ساغلام قەلب

جىمى ھەمدۇسانا ھەق دىن، يەنى ئىسلام دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھقا خاستۇركى، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر. ئىقرار قىلىپ ۋە تەۋھىد ئەقىدىسىدە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يەككە – يېگانە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ زاتنىڭ شېرىكى يوقتۇر؛ يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دۇرۇد ۋە سالاملىرى ئۇ پەيغەمبەرگە، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا بولسۇن.

سۆزىمىزگە كەلسەك:

مۇسۇلمانلار بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن تۈرلۈك پىتنە – پاسات دولقۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا قالغان، بىر – بىرىگە گۇمان قىلىش ئەھۋالى كۆپىيىپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە، بىر – بىرىمىزگە ئىگە چىقىپ، ئۆزئارا ھەقنى ئەسلىتىپ تۇرۇشقا ناھايىتى ئېھتىياجلىقمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ ئاللاھ تائالا كىتابىدا زىكىر قىلغان «ساغلام قەلب»نىڭ ھەقىقىتىنى قېرىنداشلىرىمغا ئەسلىتىشنى مەجبۇرىيىتىم دەپ قارىدىم. ئاللاھ تائالادىن مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن ھالدا سۆزۈمنى باشلايمەن:

ساغلام قەلبنىڭ ھەقىقىتى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن. ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ﴾(26/«شۇئەرا»: 87 – 89).

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ساغلام قەلب دېگەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ھەسەت، بېخىللىق، كىبىر، دۇنيادىن ۋە ئەمەل – ئابروينى ياخشى كۆرۈشتىن يىراق بولغان قەلبتۇر. يەنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇغۇچى تۈرلۈك ئاپەتلەردىن، ئاللاھ بەرگەن خەۋەر، ئەمر ۋە ئىرادىلەرگە مۇخالىپ تۈرلۈك شۈبھە، ئارزۇ -ئىستەك، شەھۋەت ۋە مەقسەت – مۇددىئالاردىن پارىغ، شۇنداقلا ئاللاھ بىلەن بولغان رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ھەرقانداق توسالغۇلاردىن جۇدا قەلبتۇر. مۇتلەق كېسىپ ئېيتىمىزكى، قەلب ‹تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش؛ سۈننەتكە خىلاپ بولغان بىدئەت؛ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى بولغان ئارزۇ – ئىستەك؛ زىكىرگە زىت ھالدىكى غەپلەتتە قېلىش ۋە ئىخلاسقا زىت بولغان ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىش› تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئەھۋالدىن خالىي بولمىغۇچە ساغلام قەلب بولالمايدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ (رازىلىقىغا ئېرىشىش) تىن توسۇپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە ساناپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەندە ھەر ۋاقىت توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سوراپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشقا بەك ئېھتىياجلىقتۇر. چۈنكى، بەندە باشقا نەرسىلەردىن بەكرەك بۇ دۇئاغا ئېھتىياجلىقتۇر، بەندىگە نىسبەتەن بۇ دۇئادىنمۇ مەنپەئەتلىكرەك بىر نەرسە يوقتۇر»([1]).

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئازابىدىن نىجات تاپىدىغان قەلب بولسا (پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن) رەببى ۋە رەببىنىڭ بۇيرۇق، بېشارەت، خەۋەرلىرىگە زەررە چاغلىقمۇ قارشىلىشىش ياكى بويۇنتاۋلىق قىلىش بولمىغان ھالەتتە ساغلام بولغان قەلبتۇركى، ئۇ پەقەت ئاللاھنىلا ئويلايدۇ ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنىلا قىلغان ھالەتتە ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنىڭ غەيرىدىن خالىي قەلبتۇر. دېمەك، ئاللاھ رىزالىقىغا ئېرىشىش ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە بىردىنبىر يولىدۇركى، بۇ ھالەتتە ئاندا – ساندا بولۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاللاھنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن توسۇپ قويىدىغان شەك – شۈبھىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ.

