ئۆز - ئۆزىنى ئالداش

ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن : ئۆز – ئۆزىنى ئالداش

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

ئۆزىنى ئالداشمۇ ئىسلام دىنى قاتتىق ھارام قىلغان، ئاللاھنىڭ كىتابىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ئىلگىرىكى رەببانىي ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدا قاتتىق ئەيىبلەنگەن قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.

ئىمام غەززالىي بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن:

«بەخت – سائادەتنىڭ ئاچقۇچى ئويغاق ۋە چېچەن تۇرۇشتۇر. بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسى ئۆزىنى ئالداش ۋە غەپلەتتە قېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئىمان بىلەن توغرا چۈشەنچىدىنمۇ چوڭراق بىر نېئمەت يوقتۇر. بۇ ئىمان بىلەن توغرا مەرىپەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە قەلبنىڭ ئىمان نۇرى بىلەن ئېچىلىشىدۇر. كۇفۇر ۋە گۇناھ – مەئسىيەتتىنمۇ چوڭراق بالا يوقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەبى بولسا قەلبنىڭ بىلىمسىزلىكنىڭ زۇلمىتى بىلەن كۆرمەس بولۇپ قېلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

دانالار ۋە بەسىرەت ئىگىلىرىنىڭ قەلبلىرى تۆۋەندىكى ئايەتتە دېيىلگەندەكتۇر: ﴿ئاللاھنىڭ (مۇئمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ﴾(24/«نۇر»: 35). ئۆزىنى ئالدىغۇچىلارنىڭ قەلبلىرى بولسا، بۇ ئايەتتە دېيىلگەندەكتۇر: ﴿ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ)﴾(24/«نۇر»: 40).

دېمەك، دانالار ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى ئىرادە قىلغان ۋە قەلبلىرىنى ئىسلام ئۈچۈن، ھىدايەت ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار بولسا ئاللاھ ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە كۆكسىنى تارايتىۋېتىپ (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدىغان كىشىلەردۇر.

ئالدانغۇچى (الْمَغْرُورِ) بولسا ھىدايەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئەقىل كۆزى ئېچىلمىغان، قارىغۇ ھالەتتە قېلىپ، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە شەيتانغا ئەگەشكەن كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 72) دېگەن. ئۆزىنى ئالداشنىڭ بەختسىزلىكلەرنىڭ بېشى ۋە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ياخشى بىلىنگەندە، بۇ ئالدىنىشنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى ۋە بازار تاپىدىغان جايلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت: ئىنساننىڭ بۇ ئىلىمنى ياخشى بىلىپ، ئۆزىنى ئالداشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈندۇر. تەۋپىق ئاتا قىلىنغان كىشى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئاپەتلەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىگەن ۋە شۇنىڭغا قارىتا توغرا پىلان تۈزۈپ ئىش قىلغان كىشىدۇر.

 

ئۆزىنى ئالداشنىڭ بازار تاپىدىغان جايلىرى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئالدىغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى:

ئۆز – ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار بولسا تاشقى كۆرۈنۈشى گۈزەل، ئىچكى ماھىيىتى رەزىل بولغان بەزىبىر پرىنسىپلار بىلەن ئالدانغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتىن غەپلەتتە قېلىپ، قايسى جەھەتتىن ئالدانغانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. بۇ ئەھۋاللار ساناپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولسىمۇ، مۇھىم بولغان بىرقانچە مىساللار بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن.

ئۆزىنى ئالدىغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت تۈردۇر:

بىرىنچى تۈر: ئالىملار؛

ئىككىنچى تۈر: ئابىدلەر؛

ئۈچىنچى تۈر: سوپىلار؛

تۆتىنچى تۈر: پۇل – مال سەرپ قىلغۇچى بايلار.

