ئىمام-يۈسۈف-قەرەداۋىينىڭ-ھاياتى-ۋە-پائالىيەتلىرى

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى

(ھ. 1345.03.01 – 1444.02.30 / م. 1926.09.09 – 2022.09.26)

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي ئىلىم، پىكىر، دەۋەت، جىھاد قاتارلىق تەرەپلەردە ھازىرقى زاماندىكى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كەڭ تونۇلغان نەمۇنىلىك كاتتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىسلامغا قىلغان خىزمىتى مەلۇم بىر تەرەپ ياكى مەلۇم بىر ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ھەممە تەرەپ ۋە ھەممە ساھەلەردە مۇھىم ئىزلار قالدۇرغان. ئۇنىڭ خىزمەتلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ساھەلەر:

ئەسەر تەئلىف قىلىش

يېزىقچىلىق دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي كۆزگە كۆرۈنگەن ساھەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىكى بولۇپ، ئۇ خۇددى ئەللامە ئەبۇلھەسەن ئەننەدۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «مەشھۇر زاتلارنىڭ مەكتۇپلىرى (رسائل الأعلام)» دېگەن كىتابىدا ئېيتقىنىدەك، يېزىقچىلىق قىلىدىغان ۋە تەھقىقلەيدىغان ئالىمدۇر. پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئىسلام ئالەمىدە ۋەزنى ۋە كۈچلۈك تەسىرى بار. ئۇنىڭ كىتابلىرىغا، تەتقىقات مېۋىلىرىگە، يازمىلىرىغا نەزەر سالغان كىشى دوكتور قەرەداۋىينىڭ يول ئاچقۇچى مۇتەپەككۇر، بىر ئورۇندا قېتىپ تۇرۇۋالمايدىغان، باشقىلارغا تەقلىد قىلمايدىغان يېڭىلىق ياراتقۇچى يازارمەن ئىكەنلىكىگە، مەلۇم بىر تېمىغا پەقەت چۈشەنچىلەرنى توغرىلاش، ئىدىيە يارىتىش، مۇجمەلنى روشەنلەشتۈرۈش، شەرھلەشكە ئېھتىياجلىق بولسا شەرھلەش، شەك – شۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىش ياكى مەلۇم ھېكمەتلەرنى بايان قىلىشقا ئوخشىغان تەرەپلەردە «مەلۇم بىر يېڭىلىق قوشۇلۇشى كېرەك» دەپ قارىغاندىلا، ئاندىن تۇتۇش قىلىدىغانلىقىغا چىنپۈتىدۇ. شەيخ يۈسۈف قەرەداۋىي يازغان ئىسلامىي ئاقارتىشنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىگە ئالاقىدار كىتابلىرى ئەللىكتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئۆز بابىدا مەنبە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. بۇ كىتابلارنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملار ئالقىش بىلەن قوبۇل قىلغان. شۇڭا، بۇ كىتابلار ئەرەبچە كۆپ قېتىم قايتا – قايتا نەشر قىلىنغان، كۆپىنچىسى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا ۋە دۇنياۋى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدە يا ئەرەبچە، يا يەرلىك تىلدا تېپىلىدۇ.

بۇ كىتابلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئومۇمەن «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسكە، شۇنداقلا سەلەف – سالىھلەرنىڭ مېتودىغا تايانغان كلاسسىك ئىلمىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى مەنبە قىلغان؛ ئىلمىي تەكشۈرۈش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىسلاھات تۈسىگە ئىگە يۆنىلىش كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى مۇجەسسەملىگەن؛ قارىغۇلارچە تەقلىدچىلىك ۋە جاھىللارچە مەزھەپپەرەسلىكتىن، شۇنداقلا غەرب ياكى شەرقتىن ئىمپورت قىلىنغان مەزھەپ – ئېقىملارنىڭ ئىدىيەلىرىگە ئەگىشىپ كېتىشتىن خالىي؛ مۇتەئەسسىبلىك بىلەن ئېتىبارسىزلىقنىڭ ئارىسىدا لىللا مەيداندا تۇرۇپ، تەكىتلەنگەن ئوتتۇراھاللىق سەلمۇ قارالماي، ئاشۇرۇپمۇۋېتىلمەي دەل جايىدا نامايان قىلىنغان؛ ئۇسلۇبى «السهل الممتنع (مۇكەممەل ئاددىيلىق)» دېگەن ئۇسلۇب بولۇپ، بۇ پەقەت ۋايىغا يەتكەن ئالىم سالاھىيىتىدىكى ئەدىبلەرلا ئىشلىتەلەيدىغان ئۇسلۇبتۇر.

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام (الحلال والحرام في الإسلام)» ئالىمنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىن بىرىدۇر.

بۇ كىتاب 1960 – يىلى نەشردىن چىققاندىن بېرى ئەرەب – ئىسلام ئالەمىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تارقالغان، نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئالىملارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ھەتتا بۈيۈك ئۇستاز مۇستافا زەرقاﺋ مۇنداق دېگەن: «ھەربىر مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ بۇ كىتابقا ئىگە بولۇشى ۋاجىب». ئۇستاز مۇھەممەد مۇبارەك: «بۇ ئۆز بابىدىكى ئەڭ ئېسىل كىتاب» دېگەن. ئۇستاز ئەلى تەنتاۋىي بۇ كىتابنى مەككە مۇكەررەمەدىكى پېداگوگىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسلىك قىلغان. تونۇلغان مۇھەددىس ناسىرۇددىن ئالبانىي بۇ كىتابنىڭ ھەدىسلىرىنى باھالاپ چىقىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ كىتاب يەنە پاكىستاندا ئىلمىي تەتقىقات ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن ۋە پەنجاب، كاراچى قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەلىرى يېزىلغان. بۇ كىتاب قاھىرە، بېيرۇت، كۇۋەيت، ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىكى نەشرىياتلار تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا قىرىق نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان، شۇنداقلا ئىنگلىزچە، گېرمانچە، ئوردۇچە، پارسچە، تۈركچە، مالايچە، ھىندونېزچە، ئىسپانچە، خىتايچە ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇرچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