قاچانكى، قەلب مۇشۇنداق بولىدىكەن، ئۇ شېرىكتىن، بىدئەتتىن، ئازغۇنلۇقتىن ۋە بارلىق باتىل ئىش – ھەرىكەت ھەمدە گەپ – سۆزلەردىن ساغلام (خالىي) بولغان قەلب ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقەتتە بولسا، ئۇ ھايالىق، ھېيىققان، تەمە ۋە ئۈمىد قىلغان ھالەتتە رەببىنىڭ ئۇبۇدىييىتى ئۈچۈن ساغلام بولغان قەلبتۇر. يەنى ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەببىنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئۆزگىنى ياخشى كۆرمەيدىغان؛ رەببىدىنلا قورقۇپ، ئۆزگە قورقۇشلاردىن يىراق بولغان ۋە رەببىدىنلا ئۈمىد قىلىپ، باشقىسىدىن ئۈمىد قىلمايدىغان، تەستىق قىلغان ۋە ئىشەنگەن ھالدا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان ۋە رەببىنىڭ قازا – قىسمەتلىرىگە رازى بولغان، ئاچچىقلانمىغان قەلبتۇر. شۇنداقلا ئۇ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە بارلىق ئەھۋاللىرىنى، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە زەۋقلىرىنى كىتاپ ۋە سۈننەتكە توغرىلاپ، بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرگە مۇۋاپىق كەلگىنىنى قوبۇل قىلغان، نامۇۋاپىق كەلگىنىنى رەت قىلغان، ھۆكمى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەردە تاكى ئېنىق بولغانغا قەدەر توختاپ تۇرغان قەلبتۇر، يەنە ئاللاھنىڭ دىنى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان يارەنلەرنى دوست تۇتىدىغان، كىتاب ۋە سۈننەتتىن سىرت ئىش قىلىدىغان، بۇ ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىغان مۇخالىپەتچى دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتىدىغان قەلبتۇر»([2]).

نېمە ئۈچۈن قەلبنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە سۆزلەيمىز؟
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»([3]).

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستە قەلبنى ئوڭشاش ۋە پاساتچىلىقلاردىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن»([4]).

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قەلبنىڭ قەلب دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئىشلارغا نىسبەتەن (مەۋقەسىنىڭ) ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر ياكى ئۇ بەدەندىكى نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ساپ قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، (چۈنكى) ھەرنەرسىنىڭ ئەڭ ساپ بولغان يېرى قەلبى ھېسابلىنىدۇ. ياكى قەلب بەدەندە دۈم ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر([5])… قەلب مانا مۇشۇ ئەھۋاللارغا خاس قىلىندى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ئەمىرىدۇر. ئەمىر تۈزەلسە، رەئىييەت تۈزۈلىدۇ؛ ئەمىر بۇزۇلسا، رەئىييەت بۇزۇلىدۇ. بۇ ھەدىس قەلبنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن ۋە ئۇنى ئوڭشاشقا تەرغىب قىلغاندۇر»([6]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەلبىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەدھىيەلەپ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دېگەن.

سەئد ئىبنى ھىشام ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:

ــ ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز، ــ دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

ــ سەن قۇرئان ئوقۇمىدىڭمۇ؟ ــ دېگەن.

ــ ئەلبەتتە ئوقۇدۇم.

ــ دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى([7]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن:

ــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئۇھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ ــ دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ مەن سىزنىڭ قەۋمىڭىزدىن ھەر قىسما كۈلپەتلەرگە يولۇققانمەن، مەن ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ كۈلپەت ئەقەبە كۈنىدىكى كۈلپەتتۇر. مەن ئۇ كۈنى ئەبدۇيالىل ئىبن ئەبدى كۇلالدىن ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا ياردەم تەلەپ قىلغانىدىم، ئۇلار تەلىپىمنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەمكىن ھالدا ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرىپ، ‹قەرنى سەئالىب› دېگەن جايغا كەلگەندە، ئاندىن ئېسىمگە كەپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسام، ماڭا بىر بۇلۇت سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. بۇلۇت ئىچىدە جىبرىل ئەلەيھىسسالام بار ئىكەن. ئۇ ماڭا: ‹ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرى ۋە جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى سېنىڭ خاھلىغان نەرسەڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى› دەپ نىدا قىلدى. ئاندىن ماڭا سالام بېرىپ تاغقا مۇئەككەل پەرىشتە: ‹ئى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)! ئاللاھ تائالا قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. مەن بولسام تاغقا مۇئەككەل پەرىشتە، رەببىم مېنى سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى، نېمىنى خاھلايسەن؟ خاھلىساڭ ئەخشەب ناملىق ئىككى تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆمتۈرەي› دېدى. مەن: ‹ياق، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن يالغۇز بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن› دېدىم، ــ (دېدى)» ([8]).

