ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت ۋە ئۇخۇۋۋەت پەلسەپىسىدىن سېكۇلارىزم سەپسەتىسىگە نەزەر

ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت ۋە ئۇخۇۋۋەت پەلسەپىسىدىن سېكۇلارىزم سەپسەتىسىگە نەزەر

   سېكۇلارىزم – خاراكتېرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە سىياسەتتىن دىننى سىقىپ چىقىرىش خاھىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئاخىرەت بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان، روھىي، مەنىۋىي بولماسلىقنى شەرت قىلغان، دىنىيلىقنىڭ قارىمۇقارشىسى سۈپىتىدىكى «دۇنياچىلىق»نى كۆرسىتىدۇ.

   ئەپسۇس! يېقىنقى كۈنلەردە مىللىي مۇستەقىللىق مەۋقەسىدە ساغلام تۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە مىللىي دەۋا يۆنىلىشىدە يېڭىچە قەدەم ئېلىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بىرتۈركۈم ياشلىرىمىزنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىختا بەرپا قىلغان قانۇن ۋە دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىنى يوق ساناپ، ھەر دەۋرگە باب قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىسلام شەرىئىتىنى، شۇنداقلا ئوخشاش شەكىلدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ تەقلىدچىلىرى بولۇشى كۆزلىنىپ، بۈگۈنكىدەك شەكىللىنىشىگە مەجبۇرىي ئۇل قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇرنى قۇلىقىغىچە پېتىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان سېكۇلارىزم ئىللىتىنى تولىمۇ يۈزەكى ۋە ئاددى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن بولدۇق.

   سېكۇلارىزم «قانۇن – تۈزۈم ۋە جەمئىيەت تەرتىبىنى پەقەت ئىنسانلا بەلگىلەيدۇ» دېگەن ئاساسقا تايانغاچقا، بۇ ئىزم ئومۇمەن دىنلارغا، جۈملىدىن جەمئىيەت ۋە بارلىق دۇنيا ئىشلىرىنى رەتكە سېلىشقا ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن شەرىئەتكە زىتتۇر. شۇنداقلا بۇ ئىسلامنىڭ قانۇن مەنبەچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى مەۋقە تۇتىدىغان، ھەمدە ئىسلام نەزەرىدىمۇ شەرىئەتكە زىت بولغان ئىزملاردىندۇر. يەنى ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي قانۇننى چەتكە قېقىش، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە يول كۆرسەتكۈچى بولۇشىغا چەك قويۇش، ئۇنى مەلۇم تار دائىرىدە رول ئۆتىشىگە يول قويۇپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىيلىقتىكى چوڭ رولىنى چەكلەپ، دىننى كەڭ مەنىدە مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە ھەتتا ئۇنى رەت قىلىش سېكۇلارىزمنىڭ ئاساسىدۇر. بۇنىڭدا سېكۇلارىستلارنىڭ تۇتقان مەۋقەلىرى پەرقلىق دەرىجىدە، ئەلۋەتتە!

   دىن ۋە ئەخلاققا ئوخشاش ئىنتايىن نازۇك ۋە سەزگۈر مەسىلىلەردە سېكۇلارىستلارنىڭ تۇتقان مەۋقەسىمۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋقەسىگە ئىنتايىن زىت كېلىدۇ. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار نەزەرىدە چوڭ گۇناھلار قاتارىدا سانالغان جىنسىي ئەركىنلىكنىلا ئەمەس، ھەتتا بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنىمۇ سېكۇلارسىتلار دىن ئارىلاشسا بولمايدىغان شەخسىي ئەركىنلىك دەپ قوغداپ كەلمەكتە. بۇلار سېكۇلارىستلارنىڭ دىن، ئەخلاق ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەردە تۇتقان مەيدانىغا مىسال بولالايدۇ.