مۇئەللىفنىڭ يەنە بىر داڭلىق مۇھىم ئەسىرى بولسا «زاكات فىقھىسى(فقه الزكاة)» ناملىق قېلىن ئىككى توملۇق كىتابى بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا زاكاتنىڭ ئەھكاملىرى، ھېكمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى تەسىرى قاتارلىقلار سېلىشتۇرما شەكىلدە بايان قىلىنغان ئېنسىكلوپېدىك ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر دەۋرىمىزدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنى جىددەدىكى «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتى ‹ئىسلام ئىقتىسادى تەتقىقات مەركىزى›» ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ۋە دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇستاز يۈسۈپ قەرەداۋىينىڭ كىتابلىرى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار موھتاج بولىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. ئىسلامنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىرىگە قارشى نۇرغۇن جەڭلەرگە كىرگەن. سولچىل ئەرەبلەر «سوتسىيالىزىمچە ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى»گە چاقىرىپ، مىسىردا بەزىلەر «ئىنقىلاب ئوقۇشلۇقى» دەپمۇ ئاتىۋالغان «ئەھدىنامە» چىقىرىلغاندا، دوكتور قەرەداۋىي بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئۈچ قىسىملىق «ئىسلامچە ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى» ناملىق يۈرۈشلۈك يازمىلىرىنى ئېلان قىلغان. «ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش» مەغلۇبىيىتىدىن(1) كېيىن، بەزى نادانلار «دىن بىزنىڭ مەغلۇپ بولۇشىمىزنىڭ ئامىلى» دەپ جار سالغاندا، قەرەداۋىي « ئىككىنچى قېتىملىق مەغلۇبىيەت ساۋىقى: نېمىشقا مەغلۇپ بولدۇق، قانداق غەلىبە قىلىمىز؟ (درس النكبة الثانية: لماذا انهزمنا وكيف ننتصر)» دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىققان.

«ئىسلام ۋە سېكۇلارىزم(2)» جېڭى ياكى كېيىنكى كۈنلەردىكى «شەرىئەتنى تەتبىقلاش» جېڭى كۆپچىلىك ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان، سېكۇلارىستىلار بولسا جۆيلۈمىلىرىنى بازار تاپقۇزۇش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە قولاي شارائىت ۋە مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن تاراتقۇلارنى مۇنبەر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلامغا بەس – بەستە ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبلىك چىڭىغا چىققاندا، قەرەداۋىينىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئەڭ جاراڭلىق سادا بولغانىدى. بولۇپمۇ، مىسىردىكى «دوختۇرلار ئۇيۇشمىسى» تەرىپىدىن قاھىرەدىكى «دارۇل ھېكمە»دە چاقىرىلغان، شەيخ غەززالىي بىلەن شەيخ قەرەداۋىي ئىسلام ئېقىمىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان يىغىندا شۇنداق بولغان ئىدى. بۇ يىغىن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پىكرىي يېڭىلىنىشنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، يىغىن ھەققىدە مىسىرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار خەۋەر بەرگەن. يىغىندىن كېيىن فۇئاد زەكەرىييا قاتارلىق مىسىردىكى بىر تۈركۈم سېكۇلارىستلارغا تەپسىلىي ھالدا ئىلمىي رەددىيە بېرىلگەن «يۈزمۇيۈز تۇتۇشقان ئىسلام ۋە سېكۇلارىزم (الإسلام والعلمانية وجهاً لوجه)» دېگەن كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ داۋراڭلىرىنى، شەك – شۈبھىلىرىنى پۇختا ئىلمىي مەنتىقە بىلەن بىتچىت قىلغان. ئاخىرقى ۋاقىتلاردىكى بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى ھالال دېيىش، گۇۋاھلىق قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن جەڭلەردە قەرەداۋىينىڭ ئاۋازى ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ ياڭراق ۋە ئەڭ زەبەردەست ئاۋاز بولغان ئىدى. بۇ جەڭنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە «بانكىلارنىڭ ئۆسۈمى ھارام قىلىنغان جازانىنىڭ ئۆزى شۇ (فوائد البنوك هي الربا المحرم)» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇ بەزى ئەرەب – ئىسلام دىيارلىرىدا مەلۇم بىر دەۋردە بىردىنلا كۈچەيگەن، نۇرغۇن كىشىلەرنى بىراقلا كاپىرغا چىقىرىدىغان «تەكفىرچىلىك دولقۇنى»غا قارشى تۇرغان ۋە بۇ ھەقتە «تەكفىرچىلىكتىكى ئاشقۇنلۇق ئىپادىلىرى (ظاهرة الغلو في التكفير)» دېگەن كىتابىنى يازغان.

ئۇنىڭ پەقەت ئىلمىي كىتابلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدەبىي كىتابلىرىمۇ بار. مەسىلەن، سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ھەججاجنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىغا قارشى تىك تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن «ئالىم ۋە زومىگەر» دېگەن دىرامىسى. ئۇنىڭ يەنە يېڭى يازغان بىر قىسىم قەسىدە ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش مەزمۇن قىلىنغان غەزەللىرى ئاساس، بۇرۇن يازغانلىرى قوشۇمچە قىلىنغان «ھارارەت ۋە يالقۇن (نفحات ولفحات)» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمۇ بار. ئۇنىڭ بۇ غەزەل ۋە قەسىدىلىرى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭرى تارالغان بولۇپ، ياشلار ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ھەرخىل پائالىيەتلەردە ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغان.

ئۇ يەنە قاتار تەلىم – تەربىيە مىنىستىرلىكى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن بىرقىسىم كىتابلارنى، بولۇپمۇ، دىنىي ئىنستىتۇت تۈزۈشكە تەشكىللىگەن كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. مىنىستىرلىك ئۇ تۈزگەن يىگىرمىدىن ئارتۇق كىتابنى مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ كىتابلار تەفسىر، ھەدىس، تەۋھىد، فىقھ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، ئىسلام تەتقىقاتى، ئەخلاق پەلسەپىسى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىتتۇر. بۇندىن سىرت قەرەللىك نەشر قىلىنىدىغان پەسىللىك، ئايلىق، ھەپتىلىك ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات مېۋىلىرى بولمىش ماقالىلەرمۇ باردۇر.