ئى قەدىرلىك قېرىندىشىم! سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەلبىنىڭ ساغلاملىقىغا قارىغىن! ئۇ زات ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن بىرەرسىگە ئاچچىقلىنىپ باقمىغانىدى، بەلكى ھەممە ئىشلىرى يەككە – يېگانە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا ئىدى.

ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر پەيغەمبەر توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىپ: ‹بىر پەيغەمبەر ئۆتكەن، قەۋمى ئۇنى ئۇرۇپ بەدىنىنى قانغا بويىۋەتكەن. ئۇ يۈزىدىكى قانلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: ”ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى ئەپۇ قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۇقمايدۇ“ دېگەن› دەپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە»([9]).

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئويلايلىكى، ئۇ زاتنىمۇ قەۋمى ئۇرۇپ، قانغا بويىۋەتكەندە، قانلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: ‹ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى ئەپۇ قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۇقمايدۇ› دېگەنىدى».

بۇ كەلىمىلەر ئېھسان قىلىشنىڭ تۆت مەقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر، بۇ مەقاملار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە قىلغان يامانلىقلىرىنى سېلىشتۇرايلى:

بىرىنچىسى: پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغانلىقى؛

ئىككىنچىسى: ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىگەنلىكى؛

ئۈچىنچىسى: ئۇلارنى بىلمەيدۇ دېيىش ئارقىلىق ئۆزرە قوبۇل قىلغانلىقى؛

تۆتىنچىسى: ئۇلارغا ئۇلارنى ئۆزىگە نىسبەت بېرىش ئارقىلىق مېھرىبانلىق قىلغانلىقى («ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى كەچۈرگىن» دېگەنلىكى).

بۇ خۇددى بىر ئادەم باشقا بىرىنى تىلىۋالماقچى (شاپائەت قىلماقچى) بولسا، ئالاقىدار شەخسلەرگە «بۇ مېنىڭ بالام ئىدى، ھەمراھىم ئىدى، مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغايلا!» دېگەنگە ئوخشاشتۇر([10]).

قېرىندىشىم! ئويلانغىن! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى بۇنداق ئېسىل بولغان يەردە، ساھابە كىراملىرىغا قارىتا ئەخلاقى قانچىلىك ئېسىل بولغىيتتى – ھە!

ئابدۇللاھ ئەلجەدەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سورىغانىدىم، ئۇ زات: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناچار سۆز، ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى، بازارلاردا سۈرەن سېلىپ يۈرمەيتتى ۋە يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرمايتتى، لېكىن ئەپۇ قىلاتتى، كەچۈرەتتى› دېدى»([11]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ قەلبلىرىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ھېرىسمەن بولغانلىقى

ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق خەۋەر بەرگەن: «ئۇ (سەفىييە) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇ زات رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان چاغدا، زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يېنىغا كېلىپ، بىرئاز پاراڭلاشتى. ئاندىن قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇردى. ھەتتا مەسجىدنىڭ ئۇممۇ سەلەمە ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى ئىشىككە يېقىن كەلگەندە، ئەنسارلاردىن ئىككى كىشى ئۆتۈپ قېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام قىلغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئىككىسىگە:

ــ ئالدىرىماي مېڭىڭلار، ئۇ سەفىييە بىنتى ھۇيەيدۇر، ــ دېدى. ئۇ ئىككىسى:

ــ سۇبھانەللاھ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ــ دېدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئېغىر كەلگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹شەيتان ئىنساننىڭ (بەدىنىدە) قان ماڭىدىغان جايلاردا ماڭىدۇ. مەن شەيتاننىڭ قەلبىڭلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن قورقتۇم› دېدى»([12]).

