كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى ئارتىۋالماڭ

كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى ئارتىۋالماڭ!

بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۆزى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى مەسجىدنىڭ ئىمامى بولۇپ، خۇلق – مىجەز، تەقۋالىق ۋە ئەقىل پاراسەت دېگەندەك ھەممە جەھەتتە ياخشى كىشى ئىدى. لېكىن، مەن دائىم باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن قاقشىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم ۋە «نېمىشقا بۇنداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ ھەيران قالاتتىم. بۇ تۈگۈن ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ قوشنىسى مېنى ئىزدەپ كەلگەندە يېشىلگەن بولدى.

 ــ ئۇستاز، سىزنىڭ بۇ دوستىڭىز بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرمەيۋاتىدۇ، بىز بىلەن بىللىمۇ ئوقۇمايدۇ.

 ــ نېمىشقا؟ ــ دېدىم.

 ــ بىلمەيمەن. لېكىن، ئۇ ئۆزى ئىمام تۇرۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەسجىدتە يوق.

ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر باھانە تاپقۇم كېلىپ مۇنداق دېدىم:

 ــ بەلكىم زۆرۈر ئىشى باردۇر. بەلكىم سىرىتتا بولۇپ قالغاندۇر…

 ــ ئۇستاز، ئۇنىڭ ماشىنىسى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا، مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بارلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئىمام تۇرۇپ بىز بىلەن جامائەت نامىزىغا چىقمايۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئەسلىدە ئۇ دوستۇم ئىمام بولغاچقا، يېقىن – يىراق ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كېلىدىكەن. كىمدۇر قەرزدار بولۇپ قېلىپ، قەرزىنى تۆلىشىپ بېرىدىغان كىشى ئىزدەپ كېلىدىكەن؛ يەنە كىمدۇر تولۇق ئوتتۇرىنى يېڭى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ۋەسىلە بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن؛ بەزىلەر ئاغرىپ قېلىپ، مەلۇم دوختۇرخانىغا بالنىستقا ئېلىنىش ئۈچۈن؛ بەزىلەر «قىزىمغا لايىق تېپىپ بەرسىڭىز» دەپ؛ يەنە بەزىلەر تۆلىيەلمىگەن ئىجارىگە ياردەم سوراپ؛ ئاللىكىملەر مۇفتىدىن سوراپ بەرسۇن ئۈچۈن، تالاق ھەققىدىكى سوئاللار يېزىلغان ۋاراقنى كۆتۈرۈپ؛ … كېلىدىكەن. ۋەھاكازالار…

بۇنداق ياردەم سورايدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن، ھالبۇكى، ئۇ دوستۇم نە بىر چوڭ مەنسەپدار، نە ئالاقە دائىرىسى كەڭ بىرسى. ئەكسىچە، ئادەتتىكى بىر كىشى ئىدى، خالاس.

بىچارە دوستۇم تولىمۇ دىلى يۇمشاق، ھايالىق كىشى بولغاچقا، ھېچكىمگە «ياق، قىلالمايمەن» دېيەلمەپتۇ. قەرزى بارغا «قەرزىڭ تۆلىنىدۇ» دەپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى يېزىۋېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتتىن خەۋەر كۈتۈشنى ئېيتىپ، يەنە كېسەلمەنگە «ئىككى كۈندىن كېيىن كەلسىڭىز دوختۇرخانىغا كىرىش رەسمىيىتىڭىز ھەل بولىدۇ» دەپ يولغا سېلىۋېرىپتۇ… ھاجەتمەنلەر پۈتۈشكەن چاغدا كېلىشسە، ئۆزۈر ئېيتىپ، باشقا بىر ۋاقىتقا ۋەدە بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، تېلېفۇنىنىمۇ ئاچالمايدىغان ھالغا كېلىپ قاپتۇ. ھەتتا ئۆيىدىنمۇ چىقالماس بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى، ھاجەتمەنلەرگە ئۇچراپلا قالسا، ئۇلارنىڭ تىل – ئاھانىتىگە قالىدىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتقا تەشنا ياشنىڭ ئاتىسى «قىلالمىساڭ بوپتۇ، لېكىن نېمىشقا ۋەدە بېرىپ، ئوغلۇمنى ئۈمىدلەندۈرۈپ قويىسەن؟» دەپ ۋارقىرىسا، كېسەلمەن قوپۇپ: «ساڭا ئىشىنىپ، باشقا ھېچكىمگە دېمەپتىمەن» دەيدىكەن. يەنە بىر ھاجەتمەن: «سېنى ۋەدە بەردى دەپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىپتىمەن» دەيدىكەن.

ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ دوستۇمنىڭ بىلىپ – بىلمەي ئۆز پۇتىغا پالتا چاپقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

بىر قېتىم بىر ھاجەتمەنگە: «خاپا بولما، ئىشىڭنى ھەل قىلالمىدىم» دېگەن چېغىدا، ئۇ كىشىنىڭ زەردە بىلەن: «بوپتۇ. ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىڭ – دە! باشتىلا شۇنداق دېسەڭچۇ!» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. دەل شۇ چاغدا بىر ئاقىلنىڭ «باشتا ئۆزۈر ئېيتىش ئاخىرىدا كەچۈرۈم سوراشتىن ياخشىدۇر» دېگەن سۆزى يادىمدىن كەچتى.

بىر كىشىنىڭ ئۆز قۇدرىتىنىڭ چېكىنى بىلىشى ۋە شۇ دائىرىدە ھەرىكەت قىلىشى نېمىدېگەن گۈزەل ئىش – ھە! ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ ھەقتە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 286) ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 7) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىر كىشىنىڭ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى ئارتىۋېلىشىنى چەكلىگەن.

بۇنداق ئىش مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، رىياد شەھرىدىكى مەلۇم بىر ھەربىي مۇئەسسەسەدە لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. لېكسىيە ئاياغلاشقاندا، بىرەيلەن قېشىمغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

ــ ئۇستاز، بەك مۇھىم بىر ئىشتا سىلىنىڭ ياردەملىرى كېرەك بولۇپ قالدى.

ــ خوش، نېمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ! ــ دېدىم.

ــ ھازىر ئېيتىپ بولالمايمەن، سەل ئازادىرەك بىر ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ سۆزلەشسەك… ــ دېدى.

ئۇ مەسىلىنى مۇبالىغەلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتاتتى، مەن بولسام مۇلايىملىق بىلەن تىڭشاپ تۇراتتىم. ھايات ماڭا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىشلىرىغا ھەددىدىن ئاشۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ئۆز مەسىلىسى ھەل بولغۇچە ئۇ ئىشقا مەجنۇنلارچە يېپىشىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن ئىدى.

ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:

ــ بىلىشىمچە، ئەتە پالانى شەھەردە لېكسىيەڭىز بارغۇ دەيمەن.

ــ شۇنداق، ــ دېدىم جاۋابەن. (ئۇ رىياددىن 200 كىلومېتر كېلىدىغان شەھەر ئىدى)

ــ مەن شۇ يەرگە بېرىپ، لېكسىيەدىن كېيىن سىلى بىلەن كۆرۈشەي، ــ دېدى.

ئۇنىڭ بۇنداق چىڭ تۇرۇۋېلىشىدىن ھەيران بولدۇم. دەرۋەقە، لېكسىيەدىن چىقىۋاتسام ئۇ كىشى تېز قەدەملەر بىلەن يېتىشىپ چىقتى. قولىدا بىر ۋاراقچە كۆتۈرۈۋالغان ھالدا، يېنىمدا توختىدى.

ــ خوش، ئىرادىڭىزگە بارىكاللاھ. نېمە ئىش ئىدى؟ ــ دېدىم.

ــ ئۇستاز، مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇنىڭغا بىر خىزمەت تېپىپ بەرسىلە بولاتتى…

ــ چۈشەندىم، ئەمما، … قولۇمدىن كەلمەسمىكىن، ــ دەپ توختاتتىم.

ــ قولۇمدىن كەلمەسمىكىن؟! ــ دەپ ھەيران قالدى.

ئۇ كىشى ناھايىتى قىزغىن كۆرۈنەتتى. قارىغاندا دوستى راستتىنلا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دوستىغا ئىچ ئاغرىتىپ سۆزلىگەن ئەپتىگە قارىغان كىشى ئېرىپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىپ قويسام، ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىمنىمۇ بىلەتتىم. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەنمۇ خىزمەت تاپماق قىيىن بولۇۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتقان تۇرساق، باشلانغۇچ مەكتەب سەۋىيەسىدىكى كىشى قانداق بولماقچى؟ مەن ئۆزەمنىڭ نېمىگە كۈچۈم يېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن – دە.

