ئىسلام رەھبانىيەتنى ۋە ئۆمۈر بويى ئىبادەتخانىلاردا تەركىدۇنيا ياشاشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا خاس بىر ماكان ۋە خاس بىر زاماندا نەپس پۈتۈنلەي ئىتائەت قىلغان ھالدا، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ھېساب ئېلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شەكىلدە دۇنيادىن ئايرىلىشنى يولغا قويدى. بۇ بولسا «نەپسنىڭ مەسجىدكە ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن باغلىنىشى» دەپ تونۇشتۇرۇلىدىغان شەرئىي ئاتالغۇ ـــ ئېتىكاپتۇر([1]).
قەلبنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن خالىي بولۇشى، ئاللاھنىڭ ئەپۇ – مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشى ئېتىكاپنىڭ روھىدۇر. ئەتاﺋ مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىكاپقا كىرگۈچى خۇددى ئۇلۇغ بىر كىشىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇرۇپ: ‹ھاجىتىمنى ئادا قىلمىغۇچىلىك ئايرىلمايمەن› دەيدىغان ئېھتىياجى بار بىر كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپقا كىرگۈچى ئاللاھنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ: ‹مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرمىگۈچە ئايرىلمايمەن› دەيدۇ»([2]).
بۇ ئۇلۇغ ئىبادەت روزا تۇتۇشقا مۇجەسسەملەنگەن قەلبلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھېكمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ توغرىسى ئېتىكاپ جەريانىدا ئىنسانلاردىن يىراقلىشىپ، ئاللاھ تائالا بىلەن خالىي قېلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپقا كىرمەكچى بولسا، يالغۇز بىر ئۆزى رەببى بىلەن خالىي قېلىش ئۈچۈن مەسجىد ئىچىدە ئالاھىدە بىر چېدىر قۇرۇلۇشىنى بۇيرۇيتتى. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن چېدىر قۇرۇپ بېرەتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇيتتى. ئاندىن چېدىرىغا كىرىپ كېتەتتى»([3]).
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ زېمىندىكى ئۆيلىرىنىڭ بىر ۋەزىپىسى ھەم ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ياشاش بىلەن ھاسىل بولىدىغان مەزكۇر پايدىلىق يالغۇزلۇق ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلەنگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارغا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق﴾(بەقەرە: (125.
ئېتىكاپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ پەيغەمبىرىمىزمۇ داۋاملاشتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مۇبارەك ئىبادەت ئۈچۈن رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدىكى مۇبارەك كېچىلەرنى تاللايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقانغا قەدەر رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، ئاياللىرى ئېتىكاپقا كىرىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى»([4]).
ئىمام ئەھمەد: «ئېتىكاپقا كىرگۈچىنىڭ ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىشى، ئىلىم ئۆگىتىشى ۋە ‹قۇرئان كەرىم› ئوقۇتۇشى ياقتۇرۇلمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى ئۆز نەپسى بىلەن يالغۇز قېلىش، مۇناجات ئەيلەش، زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن خالىي قېلىشتۇر» دېگەن كۆزقاراشقا بارغانىدى([5]).
پېقىر بۇ يەردە ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ ئېتىكاپنىڭ روھى ھەققىدە ئېيتقان قىممەتلىك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان يولچىلىقىدا ياخشى ۋە توغرا بولۇشى ئۇنىڭ ئاللاھقىلا مەركەزلىشىشىگە ۋە پۈتۈنلەي ئاللاھقىلا يۈزلىنىش بىلەن چېچىلىپ كەتكەن تەرەپلەرنى توپلىشىغا قاراشلىقتۇر. شۈبھىسىزكى، چېچىلىپ كەتكەن قەلبلەرنى ئاللاھقا ھەقىقىي شەكىلدە يۈزلىنىشتىن باشقا بىر ئىش توپلىيالمايدۇ.
ئارتۇق يەپ – ئىچىش، ئىنسانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش، تولا گەپ قىلىش، ئارتۇقچە ئۇخلاش قەلبنى تېخىمۇ چېچىۋېتىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالاغا بولغان يولچىلىقىدىن ئۈزۈپ قويىدىغانلىقى ياكى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ياكى يولىنى توسۇپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىدىن غالىپ ۋە بەندىلىرىگە تولىمۇ رەھىمدىل زات ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئارتۇق يەپ – ئىچىشنى توختىتىپ، قەلبنى ئاللاھ تائالاغا بولغان يولچىلىقىدىن توسۇپ قويغۇچى شەھۋەتلەردىن خالىي قىلىدىغان روزىنىڭ بەندە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، بەندىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ۋە ئۇنى دۇنيا – ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىدىن ئۈزۈپ قويمايدىغان دەرىجىدە بولۇشىنى تەقەززا قىلدى.