 فىقھ ۋە پەتۋا

دوكتور قەرەداۋىينىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ فىقھ ۋە پەتۋا ساھەسىدىكى ئىناۋىتىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان. ئۇ بىرەر لېكسىيەگە قاتناشسىلا ياكى بىرەر يىغىن، كېڭەشكە ئىشتىراك قىلسىلا، ئۇنىڭغا تۈرلۈك – تۈرلۈك سوئاللار تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى ئىلمىي قائىدىگە ئۇيغۇن، ئوتتۇراھاللىق خاراكتېرگە ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، مۇسۇلمان جامائىتى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنچ قىلىدىغان مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ پەتۋادا تۇتۇپ ماڭغان مېتودىنى «ھازىرقى زامان پەتۋالىرى (فتاوى معاصرة)» دېگەن كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بايان قىلغان. ھەمدە پەتۋا بېرىشنى ئۈستىگە ئالغانلار ئاسانلا تېيىلىپ كېتىدىغان نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنى دەلىل – پاكىت، مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن «پىرىنسىپچانلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇق ئارىسىدا قالغان پەتۋا (الفتوى بين الانضباط والتسيب)» ناملىق رىسالىسىدە تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلغان. بۇ مېتودنىڭ نېگىزى: ئاسانلاشتۇرۇش، قىيىنلاشتۇرماسلىق؛ دەلىل – پاكىتقا تايىنىش؛ تەرەپبازلىق ۋە تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولۇش؛ مۆتىۋەر مەزھەپلەرنىڭ فىقھ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش؛ كىشىلەرگە ئۆز دەۋرىنىڭ تىلى بىلەن خىتاب قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشىلايدىغان تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش؛ پايدىسى يوق نەرسىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش؛ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، كەممۇ قويماسلىق؛ پەتۋاغا پەتۋانىڭ شەرھلەش، روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ۋە سەۋەبىنى بايان قىلىش قاتارلىق ھەقلىرىنى بېرىش قاتارلىقلاردۇر.

بۇنى «ھازىرقى دەۋر ئىجتىھادىغا تەھلىلىي يوسۇندا نەزەر سېلىشنى ھەمراھ قىلغان ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئىجتىھاد (الاجتهاد في الشريعة الإسلامية، مع نظرات تحليلية في الاجتهاد المعاصر)» ناملىق كىتابى تولۇقلايدۇ. ئۇ بۇ كىتابىدا ھازىرقى دەۋر ئىجتىھادىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە بۇ خىل ئىجتىھادتا لازىم بولىدىغان قائىدە – پىرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلەرنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئالىم «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام (الحلال والحرام في الإسلام)» ناملىق كىتابى، «زاكات فىقھىسى (فقه الزكاة)»، «ئىسلام جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر (غير المسلمين في المجتمع الإسلامي)»، «سېتىۋېلىشقا بۇيرىغان كىشىگە پايدىسىغا سېتىش (بيع المرابحة للآمر بالشراء)»، «روزا فىقھىسى (فقه الصيام)» قاتارلىق فىقھقا ئائىت كىتابلىرىدا بۇ قائىدە – پرىنسىپلارنى تەتبىقلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن.

دەۋەت ۋە يول كۆرسىتىش

دوكتور قەرەداۋىي ئاكادېمىك، مەمۇرىي ۋە مەدەنىي خىزمەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە خىزمەت قىلغان. ئۇ فىقھ، پەتۋا ۋە يېزىقچىلىق… قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە دەۋەت خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان زاتتۇر. ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋەزىپىسى، ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، ئوي – خىيالى ۋە ئىلمىي خىزمىتى قاتارلىق پۈتۈن پائالىيەتلىرىنىڭ يادروسىدۇر.

ئۇ دەۋەتنى تانتادىكى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا، 16 يېشىدىلا ئاۋۋال ئۆز مەھەللىسىدىكىلەردىن باشلىغان، ئاندىن ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆتكەن، ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ھەققە دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭ دەۋەت ۋاسىتىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى — ئاللاھقا دەۋەت قىلىشنىڭ تارىخىي ۋە تەبىئىي مۇنبىرى بولغان — مەسجىدلەردۇر. قەرەداۋىي ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدىكى ۋاقتىدا مەھەللەتۇلكۇبرا رايونىدىكى «ئالى تاھا» مەسجىدىدە خۇتبە سۆزلەيتتى. كىشىلەر بولسا بۇ مەسجىدكە «يۈسۈف مەسجىدى» دەپ نام قويۇۋېلىشقان ئىدى. ئۇ جۈمە نامىزىدا مىڭلىغان كىشىلەرگە ئىمام بولاتتى. 1954 – يىلى قامىلىپ، 1956 – يىلى قاماقتىن قويۇپ بېرىلىشى دەل «سۇۋەيش كىرزىسى»(3)گە ئۇدۇل كەلگەن ۋە ئەۋقاف مىنىستىرلىكى ئۇنى قاھىرەدىكى زەمالىك جامەسىگە خاتىپلىققا تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كىشىلەر ناھايىتى كۆپ كېلىدىغان بولغاچقا، ئابدۇنناسىرنىڭ دەۋرىدە خۇتبە سۆزلەشتىن مەنئى قىلىنغان.

1961 – يىلى قاتارغا ئەۋەتىلگەندە، مەسجىدنى دەئۋەت قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، نۇتۇق ۋە دەرس سۆزلىگەن، ۋەز – نەسىھەت قىلغان، پەتۋا بەرگەن. ئۇ ھېلىھەممۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەسجىدىدە قاتار تېلىۋېزىيەسىدە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان جۈمە خۇتبىسى سۆزلەيدۇ. ئۇ يەنە ھەر جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ۋە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئىزچىل ئەسىر نامىزىدىن كېيىن خەلىپە ئىبنى ھەمد مەسجىدىدە دەرس قىلىپ كەلگەن ئىدى. تەراۋىھ نامىزىدا ھەر تۆت رەكئەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋەز – نەسىھەت قىلاتتى. تەراۋىھ نامىزىنى سەككىز رەكئەت ئوقۇيدىغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنى تەراۋىھ نامىزىدا ئوقۇپ بىر تامام قىلاتتى.

