كوللېكتىپ سەدىقە فىتىر يىغىپ بىر ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟

كوللېكتىپ سەدىقە فىتىر يىغىپ، بىر ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەدىقە فىتىرنى كوللېكتىپ يىغىپ، بىر ئادەم ياكى بىر ئائىلىگىلا بەرسە توغرا بولامدۇ؟ بىز پۇلنى كوللېكتىپ شەكىلدە ئېرى تۈگەپ كەتكەن بىر ئاچىمىزغا ئەۋەتمەكچى، بۇ پۇللار قورسىقى تويغۇدەك يېمەك ئېلىپ بېرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا سەدىقە فىتىر چۈشمەيدۇ… دەپ بېشىمىزنى قايدۇردى، سەدىقە فىتىر ئەھكاملىرى يەككە بەرگەن بىلەن، كوللېكتىپ بەرگەندە پەرقلىق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

بىر كىشىنىڭ ياكى بىر ئائىلىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىر كىشىگە ياكى بىر ئائىلىگە ياكى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىش جائىز بولغىنىدەك، ئەگەر ئېھتىياج بولۇپ قالسا، بىرقانچە شەخس ياكى ئائىلىنىڭ سەدىقە فىترىنى يىغىپ، بىر شەخسكە ياكى بىر ئائىلىگە بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام كاسانىي مۇنداق دېگەن: «سەدىقە فىتىردە بىر كىشىگە ۋاجىپ بولغان نەرسىنى بىرقانچە مىسكىنگە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ. بىرقانچە كىشىنىڭكىنىمۇ بىرلا مىسكىنگە بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بېرىش ۋاجىپ بولغىنى (سەدىقە فىتىر) زاكات بولۇپ،  ئۇنى يىغىپ، بىرلا مىسكىنگە ياكى بۆلۈپ بىرقانچە مىسكىنگە بېرىش پۇلنىڭ يىللىق زاكىتىغا قىياسەن جائىز بولىدۇ»(1).

دېمەك، بۇ يەردىكى ئاساس قىياس بولۇپ، يىللىق زاكاتنى 5 كىشىدىن 100$ دىن 500$ يىغىپ، بىر كىشىگە بەرسە بولغىنىدەكلا، 500$ سەدىقە فىتىرنىمۇ يىغىپ، بىر كىشىگە بەرسە بولىدۇ.

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دېگەن: «بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىردىن كۆزلەنگەن مەقسەت يەنى پېقىرلارنى ھېيت كۈنىدە باشقىلاردىن بىرنەرسە سوراتقۇزماسلىق تولۇق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ھەم بۇ يەردە پەقەتلا ھەربىر شەخس ئۈچۈن بېرىدىغان مىقدار بىلەن بېرىلگۈچىدىكى پېقىرلىق شەرت قىلىنغان بولۇپ، بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بەرگەندە ياكى بىرقانچە كىشىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىر كىشىگە يىغىپ بەرگەندە بۇ ئىككى شەرت تېپىلغان بولىدۇ. شۇڭا ھەرئىككىسى جائىز بولىدۇ»(2).

لېكىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلسا نامراتلارنى ھېيت كۈنىدە موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسەت ئادا بولمايدۇ، بەلكىم ئاچارچىلىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېغىر ئەھۋاللاردا مەقسەت ئادا بولۇشى مۇمكىن.

بىرقانچە كىشىنىڭكىنى يىغىپ، بىر كىشىگە بېرىش جائىز بولسىمۇ، ئوخشاش دەرىجىدىكى ياكى ئېغىرراق باشقا موھتاجلارنى بىلگەن ئەھۋالدا ئەگەر ئۇلارغا باشقىلار تەرىپىدىن سەدىقە فىتىر بېرىلمەي، ھېيتتا قىينىلىپ قالىدۇ دەپ قارىسا، ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەممىنى بىر كىشىگە يىغىپ بېرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا موھتاجلار بولمىغان ئەھۋالدا يىغىپ بەرسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 5. 11

—————————————-
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 4 – توم، 135 – بەت.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 4 – توم، 140 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