ئى قەدىرلىك قېرىندىشىم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە بىراۋلارنىڭ گۇمان قىلىپ قالماسلىقى ۋە ساھابىلىرىنىمۇ بۇ گۈزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆزىدىن شەك – شۈبھىلەرنى يىراق قىلماقچى بولغانلىقىغا قارىغىن! ئاللاھ تائالا ئول ساھابە كىراملاردىن رازى بولسۇنكى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى باشقىلارغا گۇمان قىلىشتىن نېمىدېگەن ساغلام ئىدى – ھە!

ساھابە كىراملارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ساغلاملىقى

شەكسىزكى، قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئول بەندىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى ئاللاھ تائالا كىتابىدا ماختىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدۇر: ﴿ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنەدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ﴾(59/«ھەشر»: 9 – 10).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە ئولتۇرۇۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھازىر جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى يېنىڭلارغا كېلىدۇ› دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنسارلاردىن بولغان بىر كىشى تاھارەت ئالغانلىقى بائىس ساقىلىدىن سۇ تامچىپ تۇرغان، ئىككى كەشىنى سول قولىغا ئېسىۋالغان ھالەتتە چىقىپ كەلدى. ئەتىسىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاۋۋالقىغا ئوخشاش گەپنى قىلغانىدى، يەنە ئاشۇ كىشى ئاۋۋالقى قېتىمقىغا ئوخشاش ھالەتتە چىقىپ كەلدى. ئۈچىنچى كۈنىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەينى سۆزنى دېگەنىدى، يەنە ئاشۇ كىشى بىرىنچى كۈنىدىكىگە ئوخشاش ھالەتتە چىقىپ كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھېلىقى زاتقا ئەگىشىپ ماڭدى ۋە دېدىكى:

ــ مەن دادام بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈن يېنىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلغانىدىم، ئەگەر لايىق كۆرسىلە، ئۈچ كۈن توشقۇچە مېنى يانلىرىدا تۇرغۇزغان بولسىلا!

ــ بولىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹ئابدۇللاھ سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ ئاشۇ ئەنسارىي بىلەن ئۈچ كېچە بىللە قونۇپتۇ، ئۇنىڭ كېچىلىرى قىيامدا تۇرغانلىقىنى كۆرمەپتۇ. پەقەتلا بامدات نامىزى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغانغا قەدەر كۆرپىسىدە ئۇيان – بۇيانغا ئۆرۈلسە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى زىكىر قىلىدىكەن ۋە تەكبىر ئېيتىدىكەن. ئابدۇللاھ ئېيتتىكى: ”مەن ئۇنىڭ پەقەت ياخشى گەپ قىلغانلىقىنىلا ئاڭلىدىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ ئەمەلىنى بىرئاز تۆۋەن سانىغاندەك قىلىپ:

ــ ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! مېنىڭ دادام بىلەن ئارىمىزدا ھېچبىر ئىش يۈز بەرمىگەن ئىدى. لېكىن، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم: «ھازىر يېنىڭلارغا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى چىقىپ كېلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۈچىلا قېتىمدا ئۆزلىرى چىقىپ كەلدىلە. شۇنىڭ بىلەن مەن سىلىنىڭ نېمە ئەمەللىرى بارلىقىنى كۆرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزۈممۇ ئەگىشىپ (شۇ ئەمەلنى قىلىشنى) ئويلىغانىدىم، لېكىن سىلىنىڭ كۆپ ئەمەل قىلغانلىقلىرىنى كۆرمىدىم. ئۇنداقتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقان مەرتىۋىگە ئۆزلىرىنى يەتكۈزگەن نەرسە نېمە؟ ــ دېگەنىدىم، ئۇ:

ــ سېنىڭ كۆرگىنىڭدىن باشقا ئەمەلىم يوق، ــ دېدى“.