ئۇ تاراتقۇلارنىمۇ دەئۋەت مۇنبىرى سۈپىتىدە ئىشلىتەتتى، رادىئو – تېلېۋىزىيەلەردە «قۇرئان كەرىم» تەفسىرى، «پەيغەمبەر تەكچىسىدىن (من مشكاة النبوة)» نامىدا ھەدىس شەرھى ۋە يېتەكلەش تۈسىدىكى دەرسلەر، «ئىسلام يولى (هدي الإسلام)» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى، «نۇر ۋە ھىدايەت (نور وهداية)» ناملىق رادىئو پروگراممىسى، شۇنداقلا يازما تاراتقۇلاردىن مىسىردا چىقىدىغان «ئەزھەر (الأزهر)»، «ئىسلام نۇرى (نور الإسلام)»، «ئىسلام مۇنبىرى (منبر الإسلام)»، «دەئۋەت (الدعوة)»، سۇرىيەدە چىقىدىغان «ئىسلام مەدەنىيىتى (حضارة الإسلام)»، كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئىسلامىي ئاڭ (الوعي الإسلامي)»، «جەمئىيەت (المجتمع)»، «ئەلئەرەبىي (العربي)»، ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئىسلامىي تىرىلىش(البعث الإسلامي)»، رىيادتا چىقىدىغان «دەئۋەت (الدعوة)»، قاتاردا چىقىدىغان «دوھا (الدوحة)»، «ئۈممەت (الأمة)»، ئەبۇزەبىدە چىقىدىغان «ئىسلام ماياكى (منار الإسلام)»، لىۋاندا چىقىدىغان «ئاقار يۇلتۇز (الشهاب)»، «زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار (المسلم المعاصر)»… قاتارلىق ژۇرناللاردا ھەرخىل ماقالە ۋە تەتقىقات سەمەرىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. بۇلاردىن سىرت شەيخ قەرەداۋىي ماقالە ۋە پەتۋالىرىنى ياكى ئەقىدە، شەرىئەت، مەدەنىيەت ۋە ئۈممەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن سۆھبەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ تۇرغان. شۇنىسى ئېنىقكى، شەيخ قەرەداۋىي مۇستەقىل خاراكتېرگە ۋە تەسىرگە ئىگە، ساپلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھازىرقى زامان بۈيۈك ئىسلام دەئۋەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ بىر پۈتۈن خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرى دەئۋەت ساھەسىدە خاس بىر ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ ئېقىمى ئاۋام – خەلققە چۈشەندۈرەلەيدىغان، كەسىپ ئەھلىلىرىنى قايىل قىلالايدىغان، ئەقىلگە خىتاب قىلىش بىلەن بىرگە ھېس – تۇيغۇلارنىمۇ قوزغىتالايدىغان، قەدىمىي مىراسلاردىن ئىلھام ئېلىپ، زامانىۋىلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان، نەزەرىيىۋى دەئۋەت بىلەن رېئال ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنى باغلاشتۇرالايدىغان، يەككە دىندارلىقنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پۈتۈن غېمى ۋە ھايات – ماماتلىق ئاقىۋىتىگە چاتالايدىغان، دەۋەتنى فىقھىگە، فىقھىنى دەئۋەتكە ئۇلاپ، دەئۋەتچى بىلەن فىقھىشۇناسنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈكلۈك ھېس قىلىنمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر. ئومۇمەن ئۇ دەئۋەت ساھەسىدە خۇددى فىقھى ۋە پىكىر ساھەسىدىكىگە ئوخشاشلا يېتۈك ئۈلگىدۇر.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ئەنجۈمەنلەر

ئىسلامىي ئىدىيە ياكى ئىسلام دەئۋىتى ھەققىدە بىرەر يىغىن، مۇھاكىمە ئۇچرىشىشى، ئەنجۈمەن ياكى سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلۇپلا قالسا، دوكتور قەرەداۋىينىڭ ئالىم – ئۆلىمالار، دەئۋەتچىلەر ۋە مۇتەپەككۇرلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى سەۋەبلىك ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇنى چوقۇم تەكلىپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ ۋاقىت – شارائىتى يار بەرسىلا قاتنىشىدۇ ۋە تەييار بولغان تەتقىقاتلىرى، ئاكتىپ مۇنازىرىلىرى ياكى ئىككىلىسى بىلەن يىغىلىشنى موللاشتۇرىدۇ.

جۈملىدىن، «ئىسلام ئىقتىسادى»، «دەئۋەت كۆرسەتمىسى ۋە دەئۋەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش»، «ئىسلام فىقھى»، «مەست قىلغۇچى نەرسىلەر، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇش» تېمىلىرىدىكى خەلقئارالىق يىغىنلار؛ كۆپلىگەن جايلاردا ئېچىلغان رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى ۋە ھەدىسلىرى ھەققىدىكى يىغىنلار؛ قاتار، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى، ئۇممان، تۈركىيە، سۇرىيە، ئىئوردانىيە، پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، لىۋىيە، ئالجىرىيە… قاتارلىق ئەللەردىكى ئۆلىمالار كېڭەشلىرى، ئاكادېمىيە ياكى ئەنجۈمەنلىرى تەرىپىدىن «ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى»، «ئىسلام تەتقىقاتى»، «ئىسلامىي بانكىلار» ۋە «ئىسلامىي بانكىلاردىكى شەرئىي نازارەتچىلىك يۇقىرى قاتلام ھەيئىتى»، «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى ئىلمىي مۇئجىزىلەر»، «زاكات»، «ئىسلام ئىدېئولوگىيەسى»، «ئىسلام ۋە تېبابەت» تېمىلىرىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە دەئۋەت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقانلار شۇنى تەكىتلىشىدۇكى، قەرەداۋىينىڭ قاتنىشىشى بۇ يىغىلىشلارنى تېخىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ۋە مول – ھوسۇلغا ئىگە قىلغان.

لېكسىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېت زىيارەتلىرى

ئۇستاز دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي نۇرغۇن ئەرەب ئۇنىۋېرسىتېتلىرى شۇنداقلا ھىندىستان، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي فىلىپپىن، توكيو، سېئول، نىگېرىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ياكى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋەيا ئىنستىتۇت، تەتقىقات مەركەزلىرى تەرىپىدىن يا ئوقۇغۇچىلارغا — بۇ خىلدىكى تەكلىپ كۆپرەك — يا ئوقۇتۇش ھەيئىتى ئەزالىرىغا، ياكى ئىككىلىسىگە بىرلىكتە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.

بۇنداق ئىلمىي زىيارەتلەردىن باشقا دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى، ياۋروپا، ئىككى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ جايلارغا لېكسىيەلىرى، سۆھبەتلىرى ۋە سۆزلىرىدىن ئىبارەت نۇرغۇن بايلىقلارنى قالدۇرغان. بۇلار ئەرەب دىيارلىرىدا ئوقۇۋاتقان، بولۇپمۇ، پات – پات ئوڭ – سولدىن چىقىدىغان سىناق شاماللىرىغا دۇچار بولۇپ تۇرىدىغان ياشلارغا نىسبەتەن زور بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

جەمئىيەت ۋە مۇئەسسەسەلەر ئەزالىقى

ئۇنىڭ ۋاقتى قىس، يۈكى ئېغىر بولغاچقا، ئۆزرە ئېيتىپ، ئەزالىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىگە قارىماي، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئىلمىي جەمئىيەت، مەركەزلەر، مۇئەسسەسەلەر، دەئۋەت ئورگانلىرى، تەلىم – تەربىيىۋى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