ھەر تۈر ئۆز ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سىنىپلارغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىلدۇر: ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنكەر ئىشنى ياخشى ئىش دەپ قارايدىغانلار بار. بۇ ھارام مال بىلەن مەسجىد سالغان ۋە مەسجىدلەرنى زىننەتلىگەن كىشىگە ئوخشاشتۇر؛ ئۇلاردىن يەنە ھەم ئەمىلىنىڭ قوبۇل بولۇشىنى، ھەم يۈز – ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلغۇچى ۋەزخانغا ئوخشاش ھەم ئۆزىنى ئويلاپ، ھەم ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىش قىلىدىغانلار بار؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەڭ مۇھىم ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار بار؛ يەنە پەرز ئەمەلنى تاشلاپ قويۇپ، نەپلە ئەمەل بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار بار؛ يەنە ئىشنىڭ مېغىزىنى تاشلاپ قويۇپ، پوستى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدىغانلار بار. بۇ خۇددى ناماز ئوقۇغاندا مەقسىتىنى نوقۇل ھەرپلەرنى مەخرەجلىرىدىن توغرا چىقىرىشقىلا قارىتىپ قويغان كىشىگە ئوخشاشتۇر؛ يەنە بۇنىڭدىن باشقا بۇ ساھەدىكى پىرقىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش ۋە مىساللارنى سۆزلەش بىلەنلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.

سۆزىمىزنى ئالدى بىلەن ئالىملارنىڭ ئۆزىنى ئالدىشىنى زىكىر قىلىش بىلەن باشلايمىز. بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن، ئۆزىنى ئالداشنىڭ ئۆزىنىڭ ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بايانىنى ۋە چەك – چېگراسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز»(1).

ئىمام غەززالىينىڭ كىتابىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئالىملار، ئابىدلەر، پۇل – مال سەرپ قىلغۇچىلار، مۇجاھىدلار، سوپىلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش تىپتىكى ئىنسانلاردىن ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ئالدانغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

بىز ئىمام غەززالىينىڭ ئۆرنەك تەرىقىسىدە كۆرسەتكەن بۇ تائىپىلەرگە قارىتا قىلغان مۇھاكىمىسىدە ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى روھىي، ئىجتىمائىي ۋە تەربىيەۋى مۇھاكىمىچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۆزىگە ئالدىنىپ قالغان بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمام غەززالىي مول ئىلمى ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرى بىلەن رەسۋا قىلغان.

 «قۇرئان» ۋە «سۈننەت» ئاگاھلاندۇرغان ئۆزىنى ئالداش

ئايەت – ھەدىسلەر ئۆزىنى ئالداشتىن ۋە ئۇنىڭ شەخس، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ئۈممەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەت ۋە خەتەرلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار!﴾(31/«لوقمان»: 33) ﴿ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟﴾(82/«ئىنفىتار»: 6) ﴿ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار!﴾(35/«فاتىر»: 5) ﴿ئۇلار مۇئمىنلەرگە: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ نىدا قىلىدۇ، مۇئمىنلەر: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (مۇئمىنلەرگە بالايىئاپەتلەر كېلىشىنى) كۈتتۈڭلار، شەكلەندىڭلار، قۇرۇق ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى، تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى، شەيتان سىلەرنى ئاللاھ ھەققىدە ئالدىدى» دەيدۇ﴾(57/«ھەدىد»: 14). مانا بۇ ئايەتلەر ئۆزىنى ئالداشنى قاتتىق سۆكۈشكە يېتەرلىكتۇر. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق كىشى — ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىدۇر؛ ئاجىز كىشى بولسا ھاۋايى ـ ھەۋەسكە بېرىلىپ، ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈپ ياتقۇچىدۇر»(2).

ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بىلىمسىزلىكنى سۆكۈش ھەققىدە كەلگەن بايانلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقىدەك ئالدىنىشنىڭ سۆكۈلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى، ئۆزىنى ئالداش بولسا بىلىمسىزلىكنىڭ بىر تۈرىدۇر. بىلىمسىزلىك بولسا بىرنەرسىنى ئەسل ماھىيتىنىڭ ئەكسىچە كۆرۈش ۋە ئىشىنىشتۇر. دېمەك، ئۆزىنى ئالداش بىلىمسىزلىكتۇر. بىراق، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق بىلىمسىزلىك ئۆزىنى ئالداش ئەمەس. بەلكى، ئالدىنىش ئالدانغۇچىنى ۋە ئالدايدىغان نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىنسان «توغرا» دەپ ئويلىۋالغان خاتا نەرسە ھاۋايى – ھەۋەسكە ماسلىشىدىغان بىرنەرسە بولسا ۋە بۇ خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئەمەلىيەتتە دەلىل – ئىسپات بولمىسىمۇ، «دەلىل» دەپ ئويلاپ قېلىنىدىغان شۈبھە ياكى خاتا تەسەۋۋۇر بولسا، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بىلىمسىزلىك «ئۆزىنى ئالداش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۆزىنى ئالداش (الْغُرُورِ) — ئىنسان نەپسىنىڭ شۈبھەگە ۋە شەيتاننىڭ گوللىشىغا تايىنىپ ھاۋايى – ھەۋەسكە ماس كېلىدىغان ۋە تەبىئىتى مايىل بولىدىغان نەرسىدە بەرقارار بولۇشىدۇر. شۇڭا، كىمكى ئاساسسىز شۈبھەگە تايىنىپ، ئۆزىنى ياخشىلىقنىڭ ئۈستىدە دەپ ئويلاپ قالسا، ئۇ ئۆزىگە ئالدانغۇچى بولىدۇ. كۆپىنچە ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ياخشىلىقنىڭ ئۈستىدە دەپ گۇمان قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ گۇمانىدا خاتالاشقۇچىدۇر. دېمەككى، كۆپىنچە ئىنسانلار ئالدىنىشىنىڭ تۈرلىرى ۋە دەرىجىلىرى ئوخشىمىسىمۇ ئالدانغۇچىدۇر. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئالدىشى بەزىلەرنىڭكىدىن ئېغىرراق بولىدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغىنى: كافىرلارنىڭ ئۆزىنى ئالدىشى ۋە يەنە گۇناھكارلارنىڭ ۋە پاسىقلارنىڭ ئالدىنىشىدۇر.

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بىلەن ئۆزىنى ئالداشنىڭ باغلىنىشلىقى

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بىلەن ئۆزىنى ئالداشنىڭ ھەر ئىككىسى ئىسلام دىنى بىردەك ھارام قىلغان، نەپرەتلەندۈرگەن ۋە مۇسۇلمان كىشى يامانلىقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان قەلب كېسەللىكلىرىدىندۇر. شۇنداقلا بۇ ئىككىلىسى كىبىر ۋە كىبىرگە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئۆزىگىلا قاراپ، خىلمۇخىل تەرەپلەردىن ئۆزىگە مەركەزلىشىشىگە ئالاقىداردۇر. ئىسلام دىنى بولسا مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسى خاھىشىغا، خوتۇن – بالىلىرىغا، پۇل – مېلىغا ياكى باشقا ئىنسانلارغا ۋەياكى دۇنياغا يۈزلەنمەستىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇشبۇ دۇنيانىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چىۋىننىڭ قانىتىچىلىك ۋەزنى يوقتۇر. ۋەھالەنكى، مۇسۇلماننىڭ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادىن ئېرىشكەن نېسىۋىسى چىۋىننىڭ قانىتىغا نىسبەتەن قانچىلىك نەرسە بولماقچى؟!

ئىمام غەززالىي ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە ئۆزىنى ئالداش ھەققىدە كۆپ توختالغان. بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى ئەمەل قىلغۇچى ئالىملار ياكى ئىخلاسمەن مۇخلىسلەر ۋەياكى ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنغان زاتلار قاتارىدا سانايدىغان ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن. ھەقىقەتەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بولغۇچىلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە ئېيتقاندەك ئىنسانلاردۇر: ﴿ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 9).

ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار ئىچىدىكى ھالاك بولغۇچى پىرقىلەر

ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئالغان، ئىچى سىقىلىپ، تىلى ۋە قەلىمى بىلەن قامچىلىغان بەزى ھالاك بولغۇچى پىرقىلەرنى زىكىر قىلىشىمىز زۆرۈردۇر. ئۇ پىرقىلەر تولىمۇ كۆپ بولۇپ، بىز بىرقىسمىنىلا سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئىمام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد غەززالىي ئېيتۇر:

«شۇنداق بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ئۇلار روزا تۇتقانلىقى بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئۇزۇن مەزگىل روزا تۇتىدۇ ياكى پەزىلەتلىك كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ كۈنلەردە تىللىرىنى غەيۋەتتىن ساقلىمايدۇ. دىللىرىنى رىيادىن، ئىپتار پەيتىدە قورساقلىرىنى ھارامدىن ۋە كۈنبويى تىللىرىنى قۇرۇق گەپتىن ساقلىمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ياخشىلىقنىڭ ئۈستىدە دەپ ئويلايدۇ ۋە پەرز ئىبادەتلەرنى تاشلاپ، نەپلە ئىبادەتلەرگە يېپىشىۋالىدۇ. ئاندىن نەپلىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىشمايدۇ. مانا بۇ ئۆزىنى ئالداشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدۇر».