ئابدۇللاھ دېدىكى: مەن كەينىمگە يېنىپ ماڭغاندا، ئۇ مېنى چاقىرىپ: ‹مېنىڭ سەن كۆرگەندىن باشقا ئەمەلىم يوق، بىراق مەن نەپسىمدە ھېچبىر مۇسۇلمان ئۈچۈن خىيانەت، ئالدامچىلىق قىلىشنى ھېس قىلىپ باقمىدىم ۋە ھېچبىر كىشىگە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ياخشىلىققا قارىتا ھەسەت قىلىپ باقمىدىم› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ: ‹بۇ سىلىنى ئۇ مەرتىۋىگە يەتكۈزگەن ئەمەلكەن، بىز ئۇنى قىلىپ بولالمايمىز› دېدى»([13]).

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنى قاقاس بىر چۆللۈكتە كۆرۈپ قېلىپ، ئېتىدىن چۈشتى ۋە – گەرچە بۇ ئىككىسى ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇۋاتقان مەزگىل بولسىمۇ – يۈزىدىكى توپىلارنى سۈرتتى ۋە: «ئى ئەبۇ مۇھەممەد! سېنى بۇنداق چۆل – باياۋان ئىچىدە، يۇلتۇزلارنىڭ ئاستىدا سەرسان ھالدا كۆرۈش ماڭا ئېغىر كەلمەكتە. مەن سىرلىرىم ۋە غەم – قايغۇلىرىمنى ئاللاھ تائالاغا ئېيتىمەن» دېدى([14]).

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ ھەبىبە مۇنداق دېگەن: «مەن جەمەل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىمران ئىبنى تەلھە بىلەن بىرلىكتە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ يېنىغا كىردىم، ئەلى ئۇنى قارشى ئالدى ۋە ئۆزىگە يېقىن قىلدى. ئاندىن: ‹مەن ئاللاھنىڭ مېنى ۋە ئاتاڭ (تەلھە) نى: ﴿ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ﴾(15/«ھىجر»: 47) دەپ سۈپەتلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن› دېدى»([15]).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما

ئىبنى بۇرەيدە مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى تىللىغانىدى، ئۇ: ‹سەن مېنى تىللاۋاتىسەن، ھالبۇكى مەندە ئۈچ خىسلەت بار: (بىرىنچىسى) مەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ئايەتنىڭ ئۈستىدە توختايمەن، ئاندىن ھەممە ئىنسانلار ئول ئايەتتىن مەن بىلىپ يەتكەننى بىلسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن؛ (ئىككىنچىسى) مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىملىرىدىن بىرەرىنىڭ ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇ ئەھۋالدىن، مەڭگۈ ئۇنىڭ يېنىغا دەۋا – دەستۇر ئىشلىرى بىلەن بېرىپ قالمىساممۇ، خۇشال بولىمەن؛ (ئۈچىنچىسى) يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدىن بىرەرىگە يامغۇر ياغقانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇ جايدا يايلىتىدىغان چارۋا ماللىرىم بولمىسىمۇ، خۇشال بولىمەن› دېدى»([16]).

ئەبۇ دۇجانە ئەلئەنسارىي

زەيد ئىبنى ئەلئەسلەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئەبۇ دۇجانە ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ كىردى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن ئېچىلىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا:

ــ نېمە سەۋەبتىن چىرايلىرى بۇنچىۋالا ئېچىلىپ كەتتى؟ ــ دېيىلگەنىدى، ئۇ:

ــ مەندە مۇنۇ ئىككى ئەمەلدىنمۇ ياخشىراق بىر ئەمەل يوق: بىرى، ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشمىدىم؛ يەنە بىرى، قەلبىم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ساغلام بولدى، ــ دېدى([17]).

