ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي
ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىشمۇ ئىسلام دىنى ھارام قىلغان، بەلكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان قەلبلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. نەپسى خاھىش دېگىنىمىز ئىنسان نەپسى خاھلايدىغان ۋە مايىل بولىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە پەس ئىچكى ئىنتىلىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. بۇلار ئىنساننىڭ ئۆزىنى، ئەبەدىيلىكنى ۋە نام – ئاتاقنى ياخشى كۆرۈشىگە ئالاقىدار بولغان ئارزۇ – ئىستەكلىرى دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغان ئىشلاردۇر. «قۇرئان»دا بۇنى «نەپسى خاھىش» دەپ ئاتىغاندۇر.
ئاخىرەتتە نىجات تېپىش ۋە جەننەتكە كىرىش ھاۋايى – ھەۋىسىگە قارشى تۇرغان ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭدىن توسقان كىشىگە مەنسۇپ قىلىندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ﴾(79/«نازىئات»: 40 – 41). ئىمام راغىب «مۇفرەدات» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل ئەھۋال ھاۋايى – ھەۋەس (يەنى تاشلىغۇچ) دەپ ئاتالدى. چۈنكى، ئۇ ئىنساننى دۇنيادا جىمى ھالاكەتلەرگە تاشلايدۇ، ئاخىرەتتە بولسا دوزاخقا تاشلايدۇ»(1).
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: ﴿ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن! نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(38/«ساد»: 26).
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ مۇشرىكلەرنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەندە، ئۇلار ئۇنى ھەق شەرىئەتكە ئەگىشىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن توسۇپ قوياتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاندىن سېنى بىز دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار (يەنى مۇشرىكلەر) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن! شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچنەرسىنى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر﴾(45/«جاسىيە»: 18 – 19).
ئىمام راغىب مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ﴾(2/«بەقەرە»: 120) دېگەن سۆزىنى كۆپلۈك شەكىلدە كەلتۈردى. بۇنداق بولۇشى، شۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ نەپسى خاھىشى يەنە بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئاندىن يەنە ھېچبىرىنىڭ نەپسى خاھىشىنىڭ مەلۇم چېكى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش ئازغۇنلۇق ۋە تېڭىرقاشنىڭ ئاخىرقى چېكىدۇر»(2).
بۇ مەزمۇن مەككەدە نازىل بولغان سۈرىلەردىمۇ، مەدىنەدە نازىل بولغان سۈرىلەردىمۇ ھەم شۇنداق كەلگەن: مەسىلەن، ئاللاھ تائالا «مائىدە» سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغاننىڭ بىرقىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن!﴾(5/«مائىدە»: 49) ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ پىتنە قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ نازىل قىلغان «قۇرئان»نىڭ بىرقىسمىدىن يۈز ئۆرۈگۈزۈپ قويۇشىدىن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان «قۇرئان»نىڭ بىرقىسمىنى زايە قىلىش «قۇرئان»نىڭ ھەممىسىنى زايە قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. «قۇرئان» بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئەسلا پارچىلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇرئان»نىڭ ئاز بىرقىسمىنىمۇ قولدىن بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50)؛ ﴿ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە ھامىي بولالامسەن؟ ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر﴾(25/«فۇرقان»: 43 – 44)؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز – نەسىھەت ئالمامسىلەر؟﴾(45/«جاسىيە»: 23) شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكى كەلگەن: «زېمىندا چوقۇنۇلغان ئەڭ يامان ئىلاھ بولسا نەپسى خاھىشتۇر»(3).
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىگە ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى، نەپسى خاھىشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاسان چىققىلى بولمايدىغان چوڭ بىر مۇسىبەتكە ئاپىرىپ قويۇشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن!﴾(18/«كەھف»: 28) ئىسلام دىنى ئىنساننى ھەۋەس قىلىدىغان نەپسى خاھىشقا ئەمەس، تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقىل – ئىدراكقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ناۋادا ھەق (يەنى «قۇرئان») ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقلار خاراب بولغان بولاتتى﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 71).
«قۇرئان»دا ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى خاھىشى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ نەپسى خاھىشى بولسۇن، نەپسى خاھىشقا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئايەتلەر كۆپتۇر. چۈنكى، نەپسى خاھىش ھەقكە ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ تارتىشىغا قاراپ ماڭىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسا، ئېزىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»﴾(6/«ئەنئام»: 56)؛ ﴿ئاندىن سېنى بىز دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار (يەنى مۇشرىكلەر) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن!﴾(45/«جاسىيە»: 18) ﴿ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 120)؛ ﴿ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ﴾(13/«رەئد»: 37)؛ ﴿ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن﴾(2/«بەقەرە»: 145).
«قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن دەلىل – پاكىتلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر بىز خاھلىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، نەپسى خاھىش گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 176).
ئاللاھ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ، ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ﴾(30/«رۇم»: 29).
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىگە دائىم قىلىدىغان نەسىھەتى «پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە ئەگىشىش، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەسلىك»تىن ئىبارەت ئىدى. بۇنى جىمى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدە كۆز ئالدىدا تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن! بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن! ئۇلار (يەنى مۇشرىكلەر) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن!﴾(42/«شۇرا»: 15)
شۇنىڭغا رىئايە قىلغاندىلا، ئۇنىڭ ئىشى جايىدا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇئمىن) ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كافىرغا) ئوخشامدۇ؟﴾(47/«مۇھەممەد»: 14) مۇئمىن ئاللاھ بۇ ئايەتتە دېگەن كىشىلەردەك بولۇپ قالمايدۇ: ﴿ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر﴾(47/«مۇھەممەد»: 16).
«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
1. ئىمام راغىب: «ئەلمۇفرەدات فىي غەرىيبىل قۇرئان»، 849 – بەت.
2. يۇقىرىقى مەنبە، 849 – بەت.
3. ئىبنۇل ھاج: «ئەلمەدخەل»، 3 – توم، 116 – بەت.