ھەج ۋە ئۆمرە قىلغانلىقى بىلەن ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار

ھۆججەتۇل ئىسلام ئىمام غەززالىي:

«يەنە بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ھەج قىلىش بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، بويىنىدىكى قەرزلىرىنى تۆلىمەي تۇرۇپ، ئاتا – ئانىسىنى رازى قىلماي تۇرۇپ ۋە ھالال رىزىق تەلەپ قىلماي تۇرۇپلا ھەجگە بارىدۇ. بەزى كىشىلەر بىر قېتىم پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قايتا بارىدۇ. يولدا نامازلارنى ۋە باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى ئادا قىلمايدۇ. كىيىمىنى ۋە بەدىنىنى پاك تۇتۇشقا سەل قارايدۇ ۋە زالىملارنىڭ باج – خىراجلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن تۆلەيدۇ. شۇنداقلا يولدا سەت گەپ قىلىشتىن ۋە جېدەللىشىشتىن ھەزەر ئەيلىمەيدۇ. بەزىلەر ھەتتا ھارامدىن تاپقان پۇللىرىنى يولدا ھەمراھلىرىغا خەجلەپ بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن رىيا قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ كىشى ھەم ھارامدىن پۇل تاپقانلىقى، ھەم بۇ پۇلنى رىيا بىلەن خەجلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىككى تەرەپلىمە ئاسىي بولىدۇ. ئاندىن رەزىل ئەخلاقلار ۋە ناچار سۈپەتلەر بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن قەلبى بىلەن كەئبىگە بارىدۇ. ئۇ كەئبەنىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىن ئىلگىرى قەلبىنى پاكلىمىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە ئۆزىنى پەرۋەردىگارى تەرەپتىن بولغان ياخشىلىقنىڭ ئۈستىدە دەپ ئويلايدۇ. مانا بۇمۇ ئالدانغۇچىدۇر» دەيدۇ.

 «ساۋاب ئۈچۈن ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر قىلدىم» دەپ ئۆزىنى ئالدىغۇچىلار

ئىمام غەززالىي داۋام قىلىپ:

«يەنە بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش) يولىغا قەدەم قويىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ – يۇ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇغاندىمۇ ناھايىتى قوپاللىق قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق باش بولۇش ۋە يۈز – ئابرۇي تېپىشنى ئىستەيدۇ. ئەگەر بىرەر خاتالىق سادىر قىلغىنىدا، ئۇنىڭغا تۈزۈتۈش بېرىلسە غەزەپلىنىدۇ ۋە: ‹مەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ بۇنى قىلىۋاتسام، قانداقمۇ مېنى ئەيىبلەيسەن؟› دەيدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ مەسجىدىگە يىغىدۇ. كېچىكىپ قالغان جامائەتكە قوپال تېگىدۇ، بۇ ئارقىلىق رىيا قىلىدۇ ۋە ‹چوڭام› بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر باشقا بىر ئادەم مەسجىدكە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسجىدنىڭ خىزمىتىنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىدۇ. بەلكىم، جامائەتنىڭ ئىچىدىن يەنە بەزىلەر ئەزان توۋلايدۇ ۋە ‹ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەزان توۋلاۋاتىمەن› دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى يوق ۋاقىتتا، باشقا بىر كىشى ئەزان توۋلاپ قالسا، قىيامەت قايىم بولىدۇ ۋە: ‹مېنىڭ ھەققىم تارتىۋېلىندى ۋە مەرتىبەمگە توسقۇنلۇق قىلىندى!› دەيدۇ. شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەر مەسجىدنىڭ ئىماملىقىغا ئۆتۈۋالىدۇ ۋە ئۆزىنى ياخشى ئىش قىلدىم دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ دىلىدىكىسى ‹باشقىلار مېنى مەسجىدنىڭ ئىمامىكەن دەپ قالسۇن›دۇر. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ تەقۋاراق ۋە ئالىمراق بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتۈپ قالسا، ئۇنىڭغا ھار كېلىدۇ» دەيدۇ.