● «قاتار تەلىم – تەربىيە ئالىي كېڭىشى»؛ «شەرئىي پەتۋا ھەيئىتى»؛ «قاتار خەلقىنىڭ مۇسۇلمان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى» ئىدارە كېڭىشى؛ «ئافرىقا ئىسلامىي خەزىنە ھەيئىتى» ۋە «ئىسلام دەئۋىتى تەشكىلاتى كېڭەش ھەيئىتى»؛ مەككە مۇكەررەمدىكى «خەلقئارا ئىسلام ئىتتىپاقى»غا قاراشلىق «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»؛ ئىسلامئاباد «خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى كېڭەش ھەيئىتى»؛ «ئوكسفورد ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» كېڭەش ھەيئىتى؛ ھىندىستان «لۇكناۋ ئىسلام ئەدەبىياتى ئىتتىپاقى»؛ ئىئوردانىيەدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتى قۇرغان «ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات پادىشاھلىق ئاكادېمىيسى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئەزاسى؛ «قاھىرە ئىسلام ئىقتىسادىي جەمئىيىتى»نىڭ ۋە «كۇۋەيت خەلقئارا ئىسلامىي خەيرىيەت ھەيئىتى»نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ھەمدە ئىدارە كېڭىشى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ جىددە «ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى»غا قاراشلىق «فىقھ ئاكادېمىيەسى»نىڭ مۇتەخەسسىسى؛

● «قاتار ۋە مىسىر شەرئىي نازارەتچىلىك ھەيئىتى»نىڭ رەئىسى؛ «كۇۋەيت خەلقئارا شەرئىي زاكات ھەيئىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى؛

● «قاتار خەلقئارالىق ئىسلام بانكىسى»؛ بەھرەين، كاراچى، «فايسال ئىسلامىي بانكىسى»؛ شىۋېتسارىيە «تەقۋا بانكىسى» قاتارلىقلارنىڭ شەرئىي نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى؛

·       دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي تەشەببۇس قىلىپ 2004 – يىلى دۇنيادا تونۇلغان ئۆلىمالار بىلەن بىرلىكتە بىرەر دۆلەتكە تەۋە بولمىغان «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى»نى قۇرغان ۋە مەزكۇر بىرلىكنىڭ 2018 – يىلىغىچە رەئىسى بولغان.

ئىسلام ئىقتىسادى

دوكتور قەرەداۋىي خېلى بۇرۇندىن باشلاپ ئىسلامنىڭ ئىقتىساد ساھەسىگىمۇ مەيلى نەزەرىيە تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەرەپتىن بولسۇن، كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. نەزەرىيىۋى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئىسلام ئىقتىسادى ساھەسىگە ئائىت نۇرغۇن لېكسىيە ۋە دەرسلەرنى سۆزلىگەن. بۇ ساھەدە يۇقىرىدا تىلىغا ئېلىنغان «زاكات فىقھىسى(فقه الزكاة)» ناملىق داڭلىق كىتابىدىن باشقا، «نامراتلىق مەسىلىسى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقى (مشكلة الفقر وكيف عالجها الإسلام)»، «ئىسلامىي بانكىلار ئېلىپ بېرىۋاتقان سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان كىشىگە پايدىسىغا سېتىش سودىسى (بيع المرابحة للآمر بالشراء كما تجريه المصارف الإسلامية)»، «بانكا ئۆسۈمى ھارام قىلىنغان جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر (فوائد البنوك هي الربا الحرام)» كەبى ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ يېيىلغان بىر تۈركۈم كىتابلارنى يازغان.

ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئىسلامىي بانكىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىگە خەلقئارا ئىسلامىي بانكىلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ياردەملەشكەن. ھېلىھەممۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، كۆرسەتمە بېرىپ، پىلان كۆرسىتىپ، مۇداپىئە قىلىپ كەلمەكتە.

1970- يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى ئىسلامىي بانكىلاردىن بولغان «دۇبەي ئىسلام بانكىسى»نىڭ پىدائىي شەرئىي مەسلىھەتچىسى بولغان. كېيىن جەنۋەدىكى ئىسلامىي خەزىنىنىڭ ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى «راجىھىي مەبلەغ سېلىش شىركىتى»نىڭ شەرئىي كۆزەتكۈچىلەر باش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئىسلامىي بانكىلارنىڭ ئىدارە كېڭىشى ئەزاسى ۋە شەرئىي نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ «سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان كىشىگە پايدىسىغا سېتىش» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نېمىشقا ئىسلامىي ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىسلامىي ئىقتىسادقا كۆڭۈل بۆلۈشۈم ئىسلام شەرىئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈمنىڭ، ئۇنى ھاياتنىڭ ھەممە قىسمىدا ھۆكۈمران قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئىنسانىي قانۇنلارنىڭ ۋە ئىمپورت تۈزۈمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولغان چاقىرىقىمنىڭ بىر پارچىسىدۇر». ئۇنىڭ بۇ ساھەدە كۆرسەتكەن ئالاھىدە تۆھپىسى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى كومىتېتى ھ. 1411 – يىللىق (م. 1991) «ئىسلام ئىقتىسادى بانكا مۇكاپاتى»نى ئۇنىڭغا بېرىشنى قارار قىلغان.