قەدىرلىك قېرىندىشىم: بۇ ساغلام قەلبلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قەلبلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى! ئاندىن قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردىمى بولىدىغان سەۋەبلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى! ئەھلى ئىلىملەر بىر كىشىنىڭ ساغلام قەلب ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا ياردىمى بولىدىغان سەۋەبلەرنى زىكىر قىلغان بولۇپ، ئۇلار قىسقىچە تۆۋەندىكىلەردۇر:

بىرىنچى: ئەمەللەرنى شېرىكى يوق يەككە – يېگانە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن﴾(6/«ئەنئام»: 162 – 163).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿(ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز﴾(76/«ئىنسان»: 9).

يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر﴾(98/«بەييىنە»: 5).

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار، مۇسۇلمان ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلسا قەلبى ئۆچمەنلىك ۋە خىيانەتتىن پاك بولىدۇ: ئەمەللەرنى ئاللاھ (رازىلىقى) ئۈچۈن خالىس قىلىش، ئىش ئۈستىدىكىلەرگە (ھاكىملارغا) نەسىھەت قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى لازىم تۇتۇش قاتارلىقلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئۇلارنى (شەيتانلارنىڭ مىكرىدىن ۋە ئېزىپ كېتىشتىن) قوغدايدۇ. (يەنى مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلغان كىشى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى ۋە باشقا تۈرلۈك بەرىكەتلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ)»([18]).

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «يەنى ئۇ قەلبتە ھېچقانداق ئۆچمەنلىك ۋە خىيانەت قالمايدۇ، بۇ ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت ئول ناچار ئىللەتلەر بىلەن چىقىشالمايدۇ، بەلكى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلايدۇ. چۈنكى، قەلبتە ئەڭ چوڭ خىيانەت بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە بىدئەت، ئازغۇنلۇق بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەر بولىدىكەن، بۇلارنىڭ بىردىنبىر دورىسى كامىل ئىخلاس قىلىش، نەسىھەت قىلىش ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر»([19]).

ئىبنۇلئەسىر رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدە: «بۇ ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بىلەن قەلبلەر ئىسلاھ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۇلارغا چىڭ ئېسىلىپ ئەمەل قىلسا، قەلبى خىيانەتتىن ۋە ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن پاك بولىدۇ» دېگەن([20]).

ئىككىنچى: مۇسۇلماننىڭ رەببىدىن مەمنۇن بولۇشى

بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان بارلىق ئىشلاردىن رازى بولۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مەمنۇن بولۇشنىڭ ئورنى ھەققىدە سۆزلەپ: «شەكسىزكى، مەمنۇن بولۇش بەندە ئۈچۈن (قەلبەن) ساغلاملىقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبى خىيانەت، چىرىكلىك ۋە ئالدامچىلىقلاردىن پاكلانغان، ساغلام ھالەتتە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلا ئامان قالىدۇ، قازا – قەدەرگە ئاچچىقلىنىش ۋە مەمنۇنىيەتسىزلىك بار بولىدىكەن قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. دېمەك، بەندىنىڭ مەمنۇنلۇقى ئاشقانسېرى قەلبى شۇنچىلىك ساغلام بولىدۇ. چىرىكلىك، خىيانەت قاتارى ئىللەتلەر مەمنۇنىيەتسىزلىكنىڭ جۈپتىدۇر. قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى، مەمنۇنىيىتى، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە نەسىھەتگۇيلۇققا ئىنتىلىدىغان بولۇشى بولسا مەمنۇنكارلىقنىڭ جۈپتىدۇر، شۇنىڭدەك ھەسەتخورلۇق مەمنۇنىيەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى، قەلبنىڭ ساغلام بولۇشى بولسا مەمنۇنىيەتنىڭ نەتىجىسىدۇر»([21]) دېگەن.

ئۈچىنچى: قۇرئان تىلاۋت قىلىش

ئاللاھنىڭ كالامى بولمىش «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش ھەقنى قوبۇل قىلىپ، باتىلنى رەت قىلىدىغان قەلبلەر ئۈچۈن ئول قەلبلەرنىڭ كېسەللىكلىرىگە ئەڭ ئېسىل ئەمدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى﴾(10/«يۇنۇس»: 57).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿بىز مۇئمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)﴾(17/«ئىسرا»: 82).