ئىككى ھەرەمدە ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغۇچىلار

ئىمام غەززالىي بۇ ھەقتە:

«يەنە بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ئۇلار مەككەدە ياكى مەدىنەدە (ئىككى ھەرەمدە) تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئالدايدۇ. ھالبۇكى، قەلبلىرىنى نازارەت قىلمايدۇ. شۇنداقلا زاھىرىنى (سىرتقى كۆرۈنۈشىنى) ۋە باتىنىنى (قەلبىنى) پاكلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى يۇرتلىرىغا تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، باشقىلاردىن ‹پالانى مەككەدە تۇرىدىكەن› دېگەن سۆزنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تېخى بەزىدە ئۇ كىشىنىڭ قاتتىق ۋارقىراپ: ‹مەن مەككەدە مۇنچە يىل تۇردۇم› دەپ مەيدە قېقىشلىرىمۇ بار. بەزىلىرى مەككەدە مۇقىم تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنىڭ كىرلىرىگە كۆز تىكىدۇ. ئەگەر كىشىلەردىن ئازراق پۇل – مال يىغسا، پىخسىقلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەپسى پېقىرلارغا بىر لوقما تائام بېرىشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ رىياكارلىقى، بېخىللىقى ۋە تاماخورلۇقى ئاشكارا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئادەم مەككەدە تۇرۇشنى تەرك ئەتكەن بولسا، كۆپلىگەن ھالاكەتكە تاشلايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتى. لېكىن، ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ‹ھەرەمدە تۇرىدىكەن› دېگەن ئاتاققا بولغان ھېرىسلىقى ئۇنى بۇ رەزىللىكلەرگە چۆككىنىچە مەككەدە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇمۇ ھەم ئۆزىگە ئالدانغۇچىدۇر.

ھەرقانداق ئەمەل – ئىبادەتنىڭ ئىنسانغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇ ئاپەتلەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى بىلمىگەن ۋە نوقۇل ئەمەل – ئىبادەتكە تايىنىۋالغان ئادەممۇ ئالدانغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ شەرھلىرىنى ئۇشبۇ كىتاب (‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن›) نىڭ مۇناسىۋەتلىك بابلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئالدىنىشنىڭ ناماز بارىدىكى يوچۇقلىرىنى نامازنىڭ بابىدىن، ھەج بارىدىكى كىرىش ئېغىزلىرىنى ھەجنىڭ بابىدىن، شۇنداقلا زاكات، ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىبادەتلەردە ئالدىنىشنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بابلاردىن ئوقۇپ بىلگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بولسا ئاشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ يىغىندىسىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشتۇر» دېگەن.

مەنسەپ ۋە يۈز – ئابرۇيغا قىزىقىش

ئىمام غەززالىي يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«يەنە بىر تۈركۈم ئىنسانلار پۇل – مالدا زاھىدلىق يولىنى تۇتىدۇ ۋە ئاددىي كىيىملەرنى كىيىش، غورىگىل غىزالىنىش ۋە مەسجىدلەردىلا يېتىپ قوپۇشقا قانائەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى زاھىدلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يەتتىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ ئىلىم ياكى ۋەز – تەبلىغ، ياكى زاھىدلىق قىلىش ئارقىلىق چوڭام بولۇشنى ۋە يۈز – ئابرۇي تېپىشنى ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئىككى ئىشنىڭ يەڭگىلرەكىنى تەرك ئېتىپ، ئىككى ھالاكەتنىڭ چوڭراقىغا چۈشكەن بولىدۇ. چۈنكى، يۈز – ئابرۇينىڭ ئاپىتى مال – دۇنيانىڭ ئاپىتىدىن چوڭراق. ئەگەر ئۇ يۈز – ئابرۇي تېپىشنى تەرك ئېتىپ، مال – مۈلككىلا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، يامانلىقتىن ساقلىنىپ قېلىشقا سەل يېقىن بولغان بولاتتى. نەتىجىدە، بۇمۇ ئۆزىنى ئالدىغۇچىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىن زاھىد بولدۇم دەپ ئويلىسىمۇ، دۇنيانىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى، دۇنيانىڭ لەززەتلىرىنىڭ ئاخىرقى چېكىنىڭ ماقام ئىگىسى بولۇش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا باشلىقلىققا قىزىققۇچىنىڭ چوقۇم مۇناپىق، ھەسەتخور، مۇتەكەببىر، رىياكار بولىدىغانلىقىنى ۋە باشقا بارلىق رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى.