ئىجتىمائىي خىزمەتلەر

دوكتور قەرەداۋىي ئىجتىمائىي ۋە خەيرىيەت خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئىسلامىي ھەرىكەت ۋە ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ كۈچنىڭ ھەممىنى دېمىگەندىمۇ، كۆپ قىسمىنى خورىتىۋېتىدىغان سىياسىي خىزمەتلەرگە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىپ، ئىسلام دەئۋىتىنىڭ دۈشمەنلىرى پۇختا ئېلىپ مېڭىۋاتقان ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە بىپەرۋالىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. چۈنكى، دۈشمەنلەر مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ۋە خەيرىيەت خىزمەت تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشقا، ئۇلارنى ئەقىدىسى ۋە خاراكتېرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خرىستىيان دەئۋەتچىلىرى ھەقىقەتەن بۇ ساھەدىن ئوبدانلا پايدىلىنىپ، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نامراتلىق، نادانلىق ۋە كېسەللىك تارالغان ئىسلامىي رايونلارغا بېسىپ كىرىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، ھەتتا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى خرىستىيانلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈشكە قەدەر بېرىپ يەتتى. ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىدا ئېچىلغان مىسسىئونېرلار يىغىنىدا يۇقىرىقىدەك قارار چىقىرىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 100 مىليون دوللار مەبلەغ چىقارغان. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى يۇرتى، تىلى، مەزھىپى، يۆنىلىشىگە ماس ھالدا خرىستىيانلاشتۇرىدىغان مىسسىئونېرلارنى تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىتىدە زۇۋەيمىر ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ شەيخ قەرەداۋىينىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن. ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى، خاراكتېرىنى قوغداش ئۈچۈن ئوخشاش ئۇسۇلدا 100 مىليون دوللار توپلاپ ۋە بۇنى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ، پايدىسىنى خەيرىيەت ۋە دەئۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش، دىرىنى مۈلۈكدار ئۈچۈن داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق بۇ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى توسۇش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلغان. مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ بىر مىلياردتىن ئاشىدىغانلىقى، ناۋادا ھەربىر مۇسۇلمان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر دوللاردىن چىقارسا، كېتەرلىك مەبلەغنى غەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ۋە «بىر دوللار بەرسىڭىز مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇپ قالىسىز» دېگەن شوئارنى جاكارلىغان. نۇرغۇن رايونلاردا ئازار، كۈلپەت تارتىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نىدا قىلغان. مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۇۋەيتنى مەركەز قىلغان خەلقئارا ئىسلام خەيرىيەت ھەيئىتى قۇرۇلغان ۋە پائالىيەتلىرىنى جانلىق ھالدا باشلاپ كەتكەن. شەيخ قەرەداۋىي بۇ ھەيئەتنى قۇرۇش پىكرىنىڭ ئىگىسى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ھازىرلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. قەرەداۋىينىڭ تەشكىلاتنىڭ نىشانى ۋە ۋاسىتىلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا بىنائەن تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي تۈزۈلمە لايىھەسى تەييارلانغان، بىرلا ۋاقىتتا ئۇنى تەسىس قىلىش كوللېكتىپىنىڭ، ئىدارە قىلىش كېڭىشىنىڭ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق بىرقانچە ۋەزىپىلەردە بولغان.

قاتاردا «قاتار ئىسلامىي زاكات ۋە سەدىقە فوندى» نامىدا قاتارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نامرات ۋە ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئىستىكىدە خەلق فوندى تەسىس قىلغان. ئۇ فوندنىڭ قاتار ئىسلام بانكىسىدا ئاچقان ھېسابى بار بولۇپ، بەزى ئېھتىياجلارنى قامداش رولىنى ئوينىغان.

مىسىردا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پۇل – مېلى بىلەن ئىنستىتۇت، مەسجىد ۋە سەفەت تۇراب يېزىسىدا شىپاخانا، مەدىينەتۇن نەسردىكى «مەسجىدى رەھمە» قاتارلىق بىرقانچە دىنىي ۋە خەيرىيەت مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرغان.

ئويغىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىش

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ يېزىقچىلىق، دەئۋەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى مۇھىم نىشانى، پۈتۈن دىققەت – ئېتىبارىنى، تىلى، قەلىمى، ئوي – پىكرى ۋە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەرپ قىلغان ئەڭ گەۋدىلىك ساھەلەرنىڭ بىرى ھازىرقى دەۋر ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ ياشلار ساھەسىدۇر. شۇڭا، ئۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئويغىنىۋاتقان ياشلار سېپىغا ئالاقىدار يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. ئېھتىمال ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپالاردىكى كۆپلىگەن ئۇچرىشىشلاردا ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەقىدىسى، شەرىئىتى، تارىخى ھەققىدە چۈشكەن قىزىق نۇقتا سوئاللىرى ۋە شەك – شۈبھىلەر توغرىسىدا كىشىلەر بىخەۋەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل ياش ئويغىنىش ئاۋانگارتلىرىنىڭ دوكتور قەرەداۋىينىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلىكى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، دەئۋەتتىكى ئىخلاسمەنلىكى، بۇزۇشقا ئەمەس قۇرۇشقا، چېچىشقا ئەمەس يىغىشقا ھېرىسمەنلىكى، ھەردائىم سىلىق – سىپايىلىك بىلەن قىيىنلاشتۇرۇشنى ئەمەس قولايلاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىلغان ئوتتۇراھاللىقنى كۆزلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا، بۇ ياشلار ئۇنى بىلىمى، دىنى ياكى مەلۇم تەرەپلەر بىلەن بولغان يېقىنلىقى ۋە ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇنى ئەيىبلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەردىن قوبۇل قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىدۇ.

بۇلاردىن سىرت يەنە ئۇنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى، ئۇنى ھەقىقەتەن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى ۋە مۇكەممەل ئىسلامىي ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى دەپ قاراپ، ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ھىمايە قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە كۆرسەتمە بېرىش، خاتا كەتكەن جايلىرى ۋە يۆنىلىشىنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە قوپاللىق دېگەنلەردىن خالىي ھالدا توغرىلاش ھەققىدىكى ماقالىلىرى، كىتابلىرى، ئۈنگە ئېلىنغان نۇتۇق ۋە لېكسىيەلىرى بار. دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «ئىنكار قىلىش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئارىسىدا قالغان ئىسلامىي ئويغىنىش (الصحوة الإسلامية بين الجحود والتطرف)»، «ئىسلامىي ئويغىنىش ۋە ئەرەب – ئىسلام دىيارلىرىنىڭ غەم – قايغۇلىرى (الصحوة الإسلامية وهموم الوطن العربي والإسلامي)»، «دىنىي چۈشەنچىنى يېڭىلايدىغان ۋە دۇنيانى گۈللەندۈرىدىغان ئاڭلىق ئويغىنىش ئۈچۈن (من أجل صحوة راشدة تجدد الدين وتنهض بالدنيا)»، «يوللۇق ئىختىلاپ ۋە يولسىز بۆلۈنۈش ئارىسىدا قالغان ئىسلامىي ئويغىنىش (الصحوة الإسلامية بين الاختلاف المشروع والتفرق المذموم)» قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشردىن چىقارغان.