يەنە بەندىلەر ئۈچۈن روھى ۋە مەقسىتى قەلبنىڭ ئاللاھقا يۈزلىنىشى ۋە ئاللاھقا مەركەزلىشىشى بولغان، ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياخشى كۆرۈش قەلبنىڭ غېمى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ قاتارىدىن بولغانغا قەدەر مەخلۇقات بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلەنلا مەشغۇل قىلىدىغان ئېتىكاپنى يولغا قويدى.
شۇنىڭ بىلەن قەلبنى بۇ خىل ھېس – تۇيغۇلار ئىگىلەپ، پۈتۈن ئوي – خىياللىرى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرى ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ۋە ئۇ زاتنىڭ رازىلىقىنى ھەمدە ئۇ زاتقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش بىلەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ئىنسانلار بىلەن ئۈلپەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھ بىلەن ئۈلپەتلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە قەبرىدىكى يالغۇزلۇق كۈنلىرىدە ئۆزى بىلەن ئۈلپەتلىشىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئۇ كۈندە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئۈلپەتداش ۋە خۇشاللىنىدىغان ھېچكىم يوقتۇر، مانا بۇ ئېتىكاپنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەقسەتلىرىدۇر»([6]).
ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيدە ئىنسانلار بىلەن بىرقانچە كۈن ئالاقىنى ئۈزۈش نەپستە ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىدىغان، داۋاملىق ئاللاھتىن قورقىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىراپ قىلىش ۋە سوراققا تارتىش روھىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. دانالىق ـــ ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھېساب – سوراق ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلىتىشتۇر. نەپسىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىش بولسا نادانلىقتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «ھېسابقا تارتىلىشىڭلاردىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، مەھشەرگاھتىكى چوڭ يىغىلىش ئۈچۈن زىننەتلىنىڭلار. دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى ھېسابى يەڭگىل بولۇر»([7]).
ئى روزىدار قېرىندىشىم! ئېتىكاپتىن ئىبارەت بۇ سۈننەتنى ئادا قىلسىڭىز، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەرك ئېتىلگەن بىر سۈننەتنى تىرىلدۈرگەن بولىسىز.
ئىمام زۇھرىي رەھىمەھۇللاھ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ، ۋاپات تاپقۇچە تەرك ئەتمىگەن ئېتىكاپنى تەرك ئەتكەن مۇسۇلمانلاردىن ئەجەبلىنىمەن» دېگەنىكەن.
سىز ئېتىكاپقا كىرىدىغان خانە ئاتايىن جامائەت نامىزىغا چىقىشقا ئېھتىياج تۇيۇلمايدىغان، بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولسۇن. ئېتىكاپتىكى كىشىنىڭ ئېتىكاپخانىسىدىن ئىنسانىي ھاجەتلەردىن باشقا ئىش ئۈچۈن چىقىشى چەكلىنىدۇ. ئېتىكاپ ئۈچۈن جامائىتى سىزگە ناتونۇش ۋە سىزمۇ ئۇلارغا ناتونۇش بىر مەسجىدنى تاللىشىڭىز ئېتىكاپنىڭ مەنىسىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. بۇ نىيىتىڭىزنىڭ خالىس بولۇشى، ۋاقتىڭىزنىڭ ئىبادەتكىلا ئايرىلىشى، يىل بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئائىلىڭىز ۋە دوست بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشتىن قۇتۇلۇشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شارائىتتۇر. گەرچە ئېتىكاپ رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بايانىغا ئاساسەن، بەزى كۈنلەر ياكى بەزى ۋاقىتلاردىمۇ ئېتىكاپقا كىرىش بار ئىشتۇر. رامازانغا تالىق ئىتائەتلەرنىڭ تولىسى ئېتىكاپخاندا (بولۇپمۇ ھەجگە تەڭ كېلىدىغان ئۆمرەنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدىغان مەسجىدى ھەرەمدە ئېتىكاپقا كىرگۈچىدە) تېپىلىدۇ. ئېتىكاپخان نامازلارنىڭ ھەممىسىنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدۇ، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، كۈندىلىك بەلگىلەنگەن زىكىرلەرنى ئادا قىلىش ۋە نامازلارنى كۈتۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت تاپالايدۇ ۋە يەنە ئاللاھ يولدا چىقىم قىلىش، ئاچ (لار) نى تويغۇزۇش، ياخشى گەپ قىلىش، خالايىق ئۇخلاپ ياتقان تۈن كېچىلەردە ناماز ئوقۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلالايدۇ.