توغرا، ئۇ ماقامىنى تەرك ئېتىپ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ، خىلۋەتنى ئەلا بىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ بۇ ئەھۋالدىمۇ ئۆزىنى ئالدىغۇچىدۇر. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋال بىلەن بايلارغا تىل ئۇزىتىپ، ئۇلارغا قوپال تېگىدۇ، ھاقارەت نەزەرىدە قارايدۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق ئۈمىد قىلغاندىن بەكرەك ئۆزىنىڭ ئابرۇي قازىنىشىنى ئويلايدۇ ۋە قىلغان ئىشى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزى بىلمىگەن ھالدا، كۆپلىگەن قەلبكە ئالاقىدار رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ قالىدۇ. بەزىدە، باشقىلار ئۇنىڭغا پۇل – مال بەرسە، ‹ئۇنىڭ زاھىدلىقى بىكار بولۇپ كەتتى› دېيىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇ پۇلنى ئالمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا: ‹بۇ پۇل ھالالدۇر، سەن بۇ پۇلنى ئېلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن قايتۇرۇپ بەرگىن› دېيىلسە، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، نەپسى ئۇنداق قىلىشقىمۇ يول قويمايدۇ. دېمەك، ئۇ كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراقتۇر. ھالبۇكى، بۇ ماختىنىش بولسا دۇنيانىڭ ئەڭ شېرىن دەرۋازىسىدۇر. ئۇ ئالدانغۇچى بولۇپ تۇرۇپ يەنە ئۆزىنى دۇنيادا زاھىد بولدۇم دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە گاھىدا بايلارنى ھۆرمەتلەشتىن، زەردارلارنى كەمبەغەللەردىن ئۈستۈن كۆرۈشتىن، ئۆزىگە مۇرىت بولغانلارنى، ئۆزىنى مەدھىيەلىگەنلەرنى ياقتۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا زاھىدلارغا مايىل بولغانلاردىن نەپرەتلىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ھىيلىسى ۋە ئالدىشىدۇر. ئاللاھقا سىغىنىپ، بۇنىڭدىن پاناھ تىلەيمىز.

ئىبادەتگۇيلارنىڭ ئىچىدە يەنە شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار بەدەنگە ئالاقىدار ئەمەللەردە قاتتىق يولنى تاللىۋالىدۇ. ھەتتاكى، ئۇلار بىر كېچە – كۈندۈزدە مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ ۋە ‹قۇرئان›نى تامام قىلىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ھەممىسىدە قەلبىگە دىققەت قىلىشقا، قەلبىنى كۆزىتىشكە ۋە قەلبىنى رىيادىن، كىبىردىن، تەمەننادىن ۋە باشقا بارلىق ھالاكەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئىشلاردىن پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. كىشى بۇلارنىڭ بەندىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى مەن بۇنداق ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەندەك بولسا، ئۆزىنى زاھىرىي ئەمەللىرىمنىڭ سەۋەبى بىلەن مەغپىرەت قىلىنغۇچىمەن، قەلبنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن جازالانمايمەن› دەپ ئويلايدۇ. قەلبنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەنمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى يادىغا ئالسا، ‹زاھىرىي ئىبادەتلەر ياخشىلىق تارازامنى بېسىپ كېتىدۇ› دەپ ئويلايدۇ. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن؟! تەقۋادارنىڭ زەررىچىلىك ئەمەلى ۋە دانا زاتلارنىڭ بىرەر ئەخلاقى تاغلار كەبى زاھىرىي ئەمەللەردىن ئەۋزەلدۇر. ئاندىن بۇ ئالدانغان كىشى — كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ناچار ۋە قوپال خۇلقى ۋە كىر باسقان روھىيىتى سەۋەبلىك — رىيادىن ۋە ماختىنىشنى ياخشى كۆرۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا: ‹جانابلىرى زېمىننىڭ قوزۇقلىرىدىن بولمىش ئاللاھنىڭ ئەۋلىيا – ئەھبابلىرىدىن بىرى بولىلا› دېيىلسە، بۇ ئەخمەق بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولىدۇ ۋە بۇ گەپكە ئىشىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئالدىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلىشىنى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىمۇ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى پاسكىنىلىقلاردىن بىخەۋەر ھالدا بۇ باھانى بەرگەنلىكىنى بىلمەي غەپلەتتە قالىدۇ».