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ: «جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللەر ۋە باشقا دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ پۈتۈن كېسەللىكلىرىنىڭ مۇكەممەل شىپاسى «قۇرئان كەرىم»دۇركى، بۇ قۇرئاندىن شىپالىق ئىزدەشكە ھەممىلا كىشى مۇۋەپپەق بولالمايدۇ ۋە سالاھىيەتلىك ھەم بولالمايدۇ. ئەگەر كېسەل كىشى ئۆزىگە قۇرئاندىن ئۈنۈملۈك داۋا تاپالىسا ۋە ئەملەشنى كېسىلىگە راستچىللىق، چىن ئىشىنىش، شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاش بىلەن جايىدا ئېلىپ بارالىسا، ئۇنىڭغا مەڭگۈ كېسەل چاپلىشالمايدۇ. ئەگەر تاغلارغا ۋە زېمىنغا نازىل بولغان بولسا، (بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن) كۈكۈم تالقان بولۇپ كېتىدىغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىنىڭ كالامىغا قانداقمۇ كېسەللىكلەر قارشى تۇرالىسۇن؟! دېمەك، قانداقلىكى جىسمانىي ۋە روھىي كېسەل بولىدىكەن، «قۇرئان كەرىم»دىن ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلىدۇ. بۇ دورىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە كىتابىنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق قىلغان كىشىگىلا نېسىپ بولىدۇ»([22]) دېگەن.

تۆتىنچى: مۇسۇلمانلار ھەققىدە ياخشى ئويلاش

شەكسىزكى، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قارىتا ياخشى ئويدا بولۇشى قەلبنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىندۇر.

سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزى قېرىنداشلىرىم ماڭا: ‹قېرىندىشىڭ ساڭا خىيانەت قىلمىسىلا، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەڭ گۈزەل ھالەتكە قويغىن؛ مۇسۇلماننىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزگە قارىتا، ياخشىلىققا بۇراش ئىمكانىيىتى بولسىلا، بەدگۇمان قىلمىغىن. كىمكى ئۆزىنى تۆھمەتلەرگە دۇچار قىلسا، پەقەت ئۆزىنىلا ئەيىپلىسۇن› دەپ مەكتۇپ يازدى»([23]).

بەشىنچى: نەسىھەت قىلىش

قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىنىڭ ئامىللىرىدىن يەنە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز نەزىرىدە دىن قېرىنداشلىرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ بولۇپ قالدى دەپ قارىغان ئىشلىرىغا قارىتا، ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن ۋە چاۋىسىنى چىتقا يايماستىن، مەخپىي ھالەتتە نەسىھەت قىلىشقا تىرىشىشىدۇر. بۇ نەسىھەت دوستىنى رەنجىتمەي، ئەيىپلىمەي بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يول بىلەن بولسا بولىدۇ.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ياپىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ، فاجىر بولسا يۈزىنى تۆكىدۇ ۋە خىجالەتتە قويىدۇ».

ئالتىنچى: قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرۇش

مۇسۇلمان ھەردائىم ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ يېلىنىشى ۋە قەلبىنى تۈرلۈك خىيانەت، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتتىن ساغلام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشى كېرەك.

قەلبنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش بولسا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ﴾(59/«ھەشر»: 10) دېگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى رەببىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھلىرىمنى يوق قىلغىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، (دۇنيادا دۈشمەنلىرىڭگە قارشى) ھۆججەتلىرىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، قەلبىمنى (سېنى تونۇشقا) مۇۋەپپەق قىلغىن، تىلىمنى (ھەقنىلا سۆزلىشى ئۈچۈن) توغرا قىلغىن، قەلبىمدىن ئۆچمەنلىك، خىيانەت، ھەسەتنى چىقىرىۋەتكىن› دەپ دۇئا قىلاتتى»([24]).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! دىللىرىمىزنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا ئۆزگەرتكىن»([25]).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن› دەپ كۆپ ئېيتاتتى. مەن:

ــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز سىلىگە ۋە سىلى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتتۇق، شۇنداقتىمۇ بىزدىن (ئۆزگىرىپ كېتىشىمىزدىن) قورقۇملا، ــ دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ شۇنداق، ھەقىقەتەن قەلبلەر ئاللاھنىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماقنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، ــ دېدى»([26]).

