمۇ، رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى سەھىھ ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ بەزى زامانداشلىرى تەرىپىدىن ‹ھەدىس توقۇيتتى› دەپمۇ ئەيىبلەنگەن. دەرۋەقە، ۋەزخانلار ئادەتتە تەرغىب ۋە تەرھىبات ئىشىدا بەزىبىر «زەئىف» ۋە ھەتتا «توقۇلما» ھەدىسلەرنى سۆزلەپ قېلىشى مۇمكىن. ئومۇمەن، ئۇنىڭ ھەدىس رىۋايىتىدە «زەئىف» ئىكەنلىكى ئىبنۇل جەۋزىي قاتارلىق باشقا مۇھەددىسلەر تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن مەسىلە(3).
مەزكۇر ئىسنادتىكى راۋىيلەردىن «ئىبنۇلغەرقىي» جورمۇز ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلغەرقىي بولۇپ، ئۇ «زەئىف راۋىي»لەردىندۇر(4).
ئەبۇبەكرى ئەلمۇفىد ئەلجەرجەرائىي بولسا ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ياقۇب ئەلمۇفىد ئەلجەرجەرائىي (ئۆ. ھ. 378 / م. 988) بولۇپ، ئۇمۇ نامەلۇم شەخسلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان، رىۋايىتى ساغلام دەپ قوبۇل قىلىنمايدىغان زەئىف مۇھەددىستۇر(5).
«ئىبنى ئەبىددۇنيا» نامى بىلەن تونۇلغان ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۇبەيد (ھ. 208 – 281 / م. 823 – 894) «ئەسسامت»، «مەكائىدۇششەيتان» قاتارلىق كۆپ رىسالىلەرنى يازغان باغدادلىق مۇھەددىس، تارىخشۇناس، پېداگوگ، ۋائىز بولۇپ، ئىمام زەھەبىي بۇ كىشى ھەققىدە: «تونۇلمىغان نۇرغۇن راۋىيلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ. ئەسەرلىرىدە سىرلىق، ئاجايىب – غارايىب رىۋايەتلەر بار» دېگەن(6).
مەزكۇر ھەدىس قۇدۇسىينى تارىخشۇناس ئىمام زەكەرىييا ئەلقەزۋىينىي (ھ. 605 – 682 / م. 1203 – 1283) مۇ «ئاسارۇل بىلاد» ناملىق ئەسەرىدە سەنەدسىز بايان قىلغان([7]) بولۇپ، راۋىيلەرنىڭ يۇقىرىقى ئەھۋاللىرىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى مەلۇم بولىدۇ.
ھەدىسنىڭ مەزمۇنى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، «تۈرك» نامىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاسىتە قويمىغان بولسىمۇ، ئۇنى نۇھ ئەلەيھىسسالام ياكى ئۇنىڭ ئوغلى يافەس (ياكى ئۇنىڭ ئوغلى) قويغان ئىسىمدۇر. «مېنىڭ قوشۇنۇم» دېگەن مەزمۇن خاتا ئەمەس. چۈنكى، ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(48/«فەتھ»: 4)، ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(48/«فەتھ»: 7).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2022. 3. 1
مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا بايان قىلغان بىر ھەدىس ھەققىدە – PDF نۇسخىسى
1. تارىخ مەنبەلىرىدە تۈرك نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئەمەس، بەلكى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ نەۋرىسى دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 5 – توم، 2 – بەت.
2. مەھمۇد ئەلكاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «ئەبۋابۇسسۇلاسىي / بابۇ فەئلىن، فۇئلىن ۋە فىئلىن بابى»، 1 – توم، 293 – 294 – بەت. دارۇل خىلافە ئەلئەلىييە / مەتبەئى ئامىرە نەشرى، ھ. 1333؛ مەھمۇت قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، بىرىنچى توم، «شىنجاڭ» خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1981 (1400 ھ)، 455 – 456 – بەتلەر؛ 2008 نەشرى 266 – 267 – بەتلەر.
3. سەمئانىي: «ئەلئەنساب»، 5 – توم، 18 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «لىسانۇلمىيزان»، 2584 – تەرجىمىھال، 3 – توم، 198 – بەت.
4. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4 – توم، 195 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «لىسانۇلمىيزان»، 1784 – تەرجىمىھال، 2 – توم، 428 – بەت.
5. ئەلخەتىب ئەلباغدادىي: «تارىخذ باغداد»، 268 – تەرجىمىھال، 1 – توم، 346 – بەت؛ ئەززەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 31 – توم، 318 – بەت.
6. ئەززەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 25 – توم، 405 – بەت.
7. ئەلقەزۋىينىي: «ئاسارۇل بىلاد»، 239 – بەت.