ياخشى ئىشلارنى تەرتىپ بويىچە قىلىشقا رىئايە قىلماسلىقمۇ ناچار ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر

ئىمام غەززالىي بۇ بارىدا مۇنداق دېگەن:

«يەنە بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ئۇلار نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ – يۇ، پەرز ئىبادەتلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بەزىلىرىنىڭ ‹چاشگاھ نامىزى›(3) ئوقۇغانلىقى، كېچىلىرى ‹تەھەججۇد نامىزى›(4) ئوقۇغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئەمما پەرز نامازلار بىلەن لەززەت تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇنداق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ: ‹بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەردىنمۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكرەك بىرنەرسە بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندۇر›(5). دېمەك، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئارىسىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلماسلىقمۇ ناچار ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ھەتتا، كىشى بەزىدە بىرى قازا بولۇپ كېتىدىغان، يەنە بىرى قازا بولۇپ كەتمەيدىغان ئىككى پەرز ئىبادەت ياكى بىرىنىڭ ۋاقتى قىستاپ قالغان، يەنە بىرىنىڭ ۋاقتى كەڭرى بولغان ئىككى پەزىلەتكە دۇچ كېلىپ قالىدۇ. ئەگەر كىشى بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلمىسا، ئالدانغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بەك كۆپتۇر. چۈنكى، گۇناھ – مەئسىيەتمۇ ئېنىق، تائەت – ئىبادەتمۇ ئېنىقتۇر، تۇتۇق بولۇپ قالىدىغان مەسىلە پەقەت بەزى ئىبادەتلەرنى بەزى ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇش مەسىلىسىدۇر. مەسىلەن، پەرز ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىغا، پەرز ئەينلەرنى پەرز كۇپايىلەرنىڭ ئالدىغا، ھېچكىم ئادا قىلمىغان پەرز كۇپايىنى باشقىلار ئادا قىلىۋاتقان پەرز كۇپايىنىڭ ئالدىغا، ئەڭ مۇھىم بولغان پەرز ئەينلەرنى ئككىلەمچى مۇھىم پەرز ئەينلەرنىڭ ئالدىغا، دەرھال قىلىنمىسا قازا بولۇپ كېتىدىغاننى قازا بولۇپ كەتمەيدىغاننىڭ ئالدىغا قويۇشىمىز كېرەك. بۇ ئانىنىڭ ھاجىتىنى ئاتىنىڭ ھاجىتىنىڭ ئالدىغا قويۇشىمىز ۋاجىپ بولغانغا ئوخشاشتۇر. بىر كىشى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىم ياخشىلىق قىلىنىشقا ئەڭ لايىق؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئاناڭ، — دەپ جاۋاب بەردى.

— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، يەنە:

— ئاناڭ، — دەپ جاۋاب بەردى.

— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دەپ يەنە سورىۋىدى، يەنە:

— ئاناڭ، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى:

— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دەپ يەنە سورىۋىدى،

— ئاتاڭ، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى:

— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دەپ يەنە سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

— تۇغقانلىق دەرىجىسى بويىچە ساڭا ئەڭ يېقىن بولغانلار، — دەپ جاۋاب بەردى(6).

دېمەك، سىلە – رەھىم قىلىشتا ئەڭ يېقىن تۇغقانلاردىن باشلاش كېرەك. ئەگەر يېقىنلىقتا باراۋەر بولۇپ قالسا، ئەڭ موھتاجدىن باشلاش كېرەك. ئەگەر موھتاجلىقتىمۇ باراۋەر بولۇپ قالسا، ئەڭ تەقۋا بولغىنىدىن باشلاش كېرەك.

شۇنىڭدەك، پۇل – مېلى ھەم ئاتا – ئانىسىنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشكە ھەم ئۆزى ھەج قىلىشقا يەتمەيدىغان بىر كىشى ئالدىنىپ، ھەجگە بېرىشنى تاللاپ قېلىشى مۇمكىن. توغرىسى، ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەققىنى ھەجنىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان پەرزنى ئۇ دەرىجىدە بولمىغان پەرزنىڭ ئالدىغا قويۇش جۈملىسىدىندۇر.