بۇ ئەھۋال مەن ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئىزتىراپلىق ئىدى. «كاشكى شۇ ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن بىر ئىش كەلسە ئىدى» دەپ شۇنچە زورۇقۇپ باققان بولساممۇ، لېكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان قايدا. ئۇ كىشىنىڭ قىزغىنلىقىغا ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا مۇناسىپ ئۇسلۇبتا چىرايلىقچە رەت قىلىشنى قارار قىلدىم ۋە مۇنداق دېدىم:

 ــ قېرىندىشىم، سىزگە ۋە ئوخشاشلا قېرىندىشىم بولغان دوستىڭىزغا ياردەم قىلىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ئىشىنىڭكى، ئۇنىڭغا سىز قانچىلىك ھېسداشلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، مەنمۇ شۇنچىلىك ھېسداشلىق قىلىۋاتىمەن. لېكىن، سىزگە ياردەم قىلىش راستتىنلا قولۇمدىن كەلمەيدۇ. توغرا چۈشىنىپ مەندىن ئاغرىنماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ــ ئۇستاز، بىر ئامال قىلىپ باققان بولسىلا…

ــ راستتىنلا قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

قولىدىكى ۋاراقچىنى ماڭا ئۇزىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

ــ مەيلى ئەمىسە، ئۇستاز. بۇ ۋاراقچىدا بىزنىڭ تېلىفون نومۇرىمىز بار. ئەگەر ئۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك خىزمەت ئۇچراپ قالسا، تېلېفۇن قىلغان بولسىلا…

كۆرۈنمەس ئۈمىد ئارقىنى بىلەن مېنى چۈشەپ قويماقچى بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. مۇبادا نومۇرنى ئېلىپ قالسام، بىر ئۈمىد بىلەن مەندىن تېلېفۇن كۈتەتتى. ھېلىقى دوستىمۇ بىرەر خەۋەر كېلىپ قېلىش تاتلىق تەمەسىدە ئولتۇرۇشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا مۇنداق دېدىم:

ــ ئۇنداق قىلمايلى. سىز مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى يېزىۋېلىڭ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالىسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بەلكىم مەسئۇل كىشىگە تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەرسەم ئىشقا قۇبۇل قىلىنىشىغا پايدىسى بولۇپ قالار.

ئۇ كىشى بىر دەم جىممىدە تۇرۇپ قالدى، پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالىدىغۇ دەپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن مۇنداق دېدى:

ــ ئاللاھ يۈزىڭىزنى يورۇق قىلسۇن، ئۇستاز! دوستۇمنىڭ ئىشى ھەققىدە بىر نەچچە ئەمەلدار، مەنسەپدارلار بىلەن كۆرۈشتۈم. نومۇر يېزىلغان ۋاراقچىنى ئېلىپ قېلىشتى، لېكىن ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھېچ تېلېفۇن قىلىپ قويمىدى. بۇ خەقنىڭ غېرىپ – ئاجىز كىشىلەرنىڭ ھالى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئاللاھ ئۇلاردىن بۇ بىچارىلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالسۇن!

شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشىلەرگە بەددۇئا قىلىشقا باشلىدى. ئىچىمدە شۇنداق ئويلىدىم: «ئەلھەمدۇلىللەھ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ۋاراقچىنى ئېلىپ قالماپتىمەن. بولمىسا، ئاشۇلارنىڭ بىرى مەن بولۇپ قالاتتىم – دە!»

شۇنداق، باشتىلا ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلىش ۋەدە بېرىپ قويۇپ گېپىدە تۇرالماسلىقتىن ياخشى. ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چېكىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە باشقىلارغىمۇ ئوچۇق – يورۇق بولساق نېمىدېگەن ياخشى! يات كىشىلەرنىڭ ھاجىتى چۈشكەن ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ئۆز ئايال ۋە بالىلىرىمىزنىڭ كىچىك ئىشلىرىغىمۇ ئوخشاشلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز، خاھلىغانچە ۋەدە بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

بەزىدە ئۆيدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىز سىزگە: «سۈت، شېكەر، زاكا ۋەھاكازا… ئالغاچ كېلىڭ» دەپ تاپىلىشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر ئالغاچ كېلەلمەيدىغان بولسىڭىز «ماقۇل، تامام» دەپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشتىلا «ياق، قىلالمايمەن» دەپ ئۆزۈر ئېيتىشىڭىز قايتاشىڭىزدا «ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ كەچۈرۈم سورىشىڭىزدىن ياخشى. چۈنكى، ئۇ چاغدا ۋاقىت ئۆتكەن، دۇكانلار تاقىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

خىزمەتداشلىرىڭىز، بۇرادەرلىرىڭىز ۋە باشقىلارمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. مەقسىدىم چۈشىنىشلىك بولغاندۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن.

* باشتا ئۆزۈر ئېيتىش ئاخىرىدا كەچۈرۈم سوراشتىن ياخشىدۇر.

تەرجىمىدە: چەشمەزۇلال

مەنبە: استمتع بحياتك للدكتور محمد بن عبدالرحمن العريفي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.