يەتتىنچى: سالامنى ئومۇملاشتۇرۇش

سالامنى ئومۇملاشتۇرۇش بىر – بىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان قەلبلەرنى ئۈلپەتلەشتۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار توپىدىن ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكنى يوق قىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۇئمىن بولمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر. مەن سىلەرنى ئۆزئارا دوستلاشتۇرىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار»([27]).

سەككىزىنچى: ھەدىيەلىشىش

ھەقىقەتەن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە چوڭ تەسىرى باردۇر، قەلبلەر بولسا ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىيەلىشىش قەلبلەرنى ئۈلپەتلەشتۈرىدۇ؛ ئۆچمەنلىك، ھەسەت قاتارى ئىللەتلەرنى يوق قىلىدۇ ۋە ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت قەلبىدىكى گۈزەل ئەخلاقنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى بىزنى بۇ گۈزەل ئەخلاققا قىزىقتۇرغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا ھەدىيە قىلىڭلار، شۇندىلا ئۆزئارا دوستلىشىسىلەر»([28]).

ئى مەرھەمەتلىك، ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى سېنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە سېنى ياخشى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى ياخشى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق قىلغىن.

مەنبە: القلب السليم – الشيخ صلاح نجيب الدق

https://www.alukah.net/sharia/0/101813/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

———————————————–
([1]) ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە: «ئەلجەۋابۇلكافىي»، 151 – بەت.
([2]) ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە: «مىفتاھۇ دارىسسەئادە»، 54 – بەت.
([3]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 52 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1599 – ھەدىس.
([4]) «سەھىھۇ مۇسلىم بىشەرھىننەۋەۋىي»، 6 – توم، 33 – بەت.
([5]) «قەلب» سۆزى جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ ئۆرۈش، ئاغدۇرۇش، ئۆزگەرتىش، ئوڭ – تەتۈر قىلىش، يۈز ئۆرۈش، تەجرىبە قىلىش، ئوڭتەي – توڭتەي قىلىش (مۇھەممەد سالىھ: ئەرەپچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت 2 – توم، 429 – بەت) دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي قەلبكە يۇقىرىقىدەك تەبىر بەرگەن. – ت.
([6]) «فەتھۇلبارىي»، 1 – توم، 156 – بەت.
([7]) «سەھىھۇ مۇسلىم»، 746 – ھەدىس.
([8]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3231 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1795 – ھەدىس.
([9]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3477 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1792 – ھەدىس.
([10]) ئىبنۇلقەييىم: «بەدائىئۇلفەۋائىد»، 2 – توم، 243 -، 244 – بەتلەر.
([11]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2016 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([12]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2035 – ھەدىس.
([13]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 12697 – ھەدىس.
([14]) زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا»، 1 – توم، 36 – بەت.
([15]) زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا»، 1 – توم، 38 – بەت.
([16]) «سىفەتۇسسەفۋە»، 1 – توم، 754 – ھەدىس.
([17]) زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا»، 1 – توم، 243 – بەت.
([18]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21590 – ھەدىس.
([19]) «مەدارىجۇسسالىكىن»، 2 – توم، 90 – بەت.
([20]) «ئەننىھايە فىي غەرىبىل ھەدىس»، 3 – توم، 381 – بەت.
([21]) «مەدارىجۇسسالىكىن»، 2 – توم، 207 – بەت.
([22]) «زادۇلمەئاد»، 4 – توم، 352 – بەت.
([23]) بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، 1 – توم، 323 – بەت.
([24]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 1510 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([25]) «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2654 – ھەدىس.
([26]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 2140 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([27]) «سەھىھۇ مۇسلىم» 54 – ھەدىس.
([28]) «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»، 594 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