ئۇ بۇ ساھەدە يەنە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى قىلغان:

ئۇ ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ياشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى ئۇلار ئۈچۈن ماقالە يازغاندا، ئۇلارنى گەپ ۋە تالاش – تارتىشنى قويۇپ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم يارىتىشقا، شاخچە ۋە جۈزئىي مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىشنى قويۇپ غول ۋە ئاساسىي مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىشكە، پىكىر ئوخشىماسلىقى بار مەسىلىلەرنى قويۇپ، بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا، تەسەۋۋۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋەرمەي، رېئال دۇنياغا قونۇپ بېقىشقا، جەمئىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىۋالماي، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشاپ، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىشكە، قوپال ئۇسۇلدا دەئۋەت قىلماي، سىلىق – سىپايە ئۇسۇل بىلەن دەئۋەت قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ھاياتلىقتىكى قانۇنىيەتلىرىگە ئېتىبار بەرمەسلىكنى قويۇپ، شۇ قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا شەرئىي ئۇسۇل – قائىدىلەر بويىچە چاقىرىق قىلغان. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرى ياشلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتىنى توغرا يولغا سېلىشتا سەمىمىي دەئۋەتچى ئۆلىمالارنىڭ دەۋەتلىرى بىلەن بىرگە ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

جىھادىي خىزمەتلىرى

دوكتور قەرەداۋىي ياش ۋاقتىدىلا خۇتبە، لېكسىيە، دەرس ۋە خىتابلىرى ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلامىي ھاياتقا دەئۋەت قىلىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ بۇنىڭغا بالدۇرلا ئاتلىنىشىدا ئۇنىڭ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتى» بىلەن بالدۇر ئۇچراشقانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ بەرپاچىسى ئىمام ھەسەنۇلبەننا (1906-1949) بىلەن تونۇشقانلىقىنىڭ رولى چوڭ بولغان. بۇ ئۇنىڭغا ئاساسىي دىنىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يېتەكچىسى ئۇستاز ھەسەن ئەلھۇدەيبىينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە، ئاسۋان قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىنى ۋە سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە قاتارلىق بەزى ئەرەب ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

ئۇ بۇ دەئۋەت يولىدا نۇرغۇن ئازار، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە 1949 – يىلى پادىشاھ فارۇق دەۋرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، بىرقانچە قېتىم قامالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1954 – يىلى يانۋار ئىنقىلابى دەۋرىدە ۋە 1963 – يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.

شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتى» بىلەن بالدۇرلا ئالاقىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئەزا بولغانلىقى، شۇ تۈپەيلى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، تەشكىلاتتىكى ئىلمىي خىزمىتى، دەئۋەت تىرىشچانلىقلىرى ۋە تەشكىلات قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك ئۇنىڭ تەشكىلاتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى پەش قىلماستىن، چىرايلىق يوسۇندا تەشكىلاتنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا يولغا سېلىش، تېخىمۇ ياخشىلاش، پروگراممىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىيىتىدە تەشكىلاتنى پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا باشقا ئىسلامىي ھەرىكەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشقا سەمىمىيلىك بىلەن دەئۋەت قىلغان. ئۇ: «ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كوللېكتىپلار قارشىلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە تولۇقلاش، چوڭ ئىسلامىي مەسىلىلەردە بىر سەپتە تۇرۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىكتە مۇستەھكەم تۇرۇپ، قاراش بىردەك بولمىغان مەسىلىلەردە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستە ئوچۇق كەلگەن ئاساسىي ئىسلامىي پرىنسىپلار دائىرىسىدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەرخىللىشىش ۋە مەخسۇسلىشىش تەرزدە كۆپ بولۇپ كەتسە ھېچقىسى يوق» دەپ قارايتتى. ئىنساپنى ئۇل قىلغان بۇ تەنقىدىي يۆنىلىش ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى، تەتقىقاتلىرى، ماقالىلىرى، لېكسىيەلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ زىيارەتلىرى، شۇنداقلا «ئىسلامىي يوسۇندا ھەل قىلىش پەرز ۋە زۆرۈر (الحل الإسلامي فريضة وضرورة)» ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابىدا ھەمدە «ئۈممەت» ژۇرنىلىدا «يوچۇق قەيەردە» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان، كېيىن توپلىنىپ مۇستەقىل رىسالە قىلىنغان ۋە «ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك دەرىجىسى (أولويات الحركة الإسلامية)» نامىدىكى كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنى «ئۈممەت يۈرۈشلۈك كىتابلىرى» نامىدا چىقىرىۋاتقان كىتابلىرىنىڭ ئاخىرىدا چىققان «ئۈممەت» ژۇرنىلىدا، چوڭ ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇر تەفسىرشۇناسلار بىلەن «شەرئىي ئۇسۇل – قائىدىلەر ئارىسىدا ئىجتىھاد ۋە ئىسلاھ قىلىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزگەن دىئالوگلىرىنىڭ ھەممىسى توپلانغان «دەۋەتنى چۈشىنىش: قىياپەت ۋە ئۇپۇق (فقه الدعوة: ملامح وآفاق)» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

روھىي تەربىيە ۋە سۇلۇك

دوكتور قەرەداۋىي قەلبنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە سۇلۇك» ئىلمىدە سۆزلىنىشى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان. تەسەۋۋۇف ئىلمى بولسا ئەخلاق، ئىسلامىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئىسلامىي سۇلۇكقا ئالاقىدار بولغان ئىلىمدۇر. بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ دىنىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان بىرقانچە كىتاب يازغان: بۇلاردىن «قۇرئان ۋە سۈننەت شولىسى ئاستىدا سۇلۇك فىقھىسى يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى — ئاللاھقا مېڭىش يولى (سلسلة في فقه السلوك في ضوء القرآن والسنة — في الطريق إلى الله)» نامىدا ئالتە قىسىم كىتاب نەشر قىلىنىپ بولدى. بۇلار: 1. «(رەببانىيلىق ھايات ۋە ئىلىم (الحياة الربانية والعلم)» (1995)؛ 2. «نىيەت ۋە ئىخلاس (النية والإخلاص)» (1995)؛ 3. «تەۋەككۇل قىلىش (التوكل)» (1996)؛ 4. «ئاللاھقا تەۋبە قىلىش (التوبة إلى الله)» (1998)؛ 5. «تەقۋادارلىق ۋە زاھىدلىق (الورع والزهد)» (2010)؛ 6. «ئۆزىنى كۆزىتىش ۋە ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش (المراقبة والمحاسبة)» (2017)(4).

قارىشى

ئۇ مۇنداق قارايدۇ: «ئىسلامىي ھەرىكەت ئۈممەتنىڭ ۋىجدانىدىن ئېتىلىپ چىققان، ئۈممەتنىڭ خاراكتېرىنى، دەرد – ئەلىمىنى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى، ئەقىدىسىنى، پىكىرلىرىنى، تەۋرەنمەس قىممەت قاراشلىرىنى، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئىرادىسىنى ۋە بىرلىشىشكە بولغان تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى سەمىمىي يوسۇندا ئىپادىلەپ بېرىدىغان، خەلقچىل، ئىسلامىي كوللېكتىۋىزملىققا ئىگە ئىشلارنىڭ يىغىندىسىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئىسلامىي ھەرىكەتكە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان يوقىتىپ قويۇش، چاك – چېكىدىن پارچىلىنىپ كېتىش، ئارقىدا قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئارتىپ قويۇش ئادىللىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇلار قاتماللىق ۋە مۇستەملىكە دەۋرلىرىنىڭ ھاسىلاتلىرىدۇر. لېكىن، بۇنىڭدا ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭمۇ ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە بولغان سەۋەبلەرنى قىلماسلىق، ئۇ سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىپ، يەنە بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش ياكى جايىدا ئىشلەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيەتلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماسلىقتىن ئىبارەت قىسمەن مەسئۇلىيىتى بار.