   سېكۇلارىزم سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھاكىمىيەت، شۇنداقلا ئەخلاق ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىن ئىسلامغا زىت ۋە يات تۈزۈم بولغىنىدەك، ئون ئەسىر مابەينىدە ئىسلامىيەتكە ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ، ئىسلامنى پۈتۈن ھاياتقا تەتبىقلاش بارىسىدا دۆلەتچىلىك دەستۇرى بولمىش «قۇتادغۇبىلىگ» كەبى ئەسەر يازغان ئالىملىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا بۇ تارىخىي جەرياندىكى دۆلەتلىرىمىزنىڭ، يېقىنقى زامانلاردىكى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ روھىغىمۇ ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغان بوۋىلىرىمىز، ئالىملىرىمىزنىڭ تاللىشىغىمۇ، يەنى مىللىي دۆلەتچىلىك ئەنئەنىمىزگىمۇ ياتتۇر. شۇنداقلا مۇستەقىل دۆلەت سايىۋىنى ئاستىدا ئىسلامنى ھاياتىنىڭ ھەربىر ساھەلىرىگە قەدەر توسقۇنسىز، چەكلىمىسىز ۋە ئەركىن ياشاش ئىستىكىدىكى مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگىمۇ زىتتۇر. ئەلۋەتتە، شەرىئەتنى بۆبۆلەشتۈرۈشكە ياراپ كېلىۋاتقان، دۇنياغا ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلىقنى يامان كۆرسىتىشنىڭ باھانىسىغا ئايلىنىپ قالغان ھەمدە سىياسىي غەرەزلەرنىڭ ئويۇنچۇقلىرىغا ئايلىنىپ قىلىشتىن خالىي بولمىغان كۈنىمىزدىكى بەزى چىرىك ھاكىمىيەتلەرنى، ئاشقۇن دىندارلىققا مايىل ئىسلام ئاتىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، «دىنىي دۆلەت دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» دەپ خەلقىمىزگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىما قىلىش مۇسۇلمان ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرىغا ئەمەس، ئەكسىچە سېكۇلارىزملىق دۇنيانىڭ مۇستەملىكىچى زېھنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا «دىنىي دۆلەت چىرىكلىشىدۇ» ئىددىئاسىمۇ چېركاۋ ھاكىمىيىتى تەسەۋۋۇرىنى ۋە بۇنىڭ مەلۇم مەنىدىكى تەقلىدىي نۇسخىسى بولغان شىئە ئېقىمىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ۋەكىل قىلىۋېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئاددىيسى، بۇ يەنە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئابا – ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەخىسلەرنى ئەمەس، سىستېمىنى ئاساس قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقىنى، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سالاھىيەت ۋە لاياقەتنى ئاساس قىلغانلىقىنى، سايلام ۋە نازارەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ئۆرنەك بولۇشقا ئەرزىيدىغان شەرئىي قانۇن سىستېمىسىغا ئىگە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ۋە نىزامى قۇرۇپ چىققانلىقىدەك تارىخىي ئۈلگىنى ئۆگىنىپ چىقمىغانلىقنىڭ، ئىسلام دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ سېكۇلارىزمچىلار ئىددىئا قىلىۋاتقان ۋە غەربچە ئاتىلىشى بولغان «دىنىي دۆلەت» فورمۇلاسىغا چۈشمەيدىغان پەرقلىق قۇرۇلما ۋە سىستېما ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

   سېكۇلارىزم شۇئارىنى خۇددى بەزى مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوخشاش غەرب دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى كەلتۈرۈش يولىدا تاكتىكا سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئايرىم مەسىلە. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىق مەستانىسىغا ئايلىنىش، ئىنتايىن ئەرزان ۋە يۈزەكى تەشۋىقلەر بىلەن ئۇنى خەلققە قوبۇل قىلدۇرۇشقا زورۇقۇش، نارازىلىقلارنى جاھالەت ساناپ ئۇلارنى ئەيىبلەش باشقا مەسىلىدۇر. شۇڭا، «ئىسلام شەرىئىتىنى ھازىرقى زامان دۆلەت تۈزۈمىدە يارىمايدۇ»، «شەرىئەت سىستېمىسى دۆلەتنى ھەر جەھەتتىن باشقۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن ئاساستا مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەرگە تېڭىلىش يولى بىلەن ئىسلام ئالەمىگە سىڭىپ كىرگەن، شۇنداقلا مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى ۋە تەيىنلىشى بىلەن قۇرۇلغان ھازىرقى زامان ئۇلۇس دۆلەتلىرىدە يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن سېكۇلارىزملىق تۈزۈمنى كەلگۈسى چىقىش يولى قىلىپ تاللاش يا ئىسلامنى سېكۇلارىزمچە چۈشىنىۋېلىش ياكى بولمىسا سېكۇلارىزمنىمۇ، ئىسلامنىمۇ يۈزەكى چۈشىنىۋېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئۆتمۈش ۋە بۈگۈندە باشقىلار دەسسىگەن كېچىككە دەسسىمەي تۇرۇپ مۇستەقىل بولالمايدىغانلىقتەك خىيالىيلىق ۋە ھەرقانداق باھانە بىلەن سېكۇلارىزمنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سېكۇلارىزمچە تۈزۈمنى سۈزۈكلۈك، ئىسلامىي قۇرۇلمىغا ئىگە تۈزۈمنى چىرىكلىك ساناش خاھىشى بولسا، ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى تەرتىپلەشكە، توغرا يول كۆرسىتىشكە نازىل بولغان دىن بولۇشتىن سىرت، خاراكتېر جەھەتتىن ئۆز نۆۋىتىدە دىن ۋە سىياسەتنى بىرگەۋدە قىلىدىغان شامىل تۈزۈم ياكى سىستېما ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتىن ئىبارەت جاھالەتتۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2022. 2. 22

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.