شۇنىڭدەك، بىر مۇسۇلمان باشقا بىرىگە ۋەدە قىلىپ قويغان ۋاقىتقا جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى ئۇدۇل كېلىپ قالغان بولسا، گەرچە ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تۈرلۈك تائەت بولسىمۇ، جۈمە نامىزى قازا بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ‹ۋەدىگە ۋاپا قىلىمەن› دەپ جۈمەنى ئوقۇماسلىق گۇناھتۇر (يەنى بۇ ئەھۋالدا جۈمە نامىزىنى ئوقۇش مۇھىمدۇر).

يەنە شۇنىڭدەك، بەزىدە مۇسۇلماننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت تېگىپ قالغىنىدا، — بۇنىڭغا سەۋەب بولۇپ قالغان بولسا — ئاتا – ئانىسىغا ياكى ئايالىغا قوپال تېگىدۇ. كىيىمگە نىجاسەتنىڭ تېگىپ قېلىشى ساقلىنىش كېرەك بولغان ئىش بولسىمۇ، ئاتا – ئانىغا ئەزىيەت بېرىشمۇ ساقلىنىش كېرەك بولغان ئىشتۇر. ھەتتا، ئاتا – ئانىغا ئەزىيەت بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەش كىيىمگە نىجاسەتنىڭ تېگىپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەشتىن بەك مۇھىمدۇر. دېمەك، بۇنىڭغا ئوخشاش، چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ قارىمۇقارشى كېلىش مىساللىرى بەك كۆپتۇر. كىمكى بۇ ئىشلارنى تەرتىپ بويىچە قىلىشقا رىئايە قىلمىسا، نەپسىگە ئالدانغان بولىدۇ.

بۇ ئالدىنىش ھەقىقەتەن تولىمۇ گۇڭگا بولغان ئالدىنىشتۇر. چۈنكى، ئالدانغۇچى كىشى تائەت – ئىبادەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئىبادىتىنىڭ مەئسىيەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ كىشى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان يەنە بىر ۋاجىپ ئىبادەتنى ئۇنتۇپ قالدى.

يەنە، ئۆزىنىڭ جىسمى ۋە قەلبىگە ئالاقىدار بولغان زاھىرىي ۋە باتىنىي ۋاجىباتلار ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەر دىققىتىنى بېرىشنى كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنى ئۆگىنىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەزھەب تالاش – تارتىشلىرى ۋە فىقھىي ئىختىلاپلار بىلەن مەشغۇل بولۇشمۇ شۇ ئالدىنىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، فىقھ نەزەرىيەلىرى باشقىلار موھتاج بولىدىغان تۈرلۈك ھۆكۈملەرنى بىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ. دېمەك، مۇسۇلماننىڭ قەلبى ھەققىدە ئۆزى موھتاج بولىدىغان بىلىملەرنى بىلىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر. لېكىن، ئۇنىڭ ماقام، يۈز – ئابرۇي، پەخر – ئىپتىخار ۋە تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ياخشى كۆرۈشى ئۇنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ. ھەتتاكى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ ۋە ھەتتا ئۆزىنى دىننىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن ۋە غېمىنى يەۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ»(7). ئىمام غەززالىينىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھاراملار» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————-
1. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 379 – بەت.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17123 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدىدە ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى مەريەم دېگەن راۋىي (زەئىف) دىن باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. تىرمىزىي: (2459 – ھەدىس) «بۇ ھەسەن ھەدىس» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 4260 – ھەدىس؛ ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 4 – توم، 280 – بەت) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. بۇ ھەدىسنى شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. (ئالبانىي «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»تا: (4305 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. — ت)
3. چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەپلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەپ ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. — ت.
4. تەھەججۇد نامىزى (التَّهَجُّدُ): كېچىسى ئۇيقۇنى قويۇپ، تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن ياكى تۆت رەكئەتتىن خاھلىغانچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەپ ۋە سۈننەت بولۇپ، «تەراۋىھ نامىزى» ۋە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)»لەرمۇ تەھەججۇد نامىزىدۇر. — ت.
5. «بۇخارىي»، 6502 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 20028 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 5139 – ھەدىس؛ تىرمىزىي: (1897 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس «سەھىھەين»دە مۇنداق كەلگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— يا رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ياخشى ھەمراھ بولۇشۇمغا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاتاڭ، — دېدى. «بۇخارىي»، 5971 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2548 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
7. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، «غۇرۇر بابى»، 3 – توم، 402 – 404 – بەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.