ئىسلامىي ھەرىكەت ئۆز – ئۆزىنى رۇسلىشى ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، تەركىبىدىكىلەرنى گەرچە ئاچچىق بولسىمۇ نەسىھەتلەرنى سۇنۇپ تۇرۇشقا، ئەلەملىك بولسىمۇ تەنقىد قىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى زۆرۈر. ئىسلامىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئىسلامنىڭ ئۆزىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ئىسلامىي ھەرىكەتنى تەنقىد قىلغانلىق ئىسلامنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەنقىد قىلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتنى بىراقلا ئېزىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما بىرەر كوللېكتىپنى خاتالىشىپ قېلىش ياكى ئېزىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىشنى، بولۇپمۇ، پەرقلىق كۆپ خىل نۇقتىئىينەزەرلەرگە ئىگە ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە خاتالىشىپ قېلىش ياكى ئېزىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىشنى ھېچقاچان ئۈستىگە ئالغان ئەمەس.

بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر تەنقىدنى جايىدا قىلالمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ كىرىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەنقىدنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتىن قورقىدۇ. مانا بۇ بەزى ئالىملارنى ئىجتىھادنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغۇزغان سەۋەبنىڭ نەق ئۆزى. ھالبۇكى، ئىشىكنى ئۆز ئەھلى ئېچىش، نىھايەتتە (بۇ ساھەدە) مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلارلا قېلىش، پەقەت توغرىنىلا توغرا دېيىش ۋاجىب ئىدى.

ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كوللېكتىپنىڭ كۆپ بولۇشى سەلبىي ئىش ئەمەس. كۆپ بولۇش، بىر كوللېكتىپ ئەقىدىنى خۇراپات ۋە شىرك كەلتۈرۈشلەردىن ئازاد قىلىشقا تۇتۇش قىلىش، ئىبادەتلەرنى بىدئەتلەردىن تازىلاشقا تۇتۇش قىلىش، ئائىلە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىش ۋە تەلىم – تەربىيە خىزمىتىگە تۇتۇش قىلىش دېگەندەك ھەرخىللىشىش ۋە كەسپىيلىشىش تەرزىدە بولسىلا ھېچقىسى يوق. بەزى كوللېكتىپلار ئاۋام – خەلق بىلەن مۇئامىلە قىلىشسا، يەنە بىرى ئىلمىي ساھەدىكىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممىسى بىر – بىرىگە قارىتا ياخشى ئويدا بولۇش، پىكرى ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردا ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە بىر سەپتە تۇرۇش شەرتىگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

ئىسلامىي ھەرىكەت تارىخنىڭ سوئالى ئالدىدا ئىسلامنىڭ تاشقى دۈشمەنلىرى پىلانلىغان توزاقلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتكەن، دەپ ئاقلىنىدىغان ھالەتكە دۇچار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسلامىي دىيارلاردا ۋە ھەربىر زاماندا نەزەرىيە باسقۇچىدىن ئەمەلىيەت باسقۇچىغا تەرەققىي قىلىشى، تاللانغان، مۇنەۋۋەر رەھبەرلىك كوللېكتىپى رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. ئىسلامىي ھەرىكەت بىر تۈركۈم ئەمەس، بىر پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلانغاندىلا غەلىبە قازىنالايدۇ».

ئۇ ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۈمىد قىلىنغان ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغۇچە، ئۆزىنى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ياكى ياردەم بېرىشتىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت كۈتۈش، شۇڭا ئۇلار ئارزۇلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلماستىن، پەقەت كۈتۈش ئۆچرىتىدە كۈتۈپلا تۇرىدۇ، خالاس.

تەرجىمىدە: شۆھرەتۇللاھ ھەبىبۇللاھ

مەنبە: https://www.al – qaradawi.net/

—————————————————–
1. 1967 – يىلى 5 – ئىيۇندىن 10 – ئىيۇنغىچە 6 كۈن داۋاملاشقان، تارىختا «ئالتە كۈن ئۇرۇشى» (حرب الأيام الستة)، «1967 جېڭى»، «3 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەرەب قوشنىلىرى بولغان مىسىر، سۇرىيە، ئىئوردانىيە ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن، ئىراق، سەئۇدى ئەربىستان، سۇدان، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئەسكەر ۋە قورال ياردىمى بەرگەن ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيىتى كۆزدە تۇتۇلماقتا. — ت.
2. سېكۇلارىزم / لائىكلىك (Secularism / Laïcité): تېگى لاتىنچە «نەسىل» تومۇرىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە خرىستىيان لاتىنچىسىدە «دۇنيا» مەنىسىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان، سېكۇلارىزم — خاراكتېرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە سىياسەتتىن دىننى سىقىپ چىقىرىش خاھىشى»نى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئاخىرەت بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان، روھىي، مەنىۋىي بولماسلىقنى شەرت قىلغان، دىنىيلىقنىڭ قارىمۇقارشىسى سۈپىتىدىكى «دۇنياچىلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبچە «ئىلمانىييە (علمانية)» دېيىلىدۇ. تېخىمۇ كەڭ مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: «الموسوعة الإسلامية العامة (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 991 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى». ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م. 2003.— ت.
3. سۇۋەيش كرىزىسى (أزمة السويس / العدوان الثلاثي / حرب 1956): 1956 – يىل ئۆكتەبىردىن 1957 – يىلى مارتقىچە، بىر تەرەپتە مىسىر، بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە، يەنە بىر تەرەپتە ئا ق ش ۋە ب د ت بولغان دىپلوماتىك كرىزىس ۋە ئەسكىرىي توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ۋە تارىختا «2 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى»، «1956 ئۇرۇشى»، «ئۈچ تەرەپلىمىلىك تاجاۋۇزچىلىق» ۋە «سۇۋەيش ئۇرۇشى» دەپ قەيت قىلىنغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشتا مىسىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن غەلىبە قىلغانىدى. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيا ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى جاكارلانغان بولدى. – ت.
4. بۇ مەزمۇن تەرجىمان تەرىپىدىن تولۇقلاندى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