ئېتىكاپقا كىرگۈچى ھېيتتا ئېتىكاپتىن كېيىن ئائىلىسىگە ــ ئەگەر ئۆيلەنگەن بولسا ئېتىكاپ مۇددىتىدە يېقىنلىشىش چەكلەنگەن ئايالىنىڭ قېشىغا ــ قايتىشتىن ئىبارەت باشقا بىر ھۇزۇر ھالاۋەتنى تاپىدۇ. دەرۋەقە، بىخەتەر بولۇش، ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇش، مەھرەمى يېقىنىدا بولۇش، ئېرىنىڭ ئىزنى بولۇش قاتارلىق شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن شەرت – شارائىتلار تولۇق ھازىر بولۇش شەرتى بىلەن ئايال كىشىنىڭمۇ ئېرىدىن ئايرىم ھالدا ئېتىكاپقا كىرىش ھەققى باردۇر. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە ئېتىكاپقا كىرەتتى. لېكىن، بىر يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپقا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ئىجازەت سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئىجازەت قىلدى. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى ئائىشەدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رۇخسەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن ئىدى، ھەزرىتى ئائىشە ياردەم قىلدى. بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى زەينەب بىنت جەھش([8]) رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئۆزى ئۈچۈن بىر چېدىر قۇرۇشقا بۇيرۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر چېدىر قۇرۇلدى. ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن قايتقاندا چېدىرىغا قايتىپ كىرەتتى، (شۇ كۈنى) ئۇ زات بىرمۇنچە چېدىرلارنى كۆرۈپ:
ــ بۇ نېمە ئىش؟ ــ دېدى. ساھابەلەر:
ــ بۇ ئائىشە، ھەفسە، زەينەبلەرنىڭ چېدىرلىرى، ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ قارامدۇ؟ مەن ئېتىكاپ قىلمايمەن، ــ دەپ قايتىپ كەتتى. رامازان چىقىپ كەتكەندە، شەۋۋال ئېيىدا ئون كۈن ئېتىكاپ قىلدى»([9]). شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەقەلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپتىكى سۈننىتىنىڭ ئىنسانلارغا ئارىلىشىپ ياشاشتىن، كۆز – كۆز قىلىشتىن، ئاخىرەت ئىبادەتلىرىنىڭ دۇنيالىق مەقسەتلەرنىڭ دۇغلۇقلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئى مەرھەمەتلىك ۋە كۆيۈمچان ئاللاھ! ئىبادەتلىرىمىزنى بىزدىن قوبۇل قىلغىن. بىزنى ئىتائەت قىلغۇچىلار، ئېتىكاپقا كىرگۈچىلەر، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەرنىڭ قاتارىدا قىلغىن… ئامىن!
مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
([1]) نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3 – توم، 211 – بەت.
([2]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 75 – بەت.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1895 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2007 – ھەدىس.
([4]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1886 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2006 – ھەدىس.
([5]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 60 – بەت.
([6]) ئىبنۇلقەييىم: «زادۇل مەئاد»، 2 – توم، 87 – بەت.
([7]) «تىرمىزىي»، 2459 – ھەدىس. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
([8]) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇلھەكەم ھەزرىتى زەينەب بىنتى جەھش ئىبنى رىياب ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ زَيْنَبُ بِنْتُ جَحْشِ بنِ رِيَابٍ، ھ. بۇرۇن 33 – ھ. 20 / م. 590 – 641) رەزىيەللاھۇ ئەنھا ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، قولى ئوچۇق، خەير – ساخاۋىتى بىلەن «مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى» دەپ نام ئالغان زات. ــ ت.
([9]) «بۇخارىي»، 2045 – ھەدىس.